ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-10-25

    ھۇنلارنىڭ ئومۇمى تارىخىنىڭ داۋامى - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/80693453.html

      بۇ ئۇرۇشتا خەن قوشۇنلىرى ھۇنلاردىن جەمئىي سەككىز- توققۇز تۈمەن كىشىنى ئۆلتۈرگەن بولسىمۇ، خەن لەشكەرلىرىدىن ئۆلگىنىمۇ نەچچە تۈمەنگە يەتتى. ئاتلاردىن ئۆلگىنى يۈزمىڭدىن ئېشىپ كەتتى. شۇندىن كېيىن ھۇنلار يىراققا كۆچۈپ كېتىپ، خېتاۋ ۋە ئۇنىڭ غەربىدىكى رايونلاردىن چېكىنىپ، «چۆللۈكنىڭ جەنۇپىدا تەڭرىقۇت ئوردىسى قالمىدى». خەن سۇلالىسى دەريادىن ئۆتۈپ، سۇفاڭنىڭ غەرىبىدىن لىڭجۈگىچە (ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكسى يۇڭدىڭ ناھىيىسىنىڭ غەبىي شىمالىدا) بولغان ئارلىقتا ئۆستەڭ چېپىپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ بەش ~ ئالتە تۈمەن پۇقرا ۋە ئەمەلدارنى كۆچۈرۈپ كېلىپ، زىمىننى ھۇنلارنىڭ شىمالىغىچە تۇتاشتۇرۋالدى [27] خەن سۇلالىسى شەرقى تەرەپتىن خەن سۇلالىسى زور غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈردى. خەن سۇلالىسى ھۇنلارنىڭ سول تەرەپ رايونىنى ئىگەللىگەندىن كېيىن، ئىلگىرى ھۇنلارغا قارام بولغان ئوغانلارنى يۆلەپ، ئۇلارنى قورۇلنىڭ سىرتىدىكى شاڭگو، يۇياڭ، يۇبېپىڭ، لياۋشى ۋە لياۋدۇڭدىن ئىبارەت ئۈچ ئايماققا كۆچۈرۈپ، ئۇلارغا ھۇنلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىشكە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئوغان چېرىكچى بېشى قويۇپ ئۇلارنى نازارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھۇنلار بىلەن بولغان قاتناش ئالاقىسىنى چەكلەپ، بۇ ئارقىلىق ھۇنلارنىڭ «سول قول» ىنى كېسىپ تاشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە خەن سۇلالىسى جاڭ جىيەننى غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە ئەۋەتىپ، ياۋچىلار [28] ۋە پەرغانە (ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پەرغانە ئويمانلىقى) بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇيسۇنلار خانىغا مەلىكىلەرنى ياتلىق قىلىپ [29]، ھۇنلارنىڭ غەربتىكى ئىتتىپاقىنى بۇزۇپ، ھۇنلارنىڭ «ئوڭ قول» ىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. يەنە خېشىدا جيۈچۈەن، ۋۇۋېي، جاڭخې ۋە دۇنخۇاڭدىن ئىبارەت تۆت ئايماق تەسىس قىلىپ، بىر تەرەپتىن ھۇنلارنىڭ چياڭلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ، يەنە بىر تەرەپتىن خېشى ۋە شاڭجۈن، سۇفاڭ، شىخې قاتارلىق جايلاردا بوز يەر ئۆزلەشتۈردى. شۇنىڭدىن باشقا، مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى كۈچەيتىپ، تۇز كۆلىگىچە (لوپنۇر كۆلى) كېڭەيتتى [30]. بۇ بىر قاتار ھەربىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ تەھدىتى ئاساسىي جەھەتتىن يوقىتىلدى.

    خەن ۋۇدى ھۇن قۇلدارلىرىغا بەلگىلىك دەرىجىدە زەربە بەرگەندىن كېيىن، ئەسلىدە چېگىرنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلغان ئەھۋالدا، يەنە ئىلگىرلەپ زەربە بېرىلمىسىمۇ بۇلاتتى. چۈنكى خەن سۇلالىسى ئىزچىل ھالدا ھۇنلار كۆچمەن چارۋىچى مىللەت، دائىم كۆچۈپ يۇرۇپ مۇقىم تۇرمايدۇ. ئۇلارنى بويسۇندۇرۇش تەس. ئەگەر ئۇلار چېگرا رايونلارغا قايتا پاراكەندىچىلىك سالمىسىلا ئۇلار بىلەن ئۇزاققىچە قارىشلىشىش ھاجەتسىز، دەپ قارايتى. ئەمما، ھىن قۇلدارلىرى تىنچلىق ۋاستىسى بىلەن قاقتى- سوقتى قىلىشنى ۋە ھەربىي جەھەتتە تاجاۋۇزچىلىق قىلىشنى توختاتمايتتى. شۇڭا، ئۇلارغا ئۇنىڭغا يەنە زەربە بەرمەي بولمايتتى.
         مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 87- يىلى ۋۇدى ئۆلدى. بۇندىن بۇرۇن خەن سۇلالىسى قوشۇنلىرى ھۇنلارغا 20 نەچچە يىىل توختماي زەربە بېرىپ، ھۇنلاردىكى ئۆلۈم- يېتىم ۋە زىيان ناھايتى ئېغىر بولدى. تەڭرىقۇتنىڭ تۆۋىنىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاقسۆڭەكلەر قۇدىلىشىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئويلىمىغان بولسىمۇ، خەن سۇلالىسىنىڭ شىمالىي چېگرلىرىغا پاراكەندىچىلىك سېلىشىنى يەنىلا توختاتمىدى. بىراق جاۋدى دەۋرىدە ھۇنلارنىڭ زور كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلغۇدەك كۈچى قالمىدى. بىر تەرەپتىن خەن سۇلالىسى چېگرا رايونلاردا «تۇرلارنى تەسىس قىلىپ» قاتتىق ھۇشيار بولغانلىقتىن، ھۇن قۇلدارلىرى چېگرا رايونلارغا باستۇرۇپ كىرىپ ھىچقانچە نەپكە ئېرىشەلمىدى. يەنە بىر تەرەپتىن قۇياندى تەڭرىقۇتنىڭ يېشى كىچىك بولغانلىقى، تەختكە يېڭى چىققانلىقى، ئانا ئالچىنىڭ پەزلىتىنىڭ دۇرۇس بولمىغانلىقى، ئىچكى قىسىمنىڭ داۋالغۇپ تۇرۇشى، خەن سۇلالىسىنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشىدىن دائىم ئەنسىرگەنلىكى تۈپەيلىدىن، ھۇنلار ئامالسىز شەھەر- قەلئەلەرنى سالدۇرۇپ، ئاشلىق توپلاپ مۇداپىئە كۆرۈشكە مەجبۇر بولدى. شۇنىڭ بىلەن بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچىلەرنى تەسلىمچلەرنى قۇبۇل قلىش شەھىرىگە (خارابىسى ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلدىكى يىشىن تېغىنىڭ شىمالىدىكى ئويرات ئوتتۇرا ئاراق بىرلەشمە خوشۇنىنىڭ شەرىقىدە) ئەۋەتىپ، خەن قوشۇنلىرىدىن مۇداپىئە كۆردى ھەم شىمالدىكى يۈۋۇ دەرياسىغا (ھازىرقى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى تۇرا دەرياسى) كۆۋرۈك سېلىپ، ھەر ۋاقىت قېچىشقا تەييارلق كۆردى. شۇنىڭ بىلەن بىلللە تۇتۇپ قېلىنغىنىغا 19 يىل بولغان خەن ئەلچىسى سۇۋۇنى قايتۇرۇپ بېرىپ، ياخشى كۆڭلىنى بىلدۈرۈپ، خەن سۇلالىسى بىلەن بولغان دۈشمەنلىك كەيپىياتىنى پەسەيتىپ، قۇدىلىشىشنى پەيدىنپەي ئىشقا ئاشۇرماقچى بولدى. ئەمما، ھۇن ئاقسۆڭەكلىرى قۇدىلىشىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ھۇن ئاتلىق ئەسكەرلىرى دائىم دېگۈدەك خەن سۇلالىسىنىڭ شىمالىدا پەيدا بولۇپ تۇردى. ئۇلار جەنۇپقا يۈرۈش قىلىشتىن نەپ چىقمىغاچقا، نىشاننى خەن سۇلالىسىنىڭ غەربتىكى ئىتتىپاقدىشى—ئۇيسۇنلارغا قاراتتى.
          مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 74- يىلى ھۇنلار چېگىغا بىر نەچچە قېتىم تاجاۋۇز قىلدى ھەم قۇش بىلەن بىرلىشىپ ئۇيسۇنلارغا ھۇجئۇم قىلدى. كېيىنكى يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 73- يىلى) زور قوشۇن باشلاپ ئۇيسۇنلارنىڭ يەرلىرىدىن چەيان ۋە ئۇشنى تارتىۋېلىپ، خەلقنى ئەسىر قىلدى ھەم ئۇيسۇن خانىكىسىنى (جيې يۈ مەلىكىنى) سوراپ، «خانىكىنى تېزدىن ئەۋەتىپ بېرىش» نى تەلەپ قىلىپ، قوراللىق تەھدىت ئارقىلىق ئۇيسۇنلارنىڭ خەن سۇلالىسى بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى بۇزماقچى بولدى. ئۇيسۇن كۈنبېگى ۋە مەلىكە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ مەكتۇپ سۇنۇپ ياردەم تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن خەن سۇلالىسى بەش يول قوشۇن تەشكىللەپ، ئۇيسۇنلار بىلەن بىرلىشىپ 200 مىڭ كىشلىك زور قوشۇن بىلەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 71- يىلى كۆلىمى زور بىر قېتىملىق ئۇرۇشنى قوزغىدى.
         ئەتىيازنىڭ تۇنجى ئېيىدا يول قوشۇن يولغا چىقتى. ھۇنلار خەن سۇلالىسىنىڭ زور قوشۇنلىرىنىڭ ئاتلانغانلىقىنى ئاڭلاپ، قېرى- چۆرىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، مال- چارۋىلىرىنى ھەيدەپ يىراققا كۆچۈپ كەتكەنلىكتىن، بۇ بەش قوشۇن كۆپ نەتىجە قازىنالمىدى. لىياۋ شۈيدىن ئۆتكۈرچى سانغۇن فەن مىڭيۈ جاڭيېدىن يولغا چىقىپ 1200 چاقىرىمدىن ئارتۇق يول يۈرۈپ پۇلىخۇ دەرياسى (ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلدىكى ئېجىنا دەرياسى) غا يېتىپ باردى. ئالدىچى سانغۇن خجەن زېڭ يۈنجۇڭدىن يولغا چىقىپ 1200 چاقىرىمدىن ئارتۇق يول يۈرۈپ ۋۇيۈەنگىچە (ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلىدىكى قارقۇن دەرياسىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى قونا خالخا چوڭ خوشۇنىنىڭ شىمالىدا) باردى.بارىكۆل سانغۇنى جاۋچۇڭگو جيۈچۈنەدىن يولغا چىقىپ 1800 چاقىرىمدىن ئاتۇق يول يۈرۈپ، غەربتىكى خۇشەنگىچە (ھازىرقى ئورنى ئېنىق ئەمەس) يېتىپ باردى. چىليەن (تىلەن) سانغۇنى تيەن گۇاڭمىڭ شىخېدىن يولغا چىقىپ 1600 چاقىرىمدىن ئارتۇق يول يۈرۈپ جىجى تېغىغا (ھازىرقى ئورنى ئېنىق ئەمەس) يېتىپ باردى. بارس سانغۇن تيەن شۈن ۋۇيۈەندىن (ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلدىكى باۋتۇ شەھرى) يولغا چىقىپ 800 چاقىرىمدىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، دەينۈۋۈ دەرياسى (يۈۋۇ دەرياسى) غىچە يېتىپ باردى. ھەممىسى پەقەت نەچچە يۈز ياكى نەچچە مىڭدىنلا كىىشنى ئۆلتۈردى ياكى ئەسىر ئېلىپ قايتىپ كەلدى.
          ئۇيسۇنلار شانلىق غەلبىگە ئېرىشتى. ئۇيسۇن كۈنبېگى 50 مىڭ كىشلىك ئاتلىق ئەسكەر ۋە خەن سۇلالىسىنىڭ چېرىكچى بېگى ئوردىسىغىچە يېتىپ بېرىپ، تەڭرىقۇتنىڭ تاغىسى، يەڭگىسى، مەلىكىسى، ئاتاقلىق خانلىرى، كاھبېگىسى، مىڭ بېشى، سەركەردىلىرىدىن بولۇپ 39 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئەسرى ئېلىپ، 700 مىڭ تۇياقتىن ئارتۇق ئات، كالا، قوي، خېچىر ۋە تۆگە ئولجا ئالدى. ھۇن ئاھالىلىرى ۋە مال- چارۋىلىرىدىن ئۆلگەن، پىتراپ كەتكەنلىرى سان- ساناقسىز بولدى.
          بۇ غەربىي خەن سۇلالىسىدىن بۇيانقى خەن- ھۇن ئۇرۇشلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق چوڭ ئۇرۇش ئىدى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنى پۈتۈنلەي ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، خەن سۇلالىسى بىلەن ئۇيسۇنلارنىڭ قوشۇن چىقىرىشى بىر قېتىملىق قايتۇرما زەربە بېرىش ئىدى. نەتىجىدە ھۇنلار قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ ئاجىزلىشىپ، قۇدىلىشىشنى تېخىمۇ بەك ئويلايدىغان بولدى. شىمالىي چېگرىمۇ بارا- بارا تىنجىدى[31].
         خەن سۇلالسىىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىن باشلاپلا خەن سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قاتلىمىدا «ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا زەربە بېرىش كېرەكمۇ- يوك» دېگەن مەسىلىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۇرۇشپەرەسلىك ۋە تىنچلىقپەرەسلىكلەردىن ئىبارەت ئىككى گورۇھنىڭ كۆرىشى ئۇزاق مۇددەتكىچە داۋاملاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە ۋۇدى ۋە جاۋدى دەۋرىدىكى كۈرەش ئەڭ كەسكىن بولدى. «خەننامە» نىڭ ئاپتورى بەن گۇنىڭ «ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دەئەينى چاغدىكى كۈرەش ئەھۋالىنى بايان قىلىشىچە، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇرۇپ، ئوخشاشلىق ۋە پەرقلەرنى ئايرىپ چىققان. تىنچلىقپەرەس كۇڭزىچىلار قۇدىلىشىشنى ياقلىغان. ئۇرۇشپەرەس ئەمەلدارلار جازا يۈرۈشى قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا. «تۇز ۋە تۆمۈر ھەققىدە» دېگەن ئەسەردىمۇ بۇ ئىككى گۇرۇھنىڭ ھۇنلارغا جازا يۈرۈشى قىلىشنىڭ پايدا- زىيىنى ھەققىدىكى بەس- مۇنازىرسى تەپسىلىي بايان قىلىغان. كېيىنكىسى ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 133- يىلى خەن ۋۇدى ئۇرۇش قوزغىغاندىن باشلاپ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 71- يىلى چوڭ ئۇرۇشقىچە بولغان 60 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە خەن سۇلالىسى «دۆلەت غەزنىسى» قۇرۇپ كەتكەن. نوپۇسنىڭ يېرىمى ئازىيىپ كەتكەن» [32] لىكتەك زور بەدەل تۆلىگەن بولسىمۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ھۇنلارنىڭ تەھدىتىنى تەل- تۆكۈس يوق قىلدى. ئەگەر بۇ 50 ~ 60 يىللىق تاجاۋۇزچىلىققا قارىشى ئۇرۇش ۋە ئۇنىڭ غەلبىسى بولمىغان بولسا، خەن سۇلالىسىنىڭ شىمالىنىڭ خاتىرجەملىكى، خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشنىڭ بىخەتەرلىكى، مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ تەقدىرى، فېئوداللىق ئىجتىمائىي، ئىقتىساد مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى. شۇڭا، غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ھۇنلار بىلەن خەنزۇلار ئوتتۇرسىدىكى ئۇرۇش ماھىيەتتە فېئوداللىق تۈزۈم بىلەن قۇللۇق تۈزۈم ئوتتۇرسىدىكى ئۇرۇشنىڭ ھەقىقىي خاراكتېرىنى ۋە ئىلغار رولىنى مۇشۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
          ۋۇدى دەۋرىدىكى ۋە ئۇنىڭدىن كېينكى ھۇنلارغا قارىشى ئۇرۇشنىڭ ئىلغار رولى ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ خەنزۇلارغا قىلغان تاجاۋۇز چىلىقىنى چەكلىگەنلىكىدە ئىپادىلىنىپ قالماي، يەنە ئوغان، دىڭلىڭ، شىرۋى، ئۇيسۇن ۋە غەربىي تۇرتتىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنى ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ قۇل قىلىشىدىن ۋە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشىدىن قۇتۇلدۇرۇپ (گەرچە بۇ ۋۇدىنىڭ قوشۇن تارتىشتىكى مەقسىتى بولمىسىمۇ) ، ئۇلارنى ھۇنلارنىڭ قالاق قۇلدارلىق تۈزۈمىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتقۇزۇپ، خەنزۇلارنىڭ ئىلغار فېئوداللىق ئىقتىسادىي مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچراشتۇرغانلىقىدىنمۇ ئىپادىلىنىدۇ، بۇ ئەينى چاغدىكى تارىخىي شارائىتتا ئىلغار ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى.
