ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-10-25

    ھنلارنىڭ ئومۇمى تارىخىنىڭ داۋامى - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/80701140.html

    6. باب ھۇنلارنىڭ گۈللىنىشى، خارابلىشىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى(Ⅱ)

    4. ۋاڭ ماڭنىڭ ھۇنلارغا قاراتقان خاتا سىياسىتىۋە شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدىكى ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ تاجاۋۇزى

          قوغۇشار تەڭرىقۇت ئۆلگەندىن (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 31-يىلى) كېيىن، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇنىڭ ۋەسىيتىگە بويسۇنۇپ خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھاكىميىتى بىلەن تىنچ، دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلىدى. فۇجۇرۇت تەڭرىقۇتتىن كېيىن ھەر بىر تەڭرىقۇت تەختتە ئولتۇرغاندا ئاتاقلىق خانلىرىنى ئەۋەتىپ سوۋغا تەقدىم قىلدى ياكى ئوغۇللىرىنى بارىمتايلىققا ئەۋەتتى ۋە ياكى شەخسەن ئۆزى ئوردىغا زىيارەتكە كەلدى. زىيارەتكە بىللە كەلگەن خانلىرى ۋە ھەمراھلىرى دائىم 200 ئەتراپىدا بولدى. ئۇجۇلجۇت تەڭرىقۇت زىيارەتكە كەلگەندە (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 1-يىلى) باشلاپ كەلگەن ئادەملىرى 500 گە يەتتى①. خەن سۇلالىسىمۇ ئۇلارنى ناھايىتى ھەشەمەتلىك كۈتۈۋالدى. ھەر قېتىم قارىشى ئالدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس خادىملارنى قورۇلدىن چىقىپ كۈتۈۋېلىشقا ئەۋەتتى② ھەم ئابرويلۇق چېگرا ئەمەلدارلىرى ۋە قەددى-قامەتلىك كىشىلەرنى تاللاپ تەڭرىقۇتنىڭ ئۆتەر يولىدىكى ئايماقلارنىڭ (مەسلەن، يەنمېن، يۈنجۇڭ دېگەندەك) ۋالىيلىقىغا قويدى③. ھەر قېتىم ئۇلارنى قۇبۇل قىلغان چاغدا قائىدە بويىچە كىمخاپ، شايى، سەرناق، كىيىم-كېچەكلەرنى ھەسسىلەپ تەقدىم قىلدى. ئەمما، بۇ خىل دوستانە مۇناسىۋەت ۋاڭ ماڭ ھاكىميەت يۈرگۈزگەن دەۋرىدىن (مىلادىيە 1-يىلىدىن) باشلاپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.
    ۋاڭ ماڭ ھۇنلارغا ئىنتايىن خاتا سىياسەت تۇتتى.
          بىرىنچىدىن، ئۇ شۈەندى، يۈەندى دەۋرىلىرىدە خەن سۇلالىسى بىلەن ھۇنلار ئوتتۇرسىدا تۈزۈلگەن ئۈچ ماددىلىق كېلىشىمگە (جۇڭگو تېررىتورىيىسىدە خەنزۇ، ھۇن مىللەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ياشاۋاتقان رايونلىرىنى ئۆزى ساقلاش؛ قورۇللار تاجاۋۇزغا ئۇچرىسا دەل ۋاقتىدا خەن سۇلالىسىگە مەلۇم قىلىش؛ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن ھۇنلارغا قېچىپ بارغۇچىلارنى قوبۇل قىلماسلىق) خىلاپلىق قىلدى ھەم يولسىزلىق بىلەن ھۇنلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلىشىپ، باشقىدىن تۆت تۈرلۈك بەلگىلىمە تۈزۈپ (بىرىنچى، خەنزۇلاردىن ھۇنلارغا قېچىپ بارغۇچىلارنى قۇبۇل قىلماسلىق؛ ئىككىنچى، ئۇيسۇنلاردىن ھۇنلارغا قېچىپ بارغۇچىلارنى قۇبۇل قىلماسلىق؛ ئۈچىنچى، غەربىي يۇرتتىكى ھەر قايسى «بەگلىك»لەردىن خەن سۇلالىسىنىڭ تامغا ئوتۇغاتلىرىنى قۇبۇل قىلغۇچىلاردىن ھۇنلارغا تەسلىم بولغۇچىلارنى قۇبۇل قىلماسلىق؛ تۆتىنچى، ئوغانلاردىن ھۇنلارغا تەسلىم بولغۇچىلارنى قۇبۇل قىلماسلىق)④ ھۇنلارنى قۇبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىدى.
          ئىككىنچىدىن، ئۇ شۈەندى دەۋرىدە قوغۇشار تەڭرىقۇتقا تەقدىم قىلىنغان ئالتۇندىن ياسالغان «ھۇن تەڭرىقۇتنىڭ مۆھۈرى» نى قايتۇرۇۋېلىپ، ئۇجۇلجۇت تەڭرىقۇتقا «شىن سۇلالىسى ھۇن تەڭرىقۇتىنىڭ مۆھۈرى»نى (شىن-ۋاڭ ماڭ ھاكىميەت تارتىۋالغاندىن كېيىنكى دۆلەت نامى) تارقىتىپ بەردى. بۇ مۆھۈر ۋاڭ ماڭنىڭ ھۇن تەڭرىقۇتىنىڭ سىياسىي ئورنىنى قەستەن چۈشۈرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلىدىكى خەن سۇلالىسى ھۇنلارنىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانى دەپ ھۆرمەتلەيدىغان ئورنىنى شىن ھاكىميىتىنىڭ بېگى ئورنىغا چۈشۈرۈپ قويغانلىق ئىدى (خەن سۇلالىسى تەڭرىقۇتنى ھەر قايسى بەگلەردىن يۇقىرى ئورۇنغا قويغانىدى)، جۈملىدىن ھۇن ھاكىميىتىنىڭ خەن سۇلالىسى بىلەن بولغان قاراملىق مۇناسىۋىتىنى شىن ھاكىميىتى بىلەن بولغان سىياسىي بېقىندىلىق مۇناسىۋىتىگە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىق ئىدى.
          ئۈچىنچىدىن، ئۇ ئۇجۇلجۇت تەڭرىقۇتنىڭ «ھۇن تەڭرىقۇتى» دېگەن نامىنى «بېقىندى ھۇنلار تەڭرىقۇتى» دەپ ئۆزگەرتتى.
         ۋاڭ ماڭنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ھۇنلارنى ھاقارەتلەش قىلمىشى بولۇپ، ئۇ كۇڭزىچىلارنىڭ «يات تائىپلەر خان پادىشاھ بولسىمۇ، ئىگىسىز خۇاشيالىقلارغا يەتمەيدۇ» دەيدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىدىغان ۋە ھاقارەتلەيدىغان ئىدىيىسىنىڭ ئەكىس ئېتىشى ئىدى.
           تۆتىنچىدىن، ئۇ خەن سۇلالىسى ھاكىميىتىنى تارتىۋېلىپ شىن ھاكىميىتىنى قۇرغاندىن (مىلادىيە9-يىلى) كېيىن، قورال كۈچى ئارقىلىق ئابروينى ئاشۇرۇش غەرىزىدە 300 مىڭ كىشىلىك قوشۇن يىغىپ، 12 سانغۇننى ئۇلارغا باش قىلىپ بىرلا ۋاقىتتا ھۇنلارغا ھۇجۇم قىلدۇرۇپ، ھۇنلارغا قوغلاپ زەربە بېرىپ، ھۇنلار رايونىنى 15 بۆلەككە پارچىلاپ، جىخۇشاننىڭ ئەۋلادلىرىدىن 15 كىشىنى مەجبۇرىي تەڭرىقۇت قىلىپ⑤، ھۇنلارنىڭ كۈچىنى پارچىلاش ۋە ئاجىزلىتىشقا ئۇرۇندى ھەم ئەمىر نۆكەرنى يۈنجۇڭ قورۇلىدىن چىقىرىپ ئوڭ قول لەۋ خان شان ۋە ئوغلىنى ئالداپ قورۇلغا ئەكىرىپ، ئۇلارنى مەجبۇرىي ھالدا ۋاپادار تەڭرىقۇت، ئىتائەتمەن تەڭرىقۇت قىلدى.
          بۇ بىر قاتار ئىشلار ھۇنلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن تەڭرىقۇت ئوڭ، سول تەرەپتىكى ھەر قايسى خانلارغا قورۇلغا كىرىپ تاجاۋۇز قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، كۆپ بولغاندا 10 مىڭ، ئادەتتىكىچە بولغاندا نەچچە مىڭ، ئاز بولغاندا بىر نەچچە يۈز كىشىلىك قوشۇن تارتىپ يەنمېن، سۇفاڭلارنىڭ ۋالىيلىرىنى، چېرىكچى بەگلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، ئەمەلدار ۋە پۇقرالارنى ئەسىر ئېلىپ، سانسىزلىغان چارۋىلارنى بۇلاپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن، شىمال يەنە قايتا زور ئاپەتكە ئۇچرىدى. ئەسلىدە شۈەندى دەۋرىدىن كېيىن شىمالدا تۇرالاردا سىگنال ئوتلىرى يېقىلمايدىغان، چارۋا-ماللار ھەممىلا يەردە يايلاپ يۈرۈيدىغان بىر گۈللىنىش مەنزىرىسى بارلىققا كەلگەنىدى، ئەمدىلىكتە ۋاڭ ماڭنىڭ ھۇنلارغا خاتا سىياسەت يۈرگۈزۈپ، خەنزۇلار بىلەن ھۇنلارنىڭ تىنچ بىللە تۇرۇش ۋەزىيىتىنى بۇزۇۋېتىش تۈپەيلىدىن، شىمالدىكى زور تۈركۈمدىكى خەلق ھۇنلار تەرپىدىن ئەسىرگە ئېلىنىپ ۋە ئۆلتۈرۈۋېتىلىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئەسكەرلىرى ئۇزۇن مۇددەت مۇداپىئەدە تۇرۇپ ھالىدىن كېتىپ، نەچچە يىل ئىچىدىلا شىمالدا ئادەمزات ئايىغى كۆرۈنمەيدىغان، ئۆلگەنلەرنى كۆمۈپ قويغۇدەك ئادەملەرمۇ چىقمايدىغان بولۇپ قالدى⑥.
           دەل خەنزۇلار بىلەن ھۇنلارنىڭ مۇناسىۋىتى يامانلىشىپ بىر-بىرىگە قول سېلىش پەيتىگە كەلگەندە، ۋاڭ جاۋجۈننىڭ كۈيئوغلى، ھۇنلارنىڭ ھوقۇقلۇق ۋەزىرى ئوڭ قول قۇتقۇ شۇبوتان ئايالى يۈن بىلەن بىر ئامال قىلىپ بۇ خىل خەتەرلىك ۋەزىيەتنى ئوڭشىماقچى بولدى. نەق شۇ ۋاقىتتا ئۇجۇلجۇت تەڭرىقۇت ئۆلدى (مىلادىيە 13-يىلى)، شۈبۇتان بىلەن يۈن ئۆزلىرى يېقىن ئۆتىدىغان ئوڭ قول لەۋ خان شاننى ئۇجۇلجۇت تەڭرىقۇت قىلىپ تىكلەپ، ئۇنىڭغا ۋاڭ ماڭ بىلەن قۇدىلىششنى نەسىھەت قىلدى. ھۇنلارنىڭ تەشەببۇسكار بولۇشى بىلەن قۇدىلىشىش ئىشقا ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما ۋاڭ ماڭنىڭ داۋاملىق خاتا سىياسەت يۈرگۈزۈشى، مەسلەن، ئۇنىڭ «ھۇن» دېگەن نامنى «ئىتائەتچان قۇل» دەپ، «تەڭرىقۇت» دېگەن نامنى «ئوبدان مۇلازىم» دەپ ئۆزگەرتىشنى، يەنە قورال كۈچىگە تايىنىپ شۈبۇتان بىلەن يۈننى مەجبۇرىي چاڭئەنگە ئەكىلىپ، شۈبۇتاننى تەھدىت بىلەن شۈبۇ تەڭرىقۇت قىلىشى ھەم ئۇنى زور قوشۇن بىلەن ھۇنلار رايونىغا تەڭرىقۇت بولۇشىقا ئەكىلپ قويىشى تۈپەيلىدىن، ھۇنلار بىلەن خەنزۇلار ئوتتۇرسىدىكى نورمال مۇناسىۋەتنى تۇپتىن ساقلىغىلى ۋە ياخشىلىغىلى بولمىدى. شۇ سەۋەبتىن ھۇنلار يەنە شىمالغا پاراكەندىچىلىك سېلىپ، شىمالىنىڭ ئەمىنلىكى يەنە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى⑦. لېكىن، ۋاڭ ماڭ باشتىن-ئاخىر ۋەزىر يەن يۈ ۋە گۇڭسۇن لۈلەرنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ زور مىقداردىكى ئاشلىقنى چېگرىدىكى ئايماقلارغا يۆتكەشكە بۇيرۇپ، ھۇنلارغا تاجاۋۇز قىلىشقا تەييارلاندى. لېكىن، ئۇ تېخى قوشۇن تارتىشقا ئۈلگۈرمەيلا ھاكىميىتى دېھقانلار قوزغىلىڭى تەرپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ، ئۆزىمۇ قوزغىلاڭچى قوشۇن تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.
          گېڭشى 2-يىلى (مىلادىيە 24-يىلى) پادىشاھ ليۇشۈەن ھۇنلارغا ئەلچى ئەۋەتىپ، خەن سۇلالىسى بۇرۇن بەرگەن تەڭرىقۇت مۆھۈرىنى ھەر قايسى بەگلەرنىڭ تامغىلىرىنى بەردى ھەم چاڭئەندە ئۆلۈپ كەتكەن شۈبۇتان، يۈنلەرنىڭ جەسەتلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، مۇلازىملىرىنى قايتۇرۇپ بېرىپ، ۋاڭ ماڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان خەنزۇ، ھۇن ئىككى مىللەت ئوتتۇرسىدىكى نورمالسىز مۇناسىۋەتنى ياخشىلىماقچى بولدى. لېكىن، بۇ چاغدا قۇتئەرىش تەڭرىقۇت خەنزۇلارنىڭ ۋاڭ ماڭغا قارىشى تۇرۇش جەريانىدا ئۆزىنىڭمۇ قوشۇن چىقىرىپ ۋاڭ ماڭغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ۋاڭ ماڭنىڭ مەغلۇپ بولۇپ خەن سۇلالىسىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىدە «بىزنىڭمۇ ھەسسىمىز بار، شۇڭا بىز ھۆرمەت قىلىنىشىمىز كېرەك»⑧ دەپ تۇرىۋالدى. شۇ سەۋەبتىن، شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگىچە خەن سۇلالىسى بىلەن ھۇنلارنىڭ مۇناسىۋىتى يەنىلا ياخشىلىنالمىدى.
          ھۇن ھۆكۈمرانلىرىنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيە تۇتىشىغا قوغۇشار تەڭرىقۇت خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغاندىن بۇيان ھۇنلارنىڭ ئىچكى قىسىمىنىڭ ئەمىنلىك تېپىپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئەسلىگە كېلىپ ۋە يۈكسىلىپ، ۋاڭ ماڭ دەۋرى ۋە شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە كەلگەندە كۈچى ئىنتايىن زورىيىپ، قۇلدارلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق كۈچى يېڭىۋاشتىن باش كۆتۈرگەنلىكى سەۋەب بولغانىدى. ھالبۇكى، خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە دۆلەت كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە ۋاڭ ماڭنىڭ ھۇنلارغا خاتا سىياسەت يۈرگۈزۈشى خەنزۇلار بىلەن ھۇنلارنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلىشىدىكى بىۋاستە سەۋەب ئىدى، شۇنداقتىمۇ ئەگەر ھۇنلار جەمئىيىتىدىكى ئىچكى ئامىل خەن سۇلالىسى بىلەن ھۇنلارنىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسىدىن تەھلىل قىلمىغاندا، ئىزدەنمىگەندە پادھشاھ گېڭشىدى ۋە گۇاڭ ۋۇدىنىڭ ۋاڭ ماڭنىڭ خاتا سىياسىتىنى تۈزىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەدبىر قوللىنىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن خەنزۇلار ۋە ھۇنلارنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرشقان بولسمۇ، يەنىلا ھېچقانداق ئۈنۈمگە ئېرشەلمىگەنلىكىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى چۈشەنمەك تەسكە توختايدۇ.
