ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-12-19

    20-ئەسىردىكى تۇنجى ئىسلاھاتچى2 - [ماقالا ۋە ئوبزور]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/90519332.html

     بۇ تارىخ ئويغۇنشىنى ئۇلارنىڭ يېڭىچە ئاڭدىكى بايراقدار موتەپەككۇرلىرى بىلەن پائالىيەتچان مىللى بۇرژۇئازىيلىرى بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرغان. ئۇلارنىڭ ئويغۇنش ھەرىكىتى ئوتتۇرا ئاسىيادا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ئىدىيۋى ئېقىمىنى شەكىللەندۈرگەن. باغچا ساراي، قازان،  ئورىنبۇرگە،  ئوفا، تىرويسكى،  ئاستراخان قاتارلىق تاتار شەھەرلىرى بۇ خىل ئېدىيۋى ئېقىمىنىڭ مەركەزلىرى بولۇپ جەدىتچە مەكتەب ۋە نەشىر بويۇملىرىنىڭ تەسىرى يىرا- يىقندىكى قېرىنداش خەلىقلەر ئارىسىدا زىلزىلگە قوزغىغان. ئابدۇقادىر دامۇللام «ئەدەبى بىر مۇساھىبە» دېگەن ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا تاتار مەرىپەتچىلىرى نەشىر قىلغان ‹‹تەرجىمان»،  «ۋاقىت»،  ‹‹شۇرا» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللارنىڭ ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تىلغان ئىلىپ،  «بۇ پايدىلىق ئەسەرلەردىن بەھىرىمان بولغان كىشىنىڭ ۋىجدانى كونىلقتىن يۈز ئۆرۈپ،  ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات يولىدىن قايتماس» دەپ يازغان. دېمەك،  تاتار مەرىپەتچىلرىنىڭ جانلىق، ئەمەلى،  ئۈنۈملۈك پائالىيەتلىرى،  جەدىتچىلىك ئىدىيۋى ئېقىمىنى ئۇرغۇتۇپ،  مىللى ئۇيغۇنش ھەرىكتىنى كۈچەيتكەن. 1905-1906-يىللىرى تۆۋەن نوۋىگورد ۋە سانكىت پېتىبۇرگدا تاتار مەرىپەتچلىرى باشلامچىلىقىدا ئىچىلغان ئۈچ قېتىلىق رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى قۇرۇلتىيى بۇ ھەرىكەتنى خەلىقئارالىق تەسىرىگە ئىگە قىلغان.


          دەل شۇ يىللاردا بىرىتانىيە مۇسىتەملىكچىلىرى ئۆزىنىڭ ئىسلامىيەت دۇنياسىغان بولغان قارا نىيىتىنى سىستىملاشتۇرۇش،  مۇستەملىكە رايونلىرىدا ھەربى غەلبىدىن تاشقىرى غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۆچۈن ئالدىرماقتا ئىدى. 1906-يىلى قاھىرەدە چاقىرىلغان گوسپىېل يىغىنى خىرستيان دىنىنىڭ ئىسلام دىنىغا قاراتقان ئومۇميۈزلۈك خىرسىدىن دېرەك بەرگەن. ئەنگلىيە ئىشخالىيەتچى دائىرلىرىنىڭ مىسىرىغا قاراتقان سىياسى،  ئىقسادى كونتروللۇقىنىڭ  تەدىرىجى كۈچىيىشگە ئەگىشىپ غەرىب مەدەنيىتىمۇ سىڭىپ كىرشىنى جىدىيلەشتۈرگەن. خىرستىيان دىننى تارقىتىش ئۆچۈن غەرىب مىسسيونېرلىرى مىسىرغا تۈركۈملەپ يىتىپ كەلگەن. بۇ قىتىمقى يىغىن ئىسلام مەسىلىسىنى ھەل قىلش ۋە ئىسلامىيەتكە تاقابىل تۇرۇشىنىڭ ئۇسۇللىرىنى،  مىسالەن،  دوختۇرخانا ۋە دارىلئېتاملارنى قۇرۇش،  مەكتەپ سېلىش قاتارلىق ئىشلارنى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلغان،  ئەزھەر ئۇنىۋىرستىغا خىرستيئان ئۇنىۋىرستىتنى قۇرغان.


