-
2010-10-25
ھۇنلارنىڭ ئومۇمى تارىخىنىڭ داۋامى - [ئۇيغۇرتارىخى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/80703813.html
8- باب ھۇنلارنىڭ ئىگىلىكى
1. ھۇنلارنىڭ تۆمۈر قوراللار مەدەنىيىتى
ماركىس: «ئاللىقاچان نەسلى قۇرۇپ كەتكەن ھايۋاننىڭ تەن تۈزۈلۈشىنى بىلىشتە قالدۇق ئۇستىخانلارنىڭ تۈزۈلۈشىنى تەتقىق قىلىش زۆرۈر. ئاللىقاچان يوقالغان ئىجتىمائىي ئىگىلىك تۈزۈلمىسىنى بىلىشتىمۇ ئەمگەك ۋاستىلىرىنىڭ قالدۇقلىرىنى تەتقىق قىلىش ئوخشاشلا زۆرۈر... ئەمگەك ۋاستىلىرى ئوخشاشلا ئىنسانىيەت ئەمگەك كۈچى تەرەققىياتى دەرىجىسىنىڭ ئۆلچىگۈچىسى بولۇپلا قالماي، يەنە ئەمگەك تەۋە بولغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنىڭ كوۆرسەتكۈچىدۇر» دېگەن[1]. شۇڭا، ھۇنلارنىڭ ئەمگەك ۋاستىلىرىنىڭ قالدۇقلىرىنى تەتقىق قىلىش، ھۇنلارنىڭ ئىجىتمائىي ئىگىلىك تۈزۈلمىسنى بىلىشتىكى ئاچقۇچ ھېسابلىنىدۇ.
ھۇنلار مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردىكى گۈللەنگەن چاغلىرىدا ئىگىلىگەن ئەمگەك ۋاستىلىرى مىس قوراللار بولماستىن، بەلكى تۆمۈر قوراللار بولغان يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بويانقى دۆلىتىمىز ئىچى –سىرتىدا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك قېزىشلار بىزنى بۇ جەھەتتىكى ماددى ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
چەتئەلدىكى ئارخېئولوگىيەلىك ماتىرىياللار ئىچىدە موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇريىتى تەۋەسىدىكى ھەر قايسى جايلاردىن (ئەينى ۋاقتتىكى ھۇنلارنىڭ ئاساسلىق ئولتۇراقلاشقان رايونلىرى) قېزىلغان ھۇنلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى چاسا شەكىللىك تاش قەبرىلىرى ۋە نويان تېغىدىن (ھازىرقى ئۇلانباتۇرنىڭ 70 مىل شىمالىدا، ئەينى ۋاقىتتا تەڭرىقۇت ئوردىسىغا تەۋە ئىدى) قېزىلغان ھۇنلارنىڭ قەدىمكى قەۋرىلىرىدىن چىققان نەرسىلەر بىر قەدەر مول. ئەڭ قەدىمكى دەۋىرگە بولغان ئارلىققا مەنسۇپ بولغان چاسا قەبرىلەردىن چىققان تۆمۈر پالتا، تۆمۈر خەنجەر ۋە مىلادىيدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 3-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا مەنسۇپ بولغان تۆمۈر يۈگەندۇر . 1954-يىلى نوپان تېغىدىكى 3-،8-،9-نومۇرلۇق قەدىمكى قەبرىلەردىن چىققان مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3- ۋە 2- ئەسىرلەرگە مەنسۇپ بولغان تۆمۈر قوراللار ئىچىدە ئۈچ قىرلىق تۆمۈر باشاق، يوغان تۆمۈر يۈگەن ھالقا ( يۈگەننىڭ ئىككى چېتىدە ھالقىسى بار)، چوڭ-كىچىك تۆمۈر ھالقا (بەزىلىرى ئاتنىڭ قورساق تاسمسىنىڭ ھالقىسى بولۇپ، تۆمۈر تىلى بار). تۆمۈر ياپراقچە (بەزىلىرى ئات شەكىلىك تۆمۈر ياپراقچە بولۇپ، توشۇكچىلىرى بار) . ۋە تۆمۈر ئۇۋاقلىرى بار. يۇمىلاق تاش قەبرىلەردىن چىققىنىمۇ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3-، 2- ئەسىرلەرگە مەنسۇپ بولغان ئۇچ قىرلىق ئۇزۇن نەيزە باشىقى، تۆمۈر شەمشەر، قىلىچ (پارچىسى)، تۆمۈر يۈگەن ۋە تۆمۈردىن ياسالغان باشقا بويۇملار دۇر [2].
1944-يىلىدىن 1951-يىلغىچە سوۋېت ئىتتىپاقى بۇرىيات ئىتتىپاقداش ئاپتونوم جۇمھۇريىتىنىڭ مەركىزىى ئۇلانئود ئەتراپىدىن مىلادىيىدىدىن بۇرۇنقى 1-ئەسىرگە مەنسۇپ بولغان ھۇنلار ئىشلەتكەن تۆمۈر قوراللار ۋە تۆمۈر قورال قويىدىغان قېلىپ،تۆمۈر ئېرىتىدىغان ئوچاق، شۇنداقلا يەنە تۆمۈر ئورغاق ۋە تۆمۈر سوقىدىن بىر نەچچىسى قېزىۋېلىنىغان[3].
ئۇنىڭدىن باشقا، 1924-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئارخېئولوگى پ. ك. كوزلوۋ نويان تېغىدىكى 6-نومۇرلۇق ھۇن قەبرىسىدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1-ئەسىرگە ،مەنسۇپ بولغان تۆمۈردىن ياسالغان يۈگەن ۋە تۈرلۇك مىخلارنى قېزىۋالغان[4].
يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان ئېلىمىز ئارخېئولوگلىرىمۇ ئىچكى موڭغۇلنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھۇن قەبرىلىرىدىن ھۇنلارنىڭ خېلى كۆپ تۆمۈر قوراللىرىنى قېزىۋالدى. مەسىلەن:
1979-يىلى ئىكجاۋ ئايمىقى جۇڭغار خوشۇنىنىڭ شىگۇپەن دېگەن يېرىدىكى ھۇن قەبرىسىدىن يېغىلىق دەۋرىنىڭ (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 475-يىلىدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 221-يىلىغىچ) ئاخىرقى مەزگىلىگە تەۋە بولغان سۆگەت يوپۇرمىقى شەكىللىك ئۇزۇن تۆمۈر خەنجەر، تۆمۈر يۈگەن، تۆمۈر نەيزە، تۆمۈر بىگىز، تۆمۈر ئىلمەك قاتارلىق قېزىۋېلىندى [5].