    3. غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدا قوغشار تەڭرىقۇتنىڭ
    خەن سۇلالىسىگە ئەل بولۇشى ۋە شىمال بىلەن  ئوتتۇرا
    تۈزلەڭلىكنىڭ بىرلىككە كېلىشى
         ھۇن قۇلدار ھۆكۈمرانلار گوروھىنىڭ غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ شىمالىي چېگرىسىغا قىلغان تاجاۋۇزلچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۇرۇش ھۇن مىللىتىگە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلدى، بولۇپمۇ ھۇن خەلقى ئۇچرىغان ئاقىۋەت ئەڭ ئېغىر بولدى.
         بىرىنچىدىن، ھۇنلارنىڭ ئاھالىسى ۋە چارۋا-ماللىرى زور تۈركۈمدە ئولجا ئېلىندى ۋە ئۆلدى. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 127-يىلىدىكى ئۇرۇشتىلا ھۇنلاردىن ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئەسىرگە چۈشۈپ، مىليون تۇياقتىن ئارتۇق قوي كالا ئولجا ئېلىندى[33]. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 121- ۋە 119-يىللىرىدىكى ئىككى قېتىملىق ئۇرۇشتا ھۇن جەڭچىلىرىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ۋە ئەسىر ئېلىنغانلىرى تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، 130 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى[34] (قۇنشارخاننىڭ قوۋمىدىن ئەسىرگە چۈشكەن ۋە ئۆلتۈرۈلگەن نەچچە تۈمەن ئادەم ۋە خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغان 40 مىڭ ئادەم بۇنىڭ سىرتىدا). بۇنىڭ بىلەن باتۇر تەڭرىقۇت دەۋرىدىكى 300 مىڭ ئوقياچى چەۋەندازنىڭ يېرىمى ئازىيىپ كەتتى. مىلاديدىن بۇرۇنقى 71-يىلىدىكى ئۇرۇشتا ئوڭ قول خاننىڭ قوۋمىدىن 39 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئەسىر ئېلىنىپ، 700 مىڭ تۇياقتىن ئارتۇق چارۋا-مال ئولجا ئېلىندى. قېلىپ قالغان ئاھالىلەردىن ئۆلگەن، چېچىلىپ كەتكەنلىرى ۋە چارۋىلاردىن ئۆلگەن، پىتىراپ كەتكەنلىرىنىڭ ھەددى-ھېسابى يوق[35] بولۇپ، بۇ ھۇنلارنى قاتتىق ئاجىزلاشتۇرۇۋەتتى.
          ئىككىنچىدىن، ھۇنلار ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، چارۋىچىلىققا باب كېلىدىغان رايونلاردىن چېكىنىپ چىقىپ (مەسلەن، ئالوبان خان، بايان خان قوۋمى، ھازىرقى ئىچكى مۇڭغۇلدىكى خېتاۋدىن، قۇنشارخان قوۋمى ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى خېشى كارىدورىدىن چېكىنىپ چىققان) چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى سۇ ۋە ئوت-چۆپ يوق رايونلارغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى. بۇنىڭ بىلەن چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا تەسىر يەتكۈزۈشى تەبئىي ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە خېشىدىكى چىليەن (تىلەن) تېغى، ئالچى تېغى (ھازىرقى گەنسۇدىكى شەندەن ناھىيىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا) خېتاۋنىڭ شىمالدىكى چوغاي تېغىدىن چېكىنىپ چىقىشنىڭ تەسىرى بىر قەدەر زور بولدى. چۈنكى، چىليەن تېغى ۋە ئالچى تېغى قارىغايلار كۆپ، ئوت-سۈيى مول، قىشتا ئىللىق، يازدا سالقىن بولۇپ، چارۋىچىلىق قىلىشقا ناھايىتى باب كېلەتتى ھەم ھۇن خەلقنىڭ تىرىكچىلىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى زور ئىدى. شۇڭا، ھۇنلار بۇ ئىككى تاغدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن:
          ئايرىلىپ قالغاندا تىلەن تېغىدىن،
          ئاۋۇماس بولۇپ قالدى چارۋا-مېلىمىز.
          ئايرىلىپ قالغاندا ئالچى تېغىدىن،
          مۇڭلىنىپ سارغايدى قىز-ئايالىمىز[36] .
        دەپ قوشاق توقۇشتى. چوغاي تېغىدىمۇ ئوت-چۆپ، دەل-دەرەخلەر قويۇق، ياۋايى ھايۋانلار كۆپ بولۇپ، چارۋىچىلىق ۋە ئوۋچىلىققا باب كېلىپلا قالماستىن، يەنە زور مىقداردىكى ياغاچ ماتېرىياللىرىدىن ھەربىي ئىشلاردا پايدىلىنىشقا (ئوقيا ياساشقا) بولاتتى. بۇ يەر باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ئارقا سەپ ئامبىرى ۋە جەنۇبقا يۈرۈش قىلىشتىكى مۇھىم بازىسى ئىدى[37]. ھۇنلار چوغاتاي تېغىنىڭ شىمالىغا چېكىنىپ كەتكەندىن كېيىن، تاغنىڭ شىمالىدىكى، شەرقتىن غەربكىچە نەچچە مىڭ چاقىرىم، جەنۇبتىن شىمالغىمۇ نەچچە مىڭ چاقىرىم كېلىدىغان چوڭ قۇملۇقتا ئوت-سۇ بولمىغاچقا، چارۋىچىلىق قىلالمىدى[38]. بۇ چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە بايلىق مەنبەسىنى زور دەرىجىدە چەكلەپ قويدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خەن سۇلالىسى چوغاي تېغىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن بۇ يەردە قەلئە-قورۇللارنى قۇرۇپ، تۇرلارنى سېلىپ، تاشقى سېپىلنى ياساپ، ئەسكەر تۇرغۇزۇپ مۇداپىئە كۆرگەچكە، ھۇنلار جەنۇبقا كېلەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. شۇڭا، «ھۇنلاردىن چوغاي تېغىنى قولدىن بېرىپ قويغاندىن كېيىن ئاھ ئۇرمىغان ھېچكىم قالمىدى»[39]. كېيىن خەن سۇلالىسى يەنە غۇزلارنى يوقاتقۇچى سانغۇن گوچاڭ ۋە ياۋايىلارنى تۇتقۇچى تۆرە جاۋپونۇنى سۇفاڭنىڭ شەرقىدە تۇرغۇزۇپ بوز يەر ئېچىشقا ئەۋەتىپ، ھۇن كۈچلىرىنىڭ شەرققە كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئالغاچقا، ئۇشلۇ تەڭرىقۇت تەختتە ئولتۇرغاندىن (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 105-يىلى) كېيىن، ھۇنلار بارغانسېرى غەربىي شىمالغا يۆتكىلىپ، سول تەرەپتە يۈنجۇڭ ئايمىقىغا، ئوڭ تەرەپتە جيۇچۈەن، دۇنخۇاڭ ئايماقلىرىغا ئۇدۇل كېلىدىغان بولۇپ قالدى (ئەسلىدە ھۇنلارنىڭ سول تەرپى شاڭگۇ ئايمىقىغا، ئوڭ تەرپى شاڭجۈن ئايمىقىغا ئۇدۇل كېلەتتى). بۇنىڭ بىلەن چارۋىچىلىق رايونلىرى تېخىمۇ تارىيىپ كەتتى. ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ كۆپلەپ ئۆلۈپ كېتىشى، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ زور كۆلەمدە تارىيىشى ئىشلەپچىقىرىشنى چېكىندۈرۈۋەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قار ئاپىتى (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 104-، 89-، 71-يىللىرى) تۈپەيلىدىن مىلادىيدىن بۇرۇنقى 68-يىلى ھۇنلاردا زور قەھەتچىلىك يۈز بېرىپ خەلقنىڭ ئوندىن ئالتە-يەتتىسى ئۆلۈپ، ئىجتىمائىي ئىگىلىك ۋەيران بولۇپ، مىللەتنىڭ مەۋجۇدلۇقى زور تەھدىتكە دۇچ كەلدى[40].
