ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-10-25

    ھۇنلارنىڭ ئومۇمى تارىخىنىڭ داۋامى - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/80704519.html

    3. قول ھۈنەرۋەنچىلىك
          تۆمۈر قوراللار مەدەنىيىتى تەمىنلىگەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىمۇ راۋاجىلاندۇرغان. قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى تۆمۈرچىلىك بولغان. قېزىۋېلىنغان ھۇن يادىكارلىقلىرىدىن ھۇنلارنىڭ تۆمۈر قوراللارنى ۋە ئىشلىتىشىنىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىرنىڭ ئالدى- كەينىدە باشلىنىپ، پەيدىنپەي ئىشلەپچىقىرىش (مەسلەن، تۆمۈر ئورغاق، تۆمۈر ساپان)، تۇرمۇش (مەسلەن، تۆمۈر يۈگەن) ۋە ھەربىي ئىشلار (مەسلەن، تۆمۈر باشاق، تۆمۈر خەنجەر، تۆمۈر شەمشەر) ساھەسىدە كەڭ ئومۇملاشقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. تۆمۈر قورال- سايمانلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ھۇنلارنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئىشلەپچىقرىىشنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ تېخنىكا ئاساسى بولغان، ھەربىي قوراللارنىڭ ياسىلىشىمۇ تۆمۈر قورال- سايمانلارنى ئالدىنقى شەرت قىلغان. ھۇنلارنىڭ تۆمۈر قوراللارنى ئۆزلىرى تاۋلىشى (تۆمۈر تاۋلاش ئوچىقىنىڭ بايقىلىشى بۇنىڭ ئىسپاتى) ۋە بايقالغان تۆمۈر قوراللارنىڭ تۈرى، سانىدىن قارىغاندا، ھۇنلاردا ئەينى چاغدا تۆمۈرچىلىك ئاللىقاچان بىر مۇستەقىل قول ھۈنەرۋەنچىلىك تارمىقىغا ئايلانغان. يەنە نۇرغۇنلىغان شەمشەر- قىلىچلارنىڭ شەكىلنىڭ خەن سۇلالىسىنىڭكىگە بەك ئوخشايدىغانلىقىدىن قارىغاندا، ھۇنلارنىڭ تۆمۈر قوراللار مەدەنىيىتى خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپلا قالماي، كۆپىنچە تۆمۈرچىلەر ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن كەلگەن.
        مىسكەرلىكۇ بىر مۇھىم قول ھۈنەرۋەنچىلىك تارمىقى بولغان. نويان تېغى، ئىچكى موڭۇل ۋە باشقا يەرلەردىن بايقالغان زور مىقدارىدكى مىس باشاق، مىس باشاق، مىس شەمشەر، مىس پالتا، مىس چۆگۈن، مىس ئوچاق، مىس قوشۇق، مىس چەينەك، مىس داڭقان، مىس داڭ، مىس قوڭغۇراق، مىس ئەينەك، مىس ھالقا، مىس دۇبۇلغا، مىس ئات ھەيكىلى ۋە مىس بۇغا ھەيكىلى قاتارلىقلاردىن يەنە مىسكەرلىكنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى ۋە كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىلىشى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرى، زىننەت بويۇملىرىنىڭ ئومۇمەن مىستىن ياسىلىشى مىسكەرلىكنىڭ بۇرۇندىنلا بىر مۇستەقىل قول ھۈنەرۋەنچىلىك تارمىقى بولۇپ شەكىللەنگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. كېيىنچە تۆمۈرچىلىكنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئاساسلىق ھەربىي قوراللار (مەسلەن، قىلىچ) ۋە مۇھىم سايمانلار (مەسلەن، پىچاق)، جابدۇقلار (مەسلەن، يۈگەن) بارا- بارا تۆمۈردىن ياسىلىدىغان بولغان. بۇنىڭ بىلەن مىسكەرلىك كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرى (مەسلەن، مىس چەينەك، مىس قوشۇق، مىس قازان، مىس داڭ، مىس ئەينەك) ۋە بېزەك بويۇملىرى (مەسلەن، مىس قوڭغۇراق، مىس ئات ھەيكىلى، مىس بۇغا ھەيكىلى) نى ياساشقا يۈزلەنگەن.
    زەرگارچىلىقمۇ بىر مۇستەقىل قول ھۈنەرۋەنچىلىك تارمىقى بولۇپ شەكىللەنگەن. 1972- يىلى ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئىكجاۋ ئايمىقى كاڭجىن خوشۇنىنىڭ ئالوچەيدېڭ دېگەن يېرىدىكى يغىلىق دەۋرىگە مەسنۇپ ھۇن قەبىلىلىرىدىن زور تۈركۈمدىكى ئالتۇن- كۆمۈش بويۇملار (ئالتۇن بويۇم 218 دانە، ئېغىرلىقى 4000 گىرامدىن ئارتۇق، بۈركۈت شەكىللىك ئالتان تاج، ئالتۇن كەمەر، يولۋاس بىلەن كالىنىڭ ئېلىشىۋاتقان سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىللىك ئالتۇن بېزەك، ياقۇت قوندۇرۇلغان ئالتۇن بېزەك، نېپىز ئالتۇن ياپراقچىسىدىن ياسالغان يولۋاس، قۇش، قوي، كىرپە شەكىللىك، ھايۋان بېشى شەكىللىك،مەشئەل شەكىللىك زىننەت بويۇمى، ئالتۇن تۇمار، ئاق كۆمۈشتىن ياسالغان يولۋاس بېشى شەكىللىك زىننەت بويۇمى، كۈمۈش ياپراقچىسىدىن سوقۇلغان بەلگە تەمتىكى قاتارلىقلار بولغان [41].
         يەنە 1979- جۇڭغار خوشىنىنىڭ شىگۇپەن دېگەن يېرىدىكى يېغىلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە مەنسۇپ79 . X M1. M2. M3. نومۇرلۇق ھۇن قەبرىلىرىدىنمۇ خېلى كۆپ ئالتۇن-كۆمۈش بۇيۇملار بايقالغان بولۇپ، ئالتۇن بۇيۇملار ئىچىدە ئالتۇن زەنجىر، ئالتۇن سىزغا، ئالتۇن ياپراقچىسىدىن سوقۇلغان ئۈزۈك، ياتقان بوغا، ياتقان ئات، ياتقان غەلىتە ھايۋان نەقىشلىك ئېلىشىۋاتقان جۈپ ھايۋان، ئۈچ نەقىشلىك زىننەت بۇيۇملىرى بولغان[42].
         بۇنىڭدىن باشقا، شىگۇپەندىكى غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە مەنسۇپ 794M .x . نومۇرلۇق ھۇن قەبرىسىدىن يەنە ياسىلىشى مۇرەككەپ ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرى چىققان بولۇپ، ئۇلار، ئىچىدە بۇلۇت نەقىشلەنگەن زىننەت بۇيۇملىرى 78 دانە بولغان. ھەممىسىلا نېپىز ئالتۇن ياپراقچىسىدىن سوقۇلۇپ، ئۈستىگە لەيلەپ تۇرغان بۇلۇت نەقىشلىنىپ، ئىككى تەرىپىگە ياكى ئوتتۇرسىغا كىچىڭ تۆشۈك ئېچىلغان بولۇپ، بۇلار كىيىملەرنى زىننەتلەش ئۈچۈن ياسالغان. يەنە مېيخۇا گۈلى شەكىللىك يۇمۇلاق ئالتۇن ياپراقچە،چۆرىسىگە ئالتۇن يالىتىلغان سەدەپ بېزەك، ئالتۇن يالىتىلغان قاشتېشى تەمتەك، ئالتۇن ياپراقچە بىلەن تۇتاشۇتۇرۇلغان چاسا شەكىللىك زىننەت بويۇمى قاتارلىقلار چىققان [43].
         چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ھۇن قەبرىلىرىدىنمۇ ئالتۇن- كۆمۈش زىننەت بويۇملىرى ئومۇميۈزلۈك بايقالغان بولۇپ، ئالتۇن ھالقا (تاش قەبىرلەردىن)، كۈمۈش ھالقا (ئادەتتىكى قەبرىلەردىن)، ئىككى تەرىپىگە تۆشۈك ئېچىلغان يۇملاق زىننەت بۇيۇمى، ئالتۇن يالىتىلغان يىڭنە، ئالتۇن ئات ھەيكىلى (نويا تېغىدىكى«بارولد» قەبرىسى ۋە 1-مۇمۇرلۇق قەبرە)، ئالتۇندىن ياسالغان ھايۋان ھەيكىلى، كۈمۈشتىن ياسالغان زىننەت بۇيۇمى (6-نومۇرلۇق قەبرە)، ئالتۇن نەيچە (23-نومۇرلۇق قەبرە)، كىچىك ئالتۇن زىننەت بۇيۇمى (24-نومۇرلۇق قەبرە)، كۆمۈش ياپراقچە، گۈل چېكىلگەن كۈمۈش زىننەت بۇيۇمى، ئالتۇن يالىتىلغان مىس ئات ھەيكىلى (40-نومۇرلۇق قەبرە)، يىڭنىسىمان ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرى (قۇم-تاش قەبرىلەر) تېپىلغان. ئالتۇن ياپراقچە ۋە ئالتۇن پارچىلىرى ھەممە قەبرىلەردىن دېگۈدەك بايقالغان[44].
          تېپىلغان ئالتۇن كۈمۈش بۇيۇملارنىڭ سانى، تۈرىنىڭ كۆپ بولۇشى، ياسىلىشىنىڭ مۇرەككەپلىگى، لايىھىلىنىشىنىڭ نەپىسلىكىدىن زەر گار چىلىقىنىڭ ئىنتايىن كەڭ دائىرلىكى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. يەنە ئالتۇن قاپلاش، ئالتۇن يالىتىش، ياپلاقلاش، تۆشۈك ئېچىش، ئېگىش كەپشەرلەش قاتارلىق تېخنىكىلاردىن ئۇنىڭ سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرىلىقىنى، ئەگەر مەخسۇس مۇشۇ ھۈنەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھۈنەرۋەنلەر ۋە تارقاقلار بولمىسا، بۇنداق ھۈنەر-سەنئەت سەۋىيىسىگە يېتىشنىڭ تەسلىكىنى چۈشۈنۈۋېلىشقا بولىدۇ. يەنە ئالتۇن-كۈمۈش بۇيۇملارنىڭ ھەممىسىنىڭ زىننەت بۇيۇمى ۋە بېزەك بۇيۇم بولغانلىقىدىن ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى چارۋىچىلارنىڭ ئەمەس، بەلىكى كۆپۈنچە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمرانلارنىڭ بۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى، جۈمىلىدىن ھۆكۈمەت مەخسۇسلاشقان زەرگەرچىلىك دۇكانلىرىنى قۇرغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
          يەنە بىر خىل قول ھۇنەرۋەنچىلىك تارمىقى كۇلالچىلىق بولغان. نۇيا تېغى قاتارلىق جايلاردىن ھەجىمى، شەكىلى ۋە رەڭگى ئوخشاش بولمىغان زور تۈركۈمدىكى خىلمۇ-خىل ساپال بۇيۇملار بايقالغان. ئەمما ھېچقايسىسىنىڭ قېلىپى يوق، مىللەتشۇناسلىق كۆرسەتمىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەڭ ئىپتىدائى ساپال بۇيۇملارنىڭ قېلىپى بولغان بولۇپ، ئىنسانلار ئەڭ دەسلەپتە ساپال بۇيۇملارنى ەرەخ قوۋزاقلىرىدىن توقۇلغان قېلىپىنىڭ ئۈستىگە لاي چاپلاپ، ئاندىن ئۇنى ئوتتا پۇشۇرۇش ئارقىلىق ياسالغان. بايقالغان ھۇن ساپال بۇيۇملارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ قېلىپى يوقلىقىدىن قارىغاندا، بۇلار ھەرگىزمۇ ھۇنلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ساپال بۇيۇملىرى ئەمەس. يەن كېلىپ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى3-ئەسىردىن كېيىنگە مەنسۇپ بولغان ساپال بۇيۇملاردىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ سانى ۋە تۈرى كۆپ، شەكىلى ۋە نەقىشلىمۇ مۇرەككەپ، سۈپىتى ۋە پاسونىمۇ ناھايتى نەپس، ياسىلىش ئۇسۇلى جەھەتتىمۇ قول بىلەن ياسىلىشتىن ئەسۋاب ئارقىلىق ياسىلىشقا قاراپ تەرەققىي قىلغان. تېخنىكىسى بەلگىلىك سەۋىيىسىگە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۇزۇن مۇددەت تەجىرىبىلەرنى توپلىغان مەخسۇس ساپال پۇشۇرىدىغان ھۈنەرۋەنلەرنىڭ بۇ ئىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنداق يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇكى، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىردىن كېيىن ھۇنلارنىڭ كۇلالچىلىقى مۇستەقىل بىر قول ھۈنەرۋەنچىلىك تارمىقى بولۇپ شەكىللەنگەن [45].
