ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-10-25

    ھۇنلارنىڭ ئومۇمى تارىخىنىڭ داۋامى - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/80705966.html

    ھۇنلارنىڭ كيىنىشى  ۋەچاچ قويۇشى تارىخىي ماتېرىياللاردا ئېنىق خاتىرلەنگەن. «خۇەينەنزى» 11- جىلد «قائىدە- يوسۇنلارغا رەددىيە» دە: «ھۇنلار ئۇزۇن چاچ قويۇپ پاخپايتىۋالاتتى» دېيىلگەن. ئاتالمىش «ئۇزۇن چاچ» چېچىنى تۈگىۋالمىغانلىنى، «پاخپايتىۋېلىش» چېچىنى قۇيۇۋېتىشنى كۆرسىتىدۇ. «خەننامە. تۈركلە ھەققىدە قىسسە» دە: « تۈركلەر ئادىتى بويىچە چېچىنى بوغماي سول يېنىغا تاشلىۋالاتتى. بۇ قەدىمقى ھۇنلار بىلەن ئوخشايتتى» دەپ خاتىرلەنگەن. «خەننامە. لى لىڭنىڭ تەرجىمھالى» دا، لى لىڭ بىلەن ۋېيلۇ خەن ئەلچىلىرىنى كۈتىۋالغاندا، ئىككىلىسىنىڭ ھۇنچە كېيىم كىيىنپ چېچىنى ئۆرۈۋالغانلىقى خاتىرلەنگەن. تەتقىلاتلارغا ئاساسلانغاندا، شىمالدىكى مىللەتلەرنىڭ بولسا چېچىنى ئۇزۇن قويۇپ پاخپايتىۋالغان. جەنۇبتىكى مىللەتلەر بولسا چېچىنى تۈگىۋالاتتى. «خەننامە» 43- جىلد «لۇ جياڭنىڭ تەرجىمھالى» دا، لۇ جيا جەنۇبى يۆلەرگە ئەلچى بولۇپ بارغاندا، جەنۇبىي يۆ خانى يۈتونىڭ چېچىنى تۈگىۋالغان خاتىرلەنگەن. يەن شىگۇ بۇنىڭغا ئىزاھ بېرىپ: «چېچىنى تۈگۈۋالغۇچىلار چېچىنى بىر تۇتام قىلىپ ئۆرۈۋالاتتى. ئۇنىڭ شەكلى خۇددى ئومۇرتقىغا ئوخشايتتى» دېگەن. لى لىڭ بىلەن ۋېيلۇ كىيگەن كىيىمنىڭ قانداق شەكىلدە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ چېچىنى ئۆرۈۋېلىشى ھۇنلارنڭ چاچ قويۇش شەكىلى بولمىسا كېرەك. چۈنكى ھۇنلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك چېچىنى قويۇۋېتەتتى. بۇ يازمان ھۆججەتلەر (مەسلەن، «خۇەينەنزى» ۋە «جۇننامە») دىلا كۆرۈلۈپ قالماستىن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ فېڭشى قېزىش ئەترىتى 1955 ~ 1957- يىللىرى شەنشى ئۆلكىسى چاڭئەندىكى خەن دەۋرىگە مەنسۇپ بولغان شاڭلىن باغچىسىدىن (ھازىرقى فېڭشى ناھىيىسىنىڭ كېشېڭجۇاڭ كەنتى) ئالاھىدە بىر قەبرە (140- نومۇرلۇق قەبرە) نى قازغاندا، ھەمدەنپە بۇيۇملار ئىچىدىن ئۇزۇنچاق شەكىلدىكى ئىككى مىس تاختا بايقىغان. بۇ مىس تاختىلارغا ئىككى ئات ۋە ئىككى ئادەمنىڭ سۈرىتى چېكىلگەن بولۇپ، بۇ ئىككى ئادەم بىر- بىرسىنىڭ بېلىنى ۋە پۇتىنى تۇتۇپ چېلىشىۋاتقان قىياپەتتە تۇرغان. ئىككىلىسى قاڭشارلىق، چاچ بولۇپ، پۇشقىقى بوغماق ئىشتان كىيىۋالغان [21]. ئارخېئولوگلارنىڭ بېكىتىشىگە ئاساسلانغاندا، بۇ بىر ھۇن قەبرىسى بولۇپ، ئۆلگۈچى ئېھتىمال ھۇنلارنىڭ خەن سۇلالىسىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچى ياكى ئەلچىنىڭ ھەمراھى بولسا كېرەك. بۇ قەبرىنىڭ قېزىلىشى ھۇنلارنىڭ چاچ قويۇشى، كېيىم- كېچىكى، زىننەت بويۇملىرى، چىراي- قىياپىتى [22] ۋە چېلىشىش ئادىتىنى چۈشىنىۋېلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. گەرچە بۇ قەبرە چوڭ چۆللۈكنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى ھۇنلار ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ بىزنى ماددىي ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
    ئىزاھلار:
    [1] بۇ يېزىق بەلگىلىرىنى س. دورجى سورۇڭنىڭ «شىمالىي ھۇنلار» 5- باپ «ھۇنلارنىڭ مەدەنيىتى» دىن كۆرۈڭ.
