ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-10-22

    ھۇنلارنىڭ ئومۇمى تارىخىنىڭ داۋامى - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/80316861.html

    14. ئىلخاننىڭ چارۋىچىلىق رايونى ھازىرقى شىنجاڭدىكى
    تۇرپاننىڭ غەربىدىكى تەڭرىتاغ ئەتراپىدا بولغان
         «كېيىنكى خەننامە» 47 جىلد «بەن يۇڭنىڭ تەرجىمھالى» دا، يۈەنگۇاڭ 3-يىلى (مىلادىيە 127-يىلى) بەن يۇڭ غەربىي يۇرتتىكى كۈسەننىڭ ئاتلىق، پىيادە لەشكەرلىرىدىن ئون مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى باشلاپ ئالدى قوش بەگلىكىگە ھۇجۇم قىلىپ يىخې جىلغىسىدا ھۇنلارنىڭ ئىلخانى يەڭدى، دەپ خاتىرىلەنگەن.
         يىخې جىلغىسى ھازىرقى شىنجاڭدىكى تەڭرى تېغىدا بولۇپ، ئالدى قوش بەگلىكىگە ئانچە يىراق ئەمەس. بەن يۇڭنىڭ كۈسەندىن شەرقە ئاتلىنىپ، ئالدى قوش بەگلىكىگە يۈرۈش قىلىپ، يىخې جىلغىسىدا ئىلخانى مەغلۇب قىلغانلىقى ئىلخانىڭ چارۋىچىلىق رايوننىڭ تۇرپانىڭ غەربىدىكى تەڭرىتاغ ئەتراپى ئىكەنلەكىنى چۈشەندۈرىدۇ. تۇرپاننىڭ شىمالىي ۋە شەرقىدىكى رايونلار ئالدىدا بايان قىلىنغان قۇيان خاننىڭ چارۋىچىلىق رايونى ئىدى.
    ئىزاھلار:
    ①س. دورجى سورۇڭ: «شىمالىي ھۇنلار»، -1باب «ھۇنلارنىڭ قەبرىلىرى».
    ②«جۇنامە» 50-جىلد «تۈركلەر ھەققىدە قىسسە».
    ③«يېڭى تاڭنامە» 217- خىلد «ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە».
    ④ «يۈەن سۇلالىسى تارىخى» 2-خىلد «ەيزۇڭ ھەققىدە خاتىرە»
    ⑤جۇڭگو خەرىيە نەشىرىياتى نەشىر قىلغان«جۇڭگو تارىخى ئاتلىسى»2-توم 93-خەرىتە «ھۇن قاتارىلىق قوۋملەر«دە، تەڭرىقۇت ئوردىسى ھازىرقى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئۇلانباتورنىڭ جەنۇبغا سىزىلغان بۇنىڭدا مەلۇم ئاساس بولسا كېرەك.
    ⑥« تارىخى خاتىرىلەر »110-جىلد «ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»، 12جىلد «پەرغانە تەزكىرىس»، «خەننەمە»
    ⑦ بۇ سىيانپى تېغى بىلەن توبا سىيانپىلىرىنىڭ ئەجداتلىرى ئولتۇراقلاشقان چوڭ سىيانپى تېغى بىر ئەمەس. چوڭ سىيانپى تېغى ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلدىكى خولۇنبىر ئايمىقى ئېلۇنچۈن ئاپتونوم خوشۇنىدىكى ئالىخې بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئون كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، چوڭ ھىنگان تاغلىرىنىڭ شىمالى بۆلىكىنىڭ شەرقىي تارمىقىغا مەنسۇپ («نۇر گېزىتى تارىخشۇناسلىرىنىڭ سەھپىسى» نىڭ 1980- يىللىق 11- ئاينىڭ 25- كۈنىدىكى 202- سانىدىكى مى ۋېنپىڭنىڭ «چوڭ ھىنگان تاغلىرىنىڭ شىمالىدا سىيانپى غارى خارابىسى بايقالدى» دېگەن ماقالىسى).
    ⑧«كېيىنكى خەننامە» 88- جىلىد «غەربىي يۇرت تەزكىرىسى». 47- جىلد «پەن يۇڭنىڭ تەرجىمالى» ۋە «مېتال، تاش پۈتۈكلەردىن تاللانما» دىكى «خەن دەۋرىدىكى دۇنخۇاڭ ۋالىيىسى پېي سېننىڭ تۆھپە مەڭگۈ تېشى».
    5-باب ھۇنلارنىڭ گۈللىنىشى، خارابلىشىشى ۋە ئۇلارنىڭ
    ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى(1)
       1. چىن سۇلالىسىدىن ئىلگىرى ھۇنلارنىڭ دەسلەپكى
    قەدەمدە باش كۆتۈرۈپ چىقىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا
    تۈزلەڭلىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
          چىن سۇلالىسىدىن ئىلگىرى ھۇنلار باش كۆتۈرۈپ چىققان، ئۇنداقتا ئۇلار ئەڭ ئاۋال قايسى ۋاقىتتا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن مۇناسىۋەت قىلغان؟ بۇ مەسىلىگە نۆۋەتتە تېخى ئېنىق جاۋاب بەرگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق يىپ ئۇچىمۇ يوق ئەمەس.
    قەدىمكى ھۆججەتلەر ئىچىدە چىن سۇلالىسىدىن ئىلگىرى ھۇنلار بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئارىسىدا مۇناسىۋەت بولغانلىقىغا دائىر خاتىرىلەردىن ئىشەنچىلىكىرەكلىرىدىن ئۈچى بار①: بىرىنچىسى، ليۇشياڭ يازغان «پەندى-نەسىھەتلەر» (1-جىلىد) دە يەن بېگى جاۋ ۋاڭنىڭ تۇنجى يىلى (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 312-يىلى) جاۋ ۋاڭ گوۋېي بىلەن سىياسىي ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلغاندا، گوۋېي «ھۇنلار ئالوبانلارنىڭ تۆۋىنىگە كەتتى» دېدى، دەپ خاتىرىلەنگەن.
          ئىككىنچىسى، «تارىخى خاتىرىلەر» 81-جىلىد «لى مۇنىڭ تەرجىمھالى» دا جاۋ بېگى شياۋ چىڭۋاڭنىڭ دەسلەپكى يىلى (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 265-يىلى) لى مۇ دەيجۈن، يەنمېن ئايماقلىرىدا ھۇنلاردىن مۇداپىئە كۆرۈپ، ھۇنلارنىڭ ئون تۈمەندىن ئارتۇق چەۋەندازىنى تارمار قىلدى، دەپ خاتىرىلەنگەن.
          ئۈچىنچىسى، 31-جىلىد «يەن بەگلىكىنىڭ تەدبىرلىرى» دە يەن بېگى شىنىڭ 27-يىلى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 228-يىلى) چىن بەگلىكى سەركەردىسى پەن ۋۇجى جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قويۇپ يەن بەگلىكىگە قېچىپ كەلگەندە، ۋەلىئەھد دەن ئۇنى ئېلىپ قالماقچى بولدى، ئۇنىڭ ئۇستازى چۈۋۇ ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ، سەركەردە پەن ۋۇجىنى ھۇنلارغا ئەۋەتىپ بېرىپ كۆزدىن يوقىتىش كېرەك ھەم غەربتە چىن بەگلىكى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، جەنۇبتىكى چى ۋە چۇ بەگلىكلىرى بىلەن بىرلىشىپ، شىمالدا ھۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، چىن بەگلىكىنى يوقىتىش كېرەك دېدى» دەپ خاتىرىلەنگەن. يۇقىرىقى ئۈچ ماتېرىيالدىن ھۇن چەۋەندازلىرىنىڭ ناھايتى بۇرۇنلا، يەنى مىلادىيدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىلا، شۇ چاغدىكى ئالوبانلارنىڭ ئەتراپىدا (ھازىرقى شىمالىي سەنشىدە) ② پائالىيەت قىلغانلىقى ۋە يەن، جاۋ بەگلىكىگە ناھايىتى زور تەھدىت سالغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. شۇنداق بولغانىكەن، ئەينى چاغدا ھۇنلار بىلەن يەن، جاۋ بەگلىكلىرى ئارىسىدا بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ئالاقە بولغان بۇلۇشى مۇمكىن.
