ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-10-22

    ھۇنلارنىڭ ئومۇمى تارىخىمىڭ داۋامى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/80297566.html

    1945- يىلى 2- ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېكا، ئەنگىلىيە ئۈچ دۆلەت باشلىقلىرى قاتناشقان يالتا يىغىنىدا موڭغۇلىيىنىڭ ‹ھازىرقى ئەھۋالى ساقلاپ قېلىنىدۇ› دەپ بەلگىلەندى. 1946- يىلى 1- ئاينىڭ 5- كۈنى جۇڭگو گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدى» دېيىلگەن.
    ⑿ جۇڭگو تارىخ ئاتىلىسىنى تۈزۈش گۇرۇپپىسى تۈزگەن، 1974- يىلى جۇگو خەرىتە نەشىرىياتى نەشىر قىلغان «جۇڭگو تارىخى ئاتىلىسى» 2- قىسىم 39- خەرىتە «ھۇن قاتارلىق قەبىلىلەر» گە قاراڭ.
    ⒀ئىچكى موڭغۇل نەشىرىياتى 1977- يىلى نەشىر قىلغان، 1979- يىلى قايتا نەشىر قىلغان.

    1- باپ ھۇنلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە
    شەكىللىنىشى
         ئېلىمىز تېررىتورىيىسىدىكى چوڭ چۆللۈكنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى يايلاق رايۇنلىرى ناھايتى قەدىمدىن تارتىپلا ئېلىمىز تارىخىدىكى شىمالدىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان سەھنىسى، شۇنداقلا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز- ارا ئالاقە قىلىشىدىغان، جەڭ قىلىشىدىغان، قوشۇلدىغان سورۇنى ئىدى.
          تارىخىي ماتېرىياللاردا خۇاڭدىنىڭ شۇنيۈلەرنى (ھۇنلارنى) شىمالغا قوغلىغانلىقى خاتىرلەنگەن①. خۇاڭدى جۇڭگونىڭ ئىپتىدائىي ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتى دەۋرىدىكى ئەپسانىۋىي شەخس بولۇپ، تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئالتە، يەتتە مىڭ يىل ئىلگىرىكى دەۋرلەردە ياشىغان. بۇ مەلۇمات شىمالدىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ناھايتى يىراق قەدىمكى زامانلاردىلا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خۇاشىيا مىللىتى بىلەن ئالاقە قىلغانلىقىدەك پاكىتنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. شىيا سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 22 ~ 18- ئەسىرلەر) شۈنيۈلەر (ھۇنلار) شىيا مىللىتى بىلەن قوشنا ئولتۇراقلاشقان ۋە زىچ ئالاقىدە بولغان. شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 22 ~ 18- ئەسىرلەر) گۇيفاڭلار (ھۇنلار) ئۇلارنىڭ كۈچلۈك دۈشمىنى بولۇپ قالغان. شاڭ پادىشاھى ۋۇدىڭ ئۈچ يىلغا سوزۇلغان ئۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى مەغلۇپ قىلغان. غەربىي جۇ سۇلالىسى دەۋرىدە (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 12- ئەسىردىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 771- يىلغىچە) شىيەنيۈنلەر (ھۇنلار) جانلىنىشقا باشلىغان. تارىخىي ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا، شيەنيۈنلەر (ھۇنلار) داۋاملىق غەربىي جۇ سۇلالىسىغا ھۇجۇم قىلىپ پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇپ، ئىچكى رايۇندىكى خەلقلەرگە نۇرغۇن بالايىئاپەت ۋە ئازاپ ئوقۇبەتلەرنى كەلتۈرگەن. شۇڭا ئەينى ۋاقىتتىكى شائىرلار مۇشۇ ئىشلارنى تەسۋىرلەپ:
                  ئۆي- ماكاندى، ئائىلىدىن قالدۇق ئايرىلىپ،
                  دەھشەت سېلىپ كەلگلاەن ۋەھشىي ھۇنلار دەستىدىن.
                 يۈردۇق تىنماي كۆچكۈپ دائىم تېنەپ- تەمتىرەپ،
                  دەھشەت سېلىپ كەلگەن ۋەھشىي ھۇنلار دەستىدىن ②.
        دەپ يازغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 8- ئەسىردە جۇسۈەنۋاڭ كۆپ قېتىم ئەسكەر چىقىرىپ شيەنيۈنلەر (ھۇنلار) نىڭ تاجاۋۇزچىلىرىغا تاقابىل تۇرغان ۋە «سۇفاڭ» دا قەلئە ياساتقان. شائىرلار ئەينى چاغدا شيەنيۈنلەرگە (ھۇنلار) تاقابىل تۇرۇغان ئەھۋالنى تەسۋىرلەپ:
                            چۈشۈرۈپ بۇيرۇقنى ماڭا ئۇلۇغ خان،
                            شىمالىي چېگىرىغا سالدۇردىر قورغان.
                            ئاتاقلىق نەنجۇڭغا بولدىغۇ نېسىپ،
                           ھۇنلارنى قوغلانى بەرمەستىن ئامان③
    دەپ يېزىشقان.
         ئەمىنىيە ۋە يېغىلىق دەۋرلىرى ئارلىقىدا، بۇرۇنقى يۈنيۈ، گۇيفاڭ، شۈنيۈن قاتارلىق خەلقلەرنىڭ نامى تارىخ سەھپىسىدىن يوقىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «رۇڭ» ۋە «دى» دېگەن ناملار ئالماشتى. بۇ «رۇڭ» ، «دى» لارنىڭ قەبىلىلىرى چوڭ- كىچىك بولۇپ يۈزدىن ئاشاتتى④. بۇلار ئۆزىچىلا پەيدا بولۇپ قالغان بولماستىن، بەلكى شيەنيۈڭ قاتارلىق خەلقلەرنىڭ (ھەم تارىختا ئىسمى كۆرۈلمىغان باشقا مىللەتلەرنىڭ) ئۇزۇن مۇددەت ئارلىشىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەنىدى. مىلەت نامىنىڭ بۇ خىل ئۆزگىرىشى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز- ئارا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى، جۈملىدىن نۇرغۇن ئۇرۇق ياكى قەبىلىلەرنىڭ پارچىلىنىشى، بىرلىشىشى، توپلىشىشى ۋە تارقىلىشىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تارىخىي مەزمۇننى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بۇ «رۇڭ» ۋە «دى» لارنىڭ بەزىلىرى خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىغا، يەنە بەزىلىرى چوڭ چۆلۈكنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا جايلاشقان. خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىغا جايلاشقانلارنىڭ بەزىلىرى خۇشيا مىللىتىنىڭ شىمالىدا ئولتۇراقلاشقان، بەزىلىرى خۇاشىيا مىللىتىنىڭ ئارىسىغا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان. شۇڭا، ئۇلار خۇاشىيا مىللىتى بىلەن كۆپلەپ ئارىلىشىپ، بەزىدە تىنچ ئالاقە قىلسا، بەزىدە ئۇرۇش قىلىپ تۇرغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەر قايسى خەلقلەرمۇ بەزىدە ئۇرۇش قىلسا بەزىدە تىنچ ئۆتكەن. بۇ خىل ئۆز- ئارا ئۇرۇش ئالاقە ۋە ئۇرۇش ئۇلارنى ئۆز- ئارا قوشۇلۇشقا يۈزلەندۈرگەن. ئۇزاق مۇددەتلىك ئارىلىشىش جەريانىدا بەزى «رۇڭ» ۋە «دى» لارنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتى بىر قەدەر تېزلىشىپ، كۈچى زورىيىپ، ئاساسلىق رول ئوينىدى. (باشقا مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتىسىيە قىلدى)، يەنە بەزى «رۇڭ» ۋە «دى» لار قوشۇمچە رول ئوينىدى. (باشقىلار تەرىپىدىن ئاسسىمىلياتىسىيە قىلىندى) يېغلىق دەرۋىگە كەلگەندە (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 476 ~ 221- يىللار) خۇئاڭخې دەرياسى ۋادىسىغا تارقالغان «رۇڭ» ، «دى»لارىدن ھازىرقى خېبىي ئۆلكىسى ئىچىدە «جۇڭشەن بەگلىكى» نى قۇرغان شيەنيۈلەردىن باشقىلىرى خۇاشىيا مىللىتى ۋە ئۇلار قۇرغان كۈچلۈكلەر بەگلىكلەر تەرىپىدىن قوشۇۋېلىندى. يەنە بەزىلىرى چوڭ چۆللۈكنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا كۆچۈپ كېتىپ، بۇرۇندىن شۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان «رۇڭ» ، «دى» لار بلەن بىرلىشىپ كەتتى. يېغىلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرىدا جەمئىيەت تارىخىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئېلىمىزنىڭ شىمالدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئۆز- ئارا بىر- بىرىگە تەۋە بولمىغان نۇرغۇنلىغان ئۇرۇق ۋە قەبىلىلەر پەيدىنپەي توپلىنىشقا باشلىدى ھەم بەلگىلىك تېرروتورىيىدە قەبىلە ئورتاق گەۋدسىنى شەكىللەندۈرۈشكە باشلىدى. بۇلاردىن بىر ەدەر ئىلغارراقلىرى مەدەنىيەت بوسۇغىسىغا قەدەم قويۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قۇردى (مەسلەن، ھۇنلار)، ئارقىدىراق قېلىپ قالغانلىرى قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلدى (مەسلەن، ھۇنلار بىلەن تەڭ باش كۆتۈرگەن تۇڭگۇسلار) ياكى ئۇرۇق، قەبىلە تارىخىي باسقۇچىدا توختاپ قالدى.
          ھۇنلار مانا مۇشۇنداق قوشۇلۇش جەريانى ئارقىلىق مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 4- ئەسىردە پەيدىنپەي ئۆزىنىڭ «قابىلىيىتى» نى ئاشكارىلاپ، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 3- ئەسىردە تارىخ سەھنىسىگە قەدەم قويدى. ئۇلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى يۈنيۈلەر، گۇيفاڭلار، شيەنشۈنلەر، «رۇڭ» ، «دى» «غۇر» لار قاتارلىق بۇرۇندىن چوڭ چۆللۈكنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ياشىغان ھەر قايسى مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھۇنلارنىڭ ئېتنىڭ مەنبەسىنى يەككە ھالدىكى بىرەر ئۇرۇق ياكى قەبىلىدىن كېلىپ چىققان دەپ ئېيتىش ناھايتى تەس. لېكىن، ھۇن مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى جەريانىدا «ھۇن» دەپ ئاتالغان ئۇلۇس ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بىر قەدەر ئىلغار، كۈچى بىر قەدەر زور بولغانلىتقىن باشلامچى ئورۇندا تۇرغان. مىللەتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجىلىنىشىغا ئەگىشىپ «ھۇن» دېگەن ئۇلۇسنىڭ نامى پۈتۈن مىللەتكە ۋەكىللىك قىلغان. ئەمىلىيەتتە، ھۇنلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى مىللىي تەركىبىمۇ بىر خىل ئەمەس ئىدى. مەسلەن: توغا، يۈۋېن، دوغۇ، قۇچاي، قانقۇي قاتارلىق قەبىلىلەرمۇ ھۇنلارنىڭ تەركىبىىي قىسىمى ئىچىدە ىدى. شۇنداقلا ھەر قايسى قەبىلىلەرنىڭ تۆۋىنىدە نۇرغۇن ئۇرۇقلار بار ئىدى. مەسلەن: لاندى، قۇيان، لان، سۈبۈ، چيۇلىن، جىئو، داڭيۈ، خەن، لاڭ، سۇجى، جورجى دېگەندەك. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاتالمىش «باشقا ئۇرۇق» ياكى «باشقا قەبىلە» دىكىلەرنىڭمۇ ھىسابى يوق ئىدى⑤. بۇنداق مۇرەككەپ مىللىي تەركىب ھۇنلارنىڭ نۇرغۇنلىغان ئۇرۇق ۋە قەبىلىلەرنىڭ ئارلىشىشى ۋە بىرلىشىشىدىن شەكىللەنگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ھۇنلار بىلەن بىللە باش كۆتۈرگەن توڭگۇس ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن چوڭ چۆللۈكنىڭ جەنۇپ- شىمالىدا باش كۆتەرگەن ئوغان، سىيانپى، جۇرجان، تۇرا، تۈرك، ئۇيغۇر، قىتان، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مىللى تەركىبىدىكىلەرنىڭمۇ مۇشۇنداق مۇرەككەپ ئىكەنلىگىنى بۇنىڭغا قوشۇمچە ئىسپات قىلىشقا بولىدۇ.
         14- ئەسىردىكى ئىلخانلار خانلىقىدىكى تارىخچى راشىددىن ئۆزىنىڭ «جامىئۇل تاۋارىخپ» (1- جىلىد) ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق يازغان : «تاتارلار ناھايتى < ئۇلۇغ> ۋە باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغاچقا، تاتار بولمىغان باشقا ئۇرۇق، قەبىلىلەرمۇ تاتار نامى بىلەن دۇنياغا تونۇلۋاتىدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ ئۇلۇس نامى تاتار بولسىمۇ، يەنىلا تاتار ردەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. تاتار بولمىغان بۇ ئۇلۇسلار ئۆزىمىزنى تاتار نامى بىلەن ئاتاپ، تاتارلارنىڭ ئارىسىغا قوشۇلساق < ئۇلۇغ> ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئورۇنغا ئىگە بولالايمىز، دەپ قارىشىدۇ. ھازىرقى تاتار، جالايىر، ئويرات، كېرەي، ئونغۇت، تاڭغۇت قاتارلىق موڭغۇل بولمىغان قەبىلىلەرنىڭ ھەممىسى چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇقىنىڭ <سائادىتى> گە تايىنىپلا موغۇل بولۇپ قالغان. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەسلىدە ئۆز ئىسىمى ۋە نامى بار ئىدى. ئۇلار ھازىر ئۆزلىرىنى موڭغۇل دەپ ئاتىشىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن ئىلگىرى <موڭغۇل> دىگەن بۇ نامنى ئېتىراپ قىلغان ئەمەس. ھالا بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى ئۆزلىرىنى بۇرۇندۇن <موڭغۇل> لارغا تەۋە دەپ قارىماقتا، ھەم موڭغۇل نامىنى قوللانماقتا. ئەمىليەتتە ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى، قەدىمكى موڭغۇللار نۇرغۇنلىغان يايلاق مىللەتلىرى ئارىسىدىكى بىر قەبىلە خالاس» (يۇقىرقىلار مەنە تەرجىمىسى بولۇپ، قىسمەن سۆز – ئىبارىلەر قوشۇلغى ياكى چىقىرۋېتىلدى – ئاپتوردىن).
    راشىددىننىڭ بۇ بىر ئابزاس سۆزى ھۇنلارنىڭ ۋە ئۇلاردىن كېيىن ئېلىمىزنىڭ شىمالىدا ياشىغان ھەر قايسى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئېتنىك مەنبەسىنىڭ ھەرگىزمۇ بىرلا خىل ئەمەسلىكىنى ھەم مىللىي تەركىبىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى چۈشىنىشىمىزدە بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.