         ئۇلار ‹‹ئەڭ مۇھىم ۋاستە شۇنىڭدىن  ئىبارەتكى،  ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ غەربكە تەربىيە ئىلشقا ئەۋەتىش، ئۇلار ئۆز دۆلەتلىرىگە قايىتقاندىن كىيىن گوسپىلنى تارقىتىدىغان ئىدىيۋى رەھبەرلەر بولۇشى كىرەك» دەپ قارار قىلشقان. ئابدۇقادىر دامۇللام ئىسلامىيەت دۇنياسى مەۋجۇتلۇق،  ئىدىئولوگىيە جەھەتلەردە جىددى خىرسقا دۇچ كەلگەن مۇشۇ دەۋىردە ئىسلامىيەت دۇنياسىدىكى مۇھىم موتەپەككۇلار بىلە سۆھبەتتە بولغان ھەم «تاتار مەدەنىيەت ئۇيغۇنشى» ئەۋجىگە چىققان شەھەرلەرنى زىيارەت قىلغان. ئۇ،  بۇ جەريانىدا بۇ خىل خىرسىنى چىن مەنسى بىلەن تونۇپ يەتكەن ھەم نېمە قىلش زۆزۈرلىكىنى چۈشەنگەن تۇنجى ئۇيغۇر زىيالىسى بولۇپ قالغان. ئۇ ئاشۇ ئىدىيۋى دۇلقۇنلاردا كۈرەش غايسىنى مۇستەكەملىگەن. ئۇ «ئەدەبى مىر موساھىبە» دىگەن ماقالىسىدە غۇلجىدىن ۋەتىنمگە قايىتىپ،  ئاۋالقى مەسلەكىنى داۋام ئىيتىپ،  ئاھالىنى جەدىتچە ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتلارغا تەشۋىق ۋە تەرغىپ ئەتتىم» دەپ يازغان. ئابدۇقادىر دامۇللام «ئاقائىد زۆرۈريە» ناملىق ئەسىرىدە ئىنق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتكەن : «- ئىنسانىڭ خار ۋە زەبۇن بولمىقىغا بائىس ‹ سەۋەب› نېمىدۇر ؟ - ئىككى نەرسىدۇر. بىرى،  جاھالەت ۋە نادانلىق ؛ ئىككىنجسى،  تەپرىق ۋە ئىختىلاپتۇر – ئىزەت-ئابرۇي،  قۇۋۋەت نېمە بىلەن بۇلۇر ؟ -- ئىلىم –مەرىپەت،  ئىتپاق بىلەن بولۇر.» ئابدۇقادىر دامۇللام ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلرىنى ئايلىنش،  كۈزتىش جەريانىدا ئويلىنش،  تەپەككۇر قىلش ئارقىلىق ئاخىرقى ھىساپتا يۇرتنىڭ،  مىللەتنىڭ كۈلپەتلىك تەقدىرىنى ئوڭشاش ئۆچۈن چۇقۇم ئىشنى مائارىپ ۋە مەدەنىيەتنى ئىسلاھ قىلشتىن باشلاش قارارىغا كەلگەن.  ئۇ بۇ خىل ئىسلاھات غايسىنى،  يەنە جدىتچىلىك ئوي – پىلانلارنى ئەمەلگەن ئاشۇرۇش ئۆچۈن    1912-يىلدىن باشلاپ قەشقەردە ئۇيۇشما قۇرۇپ، مەكتەپ ئېچىپ،  كىتاب چېقىرىپ زۇر تەسىر پەيدا قىلغان.
    ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ قەشقەردە باشلىغان جەدىتلىك ھەرىكتىنىڭ داغدۇغسى  ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قەشقەردىن ھالقىپ كەتكەن. ئۇ،  بۇ يېڭى ھەرىكەتنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيتدىكى يىتەكچىسى سۈپتىدە تونۇلغان. گەرچە ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ تەرەققىيات تەرەپدارلىرىنىڭ نەزىردە يۈكسەك ئاتالسىمۇ،  ئەمما بۇ ياش ئالىمنىڭ قەشقەردەك جاھالەت تۈتۈكلىرى ئىچىدە بۇرۇقتۇرما بولۇپ قالغان قالاق شەھەردە تەرەققپەرۋەرلىك غايىلىرىنى رىئالققا ئايلاندۇرالىشى ئاسان ئەمەس ئىدى. ئابدۇقادىر دامۇللامغا ئوڭ كىلىپ قالغان يىرى شۇكى،  1912-يىلى جۇڭگۇ پادىشاھلىق تۈزۈمى ئاخىرلىشىپ جوڭخۇا مىنگۇ قۇرۇلغان ئىدى. ياڭ زېڭشىن دەل شۇ يىلى مايدا شىنجاڭنىڭ ئالى ئەمەلدارلىقىغا تەينلەنگە ئىدى. بۇ چاغدا جۇڭگۇ،   جۈملىدىن شىنجاڭ ۋەزىيىتى تولىمۇ مۇرەككەپ ئىدى.  ئۇ،  ھەربى ئۆزگىرش قىلىپ ئىلىنى مۇستەقىل ئىدارە قىلۋاتقان شىنخەي ئىنقلابچىلرىنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ قۇمۇل تاغلرىنى سورۋاتقان تۆمۈر خەلىپىنى،   تەڭىرىتاغلرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدا ئىنتايىن جانلىنىپ كەتكەن گىلاۋخۇچىلارنى يۇقىتىپ،  ئۆزىنىڭ ئاجىز ھاكىميتىنى مۇستەھكەملىسە،   مالىيەسى قۇرۇقدىلىنىپ قالغان ھۆكىمەت غەزىنسىنى غەملىمىسە بولمايتى. بۇنداق ئەھۋالدا ياڭ زېڭشىنىڭ قەشقەردىكى يېڭىلىق ۋە كونىلىق تالا- تارتىشلىرىغا كۆڭۈل بۈلگىدەك چولىسى يوق ئىدى. جايلاردىكى مەنسەپدارلارمۇ سىياسى ۋەزىيەتنىڭ قاياققا بۇرۇلدىغانلىقىنى كۈزىتىپ،  ئۆزلرىنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قايغۇرشىپ ئۆتۈشۋاتاتتى. شۇڭا،  ئابدۇقادىر دامۇللام ياڭ زېڭشىنىڭ رەزىل سىياستىنڭ قارشلىقىغا ئۇچىرىماي جەدىتچىلىك ھەرىكتىنى قىسقىغىنە بىر نەچچە يىل داۋام ئەتكۈزۈشكە مۇۋەپپەق بولغان.  لىكىن،  مۇتەئەسىپ ئۆلىما- ئىشانلار زامانغا لايىقلشقا جان- جەھىلى بىلەن قارشى تۇرۇپ،  ئۆزلىرى بىلىپ – بىلمەي ياڭ زېڭشىنىڭ رەزىل سىياسىتگە ئۇيغۇن يول تۇتقان. ئابدۇقادىر دامۇللامغا ئوخشاش ئىسلاھات  بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىققان بىر ئادەم ئالدى بىلەن چۇقۇم قەشقەردە يۈكسەك نوپۇز تىكلىشى،  كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولۇشى كېرەك ئىدى.  ئەپسۇسكى،   قەشقەر مەشھۇر مەدرسلەرمۇ،  داڭلىق دىنى ئۆلىمالارمۇ كۆپ قەدىمى شەھەر ئىدى. سوپى- ئىشانلارنىڭ تەسىر كۈچىمۇ سەل چاغلىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە زور ئىدى. بۇنداق مۇھىتتا يىشى ئەمدىلا 40تىن ھالقىغان،  كۆپ يىل چەتئەللەردە يۈرگەن ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ موتەئەسپلەر تەرپىدىن ئىجتىمائىى غايىلرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالشى ئاسان ئەمەس ئىدى. قەشقەردىكى ئۆلىما – ئىشانلارنىڭ مۇتلەق كۆپى تار مەندىكى ئىبادەتلەرگىلا بىرلىگەن،  ئۇنڭدىن باشقا ئىشنى ئارتۇقچە ھەم ئىتقادىقا مۇخالىپ دەپ قارايدىغان نەزەر دائىرىسى تار كىشلەر ئىدى. ئۇلار دۇنيا مىقىياسىدا ئىلسلام دىنى ھەم ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقى ۋە ئارقىدا قالغانلقىدىن بىخەۋەر ئىدى. خەۋىرى بار دىگەندىمۇ،  بۇنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە ئويلانغۇدەك تەپەككۇر قۇۋتىدىن،  بۇنداق قاباھەتلىك رىئالىققا ئىچىنغۇدەك ساپ ۋىجداندىن،  خەلىقىنى قۇل قىلغۇچى زۇراۋان زالىملارغا قارشى تۇرغىدەك غەيرەت-شىجائەتتن مۇستەسنا ئىدى  ئۇلار يۇمشان ئىبادەتلەرنىلا ئادا قىلشىپ،   شۇنىڭ بىلەن ئۆزلرىنى ئەڭ تەقۋادار ھىساپلىشىپ،  نەزىر-چىراغلاردا ئۇزۇندىن –ئۇزۇن دۇئا تىلەكلەرنى تىلىشىپ كۆرۋاتقان كۈنلرىگە مىڭ مەرتە  شۈكۈر قىلشىپ يۈرىۋىرەتتى. كۈلپەتلىك قىسمەتلەرنىڭ سەۋەبى ئۈستىسدە ئويلىنش،  ئاپەت كەبى كەلمىشلەرگە چارە –تەدىبىر ئىزدەشنىڭ ئورنىغا،  ئۇنى تەقدىر قىسمەت،  ئاللاھىنىڭ ئىرادىسى دىيشىپ پاسسىپ پۇزىتسىيە تۇتۇپ ياشاۋىرەتتى. بۇلارنىڭ باشچىسى جەدتچىلككە ئۆچمەنلىك قىلشتا تۇنۇلغان ئۆلىما سىلىم دامۇللا ئىدى. ئۇ،  «تارىخ ۋە جۇغراپىيە ئوقۇتۇش ھارامدۇر» دەپ پەتىۋا چىقارغان ئىدى. ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى،   ئوقۇتۇش مەزمۇنى ۋە بىدئەتلىككە ياتدىغان ئادەتلەرنى ئىسلاھ قىلش تەشەببۇسلىرىنى بۇرمىلاپ چۆشۈندۈرۈپ «يەھۇدى ناسارالار،  ئاللاھىنىڭ كۆرسەتكەن يولىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن،  شۇڭا ئۇلارنىڭ دىننى ئىسلاھ قىلسا بولىدۇ،  بىزنىڭ دىنىمىز ئەڭ توغرا،  ئەڭ موكەممەل دىن،   شۇڭا ئىسلاھ قىلشىنىڭ ھاجىتى يوق،  بۇنداق قىلش كۇپۇرلۇقتۇر» دىگەندەك گەپلەرنى تارقاتقان.  ئۇنىڭ قەشقەردىكى ئۇچىغا چىققان مۇتەئەسىپ ئىكەنلىكىنى 1914-1916 يىللىرى قەشقەر،  ئاتۇشلاردا يېڭى مائارىپ بىلەن شۇغۇللانغان تۈركىيەلىك ئەھمەد كامال ئەپەندىمۇ ئۆز كىتابىدا قاقشاپ تۇرۇپ تىلغا ئالغان.


          ئابدقادىر دامۇللام قەشقەرگە قايىتىپ كەلگەن. 1912-يىللىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىرىدىكى جەدىتلىك ھەرىكتىنىڭ شاماللىرى قەشقەرگە ئەمدىلەتىن يىتىپ كىلۋاتقان،  قەشقەردە ئەنئەنىۋى ئىسلام مائارىپىنىڭ ئوقۇتۇش مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلش مەسىلىسى ئۈستىدە گەپ سۆزلەر بولۋاتقان بىر چاغ ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىيە قاتارلىق جايلاردىكى يېڭى مائارپىنىڭ ۋەزىيىتى بىلەن پىشىق تونۇشۇپ،  جەدىتلىك  ئىدىيەسى مۇككەملەشكەن ئابدۇقادىر دامۇللام يېڭى مائارپنىڭ ھاميلىرى ۋە باشلامچىلىرى بولغان ئاكا –ئۇكا مۇسابىيفلارنى قىزغىن قوللىغان،  ئۇلار بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ بىر سەپتە تۇرغان 1914-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۈستن ئاتۇش ئىكساقتا قۇرۇلغان،  ئۇيغۇر مائارىپ تارىخدىكى تۇنجى مۇنتىزىم يېڭىچە مەكتەپ بولغان دارىلمۇئەللىمىنگە زۇر ئۈمۈد باغلىغان. مەدرسلەرنىڭ دوگما تەلىم تەربىيە ئۇسۇلىنى قارغۇلارچە يادلاتقۇزۇشنى ئاساس قىلغان ئوقۇتۇش شەكىللىنى،  دەۋىر تەلىپىگە ماس كەلمەيدىغان دەرسلىكلەرنى ئىسلاھ قىلىپ،  جەدىتچە ئوقۇتۇشىنى ئىزچىلاشتۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلغان. ئوقۇتۇش ئۇسۇلى،  ئوقۇتۇش مەزمۇنى دەرسلىكلەر قاتارلىق جەھەتلەردە بىر يۈرۈش ئىسلاھات ئىلىپ بارغان  ئۇنىڭ بۇ قىتىم قەشقەردە ئوينىغان رولى ئىلگىرىكى يىللاردا ئوينىغان رولىدىن كۆپ ئىشىپ كەتكەن. خانلىق تۈزۈم ئاغدۇرلۇپ،  19120-يىلى جوڭخۇا مىنگۇ ھاكىميىتى تىكىلنىپ جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى ئورۇنتىلغاندىن كىيىن جايلاردىن بىجىڭدىكى پارلامنىتقا ۋەكىل سايلاش تۇغۇرسىدا ئوقتۇرۇش تارقاتقان.  قەشقەردە ئابدۇقادىر دامۇللامىنى پارلامىنتقا ۋەكىل قىلىپ كۆرسىتىش ھەقىقىدە غۇلغۇلا بولغان بۇنىڭ ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ قەشقەر تەۋەسىدە كونسايىن ئابرۇي تىپىپ يېڭلىق ۋە ئىلغارلىقىنىڭ بايراقدارى بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ.


          ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ تەسىرى بىلەن يىڭللىققا تەلپۈنگە قەشقەر ياشلرى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلىرىدە نەشىر قىلنۋاتقان گېزىت-ژۇرناللارنى ئوقۇيدىغان قىرائەتخانە ئاچقان،  «جەمىئىيەت ئسلامىيە» دىگەن نامىدا ئۆلىمالار كىڭشنى قۇرغان. بۇ كىڭەشكە قەشقەرنىڭ ئاتاغلىق ئۆلىمالىرىدىن «شەيخۇل ئىسلام» دەپ نام ئالغان مۇللا ئىسلام دامۇللام «سولتانۇل ئۆلىما» دەپ نام ئالغان باھاۋىددىن مەھدۇم،  ئوبولقاسىم ئاخۇنۇم خانئرىقلىق ئابدۇغۇپۇر ئاخۇن مەقدۇم قاتارلىق زاتلار ئىشتىراك قىلغان. «جەمىئىيەتى خەيرىيەت ئىسلامىيە» نامىدا فونىد تەسى قىلغان.«مۇتالىئە ھىدايەت» دىگەن نامىدا جەدىتچە مەكتەب ئاچقان. ئابدۇقادىر دامۇللام ئۆزىنىڭ جەدىتلىك ئىدىيەسى ۋە غايسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن پىروگىرامما خاراكتىرىلىك مۇھىم ئەسىرى «نەسىھەتى ئامما» نى يېزىپ،  باستۇرۇپ تارقاتقان. ( بۇ ئەسەر ئۆمەر ئوسمان شىپاھىينىڭ نەشىرگە تەييارلىشى،  ئالى مۇھەررىر ھاجى غۇجا ئابدۇللا ئوسمانىڭ بېكتىشى،  ئەيىنى ۋاقىتىكى باش مۇھەررىر قۇربان مامۇتىنىڭ تەقرىزى بىلەن ژۇرنىلىمزىنىڭ 2000-يىل 1-سانىدا ئېلان قىلنغانىدى.- مەسئۇل مۇھەرردىن ).  بۇ ئەسەر قاراتملىقى كۈچلۈك،  چاقىرىق كۈچى زۇر،  جەدىتزملىق رۇھىغا باي ئەسەر بولۇش سۈپىتى بىلەن،  شۇنداقلا شۇنداقلا ئىدىيەسىنىڭ ئىلغار،  تىلىنىڭ ئاممىبابلىقى بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئىدېئىلوگىيەسى ۋە ئەدەبىيات تارىخىدىكى تۇنجى ۋەكىللىك ئەسەر ھىساپلىندۇ. بۇ ئەسەردىن ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ ئىسلاھات ئىدىيەسىنى ئىنق كۆرۋالغىل بولىدۇ. ئەسەردە بۇ مۇتەپەككۇر ئىسلاھاتچىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىسلام تۈسىدىكى قالاق ئۇيغۇر جەمىئيتىنى زامانىڭ تەرەققىياتىغا ماسلاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلدىغان كۈچلۈك ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئەسەردىن كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى. ئۇ،  دىنىدىن تاشقىرى زامانىۋىلاشتۇرۇشىنمۇ،  كونا ئەندىزدىكى قاتمال دىنى ھاياتنىمۇ قەتئى ھىمايە قىلمىغان،  پەقەت غەپلەت ئۇيقۇسىغا غەرىق بولغان ئەنئەنىۋى جەمىئىيەتنى ھاياتى كۈچكە ئىگە جۇشقۇن جەمىئىيەتكە ئايلاندۇرۇشىنى ؛ ئىدراكقا بىپەرۋا قارايدىغان نادان جەمىئىيەتنى مەرىپەت رۇھىغا باي يېڭى جەمىئىيەتكە ئايلاندۇرۇشىنى ؛ زەئىپلەشكەن،  بىدىئەت چىرمىغان مۈجىمەل ئەقىدە-ئېتقادىنى كۈچلۈك ھەم ساپ ھايات پىرىنسىپىغا ئايلاندۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان.


         ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ ئەينى دەۋىرنىڭ ئىلغار ئېدىئولوگىيەسى ۋە مائارىپ ئىسلاھتغا يېقىدىن ياندىشىپ ۋۇجۇدقا چىقارغان يۇقىرىقى پائالىيەتلىرى قەشقەردە ئىلغارلىق تەرەپدارلىرى بولغان «قەدىميچىلەر» ئوتتۇرسىدىكى پەرق ھەم زىددىيەتىنى  روشەن ھالدا كۈچۈيىتۋەتكەن. كونىلىق تەرەپدارلىرى ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت يېقىن،  شۇنداقلا ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولغاچقا غالىب كەلگەن. ئىلغارلىق تەرەپدارلىرنىڭ باشلامچىسى بولغان ئابدۇقادىر دامۇللام مۇتەئەسىپ موللا –ئىشانلارغا تەڭ كېلەلمەي مۇرەسسە قىلشقا،  ھەتتا يول قۇيۇشقا مەجبۇر بولغان ئۇ، «شۇرا» ژۇرنىلىنىڭ 1915-يىل 1-دېكابىر نەشىر قىلنغان سانىغا بىسلغان «بايانى ھەقىقىدە» ناملىق ماقالىسدە قەشقەرنىڭ مۇتەئەسىپ ئۆلىما- ئىشانلرىنى قاتتىق ئەيىپلىگەن. ئۇ بۇ،  خىل جاھىل كۈچلەرنى «ئۆلىمالار» ‹‹چوڭلار» «رەھبەرلەر» دەپ ئاتاپ تۇرۇپ،  ئۇلار ئۈستدىن مۇنداق شىكايەت قىلغان :«قايسى كۈنى دىيارىمىزدا تەرەققى قىلغان مەدەنىيەتنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى،  رەھبەرلىرىمىز نامىدىن مەزكۇر مەدەنىيەتنى ئۆگەنگۈچىلەرگە ‹ لەنەتگەردى ئازغۇنلار ›دېگەندەك پەتىۋالارنى يامغۇردەك ياغدۇرۇشقا باشلىدى»،  «بىزنىڭ تەشەبۇسلىرىمىز ئەمەلگە ئاشماي،  يەككە- يىگانە ھالىتىدە نەزەردىن چەتتە قالدۇرۇلدى،  بىزنىڭ دالالىتىمىز بىلەن ياشلار ئىجتىھات بىلەن قىرائەتخانە ئاچتى،  چوڭلار بۇنى ‹ مەزھەب بۇردى › دەپ ياپتۇردى،  ئىسلام جەمىئىيتىنى قۇردى،  بۇنى ‹ دەھرىيە ئوچىقى › دەپ بۇزدى،  ئىسلامنىڭ ياخشىلىق قىلش جەمىئىيتىنى (جەمىئىيەتى خەيرىيەت ئىسلاميە) نى قۇرۋىدى،  ‹ پىتنە-پاسات تارقىتدىغان مەركەز › دەپ تەشۋىق قىلىپ يىمىرىۋەتتى. ‹ نەسىھەتى ئامما › ئىسلمىلك رىسالىنى نەشىر قىلسا،  ‹بىدىئەت› دەپ پەتىۋا قىلىپ بىكار قىلدى. ‹ موتالىئە ھىدايەت› نامىدا دىنى،  مىللى،  ئەدەبى مەكتەپ ئاچتى،  بۇنى ‹ ئازغۇنلار ئۇيۇشمسىنى › دەپ تاقىتۋەتتى........ئامالسىزلىقىمىزدىن تەرەققى مەدەنىيەت ئىشلرىمىزىدىن يۈز ئۆرۈپ،  رەھبەرلىرمىزگە ئەگىشىپ راھەتلەرگە ئىرشتۇق»،  شىكايتىنىڭ ئاخىرىنى ‹‹راھەتلەرگە ئىرشتۇق» دەپ ئاچچىق كىنايە بىلەن ئىپادىلىگە  ئابدۇقادىر دامۇللان تىخمۇ ئاشۇرۇپ تەنە قىلىپ شۇنڭىدىن كىيىن «جامالىدىن ئافغانى،   شەيخ مۇھەمد ئابدۇھ،  ئىسمائىل بەگ،  غاسپىرىنسكىلەرگە مۇيەسەر بولمغان تەھسىل ۋە ئەقىدىلەر ئاپرىنلەر بىزگە مەنسۇپ بولدى» دەپ يازغان. بۇنڭىدا قەشقەر جەمىئيىتىدە كىشنى چۆچتىدىغان قاباھەتلىك كۈچنىڭ مەۋجۇتلىقىنى،  ئابدۇقادىر دامۇللانىڭ نەقەدەر زۇر جاسارەت بىلەن بۇ جاھالىيەت ھامىيلرىغا روبىرۇ تۇرغانلىقىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ. ئۇ،  مەزكۇر ماقالىسدە ئۆكۈنگەن ھالدا «مەدەنىيەتكە ئاياغ بىسىش – ھەقىقەتنى چۈشۈنگەن بۈيۈك رەھبەرلەرنىڭ يول كۆرسىتشى ياكى قوشنلرىدىن پايدىلنش بىلەن بولۇش مۇمكىندۇر» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان،  بۇنىڭدى ئابدۇقادىر دامۇللانىڭ قالاق ھەم بىكنمە ھالەتتە قالغان مىلەتنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەت بىلەن قوراللىنشىنى يىراقىنى كۆرەر رەھبەر بىلەن جۇغراپىيىلىك ئامىلغا باغلاپ چۆشەنگەنلىكىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ. بۇنداق توغرا بىلش كىشنى ھەقىقەتەنمۇ كىشنى قايىل قىلىدۇ جۇغراپىيلىك مۇھىتنىڭ مىللەتنىڭ تارىخى تەرەققىياتىغا كۆرسىتدىغان تەسىرى ھەقىقەتەنمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم ئامىل. شۇڭا مەشھۇر گىرمان پەيلاسۇپى ھىگل «دۇنيا تارىخىنڭ تەرەققىيەت يۈلنىشىنى جۇغراپىيلىك سەھندە ئايرىپ قارىغلى بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. «چۈنكى،  زېمىن بىلەن ئىنسانلار بىر-برىدىن ئايرىلالمايدۇ.جۇغراپىيلىك شەرتلەر بولسا ئىنسانلارنىڭ تارىخى يولىنى،  ھاياتلىق خۇسۇسيەتلرىنى گۇيا تەقدىردەك بەلگلەيدۇ.» كىلەچكە يول كۆرسىتەلەيدىغان،  ھەقىقەتنى چۆشەنگەن بۈيۈك رەھبەر ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر جەمىئيىتدە بارمىدى دىگەندە،  بىز بۈگۈنكى تارىخى يۈكسەكلكتە شۇنداق ئىيتالايمىزكى،  پەقەت ئابدۇقادىر دامۇللا مۇشۇنداق سۈپەتكە مۇناسىپتۇر. ئابدۇقادىر دامۇللانىڭ «بايانى ھەقىقەت» ناملىق ئەسىرى «شۇرا» ژۇنىلىدا ئېلان قىلنغاندىن كىيىن،  ئۇيغۇر جەمىئيتىنى خىلى ئەتراپلىق چۈشۈنگەن،  كۆزەتكەن تاتار زىيالى نۇشىرۋا يائوشىف «شۇرا» ژۇرنلىنىڭ 1916-يىل 15-ئاپرىل ساندا ئېلان قىلغان تەسىرات ماقالسىدە «قەشقەرلىك دامۇللا ئابدۇقادىر جانابلرىنىڭ ‹ بايانى ھەقىقەت › ماۋزۇلۇق ماقالىسى بىسلدى. قەشقەردەك ئەڭ قاراڭغۇ بىر بۇلۇڭدىن شۇنداق ئاڭلىق ۋە كۈچلۈك بىر ئالىمنىڭ چىقىپ،  تۈركچە مەتبۇئات ئارقىلىق ھەقىقەت ھانلرىنى بايان قىلشى مىنى ئەڭ سۆيۈندۈردى. بۇ ھەقتە بۇنىڭدىن كىيىنمۇ داۋاملىق قەلەم تەۋىرتىپ تۇرۇشىنى تىلەيمەن» دەپ يازغان. «شۇرا» ژۇرنلىنىڭ مۇھەررىرلىرى ئابدۇقادىر دامۇللانىڭ «بايانى ھەقىقەت» دىگەن ئەسىرىگە تەھرىر ئېلاۋىسى يازغاندا «ئابدۇقادىر دامۇللا ئەپەندىنىڭ ‹ جاۋاھرۇل – ئىيقان» ناملىق ئەسىرىنى تۇنجى كۆرگەن ۋاقتىمىزدا مۇئەللىپ شام ياكى مىسر ئالىملىردىن بولسا كىرەك،  دەپ ھۆكۈم قىلغان ئىدۇق.  بۇخارادا ئىلىم تەھسىل قىلغان پىتى ئەرەب تىلىدا بۇ دەرىجىدە پەسھىۋە تەبىئى قەسىدە يازالايدىغان مۇقتەدەر ئالىم بولۇشى ئىسمىزگە كەلمىگەن ئىدى» دەپ قايىل بولغانلىقنى بىلدۇرۈشكەن.


