ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-12-19

    20-ئەسىردىكى تۇنجى ئىسلاھاتچى 3 - [ماقالا ۋە ئوبزور]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/90519737.html

     ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ بۇ قىتىمىقى سەپەردىن قايىتدىن كىيىن قەشقەردە ئىلىپ بارغان پائالىيەتلىرىدىن ئۇنىڭ ئىلگىرىكى مەرىپەتچىلىك غايسىگە ئىگە جەدىتچىدىن ئىجتىمائىي كۈرەش ئىرادىسىگە ئىگە كەسكىن ئەمەلىيەتچىگە ئايلانغانلىقىنى ئىنىق كۆرۋالغىلى بولىدۇ.


    ئۇنىڭ قەشقەرگە قايىتىپ كەلگەندىن كىيىن ئىلىپ بارغان پائالىيەتلىرى خەلىق ئارىسىدا رىۋايەت تۈسىنى ئالغان. ئۇنىڭ تەسىرى يۇقىرى چەككە يەتكەن.  ئۇ،   خەلىقىنىڭ قان –تەر بەدىلىگە ياشاۋاتقان تەسلىمچى مەنسەپدارلارغا جاھالەت ھامىيلىرى بولغان مەككار ئۆلىما –ئىشانلارغا،  مال-دۇنيا توپلاشتىن باشقىنى ئويلىمايدىغان ئاچكۈز بايلارغا قىلچە يۈز خاتىرە قىلماي،  مۇرەسسەسىز مۇئامىلە قىلغان. قەشقەردىكى خىرىستىيان دىن تارقاتقۇچىلىرىغا قارشى كەيپىياتىنى ئەمەلى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ،   ئۇيغۇرلانىڭ سىياسى تارىخدىكى تۇنجى نامايشىنى تەشكىللەپ،  ئاممىۋى نارازلىق ھەرىكىتنى قۇزغىغان.


         غەرىب خىرىستيان دىن تارقاتقۇچىلىرى – مىسيونېرىلىرى ( قەشقەرلىكلەر مىسى دەپ ئاتايىتى ) قەشقەرگە 1892-يىلى قەدەم قۇيغان.  شىۋىتسىيە باش دىنى جەمىئيىتنىڭ كافكاز رايۇنىدا دىن تارقىتۋاتقان مىسيونىرى ھۆيجىىر رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرسىدىكى ئۇرۇشتا ئەسىرگە تۈركىيلىك ئەرمەن يوھانس ئاۋىتارانىئات دىگەن شاگىرتىنى ئەگەشتۈرۈپ 1892-يىلى قەشقەرگە كەلگەن. بىللە كەلگەن ئۇ تۈركىيلىك ئەرمەن تۈرك تىلىنى بىلەتتى ھەم ئەسلى ئىسلام دىنغا ئېتىقاد قىلاتتى. ئۇ،  كافكازدا ھۆجىر بىلەن تونۇشۇپ خىرستيان دىنغا ئېتقاد قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ تۈرك تىلىنى بىلشى ۋە ئىسلام دىننى پىشىق بىلىشى ھۆجىرنى قىزىقتۇرغان. ھۆجىر قەشقەرگە كىلىپ ۋەزىيەتنى كۈزىتىپ،  قايىتىپ بارغاندىن كىيىن قەشقەرنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىردىن بىر دىن تارقتىش نۇقتىسى قىلىپ بىكتىكەن.  ئارقىدىنلا بىر ئۆمەك تەشكىللىنىپ ھۆگبرىگ دىگەن پۇپنىڭ يىتەكچىلكىدە 1894-يىلى فىۋرالدا قەشقەرگە يىتىپ كەلگەن.  ئۇلارنىڭ 10 يىلدىن ئارتۇق ئىلىپ بارغان ئېتىقاد ئۆزگەرتىش تىرشچانلىقى ئىسلام دىنى ئىنتايىن چوڭقۇر يېلتىز تارتىپ كەتكەن قەشقەردە ھىچقانداق ئۆنۈم بەرمىگەن.  ئۇلار قەشقەر خەلىقىنى دىننى ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىپ خىرستىيان دىنىغا ئېتقىاد قىلدۇرۇش ئۆچۈن بىۋاستە تەشۋىقات ئىلىپ بىرشىنىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى ھىس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن 1906-يىلى قاھىرەدە ئىچىلغان گوسپىل يىغىنىڭ رۇھى بۇيىچە،  دوختۇرخانا،  مەكتەپ،  دارىلئىتام ئىچىش،  شۇ ئارقىلىق داۋالاش ۋە تەربىيلەش يولى بىلەن ئۆنۈمگە ئىرشىنى ئويىلغان. بۇ نۇقتىدىن شىۋىسىيەلىك گۇننار يارىڭمۇ ئىنق كۆرسىتىپ «دوختۇرخانا خىزمىتى بىلەن مائارىپىنى يولغا قويۇش دىن تارقۇتقۇچىلارنىڭ ۋەزىپىسى ئۆچۈن يول راسلاش – كۆۋرۈك سېلشتىن ئىبارەت» دەپ يازغان. «تۈپ ماھىيتدىن ئىيتقاندا،  شىۋىت مىسسىيولىرنىڭ ئىسلام دىنى ۋە مەدەنىيىتى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بۇ رايۇنىدا خىرسىتيان دىنى تارقىتىشقا كىرشىشى ھەمدە يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەت ئەقىدىسى بىلەن زىچ يۇغورۇلۇپ كەتكەن ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە قىممەت قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنشى بىر ‹ مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى › دىن باشقا نەرسە ئەمەس» ئۇلار دىن    تارقىتىش   خىزمىتنى  سەۋىرچانلىق بىلەن ئىشلىگەن.  ئىگە –چاقىسىز يېتىم –بالىلارنى بېقىپ تەربىبيلەش ئارقىلىق بارا-بارا ئېتىقاد ئۆزگەرتىش خىزمىتىدە ئۈنۈمگە ئىرىشكەن. 1920-يىللارنىڭ ئالدى – كەينىدە  ئۇلارنىڭ مەكتىپىگە باردىغان ئوقۇغۇچىلار سانى 100 دىن ئىشىپ كەتكەن. 1923-يىلى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىپ 200دىن ئاشقان.