          ھۇنلارنىڭ ساپال بويۇملىرى توغرىسىدا يازما ماتېرياللاردىمۇ خاتىرلەر ئۇچرايدۇ. «خەننامە» 54- جىلد «سۇۋۇنىڭ تەرجىمھالى» دا خاتىرلىنىشىچە، چەتقۇ تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى ئۈكەن خان بايقال كۆلى بويىدا ئوۋ ئوۋلىغاندا سوۋۇغا ئات، چېدىر ۋە خۇمرا ھەدىيە قىلغان. خۇمرا دەل كۈپنىڭ ئۆزى ئىدى. بۇنداق كۈپ ئۇزۇن بويۇنلۇق، كىچىك ئېغىزلىق، سىغىمى چوڭ، تۈۋى تۈز بولۇپ، شاراپ ۋە قېتىق ساقلاشقا ئىشلىتەتتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ خىل كۈپ جەنۇبىي چىن پادىشاھلىقىغىمۇ تارقىلىپ كىرگەن. «جەنۇبىي چىنامە» 39- جىلد «لۇ دىڭنىڭ تەرجىمھالى» دا خاتىرلىنىشىچە، جىڭلىڭ بېگى شياۋ زىلياڭ بىر قەدىمقى بويۇمغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاغىزى كىچىك، قورسىقى چوڭ، تۈۋى تۈز، سىغىمى يەتتە- سەككىز كۈرەگە يېتىدىكەن. شىياۋ زىلياڭ ئۇنى ئېلىپ بېرىپ لۇ دىڭدىن نىمىلىكىنى سورىغاندا، لۇ دېڭ: بۇ خۇمرا دېيىلىدۇ، ئۇ ئەينى چاغدا تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى سۇ ۋۇغا تەقدىم قىلغانغا ئوخشاش نەرسە دېگەن. شىياۋ زىلياڭ كېيىن ئۇنىڭ ئاستىغا زەن سېلىپ قاراپ، ئاستىدا تونۇغىلى بولىدىغان خەرلەر بارلىقىنى، لۇ دىڭنىڭ دېگىنىدەك ئىكەنلىكىنى كۆرگەن.
          ياغاچچىلىقمۇ بىر مۇستەقىل ھۈنەرۋەنچىلىك تارمىقى بولغان. بۇنىڭدا ئوقيا ياساش ئاساسلىق ئورۇندا تۇرغان. ھۇنلار «ئوقياچى» مىللەت بولۇپ، ئوقيا ئۇلارنىڭ ئاساسلىق قوراللىرىنىڭ بىرى ئىدى. يەنە كېلىپ ئۇلار دائىم سىرتقا ئۇرۇش قوزغاپ تۇرىدىغانلىقتىن، ئوقيانىڭ سەرپىيات مىقدارى ناھايتى زور بولاتتى (بۇنى قېزىۋېلىنغان ئوق باشاقلىرىنىڭ كۆپلۈگى ئىسپاتلايدۇ). يا بىلەن ئوق سېپى ياغاچتىن ياسالغاچقا، ياغاچ ماتېرىياللىرى مول رايون بولغاندىلا ياساشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقيا جىددىي ئېھتىياجلىق، كەملىتىشكە بولمايدىغان ھەربىي قورال بولغانلىقى، ياسىلىشى بەلگىلىك تېخنىكا ۋە تەجىرىبە تەلەپ قىلىدىغانلىقى، بەلگىلىك ئۆلچەمگە ماس كەلگەندىلا ئاندىن ئۇنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرغۇلى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئەگەر مۇشۇ ئىش بىلەن شۇغۇللىندىغان كۆپلىگەن ھۈنەرۋەنلەر بولمىسا ئېھتىياجنى قاندۇرغۇلى بولمايتتى. ئۇنىڭدىن باشقا چېدىر، ھارۋا، ياغاچ قالغان ۋە تاۋۇت ياساشمۇ ياغاچقا ئېھتىياجلىق ئىدى. غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلدىكى داچىڭشەن تېغى(قەدىمقى چوغاي تېغىنىڭ بىر بۆلىكى) ۋە گەنسۇدىكى خېشى كارىدورى ئەتراپى ھۇنلارنىڭ مۇھىم ياغاچلىق بازىسى بولغان. «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»دە خاتىرلىنىشچە ئەمىر نۆكەر خۇيىڭ يۈەندىغا مەكتۇپ سۇنۇ-پ چوغاي تېغىدا ئوت-چۆپلەرنىڭ مول ئىكەنلىكىنى، باتۇر تەڭرىقۇت ئۇ يەردە «ئوقيا ياسايدىغان»لىقىنى مەلۇم قىلغان. يەنە ھۇنلار خەن سۇلالىسى چېگرىسىغا سوزۇلۇپ كىرگەن، جاڭيې ئايمىقىغا ئۇدۇل كېلىدىغان ، ئوقيا ياساشقا لازىملىق ئېسىل ياغاچ ۋە تاز قارا پېيى كۆپ چىقىدىغان بىر پارچە يېرى بولۇپ، خەن سۇلالىسىنىڭ دىۋان بېگى ۋاڭ گېن ئەلچى ئەۋەتىپ تەڭرىقۇت بۇ يەرنى سورىغاندا، تەڭرىقۇت غەربتىكى ھەر قايسى خانلارنىڭ چېدىر ۋە ھارۋا ياسايدىغان ياغاچلارنى مۇشۇ يەردىن ئالىدىغانلىقىنى ھەم بۇ ئاتا مىراس زېمىن ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ يەردىن ئايرىلىپ قېلىشنى جابدۇقلارنى ياسايدىغان دۇكانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھەم ياغاچچىلىقنىڭ ئاللىقاچان بىر مۇستەقىل قول ھۈنەرۋنچىلىك تارمىقىغا ئايلانغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
         ھارۋا ياساشمۇ ياغاچچىلىقنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسىمى بولغان. ھۇنلار ناھايتى بۇرۇنلا ھارۋا ياساشنى بىلگەن بولۇپ، ھارۋىنى ھەربى ئىشلاردا ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا كەڭ ئىشلەتكەن. بۇ يازما ماتېرىياللاردا ئېنىقى خاتىرىلەنگەن. «تۈز ۋە تۆمۈر ھەققىدە» 6-جىلد دا: «ھۇنلانىڭ ھارۋىسى ماڭغاندا ئاۋاز چىقىراتتى» دېيىلگەن. «خەننامە» 87-جىلد «ياڭ شيۇڭنىڭ تەرجىمھالى»دا: «قاڭقىلارنى پاچاقلاپ، چېدىرلارنى بۇزدۇق» ېيىلگەن. بۇ يەردىكى قاڭقا دەل ھۇنلارنىڭ ھارۋىسى ئىدى. يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان ھۇنلارنىڭ جاڭيې ئايمىقىغا ئۇدۇل كېلىدىغان يېرى دەل ھۇنلارنىڭ ھارۋا ياسايدىغان يېرى بولغان. مىلادىيە 109-يىلى خەن سۇلالىسى قوشۇنلىرى چاڭشەن، جۇڭشەندە جەنۇبىي تەڭرىقۇتنى مەغلۇپ قىلغاندا، مىڭدىن ئارتۇق چېدىر ۋە ھارۋا غەنىمەت ئالغان[37]. بۇنىڭدىن جەنۇبى ھۇنلار ۋە شىمالىي ھۇنلارنىڭ ھارۋا ياساشنى بىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ھارۋىلارنىڭ كۆپلەپ ياسالغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
    چېدىرنىڭ كېرىگە ۋە چاڭغىراقلىرىنى ياساشمۇ ياغاچچىلىقنىڭ يەنە بىر تارقىقى بولغان. ھۇنلار چېدىرلاردا ئولتۇرغاچقا، چېدىرنىڭ كېرىگە ۋە چاڭغىراقلىرىنى ياساش ناھايىتى ئومۇملاشقان. يەنە ياغاچ قالقان[48] ،ئىگەر ۋە تاۋۇت[49]قاتارلىقلارنى ياساشمۇ ياغاچچىلىقنىڭ تەركىبىي قىسىمى بولغان بولۇپ، بۇ يەردە كۆپ مۇلاھىزە قىلىنمىدى.
