ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-10-25

    ھۇنلارنىڭ ئومۇمى تارىخىنىڭ داۋامى - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/80705224.html

    (6) جىڭلۇ، فۇنى
          ھۇنلار قىلىچنى «جىڭلۇ» دەپ ئاتىغان. «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە : «قوغۇشار تەڭرىقۇت جىڭلۇسى بىلەن ئالتۇننى قىرىپ شارابقا ئارلاشتۇرغاندىن كېيىن، خەن ئەلچىسى بىلەن بىللە ئىچىپ قەسەم بېرىپ ئىتتىپاقلاشتى» دەپ خاتىرلەنگەن. يەن شىگۇ يىڭ چاۋنىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىپ : «جىڭلۇ، ھۇنلارنىڭ قىلىچىدۇر» دەپ ئىزاھلىغان. 1958- يىلى ئىچكى موڭغۇلنىڭ خولىنگىر ناھىيىسى فەنجىياياۋ كەنتىدىن بايقالان يېغىلىق دەۋرىگە مەنسۇپ بىر قەبىردىن بىر دانە كېپىنەك قانىتى شەكىللىك قىسقا مىس قىلىچ قېزىۋېلىنغان [21] بولۇپ، ئارخېئولوگلار بۇنداق مىستىن ياسالغان قىسقا قىلىچ دەل ھۇنلارنىڭ شەمشىرى، دەپ قارىغان.
          ھۇنلار خۇمرىنى «فۇنى» دېگەن. «خەننامە. سۇ ۋۇنىڭ تەرجىمھالى» دا: «س ۋۇ بايقال كۆلىدە تۇرىۋاتقاندا، تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى ئۈكەن خان سۇ ۋۇغا خۇمرا تەقدىم قىلدى» دەپ خاتىرلەنگەن. يەن شىگۇ مېڭ كاڭنىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىپ: «فۇنى شىشىگە ئوخشايدۇ. ئاغىزى كىچك، قورسىقى چوڭ، تەڭلىكى تۈز، ھاراق، قېتىق قاچىلاشقا ئىشلىتىلىدۇ» دەپ ئىزاھلىغان. يەنە جېن شۇنىڭ بايانىدىن نەقىل ئېلىپ: «خېدۇڭنىڭ شىمالىدىكلەر ئىككى كۈرە ئەتراپىدا بىر نەرسە سىغىدىغان ساپال كۈمزەكنى فۇنى دەيدۇ» دەپ ئىزاھلىغان. يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بېرى چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ھۇن قەبرىلىرىدىن بۇ خىل خۇمرىلار ناھايتى كۆپ تېپىلغان.

    (7) مىلى، جۇڭلى
          ھۇنلار پىشلاقنى «مىلى» ، قايماقنى «جۇڭلۇ» دەپ ئاتىغان. «خەننامە» 87- جىلد «ياڭ شىيۇڭنىڭ تەرجىمھالى» دا «تۆگىلەرنى قوغلاپ پىشلاقلارنى كۆيدۈردۇق» دېيىلگەن. يەن شىگۇ جاڭ يەننىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىپ: «مىلى پىشلاق دېگەنلىك بولىدۇ، ئۇ سۈزۈمدۈر، ئۇنى كۆيدۈرۋېتىش ھۇنلارنىڭ ئۇزۇقىنى يوق قىلغانلىق بولىدۇ» دەپ ئىزاھلىغان.
          «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە، جۇڭ خايڭيۆ تەڭرىقۇتقا :ئۆز نەرسلىرىنى تاشلاپ خەن سۇلالىسىنىڭ نەرسىلىرىگە ھېرىس قىلماسلىق» توغرىسىدا نەسىھەت قىلغاندا، «خەننىڭ يىمەكلىكلىرى سۈت- قايماقلاردەك تەملىك ئەمەس» دېدى، دەپ خاتىرلەنگەن. «شەرھىنامە» دە يەنئەننىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىنىپ: «جوڭلۇ قايماق دېگەنلىك بولىدۇ، ئۇ سۈتنىڭ شىرنىسى» دېيىلگەن.
          يۇقىرقى ھۇن سۆزلەملىرى يازما ماتېرىياللارغا ئاساسلىنىپ مەنىسىنى بىلگىلى بولىدىغان سۆزلەر بولۇپ، يەنە «مودۇ» ، «تۈمەن» (تۈمەن، باتۇرنىڭ ئاتىسى)، «جىيۇ» (كىئوك، باتۇرنىڭ ئوغلى)، «لۇ لى» (سول قول، ئوڭ قول خانلاردىكى قول)...... دېگەندەك ئوقۇلۇشى ئالاھىدىرەك، مەنىسى ئېنىقراق سۆزلەرمۇ بار. بۇ يەردە كۆپ مۇلاھىزە قىلىمىدى [22]. نۆۋەتتە جۇڭگو ۋە چەتەللەردىكى نۇرغۇنلىغان ئالىملار سېلىشتۇرما تېلشۇناسلىقتىن پايدىلىنىپ، ھۇن تىلىنىڭ تىل سېستىمىسى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. بۇ ناھايتى مۇھىم ئۇسۇل.ئەمما، ھۇنلاردىن قالغان سۆزلەر بەك ئاز. يەنە كېلىپ ھۇنلار ئۆلگەندىن كېيىن، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ توڭگۇس، دىڭلىڭ، ياۋچى، ئۇيسۇن، ئۇغۇز، قىرغىز ۋە غەربى يۇرتتىكى مىللەتلەرنى بويسۇندۇرغان. بۇ قەبىلە ياكى ئۇلۇسلارنىڭ ھەممىسىلا ھۇنلار بىلەن بىر تىل ئائىلىسىگە مەنسۇپ ئەمەس. نۆۋەتت، تىلشۇناسلار ئومۇمەن توڭگۇسلارنىڭ تىلى مۇڭغۇل تىلى ئائىلىسىگە، دىڭلىڭ، ئۇغۇز قىرغىزلارنىڭ تىلى تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە مەنسۇپ، دەپ قاراشماقتا. ياۋچى،ئۇيسۇن ۋە غەربىي يۇرتتىكى مىللەتلەرنىڭ تىلىمۇ ئۆز- ئارا ئوخشىمايدۇ. شۇڭا، ھۇنلار بىلەن باشقا مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى تىل جەھەتتىكى ئارىلىشىش ۋە تەسىر كۆرسىتىش ناھايتى روشەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۇنلارنىڭ ئاساسىي قىسمى غەربكە كۆچكەندە، قېلىپ قالان ئون تۈمەن تۈتۈندىن ئارۇق ھۇن سىيانپىلرغا قوشۇلۇپ كەتكەن. يەنە بىر قىسىم ھۇنلار ئىزچىل چوڭ چۆللۈكنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئورخۇن دەرياسى ۋادىسىدا قېلىپ، مىلادىيە 5- ئەسىرگە كەلگەندە، توڭگۇس سېستىمىسىغا مەنسۇپ بولغان جورجانلار تەرىپىدىن قۇشىۋېلىنغان. جورجانلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلاردا يەنە تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە مەنسۇپ نەچچە ئون تۈمەن قاڭقىلار بولغان. كېيىن جورجانلارمۇ تۈركلەر تەرىپىدىن يوقىتىلغان. شۇڭا، بۇنىڭدىن ھۇنلار چۆللۈكنىڭ شىمالىنىڭ تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنگەندىن كېيىنمۇ ئۇلارنىڭ تىلىنىڭ يەنىلا ھەر قايسى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ھۇن تىلىدىكى نۇرغۇن سۆزلەملەرنىڭ كېيىنكى موڭغۇل تىلى ياكى تۈرك تىلىغا ئوخشاپلا قالماي، يەنە توڭگۇس تىلىغا ئوخشىشمۇ ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. ئەگەر بۇ ئامىللارنى ھىساپقا ئالماي، پەقەت نۆۋەتتە ساقلىنىپ قالغان نەچچە ئون ھۇن سۆزلەملىرىگە ئاساسلىنىپلا، ئۇلارنىڭ تىلىنىڭ قايسى تىل تۈركۈمگە مەنسۇپلىقىغا ھۆكۈم قىلساق، بۇنداقتا چۇقۇم ئىلگىركى بەزى چەتئەل ئالىملىرىغا ئوخشاش (مەسلەن، ياپونيىلىك بەينياۋ كۇجى بۇلارنىڭ بىرى) ھۇنلارنى بىر دەم تۈركىي تىلىدىكى مىللەت دىسە، بىر دەم موڭغۇل تىلى تۈركۈمدىكى مىللەت دەيدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ [23].
        ئىزاھلار:
    [1]س. دورجى سورۇڭ: «شىمالىي ھۇنلار» ، 1- باپ «شىمالىي ھۇنلارنىڭ قەبرىلىرى». يەنە نوڭاين تېغىدىكى 5- نومۇرلۇق ھۇن قەبرىسىدىن بىر ھۇننىڭ مۇكەممەل باش سۆڭىكى چىقان. بۇ ھۇنلارنىڭ ئىرقىنى ئىرىقشۇناسلىق جەھەتتىن تەتقىق قىلىشتىكى ناھايتى قىممەتلىك ماددىي ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ باش سۆڭىكى ئوبدان قوغدالمىغانلىقى ئۈچۈن، موڭغۇلىيە مەركىزىي مۇزېيدا پارچىلىنىپ كەتكەن.
    [2] جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى تۈزگەن «فېڭشىدىكى قېزىش دوكلاتى» (مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى نەشىرياتى 1963- يىلى نەشىر)، 138 ~ 140- بەتلەر.
    [3] س. دورجى سورۇڭ: «شىمالىي ھۇنلار» ، 1- باپ «شىمالىي ھۇنلارنىڭ قەبرىلىرى».
    [4] ن. يىشى جامسۇ: «ھۇنلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ۋە جەمئىيەت تۈزۈمى» ، 196- يىلى ئۇلانباتور پەنلەر كومىتېتى نەشىر قىلغان «ئاكادېمىيىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى»، 1- سان.