            ئابدۇقادىر دامۇللام خەلىقىنىڭ مىڭ يىلىدىن ئاشقان ئەقىدە- ئېتىقادى خىرسقا دۇچ كەلگەن  مۇشۇنداق جىددى پەيىتتە كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ خەلىقىنىڭ ئەقىدە – ئېتىقادىنى  چىڭتىش،  دىنى كىملىكىنى ھىس قىلدۇرۇش،  نۆۋەتتكى كىرزىسقا تاقابىل تۇرۇش توغۇرلۇق پۇرسەت يار بەرگەنلىكى سورۇندا تەشۋىقات – تەربىيەنى كۆچەيتىپ قانات يايدۇرغان. ئالدى بىلەن شاگىرتلىرىنىڭ قەلبىگە مىسيونېىرلارغا قارشى غەزەپ يالقۇننى تۇتاشتۇرغان.  ھەر كۈنى ناماز دېگەردىن كىيىن ھىيتگاھ جامائەسىدە ئەمىرى مەروپ،  مۇنازىرە سورۇنلىرنى ئۇيۇشتۇرۇپ،  ۋەز –تەبىلغ قىلىپ ،  غاپىل خەلىققە ئۆزلىكسىز تەشۋىقات،  تەرغىبات ئىلىپ بارغان. مۇتەئەسىپ ئۆلىمالار بىلەن مۇنازىرە قىلىپ،  كامالەتكەن يەتكەن مۇنازىرە قابىليىتى ۋە ھەققانىي سۆزلىرى بىلەن ئۇلارنى مات قىلغان. تار دائىردىكى يومشاق ئىبادەتلەرنى ئادا قىلش بىلەنلا قانائەت تۇيغۇسىغا چۆمۈپ،  خاتىرجەم ياشاشقا ئادەتلەنگەن  موسمۇس مۇللاملارغا نەپرەتلەنگەن ئابدۇقادىر دامۇللام ئۇلارنىڭ ئىبادەتنى تولىمۇ يۈزە چۈشىنىپ،  بىپەرۋا كۈن ئۆتكۈزۈشلرىگە چىداپ تۇرالماي يالقۇنلۇق نۇتۇقلىرى بىلەن ئۇلارغا بۇرچىنى تۇنۇش تۇغۇرلۇق نەسىھەت قىلغان. ئۇ ئىنق قىلىپ «ئالىملىرىمىز زىمسىدىكى ۋەزىپىنىڭ ئىغىرلىقىنى تونۇپ،  ياخشى ئەمەللەرنى خالايىققا ئەينەن يەتكۈزسۇن» دەپ ئىيتقان.  ئابدۇقادىر دامۇللام يۇرت كاتىللىرى بولغان بىخىل بايلارغا قەشقەر كوچىلىرىدا سەرسان – سەرگەندان بولۇپ يۈرگەن بالىلارنى،  گۈلەخلەردە كۈلگە كۆمۈلۈپ ياتقان  يىتىم –يىسىرلارنى قانات –ئاستىغا ئىلىش ئۇلارغا ساخاۋەت داستىخنىنى يىيىپ،  قېرىنداشلىق مەجبۇريىتىنى ئادا قىلش ھەقىقدە يو كۆرسەتكەن. ئابدۇقادىر دامۇللام ئۇلارغا «ئۆزىمىز يۇرتنڭ كۆزى خەلىقىنىڭ بىشى بولۇپ تۇرۇقلۇق خەلىقىنى بەخىت- سائادەتكە باشلاپ ماڭماستىن پۈتۈن ئىشتىياقىمىز بىلەن شەخسى تاپاۋەت يولىغا ماڭساق،  قولغا كىرگەن تىللا – تەڭگىلەرنى ئەۋرەزىگە كۆمۈپ خاتىرجەم ياتساق،  ئىستىقبالىمىز توغۇرسىدا زەرىچە قايغۇرمىساق كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزغا نېمە دەپ جاۋاب بىرىمىز،  ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئاسىيى گۇناھكار بوپقالماسمىزمۇ !....  ئەپسۇسكى بىز غەمخۇرلۇق قىلماي كوچىغا تاشلىۋەتكەن بالىلىرىمىزنى ياۋرۇپادىن كەلگەن موخالىپيەتچلەر ئۆز قويىنغا تارتماقتا،  ئىنگىلىز – شىۋىتلار قانداقتۇر شىپاخانا قورۇپ،  داۋالاش يوللىرى بىلەن ئەقىدە ئوغۇرلىماقتا. ئۇلار بىزنىڭ بالىلىرىمىزغا بىر مىسقال تەسىر كۆرسىتشكە كۆز يەتسە،  ئايانماستىن يۈز سەرلەپ تەڭگە سەرپ قىلماقتا. بىز بولساق بالىلىرىمزىنى كوچىلارغا تاشلاپ،  ئۆزىمزىدىن يىراقلاشتۇرماقتىمىز» دېگەندەك جاراڭلىق خىتابلارنى قىلغان. «نەسىھەتى ئامما» نامىلىق مەشھۇر ئەسىرىنى قايتا باستۇرۇپ كەڭ تۈردە تارقاتقان.  ئۇ بۇ ئېسىل ئەسىرىدە خەلىققە مۇنداق مۇراجىئەت قىلغان : «بۇ زامان غەپلەت بىپەرۋالىق زامانى ئەمەس،  ئۇيغىنش ۋە سەزگۈرلۈك زامانىدۇر ! جاھىلىق ۋە نادانلىق دەۋىرى ئەمەس،  ئىلىم – مەرىپەت دەۋىردۇر،  سۇسلىق ۋە بىكارلىق  ۋاقتى ئەمەس،  تىرشش ۋە غەيرەت ۋاقتىدۇر. باشقا مىللەتلەر ئىلىم ۋە مەرىپەت سايىسدا ھاۋادا ئوچۇپ پەرۋاز قىلماقتا،  سۇ ئاسىتدا بولسا خۇددى قۇرۇقلۇقتا يۈرگەندەك ئەركىن ئۈزۈشمەكتە. بىز تىخى غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتماقتىمىز. ئۇيقۇ ئۆلۈمىنىڭ بۇرادىرى ۋە موقەددىمسىدۇر. بۇ ھالەتتە دائىم ئوخلىماق يۇقىلىش ۋە ئۆلىم يولىدۇر ! ھېلى ھەم ۋاقىت ھەم پۇرسەت بار» پىرۇگىرامما خاراكىتىرلىك بۇ ئەسەر ئەيىنى ۋاقىتتا زىلزىلە خاراكتىرىلىك ئۈنۈم پەيدا قىلغان. بۇ ئەسرنىڭ تەسىرى بىلەن كىشلەردە مىللى ئاڭ ئۇيغىنشقا باشلىغان.  ئىلگىركى مەرىپەتچىلىك روچى بۇ مەزگىلىگە كەلگەندە سىياسى ئاڭنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن تىخىمۇ بىيىغان قىسقىسى،  ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ زۇر تىرشچانلىق كۆرستشى نەتىجىسە قەشقەر تەۋەسىدىلا ئەمەس. بەلكى پۈتكۈل تارىم ۋادىسىدا يېڭىچە كەيپىيات بارلىققا كەلگەن. كىشلەر يېڭىلىق،  تەرەققىيات،  مەرىپەت ھەقىقدىلا ئەمەس ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ ئۈسىتىدىمۇ ئويلىشدىنغان سۆزلىشدىغان بولغان. ئۇ،  ھۆسەيىنخان  قۇتبددىنشاھ تەجەللى،  باھاۋۇدۇن باي،  شەمسىدن دامۇللام،  سابىت ئابدۇلباقى كامالى،  قۇتلۇق شەۋقى،  ھاجى مۇھەممەد ئەلى قاتارلىق مەشھۇر مەرىپەت ئاشنالىرنىڭ بىر نىيەت،  بىر مەقسەتتە ھەمدە بولۇشى نەتىجسىدە يېڭى بىر ئەۋلاد پىداكار شاگىرتلارنى تەربىيلەپ چىققان  مۇشۇ مەزگىلىدە قەشقەردە «ياش قەشقەرلىكلەر» نامىدا بىر تۈركۈم جەدىتچە روھتىكى زىيالىي بارلىققا كەلگەن. ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ئىجىتمائىي پائالىيىتى قەشەردە  يېڭى جانلىنش مەنزىرسىنى پەيدا قىلغان. قاغىلىقتا تۇرۇپ قەشقەردىكى ئۆزگىرىشلەرگە يىقىدىن كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ئاتاقلىق شائىر،  ئۇيغۇر تىبابەت ئالىمى ھۆسەيىنخان قۇتبىددىنشاھ تەجەللى ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ قولىدا ئوقۇۋاتقان گۇمىلىق شاگىرتى ئابدۇجىلىلغا يازغان شئىرى مەكتۇبىدا «غازىنىڭ غەيرىتىدىن تۇغۇلغان غەۋغالارنى يېزىپ تۇرغىن» دەپ تاپلىغان. بۇنىڭدىن ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ قەشقەردىكى ئىجتىمائىي ئىسلاھات پائالىيەتلرىنىڭ ئەيىنى چاغدا ئۇيغۇر جەمىئيىتىدە بىر قىزىق تېما بوپقالغانلىقىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ.


