 |
ئەر كېشى ئايال كېشىگە يۈز كېلەلمەيدىكەن
8 \" R2 C& L3 h* ~2 f/ ?, k2 q: r/ d
ئەر كېشى بىر نەچچە مىنۇت سەرپ قىلىپلا دادا بولالايدۇ ، ئەمما ئايال كىشى بىر ئۆمۈر سەرپ قىلىپ ئانا بولىدۇ ؛
0 _) w+ i$ z. s1 P4 O: i/ Wئەر كېشى بىر كۈن ناشتىلىق تەييارلىسا خۇش بولۇپ كېتىمىز ، ئەمما ئايال كىشى بىر كۈندە ئۈچ ۋاخ ، بىر ئۆمۈر تاماق تەييارلايدۇ ؛
2 s, W* d k$ S5 |ئەر كېشى ئىشتىن چۈشسە كارىۋاتقا چىقىپ ئارام ئالىدۇ ، ئايال كىشى ئىشتىن چۈشسە ئاشخانىغا چىقىپ تاماق ئېتىدۇ؛
$ |" h. D( r" Z, U, rئەرلەرنىڭ سىرتقا چىققاندا چىرايلىق ئاياللارغا قارىشى ئۇلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجى ھېسابلىنىدۇ ، ئاياللارنىڭ ئېرىنى سىرتتىن تارتىپ ئائىلىگە قايتۇرۇپ ئۆيدىن مېھىر تىلىشى ئۇلارنىڭ ئاياللىق ئەخلاققا رىئايە قىلمىغانلىقى سانىلىپ قالىدۇ ؛5 z6 C& c7 L& w u7 r3 t1 `' F/ k; b
ئايال كىشى نىكاھى ئوقۇلغاندىن باشلاپ بارلىقىنى ئېرىگە ئاتايدۇ ئەمما بىر ئۆمۈر يولدىشىنىڭ بارلىقىنى ئاتىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ ؛' u' T) ?+ t* q" W7 v6 S
ئاياللار ئەرلەرنىڭ سىرتقا چىققاندا گۈزەللەرگە كۆز سېلىشىنى كەچۈرەلەيدۇ ، ئەمما ئەرلەر ئاياللارنىڭ قاملاشقان ئەرلەرگە قارىشىنى ھەرگىز كەچۈرەلمەيدۇ؛* ~2 k* m6 \% J" ^
ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە پۇت يۇيۇش ئۈچۈن سۇ ئەكېلىپ بېرىشى ۋە دولىسىنى تۇتۇپ قويۇشى قىلىشقا تېگىشلىك ئىش ئەمما ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا ياردەملىشىپ ئۆي ئېشلىرىنى قىلىشىپ بېرىشى يۈز تۆكۈلىدىغان ئىش ؛
8 q. I, _# e7 O ^# U) J$ z- nئاياللار ئارتۇقچە ئارزۇ – ئارمان قىلمايدۇ ، پەقەت ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا- ئانىسى ساق – سالامەت بولسىلا ، بالىلىرى مەكتەپتىن كېلىپ ئاپا ! دەپ چاقىرسىلا كۆڭلى كۇپايە تاپىدۇ ، ئېرى سىرتقا چىقىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ مەڭزىگە يېنىككىنە سۆيۈپ قويسىلا رازى بولىدۇ ، ئۇ ئاچچىقلانغاندا چاپىنىڭىزنى ئېلىپ چىقىپ كەتمەي ئۇنىڭغا ھەمراھ بولسىڭىزلا ئۇ رازى بولىدۇ ، ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ بىئارام بولغاندا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ كۆڭۈلدىكى سۆزلىرىڭىزنى ئېيتىپ بەرسىڭىز ئۇنىڭ ناتونۇش ئادەملەرنى تېپىپ ئەرز ئېيتىشقا مەجبۇر قىلمىسىڭىزلا ئۇ رازى بولىدۇ ، ئۇ خەتەرگە يولۇققاندا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ قوغداپ، سىزنى تاللاپ خاتا قىلمىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرسىڭىزلا رازى بولىدۇ ، ئۇ يىغلىغاندا ئۇنى كەڭ كۆكرەكلىرىڭىزگە ئېلىڭ ، ئۇ ئۆزىنىڭ سىز ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلسۇن ؛ ئۇ بىئارام بولغان ئاشۇ بىر نەچچە كۈندە ئۇنىڭغا ئىسسىق سۇ ئەكېلىپ بېرىڭ ، بۇ ئىشنى ئۇ بەلكىم بىر ئۆمۈر ئېسىدە ساقلىشى مۇمكىن ؛7 V) B3 z8 c3 _" A* r) d: C b
ئاتا – ئانىسى ئۇنى جاپا – مۇشەققەتتە بېقىپ چوڭ قىلغان ، توي كۆينىكى كىيگەن شۇ كۈنى ئۇ ئۆزىنى سىزگە ئاتايدۇ ، شۇنىڭدىن باشلاپ سىز ئۇنىڭ ئۆمرىدىكى يۆلىنىدىغان ئىشەنچ تۈۋرۈكى بولىسىز ؛شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ سىزگە قىز – ئوغۇل پەرزەنت تۇغۇپ بېرىدۇ ، سىزگە ۋاكالىتەن ئاتا – ئانىڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ ۋاپادارلىق يەتكۈزىدۇ ، سىز ئۈچۈن ئائىلە ئىشلىرىنى تەل – تۆكۈس قىلىدۇ ، ئاۋۋال قېيىن ئاتا قېيىن ئانىسىنى كۈتۈش ئەزەلدىن ئۆزگەرتىش قائىدە ، ئاۋۋال ئۆز ئاتا –ئانىسىنى كۈتۈش بولسا ئۆي تۇتۇشنى بىلمىگەنلىك ھېسابلىنىدۇ ؛' @9 r7 H9 x& J% d' D& {. f