         ئۈچىنچىدىن، قارام ئەللەر بۆلۈندى. باتۇر تەڭرىقۇت دەۋرىدىن بۇيان بويسۇندۇرۇلغان نۇرغۇنلىغان قەبىلە ۋە قوۋمىلار ھۇن قۇلدار ھۆكۈمرانلار گوروھىنىڭ ئېغىر بېسىمى ۋە ئېكسپىلاتاتسىيىگە چىدىماي بەس-بەستە ئىسيان كۆتۈردى. ھۇنلارنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىدىن پايدىلىنىپ دىڭلىڭلار شىمالدىن، ئوغانلار، ئۇيسۇنلار غەربتىن، شەرقتىن ھۇجۇم قىلدى، سول تەرەپتىكى شىرۋى قەبىلىسى جەنۇبقا بېرىپ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولدى، غەربىي يۈرتتىكى ھەر قايسى مىللەتلەرمۇ بىرلىكتە ھۇنلارغا ھۇجۇم قوزغىدى[41]. بۇنىڭ بىلەن غايەت زور ھۇن قۇلدارلىق ھاكىمىيىتى بىر مەھەل بۆلۈنۈش ۋە نىزا ھالىتىگە چۈشۈپ قالدى.
         تۆتىنچىدىن، ھۇن ھۆكۈمرانلار گوروھىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىمۇ بۆلۈنۈش پەيدا بولدى. ھۇن يۇقىرى قاتلام ئاقسۆڭەكلەر گۇروھىنىڭ ئىچكى قىسىمدا ئەسلىدىمۇ ھوقۇق تالىشىش، بولۇپمۇ «تەڭرىقۇت» لۇقتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانلىق ھۇقۇقىنى تالىشىش يۈزىسىدىن نۇرغۇن زىددىيەت يوشۇرۇنغان بولۇپ، دائىم دېگۈدەك تەخىت تالىشىش كۈرەشلىرى بولۇپ تۇراتتى[42]. بۇ چاغدا ھۆكۇمرانلىق دائىرىسىنىڭ تارىيىشى، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ چېكىنىشى، قوۋمىنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە قارام ئەللەرنىڭ بۆلۈنىشى بىلەن يوقىرى قاتلام ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى ئىچىدىكى زىددىيەت تېخىمۇ كەسكىنلىشىشكە باشلىدى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 60-يىلىدىن باشلاپ تەڭرىقۇتلۇق تەختىگە ۋارسلىق قىلىش مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ھۆكۈمرانلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى پارچىلىنىش تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 57-يىلغا كەلگەندە «بەش تەڭرىقۇتنىڭ ھاكىمىيەت تالىشىشى» كېلىپ چىقىىپ، ھۇنلارنىڭ ئىچكى قىسمى قالايمىقانلىشىپ كەتتى. بۇ ھون قوۋمى، جەمئىيىتى ۋە ھاكىمىيىتىنى ھالاكەت گىردابىغا ئىتتىردى. مۇشۇنداق ۋەزىيەت ئالدىدا قوغۇشار تەڭرىقۇت تارىخ سەھنىسىگە چىقىپ، ھۇنلارنى بۇرۇلۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.
         قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ ئەسلى ئىسمى جىخۇشان بولۇپ، تۈمەن تەڭرىقۇتنىڭ 7-ئەۋلادى، شۈرۇچانچۇ تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇ يۇقىرى تەبىقىدىكى ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ھۇنلارنىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى ئىچىدىكى شەخىس ئىدى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 60-يىلى شۈرۇچانچۇ تەڭرىقۇت ئۆلگەندىن كېيىن، تەڭرىقۇتلۇقىقا ۋارىسلىق قىلىش قائىدىسىگە ئاساسەن ئۇ ئاتىسىنىڭ تەڭرىقۇتلۇق ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلىشى كېرەك ئىدى. ھالبۇكى شۈرۇچانچۇ تەڭرىقۇتنىڭ ھوقۇقلۇق ۋەزىرى خۇسۇر خان شىنۋىيان ھەر قايىسى جايلارغا ئادەم ئەۋەتىپ ھەر قايىسى ئۇرۇق ئاقساقاللىرىنى كېڭەشكە چاقىرىپ، تەڭرىقۇتنىڭ ۋارىسىنى مەسلىھەتلىشىپ قارار قىلماقچى بولغاندا، شۈرۇچانچۇ تەڭرىقۇتنىڭ ئايالى- جۈەنچۇ ئالچى ئىنىسى سول قول جورچى دۇرۇنچى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئۇرۇق ئاقساقاللىرىنىڭ تېخى كېلىپ بولالمىغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزنىڭ ئاشىنىسى ئوڭ قول بىلىك خان تۇغتاننى ئۇيانجۇت تەڭرىقۇت قىلىپ تىكلىدى. ئۇيانجۇت تەڭرىقۇت ئىنتايىن ياۋۇز تەبىئەتلىك بولغاچقا شىنۋىياننى ئۆلتۈرۋېتىپ، دۇرۇنچىنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتتى ھەم شۈرۇچانچۇ تەڭرىقۇتنىڭ پەرزەنتلىرى، ئىنىسى ۋە يېقىنلىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۆزنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە ئىنىلىرىنى قويدى. تەختىكە ۋارىسلىق قىلالمىغان ۋە چەتكە قېقىلغان جىخۇشان ئامالسىز ھۇنلارنىڭ سول تەرىپىدىكى قېيناتىسى ئۇجانمۇنىڭ يېنىغا پاناھلىق تىلەپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.
         جىخۇشان ناھايىتى قابىلىيەتلىك بولغانلىقى ھەم تەڭرىقۇت ئەۋلادى بولغانلىقتىن، گەرچە سول پاناھلىق تىلگۈچى سۈپىتىدە قېچىپ بارغان بولسىمۇ، يەنىلا سول تەرەپتىكى ھۇن ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ھۆرمىتى ۋە قوغدىشىغا ئېرىشتى. ھالبۇكى، ئۇيانجۇت تەڭرىقۇت زوراۋانلىق قىلىپ قالايمىقان ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكتىن، خەلقنىڭ نارازىلىقى ۋە قارشىلىقىنى قوزغىدى.
    مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 58-يىلى سول تەرەپتىكى ئاقسۆڭەكلەر ئۇجانمۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جىخۇشاننى قوغۇشار تەڭرىقۇت قىلىپ تىكلەپ، ئارقىدىنلا سول تەرەپتىكى لەشكەرلەر بىلەن ئۇيانجۇت تەڭرىقۇتقا ھۇجۇم قىلدى. ئۇيانجۇت تەڭرىقۇت ئىچكى جەھەتتە خەلىقنىڭ نەزىرىدىن قالغانلىقى، تاشقى جەھەتتە ياردەمگە ئېرشمىگەنلىكى ئۇچۇن، قارشىلىق كۆرسىتەلمەي ئۆزىنى ئۆلتۇرۈۋالدى، ئۇنىڭ قوۋمى پۈتۈنلەي قوغۇشار تەڭرىقۇتقا ئەل بولدى. قوغۇشار تەڭرىقۇت ئۇيانجۇت تەڭرىقۇتنى يەڭگەندىن كېيىن تەڭرىقۇت ئوردىسىغا قايتىپ بېرىپ، تەڭرىقۇتقا بىۋاستە قاراشلىق يەرلەرنى تەرتىپكە سېلىپ، ھەر قايسى جايلارنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشنى تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ھاكىمىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۇچۇن، بىر نەچچە ئايدىن كېيىنلا قوشۇنلارنى قىسقارتىپ، ئاقسۆڭەكلەرنى ئەسلىدىكى يەرلىرىگە قايتىشقا بۇيرۇق قىلدى. لېكىن، بۇ چاغدا ئوڭ قول بىلىك خاننىڭ يېنىغا قېچىپ بارغان دورۇنچى ئوڭ قول بىلىك خان بىلەن بىرلىشىپ ئۇيانجۇتنىڭ ئىنىسى باتىسخان بوشتاننى تۇغ تەڭرىقۇت قىلىپ تىكلەپ، قوشۇن تارتىپ قوغۇشار تەڭرىقۇتقا ھۇجۇم قىلدى. قوغۇشار تەڭرىقۇت يېڭىلىپ چېكىندى. تۇغ تەڭرىقۇت ئىككى ئوغلىنى تەڭرىقۇت ئوردىسىنى ساقلاشقا بۇيرۇپ، شەرق تەرەپتە نۇرغۇن قوشۇن تۇرغۇزۇپ قوغۇشار تەڭرىقۇتتىن مۇداپىئە كۆردى. ئەمما، تۇغ تەڭرىقۇت ئىقتىدارسىز بولغانلىقى، پىتنە-پاساتقا ئىشىنىپ ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ھەر قايسى ئاقسۆڭەكلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، بەس-بەس بىلەن ئۆزلىرىنى تەڭرىقۇت دەپ ئاتاشتى. غەربتە ئوغۇز تەڭرىقۇت، شەرقتە چەلى تەڭرىقۇت ۋە ئۈجە تەڭرىقۇت باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۇلار تۇغ تەڭرىقۇت ۋە قوغۇشار تەڭرىقۇت قوشۇلۇپ تارىختا «بەش تەڭرىقۇتنىڭ ھاكىمىيەت تالىشىشى» دەپ ئاتالدى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 57-يىلى). بەش تەڭرىقۇت قالايىمقان ئۇرۇش قىلىش جەريانىدا ياكى مەغلۇپ بولۇپ ئەل بولۇپ، ياكى ئۆزىنى ئولتۈرۈۋېلىپ، ئەڭ ئاخىرى غەلىبە قوغۇشار تەڭرىقۇتقا مەنسۇپ بولدى. شۇنىڭ بىلەن قوغۇشار تەڭرىقۇت تەڭرىقۇت ئوردىسىغا يەنە قايتىپ كەلدى. لېكىن ، بۇ قېتىمقى قالايىمقان ئۇرۇش تۈپەيلىدىن ئاھالە زور دەرىجىدە ئازىيىپ، پەقەت نەچچە تۈمەن ئادەملا قالدى. بىر تۈمەندىن ئارتۇق ئادەم ئۇرۇشتا ئۆلۈپ، چارۋىلارنىڭ ئوندىن سەككىز-توققۇزى زىيانغا ئۇچراپ، خەلق ئاچارچىلىقتا قېلىپ، بۇلاڭچىلىق ئەۋەج ئالدى[43]. قوغۇشار تەڭرىقۇت ئىنتايىن تەس كۈنگە قالغانلىقتىن قالايمىقانچىلىقتىن كېيىنكى ئېغىر ۋەزىيەتنى ئوڭشىماقچى بولدى، ئەمما بۇ چاغدا ئويلىمىغان يەردىن تۇغ تەڭرىقۇتنىڭ بىر نەۋرە ئىنىسى شۈشۈن خان غەربتە ئۆزىنى رۇنجىن تەڭرىقۇت دەپ ئاتىدى، قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ ئاكىسى سول قول بىلىك خان قۇتىئۇشمۇ شەرقتە ئۆزىنى قۇتىئۇش تەڭرىقۇت دەپ ئاتىدى. (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 56-يىلى) ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي قۇتىئۇش رۇنجىننى ئۆلتۈرۈپ، قوغۇشارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ تەڭرىقۇت ئوردىسىنى ئىگىلۋالدى.
          قوغۇشار يەنە بىر قېتىم قېچىشقا مەجبۇر بولدى. بۇنداق ۋەزىيەت ۋە ئەھۋال ئالدىدا ئۇ خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھاكىمىيىتىگە ئەل بولۇپ، خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھاكىمىيتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قۇبۇل قىلىپ، خەن سۇلالىسىنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشى بىلەن ئۆزىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلەنگەن ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، قۇتىئۇشنى تىنچىتىپ ھۇنلار رايونىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھۇنلارنى خەتەرلىك ۋەزىيەتتىن قۇتقۇزۇش ئويىغا كەلدى.
           ھۇنلار باتۇر تەڭرىقۇتتىن باشلاپ 150يىل جەريانىدا (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 209~ 56-يىللار) شىمالىدا سەلتەنەت سۈرۈپ، چوڭ چۆللۈكنىڭ جەن – شىمالىدىكى ھەرقايىسى مىللەتلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەنلىكتىن، ئۆزلىرىنى «تەڭرىنىڭ ئەركە ئوغلى» دېيىشىپ خەن سۇلالىسى ھاكىمىيىتى بىلەن پۇت تېپىشىپ تۇرغانىدى. ئارىدا قۇدىلىشىش بولغان بولسىمۇ، پەقەت خەن سۇلالىسى مەلىكىلىرىنى بېرىپ، ھەر يىلى شايى-كىمخاپ، كىيىم-كېچەك ئەۋەتىپ بېرىپ تۇرغاچىقىلا، ۋاقىتلىق ھالدا چېگرىغا پاراكەندىچىلىك سالمىغان ئىدى. كېيىن خەن سۇلالىسىنىڭ ھەربى جەھەتتىكى قاتتىق زەربىسى بىلەن ھۇن قۇلدارلىرى چۆچۈپ قۇدىلىشىشنى ئويلىغان بولىسمۇ، خەن سۇلالىسىگە بېقىنىشنى خىيالىغا كەلتۇرمىگەنىدى. بۇ چاغدا قوغۇشار تەڭرىقۇت كۈچ – ماغدۇرىدىن كەتكەچكە، ۋەزىيەتنىڭ قىستىشى ئارقىسىدا ئوغلىنى بارىمتايلىققا ئەۋەتىپ ئۆزىنى قارام دەپ تونۇپ، مەركەزنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلماقچى بولدى. خەن سۇلالىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىكى بۇنداق تۇپ ئۆزگىرىش ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى ئىش ئەمەس ئىدى. بۇ يۇقىرى قاتلام ھۆكۈمرانلارنىڭ سىياسىي نوپۇزى ۋە ئورنىغىلار چېتىلىپ قالماي، يەنە مەنپەئەتىگىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىدى. شۇڭا، قوغۇشار تەڭرىقۇت «خەن سۇلالىسىگە ئەل بولۇش كېرەكمۇ-يوق» دېگەن مەسىلىنى ئۇرۇق ئاقساقاللىرىنىڭ ئالىي كېڭىشىگە قويغاندا قوللىغۇچىلار ۋە قارشى تۇرغۇچىلاردىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇھ بارلىققا كېلىپ، «ۋەزىرلەر ناھايىتى ئۇزۇن بەس-مۇنازىرە قىلىشتى». قارشى تۇرغۇچىلار: «ھۇنلارنىڭ ئادىتىدە ئەزەلدىن كۈچلۈكلۈك ئەتىۋارلىنىپ، قوللۇق پەس كۆرۈلىدۇ. نېمە ئۈچۈن ئەجدادلىرىمىزنىڭ قائىدە –تۈزۈملىرىنى بۇزۇپ، خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغۇدەكمىز؟ ئۇنداق قىلىساق ئۆتكەن دەۋىرلەردىكى تەڭرىقۇتلارنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزۈپ قويمامدۇق؟ بۇنداق قىلىپ ئەمىنلىككە ئېرىشكىنىمىز بىلەن يات قوۋملارنى قانداق باشقۇرىمىز» دېيىشەسە، سول ئىجىز خان باشچىلىقىدىكى قوللىغۇچىلار: «ھازىر خەن سۇلالىسى كۈچلۈك، ئۇيسۇنلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى بەگلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا بېقىندى. چەتقۇ تەڭرىقۇتتىن (مىلادىدىن بۇرۇنقى 101~96-يىللار) بۇيان ھۇنلار كۈندىن-كۈنىگە ئاجىزلىشىپ كەتتى، دەماللىققا ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىن ئەمسە، بۇنداق تەرسالىق قىلغىنىمىز بىلەن بىر كۈنمۇ ئەمىنلىك تاپالمايمىز، خەن سۇلالىسىگە بېقىنساق تىنچ-ئامان ياشايمىز، ئەگەر بېقىنمىساق دۆلەت ھالاك بولىدۇ»[44] دېيىشتى.