         ھۇن ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن تارتىپلا خەن سۇلالىسى بىلەن دۈشمەنلىشىشنى ئويلايدىغان ئىككى خىل كۈچ ( قوغۇشار تەڭرىقۇت بىلەن قۇتىئۇش تەڭرىقۇت بۇ ئىككى خىل كۈچنىڭ ۋەكىللىرى ئىدى) مەۋجۇت ئىدى. قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ كېيىنىكى ئەۋلادلىرى ئىچىدىمۇ بۇ ئىككى خىل كۈچ يەنىلا مەۋجۇت بولدى. ئەينى چاغدا، تىنچلىقپەرەسلەرنىڭ ۋەكىللىرى ۋاڭ جاۋجۈننىڭ قىزى يۈن ۋە كۈيئوغلى شۈبۇتانلار ئىدى. ئۇجۇلجۇت تەڭرىقۇت ئۆلگەندە، ئوڭ قول لەۋ خان شاننىڭ ئۇلجۇت تەڭرىقۇت نامى بىلەن تەخىتكە چىقىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋاڭ ماڭ بىلەن قۇدىلىشىشى يۈن بىلەن شۈبۇتاننىڭ پىلانلىشى ۋە تىرشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، بۇ تىنچلىقپەرەسلەرنىڭ كۈچەيگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىدى. غەربىي خەن سۇلالىسى ۋە ۋاڭ ماڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ۋاڭ جاۋجۈننىڭ جىيەنى ۋاڭ شىنى قۇدىلاشقۇچى تۆرە قىلىپ تەيىنلىشىمۇ يالغۇز ۋاڭ شىنىڭ يۈن بىلەن تۇغقان بولغانلىقىدىنلا بولماستىن، يۈن بىلەن شۈبۇتاننىڭ ھۇنلاردىكى تىنچلىقپەرەسلەرنىڭ ۋەكىللىك قىلغانلىقىدىن ئىدى. كېيىن ئۇلجۇت تەڭرىقۇت ۋە يۈن، شۈبۇتانلارنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۆلۈشى بىلەن تىنچلىقپەرەسلەر بىرمەھەل ئاجىزلاپ، ئۇرۇشپەرەسلەر پەيدىنپەي يېتەكچى ئورنغا چىقىپ، خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدىكى سىياسى ۋەزىيەتنىڭ قالايىمقانلىقىدىن پايدىلىنىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن، شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدە ھۇنلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى بارغانسىرى غالجىرلىشىپ كەتتى. شۇڭا، غەربىي خەن سۇلالىسىدىن بۇيانقى خەنزۇلار بىلەن ھۇنلارنىڭ مۇناسىۋىتىدىكى قۇدىلىشىشتىن ئۇرۇشۇشقىچە، دۇشمەنلىشىشتىن دوستلىشىشقىچە، ئارازلىىشىشتىن تاجاۋۇز قىلشقىچە بولغان ئەگرى-توقاي، مۇرەككەپ جەرياننى نوقۇل ھالدا خەن سۇلالىسى ياكى ۋاڭ ماڭ ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىتىگە باغلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ھۇنلارنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى ھەر خىل ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ كۈچىيىش-ئاجىرلىشىشى ۋە خەن سۇلالىسى بىلەن ھۇنلارنىڭ سېلىشتۇرمىسىنىڭ ئۆزگىرشى قاتارلىق مۇھىم ئامىللارغىمۇ باغلىق، دېيىشكە بولىدۇ.
         شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ تاجاۋۇزچى كۈچلىرى خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى، ۋاڭ ماڭ ھاكىمىيىتىنىڭ يىمىرلىشى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى يەرلىك كۈچلەرنىڭ بۆلۈنىمىچىلىكى، شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ سىياسىي، ھەربىي كۈچىنىڭ بىر قەدەر ئاجىزلىقى ۋە شىمالدىكى رايونلارنى باشقۇرۇشقا مادارى يەتمىگەنلىكى قاتارلىق ئاجىزلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۈچ تەرەپتىن شەرقىي خەن سۇلالىسىگە ئېغىر بېسىم پەيدا قىلدى.
          بىرىنچىدىن، ئۇلار ئوغانلارنى يېڭىۋاشتىن تىزگىنلەپ، ئوغانلار ۋە يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن سىيانپىللار بىلەن بىرلىكتە قوشۇۇن تارتىپ ھۇجۇم قىلدى. ئوغانلار ئەسلىدە خەن ۋۇدى دەۋرىدە ھۇنلارنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلغانىدى. كېيىن ۋاڭ ماڭ ھۇنلارغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن 12 يول قوشۇن تارتقاندا، ئوغان ئەسكەرلىرىنى يۆتكەپ دەيجۈنگە ئۇرۇنلاشتۇردى ھەم ئۇلارنىڭ قېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاياللىرىنى ئايماق مەركىزىگە ئەكىلىپ گۆرۈگە ئېلىۋالدى. كېيىن ئوغانلار قاچقاندا گۆرۆگە ئېلىۋالغان ئاياللارنى ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن، ئوغانلار ۋاڭ ماڭ بىلەن ئۆچەكىشىپ قالدى. ھۇن قۇلدارلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوغانلارنى ئۆزىگە تارتىپ ئۇلارنىڭ ئېسىلزادىلىرىنى ئەمەل بىلەن قىزىقتۇرۇپ، باشقا ئادەملىرىنىمۇ رام قىلۋالدى. گۇاڭۋۇ يىللىرىنىڭ دەسلىپىدە ھۇن قۇلدارلىرى ئوغانلار ۋە سىيانپىلار بىلەن بىرلىشىپ شىمالغا ھۇجۇم قىلدى. دەيجۇن ئايمىقىنىڭ شەرقىدىكى رايونلار ئاپەتكە ئەڭ ئېغىر ئۈچرىدى. ئوغانلارنىڭ چارۋىچىلىق يەرلىرى خەن سۇلالىسى يەرلىرىگە ئەڭ يېقىن بۇلۇپ، ئەتىگەندە تاڭ سۈزۈلگەندە يولغا چىقسا كۈن كۆتۈرۈلۈشى بىلەن كېلىپ بولغىلى بولاتتى. شۇڭا، شىمالدىكى بەش ئايماقتىكى خەلق ئېغىر ئاپەتكە ئۈچراپ پۇقلارلار سەرسان بولۇپ كەتتى. خەن قۇشۇنلىرى ئۇلار بىلەن نەچچە يۈز قېتىم چوڭ-كىچىك ئۇرۇشلارنى قىلغان بولسىمۇ غەلبە قىلالمىدى.⑨
          ئىككىنچىدىن، ئۇلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى يەرلىك بۆلۈنمە كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈردى ۋە ئۇلارنى قوللىدى. مەسىلەن ئەندىڭ ئايمىقى سەنشۈي ناھىيسىدىكى (ھازىرقى نىڭشيادىكى گۇيۈەن ناھىيىسىنىڭ شىمالىدا) لۈفاڭ، دەيشىيەن ناھىيىسىدىكى (ھازىرقى خېبىيدىكى ۋېيشىيەن ناھىيىسىنىڭ شەرقىي شىمالىدا) جاڭ يې، يۈياڭ ئايمىقىدىكى (ھازىرقى بېيجىڭ شەھىرىدىكى مىيۈن ناھىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا) پېڭ چۇڭ، ۋۇيۈەن ئايمىقىدىكى (ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلدىكى باۋتۇ شەھىرىنىڭ غەربىدە) لى شىڭلار داۋاملىق شىمالدا پاراكەندىچىلىك تېرىپ ئۆزلىرىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتتى، بولۇپمۇ، لۈفاڭ ھۇن قولدارلىرىنىڭ جەنۇبقا تاجاۋۇز قىلىشىدىكى مۇھىم قورالىغا ئايلىنىپ قالدى. ھۇن قۇلدارلىرى قوشۇن ئەۋەتىپ ئۇنىڭ بۆلۈنمىچىلىكىنى قوللاپلا قالماستىن، يەنە ئۇنى يۆلەپ «خەن پادىشاھى» (قورچاق پادىشاھ) قىلىپ جيۇيۈەندە تۇرغۇزۇپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىگە بىۋاستە قول تىقتى. لۈ فاڭ ۋۇيۈەن، سۇفاڭ، يۈنجۇڭ، دىڭراڭ، يەنمېندىن ئىبارەت بەش ئايماقنى ئىگىلىۋېلىپ، ھۇنلارنى يۆلەنچۈك قىلىپ خورىكى بەك ئۆسۈپ كەتتى ⑩. كېيىن لۈفاڭنىڭ قول ئاستىدىكى سەركەردىلەر (مەسىلەن، سۈي لى) ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلغانلىقتىن، ئۇ ھۇنلار ئارىسىغا قېچىپ كەتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ يەنە ئىنئامغا بېرىلىپ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغاچقا، ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ سۈيىقەستى ئەمەلگە ئاشمىدى، ئۇلار بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلىنىپ بۇلاڭچىلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. بۇنىڭ بىلەن، شاڭداڭ (ھازىرقى سەنشى ئۆلكىسىدىكى جاڭزى ناھىيىسىنىڭ غەربىي شىمالىدا)، فۇفېڭ (ھازىرقى شىئەن شەھىرى)، تىيەنشۈي (ھازىرقى گەنسۇدىكى تۇڭۋېي ناھىيىسىنىڭ غەربىي شىمالىدا)، شاڭگۇ (ھازىرقى خېبىي ئۆلكىسىدىكى خۇەيلەي ناھىيىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا)، جۇڭشەن (ھازىرقى خېبىيدىكى دىڭشىيەن ناھىيىسى) قاتارلىق جايلار ھۇن ئاتلىق ئەسكەرلىرىنىڭ تاجاۋۇزى، قىرغىنچىلىقى ۋە بۇلاڭ-تالىڭىغا ئۇچراپ، شىمالنىڭ ئەمىنلىكى بۇزۇلدى [11]
