بۇ خەۋەر ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان: Ars Technica (ئارز تېخنىكا) بلوگى 25 مىليون دوللارغا سېتىلدى. ئارز تېخنىكا بلوگى 1998 - يىلى ئارز ئەپەندى تەرىپىدىن قۇرۇلغان. ئۇ قاتتىق دېتال ھەققىدكى يازمىلار بىلەن بلوگنى باشلىغان. ئارزنىڭ قۇرغۇچىسى ھازىر ھەر ئايدا 1.5 مىليون زىيارەتچى ۋە 4 مىليوندىن ئارتۇق تور بەت كۆرۈلۈشى بار دېدى.
نۇرغۇن بلوگىرلار بلوگنىڭ كىرىمىنى تور بېكەتكە يەتمەيدۇ دەپ قارايتتى، بۈگۈنكى كۈندە ئارزنىڭ 25 مىليون دوللارغا سېتىلىشى بىلەن بۇ قاراشقا خاتىمە بېرىلدى بولغاي. بارلىق بلوگىرلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
مەزكۇر خەۋەرنىڭ ۋاشنگتون پوچتا گېزىتىدىكى مەنبەسىئارز تېخنىكا بلوگ ئادرېسى
http://arstechnica.com
评论
بلوگىرلارنىڭ كۈچىشىدىن باشقا، ئوقۇرمەنلەرنىڭ بلوگقا بولغان تونۇشىنىڭ ئۆسىشى ئوڭ تاناسىپ تەرەققىي قىلسا ئاندىن، بىز ئارزۇ قىلغاندەك ئۈنۈم كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
قانداقلا بولمىسۇن، ئۇيغۇر بلوگچىلىقى ئەمدىلەتتىن باشلاندى، قېنى ھەممەيلەن تىرىشىپ كۆرەيلۇق !
سىز Blogbus نىڭ ئوڭ ئۈستى تەرىپىگە قارىسڭىز ياردەم دەپ بار، شۇ ياردەم ئۇچۇرىدا بلوگباسنىڭ ئالاقە ئۇسۇلى بار، ئۇلارغا ئالاقە باغلاپ بارلىق ئەھۋاللارنى ئەينەن ئوتتۇرغا قويغاندىن كېيىن، قانۇن تارماقلىرى ئارقىلىق مەزكۇر مەسلىنى ھەل قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئەگەر سىز تەمىنلەپ بەرگەن پاكتلار ئەمەليەتكە ئۇيغۇن بولسا ئۇلار سىزگە بلوگنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ.