ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-10-25

    ھۇنلارنىڭ ئومۇمى تارىخىنىڭ داۋامى - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/80705569.html

    2. ئىپتىدائىي ئېتىقادى ۋە داخانلىق
          «تارىخىي خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە: « ھۇنلار ھەر يىلى ئۈچ قېتىم يېغىلىق ئۆتكۈزىدۇ. 1- ئايدا ھەر قايسى قەبىلە باشلىقلىرى تەڭرىقۇت ئوردىسىغا يىغىلىپ، ئەتىيازلىق نەزىر- چىراغ ئۆتكۈزىدۇ. 5-ئايدا ھەممىسى ئەجدەر بالىق شەھىرىگە يىغىلىپ، ئەجداتلىرى، ئاسمان- زىمىن، جىن- ئەرۋاھلارغا ئاتاپ نەزىر- چىراغ ئۆتكۈزىدۇ. كۈزدە ئاتلار ۋە چارۋا- ماللارنىڭ سانىنى ئالىدىغان بىر قېتىملىق يىغىلىشتىن باشقا قالغان ئىككى قېتىملىقى نەزىر- چىراغ يىغىلىشى بولغان. لېكىن، «شەرقىي قەسىردىكى خەن خاتىرلىرى. جەنۇبىي ھۇن تەڭرىقۇتلىرىنىڭ تەرجىمھالى» دا: «تەڭرىقۇت ھەر يىلى ئۈچ قېتىم يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، نەزىر- چىراغ قىلاتتى ھەم ئات، تۆگە بەيگىسى قىلىپ، كۆڭۈل ئاچاتتى» دەپ خاتىرلەنگەن. «كېيىنكى خەننامە. جەنۇبىي ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دىمۇ: «ھۇنلار ئادىتى بويىچە ھەر يىلى 1- ئاي ۋە 5- ۋە 9- ئايلاردا ئۈچ قېتىم يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، كۆك تەڭرىگە ئاتاپ نەزىر- چىراد قىلاتتى. جەنۇبىي تەڭرىقۇت خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغاندىن كېيىن، خەن سۇلالىسى پادىشاھلىرىغا ئاتاپ نەزىر- چىراغ قىلىدىغان بولدى. ھەم ھەر قايسى قەبىلىلەرنى يىغىپ سىياسىي ئىشلارنى كېڭىشىپ، ئات ۋە تۆگە بەيگىسى قىلىپ كۆڭۈل ئاچاتتى» دەپ خاتىرلەنگەن. ھۇنلارنىڭ ھەر يىلدىكى ئۈچ قېتىملىق يىغىلىشىنىڭ ھەممىسىدىلا نەزىر- چىراغ ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نەزىر- چىراغنىڭ ئوبيېكتى ئەجداتلار، ئاسمان- زىمىن ۋە جىن- ئەرۋاھلار بولغان. ھۇنلاردا ئەجداتلارغا تېۋىنىش ئۇقۇمى بولغانلىقى ئۇلارنىڭ جەسەتنى دەپنە قىلىشى ۋە ئەجداتلار قەبرىسىگە ئەھمىيەت بېرىشىدىمۇ ئەكس ئېتىدۇ. «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە: «ھۇنلار جەسەتنى دەپنە قىلىشتا ئىچ- تاش قوش قەۋەت تاۋۇت ياساپ، ئۇنىڭغا ئۈلۈكنى ئالتۇن- كۈمۈش، كېيىم-كېچەك بىلەن بىللە سالاتتى. ئۇلاردا قەبرە ئۈستىگە دەرەخ سانجىش، ھازا كىيىمى كىيىش ئادىتى يوق ئىدى. ئۆلگۈچى بىلەن ئۇنىڭ يېقىن قۇل- دېدەكلىرى بىللە كۆمۈلەتتى. مۇنداق بىللە كۆلۈمگۈچىلەر نەچچە ئون، ھەتتا نەچچە يۈزگە يېتەتتى» دەپ خاتىرلەنگەن. نويان تېغىدىكى ھەممە چۆللۈكنىڭ شىمالى ۋە ئىچكى موڭغۇلدىكى ھۇن قەبرىلىرىدىن قېزىۋېلىنغان قوشۇپ كۆمۈلگەن ئالتۇن- كۆمۈش، كېيىم-كېچەك، ئۆرۈمە چاچ ۋە تاۋۇتلار يۇقىردىكى خاتىرلەرنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. قوشۇپ كۆمۈلگەن نۇرغۇنلىغان كېيىم- كېچەك ۋە قورال- سايمانلاردىن بىلىشكە بولىدۇكى، ھۇنلار روھنىڭ يوقالمايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. ئەجداتلىرىغا تېۋىنىش دەل روھنىڭ يوقالماسلىقىغا ئىشىنىشنىڭ بىر خىل ئىپادىسى بولغان. ھۇنلار ئادەم ئۆلگەندىن كېيىنمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشاش ياشاپ، كېيىم- كېچەك ۋە قورال- سايمانلارغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئاقسۆڭەكلەر يەنە قۇل- دېدەكلەرگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ دەپ قارىغاچقا، كېيىم- كېچەك، قورال- سايمان ۋە يېقىن قۇل- دېدەكلەرنى قوشۇپ دەپنە قىلىدۇ. «كېيىنكى خەننامە. ئوغانلار ۋە سىيانپىلار ھەققىدە قىسسە» دە يەنە: « خەن جاۋدى دەۋرىدە ئوغانلار ھۇن تەڭرىقۇتلىرىنىڭ قەبرىلىرىنى قېزىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، ھۇنلار قاتتىق غەزەپلىنىپ، قوشۇن چىقىرىپ ئوغانلارغا زەربە بەردى» دەپ خاتىرلەنگەن. بۇنىڭدىمۇ ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرىنىڭ قەبرىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
          ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەبىدىن، شۇڭلاشقا كۈندىلىك تۇرمۇشتا ۋە ھەربى، سىياسىي ئىشلاردا كائىناتتىكى ھادىسىلەرگە چوقۇنغان. ھەتتا جىن- ئەرۋاھلاردىن مەدەت تىلىگەن. «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە: «تەڭرىقۇت ھەر ئەتىگىنى قارارگاھتىن چىقىپ كۈنگە قاراپ تەزىم قىلاتتى. ئاخشىمى ئايغا قاراپ تەزىم قىلاتتى» دەپ خاتىرلەنگەن. يەنە: «قوشۇن چىقارغاندا يۇلتۇز ۋە ئايغا قاراپ ئىش كۆرەتى. ئاي تولغاندا ھۇجۇمغا ئۆتەتتى. ئاي تۇتۇلغاندا قوشۇننى چېكىندۈرەتتى» دېيىلگەن. ئومۇمەن، ھۇنلار ئاسمان- زىمىننى ناھايتى ھۆرمەت قىلغان. جىن- ئەرۋاھلاردىن ئىنتايىن قورققان. ھۇن تەڭرىقۇتلىرى خەن پادىشاھلىرىغا خەت يازغاندا، ئۆزىنى «تەڭرى تىكلىگەن ئۇلۇغ ھۇن تەڭرىقۇتى» ياكى «ئاسمان- زىمىندىن تۆرىلىپ، كۈن- ئاي تەرىپىدىن تەختكە چىقىرىلغان ئۇلۇغ ھۇن تەڭرىقۇتى» دەپ ئاتىغان. باتۇر تەڭرىقۇت ياۋچىلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى ھەر قايسى قەۋملەرنى بويسۇندۇرغاندىمۇ «بۇ تەڭرىنىڭ بەخت- سائادىتىدىن بولدى» دېگەن. خەن ۋۇدى دەۋرىدە، مايى شەھىرىدە ھۇن تەڭرىقۇتىغا بۆكتۈرمە قويۇپ زەربە بېرىش پىلانلانغان. تەڭرىقۇت قىلتاققا چۈشەي دەپ قالغان بولسىمۇ ، ئەمما خەن سۇلالىسىنىڭ كۆزەتچى بېگى سىرنى ئېيتىپ قويغاچقا، خەتەردىن قۇتۇلۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ«كۆزەتچى بەگكە ئېرىشكىنىم تەڭرىنىڭ شاپائىتىدىن بولدى. تەڭر ئۇنىڭغا راستىن ئېيتقۇزدى « دېگەن ھەم كۆزەتچى بەگكە» تەڭرى بەرگەن بەگ» دەپ نام بەرگەن. يەنە «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە، باتۇر تەڭرىقۇت پىڭچېدا ليۇ باڭنى قورشىۋالغاندا، ئالچى باتۇرغا «ئىككى ھۆكۈمدارلار بوغۇشماڭلار، بۈگۈن خەن زېمىنىنى ئالسىڭىزمۇ، ئۇ جايتى ماكان تۇتۇپ تۇرالمايسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگەن خەن خاننىڭمۇ تەڭرىسى بار، تەڭرىقۇت ئوبدان ئويلىنىپ كۆرۈڭ » دېگەن، بۇنىڭغا قوشۇپ باشقا سەۋەپلەر بىلەن باتۇر تەڭرىقۇت ئالچىسىنىڭ دېگىنى بويىچە مۇھاسىر بۇرجىكىنى ئېچىۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ليۇ باڭ مۇھاسىرىدىن قۇتۇلغان، دەپ خاتىرلەنگەن. «تارىخىي خاتىرىلەر» 123-جىلد «پەرغانە تەزكىرىسى» دە: «ئۇيسۇن كۈن بېگى تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي دالىغا تاشلىۋېتىلگەن، گۆش چىشلىگەن بىر قاغا كېلىپ ئۇنىڭ بېشى ئۈستىدە ئايلىنىپ يۈرگەن، بىر چىشى بۆرە كېلىپ ئۇنى ئېمىتكەن، بۇنى ئاڭلاپ تەڭرىقۇت ھەيران قالغان ۋە ‹ئۇنىڭغا تەڭرى يار بوپتۇ› دەپ قاراپ، ئۇنى ئۆزى بېقىپ چوڭ قىلغان. كېيىن كۈنبەگ چوڭ بولۇپ قۇرامىغا يەتكەندە، ئېلىنى باشلاپ يىراققا كۆچۈپ كەتكەن ۋە ھۇنلارغا بويسۇنمىغان، تەكرىقۇت قوشۇن ئەۋەتىپ ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ يېڭەلمىگەن، شۇنىڭ بىلەن ھۇنلار ‹كۈنبەگنى تەڭر يۆلەۋېتىپتۇ› ، دەپ قارىغان» دەپ خاتىرلەنگەن.
          «خەننامە» 54-جىلد « سۇ ۋۇنىڭ تەرجىمھالى» دا: «تەڭرىقۇت يېمەك-ئىچمەك بەرمىگەن، سۇ ۋۇ قارنىڭ سۈيىنى ئىچىپ، كىگىزنىڭ يۇڭىنى يەپ نەچچە كۈنگىچە ئۆلمىگەن، تەڭرىقۇت ئۇنى ئەۋلىيا ئوخشايدۇ دەپ قاراپ، بايقال كۆلىگە ئاپىرىۋەتكەن » دەپ خاتىرىلەنگەن. «كېيىنكى خەننامە»19-جىلد «گېڭ گۇڭنىڭ تەرجىمھالى» دا: «گېڭ گۇڭ غەربى يۇرتتا ھۇنلار بىلەن جەڭ قىلغاندا، قاتتىق جۇدۇن- چاپقۇن بولغان، گېڭ گۇڭ ئۆلتۈرگەن ۋە يارىلاندۇرغان، ھۇنلار بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈپ ساراسىمىگە چۈشكەن، ئۇلارنىڭ ۋەزىرى ‹ خەن لەشكەرلىرى ئەۋلىيا ئىكەن، ئۇلاردىن قورقماي بولمايدۇ› «دەپ قاراپ قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈپ كەتكەن» دەپ خاتىرىلەنگەن.
         ھۇنلارنىڭ خۇراپىيلىقى بەزى چاغلاردا ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشتىن كۈتكەن ئۈمىدى ۋە بالايىئاپەتتىن ساقلىنىش ئارزۇسىدىن پەيدا بولغان. مەسىلەن، خەن سۇلالىسىنىڭ سۇترىشىنا سانغۇنى لى گۇاڭلى ھۇنلارغا تەسلىم بولغاندىن كېيىن دىڭ خانى ۋېيلۈ ئۇنىڭ ئارزۇلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىغا ھەسەت قىلىپ، قامانلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، «مەرھۇم تەڭرىقۇت سۇترىشىنا سانغۇننى قۇربانلىق قىلىڭلار دېگەن» دەپ ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان. تەڭرىقۇت سۇترىشىنا سانغۇننى قولغا ئالغاندا سۇترىشانى سانغۇن تىللاپ تۇرۇپ «مەن ئۆلسەم ھۇنلارمۇ ھالەك بولىدۇ» دېگەن، دېگەندەكلا ئۇدا نەچچە ئاي قار يامغۇر يېغىپ، چارۋىلار ئۆلۈپ، ئادەملەرگە كېسەل تېگىپ زىرائەتلەر پىشمىغان. شۇنىڭ بىلەن تەڭرىقۇت قورقۇپ كېتىپ، سۇترىشنا سانغۇن ئۈچۈن ئىبادەتخانا سالدۇرغان [10].
    يۇقىرقىلاردىن ئاسمان زېمىن جىن ئەرۋاھ ئۇقۇمىنىڭ ھۇنلارنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇشىنى ۋە ھەربىي، سىياسىي پائالىيەتلىرىدىكى تەسىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ھۇنلارنىڭ نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزىدىغان ئورنى ۋە مۇراسىم قائىدىلىرى توغرىسىدا تارىخي ماتىرىياللاردا ئېنىق خاتىرە يوق. تەڭرىقۇت ئوردىسىنىڭ تەڭرىقۇت بارگاھى ئورۇنلاشقان جاي، ھۇنلارنىڭ سىياسىي مەركىزىي ئىكەنلىكىدىن باشقا ئەجدەربالىق ۋە دەيلىننىڭ قەيەرە ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس. «تارىخي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»، دە:«مايى ۋەقەسىدىن كېيىنكى 5-يىلى ئەتىيازدا، ۋېي چىڭ شاڭگۇدىن يولغا چىقىپ ئەجدەربالىققا باردى» دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇ ئەجدەر بالىق شەھىرى ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلنىڭ شىلىنغۇل ئايمىقىنىڭ شەرقى، غەربى ۋۇجۇمۇشىن خوشۇنىنىڭ يېقىن ئەتىراپىدا بولۇپ، ئۇنىڭ ھۇنلار ھەر يىلى 5-ئايدا نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزىدىغان يەر ئىكەنلىكىنى ياكى ئەمەسلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ. يەن شىگو «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» گە بەرگەن ئىزاھىدا: «دەيلىن، نەزىر-چىراغ قىلىدىغان قويۇق دەرەخلىك يەر، سىيانپىلارنىڭ ئادىتىدە قەدىمدىن تارتىپ كۈزدە نەزىر- چىراغ ئۆتكۈزگەندە، دەل-دەرەخ بولمىسا شاخ-شۇمبىلارنى تىكلەپ، ئات بىلەن ئۈچ قېتىم ئايلىنىپ توختايتى، بۇ ئۇلارنىڭ بەسلىشىپ دەيلىنگە يۈزلەندۇق » دېيىلگەن[11]. مۇشۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، دەيلىن ئورمانچىلىق يەر بولۇپ، ھۇنلار ئورمانلىقلاردا نەزىر- چىراغ ئۆتكۈزگەن.
