ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-10-25

    ھۇنلارنىڭ ئومۇمى تارىخىنىڭ داۋامى - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/80701889.html

    ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ چارۋىچىدىن دېھقانغا ياكى قوشۇمچە دېھقانچىلىق قىلىدىغان چارۋىچىغا ئۆزگىرىش جەريانى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە خەنزۇ فېئودال بيۇرۇكراتلىرى ۋە پومېشچىكلىرىنىڭ ئېكىسپالاتاتىسىيىسىگە ئۇچراش جەريانى بولغان. ئۇلارنىڭ ئەندىڭ بېقىندى ئېلىدىكى سەنشۈيدە تۇرىۋاتقان چاغدا، خەنزۇ دېھقانلىرىغا ئوخشاشلا يەرلىك خەنزۇ فېئودال بيۇروكراتلىرى ۋە پومىشچىكلىرىنىڭ ئېزىشى، ئېكىسپالاتاتىسىيىگە ئۇچرىغان. شۇڭا ۋاڭ ماڭنىڭ ئاخىرقى يىللىدا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىغاندا، ئۇلارمۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. جىڭشەن تېغىنىڭ يەر شەكلى مۇھىم، تېرىقچىلىق ۋە چارۋىچىلىققا باپ كەلگەچكە، قوزغىلاڭچى قوشۇن چىڭشەنگە يىغىلغان. ئۇلارنىڭ قوزغىلىڭى ماھىيەتتە فېئوداللىق زۇلۇم ۋە ئېكىسپالاتاتىسىيىگە قارىشى ھەققانىي خارەكتېردىكى سىنپىي كۈرەش ئىدى. لېكىن ئۇلار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ۋاڭ ماڭ ھاكىمىيىتىگە قارىشى تۇرۇش جەريانىدا، دوست- دۈشمەننى ئېنىق ئايرىماي، سەنشۈيدىكى يەرلىك فېئودال بۆلۈنمىچى لۈفاڭ ۋە چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ھۇن قۇلدار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ تاجاۋۇزچى كۈچلىرى بىلەن ئۆز- ئارا تىل بېرىكتۈرگەن. ھۇن قۇلدار ئاقسۆڭەكلىرى شۇ سەۋەبتىن گۇرىن خاننى ئەسكەر باشلاپ ئۇلارغا ھەمدەم بولۇشقا ئەۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ قوزغىلاڭ فېئودال بۆلۈنمە كۈچلەر ۋە تاجاۋۇزچى كۈچلەر پايدىلىنىدىغان بىر قورالغا ئايلىنىپ قالغان. كېيىن (جيەنۋۇ 6- يىلى، مىلادىيە 30- يىلى) چىڭشەن تېغىغا توپلانغان بۇ ھۇنلاردىن بىر تۈمەندىن ئارتۇق كىشى باشلىقى فېيتۇشىياۋچىننىڭ رەھبەرلىكىدە بېيدى ۋالىيسى فېڭ يىغا ئەل بولغان. بىر قىسىم ھۇنلار لۇفاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، سەنشۈيگە قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ناھىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېغىر زۇلۇمى تۈپەيلىدىن جيەنۋۇ 21- يىلى (مىلادىيە 45- يىلى) بوما شاۋبونىڭ رەھبەرلىكىدە قايتا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ھۇن قۇلدارلىرى بىلەن قايتا ئالاقە باغلاپ، يەنە چىڭشەن تېغىغا توپلانغان. ئەمما، ئۇزۇن ئۆتمەي خەن سۇلالىسى قوشۇنلىرى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، شاۋبو تەسلىم بولۇپ، يىشىيەن ناھىيىسىگە (ھازىرقى گەنسۇدىكى ۋۇشەن ناھىيىسىنىڭ غەربىي) كۆچۈرۋېتىلگە [37].
    ئىزاھلار:
    [1] «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
    [2] «خەننامە» 100- جىلد، «تەرجىمھاللار».
    [3] «خەننامە» 17- جىلد، «دۈەن خۇيزۇڭنىڭ تەرجىمھالى»، «شەرقىي قەسىردىكى خەن خاتىرلىرى» 23- جىلد «پىڭ چۇڭ ھەققىدە خاتىرە».
    [4] «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
    [5] «خەننامە. 99- جىلد، «ۋاڭ ماڭنىڭ تەرجىمھالى».
    [6] «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
    [7] «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
    [8] «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
    [9] كېيىنكى خەننامە» 90- جىلد، «ئوغانلار ۋە سىيانپىلار ھەققىدە قىسسە»، 20- جىلد، «ۋاڭ بانىڭ تەرىجىمھالى».
    [10] «كېيىنكى خەننامە»، 12- جىلىد، «لۇفاڭنىڭ تەرجىمھالى»، «پىڭ چۇڭنىڭ تەرجىمھالى»، 19- جىلد، «گېڭ يەننىڭ تەرجىمھالى».
    [11] «كېيىنكى خەننامە»، 1- جىلد، «فۇاڭ ۋۇدى ھەققىدە خاتىرە» ، 89- جىلد «جەنۇبىي ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» ۋە «لۇفاڭنىڭ تەرجىمھالى».
    [12] «كېيىنكى خەننامە» 88- جىلد، «غەربىي يۇرت تەزكىرىسى».
    [13] «كېيىنكى خەننامە»، 82- جىلد «تەدبىرچى گوشيەننىڭ ئەمەلدارلىق يوسۇنلىرى» ، 1- جىلد.
    [14] «كېيىنكى خەننامە، گۇاڭدى ھەققىدە خاتىرە» ۋە «جەنۇبىي ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
    [15] «كېيىنكى خەننامە. ۋاڭ بانىڭ تەرجىمھالى» دا، ۋاڭ بانىڭ ھۇنلار بىلەن چوڭ- كىچىك نەچچە يۈز قېتىم ئۇرۇشقان بولسىمۇ، جىيەنۋۇ 10- يىلدىكى بىر قېتىملىق ئۇرۇشتىنلا پىڭ چېڭدا ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، قورۇلدىن چىقىپ ھۇنلارغا غەلبىسېرى قوغلاپ زەربە بەرگەنلىكى خاتىرلەنگەن. بۇ شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا خەن سانغۇنلىرى قۇرۇلدىن چىقىپ، ھۇنلارغا بەرگەن بىردىن بىر ئۇرۇش. بۇ ئۇرۇش مىساللىرىدىن شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ھۇنلار بىلەن بولغان ئۇرۇشلارنىڭ مۇداپىئە خاراكتېرىدىكى ئۇرۇش ئىكەنلىگىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
    [16] «كېيىنكى خەننامە»، 30- جىلد، «سۇ جىڭنىڭ تەرىجىمھالى». 31- جىلد، «گوچىڭنىڭ تەرجىمھالى»، 22- جىلد، «دۇمانىڭ تەرجىمھالى».