    «شۇنيۈ»(荤粥)، «شىيەنيۈن»(猃 狁)، «ھون»(匈奴 ) دېگەن ئىسىملارنى تەتقىق قىلغاندا، بۇ ئۈچ خىل نام بىر خىل تاۋۇشنىڭ كۆپ خىل ئۆزگىرىشى بولۇشى مۇمكىن، بۇلۇپمۇ «شۈن»(荤)، «شىيۇڭ»، (猃) دىن ئىبارەت ئۈچ خەت بىر خىل تاۋۇشنىڭ ئوخشىمىغان ئۈچ خىل ئوقۇلۇشى بولۇشى مۇمكىن (پەقەت ئىشلىتىلگەن خەتلا ئوخشاش بولمىغان ـــ ئاپتوردىن) ھۇندىكى «شىيۇڭ» خېتى بىلەن يېغىلىق ۋە چىن، خەن دەۋرىلىرىدە مەخسۇس ھۇنلارنىڭ نامى بولغان غۇزىدىكى «خۇ» خېتىنى تېزراق ئوقۇغاندىمۇ ئوقۇلۇشى ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. بۇلار بىلەن ئىنگىلىزچە ھۆججەتلەردىكى Huns دىكى « Hunنىڭ Xouos ( ياكى Xouw) ھەم كېيىنكى Huns دىكى « Hun» نىڭ ھەممىسى ئوخشاش ئاھاڭ. شۇڭلاشقا مەن ھۇن مىللىتىنى شەكىللەندۈرگەن ئاساسلىق قىسىم ــ «ھۇن» ئۇلۇسى ئەڭ دەسلەپتىكى سۇنيۈ، گۇيفاڭ، شيەنيۈن قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تەدىرجىي ئۆزگىرىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدىن كەلگەن، دەپ قارايمەن.
        ھۇن مىللىتى بارلىققا كەلگەن «بۆشۈك» ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلنىڭ خېتاۋ رايۇنى ۋە چوغاي تاغلىرى ئەتىراپىدۇر. «خەننامە» 28- جىلد «جۇغراپىيە تەركىرىسى» دە خاتىرلەنگەن ۋۇيۈەن ئايمىقى گۇياڭ ناھىيىسىنىڭ (ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلنىڭ باۋتو شەھىرىنىڭ شەرقى) غەربىي شىمالدىكى «تۈمەن بالىق» ھۇنلارنىڭ تۇنجى تەڭرىقۇتى ــ تۈمەن تەڭرىقۇتىنىڭ ۋە ئۇ باشچىلىقىدىكى ھۇن قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي ھۆكۈمرۈنلىق مەركىزى ئىدى. غەربىي خەن پادىشاھى يۈەندى دەۋرىدە چېگرىغا مەسئۇل كاتاۋۇل خۇيىڭ: «چوغاي تېغىنىڭ شەرقىدىن غەربىگىچە مىڭ چاقىرىم ئارىلىقتا ئوت- چۆپلەر، مول، ياۋايى ھايۋالار كۆپ. بۇ يەر باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ئوقيا ياساپ قوشۇن توپلايدىغان، بۇلاڭ- تالاڭغا چىقاس، مال- چارۋىلىرىنى يايلىتىدىغان يېرى»⑥دېگەن. دېمەك، ھازىرقى ئىچى موڭغۇلدىكى چوغاي تېغى ئەتىراپى ھۇنلارنىڭ ياشاپ كۆپىيدىغان ماكانى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەربىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك بازىسى ھەم سىرتقا تاجاۋۇز قىلىشتىكى تايانچ بازىسى بولغان. «تارىخىي خاتىرىلەر، ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە ھۇنلار بىلەن چىن سۇلالىسىدىن بۇرۇنقى بەگلىكلەرنىڭ چېگرا ئايرىمىسىنى بايان قىلغاندا «شۇ چاغدا يەتتە بەگلىك (يەن، جاۋ، چىن) ھۇنلار بىلەن چېگىرداش ئىدى» دېيىلگەن. ئەينى ۋاقىتتا ھۇنلارنىڭ «بۆشۈك» ى ھازىرقى خېتاۋ رايۇنى ۋە چوغاي تېغى ئەتىراپىدا بولغاچقا، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى يەن بەگلىكى، جاۋ بەگلىكى، چىن بەگلىكى بىلەن چېگىرلانغان.
        ئىچكى مۇڭۇلنىڭ خېتاۋ ۋە چوغاي تېغى ئەتىراپىنىڭ ھۇنلار كېلىپ چىققان يەر ئىكەنلىكىنى يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان ئىچكى موڭغۇل رايۇنىدىن بايقالغان نۇرغۇنلىغان ھۇن قەبرلىرىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ. مەسلەن:
        1972- يىلى ئىكىجاۋ ئايمىقى كاڭمىيەن خوشۇنىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى تاۋخڭبالا كەنتىدىن يېغىلىق دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە مەنسۇپ ئالتە ھۇن قەبرىسى بايقالغان⑦.
         يەنە شۇ يىلى كاڭمىيەن خوشۇنىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئالۇچەيدېڭ رايۇنىدىن (تاۋخوڭبالانىڭ تۆت كىلومېتىر شەرقىي شىمالىدا) يېغىلىق دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە تەۋە ئىككى ھۇن قەبىرىسى بايقالغان⑧.
        1975- يىلى جۇڭغار خوشۇنىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى يۈلوڭتەي كەنتىدىن يېغىلىق دەۋرى بىلەن خەن سۇلالىسى ئارىلىقىغا مەنسۇپ بولغان بىر ھۇن قەبرىسى بايقالغان⑨.
       1979- يىلى باينىغول ئايمىقى ئويرات ئوتتۇرا ئارقا بىرلەشمە خوشۇنىنىڭ غەربىي قىر ئۇستاي دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىدىن يېغىلىق دەۋرىگە مەنسۇپ ئۈچ ھۇن قەبرىسى بايقالغان⑩.
        يەنە شۇ يىلى ئىكىجاۋ ئايمىقى جۇڭغار خوشۇنىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى شىگۇپەندىن يېغىلىقى دەۋرىدىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىگە مەنسۇپ ئۈچ ھۇن قەبرىسى بايقالغان⑾.
        چىن شىخۇاڭ جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 221- يىلى) كېيىن قوشۇن ئەۋەتىپ «دەريانىڭ جەنۇبىدىكى يەرلەر» نى (ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلدىكى خېتاۋنىڭ جەنۇبىدىكى ئىكىجاۋ ئايمىقى ئەتىراپى) تارتىۋالغان ھەم يەنە خۇاڭخې دەرياسىدىن ئۆتۈپ چوغاي تېغى (ھازىرقى داچىڭشەن تېغى)، بېيجىيا (ھازىرقى خېتاۋنىڭ شىمالى، داچىڭشەن تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى جىلغىلىق رايۇن) قاتارلىق جايلارنى ساقلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە «سەددىچىن سېپىلى» نى ياساپ، ھۇن ئاتلىق قوشۇنلىرىنىڭ جەنۇپقا يۈرۈش قىلىشىنى توستى. تۈمەن تەڭرىقۇت چىن سۇلالىسىگە تەڭ كېلەلمەي شىمالغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى. خەن سۇلالسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە باتۇر تەڭرىقۇت تەختتە ئولتۇرغان چاغدا (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 209 ~ 174- يىللار) ھۇنلارنى كۈچەيتىپ، خېتاۋنىڭ جەنۇپ- شىمالىدىكى رايۇنلارنى قايتىدىن تارتىۋېلىپ، ئوڭ قول بىلىكخاننىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە قىلدى. «دەريانىڭ جەنۇبىدىكى يەرلەر» دە ھۇنلارغا قارام بولغان ئالوبان خاننىڭ قەبىلىسى بىلەن بايان خاننىڭ قەبىلىسى چارۋىچلىق قىلدى. خەن ۋۇدىنىڭ يۈەنسۇ 2- يىلى (مىلادىيە 127- يىلى) خەن سۇلالىسى سەركەردىسى ۋېي چىڭ ئالوبان خان بىلەن بايان خاننى مەغلۇپ قىلىپ قوغلاپ چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن ھۇنلار دەريانىڭ جەنۇبىدىكى يەرلەردىن يەنە بىر قېتىم ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولدى. خەن سۇلالىسى دەريانىڭ جەنۇبىدىكى رايۇنلاردا سۇفاڭ ئايمىقىنى تەسىس قىلىپ، شەھەر- قەلئەلەرنى سېلىپ مۇداپىئە قىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ھۇنلار بۇ يەرلەرنى تارتىۋېلىشق ئامالسىز قالدى. يۈەنسۇ 5- يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 124- يىلى) ۋېي چىڭ سۇفاڭنىڭ گاۋچۆ دېگەن يېرىدىن يەنە زور قوشۇن باشلاپ شىمالغا 600 ~ 700 چاقىرىم ئىچكىرلەپ كىرىپ، كېچىدە ئوڭ قول بىلىك خاننىڭ ئوردىسىنى مۇھاسىرىگە ئالدى. ئوك قول بىلىك خان ئۆزى يالغۇز قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ، ناھايتى زور چىقىم تارتتى. كېيىنكى يىلى (يۈەنسۇ 6- يىلى) سېي چىڭ يەنە ھۇجۇمغا ئۆتۈپ نۇرغۇن ئادەمنى ئەسىرگە ئالدى. بۇ چاغدا ھۇن ھۆكۈمرانلىرى چۆللۈكنىڭ جەنۇبىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ناھايتى يېقىن ئىكەنلىكىنى، بۇ يەردە خەن سۇلالىسىنىڭ ھەربىي بېسىمىنىڭ ناھايتى زور ئىكەنلىكىنى بىلىپ، بۇ يەردە تۇرۇشنىڭ تەسكە توختايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۆڭكۈ تۆرە جاۋشىننىڭ (ھۇنلارنىڭ كىچىك خانى) «چوڭ چۆللۈكتىن ئۆتۈپ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچەشىمالغا يۆتكىلىپ، خەن قوشۇنلىرىنى ئازدۇرۇپ، ئۇلار چارچىغاندا پەم بىلەن يوقىتىش، جەنۇپقا چۈشۈپ چېگىرىغا يېقىنلىشىشتىن ساقلىنىش» پەنتى قۇبۇل قىلىندى. شۇنىڭدىن باشلاپ ھۇنلارنىڭ ئاساسىي كۈچى شىمالغا چېكىندى. لېكىن خەن سۇلالىسى قوشۇنلىرى ئۇلارنىڭ چۆللۈكنىڭ شىمالىغىچە قوغلاپ باردى. يۈەنشو 4- يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 119- يىلى) چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ئۇرۇشتا تەڭرىقۇت «خىللانغان قوشۇنلىرى بىلەن چۆللۈكنىڭ شىمالىدا ساقلاپ تۇرغان» بولسىمۇ، يەنىلا ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قېچىپ كەتتى. ۋېي چىڭ تاكى بۇيان تېغىدىكى جاۋشىن قەلئەسىگىچە (بۇيان تېغى ھازىرقى موڭغۇلىيىدىكى خانگاي تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر بۆلىگى، جاۋشىن قەلئەسى بولسا بۇيان تېغى ئەتىراپىدا) قوغلاپ باردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، خۇچۈبىڭمۇ چۆللۈكنىڭ شىمالىدا سول قول خاننىڭ مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنى تاكى لاۋجۈيۈشەن تېغى (ھازىرقى ئىچكى مۇڭغۇلنىڭ جاۋۋۇدا ئايمىقى كېشىكنىڭ خوشۇنىنىڭ غەربىي شىمالىدا) ۋە قۇيان تېغىغىچە (لاڭجۈيۈشەن تېغىنىڭ ئەتراپى) قوغلاپ باردى. «شۇنىڭدىن كېيىن ھۇنلار يىراققا قېچىپ كېتىپ، چۆللۈكنىڭ جەنۇبىدا ئوردىسى قالمىدى» ⑿. شۇنىڭدىن باشلاپ ھۇنلارنىڭ سىياسىي مەركىزى ئۇلارنىڭ بۆشۈك ماكانىدىن مەڭگۈگە چېكىنىپ، چۆللۈكنىڭ شىمالىغا يۆتكەلدى.
         چۆللۈكنىڭ شىمالىمۇ ئەسلىدىلا ھۇنلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇن ئىدى. ھۇنلارنىڭ سىياسىي مەركىزى شىمالغا يۆتكىلىشتىن ئىلگىرى ھۇنلارنىڭ ئاساسلىق قىسىمى چۆللۈكنىڭ جەنۇبىدا بولۇپ، سىياسىي مەركەز شىمالغا يۆتكەلگەندىن كېيىن، چۆللۈكنىڭ شىمالىي قىسىمى ھۇنلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئاساسلىق قىسىمىنىڭ پائالىيەت مەركىزى بولۇپ قالدى. مىلادىيىدىن ئىلگىركى 1- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا قوغۇشار تەڭرىقۇت جىخۇشان غەربىي خەن سۇلالىسىغا ئەل بولغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان ھۇنلار ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلنىڭ توقتۇ ناھىيىسى ئەتراپى سول قول لەۋ خان شانىنىڭ چارۋىچىلىق قىلىدىغان رايۇنىغا ئايلاندى⒀؛ شەرقىي خەن سۇلالسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھازىرقى شىلىنغول ئايمىقى سول قول ئىجىز خاننىڭ چارۋىچىلىق قىلىدىغان رايۇنىغا ئايلاندى⒁؛ ھۇنلارنىڭ ئىككىسىگە بۆلۈنۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوڭ ئۈكەن باتىس خاننىڭ ئەسلىدىكى چارۋىچىلىق رايۇنىمۇ ھازىر ئىچكى موڭغۇلدىكى كونا سەددىچىننىڭ شىمالىدا بولۇپ، غەرپتە خېتاۋغىچە، شەرقتە خېبىي ئۆلكىسىنىڭ شىمالدىكى نەنياڭ دەرياسىنىڭ غەربىدىكى رايۇنلارغىچە ئىدى⒂.
    ئىزاھلار:
    ① «تارىخىي خاتىرىلەر» 1- جىلىد «بەش چوڭ ئاقساقال ھەققىدە خاتىرە»
    ②«نەزمىنامە. شەيۋېي نەزمىلىرى» ، «سەپەر نەزمىلىرى».
    ③«سەپەر نەزمىلىرى».
    ④«تارىخىي خاتىرىلەر» 110- جىلد «ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە« «......... قىلغىلارغا تارقالغان. ھەر قايسىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئاقساقىلى بار. كۆپىنچە توپ- توپ بولۇپ ئولتۇراقلاشقان بولسىمۇ،لېكىن بىرلىشىپ كېتەلمەيتى» دېيىلگەن.
    ⑤ «خەننامە» 94- جىلد «ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» ؛ «كېيىنكى خەننامە» 89- جىلد «جەنۇبىي ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»؛ «جىننامە» 97- جىلد «شىمالىي دىلار ــ ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» ، 129- جىلد «جۇرچى مۇنسۇن ھەققىدە خاتىرە»؛ «ۋېينامە» 23- جىلد «ليۇكۇرېننىڭ تەرجىمھالى»؛ «سوڭنامە» 98- جىلد «رى غۇزلىرى ھەققىدە قىسسە».
    ⑥ «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
    ⑦ تيەن گۇاڭجىن: «تاۋخوڭبالادىكى ھۇن قەبرىلىرى»، «ئارخېئولوگىيە ئىلمىي ژورنلىرى» 1976- يىلى 1- سان.
    ⑧تيەن گۇاڭجىن، گوسۇشىن: «ئىچكى موڭغۇلدىكى ئالوچەيېڭدىن بايقالغان ھۇن قەبرىلىرى» ، «ئارخېئولوگىيە ئىلمىي ژورنىلى» 1980- يىللىق 4-سان.
    ⑨ ئىچكى موڭغۇل مۇزېيى ئېلان قىلغان: «ئىچكى موغۇل جۇڭغار خوشۇنىدىكى يۈلوڭتەيدىن بايقالغان ھۇن قەبرىلىرى»، ئارخېئولوگىيە ئىلمىي ژورنىلى» 1977- يىللىق 2- سان.
    ⑩ تالا، لياڭ جىڭمىڭ: «قىرئۇستايدىكى ھۇن قەبرىلىرى»، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» ژورنىلى 1980- يىللىق 7- سان.
