ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-12-19

    بىز قانداق چاكىنىلىشىمىز: - [زۇلپىقار بارات ئۆز باش ماقالىل]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/90521079.html

     

    بىز قانداق چاكىنىلىشىمىز:
    كىملىكىمىز، جەمئىيەتلىشىۋاتقان بىنورماللىقلىرىمىز ۋە شالغۇتلىشىۋاتقان قىممەت قارىشىمىز تاپتىن چىققۇچىلار جەمئىيەتشۇناسلىقى نۇقتىسىدىن ئۇيغۇرلاردىكى ئۇنتۇلغان پەرھىزلەر ۋە بۇزۇلۋاتقان يوسۇنلار ئۈستىدە ئويلىنىش

    زۇلپىقار بارات ئۆزباش



    -سەن ئىنسانىيلىقنىڭ ئاسىيسى، كامالەتنىڭ قاتىلى، تۇرمۇشنىڭ ئەخلىتى. بۇ تەقدىرىڭنى ئۆزۈڭ تۈزگەن.
    -ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن(1934-1995)«ئۆزۈڭنى تونۇ»ناملىق ئەسىرىدىن
    -بىر ئەخلاقسىز ئادەم ھەركەتكە ئۆتكەندە، نۇرغۇن ئەخلاقلىق ئادەم تەڭلا ئازاپلىنىۋاتقان بولىدۇ.
    -ئىممەنيۇل كانت(گېرمانىيە، 1724-1804)[2]
    -بىر جەمئىيەت كىشىلىرى ئورتاق قىممەت قارىشى ياراتماي تۇرۇپ ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى ساقلىيالمايدۇ ياكى قايتىدىن بەرپا قىلالمايدۇ.
    ئېمىل دۇركايىم(فىرانسىيە، 1858-1917)[3]


    1. مۇقەددىمە:تېمىغا كىرىش


    پاكىت تەھلىلى(1)


    تويدا غەرق مەست بولۇۋالغان دادىلار

    قىز كۆچۈرگىلى كەلگەن يىگىتلەر بىرەر مەرتە ئۇسۇل ئويناپ، مەرىكە كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇپ سەھنىدىن چۈشكەندىن كىيىن، شۇنچىلىك سالاپەتلىك، قامەتلىك بىر ئادەم قوللىرىنى سارنىڭ قانىتىدەك كېرىگىنىچە ئۇسۇلغا چۈشتى. ئەمما مەيداننى بىر ئايلىنار-ئايلانمايلا دەلدەڭشىپ، ئېگىز-پەس دەسسەشكە باشلىدى. پوكاندەك قىزارغان يۈزى، ئەلەسلىشىشكە باشلىغان كۆزلىرىدىن غەرق مەست بوپقالغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. سەھنىدە ئالدىراش مېڭىپ يۈرگەن، قېنىق گىرىم قىلغان 50ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايال(بەلكىم ئۇ كىشىنىڭ ئايالى بولسا كېرەك)بۇ ھالدىن ئەپسىزلىك ھېس قىلدىمۇ، ئىتتىك بېرىپ ئۇ ئادەمنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ چۈشۈپ كېتىشكە ئىشارەت قىلدى. ئەمما ئۇ ئادەم تېرەجەپ تۇرۇۋېلىپ چۈشكىلى ئۇنمىدى. ئۇدۇلۇمدا سەھنىگە قاراپ تۇرغان، ياغلىقىنى ياراشتۇرۇپ چەگكەن تىپىك ئۇيغۇر چىراي بىر ئايال«ئىم»دېگەندەك قىلىپ يۈزىنى قولى بىلەن توسۇۋالدى.


    بولدى قۇيۇپ بېرىڭ، ئوينىسۇن، ئاغىنىسىنىڭ قىزىنىڭ تويىدا ئوينىماي قاچان ئوينايدۇ!-نېرىراقتىكى شىرەدە كەيىپ قىلىپ ئولتۇرۇشقان سالاپەتلىك ئەرلەرنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەن ئۈنلۈك ئاۋازدا شۇنداق دېگىنىچە بېرىپ سەھنىدىكى ئادەمگە ماسلىشىپ ئويناشقا باشلىدى. سەھنىگە چىققان ئايال ئوڭايسىز بىر كەيپىياتتا چۈشۈپ كەتتى.
    -ئىست، مۇقەددەس نىكاھنى ھارام قىلىشتى-دە، رەسۋالار!-دېدى مەن بىلەن بىر شىرەدە ئولتۇرغان، ساقاللىق، پاكىز قېرىغان بىر مويىسپىت كىشى.
    -بۇ كىشى ئۇنىۋېرسىتېتتا مۇئەللىم، ئىنىمغا دەرس بەرگەن، -دېدى يىنىمدا ئولتۇرغان مەن بىلەن تەڭ دېمەتلىك بىرسى.


    ھايال ئۆتمەي سازچىلارنىڭ تېخىمۇ شوخ ئۇسۇل پەدىسىگە چېلىشى بىلەن بايىقى ئەر قوپقان شىرەدىكى ئەرلەر بىراقلا يوپۇرۇلۇپ سەھنىگە قاراپ ماڭدى. ئېگىز-پەس ئۇسۇللار ئوينىلىشقا، قەدەملەر ئالمىشىپ، پۇتلار كالانپايلىشىشىقا باشلىدى. قىز كۆچۈرگىلى كەلگەن يىگىتلەر بۇ ھالنى كۆرۈپ كۈلۈشكە باشلىدى.  كېيىنكى پەدىگە قىز-يىگىتلەر ئويناپ چۈشۈپ كەتكەندىن كىيىن، سورۇن رىياسەتچىلىكىنى قىلىۋاتقان ئوتتۇرا بوي، يۈزى بەقەمدەك قىزارغان بىر ئادەم مىكرافوننى ئېلىپ سۆزلەشكە باشلىدى. ئەمما، تەڭشىلىپ قالغاچقىمۇ ئەيتاۋۇر، گېپى قولاشمايتتى. ئۇ ئۈزۈپ-ئۈزۈپ ئېيتىلغان، قولاشمىغان نۇتۇقىنى ناھايتى ئۇرغۇلۇق ئاۋازدا«جانابىي ئاللادىن قىزىمىزنىڭ بەخىتىنى تىلەيمىز، ئامىن!»دەپ ئاخىرلاشتۇردى ۋە قىزنىڭ يۈزى ئېچىلدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. سەھنىگە ئادەم تولۇشقا باشلىدى. سازچىلار پەدىنى يۆتكەپ«جان ئانا»دېگەن ناخشىغا چالدى. يۈز ئېچىش، ئۈزۈك سېلىش، قىزنىڭ بىشىدىن نان ئۆرۈش قاتارلىق رەسمىيەتلەر ناھايتى تېزلا بەجا كەلتۈرۈلگەندىن كىيىن ھەممەيلەن دۇئاغا قول كۆتۈردى. بادام دوپپىلىق بىر ئادەم ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا دۇئا قىلدى. قىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرى رازىلىق بېرىشكەندىن كىيىن قىز-يىگىتلەر ئاككاردىيون ساداسى ئىچىدە زالدىن ئايرىلىشتى.
    بۇ، 2008-يىلى ئۈرۈمچىدىكى بىر رېستۇراندا ئۆتكۈزۈلگەن مەرىكىدە ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن كۆرۈنۈش ئىدى. ئۇ چاغدا يازلىق تەتىل قىلىپ ھونولۇلۇدىن ئۈرۈمچىگە قايىتقىنىمغا بىر ئايچە بولغانىدى.



    ئۇيغۇرلارنىڭ مەرىكە مەدەنىيتىدە يېقىنقى ئون-يىگىرمە يىل ئىچىدە پەيدا بولغان، شەھەرلەردىكى خېلى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ نەزەرىدە ھەيران قالغۇچىلىكى يوق بىر ئىشقا ئايلانغان يۇقارقى كۆرۈنۈش جەمئىيەتلىشۋاتقان چاكىنىلىقنىڭ بىر ئىپادىسى ئىدى. بۇ يەردىكى چاكىنىلىق ئىبارىسى يۇقىرىقى ھالغا كۆنۈپ كەتكەن، سوئال قۇيۇپ ئولتۇرمايدىغان ئۇيغۇرلارنى بىئارام قىلىپ، «بۇنچىلىك ئىشنى قانداقمۇ جەمئىيەتلەشكەن چاكىنىلىق دېگىلى بولسۇن؟قانداق بولسا چاكىنىلىق جەمئىيەتلەشكەن بولىدۇ؟چاكىنىلىققا ھۆكۈم قىلىشتا ئاساسلىنىۋاتقان ئۆلچەم نىمە؟»دېگەن شۈبھىلىك پىكىرگە تۇتۇرۇق بولۇشى ئېھتىمال. مىنىڭ نەزەرىمدە،  جەمئىيەتلەشكەن چاكىنىلىق-بىر ئىجتىمائىي توپتا بىردەك ھىمايە قىلىنىدىغان، ئورتاقلىق تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭى پەيدا قىلىدىغان قىممەت قاراشلىرى، ئىجتىمائىي مىزانلىرىغا خىلاپ ھالدا ئومۇملاشقان، ئەمما ئەخلاقسىزلىق ھېساپلانمايدىغان، جىنايەت ئۆلچىمىگىمۇ توشمايدىغان، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن شۇ ئىجتىمائىي توپ ئەزالىرى ئارىسىدا ھەيرانلىق ھېس قىلىنمايدىغان ئىجتىمائىي بىنورماللىقتۇر. ئادەتتە جەمئىيەتلەشكەن چاكىنىلىق«تاپتىن چىققۇچىلار جەمئىيەتشۇناسلىقى»(Sociology of Deviance,越轨行为社会学)دائىرسىدە تەتقىق قىلىندۇ.