          ئالوبانلار ياشىغان رايونلار جاۋ بەگلىكىنىڭ ئىچكى سېپىلى بىلەن چېگىرداش بولۇپ، كېيىنكى جاۋ بېگى ۋۇلىڭۋاڭ (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 325-299-يىللار تەختتە ئولتۇرغان) شىمالدا ئالوبانلار ۋە ئورمانلىق غۇزلىرىنى (بۇلار ئالوبانلارنىڭ غەربىي شىمالىدا ئىدى) تارمار قىلىپ، تاشقى سېپىلنى ياساپ، چوغاي تېغىنىڭ (ھازىرقى يىنشەن تېغى، بۇرۇن داچىڭشەن تېغى دەپمۇ ئاتالغان) تۆۋەندىن تاكى گاۋچۆگىچە بولغان ئارلىقنى چېگرا قىلىپ، ئالوبانلار ۋە ئورمانلىق غۇزلىرى پائالىيەت قىلدىغان رايونلاردا يۈنجۇڭ، دەيجۈن ۋە يەنمېندىن ئىبارەت ئۈچ ئايماق تەسىس قىلغان③. شۇنىڭدىن باشلاپ جاۋ بەگلىكى تاشقى سېپىلنى پاسىل قىلىپ ھۇنلار بىلەن قارىشىپ تۇرغان. ئۇ چاغدا ھۇنلار پائالىيەت قىلدىغان دائىرە ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، شەرقتە يەنمېن، دەيجۈندىن غەربتە دەريانىڭ شىمالىغىچە (خېتاۋنىڭ شىمالى) بولغان رايونلاردا ئۇلارنىڭ ئىزى بار ئىدى. شۇڭا «تارىخى خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»دە، ئەينى چاغدا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە يەتتە «ئورۇشقاق بەگلىك» بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ بەگلىك (يەن، جاۋ، چىن) ھۇنلار بىلەن قوشنا ئىدى، دەپ خاتىرىلەنگەن. ھۇن كۈچلىرىنىڭ تەھدىت سېلىشى تۈپەيلىدىن، جاۋ بەگلىكىنىڭ بېگى شياۋ چىڭۋاڭ لى مۇنى دەيجۈن، يەنمېن ئايماقلىرىنى ساقلاشقا ئەۋەتكەن. لى مۇ بۇ يەرلەرنى ياخشى قوغداپ، قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈش، دۈشمەن ئەھۋالىغا دىققەت قىلىش، ئالدىراپ ھۇجۇمغا ئۆتمەسلىك قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقتىن، ھۇنلار مەقسىتىگە يېتىشكە ئامالسىز قالغان. كېيىن جاۋ بېگى لى مۇنىڭ ئورنىغا باشقا كىشىنى قويغاندا، ھۇنلارنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە بەرداشلىق بېرەلمەي چەت چېگرالاردا دېھقانچىلىق قىلالمىغان. شۇنىڭ بىلەن جاۋ بېگى يەنە لى مۇنى ئىشىلتىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇ ھۇنلارنىڭ ئون نەچچە تۈمەن چەۋەندازىنى تارمار قىلىپ، ئۇلارغا قاتتىق زەربە بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئون نەچچە يىل ئىچىدە ھۇنلار جاۋ بەگلىكى چېگىرىسىغا يېقىن كېلىشكە پېتىنالمىغان. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، مىلادىيدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ھۇنلار كۆپ قېتىم بىۋاستە جاۋ بەگلىكى بىلەن ئالاقە قىلغان.
          بەگلىكىگە ھۇجۇم قىلىشىدىن قورقۇپ ۋەلىئەھد دەنگە ئۇنى تېزدىن ھۇنلارغا ئەۋەتىپ بېرىپ، ھۇنلار بىلەن بىرلىشىپ چىن بەگلىكىنى يوقىتىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلغان.ئەگەر ئەينى چاغدا ئىككىلا تەرەپ بۇرۇندىن ئالاقىلىشىپ تۇرمىغان بولسا، چۈۋۇ بۇنداق تەدبىرنى تېپىپ چىقالمايتتى.
           يېغىلىق دەۋرىدىن باشلاپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكىلەردىن ھۇنلار رايونىغا كىرگەنلەر ناھايىتى كۆپ بولغان، چىن سۇلالىسى دەۋرىدە تېخىمۇ كۆپەيگەن. شۇڭا، شىگۇ «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» گە ئىزاھ بەرگەندە، « چىن بەگلىكى دەۋرىدە ھۇنلارغا قېچىپ بارغانلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھازىرمۇ «چىنلىقلار» دەپ ئاتىلىدۇ، دېگەن. يېقىن دەۋىردە ياشىغان ۋاڭ گوۋېيمۇ «گۈەنتاڭ توپلىمى» 18-جىلد «ھۇن مۇشاۋۇرىنىڭ مۆھۈرى ھەققىدە» دە، ھۇنلارنىڭ ئۆزلىرى ياسىۋالغان مۇشاۋۇرلۇق قاشتېشى مۆھۈرى بار، ئۇنىڭ شەكىلى ۋە خېتى چىن سۇلالىسىدىن ئىلگىرىكى مۆھۈرلەرگە ئۆخشايدۇ، دېگەن. بۇنىڭدىن ھۇنلارنىڭ ناھايىتى بۇرۇنلا ئۆز زېمىنىغا كەلگەن ئوتتۇرا تۇزلەڭلىكلەردىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ئەمەلدارلىق تۈزىمىنى ئۆگىنىۋالغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
          يۇقۇرقى چۈشەنچىلەردىن شۇنى كۆرۇۋېلىشقا بولىدۇكى، يىغلىق دەۋرىدىكى ھۇنلار بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ مۇناسىۋىتى ئەڭ بالدۇر دېگەندە مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3-،4-ئەسىرگە ۋە ھۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنغا سۇرۇشكە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھۇنلار بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش مۇناسىۋىتىلا بولۇپ قالماستىن، يەنە مەدەنىيەت مۇناسىۋىتى (مەسىلەن، قاشتېشى مۆھۈر) ھەم ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتمۇ بولغانلىقىنىمۇ كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ (ئېيتىشلارغا قارىغاندا، چۆللۈكنىڭ شىمالىدا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن تارقالغان، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىرگە تەئەللۇق بولغان تاش ياغۇنچاق بايقالغان)④.
          يەنە «ھۇن» نامىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ھۆججەتلىرىدە ئەڭ بالدۇر كۆرۈلىشىمۇ چىن سۇلالىسىدىن ئىلگىرىدىكى ھۇنلار بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. قەدىمكى ھۆججەتلەردە «ھۇن» نامى ئەڭ بالدۇر «جۇ سالنامىسى» (7-جىلد)، «تاغ-دەريالار قۇرئى» (10-جىلد) ۋە «يېغىلىق دەۋرىدىكى تەدبىرلەر» دە كۆرۈلىدۇ. «جۇ سالنامىسى» ۋە «تاغ- دەريالار قۇرئى»نىڭ كىتاب بولۇپ چىققان ۋاقتى نۆۋەتتە تېخى بېكىتىلمىدى، لېكىن ئۇلارنىڭ چىن سۇلالىسىدىن ئىلگىرى يېزىلغانلىقى شۈبھىسىز. ئەمما، ئۇنىڭدا خاتىرىلەنگەن «ھۇن» نامىنى كېيىنكىلەر قوشۇپ قويغان بولۇشى، ئىشەنچىلىك بولماسلىقى مۇمكىن. «يېغىلىق دەۋرىدىكى تەدبىرلەر» دىكى خاتىرىدىن بولسا گۇمانلىشىقا بولمايدۇ. «يېغىلىق دەۋرىدىكى تەدبىرلەر» دېگەن ئەسەر شەرقىي خەن دەۋرىدىكى ليۇشياڭ تەرىپىدىن توپلىنىپ تۈزۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەسلى مەزمۇنى يېغىلىق دەۋرىدىكى كىشلەرنىڭ قولىدىن چىققان، بۇ نۇقتا ئالىملار ئارىسىدىمۇ ئوموميۇزلۇك ئېتىراپ قىلىنغان. غەربىي خەن دەۋرىدە ئۆتكەن سى ماچيەن « تارىخى خاتىرىلەر» نى يازغاندا بۇ ئەسەردىن پايدىلانغان. يېغىلىق دەۋرىدىكى «ھۇن» نامىنىڭ كۆرۈلۈشى دەل بۇ دەۋردە (ياكى بۇ دەۋردىن تېخىمۇ بۇرۇن) ھۇنلار بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئارىسىدا كۆپ قېتىملىق ئالاقىنىڭ بولغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
