ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-12-19

    ئۆزلۈك ئالىمىمىزدىكى تۇمانلار - [ماقالا ۋە ئوبزور]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/90520174.html

    ئابدۇغېنى ئابدۇكېرىم

      يىنىككىنە چىققان شامال بەزىدە بىزنى سەگىتىپ ھوزۇر بەخىش ئەتسە،بەزىدە بىر قىسىم ئەخلەت - چاۋارلارنى ئۇچۇرتۇپ ئەكىلىپ ئەتراپىمىزغا تاشلايدۇ، مانا بۇنى شەيئىلەرنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىدا ئىپادىلىنىدىغان ئىجابىي ۋە سەلبىيلىك ئامىلى دېسەك ئارتۇق كەتمەس. قۇتلۇق قەدىمى بىلەن بىزگە نىسىپ بولۇۋاتقان تەرەققىيات ۋە يۈكسىلىش ئىزنالىرى بىر تەرپتىن بىزنى ماددىي جەھەتتىكى نامراتلىقنىڭ پاتقىقىدىن تارتىپ چىقىرىشقاھەركەت قىلىۋاتقان،يەنە بىر تەرەپتىن ئادىمىيلىك ۋە خاسلىق ئالىمىمىزنىڭ رەڭدار چىراقلىرى سۇسلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كۆز ئالدىمىزدا يۈز بىرىۋاتقان بىر قىسىم ئاچچىق پاجىئەلەرتەپەككۇر سەينالىرىمىزنى سىلكىتىپ،بىزنى ئىزتىراپلىق خىياللار قوينىغا غەرىق قىلىۋاتدۇ.مانا بۇ خىياللار ئىلكىدە ئۆزلىك ئالىمىمىزگە نەزەر سالىدىغان بولساق 90-يىللارنىڭ باشلىرىدا «قورسىقى توق،كىيىمى پۈتۈن بولۇش مەسىلىسى»ئەمدىلا ھەل بولۇپ چىرايىمىزغا ئاز-تولا قان يۈگۈشۈپ قالغان بىز خەقنىڭ ئۈستىدە قانلىق قىلىچىنى ئوينۇتۇپ شىددەت بىلەن چېپ كىلىۋاتقان«ئاق ئالۋاستى»نىڭ غالىبانە يۈرۈشلىرى كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ.


       مىللەت گەۋدىسىنى چىرىتىپ،قوۋۇرغۇسىنى ئىگىپ بىزلەرگە تالاي تالاپەتلەرنى تارتۇق قىلغان بۇ يۈرۈش ئۆز مەنزىلىدەيەنە بىزلەرنى نۇرغۇنلىغان«سادىر پەھلىۋان،غېنى باتۇر، ئاماننىسا، نوزۇگۇم...» سۈپەت ئوغۇل-قىزلىرىمىزدىن،ئاتا-ئانىلارنى پەرزەنتلىرىدىن، پەرزەنتلەرنى ئاتا-ئانىسىدىن مەھرۇم قىلدى.ئەل قەلبىنى تىتىرەتكەن تالانت(تەسرەك ئاتىدىم)لىق ناخشىچىمىز مەرھۇم ،ئەخمەتجان مەمىتىمىنمۇ مانا شۇ يۈرۈشنىڭ قۇربانى سۈپىتىدە ئارىمىزدىن كەتتى...بۇنداق پاجىئەلەرنى بىر –بىرى بىلەن ساناش كىشىدە چىۋىن يەۋالغاندەك تۇيغۇ ھاسىل قىلىدۇ. نادانلىق ۋە نامراتلىقنىڭ دالىرىدا ئۇزاق ۋاقىت سەيياھلىق قىلغان بىز خەق ئۈچۈن ئارتۇقچە ھەشەمگە خېلى كۆپ ۋاقىت كېرەك ئىدى.ئوسمانجان ساۋۇت ئاكىمىز:«ساپلىقنىڭ ئۈنىگە ئىنتىزار دىلدا،نە قىلسۇن مىڭ ئۆينىڭ رەڭدار نەقىشى» دەپ يازغىنىدەك، تىرىكچىلىكنىڭ قاينىمىدا تەمتىرەپ يۈرگەنلىرىمىز ئۈچۈن بۇنداق بەدەل تۆلەش - كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز دەرىجىدىكى ئاھانەت ۋە ئېغىر ئازاپ ئىدى.مانا شۇنداق ئازاپ -ئاھانەتلەر ۋە مىللى خاسلىقىمىزدىكى تۇتۇقلۇقلار ، تەپەككۇرىمىزدىكى دەلدۈشلىكلەر نۆۋەتتە مىللەت گەۋدىسىنى سۆرەپ مېڭىۋاتقان پاراۋۇزنىڭ ماتۇرنى يېقىلغۇدىن قىسىپ، ئۆزلۈك ئالىمىمىزنى توپا- چاڭ،ئىس-تۈتەكلەر بىلەن تولدۇرماقتا.


    ئەيدىز بوسۇغىمىزدا


      يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى «ئاق ئالۋاستى» دېگەن بۇ نىجىسنىڭ رەزىل تاپىن ئاستىدىن ئاجىز گەۋدىمىزنى ئاز-تولا ئاجرىتىپ ئۇھ! دېمەستىنلا«ئەيدىز»دېگەن بۇ رەزگىنىڭ قانلىق يۈرۈشى ۋە تالان- تاراجى جېنىمىزنى ئېلىپ يېنىمىزدا قويغىلىۋاتىدۇ.ئىلگىرى «ئاق ئالۋاستى» دېگەن ئۇ نىجىسنىڭ نەزىرىگە داخىل بولۇش ئۈچۈن ئاز-تولا «مال-دۇنيا»رىمىز ياكى سودا سېتىق بىلەن ھاللىنىپ ئۆزىمىزنى بىلەلمىگىنىمىز سەۋەپ بولغان بولسا ئەمدى ، بۇ رەزگىنىڭ نەزىرىگە يولۇقۇش ئۈچۈن،كۈنسىرى چىلىلىشىپ ، ۋۇجۇدىمىزدا خوراش بەدىلىگە ئۆزىلەي دەپ قالغان «ئىنسانىي ۋىجدان ۋە كىشىلىك شەرمى – ھايا»نى دەسمىي سالساقلا كۇپايە بولىۋاتىدۇ.نۆۋەتتە بۇ مەرەزنىڭ قولىغا چۈشكەنلىرىمىزنىڭ جىسمانىيتى بىلەن ئادىمىيلىكى تەڭلايوقۇلۇپ،ئۆزىنىڭ پوقىنى ئېرىغداش بىلەن بولماسىتىن باشقىلىرىمىزنىمۇ بۇ پاجىئە قوينىغا سۆرەپ كىرىشكە ئۇرىنىشى- باشقىلارنىڭمۇ ھەم بۇ توپقا ئۆز ئايىقى،ئۆز ئىنتىلىشى بىلەن كىرىپ كىلىش جەريانى بۇ پاجىئەلەرنى ئىنسانىيەت تارىخدىكى ھەر قانداق پاجىئەلەر بابىدا ئالدىنقى ئۇرۇننى ئېلىشقا مۇيەسسەر قىلىدۇ. رايۇنىمىزدا ئەيدىز بايقالغان 95- يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان ئون نەچچە يىللىق ‏مۇساپىگە قارايدىغان بولساق،ئۇنىڭ كىڭىيىش سۈرئىتى ۋە يۇقۇم نىسبىتى ئادەمنى چۈچىتىدۇ.بۇ چۈچۈش ئۆز نۆۋىتىدە بىزنى ئاق ئەجدەرھانىڭ ئۇۋىسىغا ئات سېلىۋاتقانلار،ئىپلاس تېنىگە مىللەت ئەل – ۋەتەننىڭ ئۈمۈدى – غورۇرى،ۋىجىدانىنى قوشۇپ سېتىۋاتقان «ئىپپەت سودىگەرلىرى»ۋە ئەرلىكنىڭ پايانسىز دالىلىرىدا سەيىرلەپ ئادىمىيلىكىنى سېتىش بەدىلىگە«تۈۋى يوق غار»غا تاش ئېتىۋاتقان نائەھلى- ناجىنىس ، نانقېپىلارغا نەپرەت نەزىرىمىز بىلەن قاراشقا مەجبۇر قىلىدۇ.نۆۋەتتە رايۇنىمىزدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى مەمىلىكىتىمىز بويچە ئالدىنىقى قاتاردا تۇرىدىكەن.بۇ سىتاستىكا ئەمەلىيەتتە مەسئۇل تارماقلارنىڭ تەكشۈرپ بايقىغان سىتاتا مەنبەلىرىنى ئاساس قىلىدۇ.تېخى بايقالمىغان ۋە ئۆزىنى ئۇنتۇپ بۇ مەرەز بىلەن ئوينىشىۋاتقانلارنىڭ سانىنى ياراتقۇچى ئۆزى بىلىدۇ.بىراق رېئاللىق رەھىمسىز،دۇنيادا ئاشكارلانمايدىغان ئىش يوق،بۇنىڭدا ئاغرىقىنى يۇشۇرساق ئۆلۈمى ئاشكارىلايدۇ.مەرھۇم يازغۇچىمىز مۇختار قادىر(ھونزادە) نىڭ «يانفۇن ۋە ئەيدىز» نامىلىق ئەسىرىدىكى بىر قىسىم تەپسىلاتلار بۇ ھەقتە بىزنى سەگەكلىك بىلەن ئادىمىيلىكىمىزنى بىلىپ ياشاشقا ئۈندىسە،نۆۋەتتە ئېنتىرنېت ۋە باشقا بىر قىسىم ماتىرىياللاردا تەسۋىر لىنىۋاتقان،ئەتراپىمىزدايۈز بىرىپ سىز - بىزنى ياقا چىشلەشكە مەجبۇر قىلىۋاتقان ئىش- ۋەقەلەر بىزنى«ئىششىكىمىزنى مەھكەم تۇتۇپ،ئۆيىمىزگە ھېزى بولۇش»قا ئۈندەيدۇ.

    ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى


      ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﺍ،ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺗﻪھﺪﯨﺖ ﺳﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﺋﯚﻟﯜﺵﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰﻳﯘﻗﯩﺮﻯ، ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺩﻭﺭﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ. ﺋﯘ،1981-ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ 240 ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﺭﺍﻳﻮﻧﻐﺎﺗﺎﺭﻗﺎﻟﺪﻯ،ھازىرغىچە ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨز يۇقۇملانغانلارنىڭ ﺳﺎﻧﻰ 60 ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻐﺎ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ 22 ﻣﯩﻠﻴۇﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﻟدى.ئۇ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﻩ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻳﺎﻛﻰ يېمەكلىكلەرنىڭ ناچارلىشىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەل ئەﻣﻪﺱ ھﻪﻡ ﺋﺎﺳﺎﻧﻠﯩﻘﭽﻪ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﯩﻤﯘ ﻳﯘﻗﯘپﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻗﺎﻥﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ھﻪﻡ ﺋﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﻳﯘﻗﯘﺵ قاتارلىق ئۈچ خىل يول ئارقىلىق يۇقىدۇ.



      نۆﯞﻩﺗﺘﻪ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﯞﯨﺮﯗﺳﻰﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ٪60ﺗﻰ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ يولﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ يۇﻗﯘﻣلانغانﺑﻮﻟﯘپ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ جىنسى ﻳﻮﻝ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ﺳﺎﻧﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ- ﻳﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﺷﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺯﻩھﻪﺭﻧﻰﺗﻮمۇرﺩﯨﻦ ﺋﻮﻛﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗﺋﯘﺭﯗﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﯞﯨﺮﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﯩﺪﺍ « ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎﺷﻴﻮﻝ « ﻟﯘﻕ رولىنى ﺋﻮﻳﻨﺎﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﯩﺒﺒﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺪﺍ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ «ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻦ تاشقىرى ﺭﺍﻙ» ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﻤﯘﻧﺖ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ بۇزغۇنچىلىققا ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﭗ،ﻫھﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ قارشى تۇرالمايدىغان ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﻟﯜﻣﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ.تۆۋەندىكى سانلىق مەلۇماتلار 2002-يىلدىن بۇيان ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن قىسقارتىلىپ ئېلىنغان بولۇپ، بىز بۇ سانلىق مەلۇماتلاردىن AIDS مەسىلىنىڭ سەل قارىغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.مەسىلەن قاراپ باقايلى:



      2002-يىلى 9-ئايغىچە، شىنجاڭدىكى AIDS كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكتىكى سانى 6833 گە يىتىپ، جۇڭگودىكى يۇقۇملانغانلار ئومۇمى سانىنىڭ % 20 ئىگىلەپ، يۈننەندىن قالسا 2-ئورۇندا تۇردى. (جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 2002-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىگە قاراڭ) .2003-يىلىنىڭ ئاخىرغىچە، شىنجاڭدىكى AIDS كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكتىكى سانى 8150 كە يېتىپ، يەنىلا 2- ئورۇندا تۇرۇش«سالاھىيىتى»نى ساقلىدى. (جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 2004-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىگە قاراڭ).2004-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى AIDS كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكتىكى سانى 9346 گە يىتىپ، AIDS كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى دۆلىتىمىز بويىچە ئەڭ ئېغىر بولغان رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. (شىنجاڭ خەۋەر تور بىتىنىڭ 2004-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ گېزىتىدىن ئالغان خەۋىرىگە قاراڭ). 2005-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى AIDS كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكتىكى سانى 11303 گە، مۆلچەردىكى سان 60000 گە يىتىپ، AIDS كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى كىشىنى چۆچۈتكىدەك ھالەتكە يەتتى. (شىنجاڭ خەۋەر تور بىتىنىڭ 2005-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قاراڭ). 2006-ﻳﯩﻠﻰ 3-ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ئەيدىزﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 14235 ﻧﻪﭘﻪﺭگە ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﻰ 91 ﻧﻪﭘﻪﺭگە يىتىپﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ 15 ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ، ﺋﻮﺑﻼﺳﺖ ،ﺷﻪﻫﻪﺭﻧﯩﯔ 82ﻧﺎﻫﯩﻴﻪ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻐﺎ تەكشى تارقىلىشتەك جىددىي ۋەزىيەت شەكىللەندى. مۇتەخخەسىسسلەرنىڭ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻟﯩﺸﯩﭽﻪ، رايۇنىمىزدا ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ60000ﺩﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪىكەن.



      ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻳﯘﻗﯘﺵ ﻳﻮﻟﻰ ﺷﭙﯩﺮﯨﺴﻨﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺯﻩھﻪﺭﻟﯩﻚ ﭼﯧﻜﯩﻤﻠﯩﻚ ﭼﯧﻜﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، بۇ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ %84.2 ﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ .يېقىندىن بېرى ﺟﯩﻨﺴﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﯞﻩ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺋﯚﺭﻟﻪپ، ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ-ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ھﺎﻟﺪﺍ %11.03 ﯞﻩ % 19.25 لىك «ئۆتكەل»گە يەتتى. بۇ ئۆتكەلگە كەلگەنلەر ئىچىدەﺋﺎﻳﺎﻝ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺷﯩﺪﺩﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺭلەپ ، ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺳﺎﻧﻨﯩﯔ %17.1 ﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪشتەك «رېكورىت» يارتىلدى. 2005- ﻳﯩﻠﻰ 7-ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ،ﻫﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ يۇقۇملانغۇچىلار ﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 272 ﮔﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ، بۇيىلدا ﺋﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ 15 ﻧﻪﭘﻪﺭ. 2006-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولغان يېقىنقى توققۇز ئاي ئىچىدە پۈتۈن شىنجاڭدا 4732 كىشى يېڭىدىن ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى (HIV) بىلەن يۇقۇملانغان، يەنى شىنجاڭدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى 17 ئادەم ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى (HIV) بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ تىزىملىكتىكى ئومۇمى سانى 16035 گە يەتكەن. ئىلى رايونىدا بولسا ھەر 100 ئايالنىڭ ئىچىدە بىرى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى (HIV) بىلەن يۇقۇملاندى. (شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ 2006-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قاراڭ).«شىنجاڭ گېزىتى » نىڭ 2007-يىلى 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، پەقەت ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدىلا ئۈرۈمچى شەھىرىدە AIDS ۋىرۇسى بىلەن يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 2051 يەتكەن. ھازىر ئۈرۈمچى شەھرى بويىچە AIDS ۋىرۇسنى يۇقتۇرۇۋالغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 6936 نەپەر بولۇپ، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدا رەسمىي ئەنگە ئېلىنغان AIDS ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 17 مىڭ 209 گە يەتتى.



