) s+ U9 H( n# x0 u5 |بىز كۈندە بىر نەچچە قېتىم ئۇزۇقلىنىمىز،كۈندىلىك خىزمەت،ئەمگەك ئۆگىنىش ۋە باشقا پائالىيەتلەر ئۈچۇن سەرپ قىلىدىغان قۇۋەت (ئېنىرگىيە)بىز ئىستىمال قىلغان ئۇزۇقلۇقلاردىن كېلىدۇ .سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا ،بىرئادەم پۈتكۇل ئۆمرىدە ئۆزئېغىرلىقىدىن 1000~1500ھەسسە ئارتۇق يىمەكلىكنى يەپ بولىدىكەن ئۇزۇقلۇق بەدەننى پەقەت قۇۋۋەت بىلەن تەمىنلەپلا قالماي يەنە ئورگانىزىمنىڭ ماددا ئالمىشىش جەريانىنى مۇۋاپىق ۋە زۆرۈر ماددىلا بىلەن تەمىنلەپ ،بەدەندىكى ھەرقايسى ئەزالارنىڭ تۇقۇلما ۋە ھۈجەيرىلىرىنى نورمال ئۆسۈش ۋە تەرەققىي قىلىش كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ ئادەم مۇۋاپىق ئۇزۇقلانمىسا تېنى ئاجىز ئورۇق بولۇپلا قالماستىن ،بەلكى ئەقلىي ۋە جىسمانىي قابىلىيتىمۇ تۆۋەنلەپ كىتىدۇ ،بەدەننىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىدا تۈرلۇك كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ ھەتتا ئادەمنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ. بۇلار بەدەننىڭ ئېھتىياجلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارغا ئېرشەلمەسلىكىدىن ،نۇرمال پائالىيەت ۋە ماددا ئالمىشىشنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن بولىدۇ.
" H+ G3 `2 S% x5 @+ [ يېمەكلىكلەر يېيىلگەندە ئېغىز بوشلۇقىدىكى شۆلگەي بەزلىرى سۇيۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىدۇ.چىش چايناپ يۇمشىتىپ بەرسە،شۆلگەي سۇيۇقلۇقى نەملەشتۈرۈپ يۇتۇشقا ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىدۇ.يېمەكلىكلەر ئاشقازانغا كىرگەندە،ئاشقازان سۇيۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىپ،تاماقنىڭ ھەزىم بولىشىغا ياردەم بېرىدۇ.تاماق ئاشقازاندا ئۈچ سائەتتىن سەككىز سائەتكىچە تۇرىدۇ.بۇ جەرياندا يېمەكلىكلەردىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار سۈمۈرلۈپ بولىدۇ.قالغان قىسمى چوڭ ئۈچەيدە گەندە بولۇپ شەكىللىنىدۇ ۋە ئۈچەيلەرنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ.
. z7 I ^ v* f8 U( V& p
ئوزۇقلۇقلارنىڭ ئادەمنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتى ئۈچۈنلا زۆرۈر بولۇپ قالماستىن، بەلكى ھامىلىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئەقىل جەھەتتىن تەرەققى قىلشىدىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ.
9 F+ Q- g5 ?$ T) g4 I0 H6 L* K
ئوزۇقلۇقلارنىڭ شىپالىق رولىمۇ بار.خەلقىمىز ئۆزىنىڭ باي تۇرمۇش تەجىرىبىسى ئارقىلىق ئوزۇقلۇقلارنىڭ شىپالىق رولىدىن تولۇق پايدىلنىپ كەلگەن.مەسلەن:زۇكام بولۇپ قالغاندا سامساق سېلىپ ئەتكەن شوۋىگۈرۈچ ئىچىش ،قىززىپ قالغاندا شوۋگۈرۈچكە قارىئۆرۈك سېلىپ ئىچىش ،بەدەننىڭ سوغۇقى ئېشىپ كەتسە ھالۋا ئېتىپ يېيىش،كاۋاپ يېيىش ،ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەن ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالغاندا لەڭپۇڭ يېيىش،قوي يېغىدا ئەتكەن پولۇ يېگەندە قېتىق ئىچىش.....قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى خەلقىمىزنىڭ بۇرۇندىنلا ئوزۇقلىنىشىنىڭ شىپالىق رولىنى تونۇپ يەتكەنلىكى ۋە ھەر خىل يېمەكلىكلەرنىڭ بەدەندە پەيدا قىلىدىغان ھەر خىل ئۆگىرىشلىرىنىمۇ تولۇق كۆزەتكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.
( l K- s% U5 c, r/ j0 B6 b2 a5 ?بىز ئىستېمال قىلىدىغان ئوزۇقلۇقلار ئاساسەن ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ،ئۇلارنىڭ تۈرى،رەڭگى، تەمى ئوخشاشمايدۇ.ئەمما،ئۇلارنىڭ ھەممىسى مىقدارى ئوخشاشمىغان نىسبەتتىكى ئاقسىل،ياغ،قەنىت،ۋىتامىنلار،بەزى مىنېرال ماددىلار ۋە سۇدىن تەركىب تاپقان.بۇلارنىڭ ھەممىسى بەدەن ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان دەرىجىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
6 N/ r" `& h( M# A' `) M9 G; z