    [17] «كېيىنكى خەننامە. گۇاڭ ۋۇدى ھەققىدە خاتىرە»، «جەنۇبىي ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»، 22- جىلد، «ماچېڭنىڭ تەرجىمھالى».
    [18] «كېيىنكى خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى».
    [19] «كېيىنكى خەننامە. گۇاڭ ۋۇدى ھەققىدە خاتىرە».
    [20] «خەننامە»، 6- جىلد، «ۋۇدى ھەققىدە خاتىرە»، «تارىخىي خاتىرىلەر»، 20- جىلد، «جىيەنيۈەن يىللىرىدىن بۇيانقى تۆرىلەرنىڭ يىلنامىسى» ۋە 111- جىلد، «ۋېۇ چىڭ ۋە قىران چەۋەنداز سانغۇننىڭ تەرجىمھالى».
    [21]«خەننامە»، 8- جىلد، «شۈەندى ھەققىدە خاتىرە»، 94- جىلد، «ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»، چېڭدى دەۋرىلىرىدىكى تۆھپىكار ۋەزىرلەرىڭ يىلنامىسى».
    [22] «خەننامە»، 19- جىلد، «ئەمەلدار- تۆرىلەر يىلنامىسى».
    [23]«تارىخىي خاتىرىلەر. ۋېي چىڭ ۋە قىران چەۋانداز سانغۇننىڭ تەرىجىمھالى».
    [24] «خەننامە»، 28- جىلد، «جۇغراپىيە تەركىرىسى».
    [25] «تارىخىي خاتىرىلەر»، 57- جىلدى، «جىياڭ تۆرىسى جۇيۇ جەمەتى» ۋە 19- جىلد، «خۇيدى ، جىڭدى دەۋرىلىرىدىكى تۆرىلەرنىڭ يىلنامىسى».
    [26] «تارىخىي خاتىرىلەر. خۇيدى، جىڭدى دەۋرىلىرىدىكى تۆرىلەرنىڭ يىلنامىسى» ۋە «خەننامە. جىڭدى، ۋۇدى، جاۋدى، شۈەندى، يۈەندى، چېڭدى دەۋرىلىرىدىكى تۆھپىكار ۋەزىلەرنىڭ يىلنامىسى».
    [27] «خاننامە. جىڭدى، ۋۇدى، جاۋدى، شۈەندى، يۈەندى، چېڭدى دەۋرىلىرىدىكى تۆھپىكار ۋەزىلەرنىڭ يىلنامىسى».
    [28] «خەننامە»، 54- جىلد، «لى لىڭنىڭ تەرجىمھالى».
    [29] داخانلىق ۋەقەسى 10- باپ، 2- تېمىسىغا قارالسۇن.
    [30] «خەننامە»، 66- جىلد، «لىيۇ چۇماۋنىڭ تەرجىمھالى».
    [31] «خەننامە»، 8- جىلد، «شۈەندى ھەققىدە خاتىرە»، 69- جىلد، «جاۋ چۇڭگونىڭ تەرجىھالى».
    [32] «خەننامە»، 89- جىلد، «فېڭ فېڭشىنىڭ تەرجىمھالى» ۋە 9- جىلد، «يۈەندى ھەققىدە خاتىرە»،«فېڭ فېڭشىنىڭ تەرجىمھالى» دا «شۈەندىنىڭ ئاخىرقى دەۋرى» خاتا ھالدا «جاۋدىنىڭ ئاخىرقى دەۋرى» بولۇپ قالغان. «شۈەندى ھەققىدە خاتىرە» گە ئاساسلانغاندا، شىخې بېقىندى ئېلى ۋۇفېڭ 3- يىلى تەسىس قىلغان. جفۋدى دەۋرىدە شىخې بېقىندى ئېلى تېخى يوق ئىدى. شۇڭا، ئەسەردە بۇ تۈزىتىلدى.
    [33] «كېيىنكى خەننامە»، 4- جىلد، «خېدى ھەققىدە خاتىرە»، 7- جىلد، «خۇەندى ھەققىدە خاتىرە»، 12- جىلد، «لۇ فاڭنىڭ تەرجىمھالى»، 89- جىلد، «جەنۇبىي ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
    [34] «كېيىنكى خەننامە»، 42- جىلد، «گۇدڭۋۇ يىللىرىدىكى ئون بەگ ئىچىدىكى جۇڭشەن بېگى يەننىڭ تەرجىمھالى».
    [35] «كېيىنكى خەننامە»، 27- تەپسىرات، «ئەمەل- مەنسەپ تەزكىرىسى».
    [36] «كېيىنكى خەننامە. گۇاڭ ۋۇدى ھەققىدە خاتىرە»، 17- جىلد، «فېڭ يىنىڭ تەرجىمھالى» ۋە 12- جىلد، «لۇ فاڭنىڭ تەرجىمھالى».

    7- باپ ھۇنلارنىڭ گۈللىنىشى، خارابىلىشىشى ۋە ئۇلارنىڭ
    ئوتتۇرا  تۈزلەڭلىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى (Ⅲ)
    6. ھۇنلانىڭ جەنۇۈ- شىمال ئىككىگە پارچىلىنىشى ــــ جەنۇبىي
    ھۇنلارنىڭ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولۇشى  ۋە ھۇن
    قۇلدارلىق ھاكىمىيىتىنىڭ يىمىرىلىشى
          ھۇنلار مىلادىيە 48- يىلىغا كەلگەندە غايەت زور ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈردى. يەنە جەنۇبىي ۋە شىمال ئىككى قىسىمغا پارچىلاپ، ئىچكىردە ئولتۇراقلاشتى. شىمالىي ھۇنلار داۋملىق چۆللۈكنىڭ شىمالىدا ئولتۇراقلىشىپ، ئەڭ ئاخىرى غەربكە كۆچۈپ كەتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ، بۇ ئىككى قىىسم ھۇنلار ئۆز ئالدىغا يول تۇتۇپ، ھەر قايسىسى ئوخشىمىغان تارىخىي يۆنىلىشكە قاراپ ماڭدى. شۇ سەۋەبتىن خەن سۇلالىسى بىلەن ھۇنلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتتىمۇ غەربىي خەن دەۋرىدىكىگە ئوخشىمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى.