           ئەينى يىللاردا،  يەنى 1920-يىللارنىڭ بىشىدا بولشۋىزىم بىلەن بىرىتانىيە كىڭەيمىچلىرنىڭ شىنجاڭغا بولغان سىڭىپ كىرىش قارا نىيىتى شىنجاڭنى ئۆزلىرنىڭ تەسىر دائىرسى ئىچىگە ئىلىش ئۇرۇنشلىرى قەشقەر ۋەزىيتىنى ناھايىتى مۇرەككەپلەشتۈرۋەتكەن. ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك،  مىللەتپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى ئۇلارنىڭ كۈتمىگەن يىرىدىن چىققان. 1924-يىلى ئابدۇقادىر دامۇللام ھەر قايسى مەدرسەدىكى تالپلارنى تەشكىللەپ شىۋىت دىن تارقاتقۇچىلرىنىڭ ھەرىكتىگە قارشى نامايىش تەشكىللىگەن. 1936-يىلى نەنجىڭدە نەشىر قىلنغان،  زېڭ ۋىنۋۇ يازغان «جۇڭگۇنىڭ غەربى يۇرتىنى ئىدارە قىلش تارىخى» دېگەن كىتابتا يېزىلىشچە،  «مىگۇنىڭ 12-يىلى قەشقەردىكى چوڭ مۇپتى ئابدۇقادىر دامۇللام خىرستيان كۈچلىرىنىڭ شىنجاڭدا يامىراپ كىتىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ مۇسۇلمانلارنى ئۇيغىتىش ئۆچۈن ھۆكۈمەتتن ژۇرنال چىقىرشقا ئىجازەت بىرىشىنى تەلەپ قىلغان لىكىن ھۆكۈمەت رۇخسەت قىلمىغان. ئابدۇقادىر دامۇللام تەشۋىقات ماتىرىياللىرىنى يېزىپ،  تالىپلىرىغا ھەرقايسى مەسجىدكە چاپلاشقا ئۇرۇنلاشتۇرغان.  بۇنى ئوقۇغانلار ناھايىتى كۆپ بولغان. ئۈنۈمى چوڭ بولغان. مانا مۇشۇنداق ئىدىيۋى قۇزغىتش نەتىجسىدە قەشقەردىكى ئوقۇغۇچىلار پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈشۇپ،  شۇئار تۇۋلاپ كوچىلارنى ئايلانغان. پىلاكاتلارنى كۈتۈرۈشكەن ئوقۇغۇچىلار مىسيونېىرلانىڭ تەشۋىقات ماتىرىياللىرىنى كۆيدۇرۇپ تاشلىغان،   باسما ماشىنلرىنى پاچاقلىۋەتكەن. بۇ ئىش قەشقەرنى زىلزىلىگە سىلىۋەتكەن. قەشقەردىكى ئەنگىلىيە كونسىلخانىسى،  شىۋىت مېسيونىرلرى ۋە سوۋىتلەر ئىتىپاقىنىڭ ئادەملىرى چۆچۈپ كەتكەن. «نامايىش كۆتۈرۈلگەن كۈننىڭ ئەتسىلا قەشقەر دوتىيى ئابدۇقادىر دامۇللام،  مامۇ ھاجىم،  ياقۇپ ھاجىم باشلىق 30ن يىقىن كىشىنى 40كۈن ھەپسىگە سولاپ قۇيغان.» ياڭ زېڭشىن ھۆكۈمىتى ئىشنى ئۆزىنىڭ ئادەتلەنگەن ئۇسۇلى بۇيىچە ھەل قىلدىغانلىقى تۇغۇرلۇق ئۇلارغا ۋەدە بەرگەن. جۇڭگۇنىڭ فىئۇداللىق مەدەنيىتى ھەقىقدە چوڭقۇر مۇھاكىمە يۈرگۈزگەن مۇتەپەككۇر ئەدىب لۈشۈن ئەپەندى جۇڭگۇنىڭ فىئۇداللىق جەمىئيىتىنى «ئادەمخۇر جەمىئىيەت» دەپ ئاتىغان. ئۇ جۇڭگۇ قىئۇداللىق جەمىئيتنىڭ نىگىزلىك ئىللەتلىرى