1974-يىلى جۇڭغار خوشۇنىنىڭ تيۈلۈڭتەي دېگەن يېرىدىكى ھۇن قەبرىسىدىن يېغىلىق ۋە خەن دەۋرىگە (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 206-يىلىدىن مىلادىيە8-يىلىغىچە)مەنسۈپ بولغان تۇرنا تۇمشۇق شەكىللىك تۆمۈر جوتو (بىر ئۇچى تۈز بسلىق، يەنە بىر ئۇچى تۇرنا تۇمشۇغى شەكلىدە، ئوتتۇرىسىدا يۇمۇلاق تۈشۈكى بار)، ئىككى بوغۇملۇق تۆمۈر يۈگەن، تۆمۈر ئەندۇۋا قاتارلىقلار قېزىۋېلىندى[6]
1980-يىلى دۇڭشېڭ ناھىيىسىنىڭ پۇدۇڭگو دېگەن يېرىدىكى ھۇن قەبرىسىدىن خەن دەۋرىگە تەئەللۇق ھالقا، يوللۇق تۆمۈر شەمشەر، بېسى ۋە قىرى ئويمان ياسالغان تۆمۈر خەنجەر ، رومبا شەكىللىك ئۈچ قىرلىق ۋە يايپاڭ ئۈچ قىرلىق تۆمۈر باشقا، ئىككى بۇغۇملۇق تۆمۈر يۈگەن (ئوتتۇرسىدا كىچىڭ ھالقىسى، ئىككى تەرىپىدە ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى باغلايدىغان چوڭ ھالقىسى)، تۆمۈر داڭقان، تۆمۈر قازان، تۆمۈر ھالقا، چاسا شەكىللىك تۆمۈر تۈگمەن ۋە تۆمۈر زىننەت بويۇملىرى قېزىۋېلىندى[7].
1969-يىلى بايىنغول ئايمىقى چاخار ئوڭ ئارقا خۇشۇنى جاۋجيافاڭ كەنتىدىكى ھۇن قەبرىسىدىن خەن دەۋرىگە مەنسۇپ بولغان تۆمۈر شەمشەر، تۆمۈر نەيزە ۋە تۆمۈر خەنجەر قېزىۋېلىندى[8].
ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى كىتابلىرىدىمۇ ھۇنلارنىڭ تۆمۈر قوراللارنى ئىشلەتكەنلىكىگە ئائىت خاتىرىلەر بار. مەسىلەن، «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە، ھۇنلارنىڭ ئۇرۇش قىلغاندا يىراققا ئوقيا، يېقىنغا قېلىچ، نەيزە ئىشلىتىدىغانلىقى خاتىرىلەنگەن بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھۇنلارنىڭ«جىڭلۇ» دېيىلىدىغان بىر خىل ئېسىل قېلىچى بولۇ، بۇ دائىم ئىشلىتىلىدىغان شەمشەر ئىدى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 116-يىلى خەن سۇلالىسىنىڭ ئۇلۇغ سانغۇنى دېڭ زۇن شىمالىي ھۇنلارنى مەغلۇپ قىلغاندىمۇ 3000 شەمشەر، ئىككى مىڭ داش قازان ئولجا ئالغان[9].
بارلىق قېزىلما ۋە يازما ماتېرىيالار بىرگە ھۇنلارنىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردىن ئىلگىرىلا تۆمۈر قوراللارغا ئىگە ئىكەنلىكى، مىلادىيدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردىن كېيىن تۆمۈر قوراللارنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلەتكەنلىكى، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2- ئەسىردىن كېيىن تۆمۈرچىلىك تېخنىكىسىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ راۋاجلانغانلىقىنى ئۈنۈملۈك ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
قېزىۋېلىنغان بۇيۇملار ئىچىدە تۆمۈر قوراللار ئىچىدىن سىرت، يەنە مىس قوراللارمۇ بار. چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ئەڭ قەدىمكى چاسا تاش قەبرىلەردىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى7 ~3 ئەسىرلەرگە مەنسۇپ مىس پالتا، مىس پىچاق، مىس باشاق، مىس يۈگەن، مىس كۆرگۈ (مىس ئەينەك) ۋە مىس بويۇن باغ قاتارلىقلار قېزىۋېلىنغا. 1954-يىلى نويان تېغىدىكى 8-9-نومۇرلۇق قەبرىدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنى 3~2- ئەسىرلەرگە تەۋە كىچىڭ مىس قوڭغۇراق (قوڭغۇراق تىل تۆمۈردىن ياسالغان)، ئۈچ قىرلىق مىس باشقا (بەش تال)، تۆت قىرلىق مىس باشقا (ئىككى تال)، قوپال ياسالغان مىس قوشۇق، قىس تۇتقۇچ، مىس چەينەك جوغىسى ۋە نۇرغۇن مىس ئەسۋاب پارچىلىرى چىققان. نەپىس ياسلغان مىس بۇيۇملارنىڭ بەزىلىرى ئۇزۇن بويۇنلۇق، يۇمۇلاق شەكىللىك، بەزىلىرىنى تەگلىگى ئىگىز، ئىككى تەرەپىگە نەقىش چېكىلەەن، تۇتقۇچى بار، ئۇلارنىڭ سىرتىغا كۆپ مىقداردا قۇرۇم چاپلىشىپ قالغانلىقىغا قارىغاندا، بۇ مىس بۇيۇملار چاي قاينىتىدىغان ئەسۋابلار بولۇشى مۇمكىن 3-نومۇرلۇق قەبرىدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى2 ~1-ئەسىرلىرىگە تەئەللۇق ئىككى ئاقۇش مىس كۆرگۈ (بىرسىنىڭ بىر تەرەپى سىلىق يەنە بىر تەرىپىگە كۆپ قىرلىق نەقىش چېكىلگەن تۇتقۇچى بېكىتىلگەن، يەنە بىرسىگە«卫» خېتى شەكىللىك نەقىش چۈشۈرۈلگەن) قېزىۋېلىنىغان. 24-نۇمۇرلۇق قەبرىدىن تۆت قىرلىق، ئوتتۇرىسىدا بەش تۆشۈكى بار مىس ئەسۋاب، 26- نۇمۇرلۇق قەبرىدىن ئۈچ قۇلاقلىق، تۇتقۇچى بار يۇمۇلاق مىس ئەسۋاب چىققان.
يۇملاق شەكىللىك تاش قەبرىدىن مىلادىيدىن بۇرۇنقى 3~2- ئەسىرلەرگە تەئەللۇق ئۈچ قىرلىق مىس ئوق، مىس خەنجەر، مىس شەمشەر (پارچىسى)، چاسا شەكىلىك مىس داڭ، مىس يۈگەن، قوڭغۇراق شەكىللىك، ئۈچ تۆشۈكلۈك مىس زىننەت بۇيۇمى قېزىۋېلىغان.