    «كېيىنكى خەننامە. جەنۇبىي ھۇنلار ھەققدە قىسسە» دە خاتىرلىنىشىچە، قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ نەۋرىسى، ئۇجۇلۇجۇت تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى بى تاغىسى قۇتئەرىش تەڭرىقۇت بۇ تەختتە ئولتۇرغان چاغدا (مىلادىيە 18- يىلى) ئوڭ ئۈكەن باتىس خانلىققا تەيىنلىنىپ، ھۇنلارنڭ جەنۇبىغا جايلىشىپ، جەنۇپتىكى سەككىز قەبىلىنى ۋە ئوغانلارنى باشقۇرغان بولۇپ، تەۋەلىكىدە 40 50 مىڭ كىشى بار ئىدى. ئۇ تەڭرىقۇتلۇق ئورنىنى تارتتۇرۇپ قويغانلىقتىن، تەڭرىقتۇ بۇ ئۆلۈشتىن بۇرۇنلا ئىچىدە غۇم ساقلاپ، تەڭرىقۇت ئوردىسىدىكى يىغىلىشلارغا قاتماشمايدىغان بولىۋالغان ئىدى. يۈ ئۆلگەندىن كېيىن ئورنىغا ئوغلى ئۇداتقۇ تەختكە چىقتى (مىلادىيە 46- يىلى). بى يەنە تەختكە ئولتۇرالمىغاچقا، بۇنىڭدىن ناھايتى غەزەپلەندى. شۇ چاغلاردا ھۇنلار رايونىدا ئۇدا نەچچە يىل ئېغىر قۇرغاقچىلىق، چېكەتكە ئاپىتى يۈز بېرىپ، نەچچە مىڭ چاقىرىم دائىرىدە گىياھلار قۇرۇپ، قەھەتچىلىك ۋە كېسەل سەۋەبىدىن ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئۆلۈپ تۈگىگەنىدى. پانۇ تەڭرىقۇت خەن سۇلالىسىنىڭ ئۆزىنىڭ قىيىنچىلىقتا قالغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ھۇجۇم قىلىشتىن ئەنسىرەپ، يۈياڭغا (ھازىرقى بېيجىڭ شەھىرى مىيۈن ناھىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا) ئەلچى ئەۋەتىپ قۇدىلىشىشنى تەلەپ قىلىپ، خەن سۇلالىسى بىلەن ھۇنلار ئوتتۇرسىدىكى جىددىي مۇناسىۋەتنى ۋاقتىنچە پەسەيتىشكە ئورۇندى. خەن سۇلالىسىمۇ ئەمىر نۆكەر لى ماۋنى سۆھبەتلىشىشكە ئەۋەتتى. ھالبۇكى، بىمۇ مەخپى ھالدا گوخرڭ ئارقىلىق ھۇنلار رايونىنىڭ خەرىتىسىنى خەن سۇلالىسى ئوردىسىغا ئەۋەتىپ بەردى. جىيەنۋۇ 24- يىلى ئەتىيازدا، ھۇنلارنىڭ جەنۇپتىكى سەككىز قەبىلىسىنىڭ ئاقساقاللىرى بىمۇ تەڭرىقۇت قىلىپ تىكلىدى. بى بۇرۇن بوۋىسى قوغۇشار تەڭرىقۇت جىخۇشان خەن سۇلالىسىنىڭ ياردىمىدە ئەمىنلىككە ئېرىشكەچكە، ئەجدادلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ «قوغۇشار» دېگەن نامنى قوللاندى ھەم ۋۇيۈەن قورۇلىغا ئەلچى ئەۋەتىپ ئەل بولۇشنى تەلەپ قىلىپ، «مەڭگۇ خەن سۇلالىسىگە تەۋە بولۇپ شىمالدىكى قاراقچىلار (شىمالىي ھۇنلار) دىن مۇداپىئە كۆرۈشنى خالايدىغانلىقى» نى بىلدۈردى. خەن سۇلالىسى دۆلەت قۇرۇلغاندىن بۇيان ھۇنلار يىلمۇ- يىل تاجاۋۇز قىلغانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ قارىشى تۇرۇشقا ئاجىزلىق قىلىۋاتقانلىقى ۋەجىدىن، ئۇنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ چېگىرنى قوغداشنى ئويلاپ، ئۇنىڭ تەلىپىنى قۇبۇل قىلدى. شۇ يىلى (جىيەنۋۇ 24- يىلى) بى ئۆزىنى قوغۇشار تەڭرىقۇت (يەنى شىلوشىجۇت تەڭرىقۇت) دەپ ئاتىدى. شۇنىڭ بىلەن، ھۇنلار جەنۇپ ۋە شمال ئىككى قىسىمغا پارچىلىنىپ كەتتى [1]. جەنۇبىي تەڭرىقۇت ھۇنلار ئېغىر تەبئىي ئاپەتكە ئۇچراپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشى ۋەيران بولۇپ، خەل ئاچارچىلىقتا قالغانلىقى ئۈچۈن ھەم شىمالىي ھۇنلاردىن مۇداپىئە كۆرۈش ئۈچۈن، يەنە جىيەنۋۇ 25- يىلى خەن سۇلالىسى پايتەختى لوياڭغا ئەلچى ئەۋەتىپ نازارەت قىلىشنى، ئۆزىنىڭ ئ.وغلىنى ئەۋەتىپ، بۇرۇنقى ئەھدىنامىنى قايتا تۈزۈشنى (قوغۇشار تەڭرىقۇت ۋە شۈەندى دەۋرىدە ئىمزالانغان ئەھدىنامىنى قايتا تۈزۈشنى) خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خەن سۇلالىسى ئۇنى قوللاش ۋە كونتىرول قىلىشنى كۈزلەپ، غەربىگە 80 چاقىرىم كېلىدىغان يەردە تەڭرىقۇت ئوردىسى (جەنۇبىي تەڭرىقۇت ئوردىسى) قۇرۇشىغا ياردەم بەردى. ئارقىدىنلا ئۇنى يۈنجۇڭ ئايمىقىغا كۆچۈرۈپ كەلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە شىخې ئايمىقىدىكى مېيجى ناھىيىسىگە كۆچۈرۈپ كەلدى.
          شەرقىي خەن سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئاساسىي جەھەتتىن غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ جىخۇشانغا قوللانغان كونا قائىدىسىنى ئۈلگە قىلىپ (جىخۇشاننىڭ ئورنىنى ھەر قايسى بەگلەردىن يۇقىرى قىلىپ)، جەنۇبىي تەڭرىقۇتقا ئالتۇندىن ياسالغان مۆھۈر ۋە مۆھۈر بېغى ئىنئام قىلىپ، كېيىم- كېچەك، كەمەر- تاج، ھارۋا- ئات، ئوقيا، شەمشەر، ساۋۇت، تۇرمۇش بويۇملىرى، چالغۇ ئەۋاپلىرى، ئالتۇن ۋە زور مىقداردا كىمخاپ- شايى، پاختا قاتارلىقلارنى ھەدىيە قىلدى. يەنە خېدۇڭ ئايمىقىدىكى 25 مىڭ پاتمان گۈرۈچ، 36 مىڭ تۇياق قوي- كالا چىقىرىپ ئۇلارغا ياردەم قىلدى.