ھەقىقدە توختىلىپ : «جۇڭگۇنىڭ كونا ئۇدۇمى شۇنداق،  ئوقۇمشلۇق ئادەملەرنىڭ قۇرسىقىدا ئومۇمەن قانخۇرلۇق ئامىلىرى بولىدۇ. ئۇلار يولى ياتلارغا ھەر قاچان ئۆلۈم يولىنى راسلاپ قۇيىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. جۇڭگۇ فىئۇداللىقى جەمىئيتنىڭ مەھسۇلى مەككار سىياسۇن ياڭ زېڭشىن ئادەمخۇرلۇقتا ئۇچىغا چىققان فىئۇدال مەنسەپدار ئىدى  ئۇ : «مائارىپى يوق مىللەت دۇم كۈمتۈرۈپ قۇيۇلغان قازانىڭ ئاستدىكى قوڭغۇزغا ئوخشايدۇ. جاھان مۇشۇ دەپ يۈرىۋىرىدۇ. نادان ئادەمىنى باشقۇرماق ئاسان،  ئۇلارنى قۇيغا ئوخشاش خالىغان تەرەپكە ھەيدەپ كەتكىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۆچۈن مەن ئۇلارغا مائارىپىنى بەرمەيمەن،  ئۇلارنىڭ ئارسىدىن چىققان ھەر قانداق ئىقتىدارلىق ۋە ئەقىللىق كىشىنى دەرھال نەزەربەندى قىلىمەن. بىر باھانە تىپىپ يوق قىلىمەن» دېگەنىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئابدۇقادىر دامۇللامدىن ئىبارەت بۇ دانا ئىسلاھاتچىنى يۇقتىش مەقسىدىنى كالتە پەم،  بۇرنىنىڭ ئۇچىنلا كۆردىغان،  مۇناپىق مىجەز شەخسىيەتچى بايلار بىلەن ھەسەتخۇر ئۆلىمالارنىڭ غالچىلىق قىلىپ ماسلىششى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغان.
           قەتئى ئىرادىلىك – مۇرەسسەسىز ۋەتەنپەرۋەر پىداكار يولباشچى،  مۇتەپەككۇر ئىسلاھاتچى،  ئوت يۈرەك جەدتىچى ئابدۇقادىر دامۇللام 1924-يىلى 14- ئاۋغۇسىت تاڭ سەھەردە قەشقەر شەھىردىكى ئۆيىدە ياللانغان قاتىل تەرىپىدىن قەستىلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇيغۇر خەلىقى ئۆچۈن زۇر يۇقىتىش ھىساپلانغان بۇ قاتتلىق پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىياغا پۇر كەتكەن. قەشقەردىكى ئىلغارلىققا مايىل كۈچلەر تۈركۈملەپ قولغا ئىلنغان. بىرقىسىمى تاشكەنت،  ئەنجان،  قاراقۇلغا،  بىرقىسمى غۇلجىغا،  يەنە بىر قىسمى شاڭخەي،  تىيەنجىنگە قىچىپ قوتۇلغان. ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ پاجىئەلىك ئۆلۈمى سەۋەبىدىن قەشقەر خەلىقى چەكسىز قايغۇ –ھەسىرەتكە چۆمگەن،  قۇتلۇق شەۋقى،  مەمتىئىلى ئەپەندى،  شەمسىدىن دامۇللام قاتارلىق شائىرلار ئازابلىق ھىسياتى بىلەن مەرسىيەلەرنى يازغان،  ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ ئىخلاسمەن شاگىرتلىرى ھەسرەتلىك قۇشۇقلارنى تۇقۇشقان :