بۇنىڭدىن باشقا، 1924-يىلى لوزلوۋ نويان تېغىدىكى ھۇن قەبرىلىرىدىن مىلادىيىدن بۇرۇقى 3~1-ئەسىرگە مەنسۇپ بولغان مىس داڭقان ۋە مىس ئوچاق، مىس ھالقا، مىس دوبۇلغا قاتارلىقلارنى قېزىپ چىققان. 1928-1929-يىللاردا سوسنوۋىسكىيمۇ موڭغۇلىيەنىڭ يىلىم جىلغىسىدىكى ھۇن قەبرىسىدىن مىستىن ياسالغان ئات ھەيكىلى قېزىۋالغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەشكە ئاساسلانغاندا، بۇ مىستىن ياسالغان ئات ھەيكىلى قېزىۋالغان، تەكشۈرۈپ دەلىللەشكە ئاساسلانغاندا، بۇ مىس ئات ھەيكىلى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1-ئەسىرگە تەۋە ئىكەن[10]
ئېلىمىزنىڭ ئىچكى موڭغۇلىنى ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھۇن قەبرىلىرىدىن قېزىۋېلىنغان بۇيۇملار ئىچىدىمۇ خېلى كۆپ مىس بويۇملار بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن ھەربى قوراللار، ئەسۋاب-سايمانلىرى، ئات جابدۇقلىرى ۋە زىننەت بۇيۇملىرىدىن ئىبارەت. مەسىلەن، 1972-يىى ئىكجاۋ ئايمىقى كاڭجىن خوشۇنى تاۋخۇڭبالا كەنتىدىكى ھۇن قەبرىسىدىن يېغىلىق دەۋرىگە مەنسۇپ بىر تۈركۈم مەدنىيەت يادىكارلىقلىرى بايقالغان بولۇپ، ئاساسلىقى مىس بۇيۇملار، جۈمىلىدىن قاقىرا تۇمشىغىسىمان قىسس پالتا،مسى بىگىز،مىس ئوتۇغۇچ، مىس ئۈشكە، مىس پىچاق، مىس خەنجەر، مىس تۈگمەن، مىس ھالقا، قۇش شەكىللىك، ھايۋانات بېشى شەكىللىك ، تىڭ تۆت بۇلۇڭ شەكىللىك، سىلىندىر شەكىللىك، تۈگمەن شەكىللىك مسى زىننەت بۇيۇمى، مىسى تۈگەن، مىسى ئات جابدۇقى قاتارلىقلار بولغان، بۇنىڭدىن باشقا ئاز ساندىكى ئالتۇن ھالقا ۋە قۈڭگۈزدىن ياسالغان بۇيۇملار چىققان[11]. 1974-يىلى جۇڭغار خوشۇنىنىڭ يۈلۇڭتەي دېگەن يېرىدىكى يېغىلىق دەۋرى ۋە خەن سۇلالسىى دەۋرىگە مەنسۇپ ھۇن قەبىلىلىرىدىنمۇ ئاساسلىقى ئات جابدۇقلىرى قاتارلىق مىس بۇيۇملار چىققان[12]. 1979-يىلى بايىنغول ئايمىقى ئويرات ئوتتۇرا ئارقا بىرلەشمە خوشۇنىنىڭ قىر ئۇستاي رايونىدىكى ھۇن قەبرىلىرىدىن چىققان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىمۇ ئاساسلىقى مىس بۇيۇملار بولۇپ، ئىچىدە قاقىرا تۇمشۇغىسىمان مسى پالتا، مىس پىچاق، مىس خەنجەر، مىس كەكە، مىس باشاق، كىرسىت شەكىللىك، سىلىندىر شەكىللىك ، بۇغر شەكىللىك مىس زىننەت بۇيۇمى ۋە ھارۋا، ئات جابدۇقلىرىدىن 30 ى بولغان[13]. يەنە 1962-يىلى ئىكجاۋ ئايمىقى جۇڭغار خوشۇنى سۇجىگۇ كەنتىدىن بايقالغان خەن سۇلالىسى دەۋرىگە مەنسۇپ ھۇن مىس بۇيۇملىرى ئىچىدىمۇ ئۆرە تۇرغان ئۇزۇن مۈڭگۈزلۈك مىس بۇغا، تۇرنا بېشى، قوي بېشى، بۆرە بېشى ۋە شىر بېشى شەكىللىك مىس زىننەت بۇيۇمى ۋە مىس قوڭغۇراق قاتارلىقلار بولغان[14].
يەنە نويان تېغىدىكى ھەر قايسى ھۇن قەبرىلىرىدىن قېزىۋېلىنغان مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2~1-ئەسرىلەرە تەئەللۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىچىدە سۆڭەكتىن ياسالغان يا پارچىلىرى، سۆڭەك چوكا، ھايۋانات سۈرىتى سىزىلغان سۆڭەك بۇيۇم قاتارلىقلار بولسىمۇ، سانى ناھايتى ئاز بولۇپ، تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق[15]. بۇ مىس قوراللار، بولۇپمۇ تۆمۈر قوراللار بارلىقاق كەلگەندىن كېين سۆڭەك قوراللارنىڭ شاللىنىپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
چوڭ چۆللۈكنى شىمالىدىكى ھەر قايسى جايلىرىدىن تېپىلغان، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردىن كېيىنگە مەنسۇپ بولغان يۇقىرىقى تۆمۈردىن ياسالغان ھەربى قوراللار (قېلىچ، شەمشەر، باشقاق)، ئىشلەپچىقىرش قوراللىرى (ئوغاق، سۇقا) ۋە تۇرمۇش ئەسۋابلىرى (يۈگەن، ھالقا، تۆمۈر پارچىلىرى، تۆمۈر مىق) دىن قارىغاندا، ئەينى چاغدا ھۇنلار تۆمۈر قوراللارنى ھەربى ئىشلاردىن ئەمەس، يەنە ئىجىتمائىي ئىشلەپچىقرىش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتىمۇ ئومۇميۇزلۇك ئىشلەتكەن، بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ تۆمۈر قوراللارنى ئىشلىتىش دائىرسىنىڭ كەڭ ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. يەنە بۇ تۆمۈر قوراللارنىڭ تۈرى ۋە سانىدىن، بولۇپمۇ تۆمۈر قورال قۇيىدىغان قېلىپ ۋە تۆمۈر ئېرىتىش پېچلىرىىمۇ (ئو چاقلىرىنى) بايقىلىشىدىن قارىغاندا تۆمۈر قوراللىرىنى ياساش كۆلىمى خېلىلار چوڭ بولغان. بۈ تۆمۈر رودىسىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. يەن ئۇلارغا تۆشۈك ئېچىلغانلىقى ، قېلىپ ۋە تۆمۈر باشاقلارنىڭ ئۈچ قىرلىقلىقى، تۆمۈر ھالقىلىرىغا تىل بېكىتىلگەنلىكىگە قارىغاندا، تۆمۈر قورالنىڭ شەكىلى مۇرەككەپلەشكەن، قۇيمىچىلىق تېخنىكىسىمۇ نەپىسلەشكەن. بۇنىڭدىن ئەينى چاغدا تۆمۈرچىلىك ۋە قۇيمىچىلىق تېخنىكىسىنىڭ بەلگىلىك سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى. شۇنڭ بىلەن يەنە سوقۇپ ياپلاقلايدىغان، ئېگىپ تۈزلەيدىغان، تۆشۈك ئاچىدىغان ۋە نەقىش چېكىدىغان سايمانلارنىڭمۇ بارلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، يەنە ئاساسلىقى ھەربىي قوراللار (قىلىچ، شەمشەر) ۋە يۈگەننىڭ كۆپىنچە تۆمۈردىن ياسلغانلىقى، ئورغاق سوقا قاتارلىقلار نىڭمۇ تۆمۈردىن ياسالغانلىقى، ئوق باشىقىنىڭمۇ تۆمۈردىن ياسالغانلىقى، ئوق باشىقىنىڭمۇ تۆمۈردىن ياسالغانلىقى، تۇرمۇش ئەسۋابلىرىنىڭ (چەينەك، قوشۇق) ۋە زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ بولسا كۆپىنچە مىستىن ياسالغانلىقىدىن مىلادىيىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردىن كېين تۆمۈر قوراللارنىڭ ھۇنلارنڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشىدا مىس قوراللارنى بېسىپ يېتەكچى ئورۇنغا ئۆتكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. تۆمۈرنىڭ ئوق باشىقى ياساشقا ئىشلىتىلىش ئۇنىڭ ئەينى چاغدا ئىنتايىن ئومۇملاشقانلىقى ۋە تەننەرخىنىڭمۇ تۆۋەن بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. چۈنكى، ئوق ئېتىلسىلا ئۇنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدۇ. «ھۇنلار ئوقياچىلار ئېلى» بولۇپ، ئوقيا ئۇلارنڭ ئاساسلىق قوراللىرىنىڭ بىر بولغاچقا، ئوقيانىڭ خورىشى تەبىئىيكى ناھايتى زور بولىدۇ. باتۇر تەڭرىقۇت دەۋرىدە «ئوقيالىق چەۋەنداز» لار 300 مىڭدىن كۆپ بولغان بولۇپ، مىلادىيە 200-يىلى پىڭچېڭدا ليۇباڭنى قورشاۋغا ئالغان چاغدا ئاتلىق ئەسكەرلەرنىڭ سانى 400 مىڭغا يەتكەن[16].
