:::Bagwanblog:::园丁博客:::

باغۋەندىكى تەۋسىيە تىما:

باغۋەن :

  • 2009-04-26

    مۇدىر، سىزمۇ ئوبدانراق تەييارلىق قىلىڭ - [سۆزۈم بار]

    مۇدىر، سىزمۇ ئوبدانراق تەييارلىق قىلىڭ

    بۇماقالە ئىلگىرى مائارىپ بىلوگىغا يېزىلغان بۇلۇپ ،دوستلارنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن كۆچۈرۈلدى .
    ئەسلى مەنبە : http://marp.blogbus.com/logs/35829934.html

    مۇدىر، يېغىن ئېچىش بولسا سىزنىڭ ئۆتىدىغان "دەرس" ڭىز، بىز سىزنىڭ بۇ "دەرس" كە ئوبدانراق تەييارلىق قىلىشىڭىزنى سورايمىز. ھۆججەت روھى، يۇقىرىنىڭ كۆرسەتمىسىنى بىلىشكە مۇھتاجمىز، بۇنى سىز يەتكۈزۈشىڭىز كېرەك؛ مەكتەپ تەرەققىياتى، مەكتەپ ئىچىدىكى باشقۇرۇش ئەھۋالىغا بىز ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىمىز، بۇنى سىزنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشىڭىزگە مۇھتاجمىز، كەسپىي جەھەتتىن ئىلگىرىلەشنى ئۈمىد قىلىمىز، بۇ جەھەتتە كۆرسەتمە بېرىشىڭىزگە مۇھتاجمىز... بىراق، تەييارلىقسىزلا بۇ "دەرس" نى، يەنى يىغىن ئېچىشىڭىزنى خالىمايمىزدە، سىزمۇ ئوبدانراق تەييارلىق قىلسىڭىز! سىز بىزدىن "دەرس ئۆلچىمى" نى ئوبدانراق تەتقىق قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىسىزغا؟ سىزنىڭ "دەرس" ڭىزدىمۇ ھۆججەت روھىنىڭ ماھايىتىنى چوڭقۇرلاپ چۈشىنىش، مەركىزى نۇقتىنى چۆرىدەش ئاساسىدا، تېمىدىن چەتنىمىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلسا بولاتتى! سىز ئاساسى تېمىنى گەۋدىلەندۈرشىڭلار كېرەك، دەيتىڭىزغۇ؟ سىز دەرسلىكنى ئەستايىدىل تەييارلاشنى تەلەپ قىللاتىڭىزغۇ؟ سىزمۇ ئۆز "دەرس" ڭىزنى ئوبدانراق تەييارلاپ، تاغدىن-باغدىن سۆز قىلىپ يۈرمىسىڭىز، بولمىسا " ئوقۇغۇچىلىرىڭىز" نى كۆزگە ئىلمىغان بولىسىز-دە، ئوبرازىڭىزغا نۇقسان يەتكۈزىۋالىسىز! سىز بىزدىن ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى تەلەپ قىللاتىڭىزغۇ؟ سىزمۇ "دەرس" دە ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەڭ مۇۋاپىق بولغان ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئۆتسىڭىز، "دەرس" ڭىزنى جەلىپكارلىققا، قەتئىيلىككە ئىگە قىلسىڭىز، بىزمۇ زېھنىمىزنى قويۇپ ئاڭلايتۇق! سىز بىزدىن ئوقۇغۇچىلارنى ھەقىقىي چۈشىنىشنى تەلەپ قىللاتىڭىزغۇ؟ ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىشنىڭ ئاچقۇچى ئۇلارنىڭ پسىخىك ئېھتىياجىنى چۈشىنىش. سىز بىزدەك بۇ "ئوقۇغۇچىلىرىڭىز" بىلەن (ئاز بىرقىسىمىمىز بىلەن بولسىمۇ) سىردىشىپ تۇرسىڭىز بولاتتى.سىز بىزنىڭ نېمىگە مۇھتاجلىقىمىزنى بىلەمسىز؟ بىزنىڭ سىزنىڭ "دەرس" ڭىزنى ئاڭلاشتىكى كەيپىياتىمىزنى چۈشىنەمسىز؟ سىز، دەرسخانا كەيپىياتىنىڭ بۇرۇقتۇم بولۇشى، ئوقۇتقۇچىنىڭ سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى بولمىغانلىقىدا، دەيتتىڭىز. شۇڭا، سىز دەرس سۆزلىگەندە "دەرسخانا" كەيپىياتى "قىزغىن" بولسا، سىزنىڭ باشقۇرۇش سەۋيىڭىزنىڭ يۇقىرلىقى، رەھبەرلىك ئىقتىدارىڭىزنى كۈچلۈكلىكىنى ئىپادىلەيتى. لېكىن، سىز سەھنىدە سۆزلىگەندە، بىز تۆۋەندە سۆزلىشىپ، تېلىفۇن قوبۇل قىلىپ،... دېگەندەك ئىشلارنى قىلىپ يۈرسەك، بۇ كەيپىياتنىڭ قىزغىن بولغانلىقى بولارمۇ؟ سىز بىزگە ئىلھاملاندۇرۇشنى ئاساس قىلىشنى، تەربىيىلەشكە ھەقىقىي يۈزلىنىشنى تەكىتلەيتىڭىزغۇ؟ بىزمۇ سىزنىڭ تەقدىرلىشىڭىز ۋە ئىلھاملاندۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز، لېكىن كۆپىنچە ئاڭلايدىغىنىمىز تەنقىد، ئاغرىنىش، ئانچە-مۇنچە كۆڭۈلنى خۇشال قىلىدىغان سۆزمۇ يوق. چۈشىنىش، كۆڭۈل بۆلۈش بولمىسا، قەلبىمىزدە قانداقمۇ ئازادىلىك بولسۇن؟! سىز بىزدىن ۋاقىتقا قاتتىق رىئايە قىلىشنى، ۋاقتىدا دەرسكە كىرىپ، ۋاقتىدا دەرستىن چۈشۈشنى تەلەپ قىللاتىڭىزغۇ؟ سىز ئوقۇغۇچىلار ئارام ئېلىشقا موھتاج، يەنە ئۇبۇرنىگە بېرىشى كېرەك، ھەرگىزمۇ دەرس ۋاقتىنى سوزىۋەتمەڭلار، دەيتىڭىزغۇ؟ سىزنىڭ "دەرس" ڭىزدىمۇ، بىر ۋاقىت چەكلىمىسى بولسا بولاتتى، "دەرس" نى بەكلا سوزىۋەتمىسىڭىز، قانداق؟ بىز يەنە خىزمەت قىلىشىمىز، تۇرمۇشنىڭ ھەرخىل ئۇششاق-چۈششەك ئىشلىرىنى قىلىشىمىز كېرەكتە! سىز، ھازىر ئۇچۇر دەۋرى، ئۇنىمنى تەكىتلىشىمىز كېرەك، دەيتىڭىزغۇ؟ سىز ئاۋال ئۆزىڭىزدىن باشلاپ ئۈلگە بولۇپ بەرسىڭىز بولاتتى؟! ...................................................

    مۇدىر، سىز "دەرس" كە ئوبدان تەييارلىق قىلىپ، "دەرس" نى ياخشى ئۆتسىڭىز، بىز شۇندىلا پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن "دەرس" ڭىزنى ئاڭلاشقا كاپالەتلىك قىلالايتۇقتە. ئۇنداق بولمىسا، سىز ھەرگىزمۇ بىزدىن ھۆرمەت قىلمىدىڭلار، دەپ ئاغرىنسىڭىز بولمايدۇ-دە!





باشقۇرۇش سۇپىسى

[ باشقۇرۇشقا كىرىش ]