         ئۇنداقتا، ھۇنلارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان نەزىر- چىراغ سورۇنى بولغانمۇ، يوق؟ ئۇلارنىڭ كەڭ دالىدا، ئورمالىقلاردا نەزىر- چىراغ قىلغانلىقى بىزگە مەلۇم. لېكىن، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھۇنلارنىڭ سۇترىشىنا سانغۇننى قۇربانلىق قىلغانىقى ۋە كېيىن سۇترىشىنا سانغۇننى قۇربانلىق قىلغانلىقى ۋە كېيىن سۇترىشىنا سانغۇنغا ئاتاپ ئىبادەتخانا سالغانلىقىدىن قارىغاندا، ھۇنلارنىڭ ئېھتىمال ئىبادەتخانىغا ئوخشاش نەزىر- چىراغ سورۇنى بولغان.
         1952- يىلى ۋە1955- يىلى موڭغۇلىيە ئارخېئولوگى خ. پەرلە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، موڭغۇلىيەنىڭ مەركىزى ئۆلكىسىگە يېقىن قۇرۇلۇن دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى جىيادوب، دېرچىن، بورخوي دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى بورخون ۋە ئۇلانباتۇر، چوبا تېغى ئارىلىقىدىكى باروندۇرو تۆت جايدىن ھۇنلارنىڭ شەھەر- بازارلىرىنىڭ خارابىىسنى قازغان. جىيادوب ۋە دېرچىندىن ئۆي- ئىمارەتلەردىن باشقا، ئىقتىسادىي تۇمۇرشقا ئائىت ھىچقانداق يادىكارلىقلار بايقالمىغان (ھەتتا كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان سايمانلارمۇ چىقىمىغان). پەقەت نەزىر- چىراغ سۇپىسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر لاي شىرە (نەزىر- چىراغ شىرەسى) بايقالغان. پەرلە بۇ ئىككى جايدىكى چوڭ ئىمارەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ھۇنلار ھەر يىلى قەرەللىك نەزىر- چىراغ ئۆتكۈزىدىغان ئىبادەتخانا، دەپ قارىغان. كېيىنكى ئىككى جايدىكى ئىمارەتلەرنىڭ نۆكەش كاھىشلىرىدىكى نەقىشلەرگە ئاساسلىنىپ، بۇ تۆت جايدىكى شەھەر- بازار جۇڭگونىڭ چىن، خەن دەۋرىلىرىگە مەنسۇپ دەپ ھۆكۈم قىلغان [12].
          ھۇنلار ئاسمان- زىمىن، جىن- ئەرۋاھلارغا خۇراپىيلارچە ئىشەنگەنلىكتىن، ئۇلارغا ئاتاپ مەبۇد ياساپ ئۇنىڭغا چۇقۇنغان. «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» ۋە «خەننامە» 68- جىلد «جىن مىتىنىڭ تەرجىمھالى» دا، خەن ۋۇدى دەۋرىدە خۇ چۇبىڭ ئالچى تېغىدىن ئۆتۈپ، ھۇنلارغا زەربە بەگەندە، «شۇتۇق خاننىڭ ئالتۇندىن ياسالغان كۆك تەڭرى مەبۇدى» نى قولغا چۈشۈردى، دەپ خاتىرلەنگەن. ھۇنلار مۇشۇنداق مەبۇدلارنى ياساپ، ئۇنىڭغا «تەڭرى» دەپ چۇقۇنغان. شۇڭا، «جىن مىتىنىڭ تەرجىمھالى» دا «شۇتۇق خان ئالتۇندىن مەبۇد ياساپ، تەڭرى دەپ چۇقۇنغاچقا، ئۇنىڭغا جىن (金) فامىلىسى ئىنئام قىلىنغان» دېيىلگەن. «ۋېينامە» 111- جىلد «بۇددا- تويىن دىنلىرى تەزكىرىسى» گە ئاساسلانغاندا، بۇ ئالتۇن مەبۇد بىر جاڭدىن ئىگىزرەك بولۇپ، خەن ۋۇدى ئۇنى ئەنچۈەن قەسىرگە قويۇپ، ئۇنىڭا ئاتاپ نەزىر- چىراغ قىلماي، پەقەت كۈجە كۆيدۈرۈپ قىلىشقىلا يول قويغان. نويان ھۇن قەبرىسىدىن چىققان ياغاچ ھەيكەلمۇ ھۇنلارنىڭ ھەقىقەتەن مەبۇدقا چوقۇنغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
         ھۇنلار ئاسمان- زىمىن، جىن- ئەرۋاھلار ناھايتى يىراقتا، ئادملەر ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشالمايدۇ دەپ قارىغانلىقتىن، ئۇلاردا يەنە «تەڭرى بىلەن ئادەملەرنىڭ ئارىسى» نى باغلاپ تۇرىدىغان «قامان» (پىرە ئارقىلىق ئەرۋاھلارنى چىللايدىغان ئايال داخان) لار پەيدا بولغان. تارىخىي ئەسەرلەردە ھۇنلارنىڭ قامانلىرى، يەنى باخشىلىرىنىڭ كۆپلىكى تىلغا ئېلىنغان ۋېيلۇنىڭ سۇترىشىنا سانغۇندا زىيانكەشلىك قىلىش ئۈچۈن قامانلار بىلەن تىل بىرىكتۈرگىندىن باشقا، «خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» دىمۇ ھۇنلارنىڭ خەن قوشۇنلىرىنى توسۇش ئۈچۈن ھەر قايسى يول ۋە دەريالارغا قامانلار ئەپسۇن ئوقۇغان كالا، قويلارنى كۆمىدىغانلىقى (خۇراپىي ئۇسۇل ئارقىلىق خەن قوشۇنلىرىنىڭ ئالدىغا ئىلگىرلىشىنى توسىماقچى بولغانلىقى)، تەڭرىقۇت خەن پادىشاھلىرىغا سوۋغا قىلغان ئات ۋە كېيىم- كېچەكلەرگە ئاۋال قامانلارنىڭ دۇئا قىلىدىغانلىقى خاتىرلەنگەن. بۇنىڭدىن قامانلارنىڭ ھۇنلارنىڭ ھەربىي، سىياسىي ئىشلىرىدىكى تەسىرىنىڭ ناھايتى زورلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ھۇن قامانلىرىنىڭ جادۇگەرلىكى ئادەتتە ئەپسۇن ئوقۇش،يەنى «قارغاش» ياكى «يامانلىق تىلەش» بولغان بولۇپ، ئەينى چاغدا بۇنداق جادۇگەرلىك ناھايتى كەڭ تارقالغان. «تارىخىي خاتىرىلەر» 19- جىلد «خۇيدى، جىڭدى زامانىدىكى تۆرىلەرنىڭ يىلنامىسى» دە، خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغان ھۇن چيۇ تۆرىسى لۇڭجاننىڭ ئوغلى ۋە رۇڭچىڭ تۆرىسى ۋېشلۇنىڭ نەۋرىسىنىڭ ھۇن قامانلىرىدىن پايدىلىنىپ، خەن پادىشاھىغا يامانلىق تىلىگەنلىكى ئۈچۈن، تۆرىلىك مەرتىۋىسى ئېلىپ تاشلانغانلىقى خاتىرلەنگەن. «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە خەن ۋۇدىنىڭ جېڭخې يىللىرىدا (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 92 ~ 89- يىللار) خەن قوشۇنلىرىنىڭ ھۇن ئەسكەرلىرىگە قوغلاپ زەربە بېرىپ، تاكى چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى فەن خانىم قەلئەلسىگىچە بارغانلىقى خاتىرلەنگەن. يەن شىگۇ جاڭ يەننىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىپ: «بۇ فەن خانىم ‹ھۇنلار قامانى› بولۇش مۇمكىن» دېگەن. بۇنىڭدىن بۇ قەلئەلدنىڭ ئىگىسى فەن خانىمنىڭ ھۇنلارنىڭ قامانى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