ئەگەر ھەر بىر ئادەمدە بىردىن ئوقيا بار دەپ ھېساپلىساق ، ئۇنىڭ سانى ناھايتى كۆپ بولغان بولىدۇ. شۇڭا، ئەگەر يېتەرلىك خام ئەشيا مەنبەسى ۋە كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىش بولمىغاندا، بۇنداق زور سەرپىياتنى ۋاقتىدا تەمىنلىگىلى ۋە تولۇقلىغىلى، تەننەرخىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرمىگەندە، بۇنداق زور چىقىمغا بەرداشلىق بەرگىلى بولمايدۇ.
يەنە ھەر قايسى جايلاردىن چىققان ھەربى قوراللار ئىچىدىن مىستىن ياسالغانلىرى بولسىمۇ، بۇنىڭلىق بىلەن تۆمۈر قوراللارنىڭ ئەينى چاغدىكى ئىجتىمائىي ئشىشلەپچىقىرىشتىىكى يېتەرلىك ئورنىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، بىرىنچىدىن، نۇغۇنلىغان مىس ھەربى قوراللارن (مىستىن ياسالغان شەمشەر، باشاق،) ئېھتىمال بۇرۇنقى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يالدامىسى بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى تۆمۈر ھەربى قوراللارنىڭ مەيدانغا كېلىش شۇ ھامانلار يوقۇلىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئىلغار قوراللارنىڭ قالاق قوراللارنىڭ ئورنىنى ئېلىشىدىكى تارىخى قائىدىگە ئاساسلانغاندا، بۇنىڭغا بىر پەيدىنپەي شاللاش جەريانى كېتىدۇ. ئىكككىنىچىدىن، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىدا قىسىتىن ياسالمىنىنىڭ كۆپ بولۇشى دەل مىس قوراللىرىنڭ پەيدىنپەي ئىشلەپچىقىرىش ساھەسى ۋە ھەربى ساھەدىن چېكىنىپ (تۆمۈر قوراللارغا ئورۇن بوشىتىپ)، ئاساسلىقى كۈندۈلۈك تۇرمۇش ساھەسىدە ئىشلىتىشكە يۈزلەنگەنلىكىنى چۈشەندۇرىدۇ. ئۈچىنچىدىن، يەنە نويا تېغى ۋە ئىچكى موڭغۇلدىن تېپىلغان مىس قوراللارنىڭ نەپىس ياسىلىش تېخنىكىسىدىن قارىغاندا، ئەگەر ئەينى چاغدا تۆمۈردىن ياسالغان ئۆتكۈر ئەسۋابلار بولمىسا بۇنداق يۇقىر تېخنىكا سەۋىيىگە يەتكىلى بولمايتتى. شۇڭا، ئەينى چاغدا مسى قوراللارنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىمۇ تۆمۈر قوراللارنىڭ تېخنىكا ئاساسى ئۈستىگە قۇرۇلغان.
تارىخىي قانۇنيەتكە ئاساسلانغاندا، ھەر بىر خىل مەدەنىيەت پەيدا بولغاندىن تارتىپ گۈللەنگىچە چۇقۇم بىر ئۇزاق مەزگىللىك ئۆزگىرىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. ھەرگىزمۇ تويۇقسىز پەيدا بولۇپ، بىردىنلا گۈللىنىپ كەتمەيدۇ. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 7 ~ 3 – ئەسىرلەرگە تەئەللۇق بولغان ئەك قەدىمكى چاسا شەكىللىك تاش قەبىلىلەردىن تېپىلغان تۆمۈر قوراللار، بولۇپمۇ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 4- ئەسىرنىڭ ئاخىرى 3- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا مەنسۇپ بولغان تۆمۈر يۈگەن، شۇنداقلا نويان تېغى ۋە ئۇلانئۇدودىن چىققان تۆمۈر قوراللارنىڭ سەۋىيىسىدىن قارىغاندا، ھۇنلار چىن شىخۇاڭ دەۋرىدىن بۇرۇنلا، يەنى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 5- ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 4- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا تۆمۈر قوراللارنى ئىشلىتىشكە باشلىغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىرنىڭ ئالدى- كەينىدە تۆمۈر قوراللارنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلەتكەن. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2- ئەسىردە تۆمۈر قوراللارنى ئىشلىتىش تېخىمۇ ئومۇملاشقان. شۇڭا، مېنڭچە ھۇنلار مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىرنىڭ ئالدى- كەينىدىلا تۆمۈر قوراللار مەدەنيىتى دەۋرىگە كىرگەن. ئۇنىڭدىن بۇرۇن بىرونزا قوراللار مەدەنىيىتى دەۋرىدە تۇرغان.
دەل ھۇنلار يېغىىق دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىلا تۆمۈر قوراللار مەدەنيىتىنى ئىگەللىگەچكە ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچى يۈكسىلىپ، يەككە ئىشلەپچىقىرىش ۋە خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئىپتىدائىي ئۇرۇقداشلىق جامائەسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئۇلار سىنپى جەمئىيەتكە قەدەم قويغان ھەم ئاجايىپ كۈچەيگەن. شۇڭا، ئۇلار ئەينى چاغدا تۆمۈر قىلىچ، تۆمۈر شەمشەر، تۆمۈر ئوق ۋە تۆمۈر يۈگەن بىلەن ئاتلىق ئەسكەرلىرىنى قوراللاندۇرۇپ، «ئالابانلارنىڭ تۆۋىنىگىچە بېسىپ كەلگەن[17]» ھەم جاۋ بەگلىكىنىڭ چېگىرلىرىنى پاراكەندە قىلغان. بۇنىڭ بىلەن «چېگىردا تېرىقچىلىق قىلغىلى، مال باققىلى بولمايدىغان [18]» بولۇپ قالغان. چىن سۇلالىسى كۈچەيگەندىمۇ ئامالسىز «سەددىچىن سېپىلى» نى ياساپ مۇداپىئە كۆرۈشكە مەجبۇر بولغان. خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىمۇ ئۇلار ئاجايىپ كۈچىيىپ، خەن سۇلالىسىنىڭ شىمالىدىكى ئاساسلىق تەھدىت سالغۇچى كۈچ بولۇپ قالغان.2. چارۋىچىلىقى، ئوۋچىلىقى ۋە دېھقانچىلىقى
تۆمۈر قوراللار مەدەنىيىتىى ھۇنلار جەمئىيىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېڭى بىر تارىخى باسقۇچقا كۆتىرىپ چارۋىچىلىقنىلا زور دەرىجىدە گۈللەندۇرۇپ قالماستىن، يەنە دىھقانچىلىق ۋە قول ھۇنەرۋەنچىلىكنىڭ تەرەققىياتنىمۇ زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرگەن.