          چىن شىخۇاڭ ئالتە بەگلىكنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 221-يىلى) كېيىن، ھۇنلار بىلەن چىن سۇلالىسىنىڭ مۇناسىۋىتى تارىخي كىتابلاردا بىرقەدەر ئېنىق خاتىرىلەنگەن.«تارىخى خاتىرىلەر» 5-جىلد «چىن بەگلىرى ھەققىدە خاتىرە» ۋە 110-جىلد «ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، چىن شىخۇاڭ 32-يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 215-يىلى)تۈمەن باشچىلىقىدىكى ھۇن قۇلدارلىرى جەنۇبقا تاجاۋۇز قىلغاندا، چىن شىخۇاڭ مېڭ تيەن باشچىلىقىدا 300 مىڭ كىشلىك قوشۇن ئەۋەتىپ ھۇنلارغا جازا يۈرۈش قىلىپ، «دەريانىڭ جەنۇبىدىكى يەر» نى تارتىۋېلىپ (ھازىرقى ئىچكى قوڭغۇل خېتاۋدىكى ئىكىجاۋ ئايمىقى ئەتراپى)، ھۇنلارنىڭ شىمالغا 700 چاقىرىمدىن ئارتۇق چېكىنىشكە مەجبۇ قىلغان، شۇنىڭدىن باشلاپ «غۇزىلار جەنۇبقا كېلىپ ئاتلىرىنى بايلىتالمايدىغان،ئەسكەرلىرى ئوقيا كۆتۈرۈپ قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالغان»⑤. شىمالىي چېگرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، چىن شىخۇاڭ «دەرياقېشىدا توسالغۇلارنى ياسىتىپ» (خۇاڭخېنىڭ خېتاۋ ئەتراپلىرىدا ياسالغان قورغان ۋە ئەلئەلەرنى كۆرسىتىدۇ)⑥ ئىچكىرىدىن 30 مىڭ ئائىلىلىكنى دەريانىڭ شىمالغا (ھازىرقى خېتاۋدىكى ئۇكا دەرياسىنىڭ شىمالى) ۋە يۈجۇڭ (ھازىرقى خېتاۋنىڭ شەرقىي شىمالى) ⑦ غا كۆچۈرۈپ كېلىپلا قالماي، 33-يىلى بۇرۇنقى يەن، جاۋ، چىن ئۈچ بەگلىك شىمالىدا ياساتقان سېپىللارنى تۇتاشتۇرۇپ ھەم شەرق، غەرب تەرەپلەرگە كېڭەيتىپ «سەددىچىن سېپىلى» نى ياساپ چىققان. ئۇ غەربتە لىنتاۋدىن (ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى مىنشيەن ناھىيسى باشلىنىپ خۇاڭخېنىڭ شىمالى، خېتاۋنى بويلاپ چوغاي تاغلىرىغا يانداشقان ھالدا شەرقتە لياۋدۇڭ ئايمىقىغىچە (ھازىرقى يالۇجياڭ دەرياسى بويى) تۇتىشىدىغان بولۇپ، 10 مىڭ چاقىرىمغا سوزۇلغان. يەنە مېڭ تيەننى شاڭجۈن ئايمىقىدا تۇرغۇزۇپ مۇداپىئە كۆرگەن، كېيىن (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 210- يىلى) مېڭ تىيەن ئۆلگەن. كېيىنكى يىلى چېن شېڭ، ۋۇگۇاڭ دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلاپ، چىن سۇلالىسى پارچىلىنىپ سەركەردە-جەڭچىلەر تاراپ كېتىپ، شىمال تەرەپ بوش قالغان. شۇنىڭ بىلەن، ھۇن قۇلدارلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، دەريانىڭ جەنۇبىغا قايتا ئۆتۈپ بۇرۇنقى چېگىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرىۋالغان.
    2. غەربى خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە  ھۇنلارنىڭ
    قۇدرەت تېپىشى ۋە خەن سۇلالىسىنىڭ ھۇنلار
    بىلەن قۇدىلىشىشى ۋە ئۇرۇشۇشى
    غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ كۈچى مىسلىسىز قۇدرەت تېپىپ، باتۇر تەڭرىقۇت رەھبەرلىكىدە «ساۋۇتلۇق چەۋەنداز»لارنىڭ سانى 300 مىڭدىن ئېشىپ، توختىماستىن ئەتراپتىكى مىللەتلەرگە تاجاۋۇز قىلدى. باتۇر تەڭرىقۇت ئەينى چاغدىكى چۇ-خەن ئۇرۇشى ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى قالايمىقان ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، جەنۇبتا سەددىچىن سېپىلىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ھازىرقى شىمالىي خېبىي، سەنشى، شەنشى ۋە خېتاۋ ئەتراپىلىرىنى پاراكەندە قىلىپ، ئەمدىلا قۇرۇلغان غەربىي خەن سۇلالىسىگە زور تەھدىت سالدى.
          خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش ۋە چۇ-خەن ئوتتۇرسىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇش تۈپەيلىدىن، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىنىڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىكى خاراپلىشىپ، ئەمگەك كۈچى ئازىيىپ، دۆلەت خەزىنىسى قۇرۇپ، مەركىزىي ھۆكۈمەت ئاجىزلىشىپ كەتكەن ئىدى. خۇددى «تارىخىي خاتىرىلەر» 30-جىلدتا ئېيىتىلغىنىدەك، خەن سۇلالىسى يېڭى قۇرۇلغان چاغدا چىن سۇلالىسىنىڭ خارابىسىگە ۋارىسىلىق قىلغان بولۇپ، ياشلارنىڭ ھەممىسى ئەسكەرلىككە قاتنىشىپ يۈرۈشكە چىقىپ كەتكەچكە، ھاشار- ئالۋڭنى قېرى- ئاجىزلار ئۆتەيتتى، ئىشلەپچىقىرىش ۋەيرانچىلىققا ئۇچىرىغاچقا، دۆلەتنىڭ مالىيە كىرىمى يوق دېيەرلىك ئىدى. ھەتتا پادىشاھنىڭ ھارۋىسىغا قوشقىلى بىر خىل رەڭلىك تۆت ئات تاپقىلى بولمايتتى، ۋەزىر، سەركەردىلەر ئاران كالا ھارۋىسىدىلا ئولتۈرالايتتى، ئاددىي خەلقنىڭ قولىدا ھېچىنمە قالمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۇستىگە يەرلىكتە «يات فامىلىلىك» لەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى بىلەن ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشتۈرۈلمەي، ھۇنلارغا قارشى تۇرۇشقا مادار قالمىغانىدى.  گاۋدى (ليۇباڭ) نىڭ 6-يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 201-يىلى) كۈزدە، ھۇنلار مايىغا (ھازىرقى سەنشىدىكى سۇشيەن ناھىيىسى) كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قوزغىدى، ماينى ساقلاپ تۇرغان سەركەردە خەن ۋاڭشىن ھۇنلارغا تەسلىم بولدى. ھۇنلار داۋاملىق قوشۇن تارتىپ جەنۇپقا يۈرۈش قىلىپ گوۋجۇ (تاغ، ھازىرقى سەنشىدىكى دەيشيەن ناھيىسىنىڭ غەربىدە) غا بېسىپ كىرىپ، تەييۈەنگە ھۇجۇم قىلىپ، جىنياڭغا (ھازىرقى سەنشىدىكى تەييۈەننىڭ غەربىي جەنۇبىدا) قىستاپ كەلدى. 7-يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 200-يىلى) قىشتا، گاۋدى شەخسەن ئۆزى قوشۇن باشلاپ ھۇجۇمغا ئاتلاندى، باتۇر تەڭرىقۇت 400 مىڭ كىشىلىك سەرخىل ئاتلىق قوشۇنى بىلەن پىڭچېڭدىكى (ھازىرقى سەنشىدىكى داتۇڭنىڭ شەرقىي شىمالىدا) بەيدېڭ تېغىدا ئۇنى قورشىۋېلىپ، خەن قوشۇنلىرىنىڭ ئىچكى- تاشقى ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىدى.  كېيىن گاۋدى چىن پىڭنىڭ تەدبىرى بىلەن باتۇرنىڭ ئالچىسىغا ئاستىرتتىن سوۋغا-سالام ئەۋەتىش ئارقىلىق ئاران قورشاۋدىن قۇتۇلۇپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن، ليۇجىڭ ھۇنلارنىڭ قېشىغا بېرىپ قۇدىلىشىش ئەھدى تۈزدى ⑨. شۇنىڭدىن كېيىن، گاۋدى زامانىسىدىن باشلاپ شياۋدى، خۇيدى، لۈ خانىشتىن تاكى ۋېندى، جىڭدى زامانىسىغىچە بولغان 60 ~70 يىل ئىچىدە، قۇدىلىشىش غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ھۇنلارغا قاراتقان بىر خىل سىياسىتى بولۇپ قالدى.
         بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى قۇدىلىشىش سىياسىتىنى خەن سۇلالىسى ھۇنلار بىلەن بولغان كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا زور پەرق بولغانلىقى تۈپەيلىدىن ھۇنلارنىڭ پاراكەندىچىلىكىدىن ۋاقتىنچە ساقلىنىشىنى ئويلاپ يولغا قويغان، بۇ سىياسەتنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن خەن سۇلالىسى زور بەدەل تۆلىدى. گاۋدىنىڭ 9-يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 198-يىلى) ليۇجىڭ ھۇنلار بىلەن قۇدىلىشىش ئەھدى تۈزگەندىن تارتىپ ۋۇدىنىڭ يۈەنگۇاڭ 2-يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 133-يىلى) ھۇنلارغا ھۇجۇم قوزغىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى قۇدىلىشىش ئەھدىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈچكە بۆلۈشكە بولىدۇ.