          ھۇنلار «مال-چارۋىلارنىڭ گۆشىنى ئوزۇق، تېرىسىنى كىيىم قىلىدىغانلىقى، جۇۋا كىيىدىغانلىقى»، چېدىرلىرىنى كېگىزدىن ياسايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يۇڭ توقۇمچىلىق ۋە كۆنچىلىكىمۇ ناھايىتى تەرەققىي قىلغان. «خۇەينەنزى»1-جىلد «پەندى-نەسىھەتلەر» دە: «ھۇنلار سەپەرگە چىقسا جۇۋىلىرىنى ئېلىۋالاتتى» دېيىلگەن. «كېيىنكى خەننامە» 80-جىلد«ۋېن يۈەن، دۇدرلارنىڭ تەرجىمھالى» دا ھۇنلارنىڭ «چېدىر» لىرى بارلىقى ئېيتىلغان. يەنە «جەنۇبىي ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە، جيەنۋۇ 28- يىلى (مىلادىيە 52-يىلى)شىمالىي ھۇنلارئەلچىسى خەن سۇلالىسىنىڭ پايتەختى لوياڭغا كەلگەندە ئات ۋە جۇۋا سوۋغا قىلىنغانلىقى سۆزلەنگەن. جۇۋا سوۋغا قىلغانكەن ، ئۇنىڭ توقۇلىشى ناھايتى سىپتا ۋە ئېسىل بولغان، بۇنىڭدىن ھۇنلارنىڭ يۇڭ، توقۇمچىلىق ھۈنىرىنىڭ خېلى يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ھۇنلار يەنە كۆندىن ساۋۇت ياساشنىمۇ بۇلگەنبولۇپ، ئۇنى «گېس» دەپ ئاتىغان. يەنە ئات تېرىسىدىن قولۋاق ياسىغان بولۇپ، ئۇنى «تۇلۇم[50]» دەپ ئاتىغان. بۇنىڭدىن ھۇنلارنىڭ خېلى يۇقىرى سەۋىيىدىكى كۆنچىلىك ھۈنىرى (مەسىلەن، چىداملىقلىقى، قىلىچ-نەيزە، سۇ ئۆتمەسلىكى)بارلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ھۇنلار يەنە شەھەر قەلئەسىنى ياساش، كۆۋرۈك سېلىش، قۇدۇق قېزىش، خەندەك كولاش قاتارلىق بىناكارلىق تېخنىكىلىرىنىمۇ ئىگەللىگەن[51]. ئەمما، يۇقىرىقى ساھەلەر مۇستەقىل قول ھۈنەرۋەنچىلىك تارمىقى بولۇپ شەكىللىنەلمىگەن.
    4.ھەر قايسى مىللەتلەر بىلەن بولغان سودا
    ئالاقىسى
          ھۇنلار كۆچمەن چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان، دېھقانچىلىق تېخى يېتەكچى ئورۇنغا ئۆتمىگەن، قول ھۈنەرۋەنچىلىكى بەلگىلىك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، تېخى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىنى تولۇق قامدا دەرىجىسىگە بېرىپ يەتمىگەن بولغاچقا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ چارۋىلىرى ۋە يۇڭ، تېرىلىرىنى خەنزۇلارنىڭ دېھقانچىلىق ۋە قول ھۆنەرۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى بۇيۇملىرى بىلەن ئالماشتۇرۇشقا جىددى ئېھتىياجلىق بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار خەنزۇلار بىلەن ئۆز ئارا« بازار» ئېچىشتا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. خەن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى ۋېندى دەۋرىد، جيايى: ھۇنلار بازار ئېچىشقا ناھايىتى ئېھتىياجلىق، ئەگەر ئەلچى ئەۋەتىپ ئۇلار بىلەن قۇدىلىشىپ، ئۇلارنىڭ بازار سودىسى قىلىشقا رۇخسەت قىلساق، ھۇنلارنىڭ ھەممىسىلا سەددىچىنىڭ جەنۇبىغا كېلىشنى خالايدۇ. دېگەن[52]. ئەمەلىيەتتىمۇ جىڭدى دەۋرىدىن ۋۇدى دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگىچە، ھۇنلار داۋاملىق تۈردە خەنزۇلار بىلەن بازار سودىسى قىلىپ تۇرغان. بازار ھۇن ئاقسۆڭەكلىرى ۋە چارۋىچىلىرىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان، شۇڭا تارىخى ئەسەرلەردە «ھۇنلارنىڭ تەڭرىقۇتتىن تۆۋەندىكىلىرىنىڭ ھەممىسى خەن سۇلالىسى بىلەن يېقىن ئۆتۈشۈپ، سەددىچىننىڭ جەنۇبىغا كېلىپ تۇراتتى»دەپ خاتىرلەنگەن، كېيىن خەن سۇلالىسى بىلەن ھۇنلار ئوتتۇرسىدا ئۇرۇش پارتىلىغان بولسىمۇ، ھۇنلار يەنە بازاردىن ۋاز كېچىشنى خالىمىغان. «تارىخىي خاتىرلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە خاتىرلىنىشچە، ۋۇدىنىڭ يۈەنگۇاڭ 2-يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 133-يىلى)ئۇرۇش پارتىلىغاندىن كېيىن، ھۇنلار قۇدىلىشىشنى توختىىتپ، قورۇللارغا ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا بازار مەھسۇلاتلىرىنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى ئۇزاق مۇددەتكىچە كەڭ كۆلەملىكئالماشتۇرۇش بولۇپ تۇرغان. ھۇن قەبرىلىرىدىن قېزىۋېلىنغان زور مىقداردىكى خەنزۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ھۇنلار بىەن خەنزۇلار ئوتتۇرسىدىكى ئالماشتۇرۇشنىڭ كۆپلۈكىنى ھەم ئالماشتۇرۇلغان بۇيۇملارنىڭ تۈرى ۋە سانىنىڭمۇ ناھايىتى كۆپلۈكىنى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ تۆمۈر قورال، مىس قورال، ساپال بۇيۇم، ياغاچ بۇيۇم، سىرلانغان ئەسۋەب- جابدۇقلار، تاش سايمانلار، ئات بېزەكلىرى، ئالتۇن، كىيىم-كېچەك ۋە يىپەك توقۇلما قاتارلىق ئىشلەپ چىقىرىش، ئۇرۇش، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. [52].