    يۇقۇرىقى جەمئىيەتلىشۋاتقان چاكىنىلىقنىڭ ئىپادىسى دېيىشتىكى سەۋەپ شۇكى، بۇ توي مەرىكىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمانلىق ئەخلاقى ۋە ئادىتىگە، جۈملىدىن مۇراسىم قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىنغان؛ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق تارىختىن بېرى ئورتاق ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان ئەخلاق مىزانلىرى دەپسەندە قىلىنغان. يەنى، ئۇيغۇرئەنئەنىسىدە نىكاھ مۇقەددەس، نىكاھ كۈنى ئەتىگىنى تۇزغا چىلىنغان نان يېيىلىدۇ ۋە بۇ نىكاھنى ئۇلۇغلىغانلىق دەپ چۈشىنىلدۇ.  مۇراسىم مەدەنىيتىدە مۇسۇلمانلىق نۇقتىسىدىن ھاراق ئىچىش ئېغىرئېلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئەنئەنىسىگە، مۇراسىم مەدەنىيتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشەنچىلىك ئىلمىي مەنبەلەردىن بۇ بايانغا دائىر دەلىل-ئاساسلارنى كۆپلەپ ئۇچرىتالايمىز. مەسىلەن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىلىرىدىن ئابدۇكېرىم راخمان، شېرىپ خۇشتار، رەۋەيدۇللا ھەمدۇللالار بىرلىشىپ يازغان«ئۇيغۇر ئۆرۈپ-ئادەتلىرى»(1996:187)، ئابدۇرېھىم ھەبىبۇللا يازغان « ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيەسى»(258 -2000:257)، ئەنۋەر سەمەد قورغان يازغان«ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر» (192 -2007:191)قاتارلىق كىتابلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ھاراقتىن پەرھىز تۇتىدىغانلىقى ئېنىق قەيت قىلىنغان. ئۇ مەنبەلەردىكى ئۇيغۇر مۇراسىم مەدەنىيتىگە ئائىت بايانلاردىمۇ مەرىكە بولىۋاتقان سورۇندا ھاراق ئىچىشكە دائىر ھېچقانداق گەپ يوق. دېمەك، يۇقىرقى سورۇندا كەم دېگەندە مۇنداق بىر قانچە نۇقتىدىن جەمئىيەتلىشۋاتقان چاكىنىلىقنىڭ ئىپادىلىرى ئوتتۇرىغا چىققان. بىرىنچى، ھاراق ئىچىلىپ نىكاھنىڭ مۇقەددەسلىكىگە ھارام ئارلاشتۇرۇلغان؛ئىككىنچى، ياشلارغا قائىدە-يوسۇن ئۆگىتىش، ئۆرۈپ-ئادەتتە ئۈلگە بولۇش مەجبۇرىيىتى بولغان دادىلار شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىنى تۇيماي ئۇيغۇر ئەنئەنىسىگە ئاڭلىق خىرىس قىلغان؛ئۈچىنچى، ياشلار بىلەن چوڭلار ئوتتۇرسىدىكى پەردىشەپ بۇزۇلغان؛تۆتىنچى، ئۇ دادىلارنىڭ ئۇيغۇر سورۇنلىرىنىڭ ئەخلاق ئەنئەنىسىگە قارا سۈركەيدىغان قىلىقلىرى سورۇندىكى زور كۆپ قىسىم ئادەمنىڭ نەزەرىدە ھەيران قالغۇچىلىكى يوق ئىشقا ئايلانغان؛بەشىنچى، ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ ۋىجدانىغا (Collective Conscience,集体良心)، ئۇيغۇر ئەنئەنىسىنى ياقلاپ كېلىۋاتقان ھەم ئورتاق قىممەت قارىشىنى ئىش-ھەركىتىدە ئىپادىلەپ كېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ غۇرۇرىغا ھۇجۇم قىلغان.  ئەڭ يامان بولغىنى، بۇنى ئاشۇ دادىلارنى ئۆز ئالغان نۇرغۇن ئادەم تۇيمىغان. بۇ خىل ھادىسە ئۇيغۇرلار ئارسىدا،  جۈملىدىن شەھەر ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا كەڭ كۆلەمدە يىلتىز تارتقان. گېزى كەلگەندە يەنە شۇنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتۈش كېرەككى، بۇ ھادىسىنىڭ نۇرغۇن كىشىگە غەيرىي تۇيۇلماسلىقى ۋە يىلتىز تارتىش، جەمئىيەتلىشىشكە ئۈلگۈرۈشى، بۇ ھەقتە جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن چىقىپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئەھمىيتىنى روشەنلەشتۈرىدۇ ۋە ئالدىمىزغا«ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن ئەنئەنىسىدە چەكلىندىغان ۋە ئاتا-بوۋىلىرى يامان كۆرگەن، ھار ئالغان ئىشلارغا ئوپچە كۆنۈپ كەتتى؟بۇ ئىشلار قانداق جەمئىيەتلەشتى؟»دىگەن سوئالنى تاشلايدۇ. چۈنكى،  جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ بىر ۋەزىپىسى-ئادەتلەنگەن تونۇش(Common Sense,常识)قا جەڭ ئېلان قىلىش.  چاكىنىلىققا دىئاگنوز قويۇشتىكى ئۆلچەم ۋە ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل«بىز كىم؟بىز كىمنىڭ پۇشتى؟يىلتىزىمىزچۇ؟» دەپ سوئال قۇيۇشتۇر. ئەنە شۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىلغاندا، جەمئىيەتلەشكەن چاكىنىلىقنى چۈشىنىش بىر ئاز ئاسانلىشىدۇ. بۇ ھادىسىنى ئىنسانشۇناسلىق، فولكلور، ئەخلاقشۇناسلىق، تارىخ، مەدەنىيەتشۇناسلىق ۋە دىنشۇناسلىق  نۇقتىسىدىن كۆزىتىپ باشقىچە تەھلىل قىلغىلىمۇ بولىدۇ. ئەمما بىز بۇ ماقالىمىزدە مەسىلىنى جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن، يەنى ئىنسان ھەركىتى بىلەن جەمئىيەت ۋە ئىجتىمائىي سېستىمىلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت نۇقتىسىدىن چىقىپ كۆزىتىمىز ۋە يۇقىرقى نۇقتىلارنى چۆرىدىگەن ھالدا«ئۇيغۇرلاردا جەمئىيەتلىشۋاتقان چاكىنىلىقلارنىڭ ئىپادىلىرى، سەۋەبلىرى ۋە ئاقىۋەتلىرى نېمە؟چاكىنىلىشىش قانداق بىر جەريان؟چاكىنىلىشىش قانداق جەمئىيەتلىشىدۇ؟»دېگەن ئۈچ سوئالغا جاۋاب تېپىشقا تىرىشىمىز. ھەربىر نۇقتىئىنەزىرىمىزنى ئۇدۇلىغا ئوتتۇرىغا قۇيۇش بىلەنلا چەكلەنمەي، ئۇيغۇر تۇرمۇشىدىن ئېلىنغان تىپىك پاكىتلارنى جەمئىيەتشۇناسلىق نەزەرىيەلىرى بىلەن تەھلىل قىلىپ، ماقالىمىزنىڭ نەزەرىيىۋى چوڭقۇرلۇقىنى يەنىمۇ تىرەنلىتىشكە تىرىشىمىز. پاكىت توپلاشتا قوللانغان مىتودلىرىمىز سۈپەت تەتقىقاتىدىكى ئوبراز ئانالىزى، ئېيتىم ئانالىزى، ياندىن كۆزىتىش ۋە زىيارەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن ئىبارەت.


