-
2010-10-25
ھۇنلارنىڭ ئومۇمى تارىخىنىڭ داۋامى
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/80694369.html
قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولۇشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس. بۇ ئۇنىڭ شەخسى ئارزۇسىنىڭ نەتىجىسى بولماستىن، بەلكى خەنزۇ، ھۇن ئىككى مىللەتنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تارىخى تەرەققىياتىنىڭ مۇقەرەر مەھسۇلى. ئەمما، ئۇ ئەينى چاغدا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تارىخ ئېقىمىغا ئەگىشىپ، ھۇن خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۈردى ھەم ئۆزىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى يىراقنى كۆرەرلىكى، قابىليىتى ۋە جاسارىتى ئارقىلىق ئاخىر خەنزۇ، ھۇن مىللەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، شىمال بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق خەنزۇ ۋە ھۇن مىللىتى ئوتتۇرسىدىكى ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتتى.
ھۇنلار كۆچمەن چارۋىچى مىللەت سۈپىتىدە قۇللۇق تۈزۈمدە تۇرۇۋاتقان، مىلادىيدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىرنىڭ ئالدى-كەينىدە تۆمۈر قوراللار مەدەنىيىتى دەۋرىگە قەدەم قويۇپ، چارۋىچىلىقى تەرەققىي قىلىپ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئايرىلىپ چىققان بولسىمۇ، ئومۇمىي ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يەنىلا كۆلىمى كىچىك، تېخنىكىسى تۆۋەن، قول ھۈنەرۋەنچىلىك تولۇق تەرەققىي قىلمىغان، مەدەنىيىتى ئارقىدا بولۇپ، ئەينى چاغدىكى خەنزۇلارنىڭ يۈكسەك تەرەققىي قىلغان فىئوداللىق ئىقتىسادى، مەدەنىيىتىگە سېلىشتۇرغاندا پەرقى ناھايتى زور ئىدى. «تۇز ۋە تۆمۈر ھەققىدە» دە ھۇنلارنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ئەھۋالى تەسۋىرلىنىپ: «ھۇنلارنىڭ يۇقىرىدا قانۇن- قائىدىسى، تۆۋىنىدە يېزىق- بەلگىسى يوق ئىدى. چېدىر- كەپىلەردە ئولتۇرۇپ كېگىزلەرنى تام قىلاتتى. شەھەر- قەلئەلىرى يوق بولۇپ، ئوردا- سارايلارنى قۇرمايتتى. كىيىم- كېچەك تىكەلمەيتتى. زىننەت بويۇملىرىنى ياسىيالمايتتى» دېيىلگەن. شۇڭا، ھۇنلار ئۆزلىرىنىڭ چارۋا ماللىرى ۋە يۇڭ- تېرىلىرىنى خەنزۇلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بويۇملىرىغا ئالماشتۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجلىرىنى قامداشقا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىدى. شۇ سەۋەبتىن باتۇر تەڭرىقۇت دەۋرىدىن بۇيان ھۇنلار خەنزۇلار بىلەن چېگرا بازىرى ئېچىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ۋېندى دەۋرىدە جيايى: «ھۇنلار بازار ئېچىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق» دېگەنىدى [51]. جىڭدى دەۋرىدە ھۇنلار خەن سۇلالىسى بىلەن بولغان چېگرا بازىرىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. ۋۇدى تەختتە ئولتۇرغان مەزگىللەردىمۇ بازار داۋاملىق ئېچىلىپ تۇردى. بازار ھۇنلارنى ئىنتايىن جەلپ قىلغان بولۇپ، تارىخىي ئەسەرلەردە «ھۇنلانرىڭ تەڭرىقۇتتىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى خەن سۇلالىسىگە يېقىنچىلىق قىلىپ، سەددىچىن ئارىلىقىدا بېرىپ- كېلىپ يۈرەتتى» دەپ خاتىرلەنگەن. كېيىن خەن سۇلالىسى بىلەن ھۇنلار ئارىسىغا كەڭ- كۆلەملىك ئۇرۇش پارتلىغان بولسىمۇ، ھۇنلار خەنزۇلار رايونىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ياخشى كۆرگەچكە، بازاردىن ۋاز كېچىشنى خالىمىدى [52]. بۇنىڭدىن ھۇنلارنىڭ ئىجتىمائىي ئېھتىياجى ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتىكى بۇ خىل زۆرۈر مۇناسىۋەت دەل ھۇنلار بىلەن خەنزۇلار، شىمال بىلەن جەنۇبنىڭ بىرلىككە كېلىش ۋە ئىتتىپاقلىقنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسى ئىدى.