          ھۇنلار خەنزۇلار رايونىدىن تۆمۈر، مىس قوراللارنى كىرگۈزۈپلا قالماي، يەنە مىس، تۆمۈر رودىلىرىنىمۇ كىرگۈزۈپ، ئۆزلىرىمۇ تۆمۈر ۋە مىس قوراللارنى ياسىغان. شۇڭا، جيايى بۇنى كۆزدە تۇتۇپ ۋېندىغا مسى، تۆمۈرلەرنى قورۇلدىن چىقىرىشنى چەكلەپ، ھۇنلارنى قىسىش توغرىسىدا مەسسلىھەت بەرگەن. [53]. بۇنىڭدىن ھۇنلارنىڭ تۆمۈرگە ناھايىتى ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
          ھۇنلار خەنزۇلار بىلەن ئالماشتۇرۇش قىلىپ قالماستىن، يەنە ئوغانلار بىلەنمۇ ئالماشتۇرۇش قىلغان. «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە خاترىلىنىشچە، ۋاڭ ماڭ دەۋرىدە ئوغانلارنى قوغدىغۇچى ئەلچى (بىر خىل ئەمەل) ئوغانلارغا ئەمدى ھۇنلارغا رەخىت، تېرە سېلىقنى تاپشۇرماسلىقىنى ئۇقتۇرغان، ھالبۇكى ھۇن ھۆكۈمرانلىرى كونا قائىدە بويىچە ئەلچى ئەۋەتىپ ئوغانلاردىن سېلىقنى سۈيلىگەن ھەم «سودا-سېتىق» قىلىشنى خالايدىغان ھۇن ئاياللىرىنىڭ بىللەن بېرىشىغا رۇخسەت قىلغان. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ھۇن ئوغانلاردىن باج-سېلىق يىغىۋېلىشتىن سىرت، يەنە ئۇلار بىلەن سودا-سېتىق قىلغان.
          ھۇنلار چياڭلار بىلەنمۇ دائىم سودا ئالاقىسى قىلغان. «كېيىنكى خەننامە» 31-جىلد (مىلادىيە 36- يىل) ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك قالايمىقانلىشىپ، خېشى رايونىلار بىرقەدەر تىنىچ بولغان. گۇزاك (ھازىرقى گەنسۇدىكى ۋۇۋېي ناھىيىسى )ناھايتى ئاۋاتلىشىپ، چياڭلار ۋە ھۇنلار سودا-سېتىق قىلىشقان، ھەر كۈنى تۆت قېتىم بازار بولغان. شۇڭا، بۇ يەرنىڭ ھاكىملىرى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ بىر نەچچە ئاي بولمايلا ناھايىتى نۇرغۇن مال-مۈلۈككە ئىگە بولغان. بۇنىڭدىن شەرقى خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە گۇزاڭدا ھۇنلار بىلەن چياڭلار، خەنزۇلارنىڭ قويۇق سوا ئالاقىسى قىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئۇنداقتا ھۇنلار بىلەن چىياڭلار نېمىلەرنى ئالماشتۇرغان؟ ئېلىپ-سېتىش چوقۇمكى بۇنىڭ بىر تۈرى بولغان. «كېيىنكى خەننامە. جەنۇبىي ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە خاتىرلىنىشىچە، ئەندىنىڭ يۇڭچۇ 4-يىلى (مىلادىيە 101-يىلى) جەنۇبىي تەڭرىقۇت ئۆزى بۇلاپ كەلگەن ۋە چياڭلار بۇلاپ كېتىپ ھۇنلارغا سېتىپ بەرگەن خەنزۇ ئەر-ئاياللاردىن ئون مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى خەن سۇلالىسىگە قايتۇرۇپ بەرگەن. بۇنىڭدىن چياڭلارنىڭ دائىم بۇلاپ كەگەن خەنزۇلارنى ھۇنلارغا قۇللۇققا سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى ھەم ئۇلارنىڭ سانىنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. خەنۇبى تەڭرىقۇت قايتۇرۇپ بەرگەن ئون مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ يېرىمىنى ئۇ ئۆزى بۇلاپ كەلگەنلەر دەپ ھېساپلىساق، ئۇ ھالدا ئۇلار يەنىلا نەچچە مىڭدىن كۆپ بولغان بولىدۇ. ھۇنلار يەنە غەربى يۇرتتىكى ھەر قايسى مىللەتلەر بىلەنمۇ ئالماشتۇرۇش قىلغان، شۇنداقلا ھەممە غەربىي يۇت ئارقىلىق ۋاستىلىك ھالدا يۇنانلىقلار ۋە غەربتىكى باشقا خەلقلەر بىلەنمۇ ئالماشۇتۇرۇش قىلغان، نۇيان تېغىدىكى 6-نومۇرلۇق ھۇن قەبرىسىدىن يۇنانلىقلار توقۇغان نۇرغۇن يىپەك بۇيۇملار چىققان ھەم ھۇنلارنىڭ غەربتىك ھەر قايسى خەلقلەر بىلەن سودا ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسى قىلغانلىقىنى توللۇق ئەكىس ئەتتۇرىدىغان ئۈچ پارچە كەشتە چىققان.
         1-،2-كەشتىنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ئوخشاش بولۇپ، تاشقى تاۋۇتنىڭ ئىچىگە مىخلانغان. بىرسىگە پالما دەرىخىگە ئوخشاپ كېتىدىغان دەرەخ، دەرەخنىڭ يېنىغا بوينىنى سوزۇپ، قۇيرۇقىنى دىڭگايتىپ، ئالدىغا قاراپ يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقان قاناتلىق يولۋاس شەكىللىك بىر ھايۋان كەشتىلەنگەن. يەنە بىرسىگە بىرتۈپ گۈل، گۈلنىڭ ئۈستىگە بىر پەنجىسى ئېچىلغان، ئوڭ پەنجىسى تۈگۈلگە، ئاغىزىغا بىر يىلان چىشلىۋالغان، ئۇچۇشقا تەمشىلىۋاتقان بىر قۇش كەشتىلەنگەن. بۇلار ئاق يىپنىڭ ئاساس قىلىپ باشقا رەڭلىك يىپلار بىلەن قېنىق قوڭۇر رەكلىك يۇڭ توقۇلمىغا كەشتىلەنگەن.