      ئۇيغۇرلار ئىچىدە تۇنجى ئەيدىز كىسىلى 93 - يىلى شېنجىن شەھىرىگە كۇتكۈچى بولۇپ چىققان ئۈرۈمچىلىك بىر ئۇيغۇر قىزىدىن بايقالغان. 80 -يىللارنىڭ ئاخىرى ۋە 90 - يىللارنىڭ بىشىدىن باشلاپ ئىچكىردىن كىرگەن بىر تۇركۇم ئالدامچىلار مەخپى ۋە ئاشكارا ھالدا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مىھمانخانىلارغا كۇتكۇچى قوبۇل قىلىش نامى بىلەن 18ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان خەنزۇچە بىلىدىغان بىرتۈركۈم قىزلارنى ئالدام دىڭىز بويىدىكى شەھەرلەرگە ئېلىپ باردى. ئۇلار بۇ شەھەرلەرگە ئېلىپ كىلىنگەندىن كېيىن قىسقا مۇددەت « كەسپى تەربىيىلەش » ئېلىپ بىرىلىپ ، مەجبۇرى ھالدا ئالاھىدە كۈتكۈچىلىككە سىلىنغان ، بۇ« دونداق»لار كۆپۈنچە چەتئەللىك مىھمانلارغا مۇلازىمەت قىلغان، شۇنداق قىلىپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان.بۇ قىزلار مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن ھەم بىرمەزگىل ئاتا - ئانىلىرى بىلەن تۇرغاندىن يۇرتىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئالاھىدە كۇتۇۋىلىش ۋەزىپىسىنى ئۇستىگە ئالغان ، بۇ ئەيدىز كىسىلىنىڭ تىخىمۇ تېزكۆپىيىشىگە سەۋەپ بولغان.



      ئەزەلدىن ھېچبىر كېسەل ئەيدىزگە ئوخشاش بىز ئىنسانلارنىڭ ئەقىل پاراسىتىمىز، جاسارەت - جۈرئىتىمىز، ئېتىقاد - ئەخلاقلىرىمىزغا ۋە ھاياتلىقىمىزنىڭ چىن مەنىسىگە قارىتا بۇ دەرىجىدە مىسلىسىز بولغان خىرىسنى ئىلىپ كەلمىگەن ئىدى.بۇ كېسەللىك بايقىلىپ ھازىرغىچە ئىنسانلارنىڭ يىگىرمە نەچچە يىللاپ ئېلىپ بېرىلغان ئىزدىنىش، تەتقىقاتلىرى ئەلىۋەتتە بىر قىسىم نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئەمما، بۇ نەتىجىلەر ئەيدىزنىڭ شەپقەتسىز چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان كەسكىن كۆرەشتە ھېچنەرسىگە ئەسقاتمىدى. نۆۋەتتەﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﯩﻠﻰ ﻗﺎﺯﺍﻕﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﻜﻪﻥ،بۇ ئورۇنلاردىكى ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺳﺎﻧﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ-ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻫﺎﻟﺪﺍ 5886 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﯞﻩ 5519 ﻧﻪﭘﻪﺭبولۇپ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ %80.1 ﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ. بۇلاردىن باشقا ﻳﯘﻗﯘﻡ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯧﻐﯩﺮﺟﺎﻳﻼﺭ ۋە ئۇلاردىكى ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺳﺎﻧﻰ تۆۋەندىكىچە:



    ﺋﺎﻗﺴﯘ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﻰ 813 ﻧﻪﭘﻪﺭ؛
    ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﻰ 592 ﻧﻪﭘﻪﺭ؛
    ﺳﺎﻧﺠﻰ ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﻰ 253 ﻧﻪﭘﻪﺭ؛
    ﺑﺎﻳﻨﻐﯘﻟﯩﻦ ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﻰ 205 ﻧﻪﭘﻪﺭ؛
    ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﻰ 171 ﻧﻪﭘﻪﺭ؛
    ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﻰ 128 ﻧﻪﭘﻪﺭ؛
    ﻗﯘﻣﯘﻝ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﻰ 96 ﻧﻪﭘﻪﺭ؛
    ﻗﺎﺭﺍﻣﺎﻱ ﺷﻪھﯩﺮﻯ 80 ﻧﻪﭘﻪﺭ
    (ﺷﯩﻨﺨﯘﺍ ﺋﺎﮔﯩﻨﺘﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ2006- 16-ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﺗﯧﻠﮕﯩﺮﺍﻣﻤﯩﺴﻰ)



      بۇندىن ئىككى يىل مۇقەددەم يەنى 2005 - يىلى 7 - ئايدا، سەھىيە مىنىسترلىقىنىڭ باياناتچىسى ماچۈنئەن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى تەشكىللىگەن « ئەيدىز ۋە مېدىيىلەرنىڭ خەۋەر قىلىشى » دېگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇنداق دەيدۇ:« دېھقانلار ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئەيدىز كېسەللىكىنى يۇقتۇرۇۋېلىش خەۋىپى يۇقىرى كىشىلەر توپى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنى ئۇلار ھازىر نىسبەتەن ئوڭاي زىيانلانغۇچىلارغا ئايلىنىپ قالدى». شۇ تەرىپىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇكى، جۇڭگو ياشلىرىنىڭ جىنسىيەت كۆز قارىشىنىڭ كۈنسېرى ئېچىلىپ كېتىشى نەتىجىسىدە، ئەيدىز كېسەللىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى جىددىي قارىمىسا، ئەھمىيەت بەرمىسە بولمايدىغان مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغانلىقى ئاللىقاچان چەتكە قېىقىشقا بولمايدىغان مەسىلىگە ئايلاندى. نۆۋەتتە، جۇڭگو جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت شۇكى، ئەيدىز كېسەللىكى ئاللىقاچان تېز سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىغا كىردى. دۆلەت ئىچىدىكى نوپۇزلۇق ئورگانلارنىڭ ستاستىكىسىغا ئاساسلانغاندا ، جۇڭگودا ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ يىللىق ئېشىش نىسبىتى%30 ئەتراپىدا ئىكەن.رايۇنىمىزدا ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ %92 بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ % 88 ﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ.



      بۇ ئەھۋاللار ئىھتىيات سىزىقىدىن ئاللىقاچان ھالقىپ،ئەمدىلكتە ئىش مانا مۇشۇنداق خەتەرلىك باسقۇچتا تۇرماقتا. ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا « ئەخلاقنىڭ چەكلەش كۈچى » گە تايىنىش كېرەكمۇ ياكى«كىشىلەرنىڭ ئەيدىز خەتىرىنى ھېس قىلىشى » غىمۇ؟ئەنئەنىۋى ئەخلاق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە ئەڭ ياخشى بولغان ئۇسۇل. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا پاكىزە بولغان جىنسىيەت كۆز قارىشى تۇرغۇزۇش، ئىپپەت - نۇمۇس تۇيغۇسىنى كۈچلەندۈرش، جەمئىيەتتە بولسا نىكاھتىن سىرتىقى جىنسىي مۇناسىۋەتنى ( زىنا ) قاتتىق چەكلەيدىغان ۋە ئەيىپلەيدىغان قويۇق كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش لازىم. شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش لازىمكى، ئىنسانىيەتنىڭ ئەيدىز ئاتلىق بۇ يالماۋۇزدىن غالىپ كېلىشىدىكى ئەڭ ئاداققى ئۈمىد قانداقتۇر ئالاھىدە ئىقتىدارلىق دور ياكى ۋاكىسنىدا ئەمەس، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىدا تېخىمۇ ئەمەس . بەلكى پەقەت پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەدەنىي ھاياتىنىڭ گۆھىرى بولغان ئېسىل ئەنئەنىۋىي ئەخلاقتا. جۈملىدىن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ پاكلىق چۈشەنچىلىرىدە!ئەيدىزنى داۋالاپ ساقايتىشتىن ھېچبىر ئۈمىد يوق بولۇپ، ئۇنىڭىدىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر يولى پەقەت ئۇنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىدى. ئەمما ، بەزىلىرىمىزنىڭ ئەيدىز ئاتلىق جەددالنىڭ سەسكىنىشلىك ئاۋازىنى ئىشتىپمۇ خىرامان يۈرىۋىرىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ.بىز ئەيدىزنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنىڭ ئاتۇم بومبىسىدىن قېلىشمايدىغان ، ھەتتاكى بىر قەۋىمنى يالماپ يۇتۇپ كېتەلىگۈدەك دەرىجىدە ئىكەنلىكنى بىلسەك ئىدۇق. ئاللىقاچان تۇشمۇ - تۇشتىن ئۇنىڭ ئالدىنى توراش كۆرۈشىگە ئاتلانغان بولاتتۇق. ھېچ بولمىغاندا، ئېتىقاد ، پاكىلىقتىن ئېبارەت دۇبۇلغان - ساۋۇتلىرىنى كېيىشىپ ئۇنىڭ زەخمىسىدىن ئەمىن قېلىشنى ئىزدىگەن بولاتتۇق.
    نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا، جۇڭگو، جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە شىددەت بىلەن يامراۋاتقان ئەيدىز كېسىلى ۋە بۇ ھەقتىكى سان - سىفىرلار ھەرقانداق بىر كىشىنى ئويغان سالماي قالمايدۇ. ئېلىمىز ئالدىنقى ئەسىرنى 90 - يىللىرىدىن باشلاپ بۇ كېسەلگە نىسبەتەن تىزگىنلەش ۋە ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرىدىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويغان، گەرچە ئەيدىز ۋىروسىنىڭ تارقىتىش ۋە يۇقۇش سۈرئىتى باشقا ئەللەرگە سېلىشتۇرغاندا يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە نسىبەتەن ئازايغان بولسىمۇ، بۇ جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ھاسىل بولغىنى يوق. بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە يىلدىن - يىلغا، كۈندىن - كۈنگە كۆپەيسە كۆپەيدىكى ئازايمايۋاتىدۇ. ئەلبەتتە بۇ كىشىلەرنىڭ ئىستىمال سەۋىيىسى، مەدەنىيەت سەۋىيىسى ۋە ساپاسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىش. يېقىنقى بىر بىر مەزگىللىك يۇقۇم ئەھۋالىدىن قارىغاندا، يۇقۇملانغانغۇچىلار ئاساسەن ياشلار، دېھقانلار، ۋە نامراتلار بولغان.شۇل ۋەجىدىن بىز ئول تەبىقىدىكى «قۇترىغان ھاڭگا،شاپاق يېگەن بۇقا،دىغراپ قالغان تېكە،تەلمۈرۈپ ئارغامچىنى ئۈزگىلىۋاتقان غۇنىجىن ۋە مادىلار»غا سوغاققانلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ،ئەخلاقنىڭ مەنىۋى چەمبىرىكى ئىچىدىن ھالقىماي،ئەل-ۋەتەن،مىللەت-ئائىلە ئۈچۈن مەسئۇلىيەتچانلىق پوزىتسىيسى بىلەن ئۆزلىكىنى داۋام قىلىش تەشەببۇسىنى تەقدىم ئىتىمىز.تۆۋەندە «ئىنتىل تورى»دا ئىلان قىلىنغان ئىجتىھاتلىق ئاپتۇرىمىزئالاھىدىن ئابدۇرىشىتنىڭ مۇنۇ شىئېرىنى ئوقۇرمەنلەرگە تۇتۇشنى لايىق تاپتىم:


    خىرۇئىن كەلدى بىر چاغلار،جاھاننىڭ چېتىدىن بىزگە،
    نىدالار كەلسىمۇ تۇيغۇن يۈرەكلەر قېتىدىن بىزگە.
    مەرەزلەر يۇقتى پاسىقلار تېنىدىن- ئىتىدىن بىزگە،
    نىمە قالدى بۇ مىللەتنىڭ غورۇرى بېتىدىن بىزگە؟!
    بېشىڭغا ياققىنى ئاپەت قارا،ئاسماندا ئەيدىز بار.

    پاھىشە بەچچىۋازلارنى يراق-ئامېركىدا دەيىتتۇق،
    تېخى تۆت كۈن بۇرۇن ئەيدىز دېسە،ئافىرىقىدا دەيىتتۇق.
    يولاتما ئۇنى بىزلەرنىڭ قېشىغا ئاھ خۇدا دەيىتتۇق،
    ھايا،ئىپپەت،نومۇستىن قىلمىغىن بىزنى،جۇدا دەيىتتۇق.
    بۈگۈن قەشقەر ،ئۈرۈمچى،غۇلجا ھەم تۇرپاندا ئەيدىز بار.

    تاغاردىن ئاشنى كەمچەرلەپ،ئەشۇ دېھقان سېتىپ كەلسە،
    ۋە يا ئوتياشنى مىڭ تەستە كىتىپ ھالدىن سېتىپ كەلسە.
    خوجايىنلار ،خېنىملار ھەر تەرەپتىن تەڭ يىتىپ كەلسە،
    دېمەمدۇق ئەمدى بىز توۋا! جىمى يولىنى ئىتىپ كەلسە،
    قېنى سەھرادىكى پاكلىق ؟ نادان دىھقاندائەيدىز بار.

    ۋابادەك يامرىدى بىزگە، بۇ دەم ھەرجايدا ئەيدىز بار،
    ۋەھىمە قاپلىدى دىلنى، تالاي ئىنساندا ئەيدىزبار.
    تېنىڭگە ئاققىنى سەلدەك شۇ ئەيدىز،قاندا ئەيدىز بار،
    پەرىشتە سايىسى يوق،بىزدىكى شەيتاندا ئەيدىز بار.
    چىرىكلىك روھى گۇمراھلىق بىلەن ۋىجداندا ئەيدىز بار.

    ...............................................


    تەرەققىياتنىڭ تۇغۇندىلىرى- يېڭى ماڭقۇرۇتلار
    نۆۋەتتە ئېنتىرنېتقا ئاز-تولا نەزەر تاشلايدىغانلا بولساق ئۆزلۈك ئالىمىمىزنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ كۆڭلىمىزنى غەش قىلىۋاتقان،مۇنداق ئىككى نوقتا كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ.


    1. ئالداپ سېتىۋىتىلگەن ، ئىچكىرگە ئېلىپ بېرىلىپ ئوغۇرلۇققا سېلىنىۋاتقان كېلىچەكنىڭ ئىگىلىرى- يۈرەك پارىلىرىمىزنىڭ ئېچىنشىلىق پاجىئەسى

              شۇ تاپتا مىللەتنىڭ غېمىنى يەيدىغان ھەقىقىي ئوغلانلىرىمىز ۋە ياكى ئاتا-ئانا بولۇپ بىرەر پەرزەنىتىنى 4-5 ياشقا كىرگۈزۈپ باققانلىرىمىز بولساق بۇ قىسمەتنىڭ ئاچچىق دەردىنى بىلىپ يىتەلەيمىز.بۇ رەزىل قىلمىش- ئەتمىشلەر بىزلەرنى ئۈن سېلىپ يىغلاش باسقۇچىدىن ئاللىقاچان ھالىقىتىۋەتتى.مىللەتكە مۇشۇنداق بالالارنى تېرىپ بىرىش بەدىلىگە ھارامدىن سەمرىۋاتقان، ۋۇجۇدىمىزغا چۈشكەن «مىتە قۇرۇت» نائەھلى ئادەم بىدىكلىرىنى بىز «يېڭى ماڭقۇرۇتلار»دەپ ئاتىساق ئارتۇق كەتمەيدۇ.«ئىزدىنىش تورى(( www.izdinix.com» دىكى« JEK » ئىسىملىك بىر توردىشىمىزنىڭ بۇھەقتە توپلىغان ماتىرىياللىرى دىققىتىمىزگە ئەرزىيدۇ.تۆۋەندە بىز «JEK»نىڭ بايانلىرىغا قاراپ باقايلى:


    «... ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئېلىپ كىلىنىپ ئوغۇرلىققا سېلىنغان.90-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە بۇنداق ئىشلا ئەۋجىگە چىقتى.يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان تېخىمۇ كۈچىيىپ،ئاپەت خاراكتىرلىك ئىجتىمائىي ھادىسە پەيدا قىلدى.ھازىر شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كىچىك بالىلار تويۇقسىز يوقاپ كىتىدىغان ئىشلا يەنىلا پات-پات يۈز بىرىپ تۇرىدۇ.بۇبالىلارنىڭ ئىچىدە يېشى ئۈچ ياشتىن 15 ياشقىچە بولغانلار كۆپرەك نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.ئۇنداق بولسا بۇ يوقاپ كەتكەن بالىلار نەگە كەتتى؟ قانداق قىلىپ ئۆز يۇرتىدىن تولىمۇ يىراق بولغان بۇ ناتونۇش شەھەرلەرگە كىلىپ قالدى؟ بۇ يەنىلا ئىچكىردىكى بىر قىسىم ئويغۇر خوجايىنلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.بۇ خوجايىنلارنىڭ كۆپ قىسمى شىنجاڭدا تۈرلىك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىپلىنىپ ، يەنە ھەر خىل قاقتى - سوقتى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنۇپ ئىچكىرگە كىرىپ توختاپ قالغان كىشلەردۇر.ئۇلار تەرىپىدىن ئالداپ ھەر خىل يوللار بىلەن ئوغۇرلانغان بالىلار ئۇ خوجايىنلارغا نىسبەتەن - قىممەت يارىتىدىغان ئىشچى،ئىگە چاقىسىز،سورىقى يوق بالىلار،ئالتۇن ساڭقايدىغان ئېشەك،يەتمىش ئىككى خىل غىزا چىقىدىغان خاسىيەتلىك داستىخان. ئۇلاردىن ئادەتتە بىرنەچچە بالىغا ئىگە بولغان بولغانلار ئۆزىنى «ئېچىل داستىخان»غا ئېرىشكەنلەر ھېساپلايدۇ.بۇلار ئوغىرلاپ ياكى ئالداپ ئېلىپ كەلگەن كىچىك بالىلارنى ئوغۇرلىققا سالىدۇ.بالامەنبەسىدە مەخسۇس بىر قىسىم كىشىلەر ئۇلارنى خۇددى مال بىلەن تەمىنلىگەندەك بالىلار بىلەن تەمىنلەيدۇ،ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، زاۋۇت بىلەن تىجارەتچىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئوخشايدۇ.بۇ يەردە مەن مۇنداق بىر ئىشنى قىستۇرۇپ ئۆتۈشنى توغرا تاپتىم. بېيجىڭدا ئوقۇيدىغان بىر نەچچە ئويغۇر ئوقۇغۇچى تەتىلدە يۇرتىغا قايتاشىدا پويىزدا بىر نەچچە كىشىنى ئۇچراتقان.بۇلار بەش كىشى بولۇپ ئۈچ ئايال ئىككى كىچىك بالا،بالىلارنىڭ بىر يەتتە ياش،يەنە بىرسى ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك قىزچاق ئىكەن.بۇ ئوقۇغۇچىلار ھېلىقى بالىدىن نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى سورىغاندا ھېلىقى بالا ئىككىلەنمەستىن ئوغىرىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتقان.بۇ ئوقۇغۇچىلار ئۇ بالىنى يامان يولدىن توسماقچى بولۇپ نەسىھەت قىلسا ئۇ مۇنداق دېگەن:‹ پۇلۇڭ بولسا سەن نوچى،بۇ دۇنيادا پۇل ھەممىدىن ياخشى،پۇلۇڭ بولمىسا سەن ئىتقىمۇ تەڭ بولالمايسەن.›يەتتە ياشلىق بالىنىڭ ئاغزىدىن چىققان بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ھېلىقى ئوقۇغۇچىلار ھەيران قالغان.كىيىن نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى سورىغاندا ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن:<چوڭ بولغاندا بالىلارنى ئىچكىرگە ئېلىپ بېرىپ ئوغۇرلىققا سالىمەن،جىق پۇل تاپىمەن،ماشىنا ئالىمەن،بالامنىمۇ ئوغۇرلىققا سالىمەن>دېگەن».


    مانا قاراڭ بۇ« يېڭى ماڭقۇرۇتلار»نىڭ «ئەڭ ئالىي نىشانى»غا.ئۇلار مىللەتنىڭ كەلگۈسىدىكى پارازىتلىرىنىڭ بىخلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھازىر«ئۆلچەملىك تەربىيە»نى قوبۇل قىلىۋاتقان بولغاچقا كەلگۈسى«نىشانى» ئېنىق،يولى «راۋان».ئەشۇ يەتتە ياشلىق بالىنىڭ ئاغزىدىن چىققان گەپلەر - يېزىلىرىمىزنىڭ سېخى قوينىدا مەۋجۈتلىقىنى داۋام قىلىپ يىل بويى كالىدىن بەتتەر ئىشلەپ، يىل ئاخىرىدا قەرزى ئېشى قېلىپ بارمىقىنى چىشلەپ،«بۇ كۈنگىمۇ شۈكۈرى»دىگىنىچە كەتمىنى ئېلىپ ئاچ قورساق ئېتىزىغا قاترايدىغان بىر قىسىم دېھقانلىرىمىزنىڭ ئاغزىغىمۇ پاتمايدۇ.تۆۋەندە توردىشىمىزنىڭ يازمىسىنىڭ داۋامىنى كۆرۈپ باقايلى:

    «... ئىچكىرگە ئېلىپ چىقىلغان بالا ئوغرىلارنىڭ ئىچىدىكى قىزلارنىڭ 10 ياشقا كىرگەنلىرىگە خوجايىنى باسقۇنچىلىق قىلىپ نابۇت قىلىدۇ. ئۇندىن كىيىن ئۇلار خوجايىننىڭ قول ئاستىدىكى باشقا ئوغرىلارغا،شۇنداقلا ئومۇمنىڭ خوتۇنىغا يەنى بىر پاھىشەگە ئايلىنىدۇ. 2003-يىلى شاڭخەي شەھەرىدىكى مەلۇم بىر دوختۇرخانىغا ئىككى نەپەر ئويغۇرئەر،ئىككى نەپەر ئويغۇر قىزنى تەكشۈرتكىلى ئېلىپ كەلگەن، بۇ قىزلارنىڭ بىرسى 11 ياش،يەنە بىرسى13 ئىكەن.دوختۇرلارنىڭ تەكشۈرىشى ئارقىلىق بۇ قىزلارنىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقى ئېنىقلانغان... ئىچكىردىكى بالىلىرىمىز ئەنە شۇ تەرىقىدە چوڭ بولىدۇ،تېخى ئانا سۈتى ئاغزىدىن كەتمەي تۇرۇپ تۈرمىلەرگە قامىلىدۇ،چوڭراقلىرى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.بەزىلىرى تېخى كىچىك تۇرۇپلا زەھەرلىك چىكىملىك چىكىپ جېنىدىن ئايرىلىدۇ.ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىنى كۆرسىڭىز تاياق زەربىسىدىن قىزىرىپ،ئىششىپ كەتكىنىنى،تاماكۇ يېقىلغان ۋە ھەر خىل تاتۇقلارنى كۆرىسىز... كىشىلىك ئەركىنىلىك، ئىنساننىڭ قەدىر – قىممىتى تەكىتلىنىۋاتقان،جوڭگۇ ئادەم چۈشكەن ئالەم كىمىسىنى قويۇپ بەرگەن مۇشۇنداق پارلاق دەۋردە بالىلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق قىسمەتلەرگە مۇپتىلا بولغانلىقىغا ئىشىنەلەمسىز؟... ئىپلاس خوجايىنلار ئۆزلىرىنىڭ تىجارىتىنىڭ داۋاملىق يۈرۈشۈپ تۇرۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ رەزىل ۋاستىلارنى قوللىنىپ،بۇ بالىلارغا زەھەرلىك چىكمىلىك چىكىشنى ئۆگەتكەن.بۇنداق بولغاندا ئۇلارنى ئوغۇرلۇق قىلىشا زورلاشنىڭ ئورنى قالمايدۇ...خوجايىنلارنىڭ بالىلارنى يېنىدا ئۇزاق تۇتۇپ تۇرۇشتا يەنە مۇنداق بىر ھۈنىرى بار:بالىلار ھەر قېتىم ساقچىغا تۇتۇلۇپ قالسا خوجايىن: بۇقېتىم سېنى ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن مۇنچىك پۇل كەتتى،دەپ بالىنى قەرىز قىلىپ قويىدۇ،ھەر قېتىم ساقچىغا تۇتۇلغاندا بۇقەرىز ھەسسىلىنىپ ماڭىدۇ... مەن ئۆتكەن يىلى ئىچكىردىن ئۆيگە قايتاشىمدا خوتەنلىك 19 ياشلىق بىر بالا بىلەن سەپەرداش بولۇپ قالدىم. ئۇ بالا يىغلاپ تۇرۇپ:خوجايىن بىزنى ھەر كۈنى ئاخشىمى قىمار ئويناشقا مەجبۇرلايدۇ. دەسلىپىدە بىزگە ئۇتتۇرۇپ بىرىپ ئاخىرىدا بىزنى قەرىزگە بوغىدۇ.تۆلەپ بولالمىساق ئۆسۈمى قوشۇلىدۇ ،دېدى...تېخى ئاغزىدىكى چىشلىرى چىڭىمىغان بالىنىڭ نەدىكى قەرزى؟؟؟مەن ئۇنىڭدىن قانچىلىك قەرزىڭ بار دېسەم: 30 مىڭ سوم دېدى.باشقا سەندەك كىچىك بالىلارنىڭچۇ،ئۇلارنىڭمۇ قەرزى بارمۇ؟ دېسەم ئوخشاش 30-40 مىڭ سوم ئەتراپىدا دېدى.5-6 ياشلىق بالىلارنىڭمۇ قەرزى بارمۇ دەپ سورىغىنىمدا:ئۇ،شۇنداق ،ئۇنداق بالىلاردىن 20-25 چە بالىلار بار دەپ جاۋاب بەردى. يېقىندا كۇچار ناھيىسىدىن بالىسىنى ئىزدەپ چىققان ئىككى ئايال، شاڭخەي «شەرىق تىلۋىزىيە ئىستانسىسى» ئالدىدا ئىككى كۈن ياتتى.لېكىن بالىلىرىنى خوجايىنىڭ قولىدىن يەنىلا ئاجرىتالمىدى...