         ئۈچىنچىدىن، ئۇلار غەربىي يۇرتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى قاقتى-سوقتى قىلىپ باج-سېلىق يىغىپ، ئىقتىسادىي كۈچىنى كۈچەيتتى. غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ شۈەندى، يۈەندى دەۋىرلىرىدىن بۇيان غەربىي يۇرت ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغان، خەن سۇلالىسى قورۇقچى بەگ تەسىس قىلىپ غەربىي يۇرتنى باشقۇرغانىدى. كېيىن ۋاڭ ماڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، غەربىي يۇرتتىكى ھەرقايسى بەگلىكلەرنىڭ بەگلىرىنىڭ ئورنىنى چۈشۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئارقا-ئارقىدىن يۈز ئۆرۈپ قورۇقچى بەگ دەن چىننى ئۆلتۈرۈپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى. ھۇن قۇلدارلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىڭىپ كىرىپ، غەربىي يۇرتتىكى ھەر مىللەت خەلقلىرى يەنە يېڭۋاشتىن ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا چۈشۈپ قالدى. ھۇن قۇلدارلىرى ھەر مىللەت خەلقلىرىدىن ئېغىر باج-سېلىق يىغقاچقا، ئۇلار چىداشقا ئامالسىز قالدى [12].
         ئەينى چاغدا، بىر تەرەپتىن ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ تاجاۋۇزلىق كۈچى قۇدۇرەت تاپقان، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھاكىمىيىتى يېڭى قۇرۇلغان، سىياسىي جەھەتتە يەرلىك بۆلۈنمە كۈچلەر تېخى تولۇق يوقىتىلماي پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىرلىكى تېخى ئىشقا ئاشمىغان، ئىجتىمائىي ئىگىلىك ۋەيران بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئوندىن ئىككى-ئۈچى قالغان، «قەلئەلەر بوشاپ، ساقلىغىلى ئادەم قالمىغان»، «قورۇللار بۇزۇلۇپ تۇرلار ۋەيران بولغان » ئىدى[13].شۇڭا، خەن سۇلالىسى بىلەن ھۇنلارنىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسىدىكى بۇ خىل پەرق ئەينى چاغدىكى شەرقىي خەن سۇلالىسى ھۆكۈمتىنىڭ ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە قارىتا ئىستراتېگىيىلىك قايتۇرما زەربە بەرمەي، پاسسىپ مۇداپىئە كۆرۈش تاكتىكىسىنى يولغا قويۇشنى بەلگىلىدى.
         مۇشۇنداق ۋەزىيەت ئاستىدا، شەرقىي خەن سۇلالىسى ھۇنلارغا تۆۋەندىكىدەك تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللاندى:
    بىرىنچىدىن، سىياسىي جەھەتتە، جيەنۋۇ 6-يىلى (مىلادىيە 30-يىلى) گۇاڭ ۋۇدى (ليۇشيۇ) ھۇنلارغا ئەلچى ئەۋەتىپ ئالتۇن-كۈمۈش سوۋغا قىلىپ، بۇرۇنقى دوستانە مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، سىياسىي ۋاسىتە ئارقىلىق ھۇنلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ، ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكىنى توسماقچى بولدى. گەرچە ھۇنلار جاۋابەن ئەلچى ئەۋەتكەن (ھۇنلار بىلەن شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئۆز-ئارا جاۋابەن ئەلچى ئەۋەتىشى شۇنىڭدىن باشلاندى) بولسىمۇ، ئەمما پاراكەندىچىلىكنى توختاتمىدى[14].ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشلانمىدى.
          ئىككىنچىندىن، ھەربىي جەھەتتە، گۇاڭ ۋۇدى سەركەردە-لەشكەرلەرنى يۆتكىگەن بولسىمۇ مۇداپىئەنى ئاساس قىلدى. ئارىلاپ ھۇجۇمغا ئۆتكەن بولسىمۇ، دۈشمەننى چېكىندۇرۇش بىلەن توختاپ قېلىپ، ئاساسىي جەھەتتىن قورۇلدىن چىقىپ ئۇرۇش قىلمىدى[15].يەنە كېلىپ قىسمەن ئۇرۇشلارنىڭ كۆپىدە غەلبىنى قولغا كەلتۈرەلمىدى. «كېيىنكى خەننامە. جەنۇبىي ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە خاتىرىلىنىشىچە، ھۇنلار لۈفاڭ بىلەن بىرلىكتە نەچچە قېتىم شىمالغا تاجاۋۇز قىلغان. جيەنۋۇ 9-يىلى بۈيۈك ئەمىر لەشكەر ۋۇخەن قاتارلىقلار ھۇجۇمغا ئۆتكەن بولسىمۇ، نەچچە يىلغىچە ئۇرۇشنىڭ غەلبىسىنى قەلغا كەلتۈرەلمىگەن. ئەكسىچە ھۇنلار بارغانسېرى كۈچىيىپ تاجاۋۇزچىلىقى بارغانسىرى كۆپەيگەن. 13-يىلى خېدۇڭغا تاجاۋۇز قىلغاندا ئايماق، ۋىلايەتلەر تاقابىل تۇرالمىغان. شۇڭا، شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى نۇرغۇنلىغان ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى روشەن پاسىپ مۇداپىئە خاراكتىرىدە بولغان. تارىخىي ئەسەرلەردە خاتىرىلىنىشىچە، گۇاڭۋۇدى تەخىتكە چىققاندىن (مىلادىيە 25-يىلى) كېيىن، بەي سۇنى دەيجۈن ئايمىقىنىڭ ۋالىيىسى قىلىپ، «قورۇللارنى مۇستەھكەملەپ ھۇنلاردىن مۇداپىئە كۆرگەن». ئاتالمىش «قورۇلنى مۇستەھكەملەش» قەلئە، قورۇللارنى پاسىپ مۇداپىئە قىلىش دېگەنلىك ئىدى. يەنە جيەنۋۇ 5-يىلى گوجى يۈياڭ ئايمىقىنىڭ ۋالىيىسى بولغاندا ھۇنلار چېگىرىغا پاركەندىچىلىك سېلىپ، چېگىرىدىكى خەلقلەر غەمگە پاتقان. گوجى ئەسكەرلەرنى تەرتىپكە سېلىپ، ھۇجۇمغا تەييارلىنىپ مۇداپىئە كۆرگەنلىكتىن، ھۇنلار قورقۇپ قورۇلدىن كىرىشكە پېتىنالمىغان. بۇنىڭدىمۇ پەقەت«ھۇنلارنى قورۇلدىن كىرگۈزمەسلىك» بىلەنلا چەكلىنىپ، قورۇلدىن چىقىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن زەربە بېرىلمىگەن. يەنە جيەنۋۇ 7-يىلى دۇماۋ پەرمانغا بىنائەن قوشۇن باشلاپ شىمالغا يۈرۈش قىلىپ جىنياڭ، گۇاڭۋۇدا بوز يەر ئۆزلەشتۇرۇپ ھۇن قاراقچىلىرىدىن مۇداپىئە كۆرگەن. جيەنۋۇ 12-يىلى گۇاڭ ۋۇدى يەنە دۇەن جۇڭنى ھەر قايسى ئايماقلاردىكى كەچۈرۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنى باشلاپ دۇماۋنىڭ شىمالنى قوغدىشىغا ياردەملىشىشكە ئەۋەتكەن. دۇەن جۇڭ شىمالغا بارغاندىن كېيىن ئەسكەرلەرنى ئىشلىتىپ «قەلئە، قورۇللارنى سېلىپ، تۇرلارنى ياساپ»، مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى ۋە كۈچلىرىنى كۈچەيتكەن[16].بۇمۇ يەنىلا مۇداپىئەلىنىشنى ئاساس قىلغان.