    ⑾ ئىكىجاۋ ئايماقلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمەت پونكىتى ئېلان قىلان قىلغان: «شىگۇپەندىكى ھۇن قەبرىلىرى» ،«مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» ژورنىلى 1980- يىللىق 8- سان.
    ⑿ «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»، 111- جىلد «ۋېي چىڭ ۋە قىران چەۋەنداز سانغۇننىڭ تەرخىمھالى».
    ⒀ «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
    ⒁ «كېيىنكى خەننامە» 20- جىلد «جەي رۇڭنىڭ تەرجىمھالى».
    ⒂ «كېيىنكى خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».

    2- باپ ھۇنلارنىڭ ئۇرۇقداشلىق جامائەسى ۋە ئۇنىڭ قۇللۇق
    جەمئىيىتىگە   قاراپ تەرەققىي قىلىشى
    、      ھۇنلار ناھايتى بۇرۇنلار ئۇرۇقداش قەبىلە ۋە قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلغان. لېكىن شۇ چاغدا قەبىلىلەر ئىتتىپاقىغا قاتناشقان ھەر قايسى قەبىلىلەر يەنىلا ناھايتى تارقاق بولۇپ، ئىنتايىن تۇراقسىز ئىدى. «تارىخىي خاتىرلەر» 110- جىلد «ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە ھۇنلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى تارىخىنى بايان قىلىپ، «چۈنۋېيدىن (رىۋايەتلەردىكى ھۇنلارنىڭ ئەجدادى) تارتىپ تاكى تۈمەنگىچە بولغان مىڭ نەچچە يىل جەريانىدا، ئۇلار بەزىدە كۆپىيىپ، بەزىدە ئازىيىپ ناھايتى تارقاق جايلاشقان» دەپ خاتىرلەنگەن. بۇ دەل ئۇرۇقداش قەبىلە ۋە قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئىنتايىن تۇراقسىز ئىكەنلىكىنىڭ ئالامىتى بولسىمۇ، ئەمما ھۇنلارنىڭ تۇنجىسى تەڭرىقۇت ـــ تۈمەن تەڭرىقۇت قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئورتاق تىكلىگەن رەھبەر ئىدى. ئۇرۇقداشلىق تەشكىلى پارچىلىنىشتىن ئىلگىرى ھۇنلار ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغغۇلىنىدىغان، مەھسۇلاتلارنى تەڭ تەقسىم قىلىدىغان، سىنىپ ۋە زۇلۇم ئېكىپىلاتاتىسىيە مەۋجۇت بولمىغان ئىپتىدائىي جامائە ھالىتىدە ياشايتى. بۇ خىل تۇرمۇش شەكلىدە مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىرگە كەلگەندە ئۆزگىرىش بولۇشقا باشلىدى.
          ھۇنلار مىلادىيىدىن ئىلگىركى 3- ئەسىرنىڭ ئالدى- كەينىدە تۆمۈر قوراللار مەدەنىيىتى دەۋرىگە قەدەم قويدى. تۆمۈر قوراللار مەدەنىيىتىگە قەدەم قويۇش ھۇن جەمئىيىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيىسىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى. بۇنىڭ بىلەن، ئېشىنچە مەھسۇلات كېلىپ چىقىپ، ھۇنلارنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق ئىگىلىكىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىكتىن يەككە ئىگىلىككە ئۆزگىرىشنى تېزلەتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنىڭ خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىككە ئۆزگىرىش مۇمكىنچىلىگى تۇغۇلدى.
          ئالدى بىلەن، چارۋىچىلىقتا، بولۇپمۇ يەم- خەشەك قىس بولغان قىش پەسلىدە چارۋىچىلىق قىلغاندا كىچىكرەك كۆلەمدىكى چارۋىنى بېقىش چوڭ كۆلەمدىكى چارۋىنى باققانغا قارىغاندا ئاسان توختايتى. چارۋىلارنى كۆپەيتىش ۋە قوغداش ئۈچۈن ئۇلارنى ئايرىپ بېقىشقا توغرا كىلەتتى. بۇ جامائەتنىڭ كوللىكتىپ چارۋىچلىق قىلىشىنى پەيدىنپەي يەككە ئائىلىلەرنىڭ تارقاق چارۋىچىلىق قىلىشىغا ئۆزگەرتتى. ئۇنىڭدىن قالسا، چارۋىچىلارنى ئەسلىدىنلا ئاسان ئىگىلىۋالغىلى، ئايرىغىلى ۋە ئالماشتۇرۋالغىلى بولاتتى. ئوت، سۇ قوغلىشىپ كۆچۈپ يۈرىدىغان كۆچمەن چارۋىچىلىق ئىگىلىكىدە چارۋىچىلار بىر تەرەپتىن ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانسا، بىر تەرەپتىن باشقا قەبىلىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ چارۋىلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلاتتى. بۇمۇ چارۋىلارغا بولغان خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا پايدىلىق ئىدى. خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكتە چارۋىسى بار . چارۋىدار ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلەتتى. بۇ چارۋا توپىنى كۆپەيتىش ۋە باشقا بايلىقلارنى توپلاش ئىمكانيىتىنى كېڭەيتەتتى. ئۈچىنچىدىن، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ يەنىمۇ يۈكسىلىشى جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى ئىگىلىك تارماقلىرىنىمۇ يۈكسەلدۈردى. بولۇپمۇ ئاساسلىق ئىگىلىك بولغان چارۋىچىىق ئەسلىدەدىكى ئاساستا مىسلىسىز راۋاجىلاندى. بۇ ۋاقىتتا ھۇنلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ئۆزىنى تەمىنلەپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئېشىنچا مەھسۇلاتلارنىمۇ بارلىققا كەلتۈردى. بۇ ئېكىسپىلاتاتىسىيە قىلىش ۋە ئېكىسپىلاتاتىسىيە قىلىنىش مۇناسىۋىتىنىڭ ئىقتىسادىي ئالدىنقى شەرتىنى مەيدانغا كەلتۈردى. بۇنىڭ بىلەن ھۇنلارنىڭ ئىپتىدائىي جامائەتىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ سىنىپقا بۆلۈنۈشىمۇ باشلاندى.
          تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 3- ئەسىرنىڭ ئالدى- كەينىدە، ھۇنلارنىڭ ئۇرۇقداشلىق جامائەسىدە شەخسىي چارۋىسى بار يەككە ئائىلىلەرنى ئاساس قىلغان مۇستەقىل كىچىك ئىگىلىك مەيدانغا كەلدى. بۇ خىل كىچىك ئىگىلىكنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۇرۇقداشلىق جامائەسىنى پارچىلاش رولىنى ئويناشقا باشلىدى. چۆللۈكنىڭ شىمالىدىدن قېزىلغان، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 2- ، 3- ئەسىرلەرگە تەئەللۇق بولغان ھۇن قەبرىلىرىنىڭ ئىچىدىكى ھەمدە چىنە بۇيۇملار كۆپ. چوڭ قەبرىلەر ھەم ئۇلارنىڭ يېنىدىكى ھەمدەنپە بۇيۇملار ناھايتى ئاز قەبرىلەردىن بۇ چاغدا ئۇرۇقداشلىق تەشكىلىنىڭ پارچىىنىپ، باي، كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ تولۇق ئاشكارلانغانلىقىنى روشەن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ①. بۇ چاغدا چارۋىچىلىق مەيدانى ۋە چارۋىچىلىق قىلىدىغان يەرلەر ئۇرۇقداشلىق چارۋىچىلىق مەيدانى ۋە چارۋىچىلىق قىلىدىغان يەرلەر ئۇرۇقداشلىق جامائەسىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولغان. چارۋىلار بولسا يەككە ئائىلىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولغان. شۇڭا، چارۋىچىلىق مەيدانى ۋە چارۋىچىلىق قىلىدىغان يەرلەرگە بولغان ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك بىلەن چارۋىلارغا بولغان خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشىنى بۇ دەۋرىدىكى ھۇن ئۇرۇقداشلىق جامائەسىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى دېيىشكە بولىدۇ.