         بىرىنچى، گاۋدى ليۇجڭنى ئەلچىلىكە ئەۋەتىپ قۇدىلىشىش ئەھدى تۈزگەن دەسلەپكى چاغلاردا، تەڭرىقۇتقا مەلىكىلەرنى ياتلىق قىلىپ، بىر قېتىمدىلا مىڭ جىڭ ئالتۇن بېرىشتىن باشقا يەنە، ھەر يىلى بەلگىلىك مىقداردا شايى- كىمخاپ، ھاراق-شاراب، گۈرۈچ ۋە يېمەكلىكلەرنى ئەۋەتىپ بەرگەن.
    خۇيدىنىڭ 3-يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 192-يىلى)، ۋېندىنىڭ 6-يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 174-يىلى)، جىڭدىنىڭ 1-يىلى ۋە 5-يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 156-ۋە 154-يىللار) ئىلگىرى كېيىن بولۇپ بىر نەچچە مەلىكىنى ياتلىق قىلغان ۋە مال- مۈلۈكلەرنى يىلمۇيىل ئەۋەتىپ تۇرغان. ۋېندىنىڭ جۇۋيۈەن 2-يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 162-يىلى) ئەۋەتىلىدىغان شايى-كىمخاپ، ھاراق-شاراپ، گۈرۈچ ۋە يېمەكلىكلەر ھاراق ئېچىتقۇسى، ئالتۇن، يىپەك، پاختا قاتارلىق نەرسىلەرگە ئۆزگەرتىلگەن، ھەم يەنىلا ھەر يىلى بەلگىلىك مىقداردا ئەۋەتىلىپ تۇرغان.
          ۋېندىنىڭ بۇنچە زور قۇربان بېرىشىكە چىدىشى ئەسلىدە بۇنىڭدىن كېيىن ئەسلىدە بۇنىڭدىن كېيىن «ھۇنلار قورۇلغا كىرگۈزمەي ئۇزاق مۇددەتكىچە تۇغقاندارچىلىقنى ساقلاش» ئۈچۈن ئىدى. كېيىن بۇ ماللار خۇۋيۈەن 6-يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 158-يىلى) ھۇنلارنىڭ بېسىپ كىرىشى تۈپەيلىدىن بىر مەھەل ئەۋەتلىمىگەن. شۇنداقتىمۇ جىڭدىنىڭ 1-يىلى (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 156-يىلى) باش تەپتىش بېگى تاۋچىڭ دەيجۈنگە بېرىپ ھۇنلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، قۇدىلىشىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ھەر يىلى مال ئەۋەتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. بۇ تاكى مىلادىيدىن بۇرۇنقى 133-يىلى خەن ۋۇدى ھۇنلارغا ھۇجۇم قوزغىغىچە داۋاملاشقان⑩.
          ئىككىنچى، خەن سۇلالىسى «چېگرا بازىرى» ئېچىپ، ئىككى مىللەت خەلقىنىڭ سودا قىلىشىغا يول قويغان. بۇ ليۇجىڭ قۇدىلىشىش ئەھدى تۈزگەندىن كېيىنلا يولغا قۇيۇلغان. ئەينى چاغدا چېگرا بازىرى ئارقىلىق ھۇنلار خەنزۇلار رايونىدىن ئاز بولمىغان تاۋارلارنى ۋە مېتال بۇيۇملارنى، بولۇپمۇ مىسنى ئۆز تاۋارلىرىغا ئالماشتۇرغان. شۇڭا، ۋېندىنىڭ 6-يىلى جيايى مەكتۇپ سۇنۇپ مىس قوراللار ۋە رۇدىسنىڭ قورۇلدىن چىقىشىنى مەنئى قىلىپ، بۇ ئارقىلىق ھۇنلارنى چەكلەش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان [11]. كېيىن چېگرا بازىرى خۇۋيۈەن 6-يىلى ھۇنلارنىڭ بېسىپ كىرىشى تۈپەيلىدىن بىر مەھەل تاقىلىپ قالغان بولسىمۇ، جىڭدىنىڭ 1-يىلى قۇدىلىشىشنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ قايتىدىن ئېچىلغان. چېگرا بازىرى ئىچىدە خەنزۇ، ھۇن ئىككى مىللەت خەلقىنىڭ ئالاقىلىشىشىغا ۋە ئىقتىساد، مەدەنيەت ئالماشتۇرۇشىغا پايدىلىق بولۇپ، خەن سۇلالىسىنىڭ بۇنداق قىلىشى توغرا ئىدى.
          ئۈچىنچى، خەن سۇلالىسى ھۇنلار بىلەن قېرىنداش بولۇپ، سەددىچىن سېپىلىنى پاسىل قىلىپ، شىمال «ئوقياچىلار» رايونى بولۇپ، ھۇنلار چارۋىچىلىق قىلىدىغان ۋە تەڭرىقۇتنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە بولىدىغان، جەنۇب «ئۇتۇغاتلىقلار» رايونى بولۇپ، خەنزۇلار دېھقانچىلىق، توقۇمىچىلىق قىلىدىغان ۋە خەن سۇلالىسى پادىشاھىغا تەۋە بولىدىغان بولغان[12] . بۇنىڭ بىلەن بىر دۆلەت-جۇڭگونىڭ تېرىتورىيىسىدە خەنزۇلار بىلەن ھۇنلار ئەسىلدىن ياشاپ كەلگەن رايونلىرىنى ئۆزلىرى باشقۇرۇپ، بىر-بىرىگە تاجاۋۇز قىلىشمىغان. ئەگەر ھەر ئىككى تەرەپ ئەھدىنامىگە ھەقىقىي رىئايە قىلىشقان بولسا، ئۇ ھالدا ئىككى مىللەت خەلقى تىنچ، خاتىرجەم ئۆز تىرىكچىلىكىنى قىلغان، بازار ئارقىلىق ئۆزئارا بېرىش-كېلىش ۋە ئىقتىساد، مەدەنيەت ئالماشتۇرغان بولاتتى.
          لېكىن، مەلىكە، مال-مۈلۈك ۋە بازار ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ نەپسىنى قاندۇرالمايتتى، شۇڭا خەن سۇلالىسى گەرچە غايەت زور قۇربان بېرىشلەرگە چىدىغان بولسىمۇ، يەنىلا شىمالىي چېگرىسىنىڭ خاتىرجەملىكىگە ئېرىشەلمدى ۋە خەنزۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، مال-مۈلۈكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمىدى. ئەينى چاغدا لوڭشى، بېيدى، شاڭجۈن، يۈنجۇڭ، شاڭگۇ ۋە لياۋدۇڭ قاتارلىق جايلاردا داۋاملىق پاراكەندىچىلىككە ئۇچراپ تۇردى. ھۇن ئاتلىق ئەسكەرلىرى بارغانلا يېرىدە زىرائەتلەرنى ۋەيران قىلىپ، مال-مۈلۈكلەرنى بۇلاپ-تالاپ، ئەمەلدار-پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈپ، زور تۈركۈمدىكى ئاھالىلەرنى بۇلاپ قۇل قىلىۋالدى. پەقەت يۈنجۇڭ، لياۋدۇڭدىلا ھەر يىلى ھەر ئايماقتىن ئۆلتۈرۈلگەن ۋە بۇلاپ كېتىلگەنلەرنىڭ سانى ئون مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. بۇ خۇددى ۋېندىنىڭ 6-يىلى تەڭرىقۇتقا ئەۋەتىلگەن خەتتە: «خەن پادىشاھى بىلەن ھۇن ئېلى قېرىنداشلىق ئەھدى تۈزدى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تەڭرىقۇتقا چوڭ سوۋغا-سالاملار ئەۋەتىلدى، ۋاھالەنكى ئەھدىنامىگە خىلاپلىق قىلىپ قېرىنداشلىق، تۇغقانچىلىقنى بۇزغۇچىلار ھەر قاچان ھۇن ئېلى تەرەپتىكىلەردىن بولۇپ كەلدى»[13] دېيىلگەندەك ئىدى.