ھۇنلار ئىقتىسادىي جەھەتتىلا خەنزۇلار بىلەن بازار ئېچىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالماستىن، يەنە مەدەنىيەت جەھەتتىمۇ خەنزۇلارنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجلىق ئىدى. مەسلەن، ھۇنلارنىڭ خەنزۇلاردىن ھېسابلاش ۋە تىزىملاش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاھالە، چارۋا ماللىرىنىڭ ھېسابىنى قىلغان [53]. يەنە شەھەر سېلىش، قۇدۇق قېزىش [54]، مۆھۈر ياساش [55] قاتارلىقلارنى ئۆگىنىۋالغانىدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئەسىلىدىكى قالاق ھالەتتىن قۇتۇلۇپ، ئىجتىمائىي مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدا زور رول ئوينىغانىدى.
چېگرا بازىرى ئېچىش، ئەلچىلىك قىلىش، قۇدىلىشىش، ئۇرۇش، ئەسىرگە چۈشۈرۈش، ئەل بولۇش ۋە ئۆز- ئارا ئالاقە قىلىش قاتارلىق ھۇنلارئارىسىدا نۇرغۇنلىغان كىشلەر تەدىرجى ھالدا خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىنى قۇبۇل قىلدى. ۋېندى دەۋرىدىن بۇرۇنلا، تارىخىي ئەسەرلەردە «ھۇنلار خەنزۇلارنىڭ كىيىم- كېچەك ۋە يىمەك- ئىچمىكىگە ئامراق» دەپ خاتىرلەنگەن. بۇنىڭدىن شۇ چاغدىكى ھۇنلارنىڭ يۇقىرى- تۆۋەن قاتلىمىدىكىلەرنىڭ خەنزۇلارنىڭ ماددىي مەدەنىيىتى ۋە مەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. شۇڭا، ۋۇدى دەۋرىدىن كېيىن، كۆپلىگەن ھۇنلار خەن سۇلالىسى بىلەن بولغان قۇدىلىشىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مايىل بولدى ھەم نۇرغۇن خان، بەگلەر قوۋملىرىنى باشلاپ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولدى [56]. بۇنىڭدا باشقا سەۋەب مەسلەن، ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇش، ئىچكى زىددىيەت قاتارلىقلار بولسىمۇ، لېكىن خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ ئۇلارغا بولغان ئۇززاق مۇددەتلىك كۈچلۈك تەسىر يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئارخېئولوگىيىلىك قېزىلمىلار ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئىسپاتقا ئېرىشتى [57]. مەسلەن، خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن ھۇنلارغا توشۇلغان تاۋار- دۇردۇن ۋە قول ھۈنەۋەرنچىلىك بۇيۇملىرى كېيىنچە تەدرىجىي ھالدا ھۇن ئاقسۆڭەڭلىرى ۋە ئادەتتىكى خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى بولۇپ قالغان بولۇپ، ھۇن قەبىرلىرىدىن دائىم دېگۈدەك خەنزۇچە ئۇسلۇپتىكى يىپەك كىيىملەر، بىرونزار ئەينەك، ئۈزەڭگە ۋە سىرلانغان ئەسۋاپلار تېپىلغان. بۇ خىل ئەھۋال خەن سۇلالىسى بىلەن ھۇنلارنىڭ چېگرىداش جايلىرىدا تېخىمۇ گەۋدىلىك بولغان.