           بۇنىڭدىن كېيىن جەنۇبىي ھۇنلار ھەر قېتىم ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، خەن سۇلالىسى بۇرۇنقىدەك ياردەم بەردى. «كېينكى خەننامە. جەنۇبىي ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە خاتىرلىنىشىچە، جىيەنۋۇ 29- يىلى (مىلادىيە 53- يىلى) جەنۇبىي تەڭرىقۇتقا نەچچە تۈمەن جىيەنۋۇ قوي ئىنئام قىلىنغان. يەنە جىيەنچۇ 1- يىلى (مىلادىيە 76- يىلى) جەنۇبىي ھۇنلار رايونىدا چېكەتكە ئاپىتى يۈز بېرىپ، خەلق ئاچارچىلىقتا قالغاندا، جاڭدى 30 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئائىلىلەرگە قۇتقۇزۇش بەرگەن. بۇنىڭدىن باشقا، شەرقىي خەن سۇلالىسى يەنە «ھۇنلار ئەمىر نۆكىرى» تەسىس قىلىپ، مەخسۇس جەنۇبىي تەڭرىقۇتنى قوغدىدى [2]. ھۇنلار ئەمىر نۆكىرىنىڭ تۆۋىنىدە قورۇقچى بەگ بولۇپ، ئۇ جازا ئىجرا قىلغۇچى 50 قوراللىق لەشكەرنى باشلاپ، تەڭرىقۇتنىڭ تۇرارگاھىنى قوغداپ، كۈزەتچىلىك قىلاتتى. جىيەنۋۇ 26- يىلى قىشتا جەنۇبىي تەڭرىقۇت شىمالىي تەڭرىقۇت بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئوڭشىسىزلىققا ئۇچرىغاندا، ئەمىر نۆكەر دۈەن بىلەن ئاتلىق ئەسكەر، 500 جازا ئىجرا قىلغۇچى لەشكەر بىلەن جەنۇبىي تەڭرىقۇتنى قوغداشقا ھەمدەملەشكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ جەنۇبىي ھۇن ھاكىمىيىتىنى خەن سۇلالىسىنىڭ قوللىشى ئاستىدا پەيدىنپەي مۇقىملاشتى.
    جەنۇبىي ھۇنلار بىلەن شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن دوستانە بولدى. جەنۇبىي تەڭرىقۇت ھەر يىلى ئوغلىنى ئاستانە لويغاڭغا ئەۋەتىپ سوۋغا تەقدىم قىلدى ۋە ئەھۋاللارنى مەلۇم قۇلدى. چاغاننى قۇتلۇقلاپ ئىبادەتخانىلارنى تاۋاپ قىلدى. خەن سۇلالىسىمۇ قائىدە بويىچە زور مىقداردىكى تاۋار- دۇردۇن، يىمەكلىكلەرنى ئوڭ قول، سول قول بىلىك خاندىن تۆۋەندىكىلەرگە ۋە «تۆھپە كۆرسەتكەنلەر» گە ھەدىيە قىلدى. كېيىن ھەر بىر تەڭرىقۇت ئۆلگەندە يەنە ئەلچى ئەۋەتىپ «تەزىيە بىلدۈردى». ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە زور تۈركۈمدىكى تاۋار- دۇردۇنلارنى ھەر قايسى خانلارغاۋە قۇتقۇدىن تۆۋەن ئەمەلدارلارغا ئىنئام قىلىپ بەردى ھەم بۇ ئىشنى دائىملىق قائىدىگە ئايلاندۇردى. شۇ سەۋەبتىن شەرقىي خەن سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي ھۇنلارغا سەرپ قىلغان چىقىنى ئىنتايىن زورىيىپ، ھەر يىلى 190 مىليون يارماقتىن ئېشىپ كەتتى [3].
           جەنۇبىي ھۇنلارنىڭ ئەل بولۇشىمۇ بىر مۇقەررەر ھادىسە بولۇپ، بۇ ھۇن تارىخنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلى ئىدى. يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەندەك، شىمالدىكى ھۇنلار ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشتا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەنزۇلار بىلەن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە قول ھۈنەرۋەرچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئالماشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق ئىدى. بۇ شىمال بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ، ھۇنلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ بىرلىككە كېلىشى، ئىتتىپاقلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىجتىمائىي ئاساس ئىدى. خەنزۇلارنىڭ ئىغار فېئوداللىق ئىقتىساد، مەدەنىيىتىنىڭ ھۇنلارغا پائال تەسىر كۆرسىتىشى، ھۇنلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدا خەنزلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئوخشىمايدىغان پوزىتسىيە تۇتىدىغان ئىككى خىل ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ تەڭسىزلىكىنىڭ ئىنكاسى بولدى. غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە جىخوشان خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغاندىن كېيىن، ھۇنلارنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى تەڭسىزلىك تېخىمۇ تېزلەشتى ۋە چوڭقۇرلاشتى. تەڭرىقۇتنى بى مىلادىيە 18- يىلدىن تارتىپ ھۇنلارنىڭ جەنۇپ تەرىپىدە ماكانلاشقان. قول ئاستىدىكى سەككىز قەبىلە ئەينى چاغدىكى بېيدى، سۇفاڭ، ۋۇيۈەن، دىڭراڭ، يۈەنجۇڭ، يەنمېن، دەيجۈن، شاڭگو قاتارلىق ئايماقلارغا، يەنى ھازىرقى لۇڭشى، ئىچكى مۇڭغۇلدىكى خېتاۋ، كونا سەددىچىننىڭ شىمالىي ۋە شىمالى شەنشى، شىمالىي خېبىيغا جايلاشقاندىن باشلاپ، سەككىز قەبىلىنىڭ چارۋىچىلىق يېرى خەن سۇلالىسىنىڭ يەرلىرىگە يېقىن بولغاچقا، خەنزۇلارنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە باشقا جايلارغا قارىغاندا بەكرە ئۇچرىدى. شۇڭا، خەنزۇلار بىلەن ئەپلىىشپ ھەمكارلىشىش ئارزۇسىمۇ كۈچلۈك بولدى. سەككىز قەبىلىنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ بىنى تەڭرىقۇت قىلىشتا ئۇنىڭ بوۋىسى جىخۇشاننىڭ خەن سۇلالىسىگە