     
    ئىنسان تۇرمۇشتا ئۆزلۈكسىز رەۋىشتە چاكىنىلىشىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشى ياشاش پىرىنسىپىغا خىلاپ ئىشلار، ئىدىيلەر، سىمۋوللارغا توختاۋسىز ئۇچراپ تۇرىدۇ. شەھەرلىشىش، زامانىۋىلىشىش،  ئىجتىمائىي كونترول ۋە ھوقۇق مۇناسىۋىتى بۇ جەرياننى تېزلىتىدۇ ھەم شۇ جەرياندا مۇئەييەن بىر ئىجتىمائىي توپ ئىچىدە مۇئەييەن بىر مەسلەك، مۇئەييەن بىر يوسۇنغا ئەمەل قىلىپ ياشاپ كېلىۋاتقان ھەر بىر ئادەم يېڭى خېرىسلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسلىسىگە دۇچ كېلىدۇ. بەزىلەر يېڭى خىرىسلارنى بىر مەزگىل مىزان ئەلگەكلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ ئۆز قىممەت قارىشىغا خىلاپلىق قىلماسلىق شەرتى ئاستىدا ھەرىكىتىگە بەزى ئۆزگىرىشلەرنى كىرگۈزىدۇ. يەنى بەزىلەر بولسا يىڭى خىرىسلارغا ئەل بۇلۇپ، يېڭى غىدىقلىنىشلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي، بىر ئىجتىمائىي توپقا ئورتاق بولغان قىممەت قاراشلاردىن ۋاز كېچىشكە، گۇمانلىنىشقا، سوۋۇشقا باشلايدۇ.  ئىككىنچى خىلدىكى ئادەملەر ئاۋۇغاندا بىر جەمئىيەتنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشى ئومۇميۈزلۈك خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ. بۇنداق ئادەملەرنىڭ كوللېكتىپ ۋىجدانغا خىلاپلىق قىلغان قىلمىشلىرى جەمئىيەت تەرىپىدىن دەككىلەنمىگەن ۋە رەت قىلىنمىغاندا ياكى كۈچلۈك ئىجتىمائىي ئىنكاس، جامائەت پىكرىگە دۇچ كەلمىگەندە،  ئۇنداقلارنى دورايدىغانلار كۆپىيدۇ ھەم يادرولۇق قىممەت قارىشىغا قارشى ھالدا«Deviance Sbculture,越轨亚文化»شەكىللىندۇ. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ خىل ئەندىزىدە ھەرىكەت قىلىشقا كۆنگەن ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ قىلىقلىرىدىن گۇمانلانمايدىغان، ئۇنىڭغا ئادەتلىندىغان بولىدۇ؛ئۆزلىرىنىڭ قانداق مەسلەكتە چىڭ تۇرۇپ، نېمىگە قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنىمۇ چۈشەنمەيدۇ؛ھەتتا يادرولۇق قىممەت قاراش ۋە ئەقىدە-پىرىنسىپلارغا ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز يوسۇندا ئاسىيلىق قىلىۋاتقىنىنى تۇيمايدۇ. ئادەملەر جەمئىيەتتە كۆلەم ھاسىل قىلغاندا تەبىئىي ھالدا ئۇلارنىڭ ھەرىكەت نۇسخىلىرى جەمئىيەتلىشىدۇ، ئىجتىمائىي بىنورماللىق ئومۇملىشىدۇ ۋە كىملىك كىرىزىسىغا پاتقان، زىددىيەتلىك كىملىك ئىسكەنجىسىدە قالغان بىر جەمئىيەت بارلىققا كېلىدۇ. [4] جەمئىيەتلىشۋاتقان چاكىنىلىق ئۇيغۇر جەمئىيتىدە ئومۇملىشىۋاتقان ئەنە شۇنداق ئىجتىمائىي بىنورماللىقلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، يىلتىزى ئىجتىمائىي سىستېمىلاردا، سەھنىسى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە، سىمۋوللۇق ئالاقىلەر ۋە ھوقۇق مۇناسىۋىتىدە، جەريانى زامانىۋىلىشىش، شەھەرلىشىش مۇساپىسىدە ئەكس ئېتىدۇ. جەمئىيەتلەشكەن چاكىنىلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىر قانچە ئۇقۇم ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى-قىممەت قارىشى، پەرھىز ۋە ئىجتىمائىي سىستېمىلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى، ئەخلاق ۋەسۋەسىسى بىلەن يادرولۇق ئەقىدە ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى، كوللېكتىپ ۋىجدان، ئېتقاد ۋە ئېتقادسىزلىق ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى، ھالاللىق ۋە بۇلغىنىش ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشىنىشىمز كېرەك. جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ يۈز نەچچە يىللىق تارىخىدا بۇ ھەقتە بىر مۇنچىلىغان نەزەرىيە سىستېمىسى تۇرغۇزۇلغان. يەنە شۇنىمۇ ئېيتىش كېرەككى، بۇ ئۇقۇملار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشىنىش ئۆز نۆۋىتىدە جەمئىيەتشۇناسلىقتا نۇقتىلىق مۇلاھىزە قىلىندىغان ئىجتىمائىيلىشىش،  جەمئىيەتتىن يۇقتۇرۇش، ئاممىۋى مىدىيەلەر، زامانىۋىلىشىش، شەھەرلىشىش، سانائەتلىشىش، دوراش، زىددىيەت،  ئىجتىمائىي قۇرۇلما، مۇراسىم قاتارلىق ئۇقۇملارنى چۈشىنىشنى تەقەززار قىلىدۇ. بىز بۇ ھەقتىكى تەھلىلىمىزنى ئۇيغۇر جەمئىيتىدىن كونكىرت تۇرمۇش كارتىنىلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئېمىل دۇركايىم، تالكوت پارسونىس، روبېرت مېرتون، مەرىي دوگلاس، سىتەنلېي كوخېن، ئانتونىي گىددىنىس، ئېدۋارد شىللىس، لېۋ سىتراۋس، گابرېل تاردې قاتارلىق جەمئىيەتشۇناس ۋە ئىجتىمائىي پىسخولوگلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نەزەرىيەلىرىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق ماقالىمىزنىڭ ئىككىنچى، ئۈچىنچى بۆلەكلىرىدە قانات يايدۇرىمىز. نۇقتىئىنەزەرگە دەلىل كۆرسىتىش ئۈچۈن جەمئىيەتتە ئۇيغۇر پاراڭ ئەنئەنىسىگە يات ھالدا ئومۇملىشۋاتقان ئابدۇكېرىم ئابلىز ئىتوتلىرىدىن ئۆگىنىپ ۋە بىر-بىرىنى دوراپ مەيدانغا كەلگەن ھەم«ئابدۇكېرىم ئابلىز ماقال-تەمسىللىرى»شەكلىدە تېز سۈرئەتتە يامراۋاتقان«ئالىم بولساڭ ئالەم سىنېڭكى، شوجاڭ(مەكتەپ مۇدىرى)بولساڭ خانىم سېنىڭكى»، «زۈيبا شاڭ خەيپا چۇلەيلې»(ئاغزىمغا قوقاق چىقىپتۇ)قاتارلىق بىنورمال چاكىنا ئېيتىم ھادىسىسىنى، 2007-يىلدىن بېرى شەھەر ئۇيغۇر جەمئىيتىدە ئۇيغۇر مۇراسىم مەدەنىيتىگە مۇخالىپ ھالدا ئومۇملىشۋاتقان ۋە«دەۋرنىڭ ئېھتىياجى»دەپ . جەمئىيەتلىشۋاتقان توي شىرەسىدە ئولتۇرماي تۇرۇپ، مېھمانغا بىر پىيالە چاي قۇيماي تۇرۇپ پۇل يىغىش ھادىسىسىنى؛مەلۇم بىر تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى تەرىپىدىن 2009-يىلقى بالىلار بايرىمىغا ئاتاپ ئىشلەنگەن ئۇيغۇرچە سەنئەت پىروگىراممىسىدا10ياشقىمۇ توشمىغان سەبىي ئۇيغۇر قىزلىرىغا كىندىكى ئوچۇق ئوسسۇل ئوينىتىش ھادىسىسىنى؛چەت ئەلدە مەن كۆرگەن بەزى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بالىلىرىغا ئانا تىل چىقىشتىن بۇرۇن ياپونىيەدە تۇرغانلارنىڭ ياپونچە، تۈركىيدە تۇرغانلارنىڭ تۈركچە، ئامېرىكىدا تۇرغانلارنىڭ ئىنگلىزچە ئۆگىتىش ھادىسىسىنى؛ئانا يۇرتىمىزدىكى بىر نامرات دېھقان قىزىنىڭ توي كۈنى ياۋروپا پاسونىدىكى توي كۆڭلىكى كىيىپ«شيالى»پىكاپتا كۆچۈرۈلۈش ئالدىدىكى كۆرۈنۈشنى تەھلىل قىلىمىز. جەمئىيەتلەشكەن چاكىنىلىقنىڭ نۇسخىلىرىنى ئۆزىدە يوق كىملىكنى بېزەپ كۆرسىتىش، كوللىكتىپ ۋىجدانغا ئاسىيلىق قىلىش،  ماددىيلىشىش ھەم تاۋار ۋەسۋەسىسى، جاھانسازلىق كويىغا كىرىش، شەھۋەت ۋە كەيىپنىڭ دەيدىيىگە ئۇسۇل ئويناش قاتارلىق نۇقتىلاردىن؛ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ئىجتىمائىي ئىنكاس ئىقدارى ئۆلۈش،  ئىجتىمائىي ئۇيۇشچانلىقى ئاجىزلاش، زىددىيەتلىك كىملىك ۋە كىملىك كىرىزىسى پاتقىقىغا پىتىش، يادرولۇق قىممەت قاراشلىرى ۋە ئەخلاق تۇغانلىرىغا چاك كېتىش نۇقتىلىرىدىن مۇھاكىمە قىلىمىز.  


    2. چاكىنىلىقنىڭ ئىپادىلىرى:راست ئىشلار خاتىرسى


    پاكىت تەھلىلى(2)



    كىندىكى ئوچۇق ئوسسۇل ئويناۋاتقان سەبىي قىزلار ۋە باشقىلار


    2009-يىلى ماي ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئانا يۇرتۇمدىكى مەلۇم بىر شەھەردە مەلۇم تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى تەرىپىدىن بالىلار بايرىمىغا ئاتاپ ئىشلەنگەن سەنئەت پىروگىراممىسىنىڭ سۈرەتكە ئېلىش پائالىيتىگە قاتناشتىم.  



    بۇ پائالىيەتنى مەلۇم بىر شىركەت خوجايىنى ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ، تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەنىكەن، ماڭىمۇ تەكلىپنامىدىن بىرسى تەگدى. پائالىيەتنىڭ بېشىدا ۋەتەننى، كوممۇنىستىك پارتىيەنى مەدھىيەلەيدىغان نۇمۇردىن بىر قانچىسى ئورۇندالغاندىن كىيىن ئۇيغۇر ئۇسۇلىدىن بىر نەچچىسى ئوينالدى.  


    قىزىق يېرى، ھەرقايسى باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئۇسۇل ئوينىغان سەبىي قىزلار قولتۇقى، كىندىكى ئوچۇق سەھنە كىيمى كىيىشكەنىدى. بۇ ئوماقلىرىمىز ئورۇندىغان شوخ ئۇسۇللاردىن خۇرسەن بولغان بولساممۇ، ئۇلار كىيگەن يېرىم يالىڭاچ كىيىملەر كۆڭلۈمنى غەش قىلدى. «بۇلارنى ئاشۇ يىشىدا كىندىكى،  قولتۇقى ئوچۇق كىيىم كىيىشكە مەجبۇر قىلغان نەرسە نېمىدۇ؟ئاتا-ئانىلىرى، ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە رېژىسسورلار بۇنىڭغا دىققەت قىلمىغانمىدۇ؟ »دېگەن ئىزتىراپلىق خىياللار كاللامدىن ئۆتتى. قارىشىمچە، ئۇسسۇللارنى سەبىيلەرگە بۇنداق كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ ئوينىتىش ئۇلارغا قىلىنغان زىيانكەشلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ئەتراپىمغا قارىدىم.  كىشىلەر كۆزۈمگە پەرۋاسىزدەك، بىر نەرسىگە ھەيران قالمىغاندەك كۆرۈندى. شۇ ئارىدا خىيال ئىكرانىم ئىختىيارسىز ئاممىۋى مېدىيەلەرگە مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر كۆرۈنۈشكە كۆچتى.



    2005-يىلنىڭ بىشىدا مەن ئىلگىرى خىزمەت قىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ تەربىيلەش مەركىزى ئۈرۈمچى غەربىي پويىز ئىستانىسىغا يىقىن بىر جايدا يېڭىدىن قۇرۇلدى. خىزمەت ئورنىمىز شەھەر مەركىزىدىن يىراق بولغىنى ئۈچۈن ئىدارىدىن ھەر ئىككى ئادەمگە بىردىن ياتاق بېرىلدى. مەن ئايدا بىر قىتىم نۆۋەتچىلىك كەلگەندە ئاشۇ ياتاقتا يىتىپ قالاتتىم. كۆپ ھالدا كەچ سائەت توققۇز-ئونلارغىچە كىتاب كۆرگەندىن كىيىن، ئۇخلاشتىن بۇرۇن كۈندىلىك ئۇچۇرلاردىن خەۋەر تېپىش مەقسىتىدە تېلىۋزورنى ئاچاتتىم ۋە قانال يۆتكەيتتىم. ئاشۇ يىلى ئۇيغۇر قاناللىرىدا كۆرگەن ۋە ئۆزۈم قەتئىي قۇبۇل قىلالمىغان بىر كۆرۈنۈش تا ھازىرغىچە ئېسىمدىن چىقمايدۇ. يەنى ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ«رىشتە»پروگىراممىسىدا توختىماي ئىچ كىيىم مودېل مۇسابىقىسى كۆرسىتىلەتتى. يەنى كېلىپ، بۇنداق نۇمۇر تەكرار-تەكرار كۆرسىتىلەتتى،  تەكرار-تەكرار تەلەپ قىلىناتتى. سىز بۇنداق كۆرۈنۈشنى كۆرمەي دېسىڭىزمۇ، قانال يۆتكىگەندە ھامان كۆزىڭىزگە چېلىقىىپ تۇراتتى. بۇنداق ئەھۋالنى ئۆزۈم نۆۋەتچىلىك قىلغان كېيىنكى ئايلاردىمۇ ئۇچراتقاندىن كىيىن، ئاخىر بىر كۈنى ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىغا تېلىفون قىلىپ بۇ ھالدىن قاقشىدىم؛بۇنداق قىلىشنىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىسىگە مۇخالىپ ئىش ئىكەنلىكى، ياشلىرىمىزنى، سەبىيلەرنى زەھەرلەش دەرىجىسى چوڭقۇر بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردۈم.  تېلفوننى ئالغان قىز ھۆرمىتىم ئۈچۈن گېپىمنى ئاخىرغىچە ئاڭلاپ تۈگەتتى ۋە پىكرىمنى رەھبەرلىككە يەتكۈزۈپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما، كىيىنكى ئايلاردا بۇنداق نۇمۇرلار بېرىلىۋەردى. ھازىر ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ شۇ خىلدىكى نۇمۇرلارنى داۋاملىق بېرىۋاتقان-بېرىۋاتمىغانلىقىدىن خەۋىرىم يوق.



    پاكىت تەھلىلى(3)



    «ئابدۇكېرىم ئابلىز ماقال-تەمسىللىرى»مۇ؟ 



    2009-يىلى ئىيۇننىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىدىكى بىر نەچچە تونۇشۇم بىلەن بىر سورۇندا تاماقتا بوپقالدىم. ئارىلىقتا قىزىقچىلىققا ئامراق بىر تونۇشىمىز كېچىكىپراق كەلدى. قارىسام، جاۋغىيغا قوقاقتەك بىر نەرسە چىقىپ قاپتۇ.
    -ئاغزىڭغا نېمە بولدى ھوي؟-دېدى يىنىمدىكى بىر بۇرادىرىمىز.
    -زۈيبا شاڭ خەيپا چۇلەيلې، -دېدى ئۇ ئابدۇكېرىم ئابلىز ئىتوتلىرىدىكى گەپلەرنى دوراپ.  ئۇ ھېلىدىن ھېلىغا ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ ئۇيغۇر ئېيتىمىلىرىنى«خەنزۇچە تەرجىمە قىلىپ»سەھنىگە ئېلىپ چىققان گەپلىرىنى ياغدۇرۋەتكىلى تۇردى. بۇنىڭ بىلەن باشقىلارنىڭ ئاغزى ئىچىلدى. «تۇخۇ داڭگال چۈشەيدۇ،  ئۆچكە جاڭگال»، «دۇستۇمنىڭ كۆڭلىنى دەپ بويۇمدا قاپتۇ»دېگەندەك ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىنىڭ چاكىنىلاشتۇرۇلغان«تەرجىمىسى»كەلسە-كەلمىسىدۇ ئېيتىلىشقا باشلىدى.


    -ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ ئىتوتلىرىنى ياخشى كۆرىدىكەنسىز-دە؟-دېدىم مەن بۇ گەپلەرنى باشلاپ بەرگەن بۇرادىرىمىزگە، -مەخسۇس يادلامسىز نېمە بۇ گەپلەرنى؟
    -ئانچە-مۇنچە كۆرۈپ قويىمەن، يادلاپمۇ كەتمەيمەن. ھازىر ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ گەپلىرى مودىغۇ!—دېدى ھېلىقى بۇرادىرىمىز پەرۋاسىز كۈلۈپ تۇرۇپ.
    2009-يىلى 12-ئىيۇن ئەدەبىياتشۇناس ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئوبزورچى يالقۇن روزى قاتارلىق بىر نەچچە زىيالى بىلەن ئۈرۈمچىدىن كۇچاغا لېكسىيە سۆزلىگىلى باردۇق. ئەنجۈمەننى بۇ دىيارنىڭ پىچاق ئۇچى زىيالىيلىرىدىن سانالغان، مائارىپ، سەنئەت ۋە ئىجتىمائىيەت، بويىچە يېتىلۋاتقان ھوسسۇللۇق تەتقىقاتچىلىرىدىن كۇچا ناھىيە مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەخمەت كېبىر ئەپەندى بىلەن ج ك پ كۇچا ناھىيەلىك كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەھەد داۋۇد ئەپەندىلەر تەشكىللىگەن ئىدى. ئۈچىنچى كۈنى قالغانلار ئۈرۈمچىگە ئالدىراش قايىتتى، مەن ئەتىسى يۇرتۇم ئۇچتۇرپانغا بېرىشنى پىلانلىغانلىقىم ئۈچۈن كۇچادا بىر كۈن ئارتۇق تۇرۇپ قالدىم ۋە بىر قانچە ئەدەبىيات ھەۋەسكارىنىڭ ھەمراھلىقىدا كوچا ئارىلىدىم. بۇ جەرياندا ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر ئەنئەنىسىگە مۇخالىپ ھالدا سەھنىگە ئېلىپ چىققان(بۇنىڭ سەۋەبىنى ماقالىنىڭ نەزەرىيەۋى مۇھاكىمە قىسمىدا تونۇشتۇرىمەن)خېلى زور كۆپ قىسىم سۆزى ئوخشىمىغان ئادەملەرنىڭ ئاغزىدىن ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا چىقتى. بۇ ھالنى ئۇچتۇرپاندىكى ياشلاردىمۇ ئۇچراتتىم. ئەمما، قىزىق يېرى، ئاشۇ ئېيتىمىلارنى ئېيتىشقا زوقمەن ياشلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز يوسۇندا دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى تۇيمايتتى. چۈنكى بۇ بەش-ئالتە يىلدىن بېرى خېلىلا جەمئىيەتلىشىپ قالغان ھادىسە بولغاچقا، ئۇلار بۇ توغرسىدا ئويلىنىپمۇ يۈرمەيتتى، ھەيرانمۇ قالمايتتى.  2010-يىلى مايدا تور مۇنبەرلىرىنىڭ بىر قىسمى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كىيىن، يېڭىدىن تەستىقلانغان«ئەل كۈيى»مۇنبىرىدە«ئابدۇكېرىم ئابلىز ماقال-تەمسىللىرى»دەپ بىر تېما پەيدا بولدى. چۆچۈپ كەتتىم. چۈنكى مەن بۇ ئېيتىمىلارنى جەمئىيەتلەشكەندىن كېيىنكى ئاقىۋىتىدىن ئەنسىرەپ يۈرەتتىم. دېگەندەك، ئاشۇ گەپكە خۇشتار ياشلار مانا ئەمدىلىكتە ئۇ گەپلەرنى ماقال-تەمسىل دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ رەتلەپ چىققانىكەن. تېمىنىڭ مەزمۇنىنى تۇلۇقلاپ، تۇشمۇ-تۇشتىن چۈشۈۋاتقان ئىنكاسلار ھەيرانلىق ھېسسىياتىمنى كۈچەيتىۋەتتى. مەن ئاڭلاشقا ئۈلگۈرمىگەن ياكى ئاڭلىساممۇ ئۇنتۇپ قالغان«خۇتۇننىڭ قېرىسى تاتلىق، تۇخۇنىڭ تېرىسى تاتلىق»،  «ساراڭ بولساڭ پىرە ئوينا، قېرى خۇتۇندىن نېرى ئوينا»، «ئالىم بولساڭ ئالەم سېنىڭكى، شوجاڭ بولساڭ خانىم سېنىڭكى». . . دېگەندەك چاكىنا ئېيتىملار ماقال-تەمسىل دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپتۇ. غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولدۇم. سەۋەبى،  نۇرغۇن ئادەم تۇيمايۋاتقان، كۆنۈپ كەتكەن بۇ پاخال ئېيتىمىلار جەمئىيەتلىشىپ ئىنتايىن يامان تەسىر پەيدا قىلغانىدى. ئىختىيارسىز كاللامدىن:«ئۇيغۇر تىلى بىر كىمنىڭ شەخسىي مۈلكىمۇ؟خالىغانچە دەسسەپ- پىتىقدايدىغان لاي قېرىمىمۇ؟چولپانلىرىمىزغا ئۇيغۇر پاراڭ سەنئىتىدىكى پەردىشەپلەرنى، پەرھىزلەرنى بۇزۇش ھوقۇقىنى كىم بەردى؟تاماشىبىنلارنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن چۇقۇم زاڭلىشىش كېرەكمۇ؟»دېگەن خىياللار ئۆتتى.


    پاكىت تەھلىلى(4)