         3-كەشتە يۇقۇرقى ئىككى كەشتىنىڭ يېنىدا بولۇپ، قىزىل، سېرىق، ئاق، يېشىل، قوڭۇر رەڭلىك يىپلار بىلەن قېنىق قوڭۇر رەڭلىك ۋە يۇڭ توقۇلمىغا كەشتىلەنەن. ئەپسۇسكى ئۇنىڭ سول، ئوڭ ۋە ئۈستۈنكى بۇرجەكلىرى چالا، رەسىملەرنىڭ تەسۋىرىمۇ ئانچە مۇكەممەل ئەمەس. ئۇنىڭغا ئاق ئات مىنگەن بىر ئادەم كەشتىلەنگەن بولۇپ، ئات قولاقلىرىنى دىڭگايتىپ، بويۇنلىرىنى سوزۇپ سول تەرەپكە قاراپ تۇرغان. ئۈستىدىكى ئادەم ئالدىغا قاراپ تۇرغان، بېشىغا قۇلاقچا، ئۇچىسىغا كۆك جىيەك تۇتۇلغان تون، پۇتىغا توغرا يوللۇق يۇمشاق چەملىك خۇرۇم ئاياغ كىيگەن ئاتنىڭ چۇلۋۇرا ۋە يۈگىنىنى ناھايىتى ئېلىق بولۇپ، پەقەت يۈگۈرگەندىكى تۆمۈر ھالقىنى پەرىق ئەتكىلى بولمايدۇ. ئاتنىڭ كۆكسىگە گۈل چېكىلگەن، نوكچا ئېسىلغان. ئاق ئات مىنگەن ئادەمنىڭ سول يېنىدا بىر ئادەم (باش قىسىمى كام) بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىدا بىر ئادە ئالدىغا قاراپ تۇرغان. ئوڭ تەرەپتە بېشىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ۋە بېشىنى ساڭگىلىتىپ تۇرغان ئىككى ئاق قارا ئىككى ئات بولۇپ، يەنە بىر ئات ھۇشيارلىق بىلەن ئاق ئات قاراەپ تۇرغان تەرپكە قاراپ تۇغان. بۇ كەشتە شۇ چاغدىكى ھۇنەر سەنئەتنىڭ ناھايتى نەپىسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
          سوۋېت ئىتتىپاقى ئارخېئولوگى بوروۋكا يۇقۇرىقى 1-،2-،3-كەشتىدىكى ئادەم، مەنزىرە سۈرەتلىرى قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىن تېپىلغان ساكلارنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش بۇيۇملىرى ۋە ساپال بۇيۇملىرىدىكى ئادەم، مەنزىرە سۈرەتلىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشايدۇ دەپ قارايدىغان بولۇپ، بۇ ساكلار ۋە ساكلارغا مەنسۇپ سارماتلارنىڭ يۇنانچە ۋە باكتېرىيىچە[55] ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرىنى مەركىزىي ئاسىيا ئارقىلىق ھۇنلارغا تارقاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
          يەنە نويان تېغىدىكى 12- نومۇرلۇق ھۇن قەبرىسىدىنمۇ خېلى كۆپ يىپەك بۇيۇملار چىققان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى كەشتىمۇ ھۇنلارنىڭ غەرب خەلقلىرى بىلەن سودا ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسى قىلغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
          بۇنىڭ بىرى «بولۇت، تاغ كەشتىسى» دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. بۇ كەشتىگە كىچىك تاغ ۋە ئاق بۇلۇت چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇزۇنلىقى 1.92 مېتىر، كەڭلىكى 0.38 مېتىرئۇ ئەسلىدىكى قىزىل، سېرىق، قۇڭۇر يىپلار بىلەن قۇڭۇر رەڭلىك تاۋارغا كەشتىلەنگە بولسىمۇ، تاۋار ئۆڭۈپ قېنىق كۈلرەڭگە ئۆگىرىپ قالغان. كەشتىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئىككى كىچىك تاغ، ئوتتۇرسىدا يەنە بىر پاكار تاغ بولۇپ، پاكارتاغقا شاخلىرى ناھايتى باراقسان بىر تۈپ دەرەخ، ئىككى تەرەپتىكى كىچىك تاغقا بېشى سىرتقا، قۇيرۇقى دەرەخكە قارىغان، پەيلىرى تولۇق كەلگەن ئىككى قۇش چۈشۈرۈلگەن. ئۇچىلا تاغنىڭ ئۈستىگە بىردىن ئاق بۇلۇت چىقىرىلغان. بۇ خىل بۇلۇت، تاغ چۈشۈرۈلگەن كەشتە ئېيتىشلارغا قارىغاندا بىر- بىرىگە ئۇلاپ كەشتىلىنىدىكەن. لېكىن بۇ كەشتىنىڭ ئىككى تەرىپى چالا بولغاچقا، بۇنى بىلىش ئىمكانىيىتى يوق، بورۇۋكا بۇ كەشتىنى يۇنانچە ئۇسلۇبتىكى كەشتە، دەپ قارىغان.
          يەنە بىرىنى «پەرۋاز قىلىۋاتقان ئەجدىھا كەشتىسى» دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. بۇ كەشتىگە بىر ئەجدىھا چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇمۇ تاۋارغا كەشتىلەنگەن. ئەجدىھا قۇيرۇقىنى دىڭگايتىپ، بېشىنى ئارقىسىغا بۇراپ، ئالدىغا قاراپ ئىنتىلىۋاتقان ھالەتتە تۇرغان. گەرچە ئۇنىڭ تۆت پۇتى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكىلەرنىڭ نەزىرىدىكى يىلانسىمان ئەجدىھاغا ئوخشىمايدۇ ھەم باشقا ھايۋانلارغىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئەجدىھانىڭ ئىككى مۈرىسىدە بىر جۈپ قىسقا قانىتى بولۇپ، قاناتنىڭ كىچىكلىگى تېنىگە ماس كەلمىگەن. شۇڭا، ئۇنى ئۇچار ئەجدىھا دېيىشكە بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئەتىراپىغا ئۈچ بۈرجەك نەقىس چۈشۈرۈلگەن. كەشتىنىڭ تۆت تەرىپىگىمۇ ئۈچ بۈرجەك، چەمبەر شەكىللىك نەقىشلەر چىقىرىلغان.س . دورجى سورۇڭ بۇ خىل نەقس كىشىگە ئىختىيارسىز ھازىرقى قازاقلارنىڭ چېدىرلىرىدكى نەقىشلەرنى ئەسلىتىدۇ، دېگەن [56].
           ئۇنداقتا، ھۇنلارنىڭ قەدىمى ئەڭ غەربتە نەگىچە يېتىپ بارغان؟«خەننامە» 96- جىلد «غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» دە «ئۇيسۇننىڭ غەربىدىن ئارساكىچە(ھازىرقى كاسپىي دېڭىزىنىڭ شەرقى جەنۇبىدا) بولغان ئەللەرنىڭ ھەممىسى ھۇنلار بىلەن يېقىن ئۆتەتتى. ھۇنلار ئىلگىرى ياۋچىلارنى تارمار قىلغانلىقى ئۈچۈن، ھۇن ئەلچىلىرى تەڭرىقۇتنىڭ خېتىنى كۆتۈرۈپ بارسىلا، ئۇ ئەللەر تەخىرسىز ئۇزۇق- تۈلۈك يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئۇلارنى قىيىنچىلىقتا قالدۇرمايتتى» دەپ خاتىرلەنگەنلىكىگە قارىغاندا، ھۇنلار ئەينى چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى ئەللەر ۋە رايونلار بىلەن سىياسىي ئالاقىدە بولۇپ، تاكى كاسپى دېڭىزى قىرغاقلىرىغىچە بارغان ھەم سىياسىي ئالاقە ئاساسىدا سودا ئالاقىسى قىلغان ياكى مال- مۈلۈك شۈلىۋالغان. شۇڭا، يۇقىرىدىكى ھۇن قەبرىلىرىدىن غەربىي يۇرت ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ كەشتە بۇيۇملىرىنىڭ تېپىلىشى ھەرگىزمۇ تاساددىپىيلىق ئەمەس.
