باش بەت  ناخشا ئاڭلاش ئىجادىيەتلىرىم   ماقالىلىرىم تۇرا ئۇقتۇرۇشى

 

  • . . . دىمەڭ بىزنى (ھەجۋى) - [ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىم]

    2009-06-18

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/azgun1-logs/41194408.html


    ئىشى بار دىمەڭ بىزنى،لاغايلاپ يۈرەلەيمىز.
    ماكانسىز دىمەڭ بىزنى،«ۋاڭبا»دا تۈنەلەيمىز.
    پىخسىقكەن دىمەڭ بىزنى،قىمارغا پۇل بىرەلەيمىز.
    بەتخەجكەن دىمەڭ بىزنى،ئاچ قورساق يۈرەلەيمىز.

    چىدامسىز دىمەڭ بىزنى،سوغۇققا كۆنەلەيمىز.
    نەشتەردەك سوغۇقلاردا تالادا يۈرەلەيمىز.
    كۈلمەسكەن دىمەڭ بىزنى،پۇل تاپساق كۈلەلەيمىز.
    ئون كۈن ئىشلىگەن پۇلنى بىردەمدە تۈگتەلەيمىز.

    يۈرەكسىز دىمەڭ بىزنى،مىڭلاپ دو تىكەلەيمىز.
    يانچۇقلار قۇرۇپ قالسا «ۋاي ئىسىت»دىيەلەيمىز.
    ئۆيگە بىرىپ چوڭلارنى ئالداپ پۇل ئالالايمىز.
    پۇل بىرىشكە كۆنمىسە «جان» دىنمۇ تويالايمىز.

    يارىماس دىمەڭ بىزنى،قاۋاقلارغا كىرەلەيمىز.
    تولدۇرۇپ قەدەھلەرنى«ۋۇسۇڭ»دەك ئىچەلەيمىز.
    ھەيكەلمىكىن دىمەڭ بىزنى،قىزلارغا كۆيەلەيمىز.
    قىزلار ئۈچۈن ھەتتاكى مۇشىتلىشىپ ئۆلەلەيمىز.

    بىلىمسىز دىمەڭ بىزنى،ئىسمىمىزنى يازالايمىز.
    «ئىلېپبە»نى بەرسىڭىز ھەجىلەپ ئوقۇيالايمىز.
    «تىل بىلمەس»دىمەڭ بىزنى،خەنزۇچە سۆزلىيەلەيمىز.
    يامان يىرى بىر خەتنى ئوڭشاپمۇ يازالمايمىز.

    مەن-مەنچى دىمەڭ بىزنى،ئاددى-ساددا يۈرەلەيمىز.
    بىر كىيىمنى ھەتتاكى ئۈچ-تۆت يىل كىيەلەيمىز.
    ياۋاشكەن دىمەڭ بىزنى،دائىم مۇشىتلىشالايمىز.
    ئاچچىقىمىز كەپ قالسا پىچاقمۇ تىقالايمىز.

    يول بىلمەس دىمەڭ بىزنى،«ئىچكىر»گە بارالايمىز.
    پۇلدار بولۇش كويىدا يانچۇق كولىيالايمىز.
    ۋاپاسىز دىمەڭ بىزنى،ئۆينى سىغىنالايمىز.
    جان باقالماي «ئىچكىر»دە يۇرتقا قاچالايمىز.

    تىنى ساق دىمەڭ بىزنى،كىسەل بولۇپ ياتالايمىز.
    دائىم شۇنداق چاغلاردا ئۆينى پاناھ تاپالايمىز.
    ئانىمىزنى قاقشىتىپ كۆزىدىن ياش ئالالايمىز.
    دادىمىزغا بىرمۇنچە گۇناھلار ئارتالايمىز.

    ئەقىلسىز دىمەڭ بىزنى،«قان»بايلىقى تاپالايمىز.
    پۇلىمىز تۈگەپ قالسا قىنىمىزنى ساتالايمىز.
    ئۆلۈڭلار دىمەڭ بىزنى،جان تاتلىق ئۆلەلمەيمىز.
    ئەپلەپ-سەپلەپ ھەرھالدا جىنىمىزنى باقالايمىز.

     

    分享到:

    评论