         ئۈچىنچىدىن، مۇداپىئەلىنىشتە مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى كۈچەيتىش زۆرۇر ئىدى، شۇڭا شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدە قەلئە، قورۇل، تۇرلارنى رېمۇنت قىلىش ۋە ياساش ئىشلىرى ناھايىتى كۆپ بولدى. تارىخىي ئەسەرلەردە خاتىرىلىنىشىچە، جيەنۋۇ 15-يىلى يەنمېن، دەيجۇن، شاڭگۇ ئۈچ ئايماق خەلقلىرى چاڭشەنگۈەن (ھازىرقى خېبىيدىكى تاڭشيەن ناھىيىسىنىڭ غەربىي شىمالىدا)، جۈيۇڭگۇەن (ھازىرقى خېبيدىكى جۈيۇڭگۇەن) نىڭ شەرقىگە كۆچۈپ ھۇنلارنىڭ پاركەندىچىلىكىدىن پاناھلانغان. ھۇنلارنىڭ سول تەرەپتىكى قوشۇنلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىچكىرلەپ كىرىپ قورۇلنىڭ ئىچىگە جايلىشىۋالغان.شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمىتى تۇسۇشقا ئامالسىز قېلىپ، چېگىرىدىكى ھەر قايسى ئايماقلاردىكى ئەسكىرىي كۈچنى كۆپەيتىپ، «كەڭ كۆلەمدە قەلئە، قورۇللارنى سېلىش، تۇرلارنى ياساش» قا مەجبۇر بولغان. جيەنۋۇ 12-يىلى يېڭۋاشتىن دەيشيەن ناھىيىسىدىن پىڭچىڭغا تۇتىشدىغان، ئۇزۇنلۇقى 300 چاقىرىمدىن ئاشىدىغان فېيخۇ يولى ياسالغان بولسا، ئەمدىلىكتە (جيەنۋۇ 15-يىلى) شىخېدىن ۋېيچياۋغىچە، خېشاڭدىن ئەنيىگىچە، تەييۈەندىن جىڭجىڭغىچە، جۇڭشەندىن يېغىچە بولغان ئارىلىقتا قەلئە، قورغانلار سېلىنىپ، ھەر ئون چاقىرىم ئارىلىققا بىردىن تۇر ياسىلىپ مۇداپىئە كۆرۈلگەن [17].
      تۆتىنچىدىن، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋەزىيىتىنى ئوڭشاپ ھەم شىمالدىكى قەلئە، قورغانلارنى ساقلاپ، ۋاقتىنچە غەربىي يۇرت بىلەن كارى بولمىدى. شۇڭا، جيەنۋۇ يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا غەربىي يۇرتتىكى ھەر قايىسى «بەگلىك» لەرنى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئەلچى ئەۋەتىپ شەرقىي خەن سۇلالىسى ھۆكۈمتىدىن مەركەزگە تەۋە بولۇشنى ھەم قورۇقچى بەگ تەسىس قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، گۇاڭ ۋۇدى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك يېڭىدىن تىنجىدى، ھۇنلار تېخى بويسۇندۇرىلمىدى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ سىرتىدىكى ئىشلارغا چولىمىز تەگمەيدۇ، دېگەن سەۋەب بىلەن ئۇلارنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلمىدى[18].
          شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا گەرچە ھۇن قۇلدارلىرى توختىماستىن جەنۇبقا تاجاۋۇز قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئارىدا ئەلچىلەر يەنىلا بېرىپ-كېلىپ تۇردى. جيەنۋۇ 6-يىلى (مىلادىيە 30-يىلى) شەرقىي خەن سۇلالىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەلچى ئەۋتكەن، ھۇنلارمۇ بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرغاندىن باشقا، جيەنۋۇ 14-يىلى (مىلادىيە 38-يىلى) ھۇنلارمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەلچى ئەۋەتىپ سوۋغا تەقدىم قىلدى، شەرقىي خەن سۇلالىسىمۇ قائىدە بويىچە ئەمىر مۆكەرنى ئەلچىلىككە ئەۋەتىپ جاۋاب قايتۇردى[19].
           لېكىن بۇ خىل ئۇچرىشىش ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي مۇناسىۋىتىنىڭ تۈپتىن ياخشىلىنىشدا ھىچقانداق رول ئوينيالمىدى، ئۇرۇش ۋە تاجاۋۇزچىلىق يەنىلا داۋاملاشتۇرۇلدى. پەقەت خەنزۇ، ھۇن خەلقلىرى ئارىسىدا ئەينى چاغدا ئۇرۇش بىر قەدەر ئاز بولغان خېشى كارىدورى ئەتىراپىدىكى رايونلاردىلا قۇيۇق ئىقتسادىي ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋىتى ساقلىنىپ قالدى. «كېيىنكى خەننامە» 31-جىلد «كۇڭ فېننىڭ تەرجىمىھالى» دا، جيەنۋۇ يىللىرىدا جاھان قالايىمقانلشىپ كەتكەن بولۇپ، پەقەت خېشى رايونىلا ناھايىتى تىنىچ ئىدى، گۇزاڭ ناھايىتى باياشات بولۇپ، چياڭلار (غەربىي چىياڭلار)، غوزلار (ھۇنلار ۋە ئارىلاشما غوزلار) «سودا قىلىشاتتى»، «ھەر كۈنى تۆت قېتىم بازار بولاتتى» دەپ خاتىرىلەنگەن. قەدىمكى چاغلاردا بازار سودىسىدا ئادەتتە بىر كۈندە ئۈچ قېتىم بازار بولىدىغان بولۇپ، بىر كۈندە تۆت قېتىم بازار بولۇشىدىن بۇ يەردىكى بازار سودىسىنىڭ گۈللەنگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. گۇزاڭ خەنزۇ، چياڭ، ھۇن ۋە ئارىلاشما غوزلار ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، بىر كۈندە تۆت قېتىم بازار بولغانلىقدىن قارىغاندا، ئەينى چاغدا ھۇنلار، خەنزۇلار ۋە باشقا مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سودا ناھايىتى گۈللەنگەن.
