نىمىشقا ؟ كۆپۈنچە ئېلان شىركەتلىرى ئۇيغۇرچە ياكى خەنزۇچە بلوگلارنى قوللىمايدۇ. بلوگ ئارقىلىق چوڭراق پۇل ساناشنى ئارزۇلىغان دوستلارغا تەۋسىيە قىلىدىغىنىم شۇكى چوقۇم زىيارەت سانى يۇقىرى بىر ئېنگلىزچە بلوگ بولسۇن. ئۇ بلوگدا داۋاملىق بىر نەرسە يېزىپ تۇرۇش ھاجەتسىز. تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ.
1. بلوگ blogger.com دا بولسا ياخشى. چۈنكى ھەرقانداق كودنى قىستۇرۇشقا بولىدۇ. ھەم ھەرقانداق ئېلان شىركىتىنىڭ تەستىقىدىن ئاسانلا ئۆتىدۇ.
2. ئېنگلىزچە بلوگ بولۇشنىڭ مەقسىتى مەن ھازىرغىچە بايقىغان ھەرقانداق بىر ئېلان شىركىتى ئۇيغۇرچىنى قوللىمايدۇ، ياكى ئاساسەن قوللىمايدۇ. شۇڭلاشقا ئېلان ئىلتىماس قىلغاندا ئاۋال ئېنگلىزچە بلوگ ئارقىلىق ئېلان ھىساباتىغا ئېرىشىپ ئاندىن كودنى ئۇيغۇرچە بلوگدا چاپلىساق بولىدۇ.
3. بۇ بلوگنى دائىم يېڭىلاپ تۇرۇش ھاجەتسىز، ئەمما زىيارەت سانى ئادەتتىكىچىرەك بولسۇن، بەك ئاز بولۇپ قالمىسۇن، بۇنىڭ زىيارەت سانىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن سىز يېزىۋاتقان ئۇيغۇرچە بلوگنى بىر ئىككى كۈن ئۇلاپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ، ياكى باشقا ئۇسۇللاردىن پايدىلانسىڭىزمۇ بولىدۇ. كۈندە يۈز دوللار ناملىق يازمىلاردا بلوگ زىيارەت سانىنى ئاشۇرىدىغان ئۇسۇللار تونۇشتۇرۇلدى. بلوگ ھۈنەرلىرى دىگەن يازمىلاردا ھەم بار.
بىر قىسىم سۇئاللارغا جاۋاب:
ئاللىبۇرۇن Google ئېلان ھىساباتىغا ئېرىشىپ بولغانلارمۇ ئېنگلىزچە بلوگ بىلەن ھەپلىشىپ يۈرەمدۇق؟شۇنداق چۈنكى ھازىرغىچە نۇرغۇن يېڭى Adsense چىلار ھاياجانلىنىپ كېتىپ، Google ئېلانلىرىنى ئۆزى چېكىپ ياكى ئۆزى ئويلاپ تاپقان سۇ كىرمەيدىغان ئۇسۇللاردا چېكىپ ئېلان ھىسابىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىدۇ. ئايرىلىپ قالغۇچىلارغا Google مەڭگۈ قايتا ھىسابات تەمىنلىمىگەندىن باشقا يەنە مەندەك،سىزدەك ئۇزۇن ئىسمى بار ، چېكلىشى سانىنى ئاشۇرىمەن دەپ ھەددىدىن ئاشۇرىدىغان، Terms of Use نى پەقەتلا ئوقۇمىغان ياكى چۈشەنمىگەن دوستلارغا ئاسان ھىسابات بەرمەيدىغان بولىۋالدى. شۇڭلاشقا ئەگەر Adsense ھىساباتى توختاپ كەتكەن تەغدىردىمۇ باشقا ئېلان شىركەتلىرى ئارقىلىق پۇل تېپىشقا بولىدۇ. YPN ۋە Adbrite لارنىڭ ئېلان كىرىمى Adsense نىڭكىدەكلا يۇقىرى. تېخىمۇ كۆپ ئېلان شىركەتلىرى پۇل تېپىش پۇرسىتى تۈرى ئىچىدىكى يازمىلاردا تونۇشتۇرۇلدى.
كۆپلىگەن ئېلان شىركەتلىرىنىڭ ئېلانلىرىنى بىرلا بلوگدا قويساق بولامدۇ؟رۇخسەت قىلىنسا بولىدۇ. سىز ئىشلەتكەن ئېلان شىركىتىنىڭ ئىشلىتىش كىلشىمىدە بۇ ھەقتە تەپسىلى ئۇچۇر بولىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇلار ئۆزىنىڭ ئېلانىدىن باشقا ئېلانلارنى قويۇشقا رۇخسەت قىلسا قويسىڭىز تامامەن بولىدۇ. مەسلەن Google رۇخسەت قىلغان. Baidu رۇخسەت قىلمايدۇ.