         بۇ ھۇن قامانلىرى كېيىن ھۇنلارنىڭ ئۈزلۈكسىز خەن سۇلالىسىگە ئەل بولۇش نەتىجىسىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. شۇڭا، خەن سۇلالىسىنىڭ ئەندىڭ ئايمىقىغا (ۋۇدىنىڭ يۈەندىڭ 3- يىلى تەسىس قىلىنغان) تەۋە چاۋنا ناھىيىسىدىلا 15 ئىبادەتخانا قۇرۇلۇپ، بۇ ئىبادەتخانىلاردا ھۇن قامانلىرى تۇرغان [13]. خەن سۇلالىسى ئوردىسىدىمۇ ھۇن قامانلىرى خېلى كۆپ بولغان. «خەننامە» 45- جىلد «جياڭ چۇڭنىڭ تەرجىمھالى» دا: «جياڭ چۇڭ ۋۇدىنىڭ پەرمانى بويىچە داخانلىق ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا تەيىنلەنگەن. ئۇ ھۇن قامانلىرىنى ئوردىغا باشلاپ كىرىپ ، يەرگە كۆمۈلگەن ياغاچ ھەيكەللەرنى قېزىپ، كېچىسى ئەپسۇن ئوقۇپ يامانلىق تىلىگەنلەرنى تۇتماقچى بولغان. ھۇن قامانلىرىنىڭ جياڭ چڭغا ھەمدەم بولۇپ، سۇيقەست قىلىشىدىن لى شاھزادە قاتتىق غەزەپلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ جياڭ چۇڭنى ئۆلتۈرۈپ، ھۇن قامانلىرىنى لىيۈەن باغچىسىدا تىرىك كۆيدۈرۋەتكەن» [14] دەپ خاتىرلەنگەن. يەن شىگۇ «خەننامە» 63- جىلد «لى شاھزادىنىڭ تەرجىمھالى» نى ئىزاھلىغاندا، فۇجيەننىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىپ:«ھۇن قامانلىرى جياڭ چۇڭنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن سۇيقەست قىلغاچقا، شاھزادە ناھايتى غەزەپلىنىپ، ھۇن قامانلىرىنى تىرىك كۆيدۈرۋەتكەن» دېگەن.
         ھۇن قامانلىرى جادۇگەرلىك قىلىپلا قالماي، يەنە كېسەللەرنى داۋالاپ ئادەم قۇتقۇزغان. تارىخىي ئەسەرلەردە ھۇنلارنىڭ «تىۋىپى» بارلىقى خاتىرلەنگەن. بۇ تىۋىپ دەل قامان ئىدى. «خەننامە. سۇۋۇنىڭ تەرجىمھالى» دا: «سۇۋۇ ھۇنلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ پىچاق بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالماقچى بولغاندا، ۋېيلۇ تېزلىكتە چاپارمەن ئەۋەتىپ تىۋىپ چاقىرتقان. تىۋىپ يەرگە ئۆرەك كولاپ، ئۆرەككە چوغ سېلىپ، سۇۋۇنى ئۆرەك ئۈستىگە دۈم ياتقۇزۇپ، ئۇنىڭ دۈمبىسىدىن دەسسەپ قان ئۇيۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغان. سۇۋۇ بۇنىڭدىن ھۇن قامانلىرىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە تاشقى كېسەل ئوپىراتىسىيىسى قىلالايدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. قامانلار ھۇنلارنىڭ تىۋىپى، شۇنداقلا ھۇنلارنىڭ تىبابەتچلىك مەدەنىيىتىنىڭ ۋەكىلىدۇر.
    3. نىكاھ ۋە باشقا ئۆرپ- ئادەتلەر
    «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە: «ھۇنلارنىڭ ئادىتى بويىچە دادىسى ئۆلسە ئوغلى ئۆگەي ئانسىنى، ئاكىسى ئۆلسە ئۇنىڭ ئىنىسى خوتۇنىنى، ئىنىسى ئۆلسە ئۇنىڭ خوتۇنىنى ئاكىسى ئالىدۇ» دەپ خاتىرلەنگەن. بۇ ھۇنلارنىڭ نىكاھ ئادىتى بولۇپ، بۇ خىل ئۆرپ- ئادەتنى ھۇنلار تۇرىۋاتقان تارىخىي باسقۇچ ۋە  جەمئىيەت ئالاھىدىلىكى بويىچە چۈشىنىش كېرەك.
        ھۇنلار تارىخ سەھنىسىگە قەدەم قويغان چاغدا (مىلادىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىردە) دەل ئىپتىدائىي ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىدىن قۇللۇق جەمئىيەتكە ئۆتىۋاتقان بولۇپ، ئۇرۇقداشلىق جەمئىيەتتىكى خىلمۇ- خىل ئۆرپ- ئادەتلەر يەنىلا خېلى ساقلىنىپ قالغان. يۇقىرقىدەك ئۆگەي ئانىسى ۋە يەڭگىسىنى ئالىدىغان ئادەت ھۇنلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىدۇر.
         ھۇن جەمئىيىتىدە ئۇرۇقنىڭ سىرتتىن نىكاھلىنىش تۈزۈمى كەڭ تارقالغان. ئۇرۇقنىڭ سىرتتىن نىكاھلىنىش تۈزۈمى ئەڭ دەسلەپتە جۈپ نىكاھلىق ئائىلىلەر تارىخىي باسقۇچىدا بارلىققا كەلگەن. جۈپ نىكاھلىنىش تۈزۈمىدە ئوخشاش بىر ئۇرۇقتىكى ئەر- ئايالنىڭ ئۆز-ئارا نىكاھلىنىشىغا يول قويۇلمىغان. ئۇلار پەقەت ئۆز ئۇرۇقىنىڭ سىرتىدىن ئۆز جۈپتىنى تاپقان. بۇ خىل نىكاھ مۇناسىۋىتى شەخسى بىلەن شەخسكىلا قارىتىلغان بولماستىن، بەلكى ئۇرۇق بىلەن ئۇرۇققىمۇ قارىتىلاغن. يەنى ياتلىق قىلىنغان ئەر (ئۇ چاغدا ئاياللار ياتلىق قىلىنمىغان) ئۆز ئۇرۇقىنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە، خوتۇنىنىڭ ئۇرۇقىدىكىلەر بىلەن ئالاقە قىلغان.