          ھۇنلارنىڭ ئۇرۇقداشلىق جامائەسى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3- ئەسىرنىڭ ئالدى- كەينىدە يەككە ئائىلىلەرنىڭ خۇسۇسىي ئىگىلىكىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ پارچىلىنىشقا باشلىغان بولسىۇ، لېكىن ھەر قايسى ئائىلىلەر ۋە ئۇرۇق ئەزالىرى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى بولغان چارۋىچلىق مەيدانى ۋە چارۋىچىلىق قىلىدىغان يەرلەرنى يەنىلا ئورتاق ئىگىلەش سەۋەبىدىن ئۆز- ئارا زىچ باغلىنىپ تۇراتتى. «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە ھۇنلار «ئوت- سۇ قوغلىشىپ كۆچۈپ يۈرسىمۇ، ھەر قايسىسىنىڭ يەرلىرى ئايرىم ئىدى» دەپ خاتىرلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭدا دەل چارۋىچىلىق مەيدانى ۋە چارۋىچىلىق قىلىدىغان يەرلەرگە بولغان ئۇرۇقنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكى بايان قىلىنغان.
          بۇ خىل باغلىنىش ئۇرۇقنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، چارۋىچىلىق ھۇجۇمىدىن قوغداش سەۋەبلىك ساقلىنىپ قالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىپتىدائىي ئۇرۇقداشلىق جامائەسى تۈزۈمىنىڭ پارچىلىنىشى ۋە سىنىپنىڭ شەكىللىنىشى جەريانىدا، بۇلاڭچىلىق ئۇرۇشى قىلىشى خۇددى «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە «ئۇرۇش قىلىش ھۇنلار ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىش ئىدى» دەپ ئېيتىلغىنىدەك، ھۇنلارنىڭ دائىملىق كەسپىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. شۇڭا ئۇلار زىچ بىرلىشىپ قالماي، بەلكى يەنە قۇشۇن بولۇپ تەشكىللەنگەن ئىدى، بۇ ئۇلارنىڭ خالىغان چاغدا ئۇرۇشقا مېڭىشى ۋە قاتنىشىشغا قولايلىق ئىدى. شۇڭا، ھۇنلارنىڭ ئۇرۇقداشلىق جامائەسىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ئۇ ھەم ئىشلەپچىقىرىش تەشكىلاتى، ھەم ھەربىي تەشكىلات ئىدى. «تارىخى خاتىرىلەر، ھۇنلار ھەققىدە قىسە»دە: «ھۇنلار قۇرامىغا يېتىپ ئوقيا تارتقىدەك بولغاندىلا ئاتلىق ئەسكەر بولاتتى، ئۇرۇش ۋاقتىدا جەڭگە چىقىپ بۇلاڭ-تالاڭغا قاتنىشاتتى، بۇ ئۇلارنىڭ ئادىتى ئىدى» دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇ ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى چاغلاردا چارۋىچىلىق ۋە ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرسە، ئۇرۇش ۋاقتىلىرىدا جەڭگە قاتنىشىدىغانلىقىنى، ئىشلەپچىقىرىش تەشكىلى بىلەن ھەربىي تەشكىلىنىڭ بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. بۇ ھەقتە ماركىس «بۇنداق تەشكىل جامائەنىڭ ئىگىدارلىق قىلغۇچى سالاھيىتى بىلەن مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشىدىكى بىر شەرت»② دېگەن.
          ھۇنلارنىڭ ئۇرۇقداشلىق تەشكىلاتى ئەسىلدىنلا بىر خىل قانداشلىق ئاساسىدا قۇرۇلغان تەشكىلات بولۇپ، ئۇرۇقداشلىق جامائەنىڭ پارچىلىنىشى، سىنىپنىڭ پەيدا بۇلۇشى ۋە ئۇرۇشنىڭ كۆپىيىشىدىن كېلىپ چىققان ئۇرۇق تەركىبىنىڭ مۇرەككەپ بولۇشى ۋە تۇراقسىزلىقىدىن ئۇرۇقتىكىلەرنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئالدى بىلەن ئۇرۇق تەشكىلىنىڭ ئىچىگە باشقا ئۇرۇقنىڭ ئادەملىرىمۇ زور تۈركۈمدە قۇشۇلاتتى. مەسلەن: تۇڭگۇسلار، ياۋچىلار، ئالۇبانلار، ھۇنگىرلار، چۈشۈرلەر، دڭلىڭلار، قىرغىزلار، شىنلىلار، ئۇيسۇنلار، غەربىي يۇرتلۇقلار، چىياڭلار ۋە خەنزۇلار دېگەندەك. بۇلار ئاساسەن ھەر قايسى ئۇرۇق ۋە ئائىلىلەرگە تارقالغان بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسىمى قۇللۇقتا تۇرغان بولسا، ئاز ساندىكىلىرى ئۇرۇق ئەزالىقغا قۇبۇل قىلىناتتى ئۇنىڭدىن قالسا ھەر قېتىملىق ئۇرۇش، بولۇپمۇ مەغلۇبىيەتلىك ئۇرۇشلار ئۇرۇق ئەزاللىرىنىڭ كۆپلەپ ئۆلۈشىنى، يارلىنىشىنى ۋە تارقىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا، ئۇرۇقداشلىق جامائەسى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايتتى. مەسىلەن: مىلادىيدىن بۇرۇنقى 124-يىلى ئوڭ قول بىلىكخاننىڭ قوۋمى خەن سۇلالىسى سەركەردىسى ۋېي چىڭنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا، ئوڭ قول بىلىكخان ئۆزى يالغۇز قېچىپ كېتىپ، ئاتلىق قۇشۇنى تارقىلىپ كېتىپ، كىچىك خان ۋەزىپىسىدىكى ئون نەچچە ئۇرۇق ئاقساقىلى ۋە 15 مىڭدىن كۆپ ئەر-ئايال ئۇرۇق ئەزاللىرى ئەسىرگە چۈشۈپ ئۇرۇق پۈتۈنلەي تارقىلىپ كەتكەن. يەنە مىلادىيدىن بۇرۇنقى 119-يىلى ئېچىغسە تەڭرىقۇت ۋېي چىڭ بىلەن بولغان ئۇرۇشتا مەغلۇب بولغاندا نەچچە يۈز ئەسكەر بىلەن مۇھاسىرىنى بۇزۇپ قېچىپ كەتكەن، قاچالماي قالغانلىرى خەن سۇلالىسى قۇشۇنلىرى بىلەن ئارلىشىپ تۇرىۋەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سول قول بىلىك خاننىڭ قوۋمىدىنمۇ يەتتە تۈمەندىن ئارتۇق ئادەم خۇ چۈبىك تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ۋە ئەسىرگە ئېلىنغان، قالغانلىرى قېچىپ كېتىپ ئۇرۇق پۈتۈنلەي قالايمىقانلىشىپ كەتكەن. تېخىمۇ ئېغىرى شۇكى، مىلادىيدىن بۇرۇنقى 71-يىلى خەن سۇلالىسى بىلەن ئۇيسۇنلارنىڭ 200 مىڭ كىشىلىك بىرلەشمە قوشۇنى ھۇنلارغا ھۇجۇم قىلغاندا، ھۇنلار خەن سۇلالىسىنىڭ قۇشۇنلىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ قېرى-چۈرىلىرىنى يېتىلەپ، مال-چارۋىلىرىنى ھەيدىگىنىچە يىراققا قېچىپ كەتكەن. بۇ خىل ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىدا ئۇرۇق تەشكىلىنىڭ قالايمىقانلىشىپ كېتىشى مۇقەرەر ئىدى. ئوڭ قول خاننىڭ قوۋمىدىكىلەر چىرىكچى بەگ چاڭ خۇي ۋە ئۇيسۇنلارنىڭ بىرلەشمە قوشۇنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا تەڭرىقۇتنىڭ يەڭگىسى، مەلىكىسى، ئاتاقلىق خانلىرى، كاھبەگ، مىڭ بېشى، سەركەردىلىرى قاتارلىق 39 مىڭ ئادەم ئەسىرگە چۈشۈپ، 700 مىڭدىن ئارتۇق ئات، كالا، قوي، قېچىر ۋە تۆگە ئولجا ئېلىنغان، ئۆلگەن-يارلانغانلار ۋە تارقىلىپ كەتكەن چارۋا-ماللار ھېسابسىز بولغان، ئۇرۇقداشلىق جامائەسى چاك-چېكىدىن بۆسۈلۈپ كەتكەن③. يۇقىرىدىكىلەر بىر نەچچە مىساللار خالاس، ئۇرۇش ۋاقتىدا بۇنداق ئەھۋاللار دائىم كۆرۈلۈپ تۇراتتى. لېكىن، ئۇرۇقنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى مۇستەھكەم بولغانلىقتىن، قالايمىقانچىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىقتىن كېيىن يەنە ناھايىتى تىزلا توپلىشالايتتى ۋە ئەسلىگە كېلەلەيتتى (مەسلەن، ئېچىغسە تەڭرىقۇت