غەربىي خەن سۇلالسىىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ھۇنلار گەرچە خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچىرغان بولسىمۇ، لېكىن ئىجتىمائىي ئىگىلىك ۋە تۇرمۇش جەھەتتە يەنىلا ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالدى. خەن سۇلالىسى ھەر قېتىم زور تۈركۈمدىكى ھۇنلارنىڭ ئەل بولۇشىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، قورۇلغا يېقىن جايلاردا «قارام ئەل» (خەن سۇلالىسىگە تەۋەلىك بىلدۈرگەن، لېكىن مىللىي ئۆرۈپ-ئادىتىنى ئۆزگەرتمىگەن) تەسىس قىلىپ، ئۇلارنى «ئەسلىدىكى ئادىتى» (ئەسىلدىكى چارۋىچىلىق ئىگىلىكى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى) بويىچە ئورۇنلاشتۇردى [58] . بۇ دەل ھۇنلارنىڭ ئىگىلىك، تۇرمۇش ۋە ئۆرپ- ئادەت جەھەتتە يەنىلا ئۆزىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ھۇنلار بىرلا قوۋم بولماي، كۆپلىگەن قوۋمى ياكى قەبىلىلەردىن تۈزۈلگەن ئورتاق گەۋدە بولغانلىقى، ھەر قايسى قىسىملىرى نەچچە مىڭ چاقىرىم دائىرىگە تارقالغانلىقى ئۈچۈن، ئىجتىمائىي سەۋىيىسى ئوخشاش بولۇشى مۇمىن ئەمەس ئىدى. رايون جەھەتتە بەزىلىرى خەنزۇلارغا يېقىن بولغانلىقى (مەسلەن، خېتاۋ رايونىدا پائالىيەت قىلغان ئالوبان خان ۋە بايان خانلارنىڭ قوۋمى، كېيىن جاڭيېنىڭ يېقىن ئەتىراپىدا پائالىيەت قىلغان ئۇنىئۇت خاننىڭ قوۋمى) [59]، يەنە بەزىلىرى خەنزۇلاردىن يىراق جايلاشقلىقى (مەسلەن، بايقال كۆلى بويىدىكى ئۇكەن خاننىڭ قوۋمى، غەربىي يۇرتتىكى باتىس خان شانشانچاننىڭ قوۋمى، شەرقىي بارىكۆل خانى سىلىجىنىڭ قوۋمى) [60] ئۈچۈن، خەنزۇلارنىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش دەرىجىسمۇ بىردەك ئەمەس ئىدى. بۇ خىل ئىقتىسادى، مەدەنىي، جۇغراپىيۋى ئامىللار ھەم سىياسىي، ھەربىي ئاممىلار ھۇنلاردا تەدرىجىي ھالدا قۇتىئۇش ۋە كىللىكىدىكى ۋە قوغۇشار ۋەكىللىكىدىكى خەن سۇلالىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئوخشىمغان پوزىتسىيە تۇتىدىغان ئىككى خىل ئىجتىمائىي كۈچنى شەكىللەندۈرىدى. ھالبۇكى، قوغۇشارنىڭ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولۇشى يەنە بىر جەھەتتىن ھۇنلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىكىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا كۈچەيتىۋەتتى ۋە چوڭقۇرلاشتۇرىۋەتتى. كېيىن شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە كەلگەندە، ھۇنلار رەسمىي ھالدا جەنۇب-شىمالدىن ئىبارەت ئىككىگە پارچىلىنىپ كەتتى. جەنۇبىي ھۇنلار كېيىنچە تەدرىجىي ھالدا فېئوداللاشقان بولسا، شىمالىي ھۇنلار قۇللۇق جەمئىيەتتىن ئىبارەت تارىخىي باسقۇچتا توختاپ قالدى.
ئەمما، بۇ خىل ئەھۋال-ـ ھۇنلارنىڭ قۇتىئۇش ۋە قوغۇشاردىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈشى-بىلەن قوغۇشارنىڭ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولۇشنىڭ غايەت زور تارىخى ئەھمىيىتىنى ھەرگىز تۆۋەنلىتىشكە بولمايدۇ ھەم قوغۇشارنىڭ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولۇشى پۈتكۈل ھۇن خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە ھەرگىز ئۇيغۇن كەلمەيتتى، دېيىشكىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى، ھۇن ئەمگەكچى خەلقى، جۈمىلىدىن قۇتىئۇش ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئەمگەكچى خەلق بىلەن خەنزۇ ئەمگەكچى خەلقنىڭ ھېچقانداق مەنپەئەت توقۇنۇشى يوق بولۇپ، ئۇلار ئوخشاشلا ھۆكۈمرانلارنىڭ ئېكىسپىلاتاتىسىيىسى ۋە ئېزىشىگە ئۇچرايتتى، ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت دوستانە ئىدى. ھۇنلاردا خەنزۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش دەرىجىسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، خەنزۇ مەدەنىيىتىگە ئىنتىلىش