    5. غەربىي خەن سۇلالىسى ۋە شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ
    دەسلىپىدىكى ئەل بولغان ئادەتتىكى
    ھۇنلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى
           غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىلا ھۇنلاردىن خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغۇچىلار بار ئىدى. «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»دە ۋېندىنىڭ ھۇن تەڭرىقۇتىغا يازغان خېتىدە «ھەر ئىككىلا تەرەپ ئۆتكەن ئىشلارنى تەگەشمەيلى، مەن قېچىپ كەلگەنلەرنى قۇيىۋېتەي، سىلىمۇ جاننى قاتارلىقلارنىڭ ئىشلىرىنى سۈرۈشتۈرمىسىلە» دېگەنلىكى خاتىرلەنگەن. بۇ يەردە تىلغان ئېلىنغان جاننى قاتارلىق كىشلەر دەل خەن سۇلالىسىگە قېچىپ بارغان ھۇنلار ئىدى. جىڭدى دەۋرىدە نۇرغۇنلىغان ھۇن خانلىرى خەن سۇلالىسىگە ئەل بولۇپ، خەن سۇلالىسى ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە تۆرىلىك مەرتىۋىسىنى بەرگەن. «تارىخىي خاتىرىلەر. شىياۋ جىڭدى ھەققىدە خاتىرە» دە «خۇيدى، جىڭدى دەۋرىلىرىدىكى تۆرىلەرنىڭ يىلنامىسى» دا بۇ ئەھۋاللار خاتىرلەنگەن. لېكىن، زور تۈركۈمدىكى ھۇنلارنىڭ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولۇش سۇدى، شۈەندى دەۋرىلىرىدە بولغان. ۋۇدىنىڭ يۈەنشۇ 2- يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 121- يىلى) كۈزدە، ھازىرقى گەنسۇدىكى خېشى كارىدورى ئەتىراپىدا چارۋىچىلىق قىلىدىغان قۇنشار خان شۇتۇق خاننى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ قوۋمىدىن40 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى باشلاپ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولدى. خەن سۇلالىسى ئۇنىڭغا تايىن تۆرىسى دىگەن مەرتىۋىنى بەردى ھەم چېگىردىكى بەش ئايماقنىڭ سىرتىدا بەش «بېقىندى ئەل» تەسىس قىلىپ، ئۇنىڭ قومىنى ئورۇنلاشتۇردى[20]. شۈەندىنىڭ ۋۇفېڭ 2- يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 56- يىلى) قىشتا خۇسۇر خان ۋە سول ئىجىز خان ئۆز قوۋمىدىن 50 مىڭدىن ئوشۇق كىشىنى باشلاپ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولدى. خەن سۇلالىسى ئۇلارغا تۆرىلىك مەرتىۋىسى بەردى ھەم شىخې، بېيدى ئىككى ئايماققا بېقىندى ئەل تەسىس قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورۇنلاشتۇردى [21]. بۇنىڭدىن باشقا ھۇن تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى، ئاتاقلىق خانلىرى، سەركەردىلىرى، ۋەزىرلىرى، كاھ بەگلىرى، جورچىلىرى قاتارلىقلاردىنمۇ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، خېلى كۆردى خەن سۇلالىسىگە ئەل بولدى.  «خەننامە. جىڭدى، جاۋدى، شۈەندى، يۈەندى دەۋرىلىرىدىكى تۆھپىكار ۋەزىرلەرنىڭ يىلنامىسى» دا بۇ ئەھۋاللار خاتىرلەنگەن. شۈەندى دەۋرىنىڭ ئاخىرىغىچە ھۇنلاردىن خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغانلار تەخمىنەن يۈز مىڭدىن ئاشقان. تېخى ھەر قېتېىملىق ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەسىرگە چۈشۈپ ئەل بولغانلار بۇنىڭ ئىچىگە كىرمەيدۇ.
          ئاتالمىش «بېقىندى ئەل» زادى نىمە؟ «تارىخىي خاتىرىلەر. ۋېي چىڭ ۋە قىران چەۋانداز سانغۇننىڭ تەرجىمھالى» دا: «قېچىپ كېلىپ ئەل بولغانلارنىڭ ھەممىسى چېگىردىن بەش ئايماقنىڭ سىرتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئۇلار ئۆز ئادىتى بويىچە ياشىغاچقا، بېقىندى ئەل دەپ ئاتالدى» دېيىلگەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا، خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغان ھۇنلار ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ئەمەللىرىنى ۋە قەبىلە تەشكىلىنى ساقلاپ قېلىپ، خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتى كۆرسىتىپ بەرگەن دائىرىدە يەنىلا چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىپ، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتمىگەن. لېكىن مەمۇرىي خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتى تەسىس قىلغان بېقىندى ئەل كاھ بېگىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. بېقىندى ھەل كا بېگىلىكىگە كۆپ ھاللاردا خەنزۇلار تەينلەنگەن. لېكىن، ھۇنلارنىڭ يۇقىرى قاتلام شەخسىلىرىدىنمۇ تولۇقلانغان. بۇ خەن سۇلالىسىنىڭ ئەل بولغان ھۇنلارنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇش ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى قاتارلىقلار جەھەتتە خەنزۇلار بىلەن بىردەك بولۇشقا مەجبۇرلىمىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگىردىكى ئەل بولغان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان بىر تۈرلۈك مىللىي سىياسىتى ئىدى.
         بېقىندى ئەل چىن سۇلالىسىدىن باشلاپ تەسىس قىلىغان. خەن سۇلالىسى قۇنشار خاننىڭ قوۋمىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن بەش بېقىندى ئەل تەسىس قىلغان. بېقىندى ئەل كاھ بەگ، ياردەمچى كاھ بەگ قاتارلىق مەنسەپلەر تەسىس قىلىنغان. يەنە مىڭبېگى، توققۇز تىلماچ بەگ بولغان [22].
          ۋۇدى دەۋرىدىكى بېقىندى ئەللەر تەسىس قىلىنغان چېگىردىكى بەش ئايماق كىيىنكىلەرنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، لۇڭشى، بېيدى، شاڭجان، سۇفاڭ، يۈەنجۇڭ [23] قاتارلىقلار بولۇپ، بېقىندى ئەل كا بەگلىرىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى تىيەنشۈيدىكى يۇڭشى ناھىيىسى (ھازىرقى گەنسۇدىكى يۇجۇڭ ناھىيىسىنىڭ شەرقىي شىمالىدا)، ئەندىڭدىكى سەنشۈي ناھىيىسى (ھازىرقى نىڭشىيادىكى گۇيۈەن ناھىيىسىنىڭ شىمالىدا)، شاڭجۈندىكى چيۈزى ناھىيىسى (ھازىرقى شەنشىدىكى يۈلىن ناھىيىسنىڭ شىمالىدا)، شىخېدىكى مېيجى ناھىيىسى (ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلدىكى جۇڭغار خوشۇنىنىڭ غەربىي شىمالىدا) ۋە ۋۇيۈەندىكى پۇزې ناھيىسى (ھازىرقى ئورنى ئېنىق ئەمەس، ئېھتىمال بۇرۇنقى شەنشىنىڭ يۈلىن مەھكىمىسى تەۋەسىدە، ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئىكىجاۋ ئايمىقى ئەتىراپىدا بولۇشى مۇمكىن) دە بولغان [24]. شۈەندى دەۋرىدىكى بېقىنى ئەللەر شىخې، بېيدى، دىۋاڭدا بولغان. ئەمما، بېيدىدىكى كاھ بەگنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى «خەننامە. جۇغراپىيە تەزكىرىسى» دە كۆرۈلمەيدۇ.
          ھالبۇكى، ئۇنىڭدكى «فۇپىڭ ناھىيىسى» گە بېرىلگەن ئىزاھتىكى «شىمالىي تەرەپ كاھ بېگى شېنچۈەن قەلئەسىگىچە بولغان جايلارنى باشقۇرىدۇ» دېگەنگە ئاساسلىنىپ پەرەز قىلغاندا، ئۇنىڭ ئورنى فۇپىڭدا بولغان (ھازىرقى نىڭشىيادىكى ۋۇجۇڭ ناھىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا). يەنە «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دىكى ۋۇدىنىڭ يۈەنفېڭ 3- يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 78- يىلى) «ئوڭ قول بىلىك خان، لەۋ خان تۆت مىڭ چەۋەنداز بىلەن ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنۈپ، رىلې، ۋۇلەن، پەنخېغا بېسىپ كىردى. جاڭيې ۋالىيسى، بېقىندى ئەل كاھ بېگى گوچۇڭ قوشۇن چىقىرىپ زەربە بەردى» دېگەن خاتىرىدىن قارىغاندا، جاڭيېدىمۇ قارام ئەل بولغان. ئەمما ئۇنىڭ قاچان تەسىس قىلىنغانلىقى، كاھ بەگنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىنىڭ نەدىلىگى ئېنىق ئەمەس.