    [2] مېنىڭچە، ھۇنلارنىڭ شۈبھىسىز ئۆز يېزىقى بولغان. ئەگەر ھۇنلارنىڭ يېزىقى يوق، ھۇن تەڭرىقۇتلىرىنىڭ خەن پادىشاھلىرىغا يازغان خەتلىرىنى خەنزۇلار خەنزۇچە يېزىقتا يېزىپ بەرگەن دېيىلگەن بولسا، ئۇ ھالدا ھۇنلارنىڭ باشقا ئەللەرگە يازغان خەتلىرىدىمۇ شۇ ئەللەردىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ يېزىقىدا يېزىپ بەرگەن بولىدۇ. مېنڭچە، ھۇنلارنىڭ ھەممىسىلا ئەللەردىن پۈتۈكچى يىغىۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس. يەنە كېلىپ ھۇنلارنىڭ ئۆز ئىچىدە يات يېزىقنى ئىشلىتىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، ھۇنلارنىڭ يېزىقى يوق، دېگەن قاراشقا قوشۇلغىلى بولمايدۇ (تەرجىماندىن).
    [3] جۇشىنىڭ «چۇ نەزمىلىرىنىڭ كېيىكى بايانى» ۋە گو ماۋچىڭنىڭ «مۇزىكا مەھكىمىسى شېئىرلىرى» گە قاراڭ. «چۆرىنىڭ ئون سەككىز ئۇدارى» نى سەي ۋېنجىنىڭ ئۆزى يازغان- يازمىغانلىقى توغرىسىدا ھازىرغىچە ئىلىم ساھەدىسە مۇنازىرە مەۋجۇت. ئۇ تۇرغان جەنۇبىي ھۇنلارنىڭ سول قول بىلىك خانىنىڭ ئوردىسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىمۇ تېخى مۇقىملاشتۇرۇلمىدى. لېكىن، «كېچىلىرى ئاڭلىنار لوڭشۈينىڭ شوخ شاۋقۇنى، كۈندۈزلىرى كۆرنەر سەددىچىنىڭ يوللىرى» (6- ئۇدار)، «كەڭ باياۋان دالىدا قەد كۆتۈرگەن ك تۇرلار» (7- ئۇدار) دېگەن مىسرالاردىن قارىغاندا، ئۇ ئېھتىمال ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلنىڭ غەرىبىدىكى كونا سەددىچىن سېپىلىنىڭ جەنۇبىدا بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئەتىراپ دەل جەنۇبىي ھۇنلار شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە قورۇلدىن كىرگەندە ماكانلاشقان رايون ئىدى.
    [4] «كېيىنكى خەننامە» 84- جىلد «ئىپپەتلىك ئاياللارنىڭ تەرجىمھالى».
    [5] جىننامە» 69- جىلد «ليۇ خۇينىڭ تەرجىمھالى» نىڭ قوشۇمچىسى ۋە 62- جىلد «ليۇ كۈننىڭ تەرجىمھالى».
    [6] بۇ ھۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئايرىم- ئايرىم ھالدا پ. ك. كوزلوۋنىڭ «تاشقى موڭغۇلىيەنى تەكشۈرۈش دوكلاتى» ۋە س. دورجى سورۇڭنىڭ «شىمالىي ھۇنلار» 1- باب شىمالىي ھۇنلارنىڭ قەبرىلىرى» دىن دەپ كۆرۈڭ.
