بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار

تەۋسىيلىك تائاملار

كوپ كۇرۇلگەن تائاملار

لېغىنداق( لەمپۇڭ)ئۇيۇتۇش ۋە تەييارلاش
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : سەمەتجان ۋاقتى : 2017-01-13كۆرۈلىشى : قېتىم

خام  ماتىرىيالى:قايدۇ  لەڭپۇڭ ئۇنى ،سۇ ،قىزىلمۇچ،يۇمغاقسۇت

001.JPG

تەم خۇرۇچلىرى: تۇز، ئاچچىقسۇ،ئەتكەن مۇچ، سامساق، غولپىياز، ئاق شېكەر
002.JPG
تەييارلاش ئۇسۇلى: كېراخمالغا سوغۇق سۇ قۇيۇپ تەكشى ئارلاشتۇرۇپ،( بىر نەچچە سائەت تىندۇرۇپ) ، ئۈستىدىكى سۈيىنى ئاستا تۆكۈپ تەييار قىلىۋالىمىز. ئاندىن يەنە سوغۇق سۇ قۇيۇپ قول بىلەن تەكشى ئارلاشتۇرۇپ سۇيۇقلاندۇرىمىز.
IMG_0110.JPG
قازانغا مۇۋاپىق سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ تەييار قىلغان كىراخمالنى سىلىپ ئازراق تۇز سالىمىز. ئاندىن  كېراخمالنى قوچۇپ ، كېراخمال قويۇلغاندا4~5مىنۇت قاينىتىپ لىگەن ياكى پەتنۇسلارغا ئۇسۇپ بىر نەچچە سائەت تەبىئى سۇۋۇتۋالىمىز .
_MG_0023.JPG
قىزىلمۇچ ،يۇمغاقسۇتلەرنى ئۇششاق دانچە توغرىۋالىمىز.
_MG_0035.JPG
_MG_0036.JPG
_MG_0037.JPG
_MG_0034.JPG
سۇۋۇپ تەييار بولغان لىغىلداقنى ئۇزۇنچاق قىلىپ تەكشى توغراپ بىر قاچىغا ئېلىۋالىمىز.
_MG_0026.JPG
_MG_0027.JPG
_MG_0031.JPG
توغراپ تەييار بولغان لىغىلداقنىڭ ئۇستىگە  قىزىلمۇچ ،يۇمغاقسۇتلەرنى تەكشى سىپىمىز.
_MG_0041.JPG
تەملەندۇرۇش ئۇسۇلى: بىر قاچىغا تۇز، ئاچچىقسۇ، لازا يىغى ، سوقۇلغان سامساق، شىكەر، قاتارلىقلارنى سىلپ ئارلاشتۇرۇپ لىغىلداقنىڭ  ئۈستىگە قۇيىمىز. 
_MG_0049.JPG
ئالاھىدىلىكى: لەڭپۇڭ سىلىق، سالقىن، ئاچچىق-چۈچۈك بولىدۇ.
 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ، 新疆厨师网站版权所有

ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899838929 , 浙ICP备15004026号-1

Powered by axpaz.Com © 2015