         ھۇنلار رەسمىي تارىخ سەھنىسىگە قەدەم قويغان ۋاقىتتا، ئائىلە، نىكاھ تۈزۈمىدە قۇللۇق تۈزۈمىگە ماسلاشقان ھالدا ئاتىلىق ئائىلە باشلىقلىق تۈزۈمىدىكى ئائىلىلەر بارلىققا كەلگەن. ئاتىلىق ئائىلە باشلىقلىق تۈزۈمىدىكى ئائىلە جۈپ نىكاھلىق ئائىلىدىن بىر ئەر، بىر خوتۇنلۇق ئائىلگە ئۆتۈشتىكى ئارىلىق باسقۇچ بولۇپ، ئارىلىقتا ئۆتكەن ۋاقىت قىسقا بولغاچقا، جۈپ نىكاھلىق ئائىلە مەزگىلىدە يۈرگۈزۈلگەن ئۇرۇقنىڭ سىرتتىن نىكاھلىنىش تۈزۈمىنىڭ ئادەت ۋە قارىشى ساقلىنىپ قالغان. بۇ چاغدىكى ھۇنلارنىڭ قارىشىدا، ئۇرۇققا ياتلىق بولۇپ كەلگەن ئايال بىلەن بولغان مۇناسىۋەت يەنىلا ئۇرۇق بىلەن ئۇرۇقنىڭ مۇناسىۋىتى بولغان. ئايال ئېرىنىڭ ئۆيىگە ياتلىق بولۇپ كەلگەندە، ئۇ ئېرىنىڭ ئائىلىسىگىلا مەنسۇپ بولۇپ، ئېرىنىڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئېرىنىڭ ئۇرۇقىغا مەنسۇپ بولۇپ، ئېرىنىڭ ئۇرۇقىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان. ئەگەر ئېرى ئۈلۈپ كېتىپ، قايتا ياتلىق بولماقچى بولسا، ئېرىنىڭ ئائىلىسىدىنلا ئايرىلىپ قالماستىن، يەنە ئېرىنىڭ ئۇرۇقىدىنمۇ ئايرىلىپ قالغان. شۇڭا، ئۇلارنى ئۇرۇقتا ئېلىپ قېلىش ئۈچۈن، ئېرىنىڭ باشقا خوتۇنىدىن بولغان ئوغۇللىرى ياكى ئاكا- ئۇكىلىرى ئۇلارنى نىكاھىغا ئالغان. خەن ۋېندى دەۋرىدە، ياتلىق قىلىنغان مەلىكىگە ھەمراھ بولۇپ تەڭرىقۇت ئوردىسىغا بارغان جۇڭ خاڭيۇ: « ھۇنلاردا ئاتىسى ئۆلسە ئوغلى ئۆگەي ئانسىنى ئېلىشى، ئاكىسى ئۆلسە خوتۇنىنى ئىنىسى ، ئىنىسى ئۆلسە ئۇنىڭ خوتۇنىنى ئاكىسى ئېلىشى، ئۇلارنىڭ ئۆز نەسەبىنىڭ بۇزۇلىشىدىن قورققانلىقىدۇر. ھۇنلاردا ئادەت قالايمىقان بولسىمۇ، لېكىن نەسەب ساقلاپ قېلىنغان [15] دېگەن. بۇ دەل ھۇنلارنىڭ بۇ خىل نىكاھلىنىش ئادىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە تارىخىي مەزمۇنىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
         ئۇنىڭدىن قالسا، ئاتىلىق ئائىلە باشلىقلىق تۈزۈمىدىكى ئائىلە جۈپ نىكاھلىق ئائىلىدىن كېلىپ چىققان، جۈپ نىكاھلىنىش ئىپتىدائىي توپ نىكاھلىنىشنىڭ راۋاجى بولغاچقا، ئاتىسى ئۆلسە ئۆگەي ئانىسنى خوتۇن قىلىش، ئاكىسى ئۆلسە ئىنىسى، ئىنىسى ئۆلسە خوتۇنىنى ئاكىسى خوتۇن قىلىش ئادىتىمۇ ئىپتىدائىي توپ نىكاھلىنىشنىڭ بىر خىل قالدۇقى ھېسابلىنىدۇ.
         بۇنىڭدىن باشقا، مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردىن باشلاپ ھۇنلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقتىن، ئۇرۇقداشلىق جامائەسىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا شەخسىي چارۋىسى بار يەككە ئائىلىلەرنىڭ كىچىك ئىگىلىكى بارلىققا كېلىپ، ئۇرۇقداشلىق جامائەسى پەيدىنپەي راۋاجىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. باي- كەمبەغەللىككە بۆلۈنۈشنىڭ پەيدىنپەي كەسكىنلىشىشكە ئەگىشىپ، يەككە ئائىلىلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى رولى پەيدىنپەي ئۇرۇقنىڭ رولىدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ چاغدا تۇل قالغان ئانىسى ۋە يەڭگىسىنى ئائىلىدە ئېلىپ قېلىش، ئىلگىرىكى قەدىمىدىن ساقلىنىپ قالغان ئادەتنى چىقىش قىلىشتىن بىر جەمەتتىكى يەككە ئائىلىلەرنىڭ ئەمگەك كۈچىنى ساقلاپ قېلىش ياكى ئائىلىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى ئاشۇرۇشتەك مەنىگە ئۆزگەرگەن. «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە: «خەن پىڭدى دەۋىدە (مىلادىيە 1 ~ 5- يىللار)، ھۇنلار كونا قائىدە بويىچە ئوغانلاردىن سېلىق يىغىش ئۈچۈن ئەلچى ئەۋەتكەندە، ھۇنلارنىڭ ئاياللىرىمۇ سودا قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا ئەگىشىپ بىللە بارغان» دەپ خاتىرلەنگەن. بۇنىڭدىن ھۇن ئاياللىرىنىڭ ئاتىلىق ئائىلە باشلىقلىق تۈزۈمىدىكى ئائىلە شارائىتىدا ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى بولسىمۇ، لېكىن ئاتا ھۇقۇقچىلىقىدىكى ئائىلە باشلىقىنىڭ يېتەكلىشىدە ئىشلەپچىقىرىش ۋە باشقا ئەمگەكلەرگە قاتنىشىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. جۈملىدىن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان نىكاھ جەھەتتىكى كونا ئۆرپ- ئادەتلەر تايىنىدىغان تارىخىي شەرت- شارائىتى (توپ نىكاھلىنىش ۋە ئۇرۇقنىڭ مەۋجۇتلىقى) يوقالغان ياكى كۈنسېرى تەۋرىنىڭ قالغان بولىسمۇ، يېڭى شەرت- شارائىت ( ئائىلە ۋە جەمەتنىڭ بارلىققا كېلىشى) ئۇنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، بۇ خىل ئۆرپ- ئادەتنى ساقلاپ قالغان. بۇ دەل ھۇنلاردا بۇ خىل نىكاھ تۈزۈمىنىڭ ئۇزاققىچە ساقلىنىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر.
