ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-12-19

    كېيىنكى كۆك تۇرك خانلىقىنىڭ قۇرۇلىشى ۋە ئۇنىڭ تارىخى ساۋاقلىرى - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/90647614.html

    تاڭ سولالىسى مەۋجۇت كۆك تۇرك خانلىقىنى يوقىتىپ ۋەزىر ۋىي جىڭ ئېتقاندەك باشقا كۇچلۇك ئەللەرنى يوق قىلىپ، ئۇلار ئۇستىدىن ھۆكۇمرانلىق قىلىپ ھېچقانچە ئاسايىشلىققا ئېرىشەلمىدى بۇ ئىسكەندەر زۇلقەر نەيىن ،دارا ۋە كېيىنكى زاماندىكى ۋىزانتىيە ،چىڭگىزخان ئىمپىرىيەلىرى تەكرالىغان .ئاچچىق ھەقىقەت. تاڭ سولالىسى كۆك تۇرك خانلىقىنى يوقىتىش،يىراق چېگرىنى قوغداش ئۇچۇن،باشقا خەلىقلەرنىڭ تاڭ سولالىسغا بەيئەت قىلىپ ئۇنۋان ئالغان ئاقسوڭەكلىرىنى بېقىش ئۇچۇن جۇڭگو دېھقانلىرىنىڭ يۇكىنى ئېغىرلاشتۇردى.جوڭگو دېھقانلىرىنىڭ تاپقان -تەرگىنى ،يىگىت -قىزلىرى ئەسكەرلىك ،خان-مەھرەم،سېپىل-ئىستىھكام قۇرۇلىشى،چېگرا مۇداپىئە تەمىناتى ئۇچۇن بېغىشلاندى. ئاتالمىش ئىمپىرىيە ۋەتەنپەرۋەرلىكى ئۆز خەلقىنى قاقشال قىلىۋەتكەن ئەسەبى شوۋىنىزىملىق روھىيىتى بىلەن سوغۇرۇلغانىدى.بو روھ خېلى نۇرغۇن «قورۇل شائىرلىرى»نىڭ ئىرقچىلىق قاراشلىرىغا ئەسەبى زەرەت قوشتى.
          679-يىلى ئىلگىركى شەرقى قاغانلىقتىكى ئاسىنا ئۇرۇقىدىن بولغان قۇتلۇق چوغاي تاغلىرىدا 100كىشى بىلەن قوزغالدى.ئۇلار قارا قۇرۇم شەھرىنى ئىگەللەپ،قوشونىنى 5000مىڭغا يەتكۇزۇپ ،ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ياشىغان ئۆتۇكەن تاغ قارارگاھىنى ئىشغال قىلىپ كۆك تۇرك خانلىقىنى قايتا تىكلىدى. قۇتلۇق ئۆزىنى ئېلتەرىش قاغان دەپ ئاتىدى. قۇتلۇق ئۆز ئېلىنى شەرقى (تولىش) ،غەربى (تاردۇش ، تاردۇس) شادلىقىغا بولدى. ئۇ(679-691) 11يىل سەلتەنەت سۇرۇپ ،47قېتىم تۆت ئەتراپتىكى تاۋغاچ،قىتان،تاتابى، تاتار، ئۇيغۇر،قىرغىز،غەربى تېلى قەبىلىلىرى بىلەن جەڭ قىلىپ، ئىلگىركى ئاتازىمىنىنى قايتا بىرلەشتۇردى. تۇران قەبىلىلىرىنىڭ بۇ جەرياندىكى بىرلىشىش ئەمەس ، بەلكى قۇتلۇق ئېلتەرىش قاغانغا قارشى ئۇرۇشلىرى بىر مەسىلە سۇپىتدە تېرەن تارىخى مۇھاكىمىنى تەلەپ قىلىدۇ. تۆت مەشھۇر دانىشمەن _ تۇنيوقۇق(646-؟)