(1) چارۋىچىلىق
ھۇنلارنىڭ ئىگىلىكى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان، ئۇلار ئوت - سۇ قوغلۇشۇپ ھەر تەرەپلەردە كۆچۈپ يۈرۈپ، كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشى كەچۈرگەن.
ھۇنلارنىڭ ئىگىلىكى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغاچقا، چارۋا ئۇلارنىڭ ئاساسلىق بايلىقى، تۇرمۇش ۋاستىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىسى ئىدى. چارۋىلارنىڭ ئىچىدە ئات،كالا، قوي ئاساسى ئورۇندا تۇراتتى. ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكى، كىيىم-كېچىكى ۋە نۇرغۇنلىغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى چارۋىدىن كېلەتتى. تارىخى ئەسەرلەردە خاتىرىلىنىشىچە، «مال-چارۋىلارنىڭ گۆشىنى ئوزۇق، تېرىسىدىن كىيىم قىلىپ، كىگىز ئۆيلەردە ئولتۈرغان».
يەنە مال- چارۋىلارنىڭ سۈتىدىن ياسالغان قېتىق ۋە قۇرۇت ئىستىمال قىلغان. ئۇلار بۇ خىل قېتىق ۋە قۇرۇتنى «جۇڭلاۋ» [19]، «مىلى» [20] دەپ ئاتىغان. ئۇلار يەنە كۆن خۇرۇمدىن چېدىر، تۇلۇم، ساۋۇت قاتارلىقلارنىمۇ ياسىغان.
چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ھۇن قەبرىلىرىدىن ئومۇميۈزلۈك زور مىقداردىكى ھايۋانات ( ئات، كالا، قوي) سۆڭەكلىرىنىڭ بايقىلىشى، ھۇنلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مال-چارۋىلارنىڭ گۆشىنى ئوزۇق قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. يەنە قەبىرلەردىن بۇغا، ياۋا ئىشەك، قۇشلارنىڭ سۆڭەكلىرى چىققانلىقىدىن [21] قارىغاندا، ئۇلار ياۋايى ھايۋانلارنىمۇ ئوزۇق قىلغان. بۇ دەل ھۇنلارنىڭ يالغۇز چارۋىچىلىق قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئوۋچىلىق قىلغانلىقىنىڭمۇ ماددى ئىسپاتىدۇر.
ھۇنلاردا ئاتنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 200- يىلى باتۇر تەڭرىقۇت پىڭچىڭدا (ھازىرقى سەنشىدىكى داتۇڭنىڭ شەرقى) 400 مىڭ كىشلىك ئاتلىق قوشۇن بىلەن ليۇ باڭنى قورشۋالغاندا قوشۇننى ئاتنىڭ رەڭگىگە ئاساسەن توپقا ئايرىغان. غەرب تەرەپتە پۈتۈنلەي ئاق ئاتلىقلار، شەرق تەرەپتە پۈتۈنلەي كۆك ئاتلىقلار، شىمال تەرەپتە پۈتۈنلەي قارا ئاتلىقلار، جەنۇب تەرەپتە تورۇق ئاتلىقلار تۇرغان. بۇنىڭدىن باشقا ئۇلارنىڭ يەنە تۆگە، خېچىر، دۇلدۇل، قۇلان قاتارلىق ئېسىل چارۋىلىرى بولغان[22].
ھۇنلاردا ئاتنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولغان، مەيلى ئىقتىسادىي ساھە بولسۇن ياكى ھەربى ساھە بولسۇن، ئات ھۇنلارنىڭ ئاساسلىق قورالى بولغان. ھۇنلار كىچىكىدىن باشلاپلا ئات مىنىش، ئوقيا ئېتىشقا پىشىپ، چوڭ بولغاندا بىردەك ئاتلىق ئەسكەر بولاتتى. ئۇلار شىمالنىڭ جۇغراپىيىلىك مۇھىتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ماسلاشقان بولۇپ، ئادەتتە« ئوقيانىڭ كىرىچنى بوشاتمايتتى، ئىگىرىنى ئاتتىن ئالمايتتى» [23]، ئات مىنىپ ئوقيا ئېتىش ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئىدى. غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى چاۋسو ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئارتۇقچىلىقىنى تەسۋىرلەپ: «ھۇنلارنىڭ ماھارىتى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈزلەڭلىكتىكىلەر بىلەن ئوخشىمايدۇ، تاغ- ئېدىرلاردا چېپىپ يۈرۈش، دەريا- ئېقىنلاردىن ئۆتۈشتە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكىلەرنىڭ ئاتلىرى ئۇلارنىڭكىگە يەتمەيدۇ. خەتەرلىك جىلغا- داۋانلاردا بىر تەرەپتىن ئات چاپتۇرۇپ، بىر تەرەپتىن ئوقيا ئېتىشتا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك چەۋاندازلىرى ئۇلارغا يېتىشەلمەيدۇ. بۇ ھۇنلارنىڭ ئەڭ پىششىق ماھارەتتۇر»، دېگەن [24].