    [7] «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» ژورنىلىنىڭ 1959- يىللىق 6- سانىدىكى لى ميەنيۈنىڭ «ئىچكى موڭغۇلنىڭ خېلىنگىر ناھىيىسىدىن تېپىلغان مىس قوراللار» دېگەن ماقالىسىگە ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى نەشرياتى 1964- يىلى نەشر قىلغان «ئىچكى موڭغۇلدىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما»، «ئومۇمىي بايان» 5- بەت، 47- ، 48- رەسىمگە قاراڭ.
    [8] «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» ژورنىلىنىڭ 1965- يىللىق 2- سانىدىكى گەي شەنلىننىڭ «ئىچى موڭغۇل ئاپتونوم رايۇنى جۇڭغار خوشۇنى سۇجى جىلغىسىدىن قېزىۋېلىنغان بىر تۈركۈم مىس قوراللار» دېگەن ماقالىگە قاراڭ.
    [9] «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى» نىڭ 1957- يىللىق 4- سانىدىكى لى ميەنيۈنىڭ «ئىچكى موڭغۇلنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى ھۇن ۋە خەن دەۋرى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» دېگەن ماقالىسىگە قاراڭ.
    [10] «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
    [11] «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دىكى جىن شۇنىڭ بايانىغا قاراڭ.
    [12] خ. پەرلە: «ھۇنلارنىڭ ئۈچ شەھىرىنىڭ خارابىسى»، ئۇلانباتۇر پەنلەر كومىتېتى 1957- يىلى نەشىر قىلغان.
    [13] «خەننامە» 28- جىلد «جۇغراپىيە تەزكىرىسى».
    [14] داخانلىق قامانلارنىڭ ئەپسۇن ئوقۇش ئارقىلىق كىشلەرنى قايمۇقتۇرۇشىدۇر. تارىخىي ئەسەرلەردە خاتىرلىنىشىچە، خەن ۋۇدى پالغا ئىشىنىدىغان بولۇپ، كۆپلىگەن قامانلارنى پايتەختكە ئەكەلگەن. ئايال قامانلار ئوردىغا كىرىپ ئوردىدىكىلەرگە بالا- قازادىن ساقلىنىشنى ئۆگىتىپ، ھەر بىر ھۇجرىغا ياغاچ ھەيكەللەرنى كۆمۈپ نەزىر- چىراغ قىلغان. كېيىن ئۇ بارا- بارا يامانلىق تىلەپ سۇيقەست قىلىشنىڭ ۋاستىسىگە ئايلىنىپ قالغان. ۋۇدى ئاغىرىپ قالغاندا، جيىڭ چۇڭ كېسەلنىڭ مەنبسى داخانلىقتا دىگەچكە، ۋۇدى جياڭ چۇڭشى باش بولۇپ ئوردىدىكى ياغاچ ھەيكەللەرنى قېزىپ ئېلىۋېتىشكە ۋە شۇنداق قىلغانلارنى زىندانغا تاشلاشقا بۇيرىغان. جياڭ چۇڭ لى شاھزادە بىلەن ئاداۋىتى بولغاچقا، شاھزادىنىڭ قەسىرىدە ياغاچ ھەيكەل بەك كۆپكەن دەپ بۆھتان چاپلىغان. شاھزادە قورقۇپ جياڭ چۇڭنى ئۆلتۈرۈپ، قوشۇن تارتىپ ئىسيان كۆتەرگەن بولسىمۇ، مەغلۇپ بولۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان. كېيىن تيەن چيەنچيۇ شاھزادىنىڭ ناھەق ئۆلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، ۋۇدى جياڭ چۇڭنىڭ جەمەتىنى سۈرگۈن قىلغان. بۇ تارىختا «داخانلارنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشى» دەپ ئاتالغان. بۇ ۋۇدى دەۋرىدىكى ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى بىر قېتىملىق كۈرەش ئىدى.
    [15] «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
    [16] «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
    [17] «تارىخىي خاتىرىلەر» 123- جىلد «پەرغانە تەزكىرىسى».
    [18]«خەننامە» 70- جىلد «جىن تاڭنىڭ تەزكىرىسى».