، ئاشېد ئۇنجى (؟-693) يوللۇغ تېگىن ،ئالپ ئەل ئېتمىش بۇ زاماننىڭ تارىختا ئىش -ئىزلىرى قالغان ئەزىمەتلىرى ئىدى. تۇنيۇقۇق ئاشېد قەبىلىسىدىن بولۇپ، ئىسمىغا قارىغاندا (تۇنجى ھېقىق تاش) ئائىلىسنىڭ چوڭ ئوغلى بولۇشى مۇمكىن. ئۇ يەتمىش ياش چاغلىرىدىن تارتىپلا بىلگە قاغاننىڭ ۋەزىرى،مەسلىھەتچىسى ۋە سەركەردىلىردىن بىرى بولۇپ،ئۇچ ئەۋلات قاغانلىققا خىزمەت قىلدى. ئۇياش ۋاقتىدا چاڭئەندە ئۇقىغان بولۇپ، ئېل قاغان زامانىدىكى شەرقى كۆك تۇركلەر ئەۋلادىدىن ئىدى. ئۇنىڭ ئاپارخان دېگەن ئۇنىۋانىغا قارىغاندا ئۇ باش تارخان بەگلىك خىزمىتىنى ئۆتىگەن. تۇنيۇقۇق كۆپ جەڭلەرگە پىلان تۇزگەن، كۆپ جەڭلەرگە قوماندانلىق ياكى مەسلىھەتچىلىك قىلغان. ئۇ بىلگە قاغاننىڭ قېيناتىسى ئىدى. ئاشېد ئۇنجى دېپلۇماتىيە مۇتەخەسىسى بولۇپ، چاڭئەندە ئوقىغان، ئۇ تاڭ سولالىسىغا،تۇركەشلەرگە بىر قانچە قېتىم ئەلچى-دىپلومات بولۇپ بارغان. يوللۇغ تېكىن بىلگە قاغاننىڭ ئوغلى_ئاسىنا ئۇرۇقىدىن بولۇپ،تۇركى مەدەنيىتىنىڭ ساپلىقى ۋە خاسلىقىنى چوڭقۇر چۇشەنگەن. ئۇ يازغان ئابىدە تېكىستىلىرى ئۇنىڭ كۆك تۇرك قاغانلىقى تارىخىنى ، تەجرىبە -ساۋاقلىرىنى ئۆز زامانىسىدا ھەممىدىن چوڭقۇر چۇشەنگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ئالپ (ئەلب) ئەل ئېتمىش «ئۇنگىن مەڭگۇ تېشى» (716-يىلى) نىڭ ئاپتۇرى بولۇپ، 719-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ جەڭلەرگە قاتناشقان ۋە شاد ئۇنۋانىنى ئالغان.ئۇ 715-يىلى قەدەز دىگەن جايدا توققۇز ئوغۇزلارغا قارشى جەڭگە قوماندانلىق قىلغان بولۇپ، قاپاغان قاغاننىڭ يېقىن سەركەردىلىردىن بولغان.كېيىنكى كۆك تۇرك قاغانلىقى 679-يىلىدىن 745-يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى قۇرۇلغىچە 56 يىل داۋام قىلىدى. بۇ دەۋىردە تۆۋەندىكى قاغانلار سەلتەنەت سۇردى.
    قۇتلۇق ئېلتەرىش قاغان (679-691)
    موچۇر -قاپاغان قاغان(ئېلتەرىشنىڭ ئىنىسى 691-716)
    بىلگە قاغان (بوگو تېكىن تاردۇش شاد 716-734)، قۇتلۇق ئېلتەرىشنىڭ ئوغلى،كۆلتىكىننىڭ ئاكىسى.