       ئىزاھلار:
    [1] ماركىس: «كاپىتال»، خەلق نەشىرىياتى 1958- يىلى خەنزۇچە نەشىرى، 1- توم، 194 ~ 195- بەتلەر.
    [2] س. دورجى سورۇڭ: «شىمالىي ھۇنلار قەبرىلىرى»، ئۇلانباتۇر پەنلەر كومىتېتى نەشر قىلغان «ئاكادىمىيە ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى»، 1956- يىللىق 1- سان.
    [3] ن. يېشى جامۇسنىڭ «ھۇنلارنڭ ئېتنىك مەنبەسى ۋە جەمئىيەت تۈزۈمى» دېگەن ماقالىسىدىن ئېلىنغان ھۇنلارنىڭ ئارخېئولوگىيىسىگە ئائىت ماتېرىياللار.ئۇلانباتۇر پەنلەر كومىتېتى نەشىر قىلغان «ئاكادېمىيە ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى» ، 1956- يلىق 1- سان.
    [4] س. دورجى سورۇڭ: «شىمالىي ھۇنلار»، 1- باپ «شىمالىي ھۇنلارنىڭ قەبرىلىرى». 1961- يىلى ئۇلانباتۇر نەشرى.
    [5] ئىكىجاۋ ئايماقلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمەت پونكىتى ئېلان قىلغان «شىگۇپەندىكى ھۇن قەبرىلىرى» ، «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» ژورنىلى 1980- يىللىق 7- سان.
    [6] ئىچكى موڭغۇل مۇزېيى ئېلان قىلغان «ئىچكى موڭغۇل جۇڭغار خوشۇنى يۇلۇتەيدىكى ھۇن قەبرىلىرى» ، «ئارخېئولوگىيە» ژورنىلى 1977- يىللىق 2- سان.
    [7] ئكجاۋ ئايماقلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمەت پونكىتى ئېلان قىلغان «ئكىجاۋ ئايمىقى بۇدۇڭ جىلغىسىدىكى ھۇن قەبرىلىرىنى رەتلەش دوكلاتى»، «ئىچكى مۇڭغۇل مەدەنىيەت ياردىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيىسى» ژورنىلى 1981- يىللىق 1- سان.
    [8] گەي شەنلىن: «ئىچكى مۇڭغۇل چاخار ئوڭ ئارقا خوشۇنى جاۋ جىيافاڭ كەنتىدىن بايقالغان ھۇن قەبرىستانلىقى» ، «ئارخېئولوگىيە» ژورنىلى 1977- يىللىق 2- سان.
    [9] «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» ۋە 54- جىلد «سۇۋۇنىڭ تەرجىمھالى»، «شەرقىي ئەسىردىكى خەن خاتىرلىرى» 8- جىلد «دېڭ زۇنىڭ تەرجىمھالى».
    [10] س. دورجى سورۇڭ: «شىمالىي ھۇنلارنىڭ قەبرىلىرى».
    [11] تيەن گۇاڭجىن: «تاۋخۇڭبالادىكى ھۇن قەبرىلىرى؛ ، «ئارخېئولوگىيە ئىلمىي ژورنىلى» 1976- يىللىق 1- سان.
    [12]«يۈلۈڭتەيدىكى ھۇن قەبرىلىرى».
    [13] تالا، لياڭ جىڭمىڭ «قىر ئۇستايدكى ھۇن قەبرىلىرى» ، «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» ژورنىلى 1980- يىللىق 7- سان.
    [14] گەي شنلىن: «ئىكچى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونى جۇڭغار خوشۇنى سۇجى جىلغىسىدىن چىققان بىر قىسىم مىس بويۇملار»، «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ژورنىلى 1965- يىللىق 2- سان.
    [15] «تۇز ۋە تۆمۈر ھەققىدە» 9- جىلد «تۆھپە ھەققىدە» دىمۇ ھۇنلارنىڭ «تۈلكە سۆڭىكىدىن ياسالغان باشاق» ئىشلەتكەنلىكى تىلغان ئېلىنغان.
    [16] «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
    [17] ليۇ شياڭ يازغان «پەندى- نەسىھەتلەر» نىڭ 1- جىلدىدا، يەن بېگى جاۋۋاڭنىڭ 1- يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 312- يىلى) جاۋۋاڭ گو كۇي بىلەن ھاكىمىيەت ئىشلىرى ئۈستىدە سۆزلىشىۋېتىپ، ئۇنىڭدىن: «پېقىرنىڭ يېرىم تار، ئادىمىم ئاز، چى بەگلىكى سەككىز سەھىرىمنى تارتىۋالدى، ھۇنلارنىڭ ئالوبانلارنىڭ جەنۇبىغا بېسىپ كەلدى، ئۇلارغا يالغۇز تاقابىل تۇرماق تەس. بۇنىڭدىن قانداق قۇتۇلماق كېرەك؟» دەپ سورىغانلىقى خاتىرلەنگەن.
    [18] «تارىخىي خاتىرىلەر» 81- جىلد «لى مۇنىڭ تەرجىمھالى».
    [19] «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
    [20] «خەننامە» 87- جىلد «ياڭ شيۇنىڭ تەرجىمھالى».
    [21]س. دورجى سورۇڭ: «شىمالىي ھۇنلار» ، 1- باپ «شىمالىي ھۇنلارنىڭ قەبرىلىرى».
    [22] «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
    [23] «خۇەينەنزى» 1- جىلد «پەندى- نەسىھەتلەر».
    [24] «خەننامە» 49- جىلد «چاۋسۇنىڭ تەرجىمھالى».
    [25] «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
    [26] «تارىخىي خاتىرىلەر. ۋېي چىڭ ۋە قىران چەۋاندازلار سانغۇننىڭ تەرجىمھالى».
    [27] «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
    [28]«كېيىنكى خاننامە» 23- جىلد «دۇ شىيەننىڭ تەرجىمھالى».
    [29] «خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى».
    [30] «خەننامە» 54- جىلد «سۇۋۇنىڭ تەرجىمھالى».