           1912-يىلدىن باشلاپ ئىسلاھاتىنى قانات ياندۇرغان ئابدۇقادىر دامۇللانىڭ بۇ يىللاردا قەشقەردە مۇتەئەسىپ قەدىميچىلار بىلەن بولغان كۈرەشتە مۇرەسسە قىلشقا مەجبۇر بولغانلىقى ئۇنىڭ تامامەن يەككە-يىگانە قالدۇرۇلغانلقىنى سۆز چاقىرىقلىرى ئىتبارسىز مۇئالىمگە ئۇچىرىغانلىقى ۋە ئىش –پائالىيەتلىرى زىيادە تۇسقۇنلىققا دۇچ كەلگەنلكىدىن دېرەك بەرمەيتى،  ئەلۋەتتە. ئابدۇقادىر دامۇللام 1916-يىلى«شۇرا» ژۇرنلىدا ئېلان قىلغان «ئەدەبى بىر مۇساھىبە» نامىلق ماقالىسدە «ھال ھازىردە چوڭلارغا ئەگەشمەك يۈزسىدىن بۇخارى تەرتىپلىرى ئىلە مەنتىق،  كالام،  پەلسەپە،  تەدرىس مۇكالىمەلەرگە مەشخۇل بولساممۇ،  لىكىن زىيالى شاگىرتلەرگە تەپسىر،  ھەدىس،  ئىلمۇ ئەما يىللەردىن تەلىم بەرمەكتىمەن» دەپ يازغان. ئۇ . ئۆزى بۇ يىللاردا ھەم مۇددەرىس ھەم قەشقەرنىڭ مۇدىسى ئىدى. 1914-يىلىنىڭ ئاخىرى قەشقەرگە كىلىپ 6ئاي تۇرۇپ، 1915-يىلى قەشقەردىن ئايرىلىپ تاشقۇرغان بىلەن ئوتتۇرا ئاسىياغا ماڭغان ئادىل ھىكىمەتبەي،  ئەمرۇللا بەي،  قاتارلىق تۈركىيەلىك زىياللىلار ئۈستۈن ئاتۇشتىكى باھاۋدۇن باينىڭ ئۆيىدىن خۇشلىشپ ئافغانستانغا بىرىش ئۆچۈن رۇسيە تەۋەسىگە قاراپ يولغا چىقىش ئالدىدا بولغان ئىشنى مۇنداق يازغان : «ئاتۇشتىن يولغا چىقىش ئەسناسىدا قەشقەر مۇپتسى ھاجى ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ ئارقىمىزدىن ئەۋەتكەن بىر ئاتلىق كىشسى بىزنى جىددى ئارقىمىزغا قايتىشقا دەۋەت قىلدى. مۇپتىيى ئەپەندى بىزلەر رۇسلارنىڭ قولىغا ئەسىرگە چۆشۈپ قالغان ھالەتنى چۆش كۆرۈپتۇ. شۇڭا قەشقەرگە قايتشمىزنى ئۈمۈد قىلپتۇ. بىر نەرسىنى چۆشىنگەندەك قىلدۇق  بۇ چۆش مەسىلىسى ئەمەس ئىدى. مۇپىتى ئەپەندى بىر نەرسىنى بىلىپ قىلغاندەك قىلاتتى.» بۇ تۈركىيلىك زىياللىلار ھىندىستاندىن قەشقەرگە كەشمىر يولى بىلەن كەلگەن بۇلۇپ،   ئافغانستان تەرەپكە چىقىدىغان يولىنىڭ ئوي –چوڭقۇرىنى بىلمەيتى،  ھەم بۇ جايلارنى رۇسلار قامال قىلۋالغاچقا خەتەرلىك ئىدى. ئۇلار چىگرادىن چىقپلا رۇسلارنىڭ تۇتقىنغا ئايلانغان.  بۇ باياندىكى ئۇچۇردىن بىز شۇ يىللاردا،  يەنى 1915-يىلى ئابدۇقادىر دامۇللام قەشقەرنىڭ مۇپتسى ئىكەنلىكىنى بىلۋاالايمىز. بىز قەشقەر تۈرمىسىگە قامالغان ئەھمەد كامالىنى 1915-يىل 10-ئۆكتەبىردە ئابدۇقادىر دامۇللام يوقلاپ كەلگەندە ئەھمەد كامالىنىڭ كۈندىلىك خاتىرسىگە يازغان مۇنۇ بايانلاردىنمۇ كۆرۋالالايمىز : «شۇ كۈنى ئابدۇقادىر ھاجىم مۇپتى ھەزىرەتلىرى مەن بىلەن كۆرشىش ئۆچۈن تۈرمىگە كەلگەن ئىدى. بۇ زاتى شىرىپ مىنىڭ مەنىۋى پەدەرىم ئىدى. ئۇ ئۇسۇلى جەدىت مەكتەپلەردە ئوقۇشنىڭ توغرا ئىكەنلىكى،  بەلكى پەرىز ئىكەنلىكى ھەقىقىدە بۇ دىياردا تۇنجى قىتىم پەتىۋا چىقارغان پەزىلەتلىك كىشى ئىدى». مۇپتىلىق ئىسلام جەمىئيىتىدە خىللىلا يۇقىرى مەرتىۋە،  شۇنداقلا ئالى ئىمتىياز ئىدى. ئابدۇقادىر دامۇللام جەدىتىلىك يولىدا چىڭ تۇرۇش،  تۇرماسلىق مەسلىسىدە ئىجتىمائى مۇھىتنىڭ قاتتىق بىسىمى سەۋەبىدىن مۇرەسسەتچىلىك يولىنى تۇتۇشقا مەجبۇر بولغان بولسىمۇ،  لىكىن بۇ ئۇنىڭ مەيداننىڭ،  نىشاننىڭ،  غايسىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيتى. ئۇنىڭ جەدىتچىلىك شان –شۆچىرىتى  بۇ چاغدا ئاللىبۇرۇن شىنجاڭدىن ھالىقىپ ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرى ئارسىدا تارالغان ئىدى. شۇنداق بولغاچقا قازان شەھىرىدە نەشىر قىلنغان «شۇرا» ناملىق يىرىم ئايلىق ژۇرنالىنىڭ 1916-يىلىدىكى سانىدا «ئابدۇقادىر دامۇللام كىمدۇر» دېگەن ئوچىرىك ئۇلاپ ئېلان قىلنغان بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ نامى پۈتكۈل تۈركى خەلىقلەرگە مەشھۇر بۇلۇپ كەتكەن. ئۇ مۇشۇ  مەزگىللەردە «سەرىب  نەھۋى» ( مورفۇلوگىيە- سىنتاكس ) ‹‹تەسھىلۇل-ھېساپ» (ھېساپنى ئاسانلاشتۇرۇش )،  ‹‹جۇغراپىيە ئىلىمى»،  «ئاقائىدى زۆرۈرىيە» (زۆزۈر ئەقىدىلەر )،  «بىدايەتۇس سەرىب» ( لېكسىيدىن دەسلەپكى ئاساس )،  «بىدايەتۇن نەھۋى»،  «تەئلىمۇن سىبيان» ( گۆدەكلەرگە تەربىيە ) «تەجىۋىد تۈركى» قاتارلىق دەرسلىكلەرنى تۈزۈپ،  تۈرلۈك چارە –ئامال بىلەن باستۇرۇپ،  مەكتەب مەدرسلەرنى دەرسلىك بىلەن تەمىنلگەن. 120 كۇپلىتلىق «مۇخەممەس» ناملىق كاتتا ئەسىرىنى يېزىپ ئۆزىنىڭ جەمىئىيەت،  ئېتىقاد،  ئەخلاق،  مائارىپ ھەقىقدىكى تەشەببۇسلىرى ۋە تەنقىدى قاراشلىرىنى ئىپادىلىگەن. مەزمۇنى چۇڭقۇر،  تىلى گۈزەل،  تەنقىدى رىئالىزملىق رۇھىغا ئىگە بۇ ئەسەر 1910-يىللاردىكى ئەدەبىيات تارىخمىزدا يىگانە ئەسەر ھىساپلىندۇ.
          ئەيىنى چاغدا قەشقەر شەھىرىدە «يىراق- يىقنغا نامى مەشھۇر مەدرسلەردىن ئون بەشى بولۇپ ئابدۇقادىر دامۇللانىڭ لايپەشتاق مەدرسەسى، قەشقەردىكى  خانلىق مەدرسەسى،  ھېيتىگاھ مەدرسەسى،  ئاخۇن ھاجى مەدرسەسى،  قازان مەدرسەسى،  ۋاڭلىق مەدرسەسى،  باھاۋدۇن مۆھتەرەم  مەدرسەسى،  دورغا بەگ،  مەدرسەسى،  ناجى ھاكىمبەگ مەدرسەسى،  ئوردىئالدى مەدرسەسى،  قاتارلىق مەشھۇر مەدرسلەر  قاتارىددىن ئورۇن ئىلىپ. 200دىن ئارتۇق تالىبى بار» مەشھۇر مەدرسە بۇلۇپ قالغان.


           20-ئەسىرنىڭ باشلىرى ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە باش قاتۇرغان «ئۇيغۇر بالسى» - نەزەر خوجا ئابدۇسەمەتۇف ( 1887-1952) ئۆزىنىڭ «يورۇق ساھىللار» ناملىق ئەسىردە 1913-يىلى 26يېشىدا يۇرتى غالجاتتىن غۇلجىغا كېلىپ مۇز ئات داۋىنى ئارقىلىق «ئالتە شەھەرگە» سەپەر قىلغنلىقىنى يازغان. ئۇ،  سەپەر جەريانىدا قالدۇرغان خاتىرسىدە ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي، مەنىۋى پاجىئەلىرىنى كۆرۈپ : «بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستقبالى بەك قاراڭغۇ،  تۇمانلىق ۋە ۋەھىمە ئىچىدە  ئىكەنلىكىنى سەزدىم. ئاقسۇدا ئەھۋال مۇنداق بولسىمۇ،  باشقا ياقلاردا ئۇنداق ئەمەستۇ،  قەشقەر خەلېقى خىلى تەرەققى قىلغان بولسا كېرەك،  ئۇ يەردە تەرەققىپەرۋەر مۇسابايېفلار،  ئابدۇقادىر دامۇللاملار بارغۇ دەپ ئۆزلىرىمىزگە تەسەللى بەردۇق» دەپ يازغانلىقىنى كۆرۋالالايمىز.