    بەلكىم كىشىلەر بىلمەسلىكى مۇمكىن، ئىچكىردىكى شەھەرلەردە،ئاقما نوپۇسلارنى ياكى باشقا سەرگەردانلارنى يىغىپ باشقۇرىدىغان ‹يىغىۋېلىش ئورنى دەيدىغان› بىر ئورۇن بار. بۇ ئورۇن يىغىۋالغان كىشىلەرنى قوشنا ئۆلكىلەرنىڭ يېزىلىرىغا، جاڭگاللىرىغا ئاپىرىپ تاشلىۋىتىدۇ.يىلدا بىرەر قېتىم شىنجاڭغا ئاپىرىپ 600 سومدىن پۇل ئېلىپ قويۇپ بىرىدۇ. ئۇ يەرلەردە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقانلىرىمىز ئۈچۈن مۇنداق پالىنىپ تۇرۇش ئادەتتىكىچىلا بىر ئىش.ئادەتتە بېيجىڭ پويىز ئىستانسىدا قويۇپ بىرىش باھاسى 700 سومدىن 500 سومغىچە،يەنە بىر بىكەت ماڭسىزڭىز باھاسى چۈشۈپ ماڭىدۇ.بۇنىڭدا مال سودىسىدەك سودىلىشىسىز2000-يىلى بېيجڭ شەھرىنىڭ مەلۇم بىر رايۇنىدا بىر نەچچە ئۇيغۇرنى ۋاقىتلىق نوپوسۇڭ يوقكەن دەپ ئەشۇنداق بىر ئورۇنغا يىغىۋالدى.بىز بارغاندىن كىيىن ئۇ يەردىكىلەر بىلەن قوشۇلۇپ 10 نەچچە ئويغۇر ئالتا كۈن تۇردۇق.ئارىمىزدا بىر ئەر خوتۇن 6 ۋە 14 ياشلىق ئىككى كىچىك بالىمۇ بار ئىدى.بۇ بالىلار ئوغرلىق قىلىۋاتقان يېرىدىن تۇتىۋېلىنغانكەن. 6 ياشلىق بالىنى بۇئەر – خوتۇنلار بالام دەپ يېنىغا تارتقىلى تۇردى.ئەسلىدە بۇلارمۇ مۇشۇنداق شوركا سۆرەيدىغانلاردىنكەن.كىيىن بىزنى پويىز بىلەن ئېلىپ مېڭىشتى.ھېلىق ئەر –خوتۇنلار بولسا1000 سوم،6 ياشلىق بالىغا500 سوم تۆلەپ پويىزدىن چۈشۈپ قالدى.14 ياشلىق بالا :بۇلارغا :مېنىمۇ ئېلىپ كەتسىڭىز مەن سىزگە شوركا بولاي،دەپ خېلى يالۋۇرغان بولسىمۇ لېكىن ئۇلار:يېشىڭ چوڭىيىپ قاپتۇ،ئىش قاملاشتۇرالمايسەن،دەپ ئۇنىمىدى.بىز بېيجىڭدىن 8 سائەت ماڭغاندىن كىيىن ئېشەك سودىسىدەك تالىشىپ يۈرۈپ ھەر بىرىمىز200 سومدىن تۆلەپ پويىزدىن چۈشۈپ قالماقچى بولدۇق،ھېلىقى 14 ياشلىق بالا: ئاكىلار مېنىمۇ بىللە ئېلىپ چۈشۈپ كىتىىڭلار،پۇلۇڭلارنى تېپىپى بېرىمەن،دەپ يالۋۇردى.لېكىن باشقىلار بۇنىڭغا ئۇنىمىدى.ئارىمىزدا 55 ياشلاردىكى بىر كىشىمۇ بار ئىدى.ئۇ كىشىنىڭ دىيىشىچە ئىلگىرى ئۇ 20 نەچچە يىل ھۆكىمەت خىزمىتىنى ئىشلىگەنكەن، ئۇ بىزگە ئۇكىلار:بۇ بالىىنمۇ بىللە ئېلىپ چۈشۈپ كېتەيلى! بالا گۇناھسىز، بۇ زىيانكەششلىككە ئۇچىرىغان بالا ،ئۇنى قەيەرگە ئېلىپ بارىدۇ،ئۇنىڭ ھالىدىن كىم خەۋەر ئالىدۇ،بىز ئۇنى قۇتۇلدۇرىۋالايلى!دېدى. ،بۇ بالىدىن كىم خەۋەر ئالىدۇ، بۇ قايتىپ بارسا بىرەر خۇجايىنغا ياللىنىپ يەنە ئوغىرلىق قىلىشى مۇمكىن، دېگەندەك گەپلەر بىلەن ھېلىقى بالا كۆز ياشلىرىنى ئېقىتقىنىچە پويىزدا قالدى.ئۇ پويىز دېرىزىسىدىن بىزگە ئۈمۈتسىز قارىغىنىچە ئۇزاپ كەتتى.ئۇ كەتتى،بىر پويىزدا يالغۇزبىر ئويغۇر بالىسى كەتتى.ئۇ پويىز نەگ بېرىپ نەدە توختايدۇ،بۇنى ھېچكىم بىلمەيدۇ،ئۇ نىشانسىز بىر يونىلشكە قاراپ كەتتى.بۇندىن بىر يىل بۇرۇن بېيجىڭ پويىز ئىستانسىسىدا مۇشۇنداق قىسمەت بىلەن ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئولتۇرغان بەش نەپەر ئويغۇر قىزىنى كۆرگەنتىم. بۇلارمۇ بالا ئوغرىلار ئىكەن.ھايال ئۆتمەي 10 ياشتىن 13 ياشقىچە بولغان ئۈچ نەپەر قىزنى 20 ياشلار چامىسىدىكى بىر قىز پۇل تۆلەپ ئېلىپ كەتتى.قالغان 17 ياشلا چامىسىدىكى ئىككى قىز پۇلكى بولمىغانلىقتىن ھېلىقى بالىغا ئوخشاش نىشانسىز بىر يۆنىلىشكە قاراپ كىتىپ قالدى. مۇشۇنداق قىسمەت بىلەن لەنجۇ يىغىۋېلىش ئورنىغا بېرىپ باققان كىشلەردىن ئاڭلىشىمچە ئۇ يەرنىڭ شارائىتمۇ ناچار ئىكەن،320 سوم بولمىسا قويۇپ بەرمەيدىكەن.ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە:ئۇيەردە 320 سوم پۇلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن 6 ئايدىن بېرى يېتىۋاتقان كىشىلىرىمىز بار ئىكەن،ئۇلارنىڭ ساقال- بۇرۇتلىرى ئۆسۈپ تونۇغۇسىز بولۇپ كەتكەن.»



