باش بەت  ناخشا ئاڭلاش ئىجادىيەتلىرىم   ماقالىلىرىم تۇرا ئۇقتۇرۇشى

 

  • مۇھەببەت يىغلىماقتا - [ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىم]

    2009-06-27

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/azgun1-logs/41590302.html

    مۇھەببەت ئۆكسۈپ_ئۆكسۈپ يىغلىماقتا،
    ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادا خارلىقىدىن.
    يوقىتىپ تۇز رەڭگىدەك ئاپئاق توننى،
    كىيىۋالغان كىيىمىنىڭ چارلىقىدىن.

    مۇھەببەت ئۆكسۈپ_ئۆكسۈپ يىغلىماقتا،
    ئۆز قەدرىگە يەتكەنلەرنىڭ ئازلىقىدىن.
    سىلىشتۇرسا پۇل_مال بىلەن تەڭ تۇرغۇزۇپ،
    تۈگىمەس ئەيىپى بار« تاز » لىقىدىن.

    مۇھەببەت ئۆكسۈپ_ئۆكسۈپ يىغلىماقتا،
    شەھۋەتلەرگە نىقاپ بولۇپ قالغىنىدىن.
    خىجىل بولۇپ ئولتۇرىدۇ باش كۆتۈرمەي،
    «ھايات» دىگەن سازنى يالغۇز چالغىنىدىن.

    مۇھەببەت ئۆكسۈپ_ئۆكسۈپ يىغلىماقتا،
    ھەشەمەتلىك قەبرىسىنىڭ پۈتكىنىدىن.
    قان يۇتماقتا سەكرىتىدا جان تالىشىپ،
    «ئادەم» لەرنىڭ بۇدۇنيادىن يۈتكىنىدىن.

    بىر شېئىر پىچىرلىماقتا


    بىر شېئىر پىچىرلىماقتا:
    يۈرىگىڭنى يەپ كىتىمەن دەپ.
    بەلىكم قىساس ئالغان چىغىدۇر،
    قان رەڭگىدەك، نىپىز لېۋىنى
    قويغان ئىدىم مەجبۇرى چىشلەپ.

    غەمسىز لىكتىن كەتتىم يىراقلاپ،
    شۇ شېئىرنى سۆيگەندن باشلاپ.
    مەن شۇ تاپتا مەمەتجان ئەبەي (1) ،
    تۆكۈلىدۇ چېھرىمدىن ئازاپ.

    (1) مەمەتجان ئەبەي: «مۇھەببەت» ناملىق ناخشا پىلاستىنكىسىنى ئىشلىگەن، ناخشىچى مەمەتجان ئەبەي كۆزدە تۇتىلىدۇ.

    分享到: