ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-12-19

    ئۆزلۈك ئالىمىمىزدىكى تۇمانلار , 2 - [ماقالا ۋە ئوبزور]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/90520757.html

    «... – سىز شۇنداق كېلىشكەن،پاكپاكىز قىزكەنسىز، نىمىشقىمۇ بۇيولدا ماڭغانسىز؟
    - نىمىسىنى دەي سىزگە،كىچىك ۋقتىمدىلا دادام جىنايەت ئۆتكۈزۈپ تۈرمىگە كىرىپ كەتتى،ئانام بىزلەرنى ئېلىپ تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن يۇرتتىن چىقىپ بۇيەر(چوڭ يولبويى)دىكى بىر ئاشخانىنى ئاچتى.دەسلەپ بىر ئىككى كىيىنچە بەش-ئالتە قىزلارنى تېپىپ كىلىپ مىھمانلارغا ھەمرا قىلىپ بىرىپ پۇل تاپتى. ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ئوغۇرلىقچە كۆز سالدىم،كىيىنچە مەنمۇ سورۇنغا كىرىۋېلىپ چىققىلى ئۇنمايدىغان بولۇپ قالدىم.بىر كۈنى ئانام يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كىلىشكەن بىر يىگىتكە بىر كېچە ھەمرا بولۇپ قالدىم،شۇندىن كىيىن بۇ كوچىدا...
    - سىزئۆزىڭىزنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىقىڭىزنى قاچان بىلدىڭىز؟
    - ئالدىنىقى يىلىغۇ دەيمەن،سالامەتلىكىم تازا ياخشى بولۇپ كېتەلمەي،تەكشۈرىتسەم،چوڭراق دوختۇرخانىدا تەكشۈرتىڭ دېدى،ئۈرۈمچىگە چىقىپ تەكشۈرىتسەم...
    - ئۇنداقتا سىز،بىلىپ تۇرۇپ يەنە باشقىلارنىمۇ بۇ نىجىس قوينىغا سۆرەپ كىردىڭىزمۇ؟
    - مەندە نېمە ئامال؟ تىرىكچىلىك قىلمىسام بولمايدۇ-دە؟
    - بۇ ئۆتەڭدە كۈندە نەچچە مىھمان كۈتىسىز؟
    - بەزى كۈنلىرى يوق،بەزىدە تۆت- بەش مىھمان كۈتىمەن.
    - ئۇنداقتا سىز مۇداپىيەلىنىش ئەسۋاپلىرى ئىشلىتەمسىز يا...
    - باشتا قاپچۇق ئىشلىتەتتىم،لېكىن ئەرلەر <پەلەي كىيىۋېلىپ پولو يىگەندەك بىر ئىشكەن>دەپ ياقتۇرمىغاچقا ھازىر ئۇنىمۇ ئىشلەتمىدىم...»
    مانا قاراڭ ئۆتەڭلىرىمىزنىڭ ئەھۋالى.قىزلىرىمىز ۋە «قولى بىلەنلا پولو يەيدىغان ئەرلىرىمىز»نىڭ ھالى.
    «... - سىز نىمە ئىش قلىسىز؟
    - مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىمەن.
    - نەچچە ياشقا كىردىڭىز؟
    - 35 ياشقا.
    - توي قىلغانمۇ؟
    - شۇنداق ،ئايالىم ۋە چىرايلىق بىر قىزىم بار.
    - سىز بۇ مەينەت كېسەلگە قانداق گىرىپتار بولۇپ قالدىڭىز؟
    - شۇتاپتا،پۇشايمانغا قاچا يوق،ئايالىم ۋە قىزىمغا يۈز كېلەلمەيمەن.ئۇلارنىمۇ بۇنىجىسنىڭ قوينىغا سۆرەپ كىرگىنىمنى ئويلىسام بىر كىچىدىلا ئۆلۈۋالغۇم كېلىدۇ.بىراق ئامال يوقكەن. تويدىن بۇرۇن بىر نەچچە بۇرادەرلەرپات-پات شەھەرگە كىرىپ ئويۇن- تاماششا قىلىپ چىقاتتۇق.تويدىن كىيىن مەلۇم مەزگىل ئۇنداق يەرلەرگە ئاياق باسمىدىم.كىيىنچە باشقا بۇرادەرلىرىم بىر نەچچە قېتىم:< بۇ خوتۇنىدىن قورقىدۇ،ئەمدى بىز بىلەن بىللە بارالمايدۇ>دەپ زاڭلىق قىلىشتى،شۇنىڭ بىلەن خوتۇندىن قورىقمايدىغان، ھەقىقىي ئەركەكلىكىمنى بىلدۈرۈپ قوياي دەپ يەنە بىر نەچچە قېتىم ئۇلار بىلەن شەھەرگە كىرىپ چىقتىم.مانا ئەمدىلىكتە...»...



    مۇنداق بايانلار بىزنى ئىنسانىيەت، مىللەت،ئائىلە ئالدىدا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئويلىنىپ بېقىشقا،ھەر بىر قەدىمىمىزنى ئويلاپ بېسىشقا ئۈندەيدۇ.تۆۋەندە مەن ئۆزۈم بېشىمدىن كەچۈرگەن بىر ئىشنى كۆپچىلىككە ئېيتىپ بېرەي: بىر خىزمەتدېشىم بىلەن شەھەرگە كىرىشكە توغرا كەلدى.ھايال ئۆتمەيلا خىزمەتدېشىمنىڭ بىر-ئىككى يۇرتدېشى بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ قېلىپ،بىر سورۇندا مۇلاقەت بولۇش شەرىپىگە ئېرىشتۇق،پېقىر ئۇ ئىشتا چالا ساۋات بولغاچقا ئاستىنىقى قەۋەتتىكى تورخانىغا چۈشۈپ كەتتىم.لېكىن ھايال ئۆتمەستىنلا تېلىفۇن بىلەن چاقىرىلىپ ئۈستىگە ئېلىپ چىقىلدىم،سورۇن ئاللىقاچان قىزىرىپ رەڭلىشىپ بولغانئىدى،مەن ئىچىمدە تېلىفۇن دېگەن بۇ «دەللال»نىڭ كارامىتىگە«ئاپىرىن» ئېيىتقاچ بىر بۇلۇڭغا بېرىپ ئولتۇردۇم ۋە سورۇنىمىزغا رەڭ بەرگەن بوياق(قىزلار)غا نەزەرگە نەزەر سالدىم،بۇلارنىڭ چوڭلىرى20 ياش كىچىكلىرى16 ياش ئەتراپىدا بولۇپ ،ئالا-چىپار كىيىنىشلىرى يېشىغا ماس كەلمىگەندەكلا قىلاتتى.ساھىپخانلىرىمىزنىڭ نىيەت- ئىقپاللىرىغا قارىغاندا بىزنى ئۇشبۇ «بوياق»لار بىلەن كەچلىتىپ قالغۇدەك بىز ماقۇللۇق بىلدۈرسەكلا بىر تېلىفۇن بىلەن بىزلەرگىمۇ«بوياق»تەييار قىلارمىش،بۇ بىزنىڭ ھۆرمىتىمىز ۋە ئىززىتىمىزمىش.مەن دەرھال سىرىتقا چىقىپ كەتتىم،ئارقامدىن خىزمەتدېشىممۇ چىقتى،بىز بۇ ھۆرمىتىمىز ۋە ئىززىتىمىزدىن قانداق قىلىپ يۈز ئۆرۈش مەقسىتىدە كىلىشىۋالغاندىن كىيىن ،ئول ياخشى نىيەتلىك ساھىپخانلارغا ئۆزرە ئېيتىپ،دەرھال يېقىن ئەتراپتىكى بىر مىھمانخانىغا كىرىپ كەتتۇق. كىم بىلسۇن بۇ مىھمان سارىيىمىز-يۇقۇردا تىلغا ئالغاندەك «سەتەڭلەر»نىڭ قورشاۋىدا قالغان ئورۇنكەن.ياتاققا كىرىپ ئۇھ ! دەپ تۇرۇشىمىزغىلا ئىشىك ئېچىلىپ ناتۇنۇش سەتەڭلەر كىرىپ كىلىشتى.بىز قىلچىمۇ ئىپادە بىلدۈرمىگەندىن كىيىن ئۇلار ئاستاغىنە چىقىپ كىتىشىتى لېكىن ئىش بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمىدى،ھايال ئۆتمەي يەنە باشقىسى كىرىپ كىلىشتى. پەمىمچە بۇلار بىزنى باشتىكى «سەتەڭلەر»نى ياقتۇرمىدى دەپ قالدى بولغاي،تېخىمۇ نايناقشىپ غىلجىڭلىغىلى تۇردى. خىزمەتدېشىم پات- پات ماڭا قاراپ قوياتتى.مەن بۇ نىجىسلار يەنە نىمە ئىشلارنى قىلار ؟ دېگەندەك ئەھۋاللارنى ئىگىلەش مەقسىتىدە جىم تۇرۋېلىش پوزىتسىيسىنى قوللاندىم. دەرۋەقە بۇ«يېڭى ماڭقۇرۇت»مەينەتلەرنۆۋەت بىلەن كىرىپ- چىقىپ يۈرۈپ مەقسىتىگە يېتەلمىگەندىن كىيىن ئاخرى بىزگە«تولۇق ئەر ئەمەسكەن، ھېجىقىزئوخشايدۇ،بىرنىمىسى مىدىرلىمايدىكەن، ئىككىسى بىر-بىرى بىلەن قوڭ بەردى ئوينىشىدىغان چېغى...»دېگەندەك ناملارنى ئاتا قىلىپ قويۇپ ئاچچىقى بىلەن چىقىپ كىتىشتى.شۇقېتملىق رەسۋاچىلىق ۋە «ئىززەتلىنىپ- ھۆرمەتلىنىش» تىن ئامان قالغىنىم ئۈچۈن پات-پات ئۆز-ئۆزۈمگە شۇكۇرى ئېيتىمەن.ئارىمىزدا تېخى شۇنداق رەسۋاچىلق ۋە ئىززەت- ھۆرمەتلەرگە يولۇقۇپ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئەرلىكىنى كۆرسىتىپ قويغان بەزى بۇرادەرلىرىمىز، خىزمەتداشلىرىمىز، ئاتىمىز سىياقىدا تۇرۇپمۇ بۇ يولدىن يانمىغان ئەركەكلىرىمىز نىڭ بۇ ھەقتىكى چىڭقىلىپ سۆزلەشلىرى پات- پات قۇلىقىمىزغا كىرىپ قالىدۇ.مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدا قەشقەر شەھرىنىڭ توڭلىتىش ئىسكىلاتى بويىدىكى بىر مىھمانسارايدا مۇنداق بىر ئىش يۈزبەردى:«قەشقەرپىداگوگىكا ئىنىستىتوتى»نىڭ بىر قىز ئوقۇغۇچىسى ،مەلۇم بىر دەللال خوجايىننىڭ تېپىشتۇرىشى بىلەن بىر پۇلدار(ئويغۇر)غوجامغابىر ئاخشاملىقنى خېلى نۇرغۇن پۇلغا كىلىشكەن،بۇ غوجام پۇلنىڭ يېرىمىنى باشتا بەرگەن،قالغىنىنى ئەتىسى سەھەردە بىرىشكە كىلىشكەن،ئىپلاسلىق ئاياقلىشىپ ئەتىسى سەھەردە غوجام ئۇ پۇلىنى بىرىشكە چىدىمىغان،نەتىجىدە غوجام بىلەن خېنىم ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش پەيدا بولۇپ،جېدەل چىڭقىغا چىقىپ، سىرىتلارغىچە سۆرىشىپ چىقىشىپ،سەتچىلىكى ئەل-جامائەتكە ئاشكارلانغان. (خىزمەتدىشىمنىڭ ئۆيى شۇ مىھمانسارايغا خوشنابولغاچقا،ئۇ بۇ ئەھۋاللارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنكەن).



    يېڭى ماڭقۇرۇتلارنىڭ يېڭىچە ھوجۇمى



      ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ يىلى ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯩﺴﯩﻠﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺧﺎﯕﺠﯘ ،ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭼﻮﯓ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ يىڭنىنى كۆتۈرىۋېلىپ ، ﻳﯩﯖﻨﯩﻨﻰ ﺋﺎﯞﺍﻝﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩپﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺋﺎﯞﺍﺭﯨﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮىشتى. ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ، ﺗﯩﻴﻪﻧﺠﯩﻦ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺳﺎﻧﭽﯩﻠﻐﺎﻥﻳﯩﯖﻨﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﯨﺘﺘﺎ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﮬﯜﻛﯜﻡ چىقىر ىلىپ ﺋﺎمما ﺋﺎﺭﺍﻥ ﺗﯧﻨﯩﭽﻼﻧﺪﯗﺭىلغان، ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺳﯩﺮﯨﺘﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ .... ﺑﯘ قېتىمقىسىدا ﻳﯩﯖﻨﻪ - ﺑﯩﻤﺎﺭﻏﺎ ﺳﺎﻧﭽﯩﻠﯩﭙﻼ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﺳﺎﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺳﺎﻧﭽﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭺ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻥ. يېقىندىن بېرى بۇنداق ئەھۋاللار رايۇنىمىزغىمۇ يىتىپ كىلىپ بىزنى تەمتىرىتىپ قويدى. مەركىزى شەھرىمىزدىن باشلاپ ئىلى ۋە باشقا دىيارلىرىمىزدا تورخانىلارنىڭ يۇمشاق ئورۇندۇقلىرىغا شىپىرىس بىلەن يىڭنىنى تىك يۇشۇرۇپ قويۇپ ،ئولتۇرغان كىشىگە سانچىلىش خەۋپى ئېلىپ كىلىش،كوچىلاردىلا ئىشپىرسنى كوتۈرۋېلىپ«مەن ئەيدىز،پۇل چىقارمىساڭ ساڭىمۇ يۇقتۇرۇپ قويىمەن»دەپ شەكلى ئۆزگەرگەن بۇلاڭچىلىق قىلىش،ئاممىۋى سورۇنلاردىكى بىرقىسىم ئىستىمال بويۇملىرىغا ئۆزىنىڭ قېنىنى قوشۇپ قويۇش...قا ئوخشاش غالجىرانە قىلمىشلىرىدىن بىز «ئا Q» نىڭ «سۆيۈملىك سىماسى»نى كۆرگەندەك بولىمىز.بۇ سىما بىر تەرەپتىن بىزلەرنى قورقۇنچقا سالسا،يەنەبىرتەرەپتىن نىسبەتەن كۈچلىك غەزەپ – نەپرىتىمىزنى قوزغايدۇ.بۇنىڭغا مېسال سۈپىتىدەيېقىندا ئېنتېرىنتتا كەڭرى ئېلان قىلىنغان غۇلجىدىكى بىر ئاشخانىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى ئەسلەپ ئۆتسەك كۇپايە بولار:



    «...ﻣﻪﻟﯘﻡﺑﯩﺮ ﺗﯩﺰ ﺗﺎﻣﺎﻗﺨﺎﻧﯩﺪﺍ تۆت نەپەرئۇﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ئۇﺳﺘﻪﻝ ئۇﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﺮﻛﻪ ﻫﻪﻡ ﻻﺯﯨﻐﺎ ئۇﺯﯨﻨﯩﯔﻗﻮﻟﯩﻨﻰﺗﯩﺸﯩﭗﻗﯩﻨﯩﻨﻰئېقىتىۋاتقاندا ئۇﻻﺭ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ خېرىدار تەرىپىدىن ﺳﯩﺰﯨﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻫﻪﻡساقچىخانىغا ﯻﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﺳﻮﺭﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﺍ ، ئۇﻻ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﮕﻪﻥ:< ﺑﯩﺰدە ئەيدىزبار،بىز ﺑﯘﻛﯩﺴﻪﻟﻨﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﯘقتۇرغان ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﭘﻘﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕﺳﻪﯞﻩﭘﭽﻰ ،ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩز ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯩﺮﻩك>».


    ﺑﯘﻣﯘ ﺋﻪﻻﻻﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺋﯩﻜﻪﻥ،قاراڭ بۇ ماڭقۇرۇتلارنىڭ ئەقلىگە ئۇلارمۇ تەرەققىي قىلىۋېتىپتۇ.نۆۋەتتە بۇلار بىلەن تەڭ قاتاردا تۇرۇپ - مېڭىپ ئۆزىگە، ئائىلىسىگە،جەميەتكە ،ئىنسانىيەتكە كۆتۈرۈپ بولغۇسىز ئېغىرچىلىقلارنى، ئاھانەت ئېلىپ كىلىشىۋاتقانلار ئىچىدە ياشلارمۇ،ئاتا سۈپەت ئاكا سۈپەت ئەرلىرىمىزمۇ،ئانا سۈپەت،ئاچا سىياق ئايالىىرىمىزمۇ، گۈزەللىكىدىن رىۋايەتلەردىكى پەرىلەرنىمۇ تاڭ قالدۇرغۇدەك ھالەتتىكى قىزلىرىمىزمۇ قەدەمدە بىر كۆزگە چېلىقىدۇ.بۇ ھەقتە ئېنتىرنىتتا بىر ياشانغان كىشىنىڭ چاچ ياساش ئورنىغا كىرىپ يىگەن دورىسى رىئاكسىيە قىلىپ زىنائۈستىدە ھاياتىدىن ئايرىلىپ،ئۇرۇق-تۇققان،ئەھلى- مەھەلىلىرىگە ئېلىپ كەلگەن نۇرغۇن ئاھانەتلىرى ۋە سېسىق ئۆلۈمى ئېلان قىلىندى.بۇ يازمىنىڭ ئاپتۇرى ئاخىرىدا بۇ ساتراچخانا(ئۇچۇق پاھىشەخانا)نىڭ ھېلىھەممۇ خاتىرىجەم تىجارىتىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى،ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ بۇ خىلدىكى ئەھۋاللار بىلەن قىلچىمۇ كارى بولمايۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ،ئازاب بىلەن ئېغىر تىندى. ئۇشبۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقاندا ياش ئالىم –ئۈمۈدلىك دوكتۇرلىرىمىزدىن ئەسئەت سۇلايماننىڭ ياۋرۇپادىكى تەتقىقات خىزمەتلىرى جەريانىدا روياپقا چىققان قىممەتلىك ئەمگەك مىۋىسى جۈملىسىدىن بولغان «ئۆزلىك ۋە كىملىك »ناملىق ئەسىرىدىكى بىر قىسىم تەپسىلاتلار تەپەككۇرىمنى زەرەتلەپ بوغۇزۇمغا ئاچچىق بىر نەرسىنىڭ قاپسىلۋېلىشىغا سەۋەپ بولدى.پېقىر بۇ يازمامدا ئوقۇرمەنلەربىلەن ئۇل تەسۋىرلەر خۇسۇسىدا كىچىككىنە ۋاقىت ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆردۈم .


     ئالىمىمىز كىتابىنىڭ 13- باب «گېرمانىيدە كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىم»تېمىسى ئاستىدا نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ئۇچۇر ۋە مۇھاكىمە نوقتىلىرىنى خېلى ئەتراپلىق يۇسۇندا بىزلەرگە تاپشۇرغان.ئەنە شۇ مۇھاكىمە نوقتىلىرى ھەم ئۇچۇرلىرىنىڭ ئارىسىدا بىز ئۇشبۇ يازمىدا قەيىت قىلىۋاتقان بىر قىسىم ئەھۋاللارغا تەڭداش بولغان بىر ۋەقە توغرىسىدا:ئاپتۇر بېرلىندا ئوقۇۋاتقان دىلمۇراد ئىسمىلىك بىر بالىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان مۇنداق بىر ئىشنى بايان قىلغان.دىلمۇراد پويىزدا كىتىۋاتقاندا چىرايلىق ئىككى نەپەر ئويغۇر قىزنى ئۇچرىتىدۇ،ئۇلار دىلمۇرادنى ئويغۇر دەپ ئويلىمىغاچقا ئۆزلىرىنىڭ بۇ يەرلەردە قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىنىڭ جۈملىسىدىن بولغان «ئىپپەت سودىسى»جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلىرى ھەققىدە ھاياسىزلارچە پاراڭ سېلىشىدۇ،شۇئارىدا دىلمۇرادقا تېلىفۇن كىلىپ قالىدۇ،ئۇنىڭ ئويغۇرلىقنى بىلگەن بۇ قىزلار«كەلگۈسىمىزنىڭ ئانىلىرى» خىجلىلىقتىن(بەلكىم ساختا خىجىل بولغاندۇ)گاڭگىراپ قېلىشىدۇ ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ئامالسىزلىقتىن بۇ يولغا كىرىپ قېلىشقانلىرىنى ،ئالدى بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردە يۈرۈپ ئاخرىدا ياۋرۇپاغا كىلىپ قالغانلىقلىرىنى،بۇنىدىن كىيىن ياردەم لازىم بولسا ئۆزلىرىنى ئىزدەش لازىملىقىنى ئېيتىپ خوشلىشىدۇ...مانا بۇ ئەھۋاللار پېقىرىنى بىر نەچچە كۈنگىچەئارامىمدا قويماي ئىزتىرىپلىق خىياللار قوينىغا غەرىق قىلغانئىدى.ئەنە شۇ «كەلگۈسىمىزنىڭ ئانىلىرى» كىيىن قانداق قىلار؟پۈرسەت ۋە پۇل تاپسا بەلكىم قايتىپ كېلەر.دىلمۇراد ۋە ئەسئەت سۇلايماندەك ئوت يۈرەك ئوغلانلىرىمىز چەتئەلگە چىقىپ ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن مىڭبىر مۇشەققەتلەردە ئىلم تەھسىل قىلىپ ،ئەجداتلىرىمىزنىڭ قەدەم ئىزلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ ،ئاچ – توق ھالەتلەردە مۇساپىرەتنىڭ ئاچچىق دەشتلىرىدە سەرسان بولۇپ، نۇرغۇن مەنىۋى بايلىقلارنى ، بىلم سەمەرىلىرىنى ئېلىپ قايتىدۇ.بىراق بۇ قىزلىرىمىزچۇ؟ ئۇلار بىز ئۈچۈن نىملەرنى ئېلىپ قايتىدۇ... «بىر قىزىمىزنى يامان يولغا چىقىرىپ قويۇشنىڭ ئۆزى - كەلگۈسىمىزگە قەرەللىك بومبا قويغىنىمىز بىلەن باراۋەردۇر »(رەھمانجان رەھمىتۇللا.شىنجاڭ مەدەنىيتى2005-يىلى5-سان55-بەت)لىياڭ چىچاۋ :«ياشلار بىلىملىك بولسا دۆلەت ئابرۇيلۇق بولىدۇ،ياشلار باي بولسا دۆلەت باي بولىدۇ.ياشلار كۈچلىك بولسا دۆلەت قۇدرەتلىك بولىدۇ... ياشلار جاسارەتلىك بولسا،ئاندىن دۆلەت يەر شارىدا قەد كوتۇرۇپ تۇرىدۇ»دېگەن. بۇ سۆز ئوقۇغان ھەر بىر ئادەمنىڭ تا ھازىرغىچە قېننى ئورغۇتۇپ تۇرىدۇ،بىراق بىزنىڭ ياشلىرىمىز نەلەردە، نىمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرشىدۇ؟مەن ئەر دەپ مەيدىمىزگە مۇشتىلاپ يۇرسەكلا ھېسابمۇ؟ ئابدۇۋەھھاب جەلىل:« شىئېر يازغانلارنىڭ ھەممىسى شائېر ئەمەس ، سۇدا ئاققانلارنى ھەممىسى تاھىر ئەمەس» (شىنجاڭ مەدەنىيتى 2007-يىلى1 -سان24-بەت)دەپ ئەسكەرتىش بەردى.بۇ بەرھەق.


    يېقىندىن بېرى يامراپ كىتىۋاتقان بۇنداق ئىللەت ۋە ھادىسىلەرگەقارىتا ئارىمىزدا بۇ خىلدىكى ھۆكۈم ۋە جار سېلىشلار كۆپىيىپ قالدى.بۇ قاتاردا مىللىتىمىزنىڭ «ئويغاق ئانلىرى»دىن بولغان زۆھرەگۈل ئابدۇۋايىت:« ئەرلەر ئەسلى مىللەتنىڭ ئاتىسى،بېشى ئىدى.ئۇلار مىللەتنىڭ باشقا ئەزالىرىغا ئۆلگە بولۇشى،توغرا يولغا باشلىشى،قوغدىشى كېرەك ئىدى.ئەمەلىيەتتە بولسا ئەشۇ باش بولۇۋاتقان ئەرلەر ئۆزلىرى قاۋاقخانا،قىمار خانا،پاھىشىخانلارغا قاتراپ يۈردى.بىر كۈنلىك خىزمىتىنى بار - يوقنىڭ ئورنىدا ئىشلەپ قويۇپ قالغان ۋاقتىنى رېستۇران - قاۋاقلاردا ھاراق،تۈگىمەس غەيۋەت-شىكايەت بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئەرلەر،ئۆزى بىجىرىم ئەقلى - ھوشى جايىدا تۇرۇپ خوتۇن بالىلىرىنى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ئۈچۈن باشقىلار ئالدىدا خار قىلىدىغان ئەرلەر،تۇل-خوتۇن ،يىتىم ئوغۇللارغا نىيتىنى بۇزماي تۇرۇپ ياردەم بەرمەيدىغان ئەرلەر،ئۆزى زەھەر چەككەننى ئاز دەپ كېسىلى،مەينىتى ئۆزى بىلەن تۈگىمىگەن،بىر پەرزەنتنىمۇ ساغلام- بېجىرىم ئاپىرىدە قىلالمىغان ئەرلەر،ئاپەت بولغان رايۇنلارغا ئىئانە توپلاشنىڭ گېپى بولسا غودۇڭشىيدىغان،رېستۇرانلاردىن چىقالماي بۇزۇپ- چېچىپ،ياز بولسا تاغقا چىقىرۋەتمىسە پىتلاپ كەتكىدەك سەمرىپ كىتىۋاتقان،بىر باك گازنى بىناغا كۆتۈرۈپ ئاچىقالمايدىغان ئەرلەر،ئۆمرىنى خوتۇن يەڭگۈشلەش،ئاشنا تۇتۇش بىلەن ئۆتكۈزىۋاتقان، قىز - ئاياللارنى ئۆزى سۆرەپ كوچىغا ئاچىقىپ قويۇپ،ئارقىسىدىن غەيۋەت قىلىپ يۈرىۋاتقان ئەرلەر، يەنە ئاشۇ بۇلاڭچىلاردەك ھارام كۈچى نىخسىپ كىتىۋاتسىمۇ ئىشلەپ جېنىنى ئەتمەي ئاجىزلارنى بوزەك قىلىپ،ئۆز قەۋمىنى بۇلاپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان نومۇسسىز لۈكچەك ئەرلەر... ھەممىسى ئەرلەر،ئەركەكلەر ئەمەس!..»دەپ خىتاب قىلدى. (شىنجاڭ مەدەنىيتى2006-يىلى 5- سان)ئەل – ئاۋام دىشۋارچىلىقتا يۈرسە ئۆز -ئۆزىنىڭ كۈيى ئۈچۈن مەسىت- ئەلەس ھالەتتە پايتىمىسىغا دەسسەپ ، ئۆزىمىزنى ۋە ئۆزىنى ئوڭشاشنىڭ ئورنىغا «قارا ئۇۋا»،«ئۆتەڭ سارايلار»، «پاھىشخانىلار» دا«دونداق»لارغا دۈم چۈشۈپ، بىھىساب پاجىئەلەرنىڭ پىلتىسىنى تارتىپ يۈرگەنلەرنى نىمە دەپ ئاتايمىز؟مەنچەبۇ پاجىئە ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارنىڭ مەنبەسىنى ئالدى بىلەن ئۆزىنى «ئەر ھەم شىر» ساناپ يۈرگەن بىز مىللەتنىڭ ئاتىلىرى ، يولباشچىلىرى ، قاپلانلىرى بولغان ئەركەكلەر ئۆزىمىزدىن ئىزدىشىمىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن تۇنجى رەۋىشتە ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ تۇتىشىمىز،ئىككىنىچى قەدەمدە ئايالىمىز، قىزىمىز،ئاچا- سىڭلىمىزغا دىققەت ئاغدۇرىشىمىز كېرەك. كىچىك چاغلىرىمدا بوۋام ئاكىلىرىمغا:«ئايالىنى يات ئەرلەردىن كۈنلىمەيدىغان،ئاچا - سىڭىللىرىغا ئىگە بولمىغان ئەركەك زاتى- قىيامەت كۈنى جىن چېپىلىپ قالغان ھالەتتە ئورنىدىن تۇرىدۇ»دەپ تەربىيە قىلاتتى، شۇ ۋاقىتلاردا گۆدەكلەرچە قىلغان نۇرغۇن خىياللىرىم ھېلىمۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ.بىر قېتىم ئاكام بوۋامدىن:«قىيامەت- قىيامەت دەيدىكەنسەن،ئۇ قاچان بولىدۇ؟»دەپ سورىغاندا،بوۋام ئاپئاق ساقىلىنى سىلاپ بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن:«ئادەملەر بىلىپ تۇرۇپ،ئۆز زاۋالنى ئىزدەيدىغان چاغدا»دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى.ئەمدىلكتە ئەتىراپىمىزدا زاھىر بولۇۋاتقان بىر قىسىم ئىشلارغا قاراپ تېنىمگە ئىختىيارسىز تىترەك ئولىشىدىغان بولۇپ قالدى. شۇ تاپتا ئەخمەت ئىمىن ئاكىنىڭ ئەسىرىدىكى مۇنۇ سۆزلەر قۇلاق تۈۋىمدەئەكىس سادا پەيدا قىلىپ مېنى ئاللىقانداق خىياللار قوينىغا مەجبۇرى سۆرەيىتتى:«كەل دۇنيا،كەل! ئىشرەت بەزمەمگە كەل!كەيىپنىڭ ھوزۇرىنى بىللە سۈرەيلى!مېڭىشلىرىڭ غالداڭ-غۇلدۇڭ،يېتىشلىرىڭ ئىرماش- چىرماش، ئاڭلاشلىرىڭ ئاھ-ۋاھ !ئەتىسى قوپساڭ يانچۇقلىرىڭ تەتۈر ئۆرۈلگەن،خوجايىننىڭ قاپىقى تۈرۈلگەن،«كىملىك»نى گۆرۈگە قويۇپ ،پۇل ئەپكىلىشكە ئۆيگە يۈگۈرگەن...كەل دۇنيا كەل!يۈرەكئالدى بولۇپ كىتىدىكەنمەن دەپ قورقىۋاتامسەن؟ئەمىسە يۈرەكنى قاپتەك قىلۋىتىدىغىنىدىن بىر چىمدىم سېلىپ بېرەي،ناسىۋال قاپاقنى قېقىپ بېرەمدىكىن دەپ قالما بىزمۇ زامانىۋىلىشىپ كەتتۇق،ئىچىشىمىزمۇ ئاق،چىكىشىمىزمۇ ئاق،كۆمۈش قەغەزگە ئاقنى قويۇۋېلىپ،سەرەڭگىگە ئوتنى يېقىۋېلىپ،يۈز سوملىقنى كاناي قىلىۋېلىپ ئاق يىلاندەك مەستخۇش تۈتۈننى ئەجدىھاردەك ھاپلا قىلىپ يۇتىمىز.ئاقنىڭ كەيپى نازنىن قىزدەك ۋۇجۇدىمىزنى قىلغاندا ئەسىر قولىمىز بوشاپ،پۇتىمىز بوشاپ شامدەك يۇمشاپ لايدەك ياتىمىز.بۇ جەھەتتە ياۋرۇپادىن ئۆتۈپ كەتسەك كىتىمىزكى كەينىدە قالمايمىز.ئاۋال ئىشلەپ تاپقان پۇلىمىزغا چىكىمىز،ئاندىن ئاتا-ئانىمىزنىڭ پۇلىغا چىكىمىز،كىيىن كۆزىمىزنى خەقنىڭ يانچۇقىغا تىكىمىز.ياكى ئالداپ ئالىمىز ياكى بۇلاپ ئالىمىز ياكى تىلەپ ئالىمىز ياكى چەيلەپ ئالىمىز،ئىش قىلىپ ئالىمىز،چېكىمىز.ئاق چىكىش ئۈچۈن بەزىدە خەقنىڭ بوينى باغلانغان ئىتىغا ئايلىنىمز«ئال كۇچۇكۇم!» دېسە ئاتا-ئانىمىزغىمۇ «ھاۋ!» دەپ ئېتىلىمىز.ئەشۇ ئاق ئۈچۈن - بەزىدە مادا ئىشەككىمۇ ئايلىنىمىز،ئىپپەت - نومۇستىن ،غورۇردىنمۇ بىراقلا ئايرىلىمىز.ئەشۇ ئاق ئۈچۈن- بەزىدە ئوقى بار مېشەككىمۇ ئايلىنىمىز،چاچىراپ چىقىپ گۇناھسىزنىڭ يۈرىكىگە سانچىلىمىز . ئەشۇ ئاق ئۈچۈن- ئوت بولۇپ يانىمىز، ئەشۇ ئاق ئۈچۈن- ئىس بولۇپ ئۇچىمىز،ئەشۇ ئاق ئۈچۈن -كۈل بولۇپ ئۆچىمىز.كەل دۇنيا،كەل! سەنمۇ چەك ئۇچايلى بىز بىللە سامادا ،مانا كەيىپ- مانا تاماششا...» بۇ قۇرلارغا ئەگىشىپلا نۇرمۇھەممەت ئۆمەر (ئۇچقۇن)نىڭ: « ساقال - بۇرۇت قويغانلارنىڭ ھەممىسىلا ئەر ئەمەس ئىدى؛بۇغداي تېرىپ زاغرا ناندا قورساق توقلايدىغانلارمۇ ئەر ئەمەس ئىدى.<ئېتىقاد>ۋە <توغرا يول> ھەققىدە سۆزلەپ قويۇپ.ئىچ- ئىچىدىن قۇرۇپ ئۆتكەنلەرنىڭ ھەممىسىنىلا ئەر دىيىشكە بولمايىتتى. ئۇلارنىڭ جاينامازدا ئىمانى،ئەل ئالدىدا ۋىجدانى،يۈرىكىدە پىغانى،سەپ ئالدىدا مەيدانى،تىغ ئالدىدا تەن-جېنى،تومۇرىدا دولقۇنلۇق قېنى،ھاياتىدا ئۆلۈم ھەم شان- شەرىپى نىسى ئىدى...» (شىنجاڭ مەدەنىيتى 2006- يىلى3-سان) دېگەن يالقۇنلۇق نىدالىرى تەپەككۇرمنى تورمۇزلاپ، خىياللار قوينىدىن ئېىلپ يەنە باشقىچە بىردۇنياغا ئاپىرىپ تاشلايدۇ.كۆز ئالدىمدا تۇمانلىق دۇنيا،ئاداشقان گەۋدە،ئۆلگىلىۋاتقان روھ،،ئاسىي ئۈممەت،يوقالغان ئىپپەت،سېتىلغان ۋىجدان،ئاداشقان نىشان،ئۇنتۇلغان كىملىك،ياتلاشقان ئۆزلىك، قولۇمدائەسئەت سۇلايماننىڭ ئەقىل مىۋىسى-«ئۆزلۈك ۋە كىملىك»...شۇتاپتا ياسىن مۇخپۇل ئاكىنىڭ مۇنۇ يازمىلىرى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلىماقتا:

    «سەن كىم،يولۇڭ قېنى،مەنزىلىڭ قايان؟ئەي ئەقلى دانىشلەر ئۇنىڭغا يول كۆرسىتىڭلار،ھىدايەت تاپسۇن!»...



    پايدىلىنىش مەنبەلىرى:

    1-شىنجاڭ ئەيدىزگە قارشى پىدائيلار تور بىتى(www.xrcaids.com)
    2-ئىزدىنىش توربىتى ( www.izdinix.com/ )
    3-ئىنتىل تور بىتى ( www.intil.cn/)
    4-دوختۇر توربىتى (www.dohtur.com/)
    5-تىبابەت تور بىتى ( www.tibabet.com/ )
    6-يۇرتۇم تور بىتى ( www.yurtum.cn/ )
    7-بىلىك توربىتى ( www.bilik.cn/ )
    8-«شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلى» بىر قىسىم سانلىرى.



    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.