      ھىندىستاندا 1955-يىلى ئىشلەنگەن «سەرگەردان»فىلىمى دۇنيا كىنۇ مۇنبىرىنى زىل-زىلىگە سالغان،ھەم «راج»غا پۈتۈن دۇنيا ھېسداشلىق قىلغان.ئارىدىن 50 يىل ئۆتۈپ ئۇ كۆرنۈشلەر ئەتراپىمىزدا نامايەن بولۇشقا باشلىدى. ئىچكىرى ئۆلكىلەرنى نۇرغۇنلىغان « راج »لىرىمىز قاپلاپ كەتتى.بۇ پاجىئەلەرنىڭ ئچېنارلىق يېرى شۇكى ھىندىستاندىكى «راج» لارنى ئەنگىلىيە ھۆكىمىتىنىڭ مۇستەملىكىسى ۋە مۇستەبىت قىلمىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا ،بىزنىڭ بۇ«راج»لىرىمىزنى ئۆز ئىچىمىزدىكى«يېڭى ماڭقۇرۇت»لار كەلتۈرۈپ چىقارغان.بۇ نومۇسسىز ئىبلىسلارنىڭ دەستىدىن مەكتەپ يېشىغا يوشمىغان سەبى بالىلار«ئوغرى»نامىغا،10 نەچچە ياشلىق قىزلىرىمىز «پاھىشە»دېگەن ھاقارەتلىك نامغا دۇچار بولدى.نۇرغۇنلىغان ئاتا- ئانىلارنىڭ يۈرەك –پارىلىرى،مىللەتنىڭ ئىگىلىرى «راج»بولۇپ كەتتى.بۇ قىسمەتكە مۇپتىلا بولغان ئاتا-ئانىلارنىڭ ھالىنى«سېيىت نوچى داستانى»دىكى:«ئىچكىنى ئوغا- زەھەر چەككىنى پىغان»دېگەن بۇ مىسرا بىلەن ئىپادە قىلساق كەملىك قىلىدۇ.


    «ئىزدىنىش» تورىدا 2004-يىلى2- ئاينىڭ 17-كۈنى مۇنداق بىر خەۋەر ئېلان قىلىندى:«ئىچكىردە مەلۇم بىر شەھەردىكى بىرسنىڭ ئاشكارلىشىچە يېقىندا 13 نەپەر كىچىك بالا ساقچىلار تەرپىدىن يىغۋېلىنغان،بۇ خەۋەرنى يەتكۈزگەن كىشى ساقچى ئىدارىسىغا بېرىپ تەرجىمانلىق قىلىپ بەرگەن.بۇ بالىلار يەكەن،پەيزاۋات،يوپۇرغا،قەشقەر كونا شەھەر، يېڭىشەھەر، خانئېرىق،يەكشەنبە بازار، قاتارلىق جايلاردىن ئېلىپ كېلىنگەنكەن.تورداشلار مۇشۇ ئۇچۇر بويىچە خەۋەر تېپىپ،ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى سورايمىز». بۇخەۋەرنى كۆرگەندىن كىيىن بېيجىڭدا ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچى سۆزىنى:مۇنداق بالىلاردىن بېيجىڭدا نەچچە مىڭى بار،قايسىڭلار ئېلىپ كىتىسىلەر؟؟؟؟... دەپ ئاخرىلاشتۇردى. بۇخەۋەرنى كۆرگەن شىنجىندا خىزمەت قىلىدىغان بىر ئويغۇر مۇنداق دەيدۇ:«ۋۇشى،شېنجېن دىمۇ نەچچە مىڭى بار.بۇيەردە ساقچىخانا دېگەن ساماندەك،ھەر بىر ساقچىخانىغا كۈندە ئازدېگەندە ئونغا يېقىن ئويغۇر بالىلىرى كىرىپ تۇرىدۇ.ھېلىمۇ شېنجېن جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورگانلىرى بىر نەچچە ئايدا بىر ئىككى قېتىم بۇ «ئوغرى»لارنى پويىز بىلەن قۇراللىق مۇھاپىزەت قىلىپ شىنجاڭغا قايتۇرۋىتىدۇ.شۇنداقتىمۇ بۇيەردىن نارسىدە بالىلىرىمىزنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدۇ». شاڭخەيدىن تورغا چىققان بىر ئويغۇر مۇنداق دەيدۇ:«شاڭخەيدىمۇ ئاز ئەمەس...»



      ھەر بىر شەھەردە مىڭدىن بولسا ...بۇنى ھېسابلاپ كۆرگەندە كىشىنى قورقۇنچلۇق تىتىرەك باسىدۇ.2006-يىلى 10-ئايلاردا ئىنتىل(www.intil.cn ) تورىدا:«ئانا،دادا سىلەر قەيەردە؟!!»سەرلەۋھىلىك بايانات ئېلان قىلىنىپ ،بىز يۇقۇردا قەيىت قىلىپ ئۆتكەن ئەھۋاللارنىڭ ھەقىقىيلىك دەرىجىسىنى قورساق كۆپىكىمىز بىلەن قوشۇپ راسا ئۆرلىتۋەتتى.بۇ ئەھۋال «قەشقەر گېزىتى»دىمۇ ئېلان قىلىندى.باياناتتا بۇندىن بەش يىل بۇرۇن ئادەم بىدىكلىرى(يېڭى ماڭقۇرۇت)لار تەرىپىدىن جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ يېۋۇ شەھرىگە ئېلىپ بېرىلىپ ئوغرىلىققا سېلىنغان 8ياشلىق ئېزىزىجاننىڭ ،ج خ خادىملىرىمىز تەرىپىدىن شىنجاڭغا ئېلىپ كىلىنىپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئېز- دېرىكىنى قىلغانلىقىدەك ئېچىنىشلىق قىسمەت ئىپادە قىلىنغان.كىين ئېزىزجان خوتەننىڭ قارىقاش ناھيىسىدىن بولۇپ چىقىتى.ئېز جاننىڭ ئاتا-ئانىلىرى شۇ ۋاقتىلارنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ:« بىز بالىمىزنىڭ دەردىدە ساراڭ بولاي دەپلا قالغانتۇق.تېخى ئۆلۈپ كەتتىمىكىن دەپ نەزىرسىنىمۇ بىرىپ بولغان.ئەمدىلكتە ئۇقساق بالىمىزنى ئۆز ئىچىمىزدىن چىققان مۇناپىقلار ئۇغۇرلاپ كەتكەنكەن، ئۇلارنىڭ جازاسىنى ياراتقان ئىگەم ئۆزى بىرەر،بىز ئاتا- ئانىلاردىن بالىلىرىغا ئوبدان ھېزى بولۇشىنى سورايمىز...».
     

    بۇ ھەقتىكى تېمىلار ۋە ئۇنىڭدا ئەكىس ئېتىۋاتقان ۋەقەلىك،بالىلىرىمىز ۋە قىز ئاياللىرىمىزنىڭ كۆپلىكىگە قاراپ ئىختىيارسىز ھالدا :«مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى بلەن ئانىسىنى باشقا ياقلارغا يولغا سېلىۋىتىپ بۇ يەردە بىزگە پوق بارمۇ؟»دېگەن ئاچچىق ئويلارغىمۇ كىلىپ قالىدۇ كىشى.مانا ئەھۋالىمىز،مانا ھالىمىز،مانا ياقا - يۇرتلاردا ئوغۇرلۇق،بۇلاڭچىلىق قىلىپ يۈرگەن بىچارە يۈرەك - پارىمىز.