تايىنىپ ئەمىنىككە ئېرىشكەنلىكىنى ئويلاشقىلى ۋە بىنىڭ ئەجدادلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ «قوغۇشار» نامىنى قوللانغانلىقى ئۇنىڭ ئەل بولۇشىنىڭ كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە ۋە ئىجتىمائىي ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. يەنە كېلىپ سەككىز قەبىلە ئىچىدە نۇرغۇنلىغان خەنزۇلار بۇلۇپ، بۇلارنىڭ خەنزۇ مەدەنىيىتىنى ھۇنلارغا تارقىتىشى ھەم ئۇلارغا ئەقىل ئۆگىنىشى (مەسلەن، گوخېڭنىڭ تەڭرىقۇت بىغا خەرىتە سىزىپ بەرگەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن خەرىتە تەقدىم قىلغانلىقى بۇنىڭ بىر مىسالى) ئۇلارنىڭ جەمئىيىتىنىڭ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشى ۋە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا خەنزۇ مەدەنيىتىگە يېقىنلىشىشىنى تېزلىتىشتە خېلى روللارنى ئوينىدى. شۇڭا، تەڭرىقۇت بى ۋە ئۇ باشچىلىقىدىكى سەككىز قەبىلە ھۇنلاردىكى جىخۇشان ۋەكىللىكىدىكى خەنزۇ مەدەنىيىتىگە ھەۋەس قىلىدىغان ھەم خەن سۇلالىسى بىلەن يارىشىشنى قەتئىي قوللايدىغان ئىجتىمائىي كۈچكە بىۋاستە ۋارىسلىق قىلدى. ئۇلارنىڭ خەن سۇلالىسى بىلەن يارىشىش ھەرىكىتى پۈتۈن ھۇن خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلەتتى. مۇشۇ ئىجتىمائىي كۈچ مەۋجۇت بولغانلىقتىن، شىمال بىلەن جەنۇپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ، ھۇنلار بىلەن خەن سۇلالىسىنىڭ جىخۇشان سېلىپ بەرگەن ئاساس بويىچە قايتىدىن بىرلىككە كېلىشكە، ئىتتىپاقلىشىشقا يۈزلىنىشى مۇقەررەر ئىدى. ھالبۇكى، جەنۇبىي ھۇنلارنىڭ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولۇشىدا بىنىڭ ئاساسلىق رول ئوينىشى تاسادىپىيلىق ئىدى. تەڭرىقۇت ئورنىنى تالىشىش ۋە تەبئىي ئاپەتنىڭ يۈز بېرىشى پەقەت بىر تۇتۇرۇق بولغانىدى. تارىختىكى مۇرقەررەرلىك كۆپ ھاللاردا تاسادىپىيلىق ئارقىلىق ئاندىن ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇڭا، تەڭرىقۇت بىنىڭ خەن، ھۇن مۇناسىۋىتىدە ئوينىغان ئاكتىپ رولىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشكە بولمايدۇ. جەنۇبىي ھۇنلارنىڭ ئەل بولۇشى ھۇن تارىخى ۋە خەن سۇلالىسى بىلەن ھۇنلارنىڭ مۇناسىۋەت تارىخىغا ناھايتى زور ھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.
         بىرىنچىدىن، ئۇ ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ تاجاۋۇزچى كۈچلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ شىمالىي چېگرىسىدىكى تاجاۋۇزچىلىق تەھدىتىنى تۈگەتتى. تارىخىي ماتېرياللاردا خاتىرلىنىشىچە، جەنۇبىي تەڭرىقۇت ئەل بولغاندىن كېيىن، جىيەنۋۇ 25- يىلى ئەتىيازدا قوشۇن ئەۋەتىپ شىمالىي تەڭرىقۇتنىڭ ئوردىسىغىچە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ قوۋمىدىن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئاەمنى تۇتۇپ، ئون مىڭ تۇياقتىن ئارتۇق ئات، كالا، قي غەنىيمەت ئالغان. شىمالىي تەڭرىقۇت بۇنىڭدىن قورقۇپ، بۇلاپ كەلگەن بارلىق خەنزۇ پۇقرالىرىنى قويۇپ بېرىپ، ياخشى كۆڭلىنى بىلدۈرگەن. چەۋەندازلار ھەر قېتىم قورغانلاردىن ئۆتكەندە، بىز قاچقۇن ئۈكەن باتىس خانغا رەدىيە بېرمىز. خەنلىكلەرگە تەگمەيمىز ، دېگەن [4].
          ئىككىنچىدىن، ئۇ بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا قورغانلار، سىيانپىلارنىڭ ھۇن قۇلدار تاجاۋۇزچى كۈچلىرىنىڭ بويۇنتۇرقىدىن قۇتۇلۇشىنى روياپقا چىقىرىپ ھەم ئۇلارنى خەن سۇلالىسىگە تەۋە قىلىپ، بۇ ئارقىلىق ھۇن تاجاۋۇزچى كۈچلىرىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇپ، خەن سۇلالىسىنىڭ ھۇنلارنىڭ تاجاۋۇزىنى چەكلەش كۈچىنى كۈچەيتتى.
           ئوغانلار ۋاڭ ماڭ دەۋرىدىن باشلاپ ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن ئۇلار بىلەن بىرلىشىپ قوشۇن چىقىرىپ، خەن سۇلالىسىنىڭ چېگرىلىرىغا تاجاۋۇز قىلغان ئىدى. جيەنۋۇ 22-يىلى ېئوغانلار ھۇنلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ، قوشۇن چىقىرىپ ئۇلارنىمەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنى شىمالغا نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراققىچە قوغلىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن ”چۆللۈكنىڭ جەنۇبى بوشاپ قالدى“. شەرقىي خەن سۇلالىسى مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوغانلارنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارغا پۇل، رەخت سوۋغا قىلدى. ئوغانلار ئەسلىدە ئوڭ ئۈكەن باتىس خان بىنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىدى، ئەمدىلىكتە بىنىڭ تەۋەلىكىدىن سەككىز قەبىلىنىڭ ھەممىسى خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغاچقا، ئوغانلارمۇ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولۇشىنى خالىدى.