    [5] ئامېركا ئالىمى ۋ. م. مېكگوۋېرىننىڭ غەربكە كۆچكەن ھۇنلارنىڭ ئېتنىك تەركىبىي توغرىسىدىكى مۇنداق بىر ئابزاس سۆزى پايدىلىنىشقا ئەرزىيدۇ. ئۇ: «ھۇنلار ئىلگىرى يىراق شەرقتە ئۇزاق ئولتۇراقلاشقاچقا ھەم داۋاملىق جۇڭگولۇقلار ۋە موڭغۇل ئېرقىدىكىلەر بىلەن نىكاھلانغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ قېنىغا موڭغۇل ئېرقىدىكىلەرنىڭ قېنى كۆپ ئارىلاشقان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، گوتلار ۋە رىملىقلار ئۇلارنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان. لېكىن، ئۇلار ھەرگىزمۇ ساپ موڭغۇل ئېرقىدىكىلەر ئەمەس. ھۇنلار موڭغۇلىيىدە ماكانلاشقان چاغدا، ھىندى- ياۋروپا ئىرقىدىكى ئارىئانلار ۋە فىن- ئوغۇرلار بىلەن نىكاھلانغانلىقتىن،ئۇلارنىڭ مۇڭغۇل ئېرقىنىڭ ئامىللىرى ئازىيىشقا يۈزلەنگەن. بۇ قاراش ۋېنگېرىيە ۋە ياۋروپانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ھۇنلارنىڭ قەدىمقى قەبرىلىرىدىن تېپىلغان ئىسكىتىلار ئارقىلىق ئىسپاتلاندى. بۇ ئىسكىلىتلارغا ئاساسلىنىپ يەنىمۇ ئىلگىرلەپ ھۆكۈم قىلغاندا، 4- 5- ئەسىرلەردە ياۋروپاغا بېسىپ كىرگەن ھۇنلارنىڭ ناھايتى ئارىلاش قانلىق ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىكى موڭغۇل قان سېستىمىسىنىڭ پەقەت بىر نەچچە مۇھىم ئامىلنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ» دېگەن ( «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمقى دۆلەتلەر تارىخىي»، 6- باب «ياۋروپاغا بېسىپ كىرگەن ھۇنلار» ، جاڭ جۈەن تەرجىمىسى، جۇڭگۇ كىتاپ ئىدارىسى 1958- يىلى نەشرى، 169- بەت).
    [6] «ۋېينامە» 95- جىلد «توبا ليۇخۇنىڭ تەرجىمھالى».
    [7] شېن زېڭخ: «خەيرى راۋىقىدىكى پۈتۈكلەر توپلىمى» ،2- جىلد «سىيانپى تىلى ۋە موڭغۇل تىلى».
    [8] « نۇر گېزىتى. تارىخشۇناسلىق سەھپىسى» 1980- يىلى 11- ئاينىڭ 25- كۈنىدىى 202 سانىدىكى مى ۋېنپىڭ يازغان «چوڭ ھىنگان تېغىنىڭ شىمالىدىن تېپىلغان سىيانپىلارنىڭ تاش ئۆيىنىڭ خارابىسى» دېگەن ماقالىگە قاراڭ.  
    [9] ۋ. م. مېكگوۋېرىن «ھەر قايسى ئەل ئالىملىرىنىڭ ئۇزۇن يىل كەسكىن تالاش- تارتىش قىلىشى نەتىجىسىدە... نۆۋەتتە ك ۆپ قېتىم مۇتەخەسسىسلەر جۇڭگو تارىخنامىلىرىدىكى ھۆكۈملەرگە قوشۇلۇپ، ھۇنلارنىڭ تىلىنىڭ بىر خىل تۈرك تىلى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. ئەمەلىيەتتە كۆپىنچەيلەن شۇنىڭغا ئىشىنىدۇركى، ھۇن ئىمپېرىيىسى يىمىرىلگەندىن (مىلادىيە 91- يىلى) كېيىنكى نۇرغۇن ئەسىرلەر جەريانىدىلا موڭغۇلىيىدىكى مىللەتلەر ئارىسىدا موڭغۇل تىلى ئاندىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن. بۇ يەكۈن نۇقۇل ھالدا تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىن چىقىرىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھۇنلارنىڭ بىز بىلىدىغان ئېرقىي ئالاھىدىلىكىگىمۇ ماس كېلىدۇ. بىز شۇنىڭغا ئىشىنەلەيمىزكى، بۇ قەدىمقى ھۇنلار ئېرق ۋە تىل قاتارلىق جەھەتلەرنىڭ ھەممىسىدە تۈرك ئېرقىغا مەنسۇپ بولغان» دېگەن («ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمقى دۆلەتلەر تارىخىي»، 4- باپ «ھۇن ئىمپېريىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى»، جاڭ جۈەن تەرجىمىسى). يەنە ئاۋستىرىيە ئالىمى مائېنچېىن خېلفېن «تاكى 20- ئەسىرنىڭ 49- يىللىرىغا كەلگىچە ناھايتى ئاز كىشلەرلا ياۋروپادىكى ھۇنلار بىلەن جۇڭگودىكى ھۇنلارنىڭ بىردەكلىكىدىن گۇمانلىنىپ كەلگەن»، «قەبىلە ناملىرىدىن ھۆكۈم قىلغاندا، ياۋروپادىكى كۆپىنچە ھۇنلار مۇقەررەركى تۈركىي تىلىدا سۆزلەشكەن» دېگەن ( «ھۇنلار دۇنياسى»، 8- باپ «ئىرقىي»، 9- باپ «تىلى»، ئەنگىلىيە لوندون كلىفورنيە نەشىرياتچىلىق چەكلىك شىركىتى 1973- يىلى نەشرى).
    [10] ۋاڭ گوۋېي: «گۇەنتاڭ توپلىمى» 13- جىلد «غەربىي غۇزلار ھەققىدە تەھسىل».
