ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-12-19

    قەدىمقى تۇرك يىزىقىدىكى يازما يادىكارلىقلار مۇندەرىجىسى - [تارىخقا نەزەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/90645757.html

    قەدىمقى تۇرك يىزىقى تۇرك-رونىك يىزىقى ياكى ئۇرخۇن-يىنسەي يىزىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەزكۇر يىزىقنىڭ كەڭ كۇلەمدە ئىشلىتىلگەن دەۋرى تەخمىنەن مىلادىيە 6-ئەسىردىن 9-ئەسىرلەرگىچە بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇر ۋە تۇركى خەلقلەر ئارىسىدا شەكىللىنىش مەنبىئىنى مىلادىدىن بۇرۇنقى دەۋرلەرگىچە سۇرۇشتۇرۇش مۇمكىن.

    تۇرك قاغانلىقى دەۋرىدىكى مەڭگۇ تاشلار:
    1.چورىن مەڭگۇ تىشى ــ 686-يىلى ئورنۇتۇلغان، كىيىنكى تۇرك قاغانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگە ئالاقىدار مەڭگۇتاش.
    2.ئونگىن مەڭگۇ تىشى ــ تەخمىنەن 700-716-يىللىرى ئارلىقىدا ئورنۇتۇلغان. ھەربى قۇماندان ئالپ ئالى ئەتمىشنىڭ قەبرە تىشى.
    3.تونيوقۇق مەڭگۇ تىشى ــ تەخمىنە 712-716-يىللىرى ئارلىقىدا ئورنۇتۇلغان، ھەربى مەسلىھەتچى تونيۇقۇقنىڭ ئىش ئىزلىرىغا ئائىت مەڭگۇ تاش.
    4.كۇلچۇر مەڭگۇ تىشى ــ 721-يىلى ئورنۇتۇلغان، قەبىلە باشلىقى كۇلچۇرنىڭ نامىغا ئاتاپ قويولغان مەڭگۇ تاش.
    5.كۇلتىكىن مەڭگۇ تىشى ــ 732-يىلى ئورنۇتۇلغان، ھەربى قۇماندان يوللۇغ تىكىننىڭ نامىغا ئاتاپ قويولغان مەڭگۇ تاش.
    6.بىلگە قاغان مەڭگۇ تىشى ــ 735-يىلى ئورنۇتۇلغان، بىلگە قاغاننىڭ قەبرە تىشى.

    ئۇرخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرىدىكى مەڭگۇ تاشلار:
    1.بايانچۇر مەڭگۇ تىشى ــ تەخمىنەن 744-759-يىللىرى ئارلىقىدا ئورنۇتۇلغان، ئۇرخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى بايانچۇر(مويۇنچۇر) قاغاننىڭ قەبرە تىشى.
    2.تىرخىن مەڭگۇ تىشى ــ ئەلئەتمىش بىلگە قاغاننىڭ ئىش ئىزلىرىغا ئالاقىدار مەڭگۇ تاش. تەخمىنەن 8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى ئورنۇتۇلغان.
    3.تەس مەڭگۇ تىشى ــ 762-يىلى ئورنۇتۇلغان، بۆكۇ قاغاننىڭ نامىغا ئاتاپ ئورنۇتۇلغان مەڭگۇ تاش.
    4.توققۇز ئۇيغۇر قاغان مەڭگۇ تىشى ــ 814-يىلى ئورنۇتۇلغان، ھەربى قۇماندان ئىل ئۇگەسى ۋە ئىنانچۇر مۇقانلارنىڭ تۆھپە مەڭگۇ تىشى. مانى دىنىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تارقىلىشىغا ئائىت مۇھىم مەزمۇنلار خاتىرلەنگەن.

    قىرغىز قاغانلىقى دەۋرىدىكى مەڭگۇ تاشلار:
    1.سۇجى مەڭگۇ تىشى ــ ئۇرخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالاقىدار مەزمۇنلار خاتىرلەنگەن.

