:::Bagwanblog:::园丁博客:::

باغۋەندىكى تەۋسىيە تىما:

باغۋەن :

  • 2009-04-26

    ئوقۇتقۇچى توغرىسىدا - [سۆزۈم بار]

    ئوقۇتقۇچى - تەربىيىچى، تەربىيىچى ئالدى بىلەن ئۆزى تەربىيىلىنىشى كېرەك.       ياراملىق ئوقۇتقۇچى - نېمىنى ئوقۇتسا شۇنىڭغا، كىمنى ئوقۇتسا شۇنىڭغا مېھرىنى بېرىدۇ.   
        مۇۋەپپەقىيەتلىك تەربىيىنىڭ سىرى - ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىغا بولغان مېھىر- مۇھەببىتىدە.     
        ئوقۇتقۇچى - ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسى ئوتتۇرىسىدىكى جانلىق ھالقا. 
        ئوقۇتقۇچى - بور، قەلەم ۋە كىتابنى گۆھەردىن ئەلا بىلگۈچىدۇر. 
        ئوقۇتقۇچى - ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ۋە پەننىي بىلىملەرنى تارقاتقۇچى بۈيۈك كىشىدۇر.     
        ئوقۇتقۇچى - مول غايىگە، يۈكسەك ئەخلاققا، دەۋر مەدەنىيىتىگە ۋە كۈچلۈك ئىنتىزامغا ئىگە كىشىدۇر.     
        ئوقۇتقۇچى - ئاددىي ئادەم، لېكىن خىزمىتى ئۇلۇغ. ئەنە شۇ ئۇلۇغ خىزمەت ئوقۇتقۇچىنى بۈيۈك قىلىدۇ.          ئوقۇتقۇچى - سەمىمىيەت، كەمتەرلىك، باتۇرلۇق، ھۆرمەت ۋە تىرىشچانلىقنى دوست تۇتقۇچىدۇر.          
        ئوقۇتقۇچى - قەلبلەرگە نۇر چېچىپ، نادانلىقنى يوقاتقۇچىدۇر.    
        ئوقۇتقۇچى -«ئوقۇتۇش ماھىرى»لا ئەمەس، بەلكى مۇتەپەككۇر ھەم ئىسلاھاتچىدۇر.     
        ئوقۇتقۇچى - بارلىق گۈزەللىكلەرنىڭ نامايەندىسى ۋە تەقلىد قىلىشقا بولىدىغان ئۈلگە.     
       ئوقۇتقۇچىنىڭ ياخشى مىجەز- خۇلقى بىر تال ئۇرۇغقا ئوخشايدۇ. ئەگەر بۇ ئۇرۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلب ئېتىزىغا تېرىسا، ئۇنىڭ   خۇشپۇراق گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىدۇ.   
       ئوقۇتقۇچىنىڭ پۈتۈن پەخرى ئوقۇغۇچىلار قەلبىگە ئۆزى چاچقان ئۇرۇقىنىڭ بىخلىنىپ چىقىشىدۇر.      
       ئوقۇتقۇچى - ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئانىسى.       
      «ئوقۇتقۇچى - ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرى»، بۇ ئۇلۇغلارنىڭ تەبىرى؛ «ئوقۇتقۇچى - تىرىشچان باغۋەن»، بۇ خەلقنىڭ مەدھىيىسى؛ «ئوقۇتقۇچى - ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئانىسى»، بۇ تارىخنىڭ ئوقۇتقۇچىغا بەرگەن ئېنىقلىمىسى.
    مەنبە : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى




باشقۇرۇش سۇپىسى

[ باشقۇرۇشقا كىرىش ]