         ۋۇدىنىڭ يۈەنگۇاڭ 2-يىلىدىكى پەرمانىدىمۇ: «مەن پەرزەنتىلىرىمنى تەڭرىقۇتقا ياتلىق قىلدىم، ئالتۇن-كۈمۈش، تاۋار-دۇردۇنلاردىنمۇ كۆپ ئەۋەتتىم، لېكىن تەڭرىقۇت داۋاملىق تەكەببۇرلۇق، ئۆكتەملىك قىلىپ، پاراكەندىچىلىكنى توختاتماي چېگرىغا زىيان كەلتۈردى، بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەبلەنمەكتىمەن»[14] دېيىلگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن ۋۇدى تەخىتكە چىققاندىن كېيىنمۇ، ھۇنلارنىڭ توختىماستىن شىمالىي چېگرىغا پاراكەندىچىلىك سالغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ، بولمىسا خەن ۋۇدى «پاراكەندىچىلىكنى توختاتماي، چېگرىغا زىيان كەلتۈردى» دېگەن گەپنى قىلمىغان بولاتتى. ئەمەليەت ئىسپاتلىدىكى، خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى قۇدىلىشىش سىياسىتى ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلالمىغان. پەقەت خەنزۇ ئەمگەكچىلىرىنىڭ ئەمگىكى ئارقىلىق يارىتىلغان بايلىقلارنى قۇدىلىشىش شەكىلى ئارقىلىق ھەر يىلى ھۇن قۇلدار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ تېخىمۇ ھەشەمەتلىك ۋە ئەيىش-ئىشىرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ئەۋەتىپ بەرگەن، بۇنىڭدىن ھۇن خەلقى ھىچقانداق نەپكە ئېرىشەلمىگەن.
         يۇقىرىدىكى بايانلاردىن خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى قۇدىلىشىش سىياسىتىنىڭ بىر خىل پاسسىپ سىياسەت، بىر خىل شەكىلى ئۆزگەرگەن ئولپان تاپشۇرۇش ئىكەنلىكىنى، ئەينى چاغدىكى تارىخى شارائىت ئاستىدىكى مەجبۇرىي تۈزۈلگەن بىر خىل سۈلھى ئىكەنلىكىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ تەبئىيكى خەنزۇلارنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كەلمەيتتى ھەم خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە زور زىيان سالاتتى. بۇ سىياسەت ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ نەپسىنى بەلگىلىك دەرىجىدە قاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن خەنزۇ خەلقىگە خاتىرجەملىك، ھۇن-خەنزۇ خەلقلىرىگە دوستلۇق ئېلىپ كېلەلمىدى. شۇڭا، خەن ۋۇدىنىڭ دۆلەت كۈچى كۈچىيىپ ھۇنلارغا زەربە بەرگىدەك بولغاندا فىئودال ھۆكۈمرانلىقنى قوغداش مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ نوپۇزىنى تىكلەش مەقسىتىدە ئاكتىپ ئۇرۇش فاڭجىنىنى پاسسىپ قۇدىلىشىش سياسىتىنىڭ ئورنىغا دەسىتىشى خەلىقنىڭ ئارزۇسى ۋە مەنپەتىگە ئۇيغۇن ئىدى. بۇ خۇددى ئۇرۇش قىلىشنى ئاكتىپ تەشەببۇس قىلغان ۋەزىر ۋاڭ خۇينىڭ خەن ۋۇدىنىڭ پەرمانىغا جاۋاب قايتۇرغاندا: «ھازىرئالىيلىرىنىڭ كۈچ-قۇدىرىتى بىلەن سەركەردە-لەشكەرلەر چېگرا-قۇراللارنى ساقلاشقا ئەۋەتىلىۋاتقان، چېگىرىغا ئاشلىق توشۇلۇپ مۇداپىئە كۆرۈلۋاتقان بولسىمۇ، ھۇنلار بۇلاڭچىلق ۋە تاجاۋۇزچىلىقنى قىلچە توختاتمىدى. بۇ باشقا سەۋەبتىن ئەمەس،پەقەت ئۇلارنى ھۇجۇم بىلەن قورقىتىپ قويمىغانلىقتىن بولغان. شۇڭا مېنىڭچە ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغان ياخشى»[15] دېگىنىدەك ئىدى.
         غەربىي خەن سۇلالىسى 60 ~70 يىللىق ھاللاندۇرۇش سىياسىتى ئارقىلىق ۋۇددى تەخىتكە چىققاندا كۈچەيدى. «تارىخىي خاتىرىلەر» 30-جىلدتا خاتىرىلىنىشىچە، ۋۇدىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى، ئاستانە ۋە چېگىرىدىكى ئامبارلار ئاشلىققا لىق تولغان، ھۆكۈمەت خەزىنىسىدىكى بايلىق ئىنتايىن كۆپەيگەن، ئاستانە خەزىنىسىدىكى پۇللارنىڭ ھىسابىنى ئالغىلى بولمغان. خانلىق ئامبىرىدىكى ئاشلىقلار ئۇزۇن يىل بېسىلىپ قېلىپ، سېتىپ كېتىپ يېگىلى بولمغان، خەلىقنىڭ قولىدىكى ئات-كالىلارمۇ كۆپىيىپ ھەممىلا يەردە يايلاپ يۈرىدىغان بولغان. ئۇنىڭ ئۇستىگە «يات بەگ» لەرنىڭ توپىلىڭىنىڭ تىنچىتىىلىشى ھەم ۋېندى، جىڭدىلارنىڭ ۋاسساللارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇشى، «ئوخشاش فامىلىلىك بەگ» لەر كۆتۈرگەن «يەتتە بەگلىك توپىلىڭى» نى تىنچىتىشى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى يەرلىك بۆلۈنمە كۈچلەر قاتتىق زەربىگە ئۇچراپ، ھوقوقنى مەركەزگە مەركەزلەشتۈرۈش كۈچەيدى ھەم مۇستەھكەملەندى. يەنە كېلىپ خەن ۋۇدى ئۇرۇش قىلىشنى ياقلايدىغان ۋەزىرلەرنىڭ تەشەببۇسنى قوللىدى. شۇنىڭ بىلەن ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا زەربە بېرىشنىڭ شەرت-شارائىتى پىشىپ يېتىلدى.
         ۋۇدىنىڭ ھۇنلارغا قارىشى ئۇرۇشى يۈەنگۇاڭ 2-يىلىدىن (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 183-يىلى) باشلاندى. شۇ يىلى 10-ئايدا، ۋەزىر ۋاڭ خۈي «بۆكتۈرمە قۇيۇپ تەڭرىقۇتقا ھۇجۇم قىلىش» تەدبىرىنى ئوتتۇرغا قويدى. خەن سۇلالىسى 300 مىڭ كىشىلىك خىللانغان قوشۇننى مايى ئەتراپىدىكى جىلغىغا بۆكتۈرمە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ، مايىلىق نيې يىنى يالغاندىن شەھەرنى تاپشۇرماقچى بولغاندەك قىياپەتتە تەڭرىقۇتنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى، تەڭرىقۇت مايىدىكى بايلىقلارغا قىزىقىپ بۇنىڭغا ئىشەندى. 6-ئايدا [16] 100 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇننى باشلاپ ۋۇجۇ قورۇلىغا كەلدى، كېيىن قولغا چۈشكەن خەن سۇلالىسىنىڭ كۆزەتچى بېگى مەخپىيەتلىكنى ئاشكارلاپ قويغاچقا، تەڭرىقۇت چېكىنىپ كېتىپ خەن سۇلالىسىنىڭ بۇ پىلانى ئەمەلگە ئاشمىدى[17]. بۇنىڭ بىلەن ھۇنلار يوللارغا ۋە قورۇللارغا زور كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىپ، «دائىم خەن چېگرىسىدا بۇلاڭچىلىق قىلدى ھەم بۇلاپ كەتكەن نەرسىلىرى ناھايىتى كۆپ بولدى». بۇنىڭ ئىچىدە يۈياڭ، شاڭگۇ ئەتراپى ناھايىتى ئېغىر زىيانغا ئۇچراپ، بۇلانغان، ئۆلتۈرۈلگەن پۇقرا ۋە ئەمەلدارلار ھەر قېتىمدا مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. كېيىن ۋۇدى قوشۇن چىقىرىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى. خەن سۇلالىسى سەركەردىسى ۋېي چىڭ شاڭگۇدىن يولغا چىقىپ ھۇنلارنىڭ ئەجدەربالىق شەھىرىگىچە بېرىپ، 700 كىشىنىڭ كاللىسىنى ئالدى؛ لى گۇاڭ يەنمېندە مەغلۇپ بولۇپ يارىلىنىپ ئەسىرگە چۈشۈپ قالدى، ھۇنلار ئۇنى ئىككى ئاتقا چېتىلغان تورغا سېلىپ ئېلىپ ماڭغاندا، ئۇ يالغاندىن ئۆلگەن بۇلۇۋېلىپ، ھۇنلارنىڭ دىققەت قىلمغان پەيتىدىن پايدىلىنىپ تۇيۇقسىز سەكرەپ تۇرۇپ يېنىدا كېتىۋاتقان ھۇن جەڭچىسىنىڭ ئېتىغا مىنىۋېلىپ، ئۇنىڭ ئوقياسىنى تارتىۋېلىپ جەنۇپقا چېپىپ كەتتى ۋە تەلىيىگە ئامان قېلىپ قۇتۇلۇپ قالدى. ئۇزۇن ئۆتمەي لى گۇاڭ يۇبېيپىڭنىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەندە، ھۇنلار ئۇنى «خەنلىكلەرنىڭ ئۇچار سانغۇنى» دەپ ئاتىشىپ نەچچە يىلغىچە يۇبېيپىڭغا بېسىپ كىرىشكە پېتىنالمىدى [18].
