:::Bagwanblog:::园丁博客:::

باغۋەندىكى تەۋسىيە تىما:

باغۋەن :

  • 2009-04-26

    دەرس ئىسلاھاتى بويىچە دەرس ئاڭلاشتا نېمىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك - [مائارىپ قانۇنلىرى]

    دەرس ئاڭلاش -- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇشنى تەتقىق قىلىش، ئوقۇتۇشتا بىرىنچى قول ماتېرىيالغا ئىگە بولۇشىدىكى ئاساسلىق ئۇسۇل، مەكتەپنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى ۋە دەرس قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى، شۇنداقلا مەكتەپ ۋە مائارىپنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلارنىڭ ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىنى ئىگىلەش، ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى باھالىشىدىكى كونكرېت ئۇسۇلى. دەرس ئاڭلاش جەريانىدا ئوقۇتۇشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئويلىشىشىمىز كېرەك:

    ئوقۇتۇش نىشانىنىڭ لايىھىلىنىشى مۇۋاپىق بولغانمۇ-يوق؟ ئەمەلگە ئاشقانمۇ-يوق؟ ئوقۇتقۇچىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى توغرا بولغانمۇ-يوق؟ ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكلىشى ھەقىقىي ئۈنۈملۈك بولغانمۇ-يوق؟ ئوقۇتۇش شەكلى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىيالىغانمۇ-يوق؟ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساس گەۋدىلىك ئورنى ھەقىقىي گەۋدىلەنگەنمۇ-يوق؟ ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى مەسىلىلەرنى بايقىيالامدۇ-يوق؟ دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلە ئېڭى يېتىلدۈرۈلگەنمۇ-يوق؟ ئوقۇغۇچىلار دەرسخانىدا ھەمكارلىشىش ۋە ئىزدىنىشكە قىزىققامدۇ-يوق؟ ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشى ۋە ھېس قىلىشى ئۈچۈن يېتەرلىك بوشلۇق بەرگەنمۇ-يوق؟ ئوقۇغۇچىلار ئەھمىيەتلىك بولغان ھەمكارلىق شەكلىدىكى ئىزدىنىش ئېلىپ بارغانمۇ-يوق؟ دەرسخانىدا ھەربىر ئوقۇغۇچى ئەسلىدىكى بىلىم ئاساسىدا تەرەققىياتغا ئىگە بولغانمۇ-يوق؟ ئوقۇغۇچىلاردا باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىرادىسى ۋە ئېڭى يېتىلگەنمۇ-يوق؟ ئوقۇغۇچىلاردا ئۆزىدىن ھالقىپ ئۆتۈش ئېڭى ۋە ئىقتىدارى ھازىرلانغانمۇ-يوق؟ ئۈنۈملۈك بولغان ئېلېكترلەشكەن ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى قوللىنىلغانمۇ-يوق؟ يېڭى دەرس بويىچە دەرس ئاڭلاشتا مەۋجۇت بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قاراتمىلىغان ھالدا، تۆۋەندە بەزى كۆزقاراشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىمىز.

    1. دەرس ئاڭلاشتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئاساس قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.

    2. ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ئاڭلاش ئەھۋالىغىلا كۆڭۈل بۆلمەستىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمگە ئىگە بولغان-بولمىغانلىقىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.

    3. ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسلىكنى قوللانغان-قوللانمىغانلىقىغا ئەمەس، دەرسلىكنى قانداق قوللانغانلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.

    4. ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسنى ئەستايىدىل ئاڭلىغان-ئاڭلىمىغانلىقىغا قارىماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ئاكتىپ قاتناشقان-قاتناشمىغانلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.

    5. ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلانغان-پايدىلانمىغانلىقىغىلا قارىماستىن، ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشكەن-ئېرىشمىگەنلىكىگە قاراش كېرەك.





باشقۇرۇش سۇپىسى

[ باشقۇرۇشقا كىرىش ]