    [31] «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»، «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» ۋە «كېيىنكى خەننامە. جەنۇبىي ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
    [32] «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» ۋە «خەننامە. سۇۋۇنىڭ تەرجىمھالى» ، «ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
    [33] «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»دە مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 110- يىلى ئۇۋى تەڭرىقۇتنىڭ «جەڭچىلەرنى ئارام ئالدۇرۇپ، ئات ئۈستىدە ئوق ئېتىشنى مەشىق قىلدۇرغان» لىقى خاتىرلەنگەن.
    [34] «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»دە مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 78- يىلى، 68- يىلى ۋە 60- يىلى ھۇنلارنىڭ نەچچە ئون مىڭ چەۋاندازىنىڭ قورۇلنىڭ جەنۇبىغا ئوۋغا چىققانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىللە قورۇلدىكى ھەر قايسى تۇر- قەلئەلەرگە ھۇجۇم قىلغانلىقى خاتىرلەنگەن. «كېيىنكى خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»دىمۇ، مىلادىيە 85- يىلى جەنۇبىي تەڭرىقۇتنىڭ جۇشيې تېغىدا ئوۋ قىلىۋاتقاندا، شىمالىي ھۇنلارنىڭ ئونىئوت خانى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغانلىقى خاتىرلەنگەن.
    [35] [36] [37] س. دورجى سورۇڭنىڭ «شىمالىي ھۇنلار قەبرىسى»دېگەن ماقالىسىگە قاراڭ.
    [38] س. سورجى سورۇڭ : «شىمالىي ھۇنلار» 1- باپ «شىمالىي ھۇنلارنىڭ قەبرىلىرى».
    [39] ھۇنلارنىڭ شەھەر، قەلئە خارابىلىرى ھەققىدىكى تۆۋەندىكى ئارخېئولوگىيىلىك دوكلاتلىرىغا قاراڭ.
    (A) خ. پەرلە: «ھۇنلانرىڭ ئۈچ شەھىرىنىڭ خارابىسى»، ئۇلانباتۇر پەنلەر كومىتېتى 1957- يىلى نەشرى، ئەسلى نۇسخىسى يېڭى موڭغۇل يېزىقىدا يېزىلغان.
    (B)س. دورجى سورۇڭ: «شىمالىي ھۇنلار»، 2- باپ «شىمالىي ھۇنلارنىڭ يېزا- كەنتلىرى».
    (C) س. ۋ. كېسلېيۋ: «موڭغۇلىيىدىكى قەدىمقى شەھەرلەر»، بېڭجىڭدا نەشر قىلىنغان. «تارىخىي تەرجىمىلەر» ژورنىلىنىڭ 1957- يىللىق 6- سان.
    (D) «ئاكدېمىك س. ۋ. كېلېيۋنىڭ بېڭجىڭدا بەرگەن ئىلمىي دوكلاتى( Ⅰ ) جەنۇبىي سىبىرىيە ۋە تاشقى بايقالدىكى قەدىمقى شەھەر تۇرمۇشىغا ئائىت يېڭى ماتېرىياللار»، «بېيجىڭدا نەشىر قىلىنغان «ئارخېئولوگىيە» ژورنىلىنىڭ 1960- يىللىق 2- سانى.
    (E) خ. ساير ئۇتجاپ: «موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ ئارخېئولوگىيە تېپىلمىلىىر ھەققىدە قىسقىچە بايان»، بېڭجىڭدا نەشىر قىلىنغان. «ئارخېئولوگىيە» ژورنىلىنىڭ 1961- يىللىق 3- سانى.
    [40] 9- باپ «ھۇنلارنىڭ ئىرقى ۋە تىلى» دىكى «ئوتتۇرا» نىڭ ئىزاھىغا قاراڭ.
    [41] تيەن گۇاڭجىن. گوسۇشىن: «ئىچكى موڭغۇلدىكى ئالوچەيدېڭدىن تېپىلغان ھۇن يادىكارلىقلىرى» ، «ئارخېئولوگىيە» ژورنىلى 1980- يىللىق 4- سان.
    [42] ئكجاۋ ئايماقلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمەت پونكىتى ئېلان قىلغان. «شۇگۇپەندىكى ھۇن قەبرىلىرى» ، «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» ژورنىلى 1980- يىللىق 7- سان.
    [43] ئكجاۋ ئايماقلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمەت پونكىتى ئېلان قىلغان.«شىگۇپەنكىكى خەن سۇلالىسى دەۋرىگە مەنسۇپ ھۇن قەبرىلىرىنى تەكشۈرۈش خاتىرىسى»، «ئىچكى موڭغۇل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيىسى» ژورنىلى 1981- يىللىق 1- سان.
    [44] س. دورجى سورۇڭ: «شىمالىي ھۇنلار» 1- باپ «شىمالي ھۇنلارنىڭ قەبرىلىرى».
    [45] نۆۋەتتە ئىچكى موڭغۇلنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھۇن قەبرىلىرىدىن قېزىۋېلىنغان ساپال بويۇملارنىڭ سانى ئاز ھەم كۆپى پارچىلىنىپ كەتكەن بولغاچقا، بۇ يەردە كۆپ مۇھاكىمە قىلىنمىدى.
    [46] «كېيىنكى خەننامە» 19- جىلد «گېڭ يەننىڭ تەرجىمھالى».
    [47] «كېيىنكى خەننامە» 88- جىلد «غەربىي يۇرت تەزكىرىسى».
    [48] «خەننامە» 49- جىلد :چاۋ سونىڭ تەرجىمھالى».
    [49] «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە ھۇنلار ئۆلگەندە تاۋۇتقا سېلىندىغانلىقى ئېيتىلغان. چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ھۇن قەبرىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدىنمۇ ياغاچ تاۋۇت ۋە كۆتەك تاۋۇت (دەرەخ غولىنى ئۇيۇپ ياسىغان تاۋۇت) چىققان.
    [50] «كېيىنكى خەننامە. جەنۇبىي ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
    [51] «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»، «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»، 70- جىلد «چېن تاڭنىڭ تەرجىمھالى.
    [52] «شىننامە» 4- جىلد «ھۇنلار».
    [53] س. دورجى سورۇڭ: «شىمالىي ھۇنلار» 1- باپ «شىمالىي ھۇنلارنىڭ قەبرىلىرى؛.
    [54] «شىننامە» 3- جىلد «مىس ۋە رەخت».
    [55] باكتىرىيە مەركىزى ئاسىيادىكى قەدىمقى دۆلەت بولۇپ، ئېلىمىز تارىخ ئەسەرلىرىدىكى «ئارساك» تۈر. ئۇنىڭ زېمىنى ھىندىقۇش تېغى بىلەن ئامۇ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنىڭ ئارلىقىدا (ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ شىمالىدا) بولغان.
    [56] يۇقارقى بەش پارچە كەشتە توغرىسىدا س. دورجى سورۇڭنىڭ «شىمالىي ھۇنلار» 1- باپ «شىمالىي ھۇنلارنىڭ قەبرىلىرى» گە قاراڭ.

    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.