           بولۇپمۇ خەن سۇلالىسىگە ئەڭ يېقىن لياۋشى ئوغانلىرىدىن ئاقساقال خاۋ دەن قاتارلىق 900 دىن ئارتۇق ئادەم جيەنۋۇ 25-يىلى خەن سۇلالسىىگە ئەل بولۇپ، ئاستانە لوياڭغا بېرىپ زىيارەت قىلدى. خەن سۇلالىسى ئۇلارنىڭ ئاق ساقللىرىدىن پايتەختتە قېلىپ خەن سۇلالىسى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى خالايدىغانلىرىدىن 80 نەچچىسىگە بەگ، تۆرىلىك مەرتىۋىسى بەردى ھەم ئۇلارنى قورۇلنىڭ ئىچىگە كۆچۈرۈپ، چېگىردىكى ھەر قايسى ئايماقلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆز ئادەملىرىنى توپلاتقۇزۇپ، ئاشلىق، كىيىم-كېچەك بىلەن تەمىنلەپ تۇردى، شۇنداقلا ئۇلارنى خەن سۇلالىسى ئۈچۈن چېگرالارنى چارلاپ، خەن سۇلالىسىنىڭ ھۇن ۋە سىيانپىلارغا ھۇجۇم قىلىشىغا ياردەملىىشىدىغان قىلدى[5] .
          سىيانپىلار غەربى خگن سۇلالىسىدىن بۇرۇن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن ئالاقە قىلمىغان بولۇپ، شەرقى خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدە جانلىنىشقا باشلىغانىدى. شۇ چاغدا ھۇنلار كۈچىيىپ كەتكەچكە، ئۇلار ئوغانلارغا ئوخشاشلا ئەلچى ئەۋەتىپ، ھۇن قۇلدارلىرى بىلەن بىرلىشىپ قوشۇن چىقىرىپ چېگرىغا تاجاۋۇز قىلىپ، پۇقرا ۋە ئەمەلدارلارنى ئۆلتۈرۈپ، يىل بويى چېگرىنڭ ئامانلىقىنى بۇزىدىغان. لېكىن، جيەنۋۇ 21-يىلى ئۇلار ھۇن قۇلدارلىرى بىلەن بىرلىكتە لياۋدۇڭغا تاجاۋۇز قلپ كىرگەندە ۋالى جەي رۇڭ تەرپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، ئون مىڭدىن ئارتۇق چەۋەندازى ئۆلتۈرۈلۈپ، قاتتىق قورقۇپ كەتتى. جەنۇبى ھۇنلار خەن سۇلالىسىگە ئەل بولۇپ، شىمالىي ھۇنلار يىتىم قالغادىن كېيىن، سىيانپىلار جيەنۋۇ25-يىلىدىن باشلاپ شەرقى خەن سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتتى. ئۇلارنىڭ رەھبىرى قورۇقچى بەگ پيەنخې قاتارلىقلار ھەر يىلى لەشكەر چىقىرپ خەن سۇلالىسىنىڭ شىمالىي ھۇنلارغا ھۇجۇم قىلىشىغا ھەمدەم بولدى. كېيىن ئۇلارنىڭ ئاق ساقىلى يۈچۇبىن ۋە مەنتۇ قاتارلىقلار ئۆز قوۋملىرىنى باشلاپ ئاستانىگە كېلىپ ئەل بولۇپ، خەن سۇلالىسى ئۇلارغا بەگ، تۆرىلىك مەرتىۋىسى بەردى. خەن سۇلالىسى ئوغانلار ۋە سىيانپىلار بىلەن بولغان ئۇچرىشىش، سوۋغا-سالام ۋە بازار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئالاھىيەن شاڭگۇ ئايمىقىنىڭ نىڭچېڭ شەھىرىدە (ھازىرقى خېبېي ئۆلكىسى شۈەنخۇا ناھىيىسىنىڭ غەربىي شىمالىدا) ئوغان چېرىكچى بېگى تەسىس قىلىپ مەھكىمە قۇردى. شۇنىڭدىن باشلاپ مىڭدى، جاڭدى ۋە خېدى دەۋرلىرىدە (مىلادىيە 58~105-يىللار)چېگرىدا ھىچ ئىش بولمىدى[6].
           ئۈچۈنچىدىن، ئۇ ھۇنلارغا قۇل بۇلۇپ قالغانلانىڭ قۇللۇقتىن قۇتۇلۇشقا پايدىلىق بولدى. «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى» 30-جىلد «ئوغانلار، سىيانپىلار ۋە شەرقتىكى يات قەۋمىلەر ھەققىدە قىسسە» دە پېيجۇ «ۋېي پادىشاھلىقى تارىخى» دىن نەقىل ئېلىپ، ھۇنلاردا نەچچە تۈمەن ئائىلىلىك” ئەسىر قۇل“ لارنىڭ بارلقى، ئۇلارنىڭ جيەنۋۇ يىللىرىدا ھۇنلار پارچىلانغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئەينى چاغدىكى جىنچېڭ، ۋۇۋېي، جيۇچۈەننىڭ شىمالىدىكى قاراسۇ دەرياسى ۋە شىخېنىڭ غەربى ھەم شەرقىگە، يەنى ھازىرقى گەنسۇدىكى لەنجۇ، مىنچىن، جيۇچۈەن ۋە روشۈي دەرياسىىڭ يۇقۇرى ئېقىنىدىكى جاڭيېدىن خېيچۈەن ئۆتىڭى ئەرتراپى ۋە دۇنخۇاڭنىڭ غەربىدىكى داڭخې دەرياسى ئەتراپىغا قېچىپ كېلىپ، داۋاملىق ھالدا “ ئوت، سۇ قوغلىشىپ كۆچمەن چارۋىچىلىق“ تۇرمۇشى كەچۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان. بۇ ئەسىر قۇللارنىڭ ئىچىدە دىڭلىڭلار، غەربىي چياڭلار ۋە غەربى يۇرتتىكى ھەر قايسى مىللەت خەلقلىرى بولۇپ، ئۇلار تاكى، ۋېي پادىشاھلىقى قۇرۇلغىچە (مىلادىيە 219-يىلى) شۇ يەرلەردە كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلغان. بۇ ھۇن جەمىيىتىدىكى كۆلىمى زور بولغان، سىنىپى كۈرەشنى مەزمۇن قىلغان بىر قېتىملىق مىللى كۈرەش ئىدى. بۇ قېتىمقى كۈرەش ھۇن قۇلدارلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇشتا ناھايتى زور رول ئوينىدى.