    ئىتىڭ بەكمۇ چىرايلىق،
    ئابدۇقادىر ئەمەسمۇ                                                 
    خەلقىمىزگە يول باشلاپ،
    ئۆمىرىڭ ئۈتكەن ئەمەسمۇ.


    داموللام ئۆلۈپ كەتتى،
    تالىپلار يېتىم قالدى.
    سەن ياشىغان بۇ يۇتتا،
    شەيتانۇ رەجىم قالدى.


    مۇللام شىھىت بولدى،
    ياتار جايى بېھىش بولدى.
    دامۇللامغا قەشقەرلىك،
    كۆپ يىغلاپ بىھۇش بولدى.


          ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ ھازىرقى زامان ئىدىئولوگىيەسىنىڭ شەكلىللىنشگە ئۇل سالغان،  جەدىتچىلىك ئىدىيەسىنى ئۇيغۇر جەمىئيىتىگە ئۈنۈملۈك يەتكۈزۈپ،  تۇنجى ئىسلاھات ھەرىكتىنى قوزغىغان  بۇ ئۇلۇغ يولباشچىنىڭ سۇيقەسكە ئۇچىرششى خەلىقىمىزنىڭ مىللىي ھاياتىدىكى زىيىنى ھەقىقەتەنمۇ زۇر تارىخى تىرۇرلۇق ئىدى. بۇ زۇر يۇقتىشىنى گويا ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەمەتئىمىن ئىيتقاندەك «كىشىنى ئەسىرلەپ ئويلاندۇدىغان ۋە ۋىجىدان نەپرىتىنى قۇزغايدىغان پاجىئە بولدى» دەپ خاراكتىرلەشكە بولىدۇ. بۇ پاجىئە بىزنى شۇنىڭ ئۆچۈن ئەسىرلەپ ئويلاندۇردىكى،  سەئىدىيە خانلىقىدىن كىيىن 300 يىللاپ داۋام قىلغان جاھالەت تۈتۈكلىرى ئىچىدە ئۆلۈم ئۇيقۇسىدا ئوخلاپ كەلگەن غاپىل خەلىققە «بۇ ھالەتتە دائىم  ئوخلىماق بەك - -------- يۇقىلىش ۋە ئۆلۈم يولىدۇر !» دەپ تەخرىسز ھىسىياتتا تۇنجى بولۇپ جاراڭلىق خىتاپ قىلغان ئەزىمەت ئابدۇقادىردامۇللام ئىدى كاللىسىدا زامانغا لايىق ھىچقانداق بىر ئاڭ چۆشەنچە يوق نادان خەلىققە مەرىپەتچىلىك،  مىللەتچىلىك ئىڭىنى ئەڭ دەسلەپ سىڭدۇرگەن مۇنەۋەر ئالىم ئابدۇقادىر دامۇللام ئىدى !  ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ قەستلىشدىن ئىبارەت بۇ پاجىئە شۇنىڭ ئۆچۈن بىزنىڭ ۋىجىدان نەپىرىتىمىزنى قۇزغايدۇكى،  ئەسەرلەردىن بىرى نادانلىق،  قاششقاقلىق،  چۈشكۈنلۈك،  چىچىلاڭغۇلۇق ئىچىدە تىپرىلاپ كىلۋاتقان بىر خەلىقىنى سەگەكىلىك بىلەن ياشاشقا ئۈندىگەن،  يېڭىلىققا يىتەكلىگەن ئىنسانى قەدىر –قىممىتى بىلەن ياشاشقا دەۋەت قىلغان،  ئادالەت ۋە سائادەت يولى ئۈستىدە ئىزدىنشكە چاقىرىغان بىر دانا يولباشچىنى كاللىسى