قېچىپ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا «ئادەملىرىنى قايتا توپلىغان»)، ئەمما ئەسىلدىكى ئۇرۇق ئەزاللىرى تارقىلىپ، قالايمىقانلىشىپ كەتكەچكە، ئۇرۇقنىڭ تەركىبى كۆپ ھاللاردا قالايمىقانلىشىپ كېتەتتى. كېيىن ئۇرۇقداشلىق تەشكىلى شەكىل جەھەتتىن ساقلىنىپ قېلىپ، ئۇرۇق قەبرىستانلىقى ۋە ئۇرۇق نامى بۇرۇنقىدەكلا مەۋجۇت بولۇپ، ئۇرۇقنىڭ سىرتتىن نىكاھلىنىش تۈزۈمىگە يەنىلا رىئايە قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ھەقىقىي ساپ قان سېستىمىسىدىكى ئۇرۇق مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتتى. شۇڭا، ھۇنلارنىڭ ئۇرۇقداشلىق تەشكىلى شەكىل جەھەتتىن تاكى مىلادىيە 3-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە، يەنى ۋېي، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىگىچە ساقلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىكى قانداشلىق مۇناسىۋەت ئۇرۇقنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئىگىلىك خاراكتىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ پەيدىنپەي ئۆزگەردى، بۇ خىل ئۆزگىرىشتىن كېيىنكى ئۇرۇقداشلىق جامائەسى ئەمەليەتتە قانداشلىق ئاساسىغا قۇرۇلغان ئۇرۇقداشلىق بىرلىكى بولماي، بەلكى تېرىتورىيە ئاساسىغا قۇرۇلغان ھەربىي مەمۇرىي بىرلىك بولۇپ قالدى. بۇ ھۇنلارنىڭ ئۇرۇقداشلىق جامائەسىنىڭ يەنە بىر خىل ئالاھىدىلىكىدۇر.
          ھۇنلارنىڭ ئۇرۇقداشلىق جامائەسىنىڭ شەكىل جەھەتتىن تاكى مىلادىيە 3-ئەسىرگىچە ساقلىنىپ قالغانلىقىنى يازما ھۆججەتلەردە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئۇرۇق قەبرىستانلىقى، ئۇرۇق نامى، ئۇرۇقنىڭ سىرتتىن نىكاھلىنىش تۈزۈمى ھەققىدىكى بايانلاردىن كۆرىۋېلىشقا بۇلىدۇ. تارىخى ئەسەرلەردە ھۇنلارنىڭ ئۇرۇق قەبرىستانلىقى ھەققىدىكى خاترىلەر ئۇچرايدۇ. مەسلەن، «كېيىنكى خەننامە» 90-جىلىد «ئوغانلار ھەققىدە قىسسە» دە جاۋدى دەۋرىدە (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 78-يىلى) ئوغانلارنىڭ ھۇن تەڭرىقۇتىنىڭ قەبرسىنى قازغانلىقى خاترىلەنگەن. بۇ خىل قەبرە ئۇرۇق قەبرىستانلىقىغا تەۋە ئىدى. ئۇرۇق قەبرىستانلىقىنىڭ بولۇشى ئۇرۇقداشلىق جامائەسىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى. ئۇرۇق قەبرىستانلىقىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى ئۇرۇقداشلىق جامائەسىنىڭ شەكىل جەھەتتىن ساقلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
          «تارىخى خاتىرلەر، ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» ۋە «كېيىنكى خەننامە» 89-جىلىد «جەنۇبىي ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»دە ھۇنلارنىڭ تەڭرىقۇت ئۇرۇقى بىلەن ئوخشىمايدىغان قۇيان، لان، شۈبۇ ۋە چىيۇلىندىن ئىبارەت تۆت ئىسىلزادە ئۇرۇقنىڭ بارلىقى تىلغا ئېلىنغان. «جەنۇبىي ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە جەنۇبىي ھۇن تەڭرىقۇتى شىخې ئايمىقىغا كېلىپ (مىلادىيە 50-يىلى) ئولتۇراقلاشقاندىن كېينكى خانلار ئىچىدە يەنىلا خەن، داڭيۈ، قۇيان، لان، سۇجى ئۇرۇقىدىن كېلىپ چىققان خانلارنىڭ بارلىقى خاتىرلەنگەن. «جىننامە» 97-جىلىد «شىمالىي دىلار-ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»دىمۇ ھۇنلارنىڭ قۇيان، شۈ، بو، لان، جىئو قاتارلىق ئۇرۇقلىرىدىن كېلىپ چىققانلارنىڭ يۇقىرى ئەمەل تۇتىدىغانلىقى خاتىرىلەنگەن، يەنە «جاسارەتلىك، لېكىن ئاسى» چىمو ۋە لى ئۇرۇقىمۇ بولغان. ئۇرۇقنىڭ نامى ئۇرۇقداشلىق تەشكىلىنىڭ بىر بەلگىسى، ئۇرۇق نامىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى ئۇرۇقداشلىق تەشكىلىنىڭ شەكىل جەھەتتىن يەنىلا ساقلىنىپ قالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
          «كېيىنكى خەننامە. جەنۇبىي ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان قۇيان، لان شۈبۇ ۋە چىيۇلىن ئۇرۇقىدىكىلەرنىڭ دائىم ھۇن تەڭرىقۇت ئۇرۇقىدىكىلەر بىلەن نىكاھلىنىدىغانلىقى جاتىرلەنگەن. «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دىكى خاتىرلەنگە ئاساسلانغاندا، تەڭرىقۇت لاندى ئۇرۇقدىن بولۇپ، قۇيان قاتارلىق ئۇرۇقلار بىلەن بىر ئۇرۇقدىن ئەمەس ئىدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يۇقىرىقى ئۇرۇقلارنىڭ ھەممىسى سىرتتىن نىقاھلانغان تۈزۈمنى يولغا قويغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1- ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە ھۇنلارغا ياتلىق قىلىنغان خەن مەلىكىسى ۋاڭ جاۋجۈننىڭ فۇجۇرۇت تەڭرىقۇتتىن تۇغقان ئىككى قىزى ئەسلىدە قوغۇشار تەڭرىقۇت جىخۇاشاننىڭ ئۇرۇقىغا مەنسۇپ ئىدى. كېيىن چوڭ قىزى يۈەن شۇبۇ ئۇرۇقىغا ياتلىق قىلىنىپ، شۇبۇ قۇنچۇيى (شۇبۇ مەلىكىسى) دەپ ئاتالغان بولسا، كىچىك قىزى داڭيۈ ئۇرۇقىغا ياتلىق قىلىنىپ داڭيۈيى (داڭيۈ مەلىكىسى) دەپ ئاتالغان④. بۇنىڭدىن قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ شۈيۇ ، داڭيۈ ئۇرۇقى بىلەن سىرتتا نىكاھلىنىش تۈزۈمىنى يولغا قويغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. مىلادىيە 3- ، 4- ئەسىرگە كەلگەندىمۇ ھۇنلار يەنىلا سىرتتىن نىكاھلىنىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. مەسلەن: «بەش ۈيز، ئون ئەلتە پادىشاھلىق» دەۋرىدىكى «خەن ھاكىمىيىتىنى قۇرغۇچى ھۇن ئاقسۆكەڭ ليۈيۈەن ۋە ئوغلى ليۇزۇڭ ئەسلىدە توغا ھۇنلىرىدىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى قۇيان ئۇرۇقىدىن ئىدى⑤. ئۇرۇقنىڭ سىرتتىن نىكاھلىنىش تۈزۈمى ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىنىڭ ئالاھىدە نىكاھ تۈزۈمى. ئۇرۇقنىڭ سىرتتىن نىكاھلىنىش تۈزۈمىگە رىئايە قىلىش ئۇرۇقداشلىق تەشكىلىنىڭ مەزمۇنى ۋە خاراكتېرىدە ئاللىقاچان ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، لېكىن شەكىل جەھەتتىن يەنىلا مەۋجۇتلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
         چارۋىچىلىقنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى بلەن چارۋىلارنى بېقىش تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ئېھتىياجلىق بولدى. شۇڭا، ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي ئىگىلىكىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان چارۋىدارلارنى ئۇرۇشتا تۇتۇۋالغان ئەسىرلەردىن تېخىمۇ كۆپ پايدىلاندى. بۇنىڭ بىلەن قۇللار سىنپى بارلىققا كەلدى.