          ۋۇدى ھۇن قۇلدارلارنىڭ پاراكەندىچىلىكىنى تۈپتىن يوقىتىش ئۈچۈن ئىلگىر-ئاخىر بولۇپ بىر نەچچە قېتىملىق ھەل قىلغۇچ خاراكتىرلىك چوڭ ئۇرۇش قوزغىدى. بۇنىڭ بىرىنچىسى دەريانىڭ جەنۇبىدىكى ئۇرۇش (چۆللۈكنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇرۇشمۇ دىيىلىدۇ)، ئىككىنچىسى دەريانىڭ غەربىدىكى ئۇرۇش، ئۈچىنچىسى چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ئۇرۇش ئىدى.
         «دەريانىڭ جەنۇبى» ھۇنلار بارلىققا كەلگەن يەر، ھۇنلارنىڭ «بۆشۈك» ى بولۇپ، سۈيى، ئوت-چۆپى مول ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم ئورۇن ئىدى. بۇ يەرنى بۇرۇن چىن سۇلالىسى سەركەردىسى مىڭ تىيەن تارتىۋالغان بولسىمۇ، خەن سۇلالىسىنڭ دەسلىپىدە باتۇر تەڭرىقۇت يەنە قايتۇرۋالغان ئىدى. خەن ۋېندىنىڭ 3-يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 177-يىلى) ھۇنلارنىڭ ئوڭ قول بىلىك خانى بۇ يەرنى بازا قىلىپ، دائىم شاڭجۇن ئايمىقىغا بېسىپ كىرىپ خەلقلەرنى ئۆلتۈرىدى ۋە بولىدى، يەنە كېلىپ بۇ يەر بىلەن خەن سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەننىڭ ئارىلىقى بىر قەدەر يېقىن بولغاچقا، خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئىغىر تەھدىتكە ئۇچىرىدى، شۇڭا ۋۇدى ئالدى بىلەن دەريانىڭ جەنۇبىدىكى ئۇرۇشنى قوزغىدى.
         يۈەنسۇ 2-يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 127-يىلى) 1-ئايدا ۋېي چىڭ، لى شى چوڭ قوشۇننى باشلاپ چاڭئەندىن يولغا چىقىپ، يۈگۇ قورۇلى ئارقىلىق شىمالدا يۈنجۇڭدىن ئۆتۈپ غەربىي شىمالغا يۈزلىنىپ، تاشقى سەدىچىننى بويلاپ مېڭىپ ئۇدۇل گاۋچۆگە باردى، ئاندىن جەنۇپقا بۇرۇلۇپ بېيخي دەرياسىدىن (ھازىرىقى خېتاۋنىڭ شىمالىدىكى ئۇكا دەرياسى) كۆۋرۇك سېلىپ ئۆتۈپ، خۇاڭخېنى بويلاپ، خېلەن تېغىنىڭ يېنىدىن لوڭشىغا قايتىپ كەلدى. ئۇلار بۇ جەرياندا ئات تۇيۇقى شەكلىدە يۈرۈپ، ھۇنلارغا قارام ئالوبان خان ۋە بايان خاننىڭ قوۋمىنى قوغلىۋېتىپ، دەريانىڭ جەنۇبىدىكى يەرنى ئىگىلەپ، نەچچە مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ ۋە ئەسىرگە ئېلىپ، مىليون تۇياقتىن ئارتۇق كالا- قوي ئولجا ئالدى.ئالوبانلار ۋە بايانلار ئەسلىدە ھازىرقى شىمالىي شەنشى ۋە ئىچكى موڭغۇلنىڭ جەنۇبىدا ياشىغان بولۇپ، مىلادىيدىن بۇرۇنقى 209-يىلنىڭ ئالدى – كەينىدە باتۇر تەڭرىقۇت تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ يەرگە كۆچۈرلۈپ ئوڭ قول بىلىك خانغا تەۋە قىلىنغانىدى. ۋېي چىڭ قاتارلىقلارنىڭ ئات تۇيۇقى شەكلىدە يۈرۈش، ئاساسلىقى ئوڭ بىلىك خاننىڭ تۇرۇشلۇق يېرى گاۋچۆنىڭ شىمالىدا بولغاچقا، ئۇدۇل گاۋچۆگە بېرىپ، ئوڭ قول بىلىك خاننىڭ جەنۇبقا چۈشۈپ ئالوبان خان ۋە بايان خانغا ياردەم يولىنى ئۈزپ تاشلاش ئىدى. ئارقىدىنلا خەن ۋۇدى جۇ فۇيەننىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن دەريانىڭ جەنۇبىدىكى يەردە سۇفاڭ ئايمىقىنى تەسىس قىلىپ، سۇجىيەننى يۈز نەچچە مىڭ كىشىنى باشلاپ سۇفاڭ شەھىرىنى سېلشقا، چىن سۇلالىسى دەۋرىدە مېڭ تيەن ياسىغان قەلئە- خەندەكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئەۋەتتى ھەم يازدا ئىچكىرىدىن يۈز مىڭ ئاھالىنى سۇفاڭغا كۆچۈرۈپ ئاھالىنى تولۇقلاپ ھۇنلارنىڭ قايتا ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى[19].
    ھۇنلارمۇ دەرۋەقە قايتا ھۇجۇمغا ئۆتتى، تەڭرىقۇت ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ نەچچە تۈمەن كىشلىك ئاتلىق قوشۇننى دەيجۈن، يەنمېن ۋە دىڭراڭغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىپ، ھەر قېتىمدا نەچچە مىڭلىغان كىشىنى ئۆلتۈرۈپلا قالماستىن، يەنە تارىخى ئەسەرلەردە خاتىرىلەنگىنىدەك: «ئوڭ قول بىلىك خانمۇ ىەن سۇلالىسىنىڭ دەريانىڭ جەنۇبىنى تارتىۋېلىپ سوفاڭ قەلئەسىنى سالدۇرغانلىقىنىدىن غەزەپلىنىپ، نەچچە قېتىم چىگرىغا تاجاۋۇز قىلىپ، بۇلاڭچىلىق قىلدى ۋە دەريانىڭ جەنۇبىغا بېسىپ كىرىپ سۇفاڭنى پاراكەندە قىلىپ، ناھايىتى نۇرغۇن ئەمەلدار، پۇقرانى بۇلاپ كەتتى ۋە ئۆلتۈردى» [20] تۈەنسۇ 5-يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 124-يىلى) ئەتىيازدا، ۋۇدى ھارۋا ئاتلىقلارنى سانغۇنى ۋېي چىڭنى ئالتە سەركەردە 100 مىڭدىن كۆپ ئەسكەر بىلەن سۇفاڭدىن چىقىپ گاۋچوگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. بۇ چاغدا ئوڭ قول بىلىك خان گاۋچۇڭنىڭ شىمالىدا جا بولغاچقا، خەن قوشۇنلىرىنى كېلەلمەيدۇ دەپ قاراپ، شاراپ ئىچىپ مەس ياتقانىدى. ۋېي چىڭ قورۇلدىن چىقىپ 600 ~ 700 چاقىرىم يولنى جىددىي بېسىپ، ئويلىمىغان يەردىن كېچىدە ئوڭ قول بىلىك خاننىڭ ئوردىسىنى قورشىۋالدى. ئوڭ قول بىلىك خان بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈپ ئۆزى يالغۇز يۈزدەك ئاتلىق ئەسكەرنى باشلاپ كېچىلەپ قېچىپ قورشاۋنى يېرىپ شىمالغا كەتتى. ۋېي چىڭ ئوڭ قول بىلىك خاننىڭ قول ئاستىدىكى كىچىك خانلاردىن ئون نەچچىنى، ئەر- ئايال بولۇپ 15 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئەسىرگە ئېلىپ، مىليۇن توياققا يېقىن چارۋىنى ئولجا ئالدى [21]. ۋۇدى ۋېي چىڭنى ئۇرۇشتا شانلىق غەلبە قىلغاچقا، ئۇلۇغ سانغۇنلۇققا ئۆستۈرۈپ، باشقا سەركەردىلەرگىمۇ زور ئىنئام بەردى. لېكىن، بۇنىڭ ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەلمۇ ئاز بولمىدى. تارىخىي ماتېرياللاردا خاتىرلىنىشىچە، خەن سۇلالىسى ھۇنلارغا قارىشى ئۇدا نەچچە يىل يۈز مىڭلاپ قوشۇن تارتىۋەرگەچكە، جەڭچىلەر ۋە ئاتلاردىن ئۆلگىنىمۇ يۈز مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. دۇبۇلغا- ساۋۇت ئىشلەش ئۈچۈن ۋە ئاشلىق توشۇش ئۈچۈن ھەددى- ھېسابسىز پۇل كەتكەن. كۆپ يىللىق جۇغۇللانما خوراپ تۈگەپ، غەزنە قۇرۇپ كەتكەن[22].