ئەمما سىز ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟ ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى سىلەر توي قىلىپ يەنە نېمىگە ئېرىشتى ؟
: }% K8 u ^3 rئۇلار قىزىنىڭ سىز بىلەن بىللە بەختكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلاتتى ، ئەمما سىز بۇنى قىلالىدىڭىزمۇ ؟
% z8 \+ U& G% ~% Q7 p( K/ dئەرلەر ، سىلەر ئۆزۈڭلارنى ھېرىپ كەتتىم دېمەڭلار ،سىلەرنىڭ سىرتتا چېپىپ يۈرۈپ ئائىلىنى قامدىشىڭلار سىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىڭلار ، ئائىلە ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭلار سىلەرنىڭ مەجبۇرىيىتىڭلار ؛2 C) |0 K' i5 m% _5 B2 l1 l3 @
ئەرلەر ، سىلەر ئۆزۈڭلارنى جاپا چەكتىم دېمەڭلار ، ئاياللارنىڭ سىلەر ئۈچۈن پەرزەنت تۇغۇپ بېرىش ئالدىدا تارتقان ئازابىنى سىلەر مەڭگۈ ھېس قىلالمايسىلەر ؛
- Z1 l% y; r: C0 uسىلەر كۈلمەڭلار ، ئاياللارنىڭ كۆڭلى – كۆكسى سىلەرنىڭكىدىن كەڭ ، ئۇلار ئائىلىسى ۋە بالىلىرىڭلار ئۈچۈن سىلەرنىڭ سىرتتا ئۈچىنچى شەخس تېپىۋېلىشىڭلارغا چىدىيالايدۇ ، ئەرلەر ئاياللاردىن چىدىماس ، ئازراق غۇرۇر ئۈچۈن بارلىقىنى سىزگە ئاتىغان ئايالىڭىزدىن ۋاز كېچىشكە رازىكى ئۇنىڭ كىچىككىنە بىخەستەلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان سەۋەنلىكىنى كەچۈرەلمەيسىز .8 T F4 s6 s" x* S( H" `: f
ئەرلەر ئاياللىرىڭلارغا قاراپ بېقىڭلار ، قورۇقلار ئۇنىڭ پېشانىسىگە يامىشىپتۇ ، ئاق چاچلار ئۇنىڭ چېكىسىگە ئىز بېسىپتۇ ، ئۇنىڭ قوللىرىمۇ بۇرۇنقىدەك نازۇك ئەمەس ؛ ئەرلەر مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئايالىڭلاردىن ۋاز كەچمەڭلار ، ئۇلار سىلەرگە ياتلىق بولغاندا نازۇك قىزلاردىن ئىدى ، ئۇلار سىلەر ئۈچۈن ئۈن – تىنسىز بارلىقىنى ئاتاپ بۈگۈنكى ھالەتكە كېلىپ قالغان ،ئۇلار ئەڭ گۈزەل ۋاقىتلىرىنى سىلەرگە ئاتىغان ؛7 h7 h, _, K3 K Q1 d7 e, q _
نىكاھتا بىرەيلەن يەنە بىرەيلەنگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش يوق ، بەلكى خۇشال – خۇرام بەختلىك ئائىلە ئۈچۈن ئۆز ئارا تەقدىم قىلىشتىن ئىبارەت ؛ ئەگەر قارشى تەرەپنى قەدىرلىمىسىڭىز ئۇنىڭ ئايرىلىپ قالغاندا ئۇنىڭ سىز ئۈچۈن شۇ قەدەر مۇھىملىقىنى پۇشايمان ئىچىدە ھېس قىلىسىز؛
" f0 |7 R1 e" L% g. n; g7 n1 Mئەرلەر بىردەملىك ئاچچىقىڭلار ئارقىلىق ئاياللىرىڭلارنىڭ غۇرۇرىغا تەگمەڭلار ،ئۇلار سىلەرنىڭ قۇلۇڭلار ئەمەس ؛
. g. {+ r, Z# E4 G) c; X/ z2 dئەرلەر ، سىلەر ئۆز خاراكتېرىڭلار بىلەن ئاياللىرىڭلارنىڭ سەۋرچانلىقىغا جەڭ ئېلان قىلماڭلار ، چۈنكى ئۇلار سىلەرگە قەرز ئەمەس ؛
( \8 g( l- b# T2 Qئەرلەرنىڭ كۆز يېشى تۆكۈشى ئائىلىسىنى سېغىنغانلىقتىن ، ئاياللارنىڭ ياش تۆكۈشى بولسا ئائىلىدىن ئايرىلىشنى قارار قىلغانلىقتىن ؛
& r( ^2 ?: J' r) r5 xئايالىڭلار ئائىلىدىن ئايرىلغاندا ئاندىن ئۇلارنى قانداق ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭلارنى سۆزلەپ يۈرمەڭلار ، ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ كۆز يېشى ئاللىقاچان قۇرۇپ يۈرىكى مۇزلاپ بولغان بولىدۇ ؛! |1 Y' s2 d+ O
ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە يول قويۇشى كەڭ قورساقلىق ، ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا يول قويۇشى قورقۇنچاقلىق ،بىر – بىرىڭلارغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ئۆز ئارا قەدىرلەڭلار !
: ]! {& p. i: v( \' d0 c
|
 |