بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
تەۋسىيلىك تائاملار
كوپ كۇرۇلگەن تائاملار
خام ماتىريالى: ئاق ئۇن، بېدە، كۆيدۈرۈلگەن قۇيرۇق ماي.
تەم خۇرۇچلىرى: تۇز
تەييارلاش ئۇسۇلى:خېمىرنى چىڭ يۇغۇرۇلۇپ تەييارلىنىدۇ.
بېدىنى پاكىز ئادالاپ يۇيۇپ تازا يۇمشاق چانايمىز. ئۇنىڭغا يېتەرلىك تۇز، قوي ماي سېلىپ مىجىيمىز. قوي ماينىڭ تېتىغانلىغىنى بىلىش ئۈچۈن، قىيمىنىڭ ھالىتىگە قارايمىز. قىيما چېچىلماي تىك ھالەتتە تۇرىشى لازىم. چۈنكى بېدىنىڭ تەبىئىيىتى بەك سوغاق بولغىنى ئۈچۈن، قويماينى ئارتۇقراق سالمىساق ، ھەم تەمسىز، ھەم بەكلا سوغاققا مايىل بولۇپ كېتىدۇ. يۇغۇرۇپ تەييارلانغان خېمىرنى نېپىز يېيىپ توت چاسا(يۇمىلاق) كىسىپ تەييارلىۋالىمىز.تەييارلانغان جىلىت ئىچىگە مۇۋاپىق قىيما ئېلىپ تۈگرە تۇگىۋالىمىز(رەسىمدىكىدەك)
پىشۇرۇش ئۇسۇلى:قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىغاندىن كىيىن تەييارلانغان تۈگرەنى قازانغا سېلىپ قاينىغاندا ئوت كۇچىنى نۇرمال قىلىپ 5~8 مىنۇت ئاتىراپىدا قاينىتىپ تەخسىگە سۇزۋالىمىز. ئۆز ئىستىمالىمىزغا ئاساسەن ،ئۆز پېتى، ئەتكەن قىزىلمۇچ ،ئاچچىقسۇ، كۆيدۈرۈلگەن قۇيرۇق ماي بىلەن بىرگە ئىستىمال قىلسىڭىز بۇلىدۇ.
ئالاھىدىلىكى: كۆك تۈگرىسنىڭ تەمى ئۆزگىچە بولۇپ، كىشىگە بىر خىل كۆكلەم تۇيغۇسىنى بېرىدۇ. ئەتىيازدا مىجەزنى تەڭشەيدۇ، قاننى تازىلايدۇ. ئومۇمەن سالامەتلىككە پايدىلىق. بەزىلەر گۆش قوشۇپمۇ ئېتىدىكەن. بىراق نەق ئۆزىنىڭ تەمى بىلەن يىگەن ياخشى. ئۆزىڭىز خالىغاننى قىلىڭ!
يېڭى يوللانغان تائاملار
قۇرغاق قازان بېلىق قورۇمىسى 干锅鱼
مايلىق يېسۋېلەك قېرىن قۇلاق قۇرىمىسى
قوي گۆشى شورپىسى تەييارلاش
قىزارتىپ قورىلغان كالا گۆشى بەرەنگە قورۇمىسى
بالىڭىزنىڭ كۆزىگە پايدىلىق تاماق مانا بۇ يەردە
كالتىسىي مول بولغان ئېسىل تاماق
قېتىق تەملىك ئىتالىيە چۆپى
سۈت تەملىك كاۋا ئۇمىچى
بانان ئارلاشتۇرۇلغان تاتلىق ياڭيو
چېچەكسەي ئۇمىچى
تاتلىق ياڭيۇ قۇشۇلغان پىچەكگۈل ئۇمىچى
قەۋەتلىك گۈرۈچ بولكىسى دەپ ئاڭلىغانمۇ ؟