    [11] «خەننامە» 55- جىلد «خۇ چۈبىڭنىڭ تەرجىمھالى» دا: «يۈەنشۇ 2- يىلى يازدا خۇ چۈبىڭ شىمالغا يۈرۈش قىلىپ تاكى تىلەن تېغىغىچە (چىليەنشەن تېغى، يەنە تەڭرى تېغى دەپمۇ ئاتلغان. ئەمما، ھازىرقى شىنجاڭدىكى تەڭرى تېغى ئەمەس) باردى» دەپ خاترلەنگەن. يەن شىگۇ بۇنى ئىزاھلاپ: «تىلەن تېغى تەڭرى تېغى دېگەنلىك بولىدۇ، ھۇنلار تەڭرىنى تىلەن دەيدۇ» دېگەن. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، «تىلەن» بىلەن «تەڭرى» بىر سۆزنىڭ ئوخشىمىغان ئاھاڭ تەرجىمىسىدۇر.
    [12] «تارىخىي خاتىرلەر، ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
    [13] «خەننامە» 2- جىلد «خۇيدى ھەققىدە خاتىرە».
    [14] «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
    [15] «خەننامە» 70- جىلد «چېن تاڭنىڭ تەرجىمھالى».
    [16] «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە: «ئۇلجۇت تەڭرىقۇت شان تەختكە چىققاندىن كېيىن، تۇغ ئالچىدىن تۇغۇلغان ئىنىسى رۇقۇننى ئوڭ قول بىلىك خان قىلدى» دەپ خاتىرلەنگەن. بۇ يەردىكى تۇغ ئالچى تۇغ خاننىڭ ئالچىسى دېگەن مەنىدە بولۇپ، باشقا مەنىسى يوق.
    [17] يۇقىرلارنى ئايرىم- ئايرىم ھالدا شەرھشۇناسلارنىڭ «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» گە بەرگەن ئىزاھلىرىدىن ۋە يەن شىگۇڭنىڭ «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» گە بەرگەن ئىزاھىدىن كۆرۈڭ،
    [18] « ‹خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە› نىڭ جۇغراپىيىلىك تەھسىلى»، جېجىياڭ كۈتۈپخانىسى مەجمۇئەسى.
    [19] «اركىس- ئېنگېلېس تاللانما ئەسەرلىرى»، 4- توم، خەلق نەشرياتى 1972- يىلى 5- ئاي 1- نەشرى.
    [20] ھۇنلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەركىزىي ھاكىمىيىتىنىڭ بىر تۇتاش باشقۇرۇشىنى قۇبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى خەن سۇلالىسى بىلەن چېگىرلىنىدىغان جايلاردا مۇداپىئە كۆرىدىغان ۋە سۈركىلىشنى پەسەيتىدىغان «بىتەرەپ رايون» بەلگىلىشى، ئېنگېلىسنىڭ يۇقىرقى بايانىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ.
    [21] 1963- يىلى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى نەشرياتى نەشىر قىلغان (ئىچكى موڭغۇل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما» 40- سۈرەت.
    [22] ھۇن تىلىدىكى بەزى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تىل ئادەتلىرى بويىچە بىلىش مۇمكىن (تەرجىماندىن). «تارىخىي خاتىرىلەر»، ئۇيغۇرچە نەشرى 12 ~ 13 بەتلەر. شىنجاڭ خەلق نەشرياتى 1987- يىلى 9- ئاي 1- نەشىر.
    [23] 1923- يىلى ياپونيىدە چىققان «تارىخشۇناسلىق ژورنىلى» نىڭ 18- سانىدىكى بەينىياۋ كۈچىنىڭ «موڭغۇللارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى» دېگەن ماقالگە قاراڭ.
    10- باپ ھۇنلارنىڭ مەدەنىيىتى
    1. يېزىق، قوشاق، مۇزىكا، سەنئەت
          ھۇنلارنىڭ ئۆزىنىڭ يېزىقى بارمۇ-يوق؟ يازما ماتېرياللارغا ئاساسلانغاندا، ھۇنلارنىڭ يېزىقى بولمىغان. ئارخېئولوگىيىلىك ماتىرياللاردىمۇ ھازىرغىچە مۇئەييەن ماددىي ئىسپات تېپىلمىدى. «تارىخى خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە، ھۇنلارنىڭ «يېزىقى يوق، سۆز بىلەنلا ئەھدىلىشىدۇ» دەپ خاتىرلەنگەن. «كېيىنكى خەننامە. جەنۇبى ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دىمۇ. قۇيان ئۇرۇقى قاتارلىق چوڭ ئۇرۇقلار «دەۋالارغا ھۆكۈم چىقارغاندا، ھۆكۈمنىڭ نەتىجىىسنى تەڭرىقۇتقا ئاغىزاكى مەلۇم قىلىپ قويىدۇ. يازىدىغان ۋە خاتىرلەيدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ» دەپ خاتىرلەنگەن. شۇنداق ئىكەن، ھۇن تەڭرىقۇتلىرىنىڭ لۇ خانىش ۋە خەن پادىشاھلىرىغا يازغان خەتلىرىنى شۈبھىسىزكى خەنزۇلار خەنزۇچە يېزىقتا يېزىپ بەرگەن. «جەنۇبىي ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە: «ھۇنلارنىڭ ئوڭ ئۈكەن باتىس خانى بى خەن سۇلالىسىغا ئەل بولۇش ئالدىدا گو خېڭ ئىسىملىك خەنزۇ كىشىنى مەخپى ئەۋەتىپ، ھۇنلار رايونلىرىنىڭ خەرىتىسىنى خەن سۇلالىسىنىڭ ئەمىر نۆكىرى لى ماۋغا تەقدىم قىلدى» دەپ خاتىرلەنگەن. تەبئىيكى، بۇ خەرىتىنىمۇ خەنزۇلار (ياكى گو خېڭ) سىزغان. ھالبۇكى، «خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»دە: «ئۇيسۇنلارنىڭ غەربىدىن ئارساكقىچە بولغان ئەللەرنىڭ ھەممىسى ھۇنلار بىلەن يېقىن ئۆتەتتى. شۇڭا، ھۇن ئەلچىلىرى تەڭرىقۇتنىڭ خېتىنى كۆتۈرۈپ بارسىلا، ھەر قايسى ئەللەر تەخىرسىز ئۇزۇق- تۈلۈك يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئۇلارنى قىيىنچىلىقتا قالدۇرمايتتى» دەپ خاتىرلەنگەن. ئۇنداقتا، تەڭرىقۇت ئۇيسۇنلارغا ۋە غەرپتىكى ھەر قايسى ئەللەرگە يازغان خەت زادى قايسى يېزىقا يېزىلغان؟ نۆۋەتتە دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ئالىملار بۇ مەسىلىنى تېخى يېشەلمىدى.