          ئاتىسى ئۆلسە ئوغلى ئۆگەي ئانىسىنى، ئاكىسى ئۆلسە خوتۇنىنى ئىنىسى، ئىنىسى ئۆلسە خوتۇنىنى ئاكىسى ئېلىش نەتىجىسىدە ھۇنلاردا بىر ئەر، كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈم تېخىمۇ ئومۇملاشقان. يازما ماتېرياللاردىكى خاتىرىلەردىن بىز ھۇنلارنىڭ ئۆگەي ئانىسى ۋە يەڭگىسىنى خوتۇن قىلىشىغا ئائىت كونكىرىت مىساللارنى كۆرسىتىپ بېرەلەيمىز. مەسلەن، مىلادىدىن بۇرۇنقى 31- يىلى (چېڭدىنىڭ جيەنشى 2- يىلى) قوغۇشار تەڭرىقۇت ئۆلگەندە، ئوغلى داتاۋ بۇقا تەڭرىقۇتلۇق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، فۇجۇرجۇت تەڭرىقۇت دەپ ئاتالغان ۋە ئۆگەي ئانىسى ۋاڭ جاۋجۇننى خوتۇنلۇققا ئالغان. يەنە مىلادىدىن بۇرۇنقى 68- يىلى (شۈەندىنىڭ دىجې 2- يىلى) ئۇيانجۇت تەڭرىقۇت ئۆلگەندە، ئورنىغا ئىنىسى شۇرۇچانچۇ تەڭرىقۇت چىقىپ،م ئوڭ قول بۈيۈك سەركەردىنىڭ قىزىنى چوڭ ئالچى قىلغان. ئەمما ئىلگىركى تەڭرىقۇتنىڭ ئالچىسى جۈەنچۇ ئالچىنى ئەمەلدىن قالدۇرۋەتكەن. ئۇنىڭ يېڭىدىن خوتۇن ئېلىپ تۇل قالغان يەڭگىسىنى تاشلىۋېتىشى ئاكىسى ئۆلسە خوتۇنىنى ئىنىسى ئالىدىغان ئادەتكە خىلاپ بولغاچقا، ئۇ جۈەنچۇ ئالىنىڭ دادىسى سول قول   بۈيۈك جورچىنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرىغان [16].
          ئۆگەي ئانىسىنى خوتۇن قىلىش بىر خىل نىكاھ ئادىتىلا بولۇپ قالماستىن، يەنە بىر خىل نىكاھ تۈزۈمىدۇر. ئۇ ئىلمىي ساھەدە ئادەتتە «نىكاھقا ۋارىسلىق قىلىش» دېيىلىدۇ. نىكاھقا ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى ھۇنلاردا بولۇپ قالماستىن، شىمالدىكى باشقا نۇرغۇنلىغان كۆچكەن چارۋىچى مىللەتلەردىمۇ بولغان بولۇپ، پەقەت شەكىل جەھەتتىن سەل ئوخشىمايدۇ. مەسلەن: مىلادىدىن بۇرۇنقى 2- ئەسىرنىڭ ئالدى- كەينىدە، ھازىرقى گەنسۇدىكى خېشى كارىدورى ئەتراپىدا چارۋىچىلىق قىلىپ، كېيىن ھازىرقى ئىلى دەرياسى ئەتىراپىدا چارۋىچىلىق قىلىپ، كېيىن ھازىرقى ئىلى دەرياسى ۋادىسىغا كۆچۈپ كەلگەن ئۇيسۇنلاردا، شەكىل جەھەتتىن ھۇنلارنىڭكىگە ئوخشمايدىغان نىكاھقا ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى ۋە ئاكىسى ئۆلسە خوتۇنىنى ئىنىسى، ئىنىسى ئۆلسە خوتۇنىنى ئاكىسى ئالىدىغان ئادەت ساقلانغان. «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە ئۇيسۇنلانىڭ كۈنبېگىگە ياتلىق قىلغان. كۈنبەگ قېرىپ قالغاندا نەۋرىسى سەنجۇرغا شىجۈننى خوتۇن قىلىشنى بۇيرىغان. شىجۈن ئۆلگەندىن كېيىن خەن سۇلالىسى جيېيۈ مەلىكىنى سەنجرغا ياتلىق قىلغان. سەنجۇر ئۆلگەندە، تاغىسى دالۇنىڭ ئوغلى ئۇنغۇمى جيېيۈنى خوتۇن قىلغان.ئۇنغۇمى ئۆلگەندە سەنجۇرنىڭ ھۇن ئايالدىن بولغان ئوغلى نىمى (ئۇنغۇمىنىڭ جىيەنى) جىيېيۈنى يەنە خوتۇن قىلغان. بۇنىڭدىن ئۇيسۇنلاردىكى نىكاھقا ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى ۋە ئاكىسى ئۆلسە خوتۇنىنى ئىنىسى، ئىنىسى ئۆلسە خوتۇنىنى ئاكىسى ئالىدىغان ئادەت ھۇنلارنىڭكىگە قارىغاندا بىر قەدەر مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ: (1) ئوغلى ئۆگەي ئانىسىنى خوتۇن قىلىپلا قالماستىن، نەۋرىسىمۇ ئۆگەي ئانىسىنى خوتۇن قىلغان؛ (2) بوۋىسى ئۆلمىسىمۇ ئۆگەي چون ئانىسىنى يەنىلا خوتۇن قىلالىغان؛ (3) تاغىسى ئۆلگەندە جىيەنى تاغىسىنىڭ ئايالىنى خوتۇن قىلالىغان؛ (4) ئاكىسى ئۆلسە خوتۇنىنى ئىنىسى، ئىنىسى ئۆلسە خوتۇنىنى ئاكىسى خوتۇن قىلىپلا قالماي، نەۋرە ئاكا- ئىنىلەر مۇشۇنداق قىلغان. بۇ خىل نىكاھ تۈزۈمى ۋە ئادەت تېخىمۇ بەك ئىپتىدائىي خاراكتېرنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، ئۇيسۇنلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئىپتىدائىي ئۇرۇقداشلىق جامائەسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئىپتىدائىي تارىخىي باسقۇچى بىلەن ئۆز- ئارا ماسلاشقان.