    باشقا يادىكارلىقلار:
    1.«ئىرق بىتىگ»(پالچىلىق كىتابى)
    2.سىلىنگا قەبرە مەڭگۇ تىشى
    3.قارا بالغاسۇن مەڭگۇ تىشى
    4.كىنتاي مەڭگۇ تىشى
    5.قانغاي تىغى ۋە قۇملۇق رايونىدىن تىپىلغان كىچىك مەڭگۇ تاش
    6.مۇڭغۇلىيە خۇۋىت تامىر رايونىدىن تىپىلغان ئون مەڭگۇ تاش
    7. مۇڭغۇلىيە يىغى ئاسخات رايونىدىن تىپىلغان ئىككى مەڭگۇ تاش
    8.مۇڭغۇلىيە سېۋلې رايونىدىن تىپىلغان مەڭگۇ تاش
    9.ئىنىساي رايونىدىن تىپىلغان 85 پارچە مەڭگۇ تاش. ۋاقتى ئىنىق ئەمەس. 6-ئەسىرلەردىن 10-ئەسىرلەرگىچە بولغان ئارلىقدا ئورنۇتۇلغان بولۇشى مۇمكىن.
    10.تۇباس رايونىدىن تىپىلغان ئالتۇن-كۇمۇش بويۇملار ۋە پۇلغا ئۇيۇلغان ئويما يىزىقلار.
    11.مىنوشىنسكى رايونىدىن تىپىلغان ئالتۇن-كۇمۇش بويۇملار ۋە پۇلغا ئۇيۇلغان ئويما يىزىقلار.
    12.بايقال كۆلى ۋە لىنا دەرياسىنىڭ يوقۇرى ئىقىنىدىن تىپىلغان قىيا تاش تىكىستلىرى،جەمى 37ئورۇندا تىپىلغان.
    13. بايقال-لىنا رايونىدىن تىپىلغان ئۇرچۇق، قوي سۆڭىكى ۋە باشقا تۇرمۇش بويۇملىرىغا ئويۇلغان ئويما يىزىقلار.
    14.ئالتاي قىيالىرىدىن بايقالغان يىزىقلار.
    15.روسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونىدىكى ئوسسورىسكى شەھرى ئەتراپىدىن بايقالغان قورام تاشقا ئۇيۇلغان بەلگىلەر.
    16.مىراندىن تىپىلغان يازما يادىكارلىقلار ئارىسىدىكى قانۇنغا ئائىت ھۆججەتلەر.
    17.دۇنخۇاڭدىن تىپىلغان يازما يادىكارلىقلار ئارىسىدىكى قانۇنغا ئائىت ھۆججەتلەر.
    18.تۇرپاندىكى قەدىمقى قۇرۇلۇشلارنىڭ تاملىرىغا يىزىلغان تىكىستلەر.
    19.ئوتتورا ئاسىيا تالاس رايونىدىن تىپىلغان 5 مەڭگۇ تاش.
    20.ئوتتورا ئاسىيا تالاس رايونىدىن تىپىلغان 12 پارچە ئۇيما يىزىق.(پۇل، ياغاچ تاياق ۋە باشقا كۇندۇلۇك بويۇملارغا ئۇيۇلغان يىزىق)
    21.ئوتتورا ئاسىيا كۇيسارا رايونىدىن تىپىلغان كۇندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرىدىكى ئويما يىزىقلار.
    22.ئوتتورا ئاسىيا ئاقتۆپە رايونىدىن تىپىلغان كۇندۇلۇك تۇرمۇش بويۇملىرىدىكى ئويما يىزىقلار.
    23.پەرغانە رايونىدىن تىپىلغان مىتال ۋە فارفۇر بويۇملارغا ئۇيۇلغان قىسقا تىكىستلەر.
    24.ئوتتورا ئاسىيا مۇگ تىغى رايونىدىن تىپىلغان تىرىگە يىزىلغان مەكتۇپلار.
    25.شەرقى ياۋروپا نوۋچىركېس رايونىدىن تىپىلغان ئىككى چۇگۇن ئۇستىگە ئۇيۇلغان ئويما يىزىق.
    26.شەرقى ياۋروپا سارقىر رايونىدىن تىپىلغان خىشلارغا ئۇيۇلغان ئويما يىزىقلار.
    27. شەرقى ياۋروپا ماياك قەدىمى قەلئەسى خارابىلىكىدىن بايقالغان بەلگىلەر.
    28. ھونگىرىيە نادىسانتىكلۇش كەنتىدىن تىپىلغان ئالتۇن-كۇمۇش بويۇملاردىكى ئويما يىزىقلار.
    29.شىمالى كاۋكاز رايونىدىن تىپىلغان بەلگىلەر.


    پايدىلىنىلغان ماتىرىياللار:
    1.«قەدىمقى تۇرك-رونىك يىزىقىدىكى ئابىدىلەر»، س.گ. كىلياشتورنىي، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىلى.
    2.«قەدىمقى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما»، ئابدۇقەييۇم خوجا،تۇرسۇن ئايۇپ، ئىسراپىل يۇسۇپ قاتارلىقلار تۇزگەن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1983-يىلى.
    3.«ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدىبىياتىدىن تىزىس»، غەيرەت ئوسمان، شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى نەشرىياتى، 1987-يىلى.
    4.«ئۇيغۇر قەدىمى يىزىقلىرى ۋە يازما يادىكارلىقلىرى»《维吾尔古文字与古文献导论》، نيۇرۇجى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1997-يىلى.
    5.«قەدىمقى ئۇيغۇر مەدىنىيىتى ۋە يازما يادىكارلىقلىرىدىن قىسقىچە بايان»
    《维吾尔族古代文化和文献概论》 ، گىن شىمىڭ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1983-يىلى.
    5. «ئۇيغۇر تارىخى ماتىرىياللىرى»《维吾尔族史料简编》، فىن جاشىڭ قاتارلىقلار تۇزگەن، مىللەتلەر نەشرىياتى.

     


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.