ھۇنلارنىڭ چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ناھايتى گۈللەنگەن. تارىخى ئەسەرلەردە خاتىرلىنىشىچە، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 127- يىلى خەن سۇلالىسى سەركەردىسى ۋېي چىڭ ھۇنلارغا زەربە بەرگەندە، «دەريانىڭ جەنۇبىدىكى يەرلەر» دە بىر مىليون تۇياقتىن ئارتۇق كالا، قوي ئولجا ئالغان [25]. يەنە مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 124- يىلى سۇفاڭدىكى گاۋ چۆ ئارقىلىق ئوڭ قول بىلىك خانغا ھۇجۇم قىلغاندا، نەچچە ئون مىليون تۇياق چارۋا ئولجا ئالغان [26]. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 71- يىلى خەن سۇلالىسى بىلەن ئۇيسۇنلار بىرلىشىپ ھۇنلارغا ھۇجۇم قىلغاندا، چېرىكچى بەگ چاڭخۇي قاتارلىقلار ئات، كالا، قوي، خېچىر، تۆگە بولۇپ 700 مىڭ تۇياقتىن ئارتۇق چارۋا ئولجا ئالغان [27]. مىلادىيە 89- يىلى خەن سۇلالىسى سەركەردىسى دۇ شىيەن شىمالىي تەڭرىقۇتنى سىچۈبىدى كۆلى (موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ئۇبىسۇ كۆلى) بويىدا قاتتىق مەغلۇپ قىلغاندا، ئات،كالا، قوي، تۆگىدىن بىر مىليون تۇياقتىن ئارتۇق ئولجا ئالغان [28]. مىلادىيە 134- يىلى ئارقا قوش ئەمىر لەشكەرلىرى چاۋۇل جىلغىسىدا (شىنجاڭدىكى بۇغدا تېغىدا) شىمالىي ھۇنلارنى مەغلۇپ قىلغاندا، يۈزمىڭ تۇياقتىن ئاتۇرق كالا، قوي ئولجا ئالغان [29]. يۇقارقىلار پەقەت بىر رايون، بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ئولجا ئېلىنغان مال- چارۋىلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەر قېتىمدا كۆپ بولغاندا مىليوندىن، ئاز بولغاندا يۈزمىڭدىن كۆپ بولغىنىدىن ھۇنلارنىڭ چارۋىچىلىقىنىڭ قانچىلىك تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. يەنە ھۇنلارنىڭ دىڭلىڭ ۋېي لۈنىڭ «ئات، كالىلىرىنىڭ تاققا توشۇپ كەتكەنلىكى» دەك [30] ئەھۋالدىن ھۇن ئاقسۆكەڭلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقى چارۋىلارنىڭمۇ ئاز ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئەمما، ھۇنلارنىڭ چارۋىچىلىق ئىگىلىكى، ناھايتى تۇراقسىز ئىدى. چۈنكى چارۋىلارنى بېقىش ۋە كۆپەيتىش مول ئوت- سۇغا ۋە مۇۋاپىق كېلىماتقا ئېھتىياجلىق بولغانلىقتىن، زور دەرىجىدە تەبئىي شارائىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايتتى. يەنە كېلىپ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيىسى بىر قەدەر تۆۋەن بولغاچقا، تەبئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمۇ ئىنتايىن ئاجىز ئىدى. بوران- چاپقۇن، قاتتىق سوغۇق، قۇرغاقچىلىققا ئۇچرىسىلا چارۋىلار كۆپلەپ ئۆلۈپ كېتىپ، ئىشلەپچىقىرىش بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايتتى. بۇنىڭ بىلەن ئىجتىمائىي ئىگىلىك چېكىنىپ، خەلق ئاچارچىلىقتا قېلىپ، قوۋم ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالاتتى. مەسلەن، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 68- يىلى، 8- يىلى، 71- يىلى قىشتا، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 68- يىلى ۋە مىلادىيە 46- يىلنىڭ ئالدى- كەينىدە مۇشۇنداق ئەھۋاللار يۈز بەرگەن [31]. ئىگىلىكنىڭ بۇ خىل تۇراقسىزلىقى سىياسىي جەھەتتە ھاكىمىيەتنىڭ تۇيۇقسىز گۈللىنىپ، تۇيۇقسىز خارابىلىشىشىغا سەۋەب بولاتتى.
ئۇنىڭدىن باشقا ئوت- سۇ قوغلىشىپ كۆچۈپ، بۇرۇنقى جەريان چوڭ جەھەتتىن، تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش جەريانى ئەمەس. پەقەت تەبىئەتتىن پايدىلىنىش جەريانى بولغاچقا، تەبئىي شارائىتىنى ئۆزگەرتىش جەريانى ناھايتى ئاستا ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇقىم ئولتۇراقلاشماي ئوت- سۇ قوغىلىشىپ كۆچۈپ يۈرۈش ئىشلەپچىقىرىش تەجىرىبىلىرىنىڭ توپلىنىشى، ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغىمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلاتتى.
(2) چارۋىچىلىق
ھۇنلارنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشىدا ئوۋچىلىقمۇ مۇھىم ئورۇننى ئىگەللىگەن. «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە، ھۇنلار كىچىگىدىنلا قويغا مىنىپ قۇشقاچ، چاشقان ئاتاتتى. سەل چوڭ بولغاندا تۈلكە، توشقان ئېتىپ ئولجىنى ئۇزۇق قىلاتتى، دەپ خاتىرلەنگەن. يەنە ئۇلار پادا باققاندا ھايۋانلارنى ئوۋلاپ ئۇزۇق قىلىشنى ئادەت قىلغان. ئەمەلىيەتتىمۇ تۈمەن تەڭرىقۇت، باتۇر تەڭرىقۇت ۋە چەتقۇ تەڭرىقۇتلار دائىم قوۋمىنى باشلاپ ئوۋغا چىقىپ تۇرغان. چەتقۇ تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى ئۈكەن خانمۇ دائىم بايقال كۆلى ئەتىراپىغا ئوۋغا چىقىپ تۇرغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 43- يىل ئەسلىدە قورۇلنىڭ ئىچىگە كىرىپ ماكانلاشقان قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ شىمالغا قايتىپ كەتمەكچى بولۇشىنىڭ بىر سەۋەبىمۇ دەل «قورۇل ئىچىدە ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تۈگەپ، ئوۋلىغۇدەك بىر نەرسە قالمىغان» لىقى [32] بولغان. بۇنىڭدىن غەربى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىمۇ، يەنى مىلادىيىدىن بۇرنقى 3- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن كېيىنمۇ ئوۋ ئوۋلاشنىڭ ھۇنلارنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشىدا تېخى ئۆز ئورنىنى يوقىتىپ قويمىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ئەمما، بۇ ۋاقىتتا چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئوۋ غەنىيمەتلىرى ھۇنلارنىڭ ئاساسلىق تۇرمۇش ۋاستىسى بولماي، پەقەت قوشۇمچە ئۇزۇقلۇقى بولۇپ قالغان. شۇڭا، ئوۋچىلىق ئانچە مۇھىم بولمىغان ئورۇنغا چۈۈشۈپ قېلىپ، بەزى چاغلاردا ئەسكەرلەر ئىچ پۇشۇقىنى چىقىردىغان ۋە ئات ئۈستىدە ئوقيا ئېتىشنى مەشق قىلىدىغان ۋاستىسىگە ئايلىنىپ قالغان [33]. بەزى ئەھۋاللاردا يەنە ئوۋ ئوۋلاش بىلەن يۈرۈشكە چىقىش بىرلەشتۇرۋېتىلىپ، ئوۋ قىلىش خالىغان چاغدا دۈشمەنگە قارىشى ئۇرۇشقا ئايلاندۇرۇلغان [34].