دەرىجىسى بىردەك بولمىسىمۇ، خەنزۇلارغا ئەل بولۇش-بولماسلىق مەسىلىسىدە ئىختىلاپ بولسىمۇ، ئۇلار خەنزۇلار بىلەن ئۆزلىرى ئارىسىدا دۈشمەنلىك ھالەتنىڭ پەيدا بولۇشنى، بولۇپمۇ ئۇرۇشنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي خالىمايتتى. چۈنكى، ئۇرۇش ئىككى مىللەتنىڭ ئالاقىسىنى ئۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىپ، ئىككى مىللەت خەلقىگە، بولۇپمۇ ھۇن خەلقىگە ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كېلەتتى. شۇڭا، ھۇن ئەمگەكچى خەلقى تىنچلىق، خاتىرجەملىكنى، خەنزۇلار بىلەن دوستانە ئۆتۈپ، بازار ئېچىپ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. بۇ نۇقتىدا مەيلى قوغۇشارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى ھۇن ئەمگەكچى خەلقى بولسۇن ياكى قۇتىئۇشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى بىردەكلىككە ئىگە ئىدى. قۇتىئۇش ھۆكۈمرانلىقىدىكى ھۇن ئەمگەكچى خەلقىنىڭ ئۆز ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرالماسلىقى قۇتىئۇش باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمرانلار سىنىپىنىڭ خەلقنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا مىلادىيدىن بۇرۇنقى 87-يىلى ۋۇدى ئۆلۈشتىن بۇرۇن ئىككى تەرەپ 20 نەچچە يىل ئۇرۇش قىلىپ، ھەر ئىككى تەرەپ ئېغىر ئۆلۈم-يىتىم ۋە زىيانغا ئۇچراپ، ھۇنلار ھالىدىن كېتىپ، تەڭرىقۇتنىڭ تۆۋىنىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاقسۆڭەكلەر قۇدىلىشىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئارزۇ قىلىشقان بولۇپ، قۇلىقۇ تەڭرىقۇت (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 96~85-يىللار) ۋە غۇياندى تەڭرىقۇت (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 85~68-يىللار) خەن سۇلالىسى بىلەن قۇدىلىشىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئويلاشقان. يەنە قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ ئاتىسى شۈرۇچانچۇ تەڭرىقۇتمۇ تىرخان تۇلقۇز قاتارلىقلارنى ئەۋەتىپ يارىشىشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما تەڭرىقۇت ئۆلۈپ كەتكەچكە (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 60-يىلى) بۇ ئىش نەتىجىسىز قالغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بۇلىدۇكى، خەنزۇ، ھۇن ئىككى مىللەتنىڭ ئەسكەرلەرنى ئارام ئالدۇرۇپ دوستانە بېرىش-كېلىش قىلىش خاھىشى ۋە شىمال بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ بىرلىككە كېلىشىگە يۈزلىنىشى قوغۇشار تەڭرىقۇت تارىخ سەھنىسىگە چىقىش ھارپىسىدىلا پىشىپ قالغان، ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى قوغۇشار تەڭرىقۇت جىخۇشاندەك بىر سىياسىي جەھەتتە يىراقنى كۆرەرلىككە، قابىليەتكە ۋە ئىقتىدارغا ئىگە كىشىنىڭ بۇ تارىخىي ۋەزىپىنى ئۇرۇنلىشىنىلا كۈتۈپ قالغان ئىدى.قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولۇشى زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ تارىخىي ئەھمىيەت يەنە ئۆز نۆۋىتىدە قوغۇشارنىڭ خەن سۇلالىسى بىلەن ھۇنلارنىڭ مۇناسىۋىتىدە ئاكتىپ رول ئوينىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ.
بىرىنچىدىن، مىللىي مۇناسىۋەت جەھەتتە ئۇ خەنزۇ مىللىتى بىلەن ھۇن مىللىتى ئوتتۇرسىدىكى 150 يىللىق (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 201-يىلىدىن 51-يىلىغىچە) ئۇرۇش ھالىتىنى تىنچ، دوستانە مۇناسىۋەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئىككى مىللەتنىڭ ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتتى ھەم كېيىنكى جەنۇبىي ھۇنلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك دوستانە ھەمكارلىقىغا ئاساس سېلىپ، ئىككى مىللەت مۇناسىۋىتى تارىخىدا پارلاق سەھىپە ئاچتى.