         ھۇنلارنىڭ كېينىچىرەك ئۆز يېزىقى ياكى يېزىق بەلگىسى بولغانمۇ، يوق؟ بۇ توغرلىقمۇ يازما ماتېرىياللاردىن ھىچقانداق خاتىرە تېپىلمايدۇ. لېكىن، ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللاردىكى ئىنتايىن تۇتۇق بەزى يالدامىلار بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىدۇ. 1941- يىلى ۋە 1944 ~ 1945- يىللىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئارخېئولوگى كېسلىيېۋ قازاق ئاپتونوم ئۆلكسىنىڭ مەركىزى ئاباقاننىڭ جەنۇبىغا سەككىز كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم نۇرغۇنلىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قېزىۋالغان. بەزى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئۈستىدە « Y»، «Ρ» ، «S» ، « ʎ » دېگەندەك يېزىق بەلگىلىرىنى بايقىغان. لېكىن، بۇ يېزىق بەلگىلىرىنىڭ ھىچقايسىسى ئېلىمىزنىڭ تارىخ ئەسەرلىرىدە ئۇچرىمايدۇ. يەنە كېلىپ بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ھۇنلارنىڭ ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى يەنىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. 1924 ~ 1925- يىللىرى يەنە ئارخېئولو كوزلوۋ نويان تېغىدىكى 16- نومۇرلۇق ھۇن قەبرىسىدىن «M» بەلگىسى بار بىر چىنە ھەم تېگىدە «؟ » بەلگىسى بار بىر سىرلانغان كوزا قېزىۋالغان. 1955- يىلى موڭغۇلىيە ئارخېئولوگى پەرلە بالوڭدورودىكى ھۇن شەھىرى خارابىسىدىن تېگىدە «؟ » بەلگىسى بار بىر ساپال تاۋاق قېزىۋالغان. نويان تېغىدىكى باشقا ھۇن قەبرىلىرىدىنمۇ تېگىدە « ؟» بەلگىسى بار بىر قىسىم ساپال تاۋاقلار قېزىۋېلىنغان [1]. ئۇنداقتا، بۇ يېزىق بەلگىلىرىنى ھۇنلار ئۆزى كەشپ قىلغانمۇ، ئەمەسمۇ؟ نۆۋەتتە قېزىۋېلىنغان چەكلىك ماتېرىياللارغا تايىنىپ، بۇنىڭغا ھازىرچە مۇئەييەن يەكۈن چىقىرىش سەل تەس كېلىدۇ [2].
         ھۇنلارنىڭ گەرچە يېزىقى بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن ناھايتى يېقىملىق ھەم تەسىرلىك قوشاقلىرى بولغان. «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە «شىخېدىكى بۇرۇنقى ئىشلار» دىن نەقىل ئېلىنىپ: «تىلەن تېغى (چىليىشەن تېغى) جاڭيې، جيۇچۈەن ئىككى ئايماقنىڭ چېگرىسىدا بولۇپ، غەربتىن شەرىققىچە ئىككى يۈز چاقىرىم، جەنۇپتىن شىمالغىچە يۈز چاقىرىم كېلەتتى. قارىغاي قاتارلىق دەرەخلەر ئۆسەتتى. ئوت-سۈيى مول، قىشتا ئىللىق، يازدا سالقىن بولۇپ، چارۋىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ناھايتى باپ كېلەتتى. ھۇنلار بۇ ئىككى تاغدىن (يەنە ئالچى تېغى بار) ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن:
                 ئايرىلىپ قالغاندا تىلەن تېغىدىن،
                 ئاۋۇماس بولۇپ قالدى چارۋا- مېلىمىز.
                 ئايرىلىپ قالغاندا ئالچى تېغىدىن،
                 مۇڭلىنىپ سارغايدى قىز- ئايالىمىز.