    مىلادىيە 4-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا چوڭ چۆللۈكنىڭ جەنۇپ- شىمالىدا باش كۆتۈرگەن جۇرجانلاردىمۇ نىكاھقا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئاكىسى ئۆلسە خوتۇنىنى ئىنىسى، ئىنسى ئۆلسە خوتۇنىنى ئاكىسى خوتۇن قىلىش ئادىتى ساقلانغان. «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى» 13- جىلد «خانىشلارنىڭ تەرجىمھالى» دا: «شېنۋۇ (شەرىقىي ۋېي خانى گاۋخۇەن) جۇرقان قاغان ئاناغانىڭ مەلىكىسىنى ئەمىرىگە ئالغان. شېنۋۇ ئۆلگەندىن كېيىن ۋېنرۇڭ (گاۋ خۇەننىڭ ئوغلى گاچېڭ) جۇرجانلارنىڭ قائىدىسى بويىچە مەلىكىنى ئەمىرىگە ئېلىپ، بىر قىز كۆرگەن» دەپ خاتىرلەنگەن. ۋېنراڭ جۇرجان مەلكىسىنى جۇرجانلارنىڭ قائىدىسىگە (ئۆگەي ئانىسىنى خوتۇن قىلىشنىڭ ئادەتكە) ئاساسەن ئەمىرىگە ئالغانىكەن. دىمەك ئۆگەي ئانىسىنى خوتۇن قىلىش ئادىتى جۇرجانلاردا ناھايتى كەڭ تارقالغان. يەنە «ۋېينامە» 103- جىلك «جۇرجانلار ھەققىدە قىسسە» دە: «تولۇن ئۆلگەندە ناغاي ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان. فۇتۇ (تولۇننىڭ نەۋرە ئىنىسى) تولۇننىڭ خوتۇنى لۇ لىڭشىنى ئەمرىگە ئېلىپ، چۇنۇ، ئاناغاي قاتارلىق ئالتە پەرزەنت كۆرگەن» دەپ خاتىرلەنگەن. بۇنىڭدىن ئاكا- ئىنى، ھەتتا نەۋرە ئاكا- ئىنىلەر يەڭگىسىنى خوتۇن قىلىدىغان ئادەتنىڭ جۇرجانلاردىمۇ ساقلانغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
          مىلادىيە 6-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چوڭ چوللۈكنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا باش كۆتۈرگەن تۈركلەردىمۇ نىكاھقا ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى بولغان. «شىمالىي سۇلاسىلەر تارىخىي» 99-جىلد «تۈركلەر ھەققىدە قىسىسە» ۋە «ئومۇمىي قامۇس» 197-جىلد «تۈركلەر» دە خاتىرىلىنىشىچە، سۈي سۇلالىسىنىڭ يىچىڭ مەلىكىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ چىمەن قاغان، چىمەن قاغاننىڭ ئوغلى شىبى قاغان، شىبى قاغاننىڭ ئىنىسى چۇلۇق قاغان، چۇلۇق قاغاننىڭ ئىنىسى ئىل قاغانغا ياتلىق بولغان. بۇ تۈركلەرنىڭ نىكاھ ئادىتىدە ئاتا-بالا ۋە ئاكا –ئىنىنىڭ نىكاھقا ۋارىسلىق قىلىشىنىڭ تەڭ ساقلانغانلىقىنى ئىسپاتالايدۇ.
         ھۇنلارنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتىدىكى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر خىل ئەھۋال شۇكى، ئەڭ ئالىي ھۆكۈمران بولغان تەڭرىقۇت كۆپىنچە ئۆز پەرزەنتلىرىنى باشقىلارغا نىكاھلاپ بېرىش ئارقىلىق، بۇنى ئۇلارنى سىياسىي جەھەتتىن ئۆزىگە تارتىشنىڭ ۋاستىسى قىلغان. مەسلەن، خەن ۋۇدى «ھۇنلارنىڭ ئوڭ قولىنى كېسىپ تاشلاش» ئۈچۈن مەلىكە جيېيۈنى ئۇيسۇن كۈنبېگىگە ياتلىق قىلغاندا، كۈنبەگ ئۇنى ئوڭ خانىش قىلغان.ھۇن تەڭرىقۇتىمۇ ئۇيسۇنلار بىلەن خەن سۇلالىسىنىڭ ئىتتىپاقىنى بۇزۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قىزىنى كۈنبەگكە ياتلىق قىلغاندا، كۈنبەگ ئۇنى سول خانىش قىلغان [17]. يەنە يۈەندى دەۋرىدە قۇتىئۇش تەڭرىقۇت چۆللۈكنىڭ شىمالىدا پۇت تىرەپ تۇرۇشقا ئامالسىز قېلىپ غەربكە كۆچۈپ كانگىيىگە بارغاندا، كانگىيە خانى ئۇنىڭ ئابرويىدىن پايدىلىنىپ غەربىي يۇرتتىكى ھەر قايسى ئەللەرگە تەھدىت سېلىش ئۈچۈن قىزىنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلغان. قۇتىئۇش تەڭرىقۇتمۇ قىزىنى كانگىيىگە خانىغا ياتلىق قىلغان [18]. شۇنداق قىلىپ ئىككى تەرەپ ئۆز- ئارا بىرلەشكەن. يەنە خەن ۋۇدى دەۋرىدە، خەن سۇلالىسىنىڭ ئۆڭكۈ تۆرىسى جاۋ شىن (ھۇنلارنىڭ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغان كىچىك خانى) ھۇنلارغا تەسلىم بولغاندا، تەڭرىقۇت ئۇ خەن سۇلالىسىدە ئۇزاق مۇددەت تۇرغان. خەن سۇلالىسىنىڭ ھەربىي، سىياسىي ئەھۋالىنى پىششىق بىلىدۇ دەپ قاراپ، ئۇنى نائىب خان قىلىپ، ئاچىسىنى ئۇنىڭا ياتلىق قىلىپ، ئۇنىڭدىن پايدىلانماقچى بولغان [19].كېيىن سۇترىشىنا سانغۇن لى گۇاڭلى ھۇنلارغا تەسلىم بولغاندىمۇ، تەڭرىقۇت سۇترىشىنا سانغۇننىڭ خەن سۇلالىسىنىڭ داڭلىق سەركەردىسى ۋە مۇھىم ۋەزىرى ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكتىن، قىزىنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىپ، ئۇنى ۋېيلۇدىنمۇ بەك ئەتىۋارلىغان [20]. يۇقىردىكى ئەھۋاللار ئېھتىمال خەن سۇلالىسى فېئوئودال ھۆكۈمرانلىرىنىڭ قۇدىلىشىش سىياسىتى ۋە تېزگىنلەش سىياسىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولسا كېرەك.
         ھۇنلارنىڭ ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىدىن قېلىپ قالغان ئۆرپ- ئادەتلىرى ئىچىدە، دۈشمەننى ئۆلتۈرگەنلەرنى مۇكاپاتلاشمۇ بىر خىل ئادەت بولغان. «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە: «ھۇنلار ئۇرۇش قىلغاندا دۈشمەندىن بىرنى ئۆلتۈرسە بىر ئاپقۇر شاراپ مۇكاپات بېرىلەتتى» دەپ خاتىرلەنگەن. بۇ دەل دۈشمەننى ئۆلتۈرگەنلەرنى مۇكاپاتلىشىدىكى ئىپادىسى بولغان. بۇ خىل ئادەت بۇرۇن جامائەنىڭ دۈشمەننى قىرىشتا خىزمەت كۆرسەتكەن ئۇرۇق ئەزالىرىنى مۇكاپاتلاشتىكى بىر خىل ئۇسۇل بولغان. كېيىنمۇ خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنىڭ بارلىققا كېلىشى، سىنىپنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئۇرۇق ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ئۇرۇق ئەزالىرىنى باشقا مىللەت خەلقلىرىنى بۇلاڭ- تالاڭ قىلىش ئۇرۇشىغا قاتنىشىشقا قىزىقتۇرىشى ۋە مەجبۇرلىشىغا ئەگىشىپ، ئەسلىدىكى بىر ئاپقۇر شاراب مۇكاپات بېرىش، قولغا چۈشۈرگەن ئەسىرلەر ۋە مال- مۈلۈكلەرنى ئىنئام قىلىپ بېرىشكە ئۆزگەرگەن. كېيىن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشى ۋە قۇللۇق تۈزۈمنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن ئۇ ئەسىرلەرنى قۇل- دىدەك قىلىشقا ئۆزگەرگەن. بۇ خىل مەنپەئەتنىڭ قىزىقتۇرىشى ۋە ئەسىرلەرنى قۇل قىلىپ ئەمگەك كۈچلىرىنى تولۇقلاش ئېھتىياجىنىڭ تۈرتكىسىدە، ھۇنلار جەڭ قىلغاندا، ھەر بىر جەڭچى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە كۆپرەك ئەسىر ئېلىپ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ قۇلى قىلىۋالغان. بۇ خىل ئادەت دەل ھۇن جەمئىيىتىنىڭ ئۇرۇقداشلىق جامائەسىدىن سىنىپى جەمئىيەتكە ئۆتۈشتىكى تەرەققىيات جەريانىنىڭ بىر خىل ئىنكاسىدۇر.