          ھۇنلار ھەر يىلى دېگۈدەك دىڭراڭ ئەتىراپىغا باستۇرۇپ كىرىۋەرگەنلىكتىن ھەم دىڭراڭنىڭ غەربى سۇفاڭغا يېقىن بولغانلىقتىن، خەن سۇلالىسى سۇفاڭنىڭ شىمالىدىكى ئوڭ قول بىلىك خاننى يوقاتقاندىن كېيىن، ئۇلۇغ سانغۇن ۋېي چڭ يۈەنسۇ 6- يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 123- يىلى) 2- ئايدا يەنە ئالتە سانغۇننى باشلاپ دىڭراڭدىن يولغا چىقىپ، سۇفاڭنىڭ شەرىقىدىكى تاجاۋۇزچى كۈچلەرنى داۋاملىق يوقاتتى. گەرچە ئۇرۇشتا زور غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرەلمەي پەقەت بىر نەچچە ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قايتقان بولسىمۇ، ئەسكەر ۋە ئاتلارنى دىڭراڭ، يەنمېن ۋە يۈنجۇڭدا ئارام ئالدۇرۋالدى. 4- ئېيىدا، ۋېي چىڭ يەنە دىڭراڭدىن يولغا چىقىپ ئون مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆتۈردى ۋە ئەسىر ئالدى. لېكىن، بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ئوڭ قانات سانغۇن شۇجىيەن ۋە ئالدىچى سانغۇن جاۋشىن تەڭرىقۇت ئۆزى باشچىلىق قىلغان قوشۇنغا ئۇچراپ قېلىپ، ئىككى تەرەپ بىر كۈن ئۇرۇش قىلىپ، ئاخىرى خەن قوشۇنلىرى ئۆلۈپ تۈگەپ، سۇجىيەن ئۆزى يالغۇز قېچىپ كەلدى. جاۋشىن ئەسلىدە ھۇنلارنىڭ كىچىك خانى بولۇپ، بۇرۇن خەن سۇلالىسىگە تەسلىم بولغان ۋە خەن سۇلالىسى ئۇنىڭغا يابغۇ ئۇنۋانىنى بەرگەن ئىدى. بۇ قېتىم ئۇ مەغلۇپ بولغاچقا، قېلىپ قالغان 800 دەك ئەسكىرى بىلەن ھۇنلارغا قايتىدىن ئەل بولدى. تەڭرىقۇت ئۇنى خەن سۇلالىسىدە ئۇزۇن تۇردى، خەن سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ ئەھۋالىنى پىششىق بىلىدۇ دەپ قاراپ، يانداش خان قىلىۋالدى ۋە ئۆزىنى ھەدىسىنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن خەن سۇلالىسىگە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى مەسلىھەتلەشتى. جاۋشىن تەڭرىقۇت قۇملۇقنىڭ شىمالىدىكى يىراق يەرلەرگە چېكىنىش، خەن قوشۇنلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ چارچىتىپ ئاندىن تارمار قىلىش، قورۇلغا يېقىن بارماسلىق توغرىسىدا مەسلىھەت بەردى. تەڭرىقۇت ئۇنىڭ پىكىرىگە قوشۇلدى [23].
          دەريانىڭ جەنۇبىدىكى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ۋۇدى ئارقىدىنلا دەرياىنىڭ غەربىدىكى ئۇرۇشنى قوزغىدى. دەريانىڭ غەرىبىدىكى (ھازىرقى گەنسۇ، چىڭخەي ئۆلكىلىرىدىكى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ غەربىي ئەتراپى،يەنى خېشى كارىدورى ۋە خۇاڭشۈي دەرياسى ۋادىسى) ئورنى ناھايتى مۇھىم بولۇپ، ئۇنىڭ شىمالىدىكى جۈيەن كۆلى ھۇن ئاتلىق قوشۇنلىرىنىڭ جەنۇپقا يۈرۈش قىلىشىدىكى مۇھىم تۆگۈن ئىدى. ھۇنلارنىڭ قۇنشارخان ۋە شۇتۇق خاننىڭ قوۋمىدىكىلەر خېشى كارىدورىدا چارۋىچىلىق قلىدىغانلىقتىن، سۇفاڭنىڭ غەربىي شىمال، غەربىي جەنۇپ تەرىپى ۋە لوڭشىنىڭ شەربىي شىمالى پۈتۈنلەي ھۇن تاجاۋۇزچى كۈچلىرىنىڭ مۇھاسىرسىدە تۇراتتى. شۇڭا، سۇفاڭ ۋە لوڭشىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ھەم ھۇن تاجاۋۇزچى كۈچلىرىنىڭ جەنۇپقا يۈرۈش قىلىشنى توسۇش ئۈچۈن دەريانىڭ غەربىدىكى جايلارنى چۇقۇم تارتىۋېلىش زۆرۈر ئىدى.
          يۈەنشۇ 2- يىلى ( مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 121- يىلى) 3- ئايدا قىران چەۋەنداز سانغۇن خۇچۈبىڭ ئون مىڭ كىشلىك ئاتلىق قوشۇن بىلەن لوڭشىدىن يولغا چىقىپ، ھۇنلارغا زەربە بېرىشكە ئاتلاندى. ئۇ ھۇنلارنىڭ بەش خانغا تەۋە يەرلەردە ئالتە كۈن ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۇرۇش قىلىپ، غەربتە ئالچى تېغىدىن ئۆتۈپ، 10 مىڭ چاقىرىمدىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، شەرەن خاننى ئۆلتۈرۈپ، رۇقۇ خاننىڭ كاللىسىنى ئالدى. قۇنشار خاننىڭ ئوغىلى، ۋەزىرنى، كاھ بېگىنى تىرىك قولغا چۈشۈرۈپ، 8900 دىن ئارتۇق كىشىنى ئۆلتۈردى ۋە ئەسىرگە ئالدى. شۇتۇق خاننىڭ «كۆك مەبۇدى» نى ئولجا ئالدى. قىران چەۋەنداز سانغۇننىڭ قول ئاستىدىكى شۇڭقار سەركەردە جاۋپون يەنە سۇپۇ خاننىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، جىكە خاننى تۇتىۋالدى. چېرىكچى بەگ گاۋبۇشى قۇيۇنچى خان ۋە 11 كىشىنى تۇتۇپ، 1768 كىشىنى قولغا چۈشۈردى. يازدا خۇچۈبىڭ يەنە نەچچە تۈمەن ئاتلىق ئەسكەرنى باشلاپ بېيىدىن چىقىپ، ھۇنلار رايونىغا 2000 چاقىرىمدىن ئارتۇق ئىچكىرلەپ كىرىپ، كىچىك ياۋچىلارنىڭ [24] يېرىدىن ئۆتۈپ، چىليەن تېغىغا ھۇجۇم قىلىپ سانشان خان، تۇتۇ خان ۋە ئۇنىڭ ۋەزىر، كاھبەگ قاتارلىق 2500 كىشىنى ئەل قىلدى. 30 مىڭ 200 كىشى ئەسىر ئېلىندى ۋە ئۆلتۈرۈلدى. تۇتۇلغان كىچىك خانلار 70 تىن ئېشىپ كەتتى[25].