    ئىجان قاغان (يوللۇغ تېكىن 734-739)
    بىلگە قۇتلۇق قاغان (تەڭرى قاغان. 739-743)
    ئۆزمىش قاغان(كۆلتىكىننىڭ ئوغلى. 743-743)
    بايمەيخان (قۇلن بېك 744-745)
          قۇتلۇق ئېلتەرىش قاغاندىن كېيىن قاغانلىق ئىنىسى موچۇر (قاباغان)قاغانغا قالدى. بۇ ۋۇزېتىيەن(684-704)دىن تاڭ شۇەنزۇڭ (713-756)غىچە بولغان ئارلىق زامان ئىدى. قاپاغان قاغان تەختىكە چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭ جەمەتى بىلەن ئاكىسى قۇتلۇق ئېلتەرىش قاغان ئوغۇللىرى بۆگۈ تېگىن ،كۆلتىكىن ئوتتۇرسىدا زىدىيەت يۇز بىرىپ ، مۇچۇر قاغان ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان بىلگە قاغانلار ئوردا كۆرەشلىرىدە ئۆلتۇرۇلدى.
          قاپاغان قاغان چارەك ئەسىر سەلتەنەت سۇردى. ئۇ بۇ چاغدا 693-698-يىللىرىغىچە ۋۇزىتىيەن باشقۇرغان تاڭ سولالىسىنى شىمالدىكى«خېچۇي ئالتە ئوبلاستى»بىلەن نۇرغۇن ئاشلىق، تاۋار-دۇردۇن،ھەتتا ھەربى قۇراللىرىنى ئۆتۇنۇپ بىېرىشكە مەجبۇر قىلدى. ۋۇزېتىيەن يەنىلا ئۇنى «ئىناق كۆچمەن قاغان»،«ئەلگە توھپىكار قاغان» دەپ ئۇنۋان بىلەن تارتۇقلاپ تۇردى.ئۇ ئىككىنچى قەدەمدە جۇڭغارىيەدە باسمىللارغا قارشى ئۇرۇشلارنى ئېلىپ باردى. ئۇنىڭ بېىسمى ئاستىدا قالغان قارلۇقلار 714-يىلى 12ئاقساقالنى چاڭئەنگە ئەۋەتىپ تاڭ سولالىسىغا تەسلىم بولۇپ، قاپاغان قاغانغا قارشى مەيدانغا ئۆتتى. 715-يىلى شىمالى ئۇيغۇرلار قوزغىلاڭ قىلدى.716-يىلى موچۇر -قاپاغان قاغان ئۆلتۇرۇلدى.
          قاپاغان قاغان ئۆلۇپ ئورنىغا ئوغلى كۆلتىكىن چىقىدۇ. ئۇ قۇتلۇق ئېلتەرىش ۋە مۇچۇر ئائىلىسى زىدىيىتىنى قوزغايدۇ. كۆلتىكىن موچۇر ئائىلىسىنى تارمار قىلىپ ،قاغانلىقنى ئاكىسى بۆگۈ تېكىن_تاردۇش شادقا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى بېلگەقاغان دەپ ئاتايدۇ.بىلگە قاغان دانىشمەن تۇنيۇقۇنى ئاپاتارخانلىقتىن ئوزىگە ۋەزىر ،مەسلىھەتچى قىلدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ بىلگە قاغان،ئىجان قاغان سەلتەنەت سۇرگەن 23يىل كېيىنكى كۆك تۇرك قاغانلىقىنىڭ قايتا ھەمجەھەتلىكتە گۇللەش دەۋرى بولدى.   بۇ تاڭ شۇەنزۇڭ (713-756)سەلتەنەت سۇرگەن، تىبەتلىكلەر تاڭ سولالىسغا قارشى ئاتلىنىشقا ھازىرلىنىپ ، كۆك تۇركلەرگە بىرلەشمە فرونت تەشكىل قىلشىنى تەكلىپ قىلغان، ئەرەپ سەركەردىسى قۇتەيبە ماۋەرەئۇننەھردە بۇخارا جېڭىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان زامان ئىدى.