    [19] «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
    [20] «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
    [21] «ئارخېئولوگىيە» ژورنىلىنىڭ 1959- يىللىق 10- سانىدىكى «1955 ~ 1957- يىللاردىكى شەنشى چاڭئەن فېڭشى كەنتىدىكى قېزىش دوكلاتى» ۋە 1963- يىلى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى نەشىرياتى نەشىر قىلغان، ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورى تۈزگەن «لى شۈي دەرياسىنىڭ غەربىدىكى قېزىش دوكلاتى» نىڭ 138- 140- بەتلىرى.
    [22] چەتئەللەردىكى بۇرژئۇا ئالىملىرى ھۇنلارنى ناھايتى بەت- بەشرە تەسۋىرلىگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ قىلچە ئاساسى يوق. بۇ پەقەت تارىختىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قىلىنغان ھاقارەتتۇر. ھۇنلارنىڭ چىرايى زادى قانداق؟ نۆۋەتتە يازما ماتېرىياللار ۋە ئارخېئولوگىيىلىك قېزىلمىلار ئارقىلىق بۇنىڭغا كونكىرىت جاۋاپ بەرگىلى بولمايدۇ. «خەننامە» 68- جىلا «جىن مىتىنىڭ تەرجىمھالى» دا: « «جىن مىتىنىڭ بويى ئىگىز بولۇپ، سەككىز چى ئىككى سۇ كېلەتتى. چىرايى سۈرلۈك ئىدى» دېيىلگەن. بۇ جۇڭگو يازما ماتېرياللىرىدىكى ھۇنلارنىڭ چىراي- تۇرقى سۈرەتلەنگەن بىردىن- بىر خاتىرىدۇر. بۇنىڭدىن باشقا، ئالىملار بۇرۇن داۋاملىق «جىننامە» 107- جىلد «شى جىلۇڭ ھەققىدە خاتىرە» دىكى «رەن مىڭ كېش غۇزلىرىنى قىرغىن قىلغاندا ئېسىل- پەس، ئەر- ئايال، قېرى- ياش بولۇپ 200 مىڭ ئائىلىلىكتىن ئارتۇق ئادەمنى قىرىۋەتكەن. شۇ چاغدا قاڭشارلىق، ساقاللىق كەلگەنلەدرىن خاتا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى ئومۇمىي ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكنى ئىگەللىگەن» دېگەن بايان ۋە يەنە شۇ «خاتىرە» دىكى «شى شۈەننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ چىرايقى ھۇنلارغا بەك ئوخشايتتى ئورا كۆز ئىدى» دېگەن بايانغا ئاساسلىنىپ، بۇنى ھۇنلارنىڭ چىراي- تۇرقىنىڭ ئىپادىسى قىلىشقان. ھالبۇكى، تارىخىي ئەسەرلەردە كېشلارنىڭ ئەجدادى ھۇنلارنىڭ باشقا ئۇرۇقىدىن. ئۇلار شاڭداڭ، ۋۇشياڭدا ئولتۇراقلىشىپ كېش غۇزلىرى دېيىلگلەن ( «ۋېينامە» 95- جىلد «شى لېنىڭ تەرجىمھالى» ) دەپ خاتىرلەنگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھۇنلار بىلەن بىر ئىرىقتىن ئەمەسلىكى (كېش غۇزلىرى غەربىي يۇرت ئىرقىغا مەنسۇپ ئىدى) جۇڭگو، چەت ئەل ئالىملىرى تەرىپىدىن بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان. كېشلارنىڭ چىراي- تۇرقى مەلۇم جەھەتتىن ھۇنلارغا ئوخشىسمۇ، لېكىن بۇ ئىككى مىللەتنى ئارىلاشتۇرۋېتىشكە بولمايدۇ.
             قوشۇمچە
                                   ھۇنلارنىڭ ياۋروپادىكى پائالىيىتى
          ھۇنلارنىڭ ياۋروپادىكى پائالىيىتى ھەققىدە دۆلىتىمىزدىكى ئالىملارنىڭ تەتقىقاتى بىر قەدەر ئاز بولسىمۇ، چەتئەللەردە بۇ ھەقتىكى مەخسۇس ئەسەرلەر خېلى كۆپ. مەن بۇ مەزمۇننى ئامېركىلىق تارىخشۇناس مېك گوۋېرىننىڭ «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەتلەر تارىخى» دېگەن ئەسىرى ۋە ئاۋستىرىيىلىك ئالىم ئوتتومائېنچىن خېلفېننىڭ «ھۇنلار دۇنياسى» دېگەن ئەسىرى ھەم باشقا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلىنىپ يېزىپ چىقىپ، كىتابىمنىڭ قوشۇمچىسى سۈپىتىدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندۇم.