    ۋەھالەنكى، ئەينى چاغدا شىمالدا قۇتئۇش باش كۆتۈرگەن، جەنۇبتا خەن سۇلالىسى تەھدىت سېلىپ تۇرغان، غەرب-شەرقتىكى بېقىندى ئەللەرمۇ بۆلۈنگەن، ئەھۋال ناھايىتى روشەن بولغاچقا، ئەگەر قوغۇشار تەڭرىقۇت خەن سۇلالىسىگە ئەل بولمىسا ئىككى تەرەپتىن (قۇتىئۇش بىلەن خەن سۇلالىسىدىن) ھۇجۇمغا ئۇچراش خەۋپىدىن ساقلىنالمايتتى. ناۋادا تەشەببۇسكارلىق بىلەن خەن سۇلالىسىگە ئەل بولسا، خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھاكىمىيىتىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ قۇتىئۇش بىلەن قارشىلىشىپ، ئۆزنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيتتى. يەنە كېلىپ قۇتئۇشتىن ئىبارەت قوغۇشار تەڭرىقۇتمۇ ۋە خەن سۇلالىسىگىمۇ دۈشمەن بولغان كۈچ چۆللۈكنىڭ شىمالىدا تۇرىۋاتقاچقا، قوغۇشار تەڭرىقۇت خەن سۇلالىسىنىڭ ئۆزىنى قارىشى ئالدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن ئىدى. شۇڭا، ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا سول ئىجىز خاننىڭ پىكىرىنى قوللاپ قوۋمىنى باشلاپ جەنۇبقا بېرىپ، خەن سۇلالىسى چېگرىسىغا يېقىنلاشتى ھەم مىلادىيدىن بۇرۇنقى 53-يىلى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئوغلى ئوڭ قول بىلىك خان جۇلقۇتان ۋە ئىنىسى سول قول بىلىك خاننى خەن سۇلالىسىگە ئەۋەتىپ، بۇ ئارقىلىق خەن سۇلالىسىنىڭ پوزىتسىيىسى ۋە ئىنكاسىنى بىلىپ باقماقچى بولدى. خەن سۇلالىسىنىڭ قارىشى ئېلىش سەمىمىيىتىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇ مىلادىيدىن بۇرۇنقى 51-يىلى ئەتىيازنىڭ 1-ئېيىدا ئۆزى خەن سۇلالىسى پادىشاھى بىلەن كۆرۈشكىلى بېرىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆزىنىڭ مەركىزىي ھاكىميەتكە ئەل بولۇش سەمىمىيىتى ۋە خەن ھۆكۈمرانىغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى.
      خەن سۇلالىسى قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ ئەل بولۇشىنى ئىنتايىن قىزغىن قارشى ئالدى. چۈنكى، خەن سۇلالىسى ئەزەلدىن ھۇنلارنى بويسۇندۇرۇش بەك تەس دەپ قارىغان، شۇڭا گاۋدىدىن باشلاپ ھۇنلار بىلەن ئەھدىلىشىپ، ھۇنلار شىمالغا پاراكەندىچىلىك سالمىسىلا، يەڭگىللىك بىلەن ئۇلارغا قورال ئىشلەتمىگەنىدى. ۋۇدى دەۋرىدىن باشلاپ غەلبىلىك مۇداپىئە ئۇرۇشى قىلىنغان بولسىمۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن زور بەدەل تۆلىگەنىدى. ئەمدىلىكتە ھۇنلارنىڭ ئىچكى مالىمانچىلىقى تۈپەيلىدىن قوغۇشارنىڭ ئۆزلۈكىدىن بېقىنىپ، خەن ئوردىسىغا كېلىشى ئەلۋەتتە خۇشاللىنارلىق ئىش ئىدى. يەنە كېلىپ قۇتىئۇش شىمالدا بولغاچقا، قوغۇشار ئارقىلىق قۇتىئۇشنى چەكلەش خەن سۇلالىسىنىڭ شىمالىنى تىنجىتىشتىكى تۈپ سىياسىتى ئىدى.
          خەن سۇلالىسى تەڭرىقۇتنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇنىڭدىن مۇداپىئە كۆرۈش ئۈچۈن،ئۇ كېلىشتىن ئاۋۋال ھارۋا-ئاتلىقلار سانغۇنى خەن چاڭنى مەخسۇس ئەلچى قىلىپ ۋۇيۈەن قورۇلىغا قارشى ئېلىشقا ئەۋەتتى ھەم ۋۇيۈەن، سۇفاڭ، شىخې، شاڭجۈن،بېيدى ۋە فېڭشىياڭ ئايماقلىرىدىن چاڭئەنگىچە بولغان يول بويىغا ئەسكەرلەنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىلدى. ئۇ كەلگەندە يەنە تەنتەنىلىك مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ھەرقايىسى بەگ- تۆرىلەرنىڭ ئورنىدىن يۇقىرى قىلدى. ئۇ خەن پادىشاھى كۆرشۈشتە ئۆزىنى «ئەئىيانىڭىز»دەپ ئاتاپ، نامىنى ئاتىمىدى. ئۇنىڭغا ئالتۇندىن ياسالغان «ھۇن تەڭرىقۇت مۆھۈرى» ۋە يېشىل مۆھۈر بېغى ئىنئام قىلىنىپ، ئۇنىڭ ھۇنلارنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن قانۇنىي جەھەتتىن (يازما بولمىسىمۇ) پادىشاھ- پۇقرالىق مۇناسىۋىتى تىلەندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە قوغۇشار تەڭرىقۇت ھاكىمىيىتى- ھۇنلارنىڭ يەرلىك ھاكىمىيىتى بىلەن خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھاكىميىتىنىڭ بېقىندىلىق سىياسىي ئورنىمۇ تىكلەندى[45]. بۇنىڭدىن باشقا خەن سۇلالىسى يەنە زور مىقدارىدىكى قىممەتلىك سوۋغىلارنى، يەنى كەمەر، تون، يان خەنجەر، ئوقيا، يالمان، ھارۋا-ئات، ئالتۇن- كۈمۈش، كىمخاپ- تاۋار قاتارلىقلارنى سوۋغا قىلدى. قوغۇشار تەڭرىقۇت شىمالغا قايتىدىغان چاغدا ئۆزنىڭ كۈچىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئويلاپ، قۇتىئۇشنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھۇجۇم قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتنىڭ كۈچىگە تايىنىش ھەم ئۆز ساداقتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزى ئىلتىماس قىلىپ گۇاڭليۇ قورۇلىدا (ھازىرقى باۋتۇ شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا) تۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، جىددىي پەيىتلەردە خەن سۇلالىسىنىڭ تەسلىمچىلەرنى قۇبۇل قىلىش شەھىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدى. خەن سۇلالىسىمۇ ئۇنى ئوبدان چەكلەش ئۈچۈن، ئۇنىڭ تەلىپىنى قۇبۇل قىلىپ گاۋچاڭ تۆرىسى دۇڭ جۇڭ ۋە ھارۋا-ئاتلىقلار سانغۇنى خەن چاڭ قاتارلىقلارغا قوشۇن باشلاپ ئۇنى سوفاڭنىڭ جىلۇ قۇرۇلىغىچە (ھازىرقى ئىچكى مۇڭغۇلدىكى كاڭجىن ئارقا خوشۇنىنىڭ غەربىدە) قوغداپ ئۇزۇتۇپ قويۇشنى ھەم قوشۇنلارنى قۇرۇلنىڭ سىرتىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ تەڭرىقۇتقا بويسۇنمىغانلارنى باشتۇرۇشنى بۇيرىدى. يەنە ھۇنلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ۋەيران بولغانلىقى، خەلقنىڭ ئاچ-يالىڭاچلىقتا قالغانلىقىنى بىلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 34 مىڭ پاتمان ئاشلىق يەتكۈزۈپ بېرىپ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇردى.[46].
         بۇ چاغدا قۇتئۇش قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغانلىقى ھەم خەن سۇلالىسىنىڭ ئۇنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنى كۆرۈپ، قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ خەن سۇلالىسى بىلەن بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلىشىدىن قورقتى، شۇڭا ئۇمۇ خەن سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ سوۋغا تەقدىم قىلىپ (مىلادىيدىن بۇرۇنقى50~51-يىللاردا)، ئوغلىنى بارىمتايلىققا ئەۋەتىپ دوستانىلىقىنى بىلدۈرىدى. خەن سۇلالىسى قوغۇشار تەڭرىقۇت بىلەن قۇتئۇشنىڭ نىزاسىغا نىسبەتەن ئوتتۇردىن پايدا ئېلىشنى كۆزلىمەي، بەلكى ھەر ئىككىلىسىنى كەڭ قورساقلىق بىلەن قۇبۇل قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولدى، شۇڭا قۇتئۇشنىڭ ئەلچىسىنىمۇ كاتتا كۈتۋالدى. قوغۇشار قۇتئۇشنىڭ ھەرىكىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ تۇردى. ئۇ مىلادىيدىن بۇرۇنقى 50-يىلى خەن سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ سوۋغا تەقدىم قىلدى. كېيىنكى يىلى (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 49-يىلى) شەخسەن ئۆزى ئوردىغا بېرىپ خەن سۇلالىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتمەكچى بولدى. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 48-يىلى خەن سۇلالىسى قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن يەنە 20 مىڭ پاتمان ئاشلىق ياردەم قىلدى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 43-يىلى يەنە ئۇنىڭ شىمالدىكى تەڭرىقۇت ئوردىسىغا قايتىشىقا رۇخسەت قىلدى. قۇغۇشار تەڭرىقۇت بىلەن خەن سۇلالىسىنىڭ مۇناسىۋىتى باشتىن- ئاخىر دوستانە ۋە مۇستەھكەم بولغاچقا، قۇتىئۇش بۇزغۇدەك يۇچۇق تاپالمىدى.