          بىلگە قاغان ھەر تەرەپكە چېچىلغان ،تاڭ سولالىسىغا قارام بولۇپ قالغان تۇرك قەبىلىلىرىنى توپلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىنىسى كۆلتىكىننى يەتتە سۇ ،سىر، چۇ ۋادىلىرىغا ئەۋەتىپ،قۇتەيبە باشلىغان ئەرەپ قۇشۇنلىرى بىلەن سوقۇشتى. ئەرەپ ،تىبەت ۋە تاڭ سولالىسى تەھدىتلىرى ئالدىدا يەنىلا پارچە قەبىلە ھاكىميەتچىلىكىدە چىڭ تۇرغان قارلۇق ۋە باسمىل قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۇرۇشكە، ئۇلارنىڭ توپىلىلاڭلىرىنى تىنجىتشقا كىرشتى. 727-يىلى تاڭ سولالىسىنى ھەر يىلى ئۆزىگە 140مىڭ توپ گەزمال بېرىشنى شەرت قىلغان تېنچ مۇناسىۋەت كېلىشمىگە قول قويدى. بىلگە قاغان 734-يىلى ۋەزىر بۇيرۇق شاد تەرپىدىن ئۆلتۇرۇلدى. ئىنىسى كۆلتىكىن 731-يىلى قازا قىلدى. ئوغلى ئىجان قاغان ئورنىغاچىقتى. لېكىن شۇ يىلى ئۇمۇقازا قىلىپ ،ئورنىغا ئىنىسى بىلگە قۇتلۇق تەڭرى قاغان چىقتى، ئۇ تېخى كىچىك بولغاچقا ، ئانىسى سۇببى خاتۇن ھاكىميەتنى تىزگىنلىدى.بۇ چاغدا ھاكىميەت زىدىيەتلىرى كۇچەيدى. قاغانلىق ئىچكى ئۇرۇشقا چۆكۇپ قالدى. 742-يىلى باسمىل،ئۇيغۇر ۋە قارلۇق قەبىلىلىرى قوزغىلىپ ،باسمىل قاغانلىقى قۇرۇلدى. باسمىل قەبىلىسى قاغان بەلگلىدى.ئۇيغۇرلاردىن شەرقى (تولىش) شات، قارلۇقلاردىن غەربى(تاردۇش) شاد بەلگىلەندى.تاڭ سولالىسنىڭ پادىشاھى دەيزۇڭ باسمىل قاغانىغا كىشى ئەۋەتىپ، تەڭرى قاغاننىڭ ۋارىسى،كۆلتىكىننىڭ ئوغلى ئۆزمىش قاغان سەلتەنىتىنى يوقىتىشقا كۈچىدى. نەتىجدە باسمىل قاغانى 744-يىلى ئۇزمىش قاغاننى ئۆلتۇرۇپ كاللىسىنى دەيزۇڭ پادىشاھقا يوللاپ بەردى. ھاكىميەت كېيىنكى كۆك تۇركلەردىن باسمىل قاغانلىقىغا ئۆتۇپ كېتىش خەتىرى تۇغۇلغاندا ،كۆك تۇرك ئاقساقاللىرى قۇلۇن بېكنى بايماي قاغان نامىدا تەختىكە چىقاردى.745-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ باشلىقى كۆلبىلگە قۇرۇلغىنىغا ئۇچ يىل بولغان باسمىل قاغانلىقىنى يوقاتتى. ئارقىدىنلا بايمەي قاغاننى يوقىتىپ ،كۆك تۇرك قاغانلىقىغا خاتىمە بەردى. بۇ تۇققۇز ئوغۇز قاغانلىقىنىڭ باشلىنىشى بولدى.
      ( ئاخىرى بار )
                ئابدۇشكۇر مۇھەممەتئىمىن   «قەدىمقى مەركىزى ئاسىيا» دىن ئېلىندى.

    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.