          1914-يىلى يازدا باھاۋدۇن باينىڭ غەيرىتى بىلەن ئۈستنئاتۇشتا ئېچىلغان  ئۇيغۇر مائارىپ تارىخدىكى تۇنجى پېداگوگىكا مەكتىپى - ‹ قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن» نىڭ باش موئەللىمى ئەھمەد كامالنى ۋە ئۇنىڭ مائارىپ ھەرىكتىنى قوللاش ياكى قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە قەشقەردىكى دىنى ئۆلىمالار ۋە باي –بايۋەچچىلەر دەسلەپتە ئىككى گۇرۇقا بۆلۈنۈپ كەتكەن،  ئابدۇقادىر دامۇللا،  باۋدۇن باي،  شەمشىدىن دامۇللام،  مەھمۇد ئاخۇن دامۇللام،  زىرىپ قارىھاجىم،  ئابدۇقادىر ھاجىم، ،  ئابدۇغۇپۇر ئاخۇن مەخدۇم،  نورززادە ھاجى مۇھەممەت ئەلى، ،  ئوبۇلقاسىم دامۇللام،  ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم، ،  قازىكالام ئىسلام دامۇللام  قاتارلىق كىشلەر قوللايدىغان گۇرۇھىنى،  ئۆمەر باي،  سېلىم دامۇللام  قاتارلىقلار قارشى تۇرىدىغان گۇرھىنى تەشكىل قىلغان،  قارشى تۇرىدىغان گۇرۇھ رۇس كونسۇلخانسى ۋە ئەكسىيەتچى يەرلىك ئەمەلدارلار بىلەن بىرلىشىپ. بۇ كۈرەشتە كۈچلۈك ئورۇندا تۇرغان.


          ئەھمەد كامال شۇ چاغدىكى ئەھۋاللار تۇغۇرسىدا «بەيساقاللىق مەھمۇد ئاخۇن دامۇللام بىلەن ئابدۇقادىر دامۇللام ئەپەندىلەر قاراڭغۇ كىچىدە چاققان چاقماقتەك چىرايلىق ۋە مەنلىق سۆزلىرى بىلەن ئۇلار ئۆچۈرمەكچى بولۋاتقان مائارىپ مائارىپ مەشئلىنى چاقنىتش ئۆچۈن كۆپ تىرشتى» دەپ يازغان. ئەمما،  خەلىقنىڭ ئىچىكى قىسمىدىكى بۇ زىدىيەت ناھايىتى تېزىلا مۇرەسسە ھالىتىگە  كەلگەن. چۆنكى قەشقەرنىڭ ئەڭ ئابرۇيلۇق قازىكالانى ھاجى ئىسلام دامۇللام جەدىتچىلىكىنى قوللاش مەيدانىدا تۇرغان.  شۇڭا،  1915-يىل 28- ئاپرىلدا قەشقەرگە كەلگەن تاتار زىيالى نۇشېرۋان يائۇشېف قەشقەردىكى ئۆزگىرشلەردىن مەمنۇن بولۇپ «بۇلتۇر يېڭچە مائارىپنى چەكلەپ جەدىتچىلەرنى ‹كافىر» دەپ ئاتىغان قەشقەرنىڭ داموللىلىرى بۇ يىل ھەممسى ئۆزگىرپتۇ،  يېڭچە مائارىپقا قارشى تۇرغۇچىلارمۇ بۇنداق قالتىس نەتىجىلەرنى كۆرۈپ ئۆز ياردەملىرىنى ئاتاپتۇ» دەپ يازغان قەشقەردە يىرىم يىلدەك تۇرۇپ ئاقارتىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ئادىل ھېكىمەت باي قاتارلىق تۈركىيىلىك زىيالىيلار1915-يىلى ئاپرېلدا  يازغان خاترىسىدە مەدرسلەردىكى ئۆزگىرش تۇغۇرسىدا مۇنداق دېگەن «قەشقەرلىكلەر بىزگە شۇ قەدەر مۇھەببەت باغلىدىكى،  بىر دېگىنىمزىنى ئىككى ئېتقۇزمايتى» مەدرسە تالىپلىرى بىزدىن گىئۇمىترىيە دەرسى ئېلىشنى ئارزۇ قىلاتتى» قەشقەردىكى بۇ ئۆزگىرش مۇقەررەر دەپ قاراشقا بولىدۇ. چۈنكى قەشقەر ئىككى مىڭ يىلىدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە قەدىمى شەھەر بولۇشى سۈپىتى بىلەن ئىلىم –مەرىپەت مەشئەللىرى نەچچە قىتىم لاۋۇلداپ يىنىپ،  نەچچە قىتىم خىرەلەشكەنىدى. مەدەنىيەت ئەنئەنىسگە باي بۇ قەدىمى شەھەرنىڭ زېرەك،  تىرشچان خەلىقى زامان تەقەززار قىلغان،  مىللەت مۇھتاج بولغان پايدىلىق ئىلملەرگە ئىنتايىن تېز يېپىشاتتى. شۇنداق بولغاچقا ئەينى يىللاردا قەشقەرگە كەلگەن گېرمانيلىك فون لىكوك «ئەگەر ياخشى مەكتەپ بولسا،  تۇغما تالانتلىق بۇ مىللەت چۇقۇم ئۇچقاندەك ئالغا باساتىكەن» دەپ تەن ئالغان. ئەمما ھەرقانداق شەكللىدىكى  ئىسلاھاتقا دۈشمەنلىك پوزتىيسى تۇتىدىغان يا زېڭشىن ھۆكۈمىتى تەرەققىيات يولىغا تاشلانغان ھەر قانداق قەدەمىنى كۆرۈشىنى خالىمايتى،  ئۇ ئۆزىنىڭ «سەۋەنلىكلەردىن خاتىرە»،  «ئىستىغپار ھۇجىرسىدىكى خاتىرلەر» «سەۋەنلىكلەردىن ساۋاق ئىلش ئۆچۈن لاۋزى تەلىماتىنى ئوقۇش» قاتارلىق بىر يۈرۈش قول يازما خاتىرلىرىدە  مۇنداق دەپ يازغان ئىدى :«خەلىقنىڭ ئىدارە قىلشىنىڭ تەس بولۇشى بىلملىكلەرنىڭ كۆپ بولغانلىقدىن بولغان،  ئەھلى خالايقىنىڭ بىلىملىك بولماسلىقىنى ئۈمۈد قىلمەن......بىلىم ئارقىلىق ئەلىنى ئىدارە قىلسا دۆلەتكە ئاپەت كىلىدۇ،  خەلىقنىڭ بىلىمى ئاشقانسىرى ئۇلار يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىپ،  يامان ئىشلارنى ئويلايدىغان بۇلۇپ قالىدۇ،  ۋەقە پەيدا قىلىپ دۆلەتنى مالماتاڭ قىلشتىن باش تارتمايدۇ.... ھۈنەر – تىخنىكىسى بار ئادەملەردىن بىرى كۆپ بولسا،  دۆلەتكە ئاپەت كەلتۈردىغان ئادەمدىن بىرى كۆپىيىدۇ،  جاھاندىكى بىغەرزەلىكىنى كۆپىنچە ئەقىللىق ئادەملەر قىلىدۇ..... مەكتەپلەر ياخشى ئەمەس،  ئوقۇغۇچىلارغا يامان تەلىماتلار ئارقىلىق پايدىسىز ئۇرۇقلارنى تارقىتىدۇ. شۇڭا،  بارلىق مەكتەپلەرنى بىكر قىلىپ تاشلىماي بولمايدۇ،  مەن ئادەم ئىشلىتىشتە نادان ئادەملەرنى ئىشلىتمەنكى،  ھەرگىز ئەقىللىق،  بىلىملىك كىشلەرنى ئىشلەتمەيمەن» ياڭ زېڭشىنڭىنىڭ خاتىرسىدىكى  بۇ بايانلاردىن بىز جۇڭگۇ خەلىقى تۇتمۇتۇشتىن ئۇيغىنىپ يۈكسەك تەرەققىيات دەۋىرى ھىساپلانغان 20- ئەسىرگە جۇمھۇرىيەت ئارزۇسى،  دېمۇكىراتىك رۇھى ھەم يېڭى مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ قەدەم قۇيۇۋاتقان شارائىتتا،  ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى نەقەدەر ئەكسىيەتچى فىئۇدال ئىدىيەنى ئەڭگۈشتەر بىلىپ ھاكىميەت تۇتقانلىقىنى كۆرۋالالايمىز. مانا بۇ 20- ئەسىرنىڭ بىشىدا دىيارىمىزغا 17يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان بىر سىياسى سېھرىگەرنىڭ بىخۇدلاشتۇرۇش تاكتىكسىدۇر!