                  1. ھۇنلارنىڭ ياۋروپاغا بېسىپ كىرىشىنىڭ1- باسقۇچى (مىلادىيە 374 ~ 400- يىللار)
                                  ۋە مىللەتلەرنىڭ چوڭ كۆچۈشىنى پەيدا قىلىشى

          مىلادىيە 91- يىلىدىن باشلاپ غەربكە كۆچۈشكە باشلىغان ھۇنلار 374- يىلى ھازىرقى دون دەرياسىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان ئالانلارنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن دون دەرياسى ساھىلىد پەيدا بولۇپ، ياۋروپادىكى مىللەتلەرنىڭ چوڭ كۆچۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاساسلىق رول ئويناشقا باشلىدى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىللە ياۋروپاغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. ئالان دۆلىتى يوقىتىلغاندىن كېيىن، گەرچە نۇرغۇنلىغان ئالانلار ھۇنلارغا بويسۇنۇپ، ئۇلارنىڭ غەربكە قىلغان يۈرۈشىگە قاتناشقان بولسىمۇ، لېكىن بىر قىسىمى جەنۇبقا قېچىپ كاۋكاز تېغىغا كېتىپ، يەنە بىر قسىمى غەربكە قېچىپ شەرقىي گوتلارنىڭ مۇداپىئە سېپىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، شەرقىي گوتلارنىڭ تېرىتورىيىسىگە كىرىۋالدى. شەرقىي گوتلارنىڭ چېگىرىسى دون دەرياسىنىڭ غەربى بىلەن دېنىستىر دەرياسىنىڭ ئارىلىقىدا ئىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ھۇنلارمۇ داۋاملىق تۈردە غەربكە يۈرۈش قىلىپ، دون دەرياسىدىن ئۆتۈپ، مىلادىيە 374- يىلى شەرقىي گوتلارنىڭ زىمىنىغا ھۇجۇم قىلىپ كىردى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئەينى چاغدىكى ھۇنلارنىڭ يولباشچىسى بالامىر ئىكەن.
         ھۇنلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىك خەۋىرى «گوتلارنىڭ باشقا قەبىلىلىرىنىڭ ئارىسىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇلار ھىچقاچان ئاڭلاپ باقمىغان، قەيەردىن كەلگەنلىكىنىمۇ بىلگىلى بولمايدىغان بىر قوۋمنىڭ تاغدىكى بوران- چاپقۇندەك كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارغا يولۇققانلىكى نەرسىنىڭ بۇلاڭ- تالاڭغا ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئاڭلىشىپ، ئىنتايىن قورقۇپ كەتكەن [1]. شەرقىي گوتلارنىڭ ياشىنىپ قالغان پادىشاھى ھېرمانرىكنىڭ ھۇنلارنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇشقا كۈچى يەتمىگەچكە، قوشۇنى بىرىنچى قېتىم مەغلۇپ بولغاندىلا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالدى. ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان ۋىتخىمىر بۇ ۋەزىيەتنى ئوڭشىماقچى بولۇپ ھۇنلار بىلەن بىر نەچچە ئاي جاپالىق ئۇرۇش قىلغان بولسمۇ، لېكىن ئاخىرىدا يەنىلا مەغلۇپ بولۇپ ھالاكەت تەقدىرىدىن قۇتۇلالمىدى. ھېرمانرىكنىڭ ئوغلى ھۇنىمۇند قوۋمىنى باشلاپ ھۇنلارغا تەسلىم بولدى. قالغان شەرقىي گوتلار ئالاتىئۇس ۋە سافراكىس قاتارلىق ئىككى كىشىنىڭ باشلامچىلىقىدا غەربتىكى غەربىي گوتلار شەرقىي (دېنىستېر دەرياسىنىڭ غەربىگە) كەتتى. غەربىي گوتلار شەرقىي گوتلارنىڭ مەغلۇپ بولۇشى ۋە ئۇلارنىڭ قېلىپ قالغانلىرىنىڭ ئۆز تېررىتورىيىسىگە قېچىپ كېلىشىدىن ھۇنلارنىڭ تاجاۋۇزىنىڭ تەھدىتىنى ھېس قىلغاچقا، پادىشاھ ئاتانارىك دەرھال شەرقىي سەپتىكى مۇداپىئەنى كۈچەيتىپ، دېنىستېر دەرياسىنىڭ بويلىرىغا قورغانلارنى سېلىپ، ھۇنلارنىڭ دەريادىن ئۆتۈشىنى توسىماقچى بولدى. لېكىن، ھۇنلار ئۇ غەربىي گوتلارنىڭ مۇداپىئە سېپىدىن يىراق بولغان دېنىستېر دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىن يۇشۇرۇنچە ئۆتۈپ، غەربىي گوتلارنىڭ ئارقىسىدىن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلماقچى بولدى.
