بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كۈيباغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-31 20:09 - h: @ {6 g: b2 B: N2 `0 Z
1 q1 H7 P8 ~0 S
! E2 B: w0 i& [گاز ئوچاققا سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى ئىشىلىتىلىدۇ. ئۇ ھىدروگېىن ۋە كاربوننىڭ بىرىكىشىدىن پەيدا بولغان ئارىلاشما جىسىم، ئۇنىڭ تېمپېراتۇرىنىڭ تەسىرىگە بولغان ئارىلاشما جىسىم، ئۇنىڭ تېمپېراتۇرىنىڭ تەسىرىگە بولغان سېزىمچانلىقى يۇقىرى. ئادەتتىكى تېمپېراتۇرىدا گازتۇڭنىڭ بېسمىغا چىداشىچانلىقى 30kgcm، مۇھىت تېمپېراتۇرىسى قانچە ئاشسا،
~- Y V3 w! O" z6 V4 d) v6 ]
گاز تۇڭدىكى گازنىڭ بېسىمىمۇ شۇنچە يۇقىرىلايدۇ_دە، پارتلاش يۈز بېرىدۇ، شۇڭا گاز تۇڭى قويۇلغان ئورۇننىڭ تېمپېراتۇرىسى 35C تىن ئاشماسلىقى كېرەك. گاز تۇڭىنى ئادەم ياتىدىغان ئۆيگە، ئوچاق، مەش، پارۋاي يېنىغا قويۇشقا بولمايدۇ. قىش كۈنلىرى گاز تۇڭى ئىچىدە سۇيۇقلۇق كۆپرەك ئېشىپ قالىدۇ، ئۇ ھاۋا بىلەن ئۇچراشقاندا تېز گازلىنىدۇ ۋە كۆيىدۇ. ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، گاز تۇڭدىكى قالدۇق سۇيۇقلۇقنى سىرتقا تۆكمەسلىك لازىم. نېفىت گازى ئۆيگە چىقىپ كەتسە دالدا يەردە توپلىشىۋېلىپ، سىرتقا ئاسان چىقىپ كەتمەيدۇ_دە، ئادەمنى زەھەرلەپ قويىدۇ. ئۆيگە گاز چىقىپ كەتكەنلىكىنى سەزگەن ھامان سەرەڭگە، ھەتتا لامپۇچكىنىمۇ ياندۇرماسلىق كېرەك. گاز ئوچقى ئىشلىتىدىغان ئائىلىلەر گاز تۇڭى قويۇلغان ئۆيدە ھاۋانىڭ ئۆتۈشۈپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىسا، خەتەردىن ساقىلىنالايدۇ.