           1912-يىلى شىنجاڭنىڭ ئالى ئەمەلدارلىقغا  تەيىنلەنگەن ياڭ زېڭشىن بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئۆزىگە قارشى ھەربىي ۋە ئىنقىلابىي كۈچلەرنى پاك-پاكىز يوقتىپ ئۆز ئورننى  مۇستەھكەملىۋالغاندىن كىيىن،  يەنى 1915-يىلىدىن باشلاپ زەھەرخەندە نەزەرىنى يەرلىك خەلىق ئىچىدىكى ئىلغارلىق پائالىيەتلىرى ۋە بۇ پائالىيەتنىڭ ئاۋانگاراتلرىغا ئاغدۇردى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ «كۆز قۇلاقلىرى» پۈتكۈل شىنجاڭنى قاپلىغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ خىل ھاكممۇتلەق ئىشپيونلۇق سىياستىنىڭ چېكىگە يەتكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەن ياۋرۇپالىق بىر دىن تارقاتقۇچى ئۇنى قۇمۇلدىكى بۈرگىنىڭ مىدىرلىغىنى بىلىپ تۇرىدىغان مەنسەپدەر» دەپ تەىپلىگەنىدى. شىنجاڭدا ھاكىميەت يۈرگۈزگەن 17يىل جەريانىدا (1912-1928) «خەلىقىنى نادانلىقتا قالدۇرۇپ باشقۇرۇش سىياسىتى» نى يولغا قويغان ياڭ زېڭشىن :


    يىراق شەرقتىن كەلدىم مەن،
    چىڭ ساقلاپ تۇرىمەن غەربنى.
    قالدۇرىمەن بىلمىسز نادانلىقتا،
    پادىشاھقا بويسۇندۇرىمەن خەلىقىنى.


          دېگەن ئەكسىيەتچى سىياسى ئەقىدىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ،  كونا مائارىپىنى قوللاپ،  يېڭى مائارپىنى كۈچىنىڭ بېرىچە توسقان. ئەينى يىللاردا «ئىسلام دىنىدىن ساۋاق بىرىدىغان دىننى مەكتەپلەرنىڭ كۆپىنچىسنى ئاخۇنلار ئاچقان بولۇپ،  بۇ مەكتەپلەر ئىپتىدائىي دەرىجىلىك مەكتەپ،  يۇقىرى دەرىجىلىك مەكتەپ دەپ ئىككى خىلىغا بۆلۈنەتتى،  ئوقۇغۇچىلارغا دىنى قائىدە،  دىنى ئەقىددىن ساۋاق بىرىلەتتى،  نامازنىڭ ئايەتلىرى ئۆگتىلەتتى،  پەن –مەدەنىيەت بىلىملىرى ئۆگتىلىمەيتتى،  ئۆگىنش ئۇسۇلى ئۆلۈك ھالدا يادلاش بولۇپ،  مەنىسىنى بىلىش تەلەپ قىلنمايتى. ياڭ زېڭشىن بۇنداق مەكتەپلەرنىڭ ھەممسىنى زىغبەتلەندۇرگەنىدى.» ئۇ،  شىنجاڭنىڭ لاۋزنىڭ «دانالارنى ئەتىۋارلىماي،  نادانلارنى ئەتىۋارلاش» نەزەرىيەسى بىلەن ئىدارە قىلغان. «شىنجاڭنىڭ مىنگو تارىخى» دېگەن كىتابتا. يېزىلىشچە،  ئۇ«لاۋزىنىڭ نادانلارنى ئەتىۋارلاش» نەزەريسىنى يولغا قويغانلىقى ئۆچۈن،  شىنجاڭىنىڭ مەدەنىيەت،  مائارىپنڭ،  ئۇزاق مەزگىل  ھالەتتە قالاق تۇرۇش ۋەزىيىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ياڭ زېڭشىن،  «ئىستغپار ھۇجىرسىدا ئوقۇلغان لاۋزا خاتىرلىرى»،  «سەۋەنلىكلەردىن خاتىرىلەر» دېگەن كىتابلرىدا «لاۋزى تەلىماتى» غا قايتا-قايتا چۇقۇنۇپ،  «نادانلىق ئەۋزەل» دىگەن ئىدىيەنى تەرغىپ قىلغان. ئۇنىڭ بۇنداق قىلشتىكى مەقسىدى شىنجاڭنى ‹‹گومۇشلار دۇنياسى»غا،   شىنجاڭ خەلىقىنى بىلىمسىز «ئىپتىدائىي ئادەملەر» گە ئايلاندۇرۇپ شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مىلتارىسىت ھاكىميتىنى ساقلاپ قىلش ئىدى،   شۇنداقلا خەلىقىنى «خەت يازالمايىدىغان،  كىتاب ئوقىيالمادىغان»،  «نادانلىق ۋە ئويۇن –كۈلكە بىلەنلا ياشايدىغان»،  «پاراسەتسىز خەلىق» كە ئايلاندۇرۇپ،  ئۆزىنىڭ «خاتىرجەم يۇرت سوراش» ىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىدى.  شۇڭا ئاخىرقى ھېساپتا ئىكساقتا قۇرۇلغان دارىلمۇئەللىمىن زۇرلۇق بىلەن تارقىتىۋىتىلگەن ،  قۇللايدىغان گۇرۇھتىكلەر ئامالسىز قالغان.  بۇنڭىدىن قاتتىق ئىچىنغان تاتار زىيالىي نۇشېرۋان يائوشېف  مۇنداق يازغان : «ئالدىنقى يىللىرى مەشھۇر جامائەت ئەربابلرىدىن مۇسابيېفلارنىڭ تىزشچانلىقى بىلەن قەشقەردە يېڭىچە تەلىم – تەربىيە مىكتىپى ئېچىلىغانىدى. بۇ مەكتەپ بەش –ئالتە يىل داۋاملاشقان بولسا ‹ ئالتە شەھەر › ئۆچۈن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇيقۇچىلىرى يىتشىپ قالغان بۇلاتتى. لېكىن بەخىتسىز بۇ خەلىق شۇ بىردىنبىر ئىلىمىي ئورۇنىمۇ تۇتۇپ تۇرالمىدى».


          ئەلۋەتتە بۇ مەكتەپنىڭ تاقىلشىدا ياڭ زېڭشىڭنىڭ رەزىل قولى ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان. ئۇ : «تۈركلەر ئايەت ئۆگىتىش نامى ھەدەپ قۇتراتقۇلۇق قىلسا،  ئۇنىڭ يۇشۇرۇن ئاپىتىنى تەسەۋۇر قىلش تەس» دېگەن سەم 1917-يىلى ئەھمەد كامالىنى كۇچاغا سۈرگۈن قىلغان،  كيىن كۇھادىمۇ توختاتماي ئۇدۇل ئۈرۈمچىگە ھەيدەپ ئاپارغۇزۇپ،  ئۈرۈمچى تۈرمىسىگە ئىككى يىل قامىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ ھەرىكىتى تارىخىدىكى بۇ ئىستراتېگىيەلىك  قەدەم مەنزىلىگە غەلبىلىك يېتەلمىگەن،  شۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ ھەرىكتىنىڭ تەرەققىياتى 20-يىل كېچىككەن.


    ئىكساقتىكى «قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن» نىڭ پاجىئەلىك  ئاقىۋىتى قەشقەردىكى جەدىتلىك ھەرىكەتلرىگە قاتتىق زەربە بولغان. جەمىئىيەت ئەنسىزلىك ئىچىدە قالغان،  بۇ يىللاردا شەرق ۋە غەربتىكى ھەممە ئەلدە تەرەققىياتقا،  يېڭى مەدەنىيەتكە يۈزلىنش ھۆكۈمەت ھەرىكىتى ئارقىلىق داغدۇغلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۋاتقان بولسا،  شىنجاڭدا دەل بۇنىڭ تەتۇرسىچە ياڭ زېڭشىڭنىڭ «نادانلىققتا قالدۇرۇپ باشقۇرۇش» تەڭ رەزىل سىياسىتى سەۋەبدىن غۇلجا،  قەشقەر،  تۇرپانلاردا يېڭدىن كۆز ئاچقان مەرىپەت بۇلاقلىرىنىڭ كۆزلىرى رەھىمسىزلىك بىلەن تىندۇرۇلۇپ،  جەدىتلىك ھەرىكەتلرىگە ئازراقمۇ راۋاجلىنش ئىمكانيىتى بېرىلمىگەن.