           دەپ قوشاق توقۇشتى» بۇ ھۇنلار مىلادىيدىىن بۇرۇنقى 121- يىلى (خەن ۋۇدىنىڭ يۈەنشۇ 2- يىلى) خەن سۇلالىسى تەرىپىدىن تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، تىلەن تېغى ۋە ئالچى تېغىدىن (بۇ ئىككى تاغ بىر قوشاق بولۇپ، قوشاقتا ئاساسلىقى ھۇنلارنىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىرى قوزغىغان بۇلاڭچىلىق ئۇرۇشلىرىدىن ۋە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي ھەم سىياسىي چېكىنىشتىن چەكسىز ھەسرەتلەنگەنلىكى روشەن ئىپادىلەنگەن. قوشاق گەرچە مۇڭلۇق بولسىمۇ، ئەمما ناھايتى چوڭقۇر مەزمۇنلۇق بولۇپ، قۇيۇق كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇش تۈسىگە ۋە رېئال چىنلىق پۇرىقىغا ئىگە بولغان. بۇ خىل ئالاھىدىلىك ھۇنلارنىڭ خەلق قوشاقلىرىنىڭ بىر خىل ئىدېئولوگىيىنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە ئەكس ئەتتۈرۈگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
           بۇ قوشاقتىكى «ئالچى تېغى» بلەن «مۇڭلىنىپ سارغايدى قىز- ئاياللىرىمىز» دېگەن مىساللارنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشىنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر مەنىسى بار. چۈنكى، ئالچى تېغىدىكى ئالچى ئەڭلىك دېگەن مەنىدە ئىدى. قوشاقتا، ئالچى تېغى ئالچى ۋە تەڭلىككە سىموۋۇل قىلىنغان بولۇپ، ھۇنلارنىڭ ئاياللىرى «قىزغۇچ» گۈل چېڭىدىن ياسايدىغان ئەڭلىك ئىدى. قوشاقتا، ئالچى تېغىدىن ئايرىلىپ قېلىپ گۈزەل ئالچىلاردىن بولالمىغانلىقىنى، «قىز- ئاياللارنىڭ مۇڭلىنىپ سارغايغانلىقى» ھۇنلارنىڭ قوشنا مىللەتلەر ئالدىدا ئابرويى ۋە شۆھرىتى قالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قوشاقنىڭ مەزمۇنى پاساھەتلىك، مەنىسى چوڭقۇر بولۇپ، بۇنىڭدىن قوشاقچىنىڭ ئۆزگىچە ماھارىتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەپسۇسكى، ھۇنلاردىن قالغان خەلق قوشاقلىرى كۆپ ئەمەس. بۇ پەقەت ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىلا خالاس.
           ھۇنلار جەنۇپ، شىمال ئىككىگە بۆلۈنۈشتىن ئىلگىرى، ئۇلارنىڭ ئۆز مۇزىكىسىنىڭ بار- يوقلىقى ھەققىدە يازما ماتېرىياللار ۋە ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللاردا ھازىرچە ھىچقانداق مەلۇمات يوق. جەنۇپ، شىمالغا بۆلۈنگەندىن كېيىنكى ئەھۋالدىمۇ، پەقەت «كېيىنكى خەننامە. جەنۇبىي ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە، جىيەنۋۇ 26- يىلى (مىلادىيە 50- يىلى) گۇاڭۋۇدىنىڭ جەنۇبى تەڭرىقۇت بىغا بەرگەن سوۋغاتلىرى ئىچىدە چالغۇ ئەسۋابلارنىڭ بارلىقى ھەم جيەنۋۇ 28- يىلى شىمالىي ھۇنلار قايتا ئەلچى ئەۋەتىپ قۇدىلىشىشنى تەلەپ قىلىپ چالغۇ ئەسۋابلىرى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، گۇاڭۋۇدىنىڭ شىمالىي تەڭرىقۇتقا يازغان جاۋاپ خېتىدە: «تەڭرىقۇت ئالدىنقى مەكتۇپلىرىدا مەرھۇم خاننىڭ ۋاقتىدا قوغۇشار تەڭرىقۇتقا تەقدىم قىلىنغان بالىمان، چاڭ، غۇڭقا قاتارلىق چالغۇلارنىڭ ھەممىسى چىرىپ بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن يېڭىنى بېرىشنى تەلەپ قىلىپتىكەنلا، مەن تەڭرىقۇتنىڭ ھاكىمىيىتى تېخى مۇستەھكەملىنىپ كەتمىدى. ھەربىي ئىشلارنى كۈچەيتىپ، جەڭنى ئاساسىي ۋەزىپە قىلىۋاتقاندا، چاڭ، قۇڭقا، بالىماننىڭ رولى ئېسىل ئوقتا، قىلىچنىڭكىگە يەتمەيدۇ دەپ قاراپ ئەۋەتمىدىم» دېگەنلىى تىلغا ئېلىنغان. بۇنىڭدىن غەربىي خەن سۇلالىسى ۋاقتىدا ھۇن تەڭرىقۇتلىرىنىڭ خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتى سوۋغا قىلغان بىر تۈركۈم چالغۇ ئەسۋابلارنى قۇبۇل قىلغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئەمما، بۇ ھەرگىزمۇ ھۇنلارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇزىكىسىنىڭ بار- يوقلۇق ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.
           شۇنداقتىمۇ، كېيىنكىلەرنىڭ شېئىر- قوشاقلىرى ھۇنلارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇزىكىسى بارلىقىنى يەنىلا ئازدۇر- كۆپتۇر ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ. ھۇنلاردا ئەڭ كەڭ تارقالغان چالغۇ ئەسۋابى چۆرى (نەيگە ئوخشاش بىر خىل چالغۇ ئەسۋاب ـ ـ تەرجىماندىن) ۋە دۇمباق بولغان. سەي ۋېنجى (تەخەللۇسى دەن) «چۆرىنىڭ ئون سەككىز ئۇدارى» [3] دېگەن، يەنە: «دۇمباقنىڭ يېقىملىق ساداسى كېچىچە ياڭراپ تۇرىدۇ» دەپ يازغان. سەي ۋېنجى شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىدا ياشىغان بولۇپ، «ھۇن چەۋەندازلىرى» تەرىپىدىن بۇلاپ كېتىلگەندىن كېيىن، ھۇنلار ئارىسىدا ئون ئىككى يىل ياشىغان [4].