ئىككىنچىدىن، سىياسىي جەھەتتە ئۇ «ئۈچ دەۋر(شيا، شاڭ، جۇ سۇلالىلىرى)دىن بۇيان غۇز، يۆلەر مەركىزىي ھاكىميەتكە بويسۇنماسلىق»تەك كونا ئەنئەنىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى يەرلىك ھاكىميەتلەرنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەركىزى ھاكىميىتىنىڭ رەھبەرلىكىنى قۇبۇل قىلىشنى باشلاپ بەردى، شۇنىڭدىن باشلاپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ ئىلغار سىياسىيسى شىمالغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ، شىمال بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ سىياسىي مۇناسىۋىتىنى قۇيۇقلاشتۇرۇپ، شىمال بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۈچىنچىدىن، ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتتە خەنزۇ، ھۇن ئىككى مىللەتنىڭ تىنچ، دوستانە ئۈتۈشى، چېگرا بازارلىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىماسلىقى ياكى ئاز ئۇچرىشى بىلەن ئىككى مىللەت ئەمگەكچى خەلقى بازار ئارقىلىق كۆپلەپ ئالاقە قىلىپ، ھۇنلار خەنزۇلاردىن كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا ئىگە بولۇپ، خەنزۇ مەدەنىيىتى ھۇنلارغا تېخىمۇ كۆپ تارقالدى. بۇنىڭ بىلەن، ھۇنلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشى تېز يۈكسىلىپ، قالاق ھالەتتىن تېزلا قۇتۇلدى.
تۆتىنچىدىن، قوغۇشارنىڭ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولۇپ قۇتىئۇشنى يېتىم قالدۇرۇپ، ئۇنى غەربكە كۆچۈشكە مەجبۇر قىلىشى خەن سۇلالىسىنىڭ ئۇنى بويسۇندۇرۇشغا پايدىلىق بولدى. بۇنىڭ بىلەن ھۇنلارنىڭ 20 نەچچە يىللىق بۆلۈنمە ھالىتى ئاخىرلىشىپ، سىياسىي جەھەتتىكى قالايىمقانلاشقان ۋەزىيىتى تىنچىدى، بۇ ھۇنلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە نۇپۇسىنى ئاۋۇتۇشقا پايدىلىق شارائىت ئىدى. شۇڭا، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 51-يىلى قوغۇشار تەڭرىقۇت خەن سۇلالىسىگە ئەل بولۇپ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 43-يىلى تەڭرىقۇت ئوردىسىغا قايتىپ كەتكۈچە بولغان ئارلىقتا ئاران ئالتە-يەتتە يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، تارىختا خاتىرلەنگەن ”تەڭرىقۇتنىڭ خەلقى گۈللەنگەن‘‘ ھالەت شەكىللەندى ھەم قوغۇشارنىڭ ئۇرقىمۇ ” ئاتا -بوۋىلىرىنىڭ سەلتەنىتىنى ساقلاپ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇردى“ . يەنە قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ ئۇيانجۇت تەڭرىقۇت ۋە قۇتىئۇش تەڭرىقۇتقا قارىغاندا مۆتىدىل ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈپ، خەن سۇلالىسى بىلەن دوستانە- ئىتپاق ئۆتۈپ ئۇرۇشنى توختاتقانلىقى، سىياسىي ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى ھۇن خەلقىگىمۇ پايدىلىق ئىدى. شۇڭا، قوغۇشار تەڭرىقۇت ئوردىسىغا قايتقاندا ھۇن خەلقىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا تەۋە بولۇشنى ئارزۇ قىلىشتى ۋە ئارقا-ئارقىدىن ئۇنىڭغا تەۋەلىك بىلدۇرۇشتى. تارىخى ئەسەرلەردە قەيت قىلنىشچە، ”تەڭرىقۇت ئوردىغا قايتقاندىن كېيىن خەلق ئاستا-ئاستا يىغىلىپ، دۆلەت ئەمىنلىك تاپقان“. قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولۇشى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەچكە، قوغۇشار ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇقىدىكىلەرنىڭ خەنزۇلار بىلەن ھۇنلارن历史上的今天:
ھۇنلارنىڭ ئومۇمى تارىخىنىڭ داۋامى 2010-10-25ھۇنلارنىڭ ئومۇمى تارىخىنىڭ داۋامى 2010-10-25ھۇنلارنىڭ ئومۇمى تارىخىنىڭ داۋامى 2010-10-25ھۇنلارنىڭ ئومۇمى تارىخىنىڭ داۋامى 2010-10-25ھۇنلارنىڭ ئومۇمى تارىخىنىڭ داۋامى 2010-10-25
收藏到:Del.icio.us