(3) دېھقانچىلىق
ئاخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللار ھۇنلارنىڭ خېلى بۇرۇنلا دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. مەسلەن، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىردىن ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا مەنسۇپ بولغان ھۇنلارنىڭ چاسا شەكىللىك قەبىلىلىرىدىن دېھقانچىلىققا باغلىنىشلىق بولغان تاش توغۇر (ياغۇنچاق) [35] بايقالغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2 ~ 1- ئەسىلەرگە مەنسۇپ بولغان نويان تېغىدىكى 23- نومۇرلۇق ھۇن قەبرىسىدىن زىرائەت ئۇرۇقى [36] بايقالغان. بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇنلىغان ھۇن قەبرىلىرىدىن كۆپلىگەن دانلىق زىرائەت، دېھقانچىلىق سايمانلىرى ۋە دېھقانچىلىققا باغلىنىشلىق بولغان چوڭ ساپال قاچىلار [37] بايقالغان. ھۇنلار ئادەتتە دانلىق زىرائەتلەرنى چوڭ ساپال قاچىلارغا سالغان بولۇپ، بايقالغان بۇ خىل چوڭ ساپال قاچىلاردىن دائىم دانلىق زىرائەتلەر چىققان (مەسلەن، نويان تېغىدىكى 12- ، 23- ۋە 25- نومۇرلۇق قەبرىلەر) [38].
يازما ماتېرىياللاردىمۇ ھۇنلارنىڭ دېھقانچىلىققا ئائىت كۆپلىگەن ماتېرىياللار بار. مەسلەن، «تارىخىي خاتىرىلەر. ۋېي چىڭ ۋە قىران چەۋانداز سانغۇننىڭ تەرجىمھالى» دا خاتىرلىنىشىچە، ۋۇدىنىڭ يۈەنشۇ 4- يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 119- يىلى) ۋېي چىڭ ھۇنلارغا قويغان ئىنتايىن كۆپ تېرىقنى قولغا چۈشۈرگەن. «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە خاتىرلىنىشىچە، ۋۇدىنىڭ خۇيۈەن 1- يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 88- يىلى) كۈزدە، ھۇنلار رايونىدا ئۇدا بىر نەچچەر ئاي قار-يامغۇر ياغمىغاچقا، «زىرائەتلەر پىشمىغان». يەنە شۇ كىتابنىڭ «غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» دە خاتىرلىنىشىچە، جاۋدى دەۋرىدە ئۇيسۇن مەلىكىسى مەكتۇپ سۇنۇپ ھۇنلارنىڭ ئاتلىق قوشۇن ئەۋەتىپ قوشتا تېرىقچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلغان. يەن شۈەندى تەختتىكى ۋاقتىدا بەش سانغۇننى قوشۇن باشلاپ قوشقا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتكەندە، قوشتا تېرىقچىلىق قىلىۋاتقان 4000 كىشلىك ھۇن قوشۇنى قورقۇپ قېچىپ كەتكەن. بۇلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولۇدىكى، ھۇنلار ھەقىقەتەنمۇ ناھايتى بۇرۇنلا دېھقانچىلىق قىلغان ھەم تۆمۈر دېھقانچىلىق قوراللىرىنىڭ (مەسلەن، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تۆمۈر ئورغاق، تۆمۈر ساپان) ئىشلىتىلىشىگە ئەگىشىپ دېھقانچىلىقى ئۈزلىكسىز تەرەققىي قىلغان. شۇڭا، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2- ئەسىردىن كېيىن ھۇنلارنىڭ ئاشلىق ئامبارلىرىدا زور مىقداردا ئاشلىق ساقلانغان. «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە خاتىرلىنىشىچە، جاۋدىنىڭ شىيۈەن 4- يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 83- يىلى) ۋېيلۇ تەڭرىقۇتقا ئەقىل كۆرسىتىپ، شەھەر قۇرۇپ ئۆي- ئىمارەتلەرنى سېلىپ، زىرائەتلەرنى ساقلاشنى، خەنزۇلاردىن پايدىلىنىپ چۆللۈكنىڭ شىمالىنى ئوبدان ساقلاپ، خەن سۇلالىسى بىلەن ئۇزاققىچە قارىشلىشىشقا جۈرەت كۆرۈشنى ئوتتۇرغا قويغان. بۇنىڭدىن شۇنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، ھۇنلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىكىدە دېھقانچىلىقمۇ مۇئەييەن ئورۇننى ئىگەللىگەن. ئەمما ئورغاق، ساپان (خەنزۇلار ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەن دېھقانچىلىق قوراللىرى) لارنىڭ بايقىلىشىدىن ۋە ئۆي- ئىمارەت سېلىپ دانلىق زىرائەتلەرنى ساقلاشتا خەنزۇلارنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىدىن قارىغاندا، ھۇنلارنىڭ دېھقانچىلىقى خەنزۇلارنىڭ تەسىرىگە زور دەرىجىدە ئۇچرىغان بولۇپ، دېھقانچىلىق تېخنىكىسى خەنزۇلاردىن تارقىلىپ كىرگەن ھەم دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئەمگەكچىلەرنىڭ كۆپ قىسىمى خەنزۇلار بولغان.
يازمان ماتېرىياللارغا قارىغاندا، ھۇنلار مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىردە باش كۆتۈرۈپ، مىلادىيە 1-ئەسىردە زاۋالىققا يۈز تۇتقىچە ئىزچىل كۆچمەن چارۋىچلىق تۇرمۇشى كەچۈرگەن بولۇپ، مۇقىم ئولتۇراقلاشمىغان. دېھقانچلىقىنى پەقەت كۆچمەن چارۋىچىلىق جەريانىدا قىلغان. ھالبۇكى، سوۋېت ئىتتىپاقى، موڭغۇلىيە ئارخېئولوگلىرى 1960- يىلغىچە بايقال كۆلىنىڭ يېقىن ئەتراپى يەنسەي دەرياسى، سېلىنگا دەرياسى، تۇۋا دەرياسى، ئورخۇن دەرياسى ۋە قۇرۇلۇن دەرياسى ۋادىلىرىدا ئون نەچچە يەردە ھۇنلارنىڭ شەھەر- قەلئەلىرىنىڭ خارابىسىنى بايقىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە بەش (بىرسى سوۋېت ئىتتىپاقىدا، تۆتى موڭغۇلىيىدە) قىسمەن ھالدا قېزىلغان [39]. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى بۇريات ئىتتىپاقداش ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى ئۇلانئودۇدىكى ئىۋولگە بازىرى، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ھۇنلارنىڭ بىر چوڭ مۇداپىئە قەلئەسى بولۇپ، بۇ قەلئەدە مۇداپىئەچى قوشۇنلار تۇرۇپلا قالماي، يەنە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاھالىلەرمۇ تۇرغان. قەلئەدە پۇقرالارنىڭ كىچىك ئۆيلىرى، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ چوڭ ئۆيلىرىمۇ بولۇپ، چوڭ ئۆيلەردە ئۇچاق، كاڭ قاتارلىقلار بولغان. دورجى سورۇڭ بۇنى يەككە ئائىلىلەردىن تەركىبە تاپقان ھۇنلار تۇرالغۇسى دەپ قارىغان. بۇ يەردىن يەنە نۇرغۇن ساپال بويۇملار تېپىلغان بولۇپ، كېسلېيېۋ بۇنى ھۇنلارنىڭ تىپىك ساپال بويۇمى دەپ قارىغان. تېپىلغان بويۇملار ئىچىدە يەنە يىپ ئىگىردىغان چاق، تېرىقچىلىقتا ئىشلىتىلدىغان ساپان، مىس قەدەھ، مىز قازان، تۆمۈر پىچاق، تۆمۈر ياپراقچە، تۆمۈر مىخ، مى، تۆمۈر تاۋلىغاندا تاشلىۋېتىلگەن مىس داشقىلى، مىس پارىچىسى ۋە تۆمۈر داشقىلى، سۆڭەك باشاق ۋە زىننەت بويۇمى قاتارلىق نەرسىلەر بولغان. كېسلېيېۋ ساپاننى خەن دەۋرىدىكى دېھقانچىلىق سايمىنى دەپ قارىغان. دورجى سورۇڭ مىس ۋە تۆمۈر داشقاللىرىغا ئاساسلىنىپ، بۇ ھۇنلارنىڭ مىس ۋە تۆمۈر تاۋلىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى دەپ قاراپ، ئەينى چاغدا مەخسۇس تۆمۈر تاۋلايدىغان ئىشچىلار ۋە تۆمۈر ئېرىتىدىغان يۇقىرى ھارارەتلىك ئوچاق بولغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلغان. سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە موڭغۇلىيە ئارخېئولوگلىرى بۇ قەلئەنىڭ سېپىل بىلەن قورشالغانلىقى ۋە ئۈچ قات خەندەك قېزىلغانلىقىغا قاراپ، بۇ ھۇنلارنىڭ بىر چوڭ مۇداپىئە قەلئەسى دەپ بېكىتكەن. يەنە بۇ قەلئەنىڭ شىمالىدىن باشقا ھۇن قەلئەلىرى ۋە قەبرلىرىنىڭ تېپىلغانلىقىغا قاراپ، بۇنى ھۇنلارنىڭ ئەك شىمالدىكى شەھىرى ھەپ ھۆكۈم قىلغان. بۇ شەھەرنى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن مىلادىيە 1- ئەسىرگىچە بولغان ئارلىققا مەنسۇپ، دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.
مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2- ئەسىرنىڭ ئالدى- كەينىدە ھۇنلار شەھەر- قەلئە ياساشنى ۋە دېھقانچىلىق قىلىشنى بىلگەن. بۇنى يۇقىرىدا بايان قىلدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە خاتىرلىنىشىچە، ۋۇدىنىڭ جېڭخې يىللىرىدا (مىلاديىدىن بۇرۇنقى 92 ~ 89- يىللار)، خەن سۇلالىسى قوشۇنلىرى ھۇنلارغا غەلبىسېرى قوغلاپ زەربە بېرىپ، فەن خانىم قەلئەسىگىچە بارغان يەن شىگۇ جاڭ يەننىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىپ «فەن خانىم ھۇنچە ئەپسۇن ئوقۇيالايتتى» دەپ ئىزاھلىغان. باشتا ئېلىنغان دېيىلگەن ھۇنلار چۆللۈكنىڭ شىمالىدا قۇرغان جاۋشىن قەلئەسى ۋە ۋېيلۇنىڭ تەكلىۋىگە ئاساسەن قۇرۇلغان قەلئەلەرنىڭ ھەممىسى زىرائەت (ئاشلىق) ساقلاش بلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، بۇ فەن خانىم قەلئەسىدە تۇرىدىغان فەن خانىم بىر قامان (باخشى) بوغلان. بۇ قەلئەلەر نىڭ خاراكتېرى ۋە ئىشلىتىلىش ئورنى توغرىسىدا ئېلىمىز ئالىملىرى تېخىچە تەتقىقات ئېلىپ بارمىغان. نۆۋەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە موڭغۇلىيە ئارخېئولوگلىرى چۆللۈكنىڭ شىمالىدا بىر نەچچە يەردە ھۇنلارنىڭ شەھەر، قەلئە خارابىلىرىنى قازدى ھەم ئۇلارنىڭ مۇقىم تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىنى، شەھەرلەردە مۇقىم ئولتۇراقلاشقانلىرىنىڭ تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى دەلىللىدى. بۇنى ھۇنلار ئارخېئولوگىيىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى مەسلە ياكى ئىلگىركىلەر تەتقىق قىلمىغان مەسلە دېيىشكە بولىدۇ.
ئۇلانئودۇنىڭ ئىۋولگا بازىرىدىكى ھۇن قەلئەسىنىڭ خارابىسىنى ئەمەلىي تەكشۈرمىگەنلىكىمىز ۋە قېزىۋېلىنغان نەرسىلەرنى كۆرمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن بۇ توغرىدا ھۆكۈم چىقىرىشقا ئامالسىزمىز. لېكىن، دەسلەپكى قەدەمدە خەنزۇ يېزىقىدىكى ماتېرىياللار بىلەن سېلىشتۇرساق، بىر نوقتىدىن شۈبھىلىنىشكە بولمايدۇ. يەنى تارىخىي ئەسەرلەردىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، ھۇنلارنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن چېگىرلىنىدىغان يېرىدە دائىم «ئوتتۇرا» (خوشنا قەبىلىلەر ياكى ئۇلۇسلار ئوتتۇرسىدىكى «بىتەرەپ رايون» ياكى «ئارىلىق يەر» نى كۆرسىتىدۇ. دەپ ئاتالغان ئارىلىق بولغان. ئەينى چاغدا شەرقتە توڭگۇسلار بىلەن چېگىرلىنىدىغان يەردىمۇ، جەنۇپتا خەنزۇلار بىلەن چېگىرلىنىدىغان يەردىمۇ، ئوتتۇرا بولغان. ئوتتۇرادا چېگرا مۇداپىئە قوشۇنلىرى چارلاش ۋە قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلارغا ئوتتۇرا خانى باشچىلىق قىلغان. جىددىي ئەھۋاللارغا دۈچ كەلگەندە ھۇن ھۆكۈمرانى يەنە دەرھال زور تۈركۈمدىكى چارۋىچىلارنى ئوتتۇراغا كۆچۈرۈپ، چېگرىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرغان [40]. ئوتتۇراغا بارغان چارۋىچىلار ۋە ئوتتۇرانى قوغداش، چارلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان چېگرا مۇداپىئە قوشۇنلىرى مۇھىم ئولتۇراقلاشمىغان بولۇپ، دېھقانچىلىق قىلمىغان. گەرچە ئوتتۇرادا تۇرغان ھۇن چارۋىچىلىىرى ھەر ۋاقىت دېھقانچىلىق قىلالايدىغان بولسىمۇ، مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ دېھقانچىلىق قىلىش باشقا بىر گەپ. شۇڭا ئىۋولگا بازىرىدىكى قەلئە خارابىسىنى يەنىمۇ ئەستايىدىل ھالدا چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈشكە ئەرزىيدۇ.历史上的今天:
ھۇنلارنىڭ ئومۇمى تارىخىنىڭ داۋامى 2010-10-25ھۇنلارنىڭ ئومۇمى تارىخىنىڭ داۋامى 2010-10-25ھۇنلارنىڭ ئومۇمى تارىخىنىڭ داۋامى 2010-10-25ھۇنلارنىڭ ئومۇمى تارىخىنىڭ داۋامى 2010-10-25ھۇنلارنىڭ ئومۇمى تارىخىنىڭ داۋامى 2010-10-25
收藏到:Del.icio.us