          خەن سۇلالىسى ئەل بولغان ھۇنلارغا ئادەتتە مايىل قىلىش ۋە ئىلتىپات كۆرسىتىش سىياسىتىنى قوللانغان. جىڭدى دەۋرىدىلا ھۇن خانى ئۇيشىلۇ قاتارلىق بەش كىشى ئەل بولغاندا، جىڭدى ئۇلار ئارقىلىق كېيىنكىلەرگە ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە تۆرىلىك مەرتىۋىسىنى بېرىپ، مىڭ ئائىلىلىكنى سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن [25]. ۋۇدى ھۇنلاردىن ئەل بولغانلارغا تېخىمۇ بەك ئىلتىپات كۆرسەتكەن. بۇ «تارىخىي خاتىرىلەر» 120- جىلد، «جى جېڭنىڭ تەرجىمھالى» دا ناھايتى ئېنىق خاتىرلەنگەن بولۇپ، جى جېڭ: «كەمىنلىرىنىڭ قارىشىچە ئالىيلىرى قولغا كەلتۈرگەن ھۇنلارنى قۇل قىلىپ، ئۇلارنى مال- مۈلكى بىلەنلا قوشۇپ جەڭدە قۇربان بولغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىپ، پۇقرالارنىڭ رەھمىتىنى ئېلىپ، خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشلىرى كېرەك ئىدى. سىلى بۇنداق قىلمايلا قالماستىن، ئەكسىچە قۇنشار خان نەچچە تۈمەن كىشىنى باشلاپ ئەل بولغىلى كەلگەندە، خەزنىدىن پۇل چىقىرىپ ئۇلارنى تارتۇقلىىسلا، يەنە تېخى پۇقرالارنى ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا بۇيرۇپ، خۇددى ئەزىز- مېھماندەك كۈتىۋالدىلا» دېگەن. 30- جىلد، «بازارنامە توغرىسىدا» دىمۇ: «شۇ يىلى كۈزدە قۇنشار خان نەچچە تۈمەن كىشىنى باشلاپ ئەل بولغاندا، خەن سۇلالىسى 20 مىڭ ھارۋىنى كۈتىۋېلىشقا ئەۋەتتى. ئۇلار كەلگەندە مول ئىنئاملارنى بېرىپ، يۈز تۈمەندىن ئارتۇق يارماق سەرپ قىلدى» دېيىلگەن. ئەل بولغانلار ئىچىدىكى يۇقىرى قاتلام شەخسلەرنىڭ ھەممىسىگە تۆرىلىك مەرتىۋىسى بېرىلىپ، كۆپ بولغاندا ئون مىڭ ئائىلە، ئازراق بولغاندا مىڭ نەچچە ئائىلە، ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ بەش- ئالتە يۈز ئائىلە سۇيۇرغال قىلىپ بېرىلگەن. يەنە بەزىلىرى بېقىندى ئەللەرنىڭ ھەر دەرىجىلىك سەركەردىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن. مەسلەن، لىياڭچى تۆرىسى رانپانيۇ بېقىندى ئەل كاھ بېگلىكىگە، كۈن تۆرىسى جۇجى بېقىندى ئەل چەۋەندازلار سەركەردىلىكىگە تەيىنلەنگەن[26].
         خەن سۇلالىسىدىكى تۆرىلىك ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدىغان بىر خىل مەرتىۋە بولۇپ، تۆرىلەرگە سۇيۇرغال قىلىنغان يەرلەرنى مەركەز ئادەم ئەۋەتىپ باشقۇراتتى. تۆرىلەر بولسا پەقەت سۇيۇرغال قىلىپ بېرىلگەن ئائىلىلەردىن باج- سېلىق يىغىۋالاتتى. خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغان ھۇن خانلىرى، سەركەردىلىرى ۋە ۋەزىرلىرىدىن تۆرىلىك مەرتىۋىسى بېرىلگەنلەرمۇ شۇنداق بولغان. خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغان ھۇن خانلىرى، سەركەردىلىرى ۋە ۋەزىرلىرىگە سۇيۇرغال قىلىنغان يەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھازىرقى خېنەن، سەنشى، شەندۇڭ، خېبىي ئەتىراپلىرىدا بولۇپ، خېنەندە – ئەينى چاغدىكى يىچۈەن ئايمىقىدا ئەڭ كۆپ بولغان. يىچۈەن ئايمىقىدىكى راڭچېڭ، يەنلىڭ، ۋۇياڭ، ياڭچېڭ قاتارلىق ناھىيىلەرنىڭ ھەممىسىدە سۇيۇرغال يەرلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ۋۇياڭ ناھىيىسىدە ھەممىدىن كۆپ بولغان. تۆرىلىك مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەن ھۇن خانلىرى، سەركەردىلىرى، ۋەزىرلەرنىڭ ھەممىسى يۇقىرقى سۇيۇرغاللىقلارغا مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار ئەگەار خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتىگە ئېرىشەلمىسە ئۆزلىرى خالىغانچە كۆچۈپ كېتەلمىگەن. مەسلەن، شىيامو تۆرىسى قۇدۇن يۈەنشۇ 2- يىلى مەرتىۋىسى بېرىلگەندىن كېيىن، ئىزچىل ھالدا سۇيۇرغال يېرى چىشى (ھازىرقى شەنشىنىڭ لىنچى ناھىيىسى) دا تۇرغان. ئۇنى نەۋرىسى شېنجۆ 3- يىلى پەرمان بويىچە گېجۇ تېغىغا (ئۇيسۇنلارغا يېقىن) كۆچۈرۈلگەن. كېيىن ئۆز مەيلىچە ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ ۋۇشىغا (ئۇيسۇنلارنىڭ يېرى) كۆچۈپ كېتىپ ئولتۇراقلاشقاچقا، تۆرىلىك مەرتىۋىسى ئېلىپ تاشلانغان [27].
         غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە تۆرىلىك مەرتىۋىسى بېرىلگەن ھۇنلاردىن «تارىخىي خاتىرىلەر» ۋە «خەننامە» دە خاتىرلەنگەنلىرىدىن جەمئىي 30 – 40 ى بار. بۇلاردىن ھۇنلار تەرەپكە قېچىشقا ئورۇنغانلىقى (مەسلەن، چىنياڭ تۆرىسى يۆجى ۋە روياڭ تۆرىسى مېڭدەك)، ئاسىيلىق قىلغانلىقى، خەن پادىشاھلىرىغا ھاقارەت كەلتۈرگەنلىكى، تۈزۈم- قائىدىلەرگە خىلاپلىق قلىغانلىقى، ۋارىسلىق قىلىدىغان ئوغلى بولمىغانلىقى سەۋەبلىك ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. مەرتىۋىسى بىكار قىلىنغان ياكى مەرتىۋىسى ئېلىپ تاشلانغانلاردىن باشقىلىرىنىڭ مەرتىۋىسىگە خەن سۇلالىسى ئومۇمەن ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ۋارىسلىق قىلدرۇغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغىنى دۇ تۆرىسى جىن مىتى (شۇتۇق خاننىڭ ئوغلى) ئىدى. بۇنى «خەننامە» 68- جىلد، «جىن مىتىنىڭ تەرجىمھالى» دىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
         ئادەتتىكى ھۇن چارۋىچىلىرى ئەسلىدىنلا ئاتلىق ئەسكەر بولغاچقا، خەن سۇلالىسى ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنى بېقىندى ئەل قوشۇنىغا كىرگۈزۈپ «بېقىندى ئەل چەۋەندازى» قىلغان. مەسلەن، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بېقىندى ئەل چەۋاندازلار سەركەردىسى جۇجى باشچىلىق قىلغان بېقىندى ئەل چەۋاندازلىرى دەل مۇشۇنداق ئاتلىق ئەسكەرلەر بولغان. «تارىخىي خاتىرىلەر» پەرغانە تەزكىرىسى» دە يۈەنفېڭ 3- يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 108- يىلى) ۋۇدىنىڭ جاۋ پونۇنى بېقىندى ئەل چەۋاندازلىرى ۋە ئايماق لەشكەرلىرىدىن نەچچە تۈمەننى باشلاپ قوشقا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتىلگەنلىكى خاتىرلەنگەن. ۋاڭ شىيەنچىيەن «خەننامىگە تولۇقلىما. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» دە شۇ سۇڭنىڭ ئىزاھاتىدىن نەقىل ئېلىپ، بۇ بېقىندى بەش چەۋەندازلىرىنىڭ دەل يۈەنشۇ 2- يىلى تەسىس قىلىنغان بەش بېقىندى ئەلدىكى قۇنشار خان ۋە شۇتۇق خانلارنىڭ قوشۇنى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. بۇنىڭدىن بېقىندى ئەل قوشۇنىغا قۇبۇل قىلىنغان ھۇن ائتلىق ئەسكەرلەرنىڭ ئاز ئەمەسلىگىنى ھەم ئۇلارنىڭ ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
          خەن سۇلالىسى يەنە ئەل بولغان بىر قىسىم ھۇنلاردىن (سانى ئېنىق ئەمەس) قوشۇن تۈزۈپ، ئۇلارغا چاڭشۈي ھۇن چەۋەندازلىرى ۋە شۈەنچۇ ھۇن چەۋەندازلىرى (چاڭشۈي ھازىرقى شەنشىدىكى لەنتىيەن ناھىيسىىنىڭ غەربىي شىمالىدا، شۈەنچۇ خەن دەۋرىدىكى چاڭئەن سەنپۇدا تۇرغۇزۇلغان. «خەننامە. ئەمەلدار- تۆرىلەر يىلنامىسى» دا خاتىرلىنىشىچە، چاڭشۈي چېرىكچى بېگى چاڭشۈي، شۈەنچۇ بېگى چىياڭ ھۇن چەۋەندازلىرىنى باشقۇرغان بولسىمۇ، دائىملىق ۋېيلۇنىڭ ئاتىسى چاڭشۈي ھۇنلىرىدىن بولۇپ، ئۇ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغاندىن كېيىن، ھۇن چەۋەندازلىرى چېرىكچى بېگى بولۇپ تەيىنلىنىپ چاڭشۈيدە تۇرغان. ۋېيلۇ خەن سۇلالىسىدە چوڭ بولۇپ كېيىن ھۇنلارغا ئەلچىلىككە ئەۋەتىلگەندە قايتىدىن ھۇنلارا ئەل بولغان [28]. ۋۇدىنىڭ جېڭخې 2- يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 91- يىلى) داخانلىق ۋەقەسىدە [29]. جىياڭ چۇڭ چاڭئەندىكى گۇناكار تۆرىلەرنى ئەۋەتىپ چاڭشۈي ۋە شۈەنچۇ ھۇن چەۋەندازلىرىنى يۆتكىگەن [30] بۇ ھۇن چەۋەندازلىرى بەزىدە ھەربىي يۈرۈشكىمۇ سېلىنغان. مەسلەن، شۈەندىنىڭ شېنخۆ 1- يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 61- يىلى) 3- ئايدا، غەربىي چىياڭلار ئىسيان كۆتۈرگەندە، خەن سۇلالىسى سەنپودىكى ھۇن ۋە يۆ چەۋەندازلىرىنى ئەۋەتىپ، جىنچېڭغىچە قوغلاپ بارغان [31].