         نەتىجىدە، غەربىي گوتلار قوشۇنى قاتتىق زەربىگە ئۇچراپ ئېغىر چىقىم تارتىپ، جەنۇپتىكى دوناي دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى دېلانسىرۋانىيە ئورمانلىقىغا (ھازىرقى رۇمىنىيە چېگرىسى ئىچىدە) قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. ھۇنلار كۆپ غەنىيمەتلەرگە ئېرىشكەچكە، بىر مەھەل قوغلىغاندىن كېيىن قوغلاشنى توختاتتى. غەربىي گوتلار ئىنتايىن قورقۇپ كەتكەچكە، ئۇلارنىڭ بىر قىسىملىرى، جۈملىدىن تەخمىنەن 200 مىڭدەك ئاھالە ئاقساقال فىرىتگېرننىڭ باشلامچىلىقىدا رىم ئىمپېرىيىسىدىن ئۆزلىرىنىڭ دوناي دەرياسىدىن ئۆتۈپ رىم ئىمپېرىيىسىدە پاناھلىنىشقا رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ چاغدا رىم ئىمپېرىيىسى تېخى شەرق- غەربتىن ئىبارەت ئىككىسىگە بۆلۈنمىگەن ئىدى. رىم ئىمپېراتورى ۋالنېس ئوردا كېڭىشىنىڭ مۇزاكىرىسى ئارقىلىق، ئاخىرىدا غەربىي گوتلارنىڭ چېگرىدىن كىرىشىگە رۇخسەت قىلدى. رىم ئىمپېرىيىسى تەۋەسىگە كىرگەن بۇ غەربىي گوتلار كېيىن ئىمپېرىيىنىڭ يەرلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر زۇلىمى ۋە ئىقتىسادىي ئېكىسپىلاتاتىسىيىسىگە چىدىماي زور كۆلەملىك مالىمانچىلىق پەيدا قىلدى [2]. ئۇلار بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىدا بارغانلا يېرىدە ئوت قويۇپ بۇلاڭچىلىق قىلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇرۇن ھۇنلار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ ئالاتىئۇس ۋە سافراكىس ئىككىيلەننىڭ باشلامچىلىقىدا غەربىي گوتلار رايونىغا قېچىپ كەلگەن قالدۇق شەرقىي گوتلارمۇ دوناي دەرياسىدىن ئۆتۈپ، بالقان يېرىم ئارىلىدا پەيدا بولۇپ، سېرىس ۋە ماكىدۇن قاتارلىق جايلارنى بۇلاڭ- تالاڭ قىلدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ھۇنلار ۋە ئالانلارنىڭ ئالدىن يۈرەر قوشۇنلىرىمۇ بۇ يەردىكى مالىمانچىلىققا قاتناشتى. لېكىن ئۇلارنىڭ سانى ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. چۈنكى، ھۇنلارنىڭ ئاساسىي كۈچى بۇ چاغدا تېخى دوناي دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى ئەسلىدە گوتلارغا تەۋە بولغان زىمىندا تۇرىۋاتاتتى.