          ئۇرۇق ئەزالىرى ئارىسىدىكى ئۆز- ئارا ياردەم بېرىش ھۇنلار جەمئىيىتىدىكى يەنە بىر خىل ئېسىل ئادەت بولغان. بولۇپمۇ ئۇرۇش ۋاقتىدا بۇ خىل ئۆز- ئارا ياردەم تېخىمۇ زۆرۈر بولغان. «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە خاتىرلەنگەن جەڭدە قۇربان بولغانلارنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ كېلىش دەل مۇشۇ خىل ئۆز- ئارا ياردەمنىڭ ئىپادىلىرىنىڭ بىرىدۇر. كېيىن، ھۇن جەمئىيىتىدە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تەدىرجى قۇربان بولغۇچىنىڭ جەسىىتىنى قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۇنىڭ تەئەللۇقاتىغا ئېرىشىشنىڭ ۋاستىسى بولۇپ قالغان.
         ھۇنلار «قۇرامىغا يېتىپ ئوقيا تارتقۇدەك بولغاندىلا ھەممىسى ئاتلىق ئەسكەر بولىدىغان»، ھەربىي تەشكىل بىلەن ئىشلەپچىقىرىش تەشكىلىي بىرلەشتۈرۈلگەن. ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى بىلەن ھەربىي يۈرۈش تۇرمۇشىنىڭ بارلىق مەزمۇنىنى تەشكىل قىلغانلىقتىن، ھۇنلار جەمئىيىتىدە بىر ئادەمگە باھا بېرىشىمۇ، ئۇنىڭ ئەمگەك ۋە ئۇرۇشتا (بولۇپمۇ ئۇرۇشتا) ئوينىغان رولىنى ئۆلچەم قىلغان. زەربەردەس ياشلار، بولۇپمۇ ئەمگەك ۋە ئۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلەر جەمئىيەتنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشكەن. قېرى- ئاجىزلار دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە مۇئامىلىگە ئۇچرىغان. جۇڭ خاڭيۆ: «ھۇنلار ئۇرۇشنى كەسپ قىلغان. ئۇلارنىڭ قېرى- ئاجىزلىرى ئۇرۇشقا بارمىغانلىقتىن، ئۆزلىرىنى قوغداش ئۈچۈن يېمەكىلىكلەرنىڭ ياخشلىرىنى نەۋقىرانلىغا بېرىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە ئۆز قوۋمىنى قوغدىغانلىق. بۇ خۇددى ئاتىنىڭ بالىنى ئاسرىغىنىغا ئوخشاش ئىش» دېگەن. «تارىخىي خاتىرلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دېيىلگەن ھۇنلاردا مالنىڭ سېمىزىنى قاۋۇل- قىرانلىرى، ئاشقانلىرىنى قېرى- ئاجىزلىرى يېيىشى، ساغلام ياشلارنىڭ ئەتىۋارلىنىپ، قېرى- ئاجىزلارنىڭ كەمسىتىلىشىنىڭ سەۋبى دەل مۇشۇنىڭدىدۇر. ھۇنلار باتۇرلۇقنى قەدىرلىگەن. لېكىن باتۇرلارنىڭ مۇددىئاسى ۋە ئۈنۈمىنىڭ قانداقلىقى بىلەن ئانچە بەك ھېسابلىشىپ كەتمىگەن. «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە خاتىرلىنىشىچە، تۈمەن تەڭرىقۇت چوڭ ئوغلى باتۇرنى كۆزدىن يۇقۇتۇپ، تەختنى ئامراق كىچىك ئوغلىغا بەرمەكچى بولۇپ، باتۇرنى ياۋچىلارغا تورغاقلىققا ئەۋەتكەن ھەم ئارقىدىنلا قوشۇن چىقىرىپ ياۋچىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ياۋچىلارنىڭ قولى بىلەن باتۇرنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان. ھالبۇكى، باتۇر ياۋچىلار خانىنىڭ تۇلپارنى ئوغرلاپ قېچىپ كەتكەن. تۈمەن تەڭرىقۇت ئۇنى باتۇر دەپ ماختاپ، ئۇنى ئون مىڭ چەۋاندازغا باش قىلغانلىقى خاتىرلەنگەن. يەنە «كېيىنكى خەننامە» 54- جىلد «لى لىڭنىڭ تەرجىمھالى» دا خاتىرلىنىشىچە، لى لىڭ ھۇنلارغا تەسلىم بولغاندىن كېيىن، خەن سۇلالىسىنىڭ چېگرىدا تۇرۇشلۇق لى شۇ ئاتلىق يەنە بىر كاھبېگىمۇ ھۇنلارغا تەسلىم بولغان. لى شۇ تەڭرىقۇتقا ئاتلىق ئەسكەرلەرنى ئىشلىتىپ خەن قوشۇنلىرىدىن مۇداپىئەلىنىشنى ئۆگەتكەنلىكتىن، خەن سۇلالىسى خاتالىشىپ بۇنى لى لىڭ ئۆگەتتى دەپ قاراپ، لى لىڭنى ئانىسى، ئۇكىسى ۋە خوتۇن- بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ جەمەتىنى قۇرۇتىۋەتكەن. لى لىڭ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ لى شۇنىڭ سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكىگە ناھايتى غەزەپلىنىپ، باشقىلاردىن پايدىلىنىپ لى شۇنى ئۆلتۈرۋەتكەندە، تەڭرىقۇت ئۇنى ماختاپ، قىزىنى ئۇنىڭا ياتلىق قىلىپ ئۇنى ئوڭ قول چېرىكچى بەگلىككە تەيىنلىگەن ۋە ئۇنى ناھايتى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىپ، سىياسىي ئىشلارغا قاتناشتۇرغان.
          ھۇنلاردا يەنە ئەھدى- پەيمان تۈزگەندە قان ئاققۇزدىغان بىر خىل ئادەت بولغان. گاۋشيۇ «خۇەينەنزى» 11- جىلد «قائىدە- يوسۇنلارغا رەددىيە» گە ئىزاھ بېرىپ: «ھۇنلار ئەھدى تۈزگەندە، ھاراقى ئادەم كاللىسىغا قويۇپ ئىچىپ قەسەم بېرەتتى» دېگەن. ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق بولغان. «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە: قوغۇشار تەڭرىقۇت خەن ئەلچىسى خەن چاۋ ۋە جاڭ مېىڭ بىلەن ئىتتىپالىق ئەھدى تۈزگەندە، نوشۈي دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى تاغقا چىقىپ ئاق ئات سويۇپ، ئاندىن شەمشىرى بىلەن ئالتۇن قىرىپ شاراپقا ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇنى كىئوك تەڭرىقۇت ئۆلتۈرگەن ياۋچىلار خانىنىڭ ئۆلتۈرۈپ باش سۆڭىكى قۇيۇپ بىلىكىدىن قان چىقىرىپ شاراپقا تېمىتىپ بىرلىكتە قەسەم قىلىشقان.

    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.