بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار

تەۋسىيلىك تائاملار

كوپ كۇرۇلگەن تائاملار

پالەك ماش ئۈگرىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : سەمەتجان ۋاقتى : 2016-10-22كۆرۈلىشى : قېتىم
خام ماتېرىيالى :پالەك،ماش ئۈگرىسى،كىچىك قىزىلمۇچ
IMG_0072.JPG
تەم خۇرۇچلىرى:تۇز،ئاق شېكەر، قىزىلمۇچ يېغى،ئاچچىقسۇ
تەييارلاش ئۇسۇلى :پالەكنى، پاكىز يۇيۇپ،قازانغا سۇ قويۇپ بىر قاينىتىپ ئالساق بولىدۇ،ماش ئۈگرىسنى قايناق سۇغا چىلاپ يۇمشىتىۋالىمىز.كىچىك قىزىلمۇچنى ئۇششاق قىلىپ توغرايمىز. 
IMG_0082.JPG
تەملەندۇرۇش ئۇسۇلى: بىر قاچىغا سۇدا قاينىتىپ ئېلىۋالغان پالەك بىلەن ماش ئۈگرىسىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا تۇز،ئاق شېكەر، قىزىلمۇچ يېغى،ئاچچىقسۇ قۇيۇپ تەملەندۇرۇپ تەخسىگە ئېلىپ ئۈستىگە كىچىك قىزىلمۇچنى سېلىپ ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ .
IMG_0088.JPG
ئالاھىدىلىكى: قىزىتمىنى پەسەيتىدۇ،قاندىكى ماي ماددىسىنى،تۆۋەنلىتىدۇ چىراينى گۇزەللەشتۇرىدۇ.قان بېسىمى يۇقىرى،كىشىلەرنىڭ مىجەزىگە ياقىدۇ.مىزاجى ھول سوغۇق كىشىلەر ئازراق ئىستېمال قىلسا ياخشى. چۈنكى تەرخەمەكنىڭ تەبىئىتى ھۆل سوغۇق .
 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ، 新疆厨师网站版权所有

ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899838929 , 浙ICP备15004026号-1

Powered by axpaz.Com © 2015