    ماددىيلىشىش ھەم تاۋار ۋەسۋەسىسى:بۇ ئادەت قاچانلاردا ئومۇملاشتى؟ ھەر قىتىم تەتىلدە ۋەتەنگە قايىتقىنىمدا ئۇيغۇر جەمئىيتىدە ئومۇملىشىشقا ياكى پەيدا بۇلۇشقا ئۈلگۈرگەن بىرەر يېڭى ئادەتنى، بىرەر يېڭى ئىشنى بايقايمەن. تويغا كەلگەن مېھمانلارغا بىرەر پىيالە چاي قۇيماي تۇرۇپ پۇل يىغىش-مەن 2007-يىلى دىكابىردا ئۈرۈمچىگە قايىتقاندا بايقىغان ئاشۇ خىلدىكى ئىشلارنىڭ بىرى. بىر كۈنى تەكلىپكە بىنائەن ئۈرۈمچى جەنۇبىي ئازادلىق يولىدىكى بىر رېستۇرانغا قىز-يىگىت تويىغا بېرىپ قالدىم. بىر نەچچە تونۇشۇم بىلەن رېستۇران بىناسى ئالدىدا ئۇچرىشىپ زالغا چىقىش ئۈچۈن ئۈستىگە ماڭدۇق. مەرىكە زالىنىڭ بىر تەرىپىدە مېھمانلارنى كۈتۈۋىلىش ئۈچۈن تۇرغان ساھىبخانىلارنى، يەنە بىر تەرىپىدە شىرەدە دەپتەر-قەلەمنى تەييار قىلىپ ئولتۇرغان ئىككى قىزنى كۆردۈم.  ساھىبخانىلار بىلەن كۆرۈشۈپ بۇلۇشىمىزغا، ئالدىمىزدا ماڭغان بۇرادىرىمىز «يارىشىقىمىزنى قۇيۇۋېتەيلى»دەپ قالدى. مەن شۇندىلا بايىقى ئىككى قىزنىڭ رېستۇرانغا كەلگەن مېھمانلاردىن پۇل يىغىشقا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. ئاتىغىنىمنى قۇيۇپ زال ئىچىگە كىردىم. رېستۇران ئىچىگە قەدەم باسماي تۇرۇپ پۇل قويىدىغان ئىشنى تۇنجى قىتىم كۆرۈۋاتقاچقا ھەيران بولماي تۇرالمىدىم ۋە بىر ئورۇنغا جايلىشىۋالغاندىن كىيىن بوش ئاۋازدا پىچىرلاپ باياتىن بىللە كەلگەن بىر بۇرادىرىمىزدىن سورىدىم: 
    -قاچانلاردا ئومۇملاشتى رېستۇرانغا كىرمەي تۇرۇپ پۇل يىغىدىغان بۇ ئادەت؟
    -خېلى بوپقالدىغۇ، سەن ئەمدى كۆرۈۋىتىپسەن-دە!-دېدى ئۇ.
    -مەن ئوقۇشقا مېڭىشتىن بۇرۇن بۇنداق ئادەت يوقتەك قىلغان، -دېدىم مەن.
    دېمىسىمۇ مەن2007-يىلى ئىيۇندا ئامېرىكىغا ئۇقۇشقا مېڭىشتىن بۇرۇن بۇنداق ئادەتنى ئۇچراتمىغان ئىدىم.
    ئېسىمدە قېلىشىچە، بۇرۇن زالغا كەلگەن مېھمانلار چاي قۇيۇلۇپ، تاماق تارتىلىپ بولغاندىن كىيىن توي ئېگىسىگە ئاتىغىنىنى قوياتتى. بىلىشىمچە، بىر پىيالە چاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندارچىلىق، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ ئادەتلىرىدە تۇتىدىغان رولى زور ئىدى. شۇ خىلدىكى سورۇنلاردا كەلگەن مېھماندىن ھال سوراش مەقسىتىدە ئاۋۋال چاي قۇيۇلغاندىن كىيىن ئاندىن باشقا رەسمىيەتلەر بىجا كەلتۈرۈلەتتى. ئەمدى كۆرۈۋاتقىنىم ئاشۇ ئۆرۈپ-ئادەتلىرىمىزگە پۈتۈنلەي يات ھالدا پەيدا بولغان بىر كۆرۈنۈش ئىدى. ئەتراپىمدا ئولتۇرغان تۇنۇشلىرىمدىن بۇ ئىشقا قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىدىم.
    -ئىشقىلىپ مەن قۇبۇل قىلالمايمەن، -دېدى بىر ئوقۇتقۇچى تونۇشۇم، -ئۈتۈپ كەتكەن چاكىنىلىق، ئاچ كۆزلۈك بۇ.
    -قانداق قىلىسەن ئەمدى، -دېدى بىر مەمۇرىي ئىدارىدە ئىشلەيدىغان يەنە بىر تونۇشۇم، -بۇ دېگەن دەۋرنىڭ ئېھتىياجى. بۇنداق قىلمىسا پۇل قويماي چىقىپ كېتىدىغان قېلىنلار ئاۋۇپ كېتىدۇ.
    -نېمىلەرگە كۆنمىگەن خەق بىز، -دېدى مەن تۇنۇمايدىغان يەنە بىرەيلەن، -بۇ ئادەتكىمۇ كۆنۈپ كەتتۇق. ئەمما،  بۇ ئىشنى پەقەت ئىدىيەمدىن ئۆتكۈزەلمەيمەن. ئوغلۇمنىڭ خەتنە تويىدا ھەرگىز بۇنداق قىلمايمەن.  بۇ ئىشنى ئۇزۇن ئويلاندىم. شۇ ئىشتىن كېيىن ئۈرۈمچىگە يەنە ئۈچ قىتىم قايىتتىم. ھەر قېتىم قايىتقىنىمدا بىر-ئىككىدىن توي باغىقىنى تاپشۇرۇۋالاتتىم. كۆزىتىشىمنىڭ نەتىجىسى شۇ بولدىكى، بۇ ئادەت ئۈرۈمچى ئۇيغۇرلىرىدا،  مۇراسىم مەدەنىيتىمىزدە ئاللىبۇرۇن ئومۇملىشىپ، جەمئىيەتلىشىشكە ئۈلگۈرۈپتۇ ۋە باشقا بەزى شەھەرلەرگىمۇ تارقىلىپ بوپتۇ. ئاشۇ كۆزىتىشلىرىم داۋامىدا ئۆز-ئۆزۈمدىن:«بىر جەمئىيەتتە ئومۇملىشىپ بولغان ئىش بولسىلا توغرا بولامدۇ؟بۇ، زامانىۋىلاشقانلىقنىڭ، تەرەققىياتنىڭ بەلگىسىمۇ؟دەۋرنىڭ ئېھتىياجىمۇ؟»دەپ سورىدىم. (بۇ ھەقتىكى تەھلىللىرىم ۋە بۇ ئادەتنى نېمە ئۈچۈن جەمئىيەتلەشكەن چاكىنىلىق دائىرىسىگە كىرگۈزگەنلىكىمنىڭ سەۋەبىنى ماقالىنىڭ نەزەرىيەۋى مۇھاكىمە قىسمى بولغان3-، 4-بۆلەكلىرىدىن كۆرۈڭ).


     
    پاكت تەھلىلى(5)



    بالىلىرىمىزنى مۇشۇنداق تەربىيەلەمدۇق؟



    ئوغلۇمنى ئىككى يېرىم ياشقا كىرگەن يىلى ئايالىم بىلەن بىللە ئامېرىكىغا ئېلىپ كەلدىم. مېڭىشتىن بۇرۇن بەزىلەر بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ:«ئوغلىڭىزنىڭ تىلى ئىنگىلىزچە تېزلا چىقىپ كېتىدىغان بوپتۇ-دە!»دېيىشتى زوقلىنىپ.  «ياق -دېدىم مەن، -ئانا تىلى تولۇق چىقىپ بولمىغۇچە ئىنگلىز تىلى ئۆگەتمەيمەن. مەنمۇ ئىنگلىزچىنى 23يىشىمدىن، خەنزۇچىنى11يىشىمدىن باشلاپ ئۆگەنگەن، كىيىن ئۆگىنىۋالىدۇ ئىنگلىزتىلىنى!»ھاۋايغا كەلگەندىن كىيىن دېگىنىمدەك قىلدىم. ئۇ يەرنىڭ يەسلى مائارىپىدا بالىلارنى ئىككى ياشقا توشقاندىن تارتىپ قۇبۇل قىلدىكەن؛ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ بالىلىرىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان يەسلىلىرىمۇ بار ئىكەن. لېكىن مەن ئوغلۇمنى يەسلىگە بەرمىدىم. ئوغلۇم ھازىر تۆت ياشقا قاراپ ماڭدى. ئۇ ھازىر ئۇيغۇر تىلىنى بېرىلىپ ئۆگىنىۋاتىدۇ. تىلى راۋان چىقىپ بولمىغۇچە باشقا تىل ئۆگىتىش نىيتىم يوق.  بىر كۈنى ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنژىنىرلىق ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان بىر تۈرۈك تونۇشۇم بىزنى ئائىلە بويىچە مېھمانغا چاقىردى. ئۇ، كالفورنىيەدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا دوكتورلۇقتا ئۇقۇش داۋامىدا ئۇ يەردىكى بىر قانچە ئۇيغۇر بىلەن ياخشى يېقىن ئۆتكەنىكەن. گەپتىن گەپ چىقىپ، پاراڭنىڭ تېمىسى كالفورنىيەدە ياشاۋاتقان بىر نەچچە ئۇيغۇرنىڭ ياشاش ئەھۋالى توغرۇلۇق بوپقالدى.



    -ئۇ يەردىكى بىر نەچچە ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ بالىلىرىغا قاراپ ھەيران قالدىم، ئۇيغۇر بالىلار ئانا تىلدا سۆزلىمەيدىكەن، ئاتا-ئانىلار بالىلىرى بىلەن ئىنگلىزچە سۆزلىشىدىكەن. بەزىلەر بالىلىرىغا داۋىد دېگەندەك چەت ئەلچە ئىسىم قۇيۇپتۇ. ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ئۆگەتمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنەلمىدىم.
    لېكىن، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ سەۋەبىنى سورىمىدىم، -دېدى ئۇ ئېھتىيات بىلەن قۇشۇپ قويدى، -بەلكىم كالفورنىيەنىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار باشقىچە يول تۇتۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
    ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن، ھونۇلۇلۇدا ئوقۇش، ئىشلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تۇرۇپ قالغان بىر نەچچە ئۇيغۇر ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئايدا بىر قىتىم ئوپچە دالا تامىقى يەيدىغانغا كېلىشتۇق. شۇئارىدا 2004-يىلدىن2008-يىلغىچە تۈركىيىدە تۇرغان بىر جۈپ ياش ئەر-خۇتۇنمۇ كەلدى. دالا تامىقىغا ئۇنىمۇ تەكلىپ قىلدۇق. شۇڭغىچە مەن چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ بالىلىرى توغرۇلۇق تۈزۈكرەك چۈشەنچىگە ئىگە بولماپتىكەنمەن. تۇنجى قىتىملىق پائالىيتىمىزدە بىر ئىشنى ھەريانلىق ئىچىدە بايقىدىم. يەنى تۈركىيەدە تۇرغان قېرىندىشىمىزنىڭ ئۈچ ياشلىق ئوغلىنىڭ تىلى تۈرۈكچە، بەش يىلدىن بېرى ئىزچىل ھونۇلۇلۇدا تۇرۋاتقان ۋە ئۇقۇۋاتقان يەنە بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئىككى بالىسىنىڭ تىلى پۈتۈنلەي ئىنگلىزچە چىقىپتۇ. بۇ بالىلار ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمەيدىكەن، ئاتا-ئانىسى بىلەن باشقا تىللاردا سۆزلىشىدىكەن. ھەيرانلىقىمنىڭ سەۋەبى شۇكى، بۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئىچىدە ھىچقايسىسىنىڭ چەت ئەلدە تۇرغان ۋاقتى بەش يىلدىن ئاشمىغان ۋە ئۇ ئاتا-ئانىلار چەتكە چىقىشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە چوڭ بولغان ۋە ياشىغانىدى. تۈركىيەلىك دوستىمىزغا ئوخشاشلا مەنمۇ بۇ بالىلارغا ئانا تىل ئۆگىتىشكە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان كۈچنىڭ نېمىلىكىنى بىلەلمەي ھەيران قالدىم. كىيىن باشقا دۆلەتلەردە ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم قېرىندىشىمىزنىڭ ئارىسىدىمۇ بالىلىرىغا شۇ دۆلەتلەرنىڭ تىللىرىنى ئۆگىتىش قىزغىنلىقىىنىڭ يۇقىرىلىقىنى سىزىپ قالدىم. بۇنداق ئەھۋال خېلىلا ئومۇملاشقانمۇ ئەيتاۋۇر، كىيىنچە چەت ئەلدە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان بىرەيلەن«بۇ بالىلارنى كىم ئۈچۈن تەربىيەلەۋاتىمىز؟»دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلدى.
    بۇ ماقالە ۋەتەن ئىچىدىكى ئىنتېر تورلىرىدىمۇ بېسىلدى. دېمەك، چەت ئەللەردە بالىلىرىغا ئانا تىل ئۆگەتمەسلىك خېلىلا ئومۇملاشقان ھادىسە بولسىمۇ، ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ يىغىسىنى يىغلايدىغان قېرىنداشلىرىمىز يەنىلا ئاز ئىكەن.