         گوتلارنىڭ ئىسيانىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن، رىم ئىمپېراتورى ۋېلنېس شەرق ۋە غەربتىكى سەر خىل قىسىملارغا شەخسەن ئۆزى باشچىلىق قىلىپ، مىلادىيە 378- يىلى گوتلار بىلەن جەڭ قىلدى. نەتىجىدە رىم قوشۇنلىرى قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ، ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئەسكەر ئۆلدى. ۋلېنېسمۇ ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ئۇرۇش رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاساسىنى تەۋرىتىپ قويدى. ۋالنېس ئۆلگەندىن كېيىن ، گوتلار ھۇنلارنىڭ تەھدىتىنى تېخىمۇ بەك ھېس قىلغاچقا، رىم ئىمپېرىيىسى تېرىتورىيىسىدە تۇرىۋەردى. رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىشقا مادارى يەتمىدى. ئاخىرىدا مىلادىيە 382-يىلى ئەتراپىدا ئىككى تەرەپ سۈلھى تۈزۈشتى. سۈلھىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، شەرقىي گوتلار ۋە ئۇلار بىلەن بىللە بالقانغا كىرگەن ئالانلار ۋە ھۇنلار پاننونىيە (ھازىرقى ۋېنگرىيە تەۋەسىدە) ۋە ئۈستۈنكى موسىيا تۆۋەنكى موسىيادا ئولتۇراقلىشىدىغان بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن، غەربىي گوتلار دائىم دېگۈدەك ئىسيان كۆتۈرۈپ تۇردى. مىلادىيە 395-يىلى رىم ئىمپېرىيىسى رەسمى ھالدا شەرق ۋە غەربتىن ئىبارەت ئىككىگە پارچىلاندى. 398-يىلى شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى غەربىي گوتلارنىڭ پاراكەندىچىلىكىنى يوقىتالمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، ئۇلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنىڭ رەھبىرى ئالارىكنى ئۆزىگە تارتىپ، ئاندىن ئۇلارنى ئىمپېرىيىگە بويسۇندۇردى.
         مىلادىيە 375~400-يىللار ئارىلىقىدا، ھۇنلار ئالانلار ۋە گوتلارنى غەربكە كۆچۈشكە مەجبۇر قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاساسلىق قىسىمى يەنىلا جەنۇبىي روسىيە يايلاقلىرىدا، يەنى ئالانلار ۋە شەرقىي گوتلارنىڭ ئەسلىدىكى زېمىنىدا تۇرۇۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسىمى جەنۇپقا يۇرۇش قىلىپ كاۋكاز تېغىدىن ئۆتۈپ، ئەرمىنىيە، مېسوپوتامىيە ۋە سۈرىيە قاتارلىق جايلارغا ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھۇجۇنلىرىنىڭ ھەممىسىلا چېكىندۈرۈلدى. مىلادىيە 396-يىلى يەنە ئاز بىر قىسىم ھۇنلار تىگرىس دەرياسى بويىدىكى كېتىسفون (پېرسىيەدىكى ساسانلار خانلىقىنىڭ پايتەختى) شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، لېكىن قايتۇرما زەربىگە ئۇچراپ غەلبە قازىنالمىدى. شۇڭا، تاكى مىلادىيە 400- يىلىغا قەدەر ھۇنلارنىڭ ئاساسلىق قىسىمى يەنىلا كارپات تېغىنىڭ شەرىقىدە تۇرىۋەردى. لېكىن مىلادىيە 400- يىلىنىڭ كۈز پەسلىدىن باشلاپ ھۇنلار تۇنجى قېتىم رىملىقلار بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىشقا باشلىدى. يەنە شۇ چاغدا شەرقني رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ گانىيا ئىسىملىك بىر سەركەردىسى ئاسىيلىق قىلىپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، دوناي دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىن يۇشۇرۇنچە ئۆتۈپ، ھازىرقى رومىنىيگە قېچىپ كەتمەكچى بولدى. ھالبۇكى، ئەينى ۋاقىتتا بۇ رايوننى يىلدىز باشچىلىقىدىكى ھۇنلار ئىگىلەپ تۇرىۋاتقان ئىدى. يىلدىز رىم ئىمپېرىيىسىگە بولغان دوستلۇقنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، گانيانى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ، كاللىسىنى كونىستانتىنوپولىدىكى شەرقىي رىم ئىمپېراتورىغا ئەۋەتىپ بەردى [3]. تەخمىنەن مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ھۇنلارنىڭ غەربكە يۈرۈشىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى باشلاندى.

    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.