         قىران چەۋەنداز سانغۇن ئۆتكەن يۇقىردىكى رايونلار ھۇنلارنىڭ قۇنشارخان ۋە شۇتۇق خانغا تەۋە يەرلەر ئىدى. كۈزدە تەڭرىقۇت قۇنشارخان ۋە شۇتۇق خانلارنىڭ خەن قوشۇنلىرىدىن يېڭىلىپ، نەچچە تۈمەن ئادىمىنىڭ ئەسىرگە چۈشكەنلىكى ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى چاقىرتىپ ئۆلتۈرمەكچى بولدى. قۇنشارخان بىلەن شۇتۇق خان بۇنىڭدىن قورقۇپ، ئۆز- ئارا مەسلىھەتلىشىپ، خەن سۇلالىسىگە ئەلچى بولماقچى بولدى. خەن سۇلالىسىمۇ كۈتىۋېلىشقا قىران چەۋەنداز سانغۇننى ئەۋەتتى. شۇتۇق خان كېيىن قىلغانلىرىدىن پۇشايمان قىلغاچقا، قۇنشارخان ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ قوۋمىدىكى 40 مىڭ كىشىنى باشلاپ چاڭئەنگە باردى. خەن سۇلالىسى ئۇنىڭغا تايىن تۆرىسى دېگەن مەرتىۋىنى بېرىپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى كىچىك خانلاردىن قۇدۇن، يانبى، چىنلى ۋە تۇڭرى قاتارلىق تۆت كىشىگە تۆرىلىك مەرتىۋىسىنى ئىنئام قىلدى. خېشى كارىدورى شۇنىڭ بىلەن تىنجىدى. خەن سۇلالىسى ھۇنلاردىن ئەل بولغانلارنى چېگىردىكى لوڭشى، بېيدى، شاڭجۈن، سۇفاڭ ۋە يۈنجۇڭدىن ئىبارەت بەش ئايماق سىرتىدىكى قورۇلارغا يۆتكىدى. بۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسى دەريانىڭ غەربىدە ئىدى. شۇندىن باشلاپ جىنچېڭ دەرياسى (خۇاكخېى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمى) نىڭ غەربى، غەربتە نەنشەن تېخى (چىليەنشەن تېغى) دىن تۇز كۆلىگىچە (ھازىقى شىنجاڭدىكى لوپنۇر كۆلى) بولغان ئارلىقتا ھۇنلار قالمىدى. شۇنىڭ بىلەن خەن سۇلالىسى لوڭشى، بېيدى، شاڭجۈن ئايماقلىرىدىكى قوشۇنلىرىنىڭ يېرىمىنى قىسقارتىپ ئەلنى خاتىرجەم قىلدى[25].
         چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ئۇرۇش يۈەنشۇ 4- يىلى (مىلادىيىدىن بۇۇرنقى 119- يىلى) بولدى. شۇ يىلى يازدا ۋۇدى تەڭرىقۇتنىڭ يابغۇ جاۋشىننىڭ پىلانى بويىچە خەن لەشكەرلىرى بارالمايدىغان يىراق جايلارغا قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ زور قوشۇن ئەۋەتىپ ، ئۇنى ئۈزۈل- كېسىل يۇقاتماقچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلۇغ سانغۇن ۋېي چىڭنىڭ دىڭراڭدىن، قىران چەۋەنداز خۇچۈبىڭنىڭ دەيجۈندىن يولغا چىقىپ، ھەر بىرىنىڭ بەش تۈمەندىن ئاتلىق قوشۇن بىلەن ھۇنلارغا ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا يارلىق چۈشۈردى. پىيادە ئەسكەرلەردىن ئاشلىق توشۇيدىغان نەچچە مىڭ كىشىمۇ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئاتلىنىپ، چۆللۈكتىن ئۆتۈپ، ھۇنلارغا زەربە بېرىشكە ماڭدى.
         تەڭرىقۇت خەن لەشكەرلىرى قۇملۇقتىن ئۆتكىچە ئادەم ۋە ئاتلىرى چارچاپ ھالدىن كېتىدۇ دەپ قاراپ، سەر خىل قوشۇنى بىلەن چۆللۈكنىڭ شىمالىدا كۈتۈپ تۇردى. ئۇلۇغ سانغۇن قورۇلدىن چىقىپ مىڭ چاقىرىمدىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، تەڭرىقۇت قوشۇنلىرىنىڭ سەپ تۈزۈپ كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئەتراپنى قورشاپ قورغان ھاسىل قىلدى ۋە تەڭرىقۇت ھۇجۇم قىلىقشقا بەش مىك چەۋەنداز ماڭدۇردى. تەڭرىقۇت ئۇنىڭغا قارىشى ئون مىڭ چەۋەنداز ماڭدۇردى. شۇ چاغ گۈگۈم مەزگىل بولۇپ، بوران چىقىشقا باشلاپ، قۇم- تاشلار يۈزگە ئۇرۇلۇپ تۇرغاچقا، ئىككى قوشۇن بىر- بىرىنى كۆرەلمىدى. خەن قوشۇنلىرى ئوڭ- سولدىن تەڭرىقۇتنى مۇھاسىرىگە ئالدى. تەڭرىقۇت خەن قوشۇنلىرىنىڭ كۆپ ھەم كۈچلۈكلىكىنى كۆرۈپ،ئۇرۇشنىڭ ئۆزىگە پايدىسىز ئىكەنلىكىنى پەملەپ، بىر نەچچە يۈز قاۋۇل چەۋەندازلىرى بىلەن «خېچىر» غا مىنىپ مۇھاسىرىنى بۇزۇپ، غەربىي شىمال تەرەپكە قېچىپ كەتتى. قاراڭغۇ چۈشكەندە ئىككى تەرەپ قوشۇنى گىرەلەشمە جەڭ قىلىپ، ھەر ئىككى تەرەپ تەڭ چىقىم تارتتى. خەن قوشۇنلىرى قولغا چۈشكەن ھۇن ئەسكەرلىرىنى تەڭرىقۇتنىڭ گۈگۈم كېچىدە قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقۇپ، يېنىك چەۋەندازلار بىلەن ئۇنى قوغلىدى. ھۇن ئەسكەرلىرى تەرەپ- تەرەپكە قېچىپ كەتتى. قوشۇن تاڭ سۈزۈلگىچە 200 چاقىرىمدىن ئارتۇق ئىلگىرلەپ، تەڭرىقۇتنى قولغا چۈشۈرۈلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ھۇنلارنىڭ 19 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى ئۆلتۈردى ۋە ئەسىرگە ئالدى. ۋېي چىڭ تىيەنيەنشەن تېغىدىكى جاۋشىن قەلئەسىگىچە قوغلاپ بېرىپ، ھۇنلانىڭ زاپاس سۆكلىرىنى قولغا چۈشۈرۈپ، قوشۇننىڭ ئۇزۇق- تۆلىكىنى تولۇقلىدى. قوشۇن جاۋشىن قەلئەسىدە بىر كۈن تۇرغاندىن كېيىن، قېلىپ قالغان ئاشلىقنى كۆيدۈرۋېتىپ قايتتى.
    قىران چەۋەنداز سانغۇن قورۇلدن چىقىپ ئىككى مىڭ چاقىرىمدىن ئۇشۇق يول مېڭىپ قۇملۇقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، سول قول بىلىك خان بىلەن ئۇچراشتى. سول قول بىلىك خان مەغلۇپ بولۇپ قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ، خەن قوشۇنلىرى 70 مىڭدىن كۆپ كىشىنى ئەسىرگە ئالدى. خۇچۈبىڭ لاڭجۈشۇ تېغىدا نەزىر قىلىپ، خەنخەيگىچە (ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلنىڭ شىلىنغۇل ئايمىقىدىكى سۇنت سول خوشۇنىنىڭ شىمالى ئەتراپى) بېرىپ قايتىپ كەلدى.
         بۇ ئۇرۇشتا خەن قوشۇنلىرى ھۇنلاردىن جەمئىي سەككىز- توققۇز تۈمەن كىشىنى ئۆلتۈرگەن بولسىمۇ، خەن لەشكەرلىرىدىن ئۆلگىنىمۇ نەچچە تۈمەنگە يەتتى. ئاتلاردىن ئۆلگىنى يۈزمىڭدىن ئېشىپ كەتتى. شۇندىن كېيىن ھۇنلار يىراققا كۆچۈپ كېتىپ، خېتاۋ ۋە ئۇنىڭ غەربىدىكى رايونلاردىن چېكىنىپ، «چۆللۈكنىڭ جەنۇپىدا تەڭرىقۇت ئوردىسى قالمىدى». خەن سۇلالىسى دەريادىن ئۆتۈپ، سۇفاڭنىڭ غەرىبىدىن لىڭجۈگىچە (ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكسى يۇڭدىڭ ناھىيىسىنىڭ غەبىي شىمالىدا) بولغان ئارلىقتا ئۆستەڭ چېپىپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ بەش ~ ئالتە تۈمەن پۇقرا ۋە ئەمەلدارنى كۆچۈرۈپ كېلىپ، زىمىننى ھۇنلارنىڭ شىمالىغىچە تۇتاشتۇرۋالدى [27] خەن سۇلالىسى شەرقى تەرەپتىن خەن سۇلالىسى زور غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈردى. خەن سۇلالىسى ھۇنلارنىڭ سول تەرەپ رايونىنى ئىگەللىگەندىن كېيىن، ئىلگىرى ھۇنلارغا قارام بولغان ئوغانلارنى يۆلەپ، ئۇلارنى قورۇلن

    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.