فىئۇدال ئاڭ – ئىدىيە بىلەن تولۇپ كەتكەن ئەكسىيەتچى مەنسەپدار ياڭ زېڭشىنىڭ كۆزىنى مىىت قىلماستىن يوق قىلۋەتكەنلىكىدۇر. بۇنداق قاباھەت قىلمىش فىئۇدال پادىشاھلىق شارئىتىدا كۆرۈلگەن بولسا،  چۈشىنشكە بولسىمۇ،  «4-ماي» دىن كيىن جۇڭگۇنى قاپلىغان يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى شارئىتىدا قۇبۇل قىلغىلى بولمايدىغان نۇمۇسسىزلىق دەپ ئىيتىشقا بولىدۇ. بىزنىڭ ۋىجدان نەپىرىتىمىزنى قۇزغايدىغان يەنە بىر سەۋەپ شۇكى،  ئابدۇقادىر دامۇللامدەك مۇنەۋەر بىر يولباشچىنى يوقۇتقان رەزىل دۇشمەنلەر ئىچىدە بىزنىڭ ھاماقەت قىرىنداشلرىمىزىنىڭمۇ بار بولغانقىدۇر. ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ تۆھپسى ۋە ئىدىيەسىگە زامانىمزىدىكى تەتقىقاتچىلار يۇقىرى باھالارنى بىرشىتى. پىروفسۇر ئازاد رەھمۇتۇللا سولتان ۋە جاڭ مىڭ،  نۇرمۇھەممەت زامانلار تۈزگەن «20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى» نامىلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسەتلگەن : «ئابدۇقادىر دامۇللام مەشھۇر جامائەت ئەربابى ۋە مەرىپەت پائالىيەتچىسى،  شۇنداقلا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتنىڭ ئاسچىلىرنىڭ بىرى. 20 –ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە قەشقەرنى مەركەز قىلغان ھالدا ئىلىپ بىرىلغان ئىجتىمائىي ئىسلاھات ۋە مەرىپەت ھەرىكتىدە ئابدۇقادىر دامۇللام باشلامچى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان،  شۇنداقلا ئۇ ئۇيغۇر ئىدىيە مەدەنىيىتنىڭ مەرىپەت ۋە ئەدەبىيات تارىخىدا يېڭى بىر سەھىپە  ئاچقان»،  «ئابدۇقادىر دامۇللام ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تارىخىدىكى بىر نۇرلۇق چولپان ۋە يول ئاچقۇچى. ئۇيغۇر ھازىرقى ئەدەبىياتىدىكى جاھانگىرلىككە،  فىئۇداللىزىمغا،  نادانلىققا قارشى تۇرۇش،  ئازادلىق،  ئەركىنلىك،  باراۋەرلىك،  تەرەققىيات،  دېىمۇكىراتىيە تەلەپ قىلش ئىدىيەسى ئابدۇقادىر دامۇللامدىن باشلانغان.»   

     

    مەنبە:شىنجاڭ مەدەنىيتى ژۇرنلىنىڭ 2010-يىللىق 5-سانى

     



    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.