|
- y$ R V0 N: h# Rبۇرۇن بوشلۇقىدىكى شىللىق پەردىسىدە قان تومۇرلار ئىنتايىن كۆپ، ئۇلار قىسقىراش ۋە كېڭىيىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاچقا، بەدەننىڭ ئىچكى-تاشقى ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ تەڭشىلىپ تۇرىدۇ، شۇڭا بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئىزچىل ھالدا 33 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇرۇن پۈتۈن بىر كۈندە 1000 مىلىلىتىر سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىپ، ھاۋا تەڭشەيدۇ، ئۇ نەپەس يوللىرىدىكى تۈكلەرنىڭ نورمال ھەرىكەت قىلىشىغا ۋە ئۆپكە پۈۋەكچىلىرى ئىچىدە ئوكسىگېن بىلەن كاربون ئوكسىدنىڭ ئالمىشىشىغا ھەمدەم بولىدۇ.# @6 y a9 C- u, k
بۇرۇن بوشلۇقىدىن ئاجرالغان يېپىشقاق سۇيۇقلۇقتا بىر خىل باكتېرىيە ئېرىتكۈچى فېرمېنت بار، ئۇ باكتېرىيەلەرنى كونترول قىلالايدۇ ۋە ئېرىتەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇرۇندىكى تۈكلەر ھاۋادىكى بىر قەدەر چوڭ چاڭ-توزاننى توسالايدۇ، بۇرۇن بوشلۇقىدىن ئۆتۈپ يۇتقۇنچاققا بارغان ھاۋا ئاساسىي جەھەتتىن مىكروبسىز بولىدۇ. ئېغىزنىڭ ھاۋانى ئىسسىتىش، نەملەش ئىقتىدارى ناچار بولغاچقا، ھاۋانى ساپلاشتۇرۇش ۋە باكتېرىيەنى ئېرىتىش ئىقتىدارى بولمايدۇ، شۇڭا بىز ئېغىز ئارقىلىق نەپەسلىنىشتىن ساقلىنىپ، بۇرۇن ئارقىلىق نەپەسلىنىشكە ئادەتلەنسەك، ساغلاملىقىمىزغا تېخىمۇ كاپالەتلىك قىلغان بولىمىز. |
بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار
مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ
x
|