           تۆتىنچىدىن، چېگرا تىنچلىنىپ خەنزۇلار خاتىرخەم تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغان بولدى. جيەنۋۇ 15-يىللار خەن سۇلالىسى يەنمېن، دەيجۈن، شاڭگۇ ئۈچ ئايماق خەلقىنى چاڭشەنگۇەن ۋە جۈيۇڭگۇەننىڭ شەرقىگە كۆچۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن سىرىت باشقا ئايماقلاردىكى خەلقلەرمۇ ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدىن قېچىپ ئىچكىرىگە كۆچۈپ كەتكەنىدى. ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ كوونتىروللۇقىدىكى چەۋەندازلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقى نەتىجىسىدە، چېگرىدىكى ئايماق، ناھىيىلەر خاراپلىشىپ، ئەممىلا يەر خارابىلىققا ئايلىنىپ، ئىجتىمائى ئىشلەپچىقىرىش ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولغاندى[7]. جەنۇبى ھۇنلار ئەل بولغاندىن كېيىن، شىمالىي ھۇن قۇلدارلىرى ئالدىراپ بېسىپ كېرەلمىدى، خەن سۇلالىسىم بىر خەن سۇلالىسىمۇ بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بىر تەرەپتىن سېپىل، خەندەكلەرنى رېمۇنىت قىلىپ، بىر تەرەپتىن چېگىردىكى خەلقلەرگە يول خىراجىتى ۋە ئۇزۇقلۇق بېرىپ، بېيدى، سۇفاڭ، ۋۇيۈەن، يۈنجۇڭ، دىڭراڭ، يەنمېن، دەيجۈن، شاڭگو قاتارلىق سەككىز ئايماق خەلقىنى ئۆز يۇرتىغا قايتۇرۇپ كەلدى. ئارىدىن خېلى مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، چېگىردىكى خەلقلەر جاپالىق تىرىشىش نەتىجىسىدە پەيدىنپەي ئۆزىنى ئۆزى قامدىيالايدىغان بولدى [8]. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىمالدا ئۇرۇش بولمىغاچقا، چېگىرنى قوغداۋاتقان قوشۇنلار ھەربىي سەپتىن چېكىندۈرۈلدى. بۇمۇ شەرقىي خەن سۇلالسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ناھايتى پايدىلىق بولدى [9].
           بەشىنچىدىن، جەنۇبىي ھۇنلار خەن سۇلالىسىگە ئەل بولۇپ، خەن سۇلالىسى مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى قوللىشى ۋە ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكتىن، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنى پەيدىنپەي ئەسلىگە كەلدى. خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكتىن نۇپۇسى كۆپەيدى. قىسىقىغىنە 40يىل ئىچىدە، جۈملىدىن مىلادىيە 90-يىلىغا كەلگەندە، بۇپۇسى شىمالىي ھۇنلاردىن ئارقا-ئارقىدىن كېلىپ ئەل بولغان ۋە ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشكەنلەرنى قوشۇپ ھېساپلىغاندا 34مىڭ تۈتۈن، 237300 ئادەمگە يېتىپ، ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 50170 كە يېتىپ [10]. ئىچكىرىگە كۆچكەن چاغدىكى 40-50-مىڭ كىشىدىن بىراقلا تۆت بەش ھەسسە كۆپەيدى. بۇنىڭدىن باشقا، جەنۇبى ھۇنلار قورۇلنىڭ ئىچىگە كۆچۈپ كىرىپ، چېگرىدىكى ھەر قايسى ئايماقلارغا تارقىلىپ خەنزۇلار بىلەن ئارلاش ئولتۇراقلاشقانلىقتىن[11]. خەنزۇلار بىلەن ئۈچىرىشىش ۋە ئۆز-ئارا ئۆگۇنۇش پۇرسىىتى تېخىمۇ كۆپىيىپ، خەنزۇلارنىڭ ئىلغار مەدەنيىتىنى تېخىمۇ ئاسان قوبۇل قىلىپ، بىر قىسىملىرى تەدرىجى ئھالدا دېھقانچىلىقنى ئۆگىنىپ، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى.
          ھالبۇكى، شىمالىي ھۇنلار ئۇدا نەچچە يىل تەبىئى ئاپەتكە ئۇچرىغانلىقى ھەم جەنۇبى ھۇنلار، ئوغانلار ۋە سىيانپىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن، چۆللۈكنى جەنۇبىدا پۇت تىرەپ تۇرالماي چۆللۈكنىڭ شىمالىغا چېكىنگەندىن كېيىن، ئىجتىمائىي ئىگىلىكى خاراپلىشىپ، كۈچى زور دەرىجىدە ئاجىزلاپ كەتتى. شۇڭا، جيەنۋۇ 27-يىلى (مىلادىيە 51-يىلى)، 28-يىلى، 31-يىلى، يۇپىڭ 7- يىلى (مىلادىيە 64-يىلى) كۆپ قېتىم ئەلچى ئەۋەتىپ خەن سۇلالىسى بىلەن قۇدىلىشىشنى تەلەپ قىلدى. شىمالىي ھۇنلارنىڭ قۇدىلىشىشنى تەلەپ قىلىشتىكى سەۋەبى، بىرىنچىدىن، خەن سۇلالىسىنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھۇجۇم قىلىشىدىن قورققانلىقى، ئىككىنچىدىن، جەنۇبىي ھۇنلار بىلەن خەن سۇلالسىىنىڭ ئارىسىنى بۇزۇشنى ئويلاشقانلىقى؛ ئۈچىنچىدىن، غەربىي يۇرتتىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ۋە ئوغانلارنىڭ خەن سۇلالىسىگە بولغان مايىللىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، خەن سۇلالىسى بىلەن قۇدىلىشىش ئارقىلىق سىياسىي ئابرويىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، غەربىي يۇرتنى مەھكەم كونتىرول قىلىش ۋە ئوغانلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى ئويلىغانلىقى؛ تۆتىنچىدىن، قۇدىلىشىش ئارقىلىق خەن سۇلالىسى بىلەن بازار ئېچىشنى ئويلىغانلىقى ئىدى. ئەينى چاغدا شىمالىي ھۇنلارغا ئەلچىلىككە بارغان جېىڭ جۇڭ بۇنى ناھايتى ئېنىق كۈزەتكەن ۋە تەھلىل قىلغان بولۇپ، ئۇ: «شىمالىي ھۇنلارنىڭ خەن سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىشتىكى مەقسىتى جەنۇبىي ھۇنلار بىلەن ئارىمىزنى بۇزۇش، 36 