           بۇنىڭدىن ئۇ تىلغا ئالغان چۆرى بىلەن دۇمباقنىڭ ھۇنلار ئارىسىدا تارقالغان چالغۇ ئەسۋاب ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ جەنۇبىي ھۇنلار كەشپ قىلغان چالغۇ ئەسۋاپى بولماستىن، بەلكى ھۇنلار جەنۇپ، شىمال ئىككىگە بۆلۈنىشتىن بۇرۇنلا بار ئىكەنلىكىنى قىياس قىلغىلى بولىدۇ. شۇڭا، «كېينكى خەننامە. دۇ شيەننىڭ تەرجىمھالى» دا؛ «دۇ شيەن قوشۇن باشلاپ ئالتۇن تاغقىچە بېرىپ، تەڭرىقۇت ئوردىسىدا چۆرى ئاڭلىدى» دەپ خاتىرلەنگەن.
            ھۇنلارنىڭ چۆرىسى كېيىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقىلىپ خەنزۇلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا مۇيەسسەر بولغان. جىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ليۇ شاۋ ۋە جىڭجۇ ئايمىقىنىڭ بېگى ليۇ كۈن ئىككىلىسى ياغاچ چۆرى چېلىشنى بىلىدىغان ھەم «قۇرۇل ئىچى- سىرتىدىكى مۇزىكىلارنىڭ ھەممىسىنى چالالايدىغان» بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ھۇنلار بۇنى ئاڭلىغاندا «يۇرتىنى سېغىنىپ»، ئىنتايىن تەسىرلەنگەن [5].
            ھۇنلارنىڭ سەنئىتى تېما جەھەتتىن ئۇلارنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك چارۋىچىلىق ۋە ئوۋچىلىق تۇرمۇشىنى رۇشەن ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. شۇڭا، ئۇلارنىڭ سەنئەت بۇيۇملىرىدا ھايۋانات شەكلى ياكى ھايۋانات سۈرئىتى ئەڭ ئومۇملاشقان . نويان تېغىدىكى ۋە چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ھۇن قەبرىلىرىدىن ئات، كالا، بۇغىنىڭ بېشى ياكى تېنى ھەم ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئۆز- ئارا ئېلىشىۋاتقان سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بەزى پالاز، مىس بېزەك، ئالتۇن ۋە كۈمۈش ياپراقچىلار تېپىلغان. يەنە بەزى سۆڭەك بۇيۇملارغىمۇ نەپىس ھايۋانات سۈرئىتى سىزىلغان. مەسىلەن، نويان يېغىدىكى «بارولد قەبرىسى» دىن لايدىن ياسالغان ئات ۋە تۆگە، ئالتۇندىن ياسالغان ياتقان ئات، ھايۋانات شەكلى ئويۇلغان كەھرىۋا شارچە؛ 1- نومۇرلۇق قەبرىدىن مىستىن ياسالغان ھايۋانات بېشى؛ 6- نومۇرلۇق قەبرىدىن ياغاچتىن ئويۇلغان ئات ۋە بۇغا ھەيكىلى، قاشتېشىدىن ئويۇلغان ئات، كالا، ۋە بوغا ھەيكىلى، ئالتۇندىن ياسالغان ھايۋانات ھەيكىلى؛ 12- نومۇرلۇق قەبرىدىن كالا سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن تاۋات ئۆتۈك؛ 23- نومۇرلۇق قەبرىدىن ھايۋانات بېشى نەقىشلىك مىس تاۋاق، تاشتىن ئويۇپ ياسالغان كال بېشى قاتارلىقلار قېزىۋېلىنغان.
           تېپىلغان پالازلارنىڭ كۆپۈنچىسىنىڭ گۈللىرى مۇرەككەپ، رەڭگى كۆركەم بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ گۈللىرى يەنە ھەر خىل رەڭلىك يىپلار بىلەن كەشتىلەنگەن. مەسىلەن، يۇقۇرىدا بايان قىلىنغان نويان تېغىدىكى 6- نومۇرلۇق قەبرىدىن تېپىلغان بىر پارچە پالازنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2.6 مېتىر، كەڭلىكى1.59 مېتىر، ئۈستى توق قوڭۈر رەڭلىك تاۋار جىيەكلىك قىزىل رەڭلىك تاۋار بىلەن قاپلانغان بولۇپ، توق قوڭۇر رەڭلىك جىيەكنىڭ چۆرىسى يېشىل، سېرىق، قىزىل رەڭلىك يىپلار بىلەن كەشتىلەنگەن. جىيەكنى بويلاپ ئەتراپىغا كەڭلىكى 24~28 سانتىمېتىر كېلىدىغان كىچىك كاتەكچىلىك كەشتە تىكىلگەن. كەشتىدە يېشىل رەڭلىك يىپ بىلە توققۇز تۈپ دەرەخ، دەرەخلەرنىڭ ئارقىسىغا ھەر خىل رەڭلىك يىپلار بىلەن بىر جۈپتىن بولغان قوغلىشىپ ئويناۋاتقان ھايۋانلار چۈشۈرۈلگەن. ئۇلارنىڭ تۆت جۈپى بۇغا بلەن قۇش، بەش جۈپى يولۋاس بىلەن ئۆكۈز، كەشتىنىڭ ئەتراپىغا يەنە يېشىل، سېرىق، بېغىررەڭ ۋە توق قىزىل رەڭلىك يىپلار بىلەن تۆت چاسا، يۇمىلاق ۋە كىرسىت شەكىللىك گۈللەر چۈشۈرۈلگەن. تاۋارنىڭ ئوتتۇرسىغا يىپ بىلەن بۇلۇت كەشتىلەنگەن.
            مىلادىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىردىن كېيىن، ھۇنلاردا ئۇرۇق ئاقسۆكەڭلىرى مەيدانغا كەلگەن ۋە تەڭرىقۇتنىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانلىق ئورنى تىكلەنگەنلىكتىن، سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ يەنە شەخسى ئوبرازلىرىمۇ ئەكس ئەتكەن. مەسلەن، بويان تېغىدىكى 6- ۋە 23- نوۇرلۇق چوڭ تىپتىكى ئاقسۆڭەكلىرى قەبرىسىدىن قاشتېشىدىن ئۇيۇلغان ئادەم ھەيكىلى، كۈلرەڭ قاشتېشىدىن ئۇيۇلغان ۋە ياغاچ ئادەم ھەيكىلى قاتارلىقلار تېپىلغان. ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، 25- نومۇرلۇق قەبرىدىن تېپىلغان چېچى قۇيۇق، كۆزى يوغان ۋە ئۆتكۈر، چىرايى سۈرلۈك ھۇننىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن كەستە بولۇپ، ئۇنىڭدا ئالىي ھۆكۈمراننىڭ ھەيۋىسى ئىپادىلەنگەن [6].
            ئېلىمىز ئارخېئولوگلىرى 1958- يىلى ئىچكى موڭغۇلنىڭ خېلىنگىر ناھىيىسى فەنجىياياۋ كەنتدىدىكى يېغىلىق دەۋرىدە مەنسۇپ بولغان ھۇن قەبرىسىدىن ھايۋانات شەكىللىك ۋە ھالقىسمان، سىلىندىرسىمان مىس بېزەكلەرنى بايقىغان. ھايۋانات شەكىللىك بېزەكلەرنىڭ بەزىلىرى زوڭزىيىپ ئولتۇرغان ھايۋاناتنىڭ شەكىلىدە بولۇپ، كەينىدە ئىككى توپچىسى بار. بەزىلىرى تۈگۈلىۋالغان ئىككى ھايۋاناتنىڭ شەكىلىدە بولۇپ، كەينىدە بىر توپچىسى بار. ھالقىسمان بېزەكلەرنىڭ بەزىسىنىڭ بىر تەرىپىگە زىر گىرەلىشىپ كەتكەن ئەگمە شەكىللەر چىقىرىلغان. سىلىندىرسىمان بېزەكلەرنىڭ بەزىلىرى يۇمىلاق نەيچىسمان بولۇپ، بىر تەرىپىدە گېئومېتىرىيىلىك نەقىشلەر بار. ھالقىسمان ۋە سىلىندىرسىمان بېزەكلەرنى بۇرۇن كىشلەر «چاتقۇت» دەپ قارىغان بولۇپ، ئاتنى زىننەتلەيدىغان ۋە ياندا ئېلىپ يۈرىدىغان زىننەت بويۇمى بولغان [7].
            يەنە 1962- يىلى ئىكجاۋ ئايمىقى جۇڭغار خوشۇنىنىڭ سۈجى جىلغىسىدىن خەن دەۋرىگە مەنسۇپ بىر تۈركۈم ھۇن مىس بۇيۇملىرى قېزىۋېلىنغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مىستىن ياسالغان تىك تۇرغان ئۇزۇن مۈڭگۈزلۈك بىر بۇغا بولۇپ، بېشىنى سەل كۆتۈرگەن. ئۇدۇلغا قارىغان، جۈم مۈڭگۈزى كەينىگە قايرىلغان ھەم شاخچىلارغا بۆلۈنگەن، قىياپىتى بۆلەكچە جانلىق، ئىگىزلىكى 16.7 سانتىمېتىر، ئۇزۇنلىقى 9.5 سانتىمېتىر، يەنە ياتقان ھالەتتىكى ئۇزۇن مۈڭگۈزلۈك بىر بۇغا بولۇپ، بېشىنى سەل كۆتۈرۈپ يىراققا تىكىلگەن. قۇلاقلىرى دىڭ، كۆكرىكى ۋە ساغرىسى تولغان، ئىگىزلىكى 12.4 سانتىمېتىر،، ئۇزۇنلىقى 10.3 سانتىمېتىر، بۇنىڭدىن باشقا، قوي بېشى شەكىللىك، بۆرە بېشى شەكىللىك، ئارسلان شەكىللىك ۋە پۇتىنى ئىگىپ تۇرغان ئات شەكىللىك بېزەكلەرمۇ قېزىۋېلىنغان [8].
       بۇنىڭدىن باشقا، 1950- يىلى ئىچكى مۇڭغۇلنىڭ چاخار ئوڭ ئارقا خوشۇنى ئەرلەنخو جىلغىسىدىكى ھۇن قەبرىسىدىن شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىگە مەنسۇپ جۈم بۇغا، ئۈچ بۇغا، قوش ئەجدىھا نەقىشلىك ۋە تورسىمان نەقىشلىك مىس بېزەكلەر قېزىۋېلىنغان. ھايۋانات شەكىللىك مىس بېزەكلەر تىك تۆتبۇلۇڭ شەكىلدە بولۇپ، نەقىشلەر تېشىپ چىقىرىلغان. بۇلار ئېھتىمال جەنۇبىي ھۇنلارنىڭ سەنئەت بۇيۇمى بولۇشى مۇمكىن [9].

    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.