          ئەمما،  جاھان مىقىياسىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش قەشقەردە ئابدۇقادىر دامۇللام باشلىغان جەدىتلىك ھەرىكتىگە تارىخىى خاراكتىرىلىك سەكرەش پۇرسىتى ئاتا قىلغان. 1914 –يىلى ئىيۇلدا مەشھۇر سارايىۋۇ ۋەقەسى سەۋەبىدىن پارتىلغان 1- دۇنيا ئۇرۇشى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشقا ئايلىنىپ،  تۆت يىل ئۈچ ئاي داۋام قىلىپ،  1918-يىلى 11-نويابىردا ئاخىرلاشقان. بۇ قانلىق ئۇرۇشتا ئامىرىكا بىلەن ياپۇنىيە مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە پايدا ئالغاندىن باشقا،  ئۇرۇشقا قاتناشقان بارلىق دۆەتلەر مىسلىسىز ئېغىر زىيان تارتقان. چار پادىشاھ مۇستەبىت ھاكىميىتى ئەڭ بالدۇر غۇلاپ چۈشكەن. 1917-يىلى رۇسىەدە ئىككى قىتىم زۇر ئىنقىلاب بولغان. فېۋرالدىكى «فېۋرال ئىنقىلابى» ئارقىلىق پېتېرگىراتا ۋاقىتىلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلغان. «ۋاقىتىلىق ھۆكۈمەت ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلغان . چار پادىشاھقا تۈزۈمگە قارشى بارلىق كىشىنى كەچۈرۈم قىلغان،  ئاممىۋى يىغىلىش نامايىش ئۆتكۈزۈش،  گېزىت – ژۇرناللارنى نەشر قىلشقا رۇخسەت قىلغان. بارلىق سىياسى پارتىيەنى ئىتىراپ قىلغان. 1917-يىلى باھاردا رۇسىيە ۋاقتىنچە دۇنيادىكى ئەڭ ئەركىن دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان»  شۇ يىلىنڭ ئاخىرى بولشۋىكلار «ئۆكتەبىر ئىنقىلابى» نى قوزغاپ،  ھاكىميەتنى «فېۋرال ئىنقىلابى» ئارقىلىق قۇرۇلغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتتىن تارتىۋالغان.


           1917-يىلىدىن 1921-يىلغىچە بولغان ئارىلقتا رۇسىيەدە لېنىن رەھبەرلىكدىكى مەركىزى ھۆكۈمەت ئىنتايىن ئاجىز ئەھۋالدا تۇرغان. رۇسىيەدىكى ئۆزگىرىش ۋە ئىنقىلاب تەبىئى ھالدا بىر ئەسردىن بۇيان رۇسىيەدىكى ئۆزگىرىش ۋە ئىنقىلاب تەبىئى ھالدا بىر ئەسىردىن بۇيان رۇسىيەنىڭ تۆمۈر چاڭگلىدا تۇرۇپ كەلگەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلىرىدە  ئۆزلىرىنىڭ سىياسى ئىستقبالىنى نەزەرگە ئالغان مىللى ھەرىكەتلەرنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. رۇسىيە تەۋەسىدىكى بارلىق مۇسۇلمان تۈركى خەلىقلەر رايۇنلرىدا مۇستەقىلىق ھەرىكەتلىرى پەيدا بولۇشقا باشلىغان. كۆپ يىلىدىن بۇيان ئىچىكى ئىلشلاردا ئەركىن،  ئەمما تاشقى ئىشلاردا رۇسىيەگە باغلىنىپ تۇرۋاتقان بىقىندى خانلىق خىۋە خانىلىقى بىلەن بۇخارا ئەمىرلىكىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىچىكى –تاشىقى ئىشلرىغا ئۆزى ئىگە بولۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنشكە كىرشكەن. جەدىتچىلەردىن تەشكىل تاپقان «ياش بۇخارالىقلار» ۋە «ياش خىۋەلىكلەر» تەشكىلاتى جۇشقۇن ھاياتى كۈچىنى نامايەن قىلغان. «ئوتتۇرا ئاسىيا خەلىقلىرىنىڭ ئىلغار مەنىۋى داھىيلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىجىتىمائىي ۋە سىياسى پائالىيەتلەرگە يىتكەكچىلىك قىلش مەقسىتىدە 1917-يىلىنىڭ مارت ئايلىرىدا بىر يەرگە يىغىلىپ،  كۆپ ساندىكى ئەزاسى جەدتچىلەردىن تەشكىل تاپقان ‹ ئىسلام شۇراسى › نى قۇرۇپ چىققان بۇ پارتيىنىڭ سىكىرتارلىقىنى ئوتتۇرا ئاسىيا جەدىتچىلىك ھەرىكتىنىڭ ئاۋانگاراتلرىدىن بىرى بولغان مۇنەۋەر قارى ئابدۇرەشىتخان  ئۈستىگە ئالغان . ئۇلار دەرھال ھەرىكەتكە كىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدە بىر قۇرۇلتاي چاقىرشىنى قارار قىلشقان. قۇرۇلتاي تەييارلىقلىرى تاماملىنىپ،  1917-يىلى 17 –ئاپىرىل تاشكەنت شەھىرىدە 440 نەپەر ۋەكىل قانتاشقان تۇنجى قىتملىق ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلار قۇرۇلىتىيى چاقىرىلغان. بۇ قۇرۇلتايدا ‹ رۇسىيەنىڭ كەلگۈسى ئىجىتىمائىي تۈزۈمى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بۇ تۈزۈم ئىچىدىكى ئورنى › ھەمدە ‹ رۇس كۆچمەنلىرىگە تارقىتىلىپ بىرلىگەن يەرلەرنىڭ ئەھۋاللىرى تۇغۇرسىدا › دېگەندەك بىر مۇنچە تېمىنى ئاساس قىلغان ھالدا مۇزاكىرە ئۇيۇشتۇرۇلغان. قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ ھەممسى دېگۈدەك جەدىتلىكىنى ھىمايە قىلشدىغان كىشلەر ئىدى»


    ئۇزاق ئۆتمەي قازاقلاردىن چىققان مەشھۇر جەدىتچى مۇستافا چۇقاي ئوغىلى رەھبەرلىكدىكى قوقان موختارىياتى قۇرۇلغان. ئۈچ ئايغا يىقىن ھاكىميەت يۈرگۈزگەن بۇ ھۆكۈمەت 1918-يىلى 18 – فېۋرالدا قىزىل گىۋاردىيەچىلەرنىڭ قۇراللىق باستۇرۇشى بىلەن ئاغدۇرۇلغان. ئورنىغا تۈركستان ئاپتۇنۇم سوۋىت سوتيالىسىتىك جۇمھۇريىتى قۇرۇلغان. ئوتتۇرا ئاسىيادا توختاۋىسز سىياسى ئۆزگىرش ۋە تۈرلۈك  ئىجىتمائىي ئىنقىلاب يۈز بىرىپ،  داغدۇغىسى جاھاننى بىر ئالغان. مۇشۇ يىللاردا قەشقەردىكى بۇرۇقتۇرما  ۋەزىيەتتىن ئىچى سىقىلغان،  غايە ئارزۇلىرى ئەمەلگە ئاشماي تاقىتى تاق بولغان ئابدۇقادىر دامۇللام ئوتتۇرا ئاسىياغا يەنە بىر قىتىم سەپەر قىلغان. بۇ قىتىمقى سەپەر ۋاقتى 1918-يىلدىن 1921-يىلغىچە بولغان.  بۇ جەريانىدا ئابدۇقادىر دامۇللام ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكلىردىكى ئۆزگىرشلەرگە يىقىدىن دىققەت قىلغان.  ھەر قايسى سىياسى گۇرۇھىنىڭ مۇدىئا –مەقسەتلرىنى تەھىلىل قىلغان.  بولشىۋىكلار ھەقىقدىكى چۈشۈنچىسنى ئايدىڭلاشتۇرغان.  شۇ جەريانىدا ئوشتا بىر ئۆزبەك ئايالىنى ئەمىرىگە ئىلىپ،  ئابدۇللا ئىسىملىك بىر ئوغۇل كۆرگەن. 1921-يىلى رۇسىيە تۇپرىقىدا بولشىۋىكلار ھاكىميىتى مۇشتەھكەملىنىپ،  خەلىقئارادىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئېتىراپ قىلشىغا ئىرىشكەن. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئوخشىمغان سىياسى قاراشتىكى پائالىيەتچىلەر،  بىر قىسىم داڭلىق دىنى زات ۋە مال –مۈلىكى كۆپ باي تۈرلۈك  ئوي –خىيال بىلەن قوشنا ئەللەرگە قاراپ يول ئالغان.  ئابدۇقادىر دامۇللام بولۋاتقان بۇ ئۆزگىرىشلەردىن بولشىۋىكلار ھاكىميىتى ئاستىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلىرىنىڭ نۆۋەتتكى كىلەچىكىنى تۇنۇپ يەتكەن. ئابدۇقادىر دامۇللام ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۈچ يىلغا سۇزۇلغان كۆزىتىش،  كۈتۈش ئويلىنش ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئوشتىن قەشقەرگە قايىتىپ كەلگەن.



    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.