بەگلىكنى (يەنى غەربىي يۇرت) چىڭ ساۇلاش ئۈچۈندۇر. ئۇلار خەن سۇلالىسى بىلەن قۇدىلاشقاننى داۋاراڭ قىلىپ، قوشنا مىللەتلەرگە ماختىنىپ، خەن سۇلالىسىگە بېقىنماقچى بولغان غەربىي يۇرتتىكى بەگلىكلەرنى ئەنسىرىتىپ ۋە گۇمانغا سېلىپ، خەن سۇلالىسىنى سېغىنغانلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە بولغان ئۈمىدىنى ئۈزمەكچى. بۇنداق بولغاندا جەنۇبىي ھۇنلاردا تەۋرىنىش پەيدا بولىدۇ ئوغانلارمۇ ئالا كۆڭۈل بولۇپ قالىدۇ» دېگەن [12]. يۈەن خۇڭ «كېيىنكى خەن خاتىرلىرى» 10- جىلد «مىڭدى ھەققىدە خاتىرە» دىمۇ جىڭ جۇڭنىڭ بايانىنى تىلغا ئالغان بولۇپ، ئۇ: «ھازىر قۇدىلىشىش ئىشى ئۈچۈن ئەلچى ئەۋەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى، ھازىر جەنۇبىي تەڭرىقۇت ئەل بولدى. ئۇمۇ قوغۇشار تەڭرىقۇت جىخۇشاندەك ياردەمگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇڭا، ئالا كۆڭۈللۈك قىلمايدۇ. ئوغانلارمۇ قەلئە- قورۇللارى قوغداپ تەۋەلىك بىلدۈرۈپ تۇرىۋاتىدۇ. ناۋادا ئۇلار شىمالىي تەڭرىقۇت بىلەن داۋاملىق ئەلچى ئەۋەتىشىپ تۇرغانلىقىمىزنى ئاڭلىسا، كەمىنلىرىنىڭ قارىشىچە جەنۇبىي تەڭرىقۇت گۇمانلىنىپ قېلىشى، ئوغانلارمۇ ئالا كۆڭۈللۈك قىلىشىم مۇمكىن. ئەينى چاغدا خەن خانىدانىمۇ جەنۇبىي تەڭرىقۇتنىڭ تەختىدە يېڭىدىن ئولتۇرغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، شىمالىي ھۇنلارنىڭ قۇدىلىشىش تەلىپىگە ماقۇل بولسا جەنۇبىي تەڭرىقۇتنىڭ خەن سۇلالىسىگە يېقىنلىشىش نىيىتىگە تەسىر يېتىشتىن ئەنسىرىگەن» دېگەن [13]. شۇڭا، خەن سۇلالىسى ئاۋال ۋۇۋېي ۋالىيسىغا شىمالىي ھۇنلارنىڭ ئەلچىسىنى قۇبۇل قىلماسلىقنى ئۇقتۇرۇپ قويدى. كېيىن شىمالىي تەڭرىقۇتى ئاستانىگە ئەلچى ئەۋەتىپ ئات ۋە كىگىز تەقدىم قىلغانلىقى، ئات، كالىلارنى ھەيدەپ كېلىپ چېگرىدا بازار ئېچىش ئۈچۈن ئاتاقلىق خانلىرىنى ئەۋەتكەنلىكى ھەم كۆپ سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلغانلىقى ئۈچۈن، يەنىلا يول قويۇش سىياسىتىنى قوللىنىپ، ئۇلارغا ئىنئام بېرىپ، مەكتۇپ ئارقىلىق جاۋاپ قايتۇرۇپ،ئەلچى ئەۋەتمىدى. ئەڭ ئاخىرىدا شىمالىي ھۇنلار بازار سودىسىغا بەك ئېھتىياجلىق بولغانلىقتىن، قوشۇن تارتىپ ئۇرۇش قوزغىغاچقا، خەن سۇلالىسى قورقۇپ يۇڭپىڭ 7- يىلىغا كەلگەندە ئاندىن بازار ئېچىشقا قوشۇلۇپ ئەلچى ئەۋەتتى. بازار ئېچىش ھۇن خەلقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەلىپى بولۇپ، خەنزۇ، ھۇن ھەر ئىككى مىللەت خەلقىگە پايدىلىق ئىدى. ھالبۇكى، شىمالىي ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ تاجاۋۇزچى كۈچلىرى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغاندا، ئىككى مىللەت ئوتتۇرسىدىكى نورمال سودا مۇناسىۋىتىنى ئۇزۇن ساقلاپ قالغىلى بولمايتى [14].
           خەن سۇلالىسى بىلەن شىمالىي ھۇنلارنىڭ ئۆز- ئارا ئەلچى ئەۋەتىشى، دەرۋەقە جەنۇبىي ھۇنلاردىكى بىر قىسىم يۇقىرى قاتلام ئاقسۆڭەكلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويدى. شۈبۇ قۇتقۇسى باشلىق بىر قىسىم كىشلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىسىيان كۆتۈرۈپ ئىش تېرىماقچى بولۇپ، شىمالىي ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىسى كۈچلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈشكە ئورۇندى. بۇ ئىشنى خەن سۇلالىسى سېزىپ قېلىپ جىددىي تەدبىر قوللاندى. يەنە «لىياۋشۈيدىن ئۆتۈش بارگاھى» تەسىس قىلىپ، ئەمىر نۆكەر ۋۇتاڭنى قوشۇن لىياۋشۈيدىن ئۆتۈپ، ۋۇيۈەن ئايمىقىدىكى مەنبو ناھىيىسىدە (ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلدىكى جۇڭغار خوشۇنىنىڭ غەربىي شىمالىدا) تۇرۇشقا، يەنە ئاتلىق ئەسكەرلەر چېرىكچى بېگى چېن بېڭنى قوشۇن باشلاپ شىخې ئايمىقىدىكى مېيجى ناھىيىسىدە تۇرۇپ، شۈبۇ قۇتقۇسى قاتارلىق ئاسىيلارنىڭ شىمالىي ھۇنلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزىۋېتىشكە بۇيرۇدى. يۇڭپىڭ 8- يىلى (مىلادىيە 65- يىلى) كۈزدە، شىمالىي ھۇنلارنىڭ تاجاۋۇزچى كۈچلىرى ئاتلىق قوشۇن ئەۋەتىپ سۇفاڭغا كىرىپ، جەنۇپتىكى ئاسىيلارغا ھەمدەم بولماقچى بولدى. لېكىن خەن سۇلالىسى ئالدىن تەييارلىق كۆرۈپ قويغان بولغاچقا، مەقسىدىگە يېتەلمەي غەزەپلىنىپ، خېشىدىكى ھەر قايسى ئايماقلارغا ھۇجۇم قىلىپ، شەھەر- قەلئەلەرنى كۆيدۈرۈپ، ناھايتى پۇقرالارنى ئۆلتۈرۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن خېشىدىكى ھەر قايسى ئايماقلار كېچە- كۈندۈز قوۋۇقلىرىنى تاقاپ، خەلق توىمۇ ساراسىمىگە چۈشتى [15]. يۇڭپىڭ 15- يىلى (مىلادىيە 72- يىلى) شىمالىي ھۇنلار خېشىغا يەنە تاجاۋۇز قىلدى [16] ھەم غەربىي يۇرتتكى ھەر قايسى بەگلىكلەرنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە تاجاۋىز قىلىشقا مەجبۇرلىدى [17]. 16- يىلى يەنە يۈنجۇڭ ۋە يۇياڭغا تاجاۋۇز قىلدى [18].


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.