    پاكت تەھلىلى(6)



    «چۈش كۆرۈۋاتقان»قىزلار


    
    قۇلۇمدا شىنجاڭ فوتوسۈرەت-گۈزەل سەنئەت نەشىرىياتى نەشىر قىلغان«شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرۈپ-ئادەتلىرى»ناملىق كىتاب تۇرۇپتۇ. كىتابنىڭ«ئۇيغۇرلارنىڭ توي-تۈكۈن ئادىتى»دېگەن قىسمىدا ئالاھىدە بىر سۈرەت كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. سۈرەتتە ياۋروپاچە توي كۆڭلىكى كىيگەن بىر دېھقان قىزى توي كۈچۈرۈلۈشتىن بۇرۇن«شيالى»ماركىلىق پىكاپقا چىقىش ئالدىدا تۇرغان بىر كۆرۈنۈش بار. سۈرەتتە«شيالى» ماركىلىق پىكاپ بىلەن ياۋروپاچە توي كۆڭلىكى روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىنغان.  2009-يىلى دېكابىردا ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئاممىباب ژۇرناللاردىن بىرى بولغان«دۆلەت جۇغراپىيەسى»دە ئانا يۇرتىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ئۇسۇلىغا مۇناسىۋەتلىك بەدىئىيلىكى، سەۋىيەسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان سۈرەتلەر بېرىلدى. سۈرەتلەر داڭلىق فوتوگرافلار تەرىپىدىن تارتىلغان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا خوتەن شەھرىدە تارتىلغان بىر سۈرەت بۇلۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق كۆرۈنۈش ئەكس ئەتتۈرۈلگەن؛چىراغلار غۇۋا يىنىپ تۇرغان رومانتىك تۈس ئالغان بىر دىبا(ئېلېكتىرونلۇق تۈنەكخانا)دا بىر چۈپ ئۇيغۇر قىز-يىگىت تانسا ئويناۋاتىدۇ .
    كومېدىيەلىك يېرى شۇكى، يۈز تەرىپىدىن تارتىلغان ئۇيغۇر قىزىنىڭ بىشىدا ياغلىق، پۇتىدا ئۈتۈك بار. بۇ بىر جۈپنىڭ چىراي ئىپادىسى دىبادا تانسا ئويناۋاتقان، ئىچىشىپ ئولتۇرغان باشقا ئۇيغۇرلارنىڭكىدەكلا بىپەرۋا تۈس ئالغان.  سۈرەتتىكى ئوبراز ئۈنۈمىدىن قارىغاندا، فوتوگرافنىڭ قىزنىڭ ياغلىقى بىلەن زال ئىچىدىكى باشقا ياۋروپاچە كۆرۈنۈشنى ئالاھىدە سېلىشتۇرما قىلىپ سۈرەتكە ئالغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ.


    3. قىممەت قارىشىمىز، يۇسۇنلىرىمىز ۋە ئەخلاق ئىستېلاسى


    ئەمدى بىز ئۇيغۇر تۇرمۇشىدىن ئېلىنغان يۇقىرىقى تۇرمۇش كارتىنلىرىنى پاكىت سۈپىتىدە ئوتتۇرغا قويۇشنى ۋاقىتلىق توختىتىپ سوئال قويايلى:نېمە ئۈچۈن يۇقىرىقى كۆرۈنۈشلەرنى جەمئىيەتلەشكەن چاكىنىلىقنىڭ ئىپادىسى دېيىشىمىز كېرەك؟ئاساسلىندىغان ئۆلچەم نېمە؟بۇ نۇقتىنى شۇنىڭ ئۈچۈن ئەسكەرتىپ ئۆتىمىزكى، ئادەم توختاۋسىز چاكىنىلىشىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ چاكىنىلىشىۋاتقانلىقىنى، ئومۇملاشقانلا ئىش بولسا، توغرا بوپكەتمەيدىغانلىقىنى تۇيمايدۇ. مۇئەييەن بىر ھەرىكەت ئەندىزىسىدىكى چاكىنىلىق جەمئىيەتلەشكەندە بولسا، شۇ ئىجتىمائىي توپ ئەزالىرىنى بىلىپ-بىلمەي كۆنۈشكە مەجبۇر قىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، سوئال قۇيۇش بىزگە ئۆزىمىز كۆنۈپ كەتكەن ئىش ۋە ھادىسىلەرگە قايتىدىن قاراپ چىقىدىغان بىر كۆز ئاتا قىلىدۇ. جەمئىيەتلەشكەن چاكىنىلىقنى چۈشىنىش بىزدە ئۆزىمىز كۆنۈپ كەتكەن ھەرىكەت ئەندىزىسى ۋە ئادەت چەمبىرىكىدىن تاشقىرى يېڭىچە نەزەردە قاراشتا لازىم بولىدىغان ئاشۇنداق بىر كۆزنىڭ بۇلۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.



    ئادەم ئۆزىنىڭ ئۆيىدە، ئۆزىگە مۈلۈك سۈپىتىدە تەۋە خاس ماكاندا ۋە ياكى يالغۇز قالغاندا ئۆزخاھىشى بويىچە ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئەركىنلىكىگە ئىگە. ئەمما، ئىجتىمائىي مىزان تۇتۇپ تۇرغان ئاممىۋى سورۇنلاردا، ئۆرۈپ-ئادەت ، قائىدە-يۇسۇن كۈچىنى كۆرسىتىدىغان مۇراسىملاردا بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ قىممەت قارىشى، ئېتقادى، كوللېكتىپ ۋىجدانغا چىتىلدىغان ئەھۋاللاردا ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى، ئۆرۈپ-ئادەت، قائىدە-يۇسۇن، كوللېكتىپ ۋىجدان ئومۇمىيلىققا ئىگە بۇلۇپ، بىر كىمنىڭ شەخسىي مۈلكى ئەمەس. ئۇنى بىر ياكى بىر نەچچە ئادەمنىڭ ئۆز خاھىشى،  ئۆز نەپسى ۋە قىزىقىشى بويىچە بۇزۇش، دەپسەندە قىلىش ھوقۇقى يوق. شۇ ۋەجىدىن، ھەربىر مىللەتنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا كوللېكتىپ ئەقىدە پىرىنسىپلىرىغا خاس ھالدا پەرھىزلەر، مۇقەددەس سىمۋوللار ئېنىق ئايرىلغان؛ئومۇمغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا قىلىشقا، چىقىلىشقا بولمايدىغان، يامان كۆرىدىغان ئىشلارنىڭ دائىرىسى، چېكى بىكىتىلگەن؛ ئىجتىمائىي ئالاقىدە، ئاممىۋى سورۇنلاردا يۈرگۈزۈشكە بولىدىغان ھەرىكەتلەرنىڭ نۇسخىلىرى ئۆرپ-ئادەت شەكلىدە ئومۇملاشقان بولىدۇ. بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ مەنىۋى مەۋجۇدلۇقىنى بىر ئىمارەتكە ئوخشاتساق، ئۇھالدا ئۇنىڭ دىنىي ئېتقاد، جامائەتچىلىك ئېڭى، ئۆرپ-ئادەت ، مۇقەددەسلىككە ئىگە خاس سىمۋول،  كوللېكتىپ ۋىجدان ۋە پەرھىزدىن ئىبارەت ئالتە تۈۋرۈكى بولىدۇ. بۇ ئالتە تۈۋرۈك كۆرۈنمەس زەنجىرلەر بىلەن بىر-بىرىگە باغلانغان بولىدۇ ۋە بىر ئجتىمائىي توپنىڭ قىممەت قارىشىنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا، جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ پېشىۋالىرىدىن بىرى، مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس ئېمىل دۇركايىم(1858-1917)نىڭ«جەمئىيەت بىر خىل روھىي تەرتىپتۇر» دېيىشى ئاساسسىز ئەمەس. بىر جەمئىيەتنىڭ روھى تەرتىپىگە دەخلى قىلىدىغان ئىشلار ئومۇملاشسا ۋە شۇ ئىجتىمائىي توپ ئەزالىرى ئۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇش، ئىنكاس قايتۇرۇپ توسۇشقا تىرىشمىسا، ئىجتىمائىي بىنورماللىق جەمئىيەتلىشىدۇ. جەمئىيەتلەشكەن چاكىنىلىق ئەنە شۇنداق بىر ئىجتىمائىي بىنورماللىق تۇغۇندىسى.