          ئەل بولغان ھۇنلاردىن بېقىندى ئەل چەۋەندازلىقىغا ياكى چاڭشۈي، شۈنچۇ ھۇن چەۋاندازلىقىغا تاللانمىغانلىرى بولسا خۇاڭخې دەرياسى ۋە خېتاۋنىڭ جەنۇبىدىكى چېگىردىكى بەش ئايماقنىڭ سىرتىغا تارقاق ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شۇڭا، شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ۋۇۋېي، سۇفاڭ، ۋۇيۈەن، بېيۇدى، شىخې ئەتىراپلىرىدىكى شۇتۇق ھۇنلىرى (شۇتۇق خان قوۋمىنىڭ ئەۋلاتلىرى) ناھايتى كۆپ بولغان. خەن سۇلالىسى ئەل بولغان ھۇنلاردىن شۈەندىنىڭ ئاخىرىدا بېقىندى ئەللەردىكى ئەل بولغان ھۇنلاردىن شۈەندىنىڭ ئاخىرقى يىلى (مىلاديىدىن بۇرۇنقى 49- يىلى) شىخې بېقىندى ئېلىدە ۋە يۈەندىنىڭ دەسلەپكى يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 48- يىلى) شاڭجۈن بېقىندى ئېلىدە ئېلگىرى- كېيىن بولۇپ، بىر قىسىم ھۇنلارنىڭ ھۇنلار رايونىغا قېچىپ كېتىش ۋەقەسى سادىر بولغاندىن كېيىن، ھىچقانداق قالايمىقانچىلىق ۋە ئىسيان كۆرۈلمىگەن [32].
          شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە بېقىندى ئەللەردە دەل ئۆزگىرىش بولدى. تارىخىي ئەسەرلەرگە ئاساسلانغاندا، شۇ چاغدا ئەندىڭ بېقىندى ئېلى، شىخې بېقىندى ئېلى، شاڭجۈن بېقىندى ئېلى، جايى بېقىندى ئېلى، جۈيەن بېقىندى ئېلى بولغان [33]. بېقىندى ئەل يەنىلا كاھ بەگ، بەگلەر ۋە بېقىندى ئەل چەۋاندازلىرى تەسىس قىلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى چاڭشۈي ھۇن چەۋاندازلىرى يەنىلا ساقلىنىپ قالغان. مەسلەن، يۇڭپېڭ 2- يىلى (مىلادىيە 52- يىلى) قىشتا، مىڭدى جۇڭشىيەن بېگى ليۇيەنگە سۇيۇرغال قىلىنغان يېرىدىن كېلىشكە پەرمۈن چۈشۈرگەن ھەم ئاتلىق قوشۇن ئەۋەتىپ قوغداپ ئەكەلگەن. مىڭدى ليۇيەنگە: «بۇ ئاتلىق قوشۇندىكىلەرنىڭ ھەممىسى شىمالىي قوشۇندىكى ھۇن چەۋاندازلىرى، يېنىك قوراللانغان، ئوقيا ئېتىشقا ئۇستا، بىر تال ئوقنىمۇ زايا كەتكۈزمەيدۇ» دېگەن [34]. ئاتالمىش شىمالىي قوشۇندىكى ھۇن چەۋاندازلىرى، دەل چاڭشۈي چېرىكچى بېگىگە قاراشلىق چاڭشۈي ھۇن چەۋەندازلىرى بولۇپ، شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى چاڭشۈي چېرىكچى بېگى شىمالىي قوشۇن قوشبېشى بولغاچقا [35]، مىڭدى چاڭشۈي ھۇن چەۋاندازلىرىنى شىمالىي قوشۇن ھۇن چەۋاندازلىرى، دېگەن. يەنە مەسلەن، يۇڭپىڭ 11- يىلى (مىلادىيە 68- يىلى) ليۇ بەن بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى ئاتلىق قوشۇننىڭ ئاتلىق چېرىكچى بېگى بولۇپ تۇرىۋاتقان چېغىدا، مىڭدى ھەر قېتىم سۇيۇرغاللارنى كۆزدىن كەچۈرگىلى چىققاندا، ئۇ دائىم چاڭشۈي ھۇن چەۋەندازلىرىنى باشلاپ ئۇنى قوغدىغان [36].
          ئەندىڭ بېقىندى ئېلىدىكى ھۇنلار غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپلا ئۇزۇن مۇددەت خەنزۇلار بىلەن ئارىلاش ئولتۇراقلاشقاچقا، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى پەيدىنپەي خەنزۇلاردىن تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالغان. بەزىلىرى چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدىن ۋاز كېچىپ، دېھقانچىلىق ياكى يېرىم دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. شيې جېن «كېيىنكى خەننامە. چياڭلار، غۇزلار ھەققىدە قىسسە» دە: «بېقىندى ئەلدە ئەل بولغان چياڭ ۋە ھۇنلاردىن نەچچە مىڭى بار. ئۇلار تاغدا ئولتۇراقلىشىپ چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق قىلىدۇ» دەپ خاتىرلەنگەن. بۇ يەردە دىيىلگەن بېقىندى ئەل ئەندىڭ بېقىندى ئېلى بولۇپ، تاغ چىڭشەن تېغىنى (ھازىرقى گەنسۇدىكى خۇەنشىيەن ناھىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا) كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەندىڭ بېقىندى ئېلىدە ئولتۇراقلاشقان ھۇنلارنىڭ (يەنە چياڭلارمۇ بار) چىڭشەن تېغى ئەتراپىدا دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىملىرىنىڭ چارۋىچىدىن دېھقانغا ياكى قوشۇمچە دېھقانچىلىق قىلىدىغان چارۋىچىغا ئايلانغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ چارۋىچىدىن دېھقانغا ياكى قوشۇمچە دېھقانچىلىق قىلىدىغان چارۋىچىغا ئۆزگىرىش جەريانى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە خەنزۇ فېئودال بيۇرۇكراتلىرى ۋە پومېشچىكلىرىنىڭ ئېكىسپالاتاتىسىيىسىگە ئۇچراش جەريانى بولغان. ئۇلارنىڭ ئەندىڭ بېقىندى ئېلىدىكى سەنشۈيدە تۇرىۋاتقان چاغدا، خەنزۇ دېھقانلىرىغا ئوخشاشلا يەرلىك خەنزۇ فېئودال بيۇروكراتلىرى ۋە پومىشچىكلىرىنىڭ ئ

    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.