    2.ياقا - يۇرتلاردا ئىپپەت سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان قىز- ئاياللىرىمىز



      يېقىنىقى بىرەر يىل مابەينىدە نېرىسى ئىچكىرى ئۆلكە،بېرىسى شەھەر بازارلاردا نىجىس تىنىگە قوشۇپ ، مىللەتنىڭ غورۇرى،ئەركەكلىرىمىزنىڭ ئابرۇيىنى سېتىش بەدىلىگە بىر تەرپتىن ئۆزى بۇلغۇنۇپ، يەنە بىر تەرپتىن بىزلەرنى بۇلغاۋاتقان قىز- ئاياللىرىمىزنىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرى بىلەن سۇغۇرىلغان يازما ۋە باشقا ماتىرىياللار قەدەمدە بىر كۆزگە چېلىقىدىغان بولۇپ قالدى.تۆۋەندە بىز « JEK »نىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىغا يەنە بىر قاراپ باقايلى:



              «بەزىلەر ھېچبىر نومۇس قىلماستىنلا شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن15 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان قىزلارنى ،ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئالداپ ئېلىپ بېرىپ مەخسۇس ئۆي ئىجارە ئېلىپ پاھىشىلىككە سالماقتا،چوڭ-كىچىك مىھمانخانىلار،رېستۇران، بەزمىخانلار بىلەن توختام تۈزۈشۈپ ئۇلارنى قىزلىرىمىز بىلەن تەمىنلىمەكتە...ھەتتا بەزى ئورۇن ۋە شەخىسلەر ئارتىس قوبۇل قىلىمىز،سەنئەت كەسپىدە تەبىيلەيمىز دەپ نۇرغۇن قىزلارنى ئېچىنشلىق قىسمەتكە مۇپتىلا قىلىۋاتىدۇ.ھازىر ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئەشۇنداق قىزلىرىمىز خېلىلا كۆپىيىپ قالدى.شىنجىندا سەنئەت ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان بىر ئويغۇر بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:ھازىر شىنجىندا بىر ئايال،شىنجاڭدىن قىزلىرىمىزنى ئالداپ ئېلىپ چىقىپ دەللاللىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ،ئىسمى ئايگۈل ئەھمەت،يۇرتى ئاقسۇ شەھەر لەنگەر يولى.بۇ نومۇسسىز ئالۋاستى خوتۇن 2000-يىلدىن بېرى شىنجاڭدىن تۈركۈم-تۈركۈملەپ قىزلىرىمىزنى ئېلىپ چىقىپ پۇل تېپىشقا باشلىغان...»



      يۈز بىرىۋاتقان بۇ پاجىئەلەرنىڭ تېمپىراتۇرسىنىڭ ئۆرلەپ كىتىشىگە سەۋەپ بولۇۋاتقان بىر ئامىل- بۇ تىراگىديىلەرنىڭ باش رولىنى دەل ئۆزىمىزنىڭ ئالغانلىقىدەك «ئالەمشۇمۇل» ماھارەتتىن ئىبارەت. شۇ بائىزدىن بىز يۇقارقى ئىككى خىل سودىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى ۋە بىۋاستە قاتناشقۇچىلىرىدىن بولغان ئۆز كىشىلىرىمىزنى –دەل زامانىمىزدىكى تەرەققىياتنىڭ تۇغۇندىلىرىدىن بولغان«يېڭى ماڭقۇرۇت»لار دەپ ئاتىساق قىلچىمۇ ئاشۇرۋەتكەن بولمايمىز.ئۇ يەرلەردىكى يۈرەك پارىلىرىمىز- نائىنساپ خوجايىنلارنىڭ مەنپەتى بەدىلىگە ئۆزىنىڭ سەبىي ۋە گۆدەكلىكىنى سېتىپ قان- ياش ئىچىدە ئازاپلىق ئىڭراۋاتىدۇ.بىراق قىز-ئاياللىرىمىز چۇ؟ئۆزىنىڭ ھەر قەيەرلەردە يۈرگىنى ئاز كەلگەندەك تېخى يۇرتقا كىلىپ «يېڭى مال،خام ماتىرىيال»تولۇقلاپ قايتىپ بېرىپ يۇلتۇزلۇق مىھمانسارايلارنىڭ كارۋىتىدا،پۇلدر بايۋەتچىلەرنىڭ قوينىدا تاتلىق ئىڭراۋاتىدۇ.ئۇلار مانا بۇ تاتلىق ئىڭراشلار قوينىدا «ئەيدىز»ئاتلىق مەرەزنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ ،ھايال ئۆتمەستىنلا،ئۇنىڭ ئەسكەر(ماڭقۇرۇت)لىرى سۈپىتىدە سىز-بىزگە تىغ تەڭلىشىۋاتىدۇ.

    مانا بۇلار ئېنتىرنېتىكى قىزىق نوقتىلار،ئەمدى بىز ئەتراپىمىزغاقاراپ باقايلى:



    ئۆتەڭ ، سارايلاردىكى سەتەڭ ماڭقۇرۇت(دونداق)لار



      بىز ئەرخەقلەرنىڭ سىرىتتىكى (باشقا ئايال زاتى)لەرنى كۆرسەك،ھېجىقىز-ھەزىلەك بولساقمۇ بىر نىمىمىز مىدىرلاپ كىتىدىغان «ئېسىل»ئادىتىمىز بار.شۇ تاپتا بۇ «غالجىرانە،باتۇرانەمىجەز»ىمىزنى ياراتقۇچىنىڭ نەسەۋەپتىن ئاتا قىلغانلىقىنى ئارتۇقچە كوچىلىساق ئاسىي كىتىمىز.مەنچە ئەرلىك تەلۋىلىكىنى ياۋغا قارشى كۆرەشتە،ۋەتەن ھىمايىسىدە ئەل- ۋەتەننىڭ تەقدىرى ئۈچۈن سەرىپ قىلىشقا ئاتاقىلغانمىكىن دەيمەن. ئەشۇ «غالجىرلىقىمىز» بىزنى نۆۋەتتە ھەرخىل ئۆتەڭ ۋە سارايلارنى يۇقاردا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك نۇرغۇنلىغان «سەتەڭ ماڭقۇرۇت»لار بىلەن تولدۇرىۋەتتى.ئەل ئارىسىدا تېخى:«ئىككى قازاق بىر بولسا يايلاق گېپى،ئىككى خەنزۇ بىر بولسا قورساق گېپى،ئىككى ئۇيغۇر بىر بولسا توتاق گېپى قىلىدۇ”دېگەندەك “پەخىرانە» ئاتالمىمىز بىزنى ئەرلىكنىڭ سەرخىل سەينالىرىدا غالىبانە ياشاشقا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.ئارىمىزدىكى ئەنە شۇنداق غالىبانە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئەركەكلىرىمىزگە قاراپ،لۈشۈن ئەپەندى «ئا Q»ئوبرازىنى يارتىشتا مۇشۇلارنى پىروتوتىپ قىلغانمىكىن دەپمۇ قالىمەن.گېپىمىزگە قايىتساق مانا شۇ «غالىبانىچىلىك» بىزنى ئەشۇنداق ئۆتەڭ ۋە سارايلاردا ئۇيان- بۇيانغا ئەلەڭ- سەلەڭ قاراشقا،بىلىپ- بىلمەي «ئەيدىز»نىڭ قارا ئۇۋىلىرىغا قەدەم بېسىشقا مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ.تۆۋەندە ئېنتىرنېتقا بىرىلگەن مۇنۇ بايانلارنى كۆرۈپ چىقايلى:


    «... – سىز شۇنداق كېلىشكەن،پاكپاكىز قىزكەنسىز، نىمىشقىمۇ بۇيولدا ماڭغانسىز؟
    - نىمىسىنى دەي سىزگە،كىچىك ۋقتىمدىلا دادام جىنايەت ئۆتكۈزۈپ تۈرمىگە كىرىپ كەتتى،ئانام بىزلەرنى ئېلىپ تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن يۇرتتىن چىقىپ بۇيەر(چوڭ يولبويى)دىكى بىر ئاشخانىنى ئاچتى.دەسلەپ بىر ئىككى كىيىنچە بەش-ئالتە قىزلارنى تېپىپ كىلىپ مىھمانلارغا ھەمرا قىلىپ بىرىپ پۇل تاپتى. ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ئوغۇرلىقچە كۆز سالدىم،كىيىنچە مەنمۇ سورۇنغا كىرىۋېلىپ چىققىلى ئۇنمايدىغان بولۇپ قالدىم.بىر كۈنى ئانام يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كىلىشكەن بىر يىگىتكە بىر كېچە ھەمرا بولۇپ قالدىم،شۇندىن كىيىن بۇ كوچىدا...
    -


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.