          قۇتىئۇش دەسلەپتە قۇغۇشار خەن سۇلالىسىگە تەسلىم بولدى، ھەربىي كۈچى ئاجىز، شىمالغا قايتىپ كېلەلمەيدۇ دەپ ئويلاپ، غەربكە قوشۇن تارتىپ ئۇنىڭ ئوڭ تەرەپ زېمىنىنى ئىگىلىۋالماقچى بولغانىدى. شۇ چاغدا تۇغ تەڭرىقۇتنىڭ كىچىك ئىنىسى قوغۇشار تەڭرىقۇتتىن يۈز ئۆرۈپ[47]، ئوڭ تەرەپكە بېرىپ ئىككى ئاكىسىنىڭ ئادەملىرىنى يىغېۋېلىپ ئۆزىنى ئىلىم تەڭرىقۇت دەپ ئاتىۋالدى.
         قۇتىئۇش ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، 50 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرىنى قۇشۇۋالدى. كېيىن خەن سۇلالىسىنىڭ قۇغۇشار تەڭرىقۇتقا ئەسكەر ۋە ئاشلىق ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئوڭ تەرەپ زېمىنىدا تۇرۇپ قالدى ھەم ئۆزىنىڭ ھۇنلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، غەربكە كۆچۈپ ئۇيسۇنلارغا يېقىنىلىشىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىشىشنى ئويلاپ ئۇيسۇنلارنىڭ كىچىك كۈنبېگى ئۇجۇتقا ئەلچى ئەۋەتتى. قۇتىئۇشنىڭ قېچىپ يۈرگەنلىكىنى بىلگەن ئۇجۇت ئۇنىڭ ئەلچىسىنى ئۆلتۈرۈپ، كاللىسىنى غەربىي يۇرت قورۇقچىبېگىگە ئەۋەتىپ بېرىپ، سەككىز مىڭ چەۋەنداز چىقىرىپ، يالغاندىن چىچىنى قارشى ئالماقچى بولغاندەك قىياپەتكە كىرىۋالدى. قۇتىئۇش ئۇنىڭ سۇيقەستىنى سېزىپ قېلىپ، ئۇنى مەغلۈپ قىلدى. ئارقىدىنلا شىمالغا ھۇجۇم قىلىپ ئوغۇزلارنى، دىڭلىڭلارنى (غەربىي دىڭلىڭلارنى)[48]، قىرغىزلارنى يېڭىپ، بۇ ئۇچ مىللەتنىڭ يەرلىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، قىرغىزلار يېرىدە پايتەخت قۇردى، كۈچىمۇ خېلىلا كۈچەيدى.
          كېيىن، قۇتىئۇش ئۆزىنىڭ تۇرغان يېرىنى خەن سۇلالىسىدىن يىراقتا دەپ قاراپ، خەن سۇلالىسىنىڭ قوغۇشار تەڭرىقۇتنى قوللاپ ئۆزىنى قوللىمىغانلىقىدىن نارازى بولۇپ، خەن سۇلالىسى ئەلچىسى جاڭ نەيشى قاتارلىقلارنى ھاقارەتلىدى ھەم بارىمتايلىقتا تۇرۋاتقان ئوغلىنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئوغلىنى ئەكېلىپ قۇيۇشقا كەلگەن گۇجىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئارقىدىن ئۆزىنىڭ خەن سۇلالىسىنىڭ چىشىغا تېگىپ قويغانلىقىنى بىلىپ ھە قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ھۇجۇم قىلىشىدىن قورقۇپ تېخىمۇ يىراققا كۆچۈپ كەتتى. كانگىيە خانى (كانگىيە ھازىرقى قازاقىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبىدا) ئىلگىرى ئۇيسۇنلاردىن كۆپ قېتىم يېڭىلگەنىدى. ئەمدىلىكتە ئۇ قۇتىئۇشنىڭ قېچىپ يۇرگەنلىكىنى ئۇقۇپ، ئۇنى كانگىيەنىڭ شەرقىگە جايلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىشىپ بىرلىكتە ئەسكەر چىقىرىپ ئۇيسۇنلارنىڭ يېرىنى تارتىۋېلىپ، ئاندىن ئۇنى شۇ يەرگە جايلاشتۇرۇش غەرىزىدە قىرغىزلارغا ئەلچى ئەۋەتىپ، بۇنى قۇتىئۇشقا يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئېيتتى. قۇتىئۇش بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى خوش بولۇپ ئەسكەرلىرىنى باشلاپ غەربكە يۇرۇش قىلدى، لېكىن يول ئۈستىدە كۆپ ئادىمى توڭلاپ ئۆلگەچكە، كانگىيەگە كەلگەندە ئاران 3000 ئادىمى قالدى. كانگىيە خانى قىزىنى قۇتىئۇشقا ياتلىق قىلدى، قۇتىئۇشمۇ قىزىنى كانگىيە خانىغا ياتلىق قىلدى. كانگىيە خانى قۇتىئۇشنى ناھايىتى ھۆرمەتلەپ، ئۇنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئەتراپتىكى ئەللەرگە تەھدىت سالدى، قۇتىئۇش كانگىيەنىڭ قوشۇنىدىن پايدىلىنىپ ئۇيسۇنلارغا زەربە بېرىپ، ئۇيسۇنلارنىڭ پايتەختى قىزىل قورغان شەھىرىگىچە بېسىپ بېرىپ، پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈپ، چارۋا ۋە مال-مۈلۈكلەرنى بۇلاپ كەتتى. ئۇيسۇنلار قوغلاپ زەربە بېرىشكە پېتىنالمىغاچقا، غەربتە مىڭ چاقىرىمدەك ئارىلىق بوش قالدى. شۇ ۋاقىت تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 44-يىلى ئىدى.
          قۇتىئۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن غەلبىسىدىن كۆرەڭلەپ، كانگىيە خانىنى كۆزگە ئىلمىدى ھەم كېيىن كانگىيە خانىنىڭ قىزىنى ھەم بەگىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ ياكى پۇت-قولىنى كېسىپ تاشلاپ تالاس دەرياسىغا تاشلىۋەتتى. يەنە خەلقنى ھاشارغا تۇتۇپ قورغان سالدۇرۇپ، ھەر كۈنى 500 ئادەمنى ئىشلىتىپ قورغاننى ئىككى يىلدا پۈتتۈردى. ئەتراپتىكى ئائورىسى، پەرغانە قاتارلىق ئەللەرگە ئەلچى ئەۋەتىپ ئولپان تاپشۇرۇشقا يارلىق چۈشۈردى. ئۇلار ئولپاننى تاپشۇرماسلىققا پېتىنالمىدى. خەن سۇلالىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كانگىيەگە ئۈچ قېتىم ئەلچى ئەۋەتىپ گۇجى قاتارلىقلارنىڭ جەسىتىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، قۇتىئۇش ئەلچىلەرنى خورلاپ يارلىقنى كۆزگە ئىلمىدى. بۇنىڭدىن خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتتىكى چېرىكچى بېگى گەن يەنشۇ ۋە ئورۇنباسار چېرىكچى بەگ چېن تاڭ قاتارلىقلار قاتتىق غەزەپلەندى. ئەمما، قۇتىئۇشنىڭ كۈچىنىڭ داۋاملىق كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئويلىشىپ، غەربىي يۇرتتىكى بەگلىكلەرنىڭ قوشۇندىن پايدىلانماقچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن، قوشتىكى تېرىقچى لەشكەرلەر ۋە غەربىي يۇرتتىكى 15 بەگلىكنىڭ قوشۇنلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 40 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر يىغىدى. پۈتۈن قوشۇننى ئالتە بۆلەككە بۆلۈپ، ئۈچ بۆلەك قوشۇن پامىردىن ئېشىپ پەرغانە ئارقىلىق ماڭدى، ئۈچ بۆلەك قوشۇن شىمالىي يول بىلەن مېڭىپ، ئۇنسۇن ئارقىلىق كانگىيەگە كىردى. ئۇلار قۇتىئۇشنىڭ ئوردىسىغا نەچچە ئون چاقىرىم كېلىدىغان جايغا قارارگاھ قۇرۇپ، كانگىيەنىڭ بىر بېگىنى تۇتۇۋېلىپ يول باشلىغۇچى قىلىپ، قۇتىئۇشنىڭ بارلىق ئەھۋالىنى ئۇقۇۋالدى. نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن گەن يەنشۇ، چېن تاڭ قاتارلىقلار قۇتىئۇشنىڭ ئوردىسى يېنىدىكى تالاس دەرياسىغا يېتىپ كەلدى ۋە ئوردىغا ئۈچ چاقىرىم كېلىدىغان جايغا قارارگاھ قۇردى. قۇتىئۇش شەھەر سېپىلىغا تۇغ-ئەلەملەرنى تىكلەپ، لەشكەرلەرنى تەقلەپ مۇداپىئە كۆردى. ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا ئوقىيا ئېتىشتى، قۇتىئۇشنىڭ ئالچىلىرىمۇ ئوقيا ئاتتى. قۇتىئتشنىڭ بۇرنىغا ۋە ئالچىلىرىدىن بىرنەچچىسىگە خەن لەشكەرلىرىنىڭ ئوقى تەگدى. كېچىدە شەھەر ئېلىنىدى، كانگىيە قوشۇنىدىن ئون مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئون نەچچە بۆلەككە بۆلۈنۈپ سېپىلنى ئوراپ ياردەم بەرمەكچى بولغان بولىسىمۇ ئوڭۇشلۇق بولمىدى. تاڭ يورۇش بىلەن سېپىلىنىڭ تۆت تەرىپىدىن ئوت كۆتۈرلۈپ خەن لەشكەرلىرى چۇقان كۆتۈرگىنىچە كانگىيە لەشكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلدى، ناغرا-دۇمباق ساداسى يەر-جاھاننى لەززىگە سالدى، كانگىيە قوشۇنلىرى چېكىندى. خەن لەشكەرلىرى شەھەرگە باستۇرۇپ كىردى، ئېغىر يارىلانغان قۇتىئۇش تەڭرىقۇت ئۆلدى.  چاۋۇش بەگ دۇشۈن ئۇنىڭ كاللىسىنى كېسىۋالدى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا قۇتىئۇشنىڭ ئالچىسى، ئوغلى، داڭلىق خانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1500 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلتۈرلۈپ، 140 دىن ئارتۇق ئادەن ئەسىرگە ئېلىنىپ، مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئەل قىلىندى. بۇ ۋاقىت مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 36-يىلى ئىدى[49]. شۇنىڭ بىلەن، ھۇنلارنىڭ خەن سۇلالىسى بىلەن دۈشمەنلىشىدىغان كۈچى ئاخىر يوقىتىلدى. ھۇنلارنىڭ ئىچىكى قىسىمدىكى ئۇيانجۇت تەڭرىقۇتتىن باشلانغان 20 نەچچە يىللىق قالايمىقان ۋەزىيەت خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھاكىميىتىنىڭ كۈچى ۋە ياردىمى ئارقىلىق ئاخىرلاشتۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن، ھۇنلارنىڭ قايتا بىرلىككە كېلىشى 100 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشتى (شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدە يەنە پارچىلىنىپ كەتتى). قۇتىئۇش تەڭرىقۇت خەن سۇلالىسى بىلەن دۈشمەنلىشىش پوزىتسىيىسىدە بولۇپ، مەركىزىي ھاكىمىيەتتىن بۆلۈنۈش يولىدا چىڭ تۇرغانلىقتىن، ئۆز-ئۆزىنى ھالاك قىلدى. قوغۇشار تەڭرىقۇت بولسا خەن سۇلالىسىغا ئەل بولغان چاغدىكى دەسلەپكى ئارزۇسىغا سادىق بولغاچقا ئاخىرى مەقسىتىگە يەتتى.
         قۇتىئوشنىڭ ئۆلۈمىدىن قوغۇشار تەڭرىقۇت ھەم خۇشال بولدى. ھەم قورقتى. خۇشاللىقى قۇتىئۇشنىڭ ئۆلۈشى بىلەن سىياسىي رەقىبى يوقىلىپ غەمدىن خالاس بولغانلىقىدىن بولسا، قورقۇشى قۇتىئۇشتىن ئىبارەت خەن سۇلالىسىنى چەكلەپ تۇرىدىغان كۈچنىڭ يوقۇلۇپ، خەن سۇلالىسىنىڭ ھەيۋىسىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى، ئۆزى يالغۇز ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن، كېيىن خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇپ قۇتىئۈشتەك ئاقىۋەتكە قېلىشتىن ئەنسىرىگەن ئىدى. ئۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەن سۇلالىسىگە يېقىنلاشقاندىلا، ئاندىن بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايتتى. شۇڭا، ئۇ مەكتۇپ سۇنۇپ: « مەن خان بىلەن كۆرۈشۈشنى دائىم ئارزۇ قىلىپ كەلگەن بولساممۇ، لېكىن قۇتىئۇش غەربتە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشىدىن قورقۇپ، خان ئالىيلىرىنى زىيارەت قىلالمىدىم. ھازىر قۇتىئۇش ئۆلتۈرۈلدى، شۇڭا خان ئالىيلىرىنى زىيارەت قىلغىلى بارماقچىمەن» دېدى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 33-يىلى ئەتىيازنىڭ 1-ئېيدا ئۇ ئوردىغا زىيارەتكە كەلدى (بۇ ئۇنىڭ شىمالدىكى تەڭرىقۇت ئوردىسىغا قايتقاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق زىيارىتى ئىدى) ئۇنىڭغا قىلغان قائىدە –يۇسۇن ۋە ئىنئاملار بۇرۇنقىدەك بولدى. ھەم كىيىم –كېچەك، تاۋار-دۇردۇن، سەرناق قاتارلىق نەرسىلەر خۇاڭلۈڭ 1-يىلىدىكىگە قارىغاندا بىر ھەسسە كۆپ تەقدىم قىلىندى. زىيارەت مەزگىلىدە قوغۇشار تەڭرىقۇت خەن سۇلالىسىگە كۈيئوغۇل بولۇشنى ۋە دوستلۇقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يۈەندى ئارقا ھەرەمدىكى «ياخشى ئائىلىنىڭ پەرزەنتى» راڭ چياڭنى (يەنە بىر ئىسمى جاۋجۈن) ئۇنىڭغا ياتلىق قىلدى. قوغۇشار تەڭرىقۇت بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشاللىنىپ، جاۋجۈنگە «ھۇنلارنى ئەمىن قىلغۇچى ئالچى» نامىنى بەردى. ئارقىدىنلا يەنە خەن سۇلالىسىگە مەكتۇپ سۇنۇپ خەن سۇلالىسى ئۈچۈن شاڭگۇنىڭ غەربىدىن دۇنخۇاڭغىچە بولغان جايلارنى قوغداپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ يەردىكى قۇرۇللارنى بىكار قىلىپ ئەسكەرلەرنى چېكىندۈرۈپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى. خەن سۇلالىسى «خاتىرجەملىك ئىچىدە خەۋپنى ئۇنتۇپ قالماسلىق»تەك ھوشىيارلىق بىلەن ئۇنىڭ تەلپىنى سىيلىق رەت قىلدى. ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 31-يىلى) ئۇ ئۆلدى[50].
          قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولۇشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس. بۇ ئۇنىڭ شەخسى ئارزۇسىنىڭ نەتىجىسى بولماستىن، بەلكى خەنزۇ، ھۇن ئىككى مىللەتنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تارىخى تەرەققىياتىنىڭ مۇقەرەر مەھسۇلى. ئەمما، ئۇ ئەينى چاغدا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تارىخ ئېقىمىغا ئەگىشىپ، ھۇن خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۈردى ھەم ئۆزىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى يىراقنى كۆرەرلىكى، قابىليىتى ۋە جاسارىتى ئارقىلىق ئاخىر خەنزۇ، ھۇن مىللەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى

    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.