    يۇقىرىقى تۇرمۇش كارتىنىلىرى جەمئىيەتلىشۋاتقان چاكىنىلىق دېيىشىمدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇلاردا ئۇيغۇر مەنىۋى مەۋجۇدلۇقى، قىممەت قارىشىنىڭ ئالتە تۈۋرۈكى بولغان دىنىي ئېتقادىغا، جامائەتچىلىك ئېڭىغا، ئۆرپ-ئادەتىگە،  خاس سىمۋوللىرىغا،  كوللېكتىپ ۋىجدانغا ۋە پەرھىزلەرگە ئوخشىمىغان نۇقتىدىن ھۆرمەتسىزلىك قىلغان، سەل قارالغان، قاتتىقىراق قىلىپ ئېيىتقاندا، ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز يۇسۇندا ئاسىيلىق قىلىنغان. تېخىمۇ يامان بولغىنى، ئۇلارنىڭ ھەرىكەت ئەندىزىلىرى ئۇيغۇرلار ئارسىدا، بولۇپمۇ شەھەر ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئادەتلىشىشكە يۈزلەنگەن؛كۈچلۈك قارشىلىققا دۇچ كەلمىگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشىنى كۆز قارىچۇقىدەك ئاسرايدىغان ئادەملەر كۆپ تۇرۇپ بۇ ھادىسلەرنى توسۇشقا ئاجىز كەلگەن. بۇ ھال ئۇ ھادىسلەرنىڭ جەمئىيەتلىشىش خاراكتېرىنى روشەنلەشتۈرگەن. مىسالەن، توي مۇراسىمىدا غەرق مەست بولۇۋالغان دادىلار مۇسۇلمانلىق نۇقتىسىدىن ئالغاندا نىكاھنىڭ مۇقەددەسلىكىگە ھارامنى ئارلاشتۇرغا؛مەرىكە مۇراسىمىدىكى پەرھىزلەر ۋە ياشلار بىلەن بولغان پەردىشەپنى بۇزغان؛يەنى كېلىپ، شۇنچە جىق ئادەمنىڭ ئالدىد سەتلىشىشتىن ئۇيالمىغان. ئۇسسۇل ئوينىغان سەبىي قىزلارنىڭ كۆرۈنۈشى ۋە توختىماي ئىچ كىيىم مودېل مۇسابىقىسى تېلېۋزوردا بېرىلۋاتقان تۇرمۇش كارتىنىسىغا كەلسەك ، مىللەتنىڭ شەرم-ھايا قارىشىغا ھاقارەت قىلىنغان. ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ ئۆزى تۇيماستىن جەمئىيەتلەشكەن بىر قىسىم چاكىنا ئېيتىمدا ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ ۋىجدانى ۋە تىل بايلىقىنىڭ ساپلىقىغا بىھۆرمەتلىك قىلىنغان. (مىسالەن، سىز ئايالى يېزا ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئىشلەيدىغان ۋىجدانلىق بىر ئەر ياكى ئايال بولسىڭىز ۋە ياكى ئۆزىنى پاكىز تۇتۇپ، خىزمىتىنى بىجانىدىل قىلۋاتقان بىر مەكتەپ مۇدىرى بولسىڭىز، « ئالىم بولساڭ ئالەم سېنىڭكى، شوجاڭ بولساڭ خانىم سېنىڭكى»دېگەن ئىبارىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭىزدا ئەخلاقىڭىزغا تاجاۋۇز قىلىنغاندەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاممىۋى سورۇندىكى پاراڭ سەنئىتىگە دەخلى قىلىنغاندەك تۇيغۇدا بولامسىز-يوق؟)تويدا چاي قۇيماي تۇرۇپ پۇل يىغقان كۆرۈنۈشتە ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندارچىلىق يۇسۇنلىرى ۋە مەرىكە ئادىتى نەزەرگە ئېلىنمىغان. ھېچقانداق چەكلىمە ۋە بىسىم بولمىسىمۇ بالىلىرىنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىش ھوقۇقىنى تارتىۋىلىنغان چەت ئەللەردىكى ئاشۇ جاھانساز، پۇرسەتپەرەس ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار بولسا بىر مىللەتنىڭ ئورتاق بايلىقى بولغان تىلىنى ئۆزلىرى ئاڭلىق يەكلەپ، مىللىي بۇرۇچقا مۇخالىپ ئىش تۇتقان. كەچلىك بەزمىخانىدا ياغلىق چېگىپ تانسا ئويناۋاتقان ئۇيغۇر قىزى مۇسۇلمانلىققا خاس سىمۋوللۇق بەلگىلەردىن بىرى بولغان باش كىيىمگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغان ۋە ئىنتايىن چاكىنا، كومېدىيەلىك بىر رېئاللىقنى روياپقا چىقارغان. ياۋروپاچە توي كۆڭلىكى كىيىپ«شىيالى»ماركىلىق پىكاپتا كۆچۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان قىز بولسا ئۆزىدە يوق كىملىكنى بېزەپ كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىگە شۈبھەلىك سوئال تۇغدۇرغان. يۇقىرىقى تۇرمۇش كارتىنىلىرىدىكى بىر ئورتاقلىق شۇكى، ئۇلار ئۇيغۇرلار ئېغىر ئالىدىغان ئىشلار تۇرۇپ، ئۇيغۇر قىممەت قارىشىغا مۇخالىپ بولۇشىغا قارىماي كۆلەم پەيدا قىلغان، جەمئىيەتلەشكەن ۋە ھەيران قالغۇچىلىكى يوق تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلانغان(مەسلىنى ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قارىشى نۇقتىسىدىن كۆزىتىشىمىزدىكى ئاساسىمىزنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ بىلىشكە قىزىققۇچىلار ئابدۇكېرىم راخمان قاتارلىق ئۈچ ئاپتور بىرلىشىپ يازغان«ئۇيغۇر ئۆرۈپ-ئادەتلىرى»ناملىق كىتابتىكى«ئۇيغۇرلاردا پەرھىز ئادەتلىرى»(136-بەت)، «قىز-يىگىت تويى»(127-بەت)، «مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان ئادىتى»(114-بەت)قاتارلىق تارماق مەزمۇنلارغا ۋە ئابدۇرېھىم ھەبىبۇللا يازغان«ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيەسى»ناملىق كىتابتىكى«دىنىي ئېتىقاد»(370-بەت)، «ئەقىدە-ئېتىقاد ئادەتلىرى»(383-بەت)، «تىل سەنئىتى»(417-بەت)، «ماقال-تەمسىل»(425-بەت)، «جامائەتچىلىك ئادىتى»(501-بەت)، «مېھمان ئۇزىتىش ئادەتلىرى»(517-بەت)، «يامان كۆرىدىغان ئادەتلەر»(528-بەت)قاتارلىق تارماق مەزمۇنلارغا مۇراجئىەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن). تۆۋەندە بىز يۇقىرىقى نۇقتىلارنى چۆرىدىگەن ھالدا كوللېكتىپ ۋىجدان، قىممەت قارىشى، پەرھىز، دىنىي ئېتقاد، قائىدە-يۇسۇنلارنىڭ بىر جەمئىيەتتە نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس مەنىۋى كۈچ ئىكەنلىكى ۋە جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ بۇنىڭغا نېمىدەپ جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى تەھلىل قىلىمىز. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق پىروفېسسورى، مەشھۇ مۇتەپەككۇر سامۇئېل خانتىڭتون( Samuel Hantington,1927-2008)دۇنيادا كۈچلۈك زىلزىلە پەيدا قىلغان«مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ۋە دۇنياۋى تەرتىپنىڭ قايتا ئورنىتىلىشى»ناملىق كىتابىدا كىشى


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.