ئېنگلىزچە بىلمەيمەن قانداق قىلىمەن؟
مەن ئېنگلىزچە بىلىڭ دىمىدىم، ئېنگلىزچە بلوگ بولسۇن دېۋاتىمەن. ھەم سىز بۇ بلوگنى داۋاملىق يېزىپ تۇرمايسىز، ئۆزىڭىز بىلىدىغان ۋە تەكلىماكان بلوگدا تونۇشتۇرۇلغان زىيارەت سانى ئاشۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ ھەرقاندىقىنى ئىشلىتىپ پەقەت ئازراق ئېقىم توپلاپ قويسىڭىزلا بولدى. ئېنگلىزچە بىلىشمۇ بەك ھاجەت ئەمەس. دەسلەپ بلوگنى قۇرۇشتا translate.google.cn دىن پايدىلىنىپ، خەنزۇچە ياكى باشقا سىز بىلىدىغان تىلدىكى ماقالىنى ئاۋال ئېنگلىزچىگە تەرجىمە قىلىپلا يوللايسىز. ياكى ئېنگلىزچە بىلىدىغان بىرەر دوستىڭىز سىزگە ياردەملىشىپ دەسلەپ بلوگ تىزىملىتىپ بەرسە بولىدۇ.
باشقا ئېلان شىركەتلىرى Google دەك ئىشەنچىلىكمىدۇ؟تەكلىماكان بلوگدىكى پۇل تېپىش پۇرسىتى نامىدىكى يازمىلاردا تونۇشتۇرۇلغان ئېلان شىركەتلىرىنىڭ كۆپۈنچىسىنىڭ تارىخى Adsense تىن ئۇزۇن. ئۇلار كۆپلىگەن گېزىت-ژۇرناللاردا نامى تىلغا ئېلىنغان ئىشەنچىلىك ئېلان شىركەتلىرىدۇر. سىز خالىغانغا تىزىملىتىپ، قايسىنىڭ كىرىمى يۇقىرى كۆرۈنسە شۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانسىڭىز بولىدۇ.
Blogger.com دىن ئالغان بلوگ ئېچىلمايدىغان تۇرسا؟بەلكىم ئېنگلىزچە سۆزلەيدىغان رايوندا ئېچىلىدۇ. شۇڭلاشقا بۇنىڭدىن ئەنسىرىمەڭ. بلوگنىڭ زىيارەت سانىنى ئاساسەن ئېنگلىزچە سۆزلەيدىغان رايونلاردىن توپلىسىڭىز بولىدۇ.
ئەسكەرتىش:
بۇ يازما پەقەت تور بېكەت ياكى بلوگدا ئېلان قويۇپ كىرىم قىلىۋاتقانلارغا قارىتىلغان. باشقا مەقسەتتە بلوگ يازغانلارنىڭ ھىچقايسىسىغا ماس كەلمەيدۇ.
ئېنگلىزچە بلوگ يازغاندىمۇ ئوخشاشلا سىز تۇرىۋاتقان دۆلەت (جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى) نىڭ قانۇنىغا رىئايە قىلىشىڭىز، بلوگدا نەشىر ھوقۇقى سۈرۈشتە قىلىنىدىغان ناخشا، كىنو، يۇمشاق دېتال دىگەندەكلەرنىڭ چۈشۈرۈش ياكى كۆرۈش ئادرېسى بىلەن تەمىن ئەتمەسلىكىڭىز، شەھۋانى، ئەخلاقسىز نەرسىلەرنى يوللىماسلىقىڭىز لازىم. چۈنكى بۇ نوقتىلارغا بىزدىن باشقىلار بەك دىققەت قىلىدۇ. ھەم بۇ ئەخلاق مەسلىسى.
评论
ماقۇل ئەمىسە سىلەرنىڭ دىگىنىڭلار بويىچە سىناپ باقاي .
ھەممىڭلارنىڭ بەرگەن پىكرىگە رەھمەت ئېيتىمەن .
جەلىپكار مىنىڭچە سىز ئالدىنقى قىتىم تەستىقلىمىغاندىن كىيىن باشقا بىكەتنى يىزىپ ئىلتىماس قىلدىڭىزغۇ دەيمەن ، ئەڭ ئاسان ئۇسۇلى باشقا خەت ساندۇقى ئىلتىماس قىلىپ شۇ خەت ساندۇققا ئىلتىماس قىلىڭ تەستىقلاپ بولغاندىن كىيىن ئۆزىڭىزنىڭ ئاساسلىق خەت ساندۇقىڭىزغا ئالماشتۇرىۋىلىڭ ،مۇشۇ adsenseنى ئىلتىماس قىلىپ بولغۇچە 5-10 خەت ساندۇق ئىلتىماس قىلىشقا تەييارلىق قىپ قويۇڭ ،ئەلۋەتتە ئۆزىڭىزنىڭ بىرلا بىتىڭىزدىن ئىلتىماس قىلسىڭىز بۇ باشقا گەپ ،مىنىڭ دىگىنىم بىر قىتىم تەستىقلىمىغاندىن كىيىن باشقا بىكەتكە ئىلتىماس قىلىشنى كۆرسىتىدۇ .
uzdiyar.blogbus.com
[登录的 AdSense 帐户不存在,与之相关的申请尚未获得批准。有关您的申请的详细信息,请查阅我们向您的申请中所提供的电子邮件地址发送的邮件。]
بۇ ئەمدى زادى نىمە بولغىنى ؟ بۇرۇن بۇنداق نەرسە چىقمىغان ئىدى .
قارىغاندا مىنىڭ ئېلان تەلەپ قىلىش ھوقۇقۇم ئېلىپ تاشلىنىپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ ؟ ئەمدى قايتا ئېلان تەلەپ قىلالمامدىم ؟ ؟؟
ئەمدى مەن قانداق قىلسام بولىدۇ ؟ يول كۆرسەتسىڭىز ...