          «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە: «ھۇنلار جەڭ قىلغاندا دۈشمەندىن بىرنى ئۆلتۈرسە بىر جام شاراپ مۇكاپات بېرىلەتتى. لېكىىن ئەسىر تۇتۇپ كەلسە مۇكاپات تەرىقىسىدە ئۆزىگە ئىنئام قىلىپ بېرىلەتتى. تۇتۇپ كېلىنگەن بۇ كىشلەر قۇل قىلىناتتى. جەڭدە ئۆلگۈچىنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ كەلگۈچى ئۆلگىچىنىڭ ئائىلە مۈلكىگە ئىگە بولاتتى. نەرسە ئوغرلىغۇچىلارنىڭ پۈتۈن مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىناتتى» دەپ خاتىرلەنگەن. بۇ دەل ھۇنلاردا خۇسۇسىي مۈلۈك ۋە ئەسىرلەرنى قۇل قىلىش ئەھۋالىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
          ھۇنلار ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشكەنلەرنى قۇل قىلغانلىقتىن، ھەر بىر ھۇن جەڭچىسى كۆپرەك ئەسىر ئېلىپ بۇ ئەسىرلەرنى ئۆزلىرىنىڭ قۇلى قىلىۋالاتتى. شۇڭا ھۇنلارنىڭ ئادەتتىكى پۇقرالىرىنىڭمۇ قۇلغا ئىگە بولۇشى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال ئىدى. ئەلۋەتتە ھۇن ئاقسۆڭەكلىرى ئىگىلىگەن قۇللار ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئىدى. «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە خاتىرلىنىشىچە. ھۇن ئاقسۆڭەكلىرى ئۆلسە ئۇنىڭ « ياخشى كۆرىدىغان قۇل دىدەكلىرى» دىن قۇربالىق قىلىندىغانلىرى نەچچە يۈزدىن ئاشقان. بويان تاغلىرىدىن تېپىلغان بىر ھۇن ئاقسۆڭەكنىڭ قەبرىسىدىن 17 تال ئۆرۈمە چاچ چىققان⑥. بۇ دەل ھۇن ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ناھايتى نۇرغۇن قۇلغا ئىگە ئىكەنلىكى ۋە نۇرغۇن قۇللارنى قۇربانلىق قىلىدىغانلىقىنىڭ ماددىي ئىسپاتىدۇر.
    زور تۈركۈمدىكى ئەسىرلەرنىڭ قۇل قىلىنىشى قۇللۇق جەمئىيەتنىڭ شەكىللىنىشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. ھۇنلارنىڭ قۇللىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى تۆت خىل بولۇپ، ئەسىرلەر ئاساسلىق قۇل مەنبەسى ئىدى. ئەسىرلەر ئىچىدە خەنزۇلارمۇ، باشقا مىللەت كىشلىرىمۇ بار ئىدى.
         تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاسالانغاندا، ھۇنلار خەن سۇلالىسى چېگرىسىدىن ئىلگىرى- ئاخىر بولۇپ ناھايتى نۇرغۇن خەنزۇلارنى بۇلاپ كەتكەن. مەسلەن:
        مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 177- يىلى (ۋېندىنىڭ 3- يىلى) ئوڭ قول بىلىك خان شاڭجۈن ئايمىقىغا بېسىپ كىرىپ خەلقلەرنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن.
         مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 166- يىلى (ۋېندىنىڭ 14- يىلى) 14 تۈمەن كىشلىك ھۇن ئاتلىق قوشۇنى چاۋنا، سۈگۇەن، بېيدى قاتارلىق جايلارغا بېسىپ كىرىپ ناھايتى كۆپ كىشلەرنى ئەسىرگە ئېلىپ بۇلاپ كەتكەن.
         شۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى ئۆلتۈرۈلگەن ۋە بۇلانغان خەلق ناھايتى كۆپ بولغان. بولۇپمۇ يۈنجوڭ، لياۋدۇڭ قاتارلىق جايلاردا ئەھۋال ناھايتى ئېغىر بولۇپ، ھەر بىر ئايماقتىن بۇلانغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن كىشلەرنىڭ سانى ئون مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.
        مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 158- يىلى شاڭجۈن، يۈنجوڭ قاتارلىق ئىككى ئايماققا ئۈچ تۈمەندىن ئارتۇق ھۇن ئاتلىق ئەسكىرى بېسىپ كىرىپ، ناھايتى نۇرغۇن كىشىنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن.
        مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 129- يىلى (ۋۇدىنىڭ يۈەنگۇاڭ 6- يىلى) ھۇنلار شاڭگۇغا بېسىپ كىرىپ ئەمەلدار ۋە پۇقرالارنى بۇلاپ كەتكەن ۋە ئۆلتۈرگەن.
         مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 128- يىلى (يۈەنسۇ 1- يىلى) ھۇنلار لياوشىغا بېسىپ كىرىپ ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى بۇلاپ كەتكەن. يەنە يۈياڭ ۋە يەنمېندا ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن.
         مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 127- يىلى (يۈەنسۇ 2- يىلى) شڭگۇ ۋە يۈياڭغا بېسىپ كىرىپ مىڭدىن ئارتۇق ئەمەلدار ۋە پۇقرانى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن.
         مىلايىدىن بۇرۇنقى 126- يىلى (يۈەنسۇ 3- يىلى) دەيجۇن ئايمىقىغا بېرىپ كىرىپ مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى بۇلاپ كەتكەن. يەنە شۇ يىلى كۈزدە يەنمېنغا بېسىپ كىرىپ مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن.
         مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 125- يىلى (يۈەنسۇ 4- يىلى) دەيجۈن، دىڭراڭ، شاڭجۈن ئايمىقىغا بېسىپ كىرىپ مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن.
         مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 124- يىلى (يۈەنسۇ 5- يىلى) دەيجۈن ئايمىقىغا بېسىپ كىرىپ مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن.
          مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 121- يىلى (يۈەنسۇ 2- يىلى) دەيجۈن، يەنمېن ئايمىقىغا بېسىپ كىرىپ نەچچە يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن.
         مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 120- يىلى (يۈەنسۇ 3- يىلى) يۈبېيپىڭ، دىڭراڭغا بېسىپ كىرىپ مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن.
          مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 102- يىلى (يۈەنسۇ 3- يىلى) كۈزدە ھۇنلار دىڭراڭ، يۈنجۇغا بېسىپ كىرىپ نەچچە مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن. شۇنىڭغا ئەگىشىپلا ئوڭ قول بىلىك خان يەنە جيۇچۈەن، جاڭيېغا بېسىپ كىرىپ نەچچە مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلا


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.