ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-10-22

    ھۇنلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/80296502.html

    ھۇنلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى
    بۇ كىتاپ خەلق نەشىرياتىنىڭ 1986- يىلى 8- ئاي 1- نەشىرى، 1- باسمىسىغا ئاساسەن تەرجىمە ۋە نەشىر قىلىندى
    ئاپتورى: لىن گەن
    تەرجىمە قىلغۇچى: تۇرسۇنجان ھېزىم ياۋۇز
    تەرجىماندىن
    ھۇنلار ئېلىمىزنىڭ شىمالىدا ياشىغان قەدىمكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، شىمالدىكى  كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ئۆز ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ چىققان. ھۇنلار ھاكىمىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئېلىمىز ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىدە قۇرۇلغان خانلىقلار بىلەن خىلمۇ- خىل مۇناسىۋەتلەردە بولۇپ، ئېلىمىز تارىخىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇلارنىڭ بۇ خىل تەسىرى مەيلى ئۇلار كۈچەيگەندە بولسۇن ياكى ئاجىزلىغاندا بولسۇن زادىلا سۇسلاپ قالمىغان، ھەتتا ھۇن ھاكىمىيىتى پارچىلىنىپ، ھۇنلارنىڭ ئاساسلىق قىسىمى غەربكە كۆچۈپ كېتىپ، ئاز بىر قىسىمى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنىغا كۆچۈپ كېلىپ، خەنزۇلار بىلەن ئارىلاش ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىنمۇ ئۇلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ سىياسى، ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىگە ناھايتى زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. شۇڭا، ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زاماندىكى ئومۇمىي تارىخى بولغان «يىگىرىمە تۆت تارىخ» تا ھۇنلار توغرىسىدا مەخسۇس تەزكىرە ۋە شەخسلەر ھەققىدە  مەخسۇس تەرجىمھاللار يېزىغان.
    ھۇنلار ئېلىمىزنىڭ تارىخىغىلا تەسرى كۆرسىتىپ  قالماستىن،  دۇنيا تارىخىغىمۇ زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق قىسىمى غەربكە كۆچكەندىن كېيىن،مىلادىيە 4- ئەسىردىن باشلاپ ياۋروپاغىمۇ  زور تەسىر كۆرسىتىپ، ياۋروپا تارىخىنىڭ مىللەتلەرنىڭ بىر قېتىملىق چوڭ كۆچۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇڭا، ياۋروپا تارىخچىلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئەسىرلىرىدە ھۇنلارغا مۇناسىپ ئورۇن  بەرگەن.  ياۋروپا ھۇنشۇناسلىرىنىڭ مەخسۇس بىر ئىلىم بولۇپ شەكىللىنىپ گېرمانىيە، ۋېگتىرىيە، روسىيە قاتارلىق ئەللەردە بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار چوڭقۇر ئېلىپ بېرىلغان.
         قولىڭىزدىكى «ھۇنلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى» دىگەن بۇ ئەسەر، ئېلىمىزدىكى مەشھۇر شىمال مىللەتلىرى تەتقىقاتچىسى، تۈركشۇناس ئالىم لى گەننىڭ «تۈرك تارىخى» ، «قەدىمكى ئۇيغۇرلار تارىخى» (بۇ ئىككى ئەسەنىڭ  ئۇيغۇچە تەرجىمىسى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان) قاتارلىق ئەسەرلىرى قاتارىدىكى يىرىك ئەسەرلىرىنىڭ  بىرى.  ئاپتور يەنە ھۇن، تۈرك، ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە «ھۇن تارىخىي يىلنامىسى» ، «ھۇن تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللا» ، « تۈرك ۋە ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ماتېرىيالار» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان ۋە تۈزگەن بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ شىمال مىللەتلىرى تەتقىقاتىغا كۆرىنەرلىك تۆھپە قوشقان.
         چەت ئەللەردە ھۇن تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەر خېلى كۆپ يېزىلغان، ھۇنلارنىڭ تارىخى خېلى چوڭقۇر تەتقىق قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئېلىمىزدە بۇ ھەقتىكى تەتقىقات بىر قەدەر كېيىن باشلانغان ھەم كەڭ دائىرىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلمىغان. شۇڭا، بۇ ھەقتە يېزىلغان مەخسۇس ئەسەر يوق دېيەرلىك. بۇ ھەقتىكى ئۇيغۇرچە تەتقىقات ماقالىلىرى  ۋە مەخسۇس ئەسەرلەر تېخىمۇ بەك يوقنىڭ ئورنىدا. شۇڭا، مەزكۈر ئەسەر ھۇن تارىخىنى  بىر قەدەر سىستېمىلىق، چوڭقۇر ۋە ئەتىراپلىق يۇرۇتۇپ بېرەلەيدۇ.  ھۇن تارىخىغا قىزىققۇچىلارنى ۋە ھۇن تارىخىنى ئۆگەنگۈچىلەرنى پايدىلىق ماتېرىياللار بىلەن  تەمىنلىيەلەيدۇ.  ئۇلارنىڭ دەسلەپكى ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ، دەپ قاراپ تەرجىمە قىلىندى.
         ئەسەرنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا ئەسلى ئەسەرگە سادىق بولۇش ۋە توغرا تەرجىمە قىلىش كۆزدە تۇتۇلۇپ، تۆۋەندىكى نوقتىلارغا دىققەت قىلىندى.
        1. ئەسەردىكى بەزى تەرجىمە قىلش  بىھاجەت دەپ قارالغان جايلار قىسقارتىۋېتىلدى.
       2. ئەسلى ئەسەرگە سادىق بولۇش ۋە ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسىنى توغرا ئېلىش ئۈچۈن، يولداش  داۋۇت سايىم قاتارلىقلار تۈزگەن «خەنزۇچە – ئۇيغۇرچە تارىخىي ئاتالغۇلار لۇغىتى» دىكى ئىسىم- ئاتالغۇلار ئاساس قىلىندى.
        3. يۇقىرقى لۇغەتتە ئۇچرىمايدىغان ئاتالغۇلار، جۈملىدىن ئادەم ئىسىملىرى، يەر- جاي، ئەمەل- مەنسەپ ناملىرى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنى نەشىرگە تەييارلىغان «يىگىرىمە تۆت تارىختىكى ئوتتۇرا ئاسىياغا ئائىت ماتېرىياللار توپلىمى» ، « تارىخىي خاتىرلەر» ، «خەننامە» ، «كېيىنكى خەننامە»، «جىننامە»  قاتارلىق توپلاملاردىكى ئاتالغۇلار بويىچە ئېلىندى.
         4. يۇقىرقى ئەسەرلەردىمۇ ئۇچرىمايدىغان قىسمەن ئاتالغۇلار ئەسلى قەدىمكى خەنزۇ تىلى تەلەپپۇزى بويىچە قويۇپ قويۇلدى.
         ئەسەردىكى بەزى مەزمۇنلارنى ۋە ئىسىم- ئاتالغۇلارنى سېلىشتۇرۇپ بېكىتىشكە ۋە توغرلاشقا مەزكۈر ئەسەرنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى ئەخمەت مۆمىن تارىمى زۆرۈر ھەم قىممەتلەرنى ياردەملەرنى بەردى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەخەت مۆمىن تارىمغا ئالاھىدە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.
         قەلىمىم ئاجىز، سەۋىيەم چەكىلىك بولغانلىقتىن، ئەسەرنىڭ تەرجىمىسىدە بەزىبىر نوقسانلارنىڭ بولۇشى تەبئىي. شۇڭا خاتارلىقلارغا يول قويغان بولسام، تارىخ تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خادىملارنىڭ سەمىمىي تەنقىد- تەكلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    2003- يىل  ئاپرېل
    كىرىش سۆز
        ھۇنلار ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەت. ئۇلار مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىر (يېغىللىق دەۋرى) دە باش كۆتۈرگەندىن تارتىپ، مىلادىيە 1- ئەسىردە زاۋالىققا يۈزلەنگىنىچە بولغان ئارىلىقتا چوڭ چۆللۈكنىڭ جەنۇپ ۋە شىمالىدا تەخمىنەن 300 يىلدىن ئارتۇق دەۋر سۈرگەن. مىلادىيە 3- ئەسىردىن مىلادىيە 5- ئەرشىرگىچە يەنەئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە تەخمىنەن 200 يىل پائالىيەت قىلىپ جۇڭگو ۋە دۇنيا تارىخىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن.
         ھۇنلار باش كۆتۈرۈپ چىقىشتىن بۇرۇن ھون چۆللۈكنىڭ جەنۇپ، شىمالىدا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ گۇيفاڭ، شىيەنشۈن ۋە رۇڭ، دى دەپ ئاتىلدىغان مىللەتلەر باش كۆتۈرۈپ چىققان ئىدى.
    ھۇنلار يۇقىردىكى مىللەتلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بۆلۈنۈشى، بىرلىشىشى، تارقىلىشى، كۈرەش قىلىشى ۋە سىڭىشىشى ئارقىلىق مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 4- ئەسىردە ئۆزىنىڭ «ئىقتىدارى» نى پەيدىنپەي ئەشكارىلاپ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا بىر مىللەت بولۇپ شەكىللىنىپ، تارىخ سەھنىسىگە قەدەم قويدى. ھۇنلار پەيدا بولغان «بۆشۈك» بۈگۈنكى ئىچكى مۇڭغۇلدىكى خېتاۋ ۋە داچىڭشەن (چۇغاي تېغى) تېغى ئەتىراپىدا ئىدى.
         ھۇنلار ناھايتى بۇرۇنلا ئۇرۇقداش قەبىلىلىلەر ئىتتىپاقى بولۇپ شەكىللەندى. تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىرنىڭ ئالدى- كەينىدە، ھۇنلارنىڭ ئۇرۇقداشلىق جامەئەسىدە خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك بارلىققا كەلدى. ھۇن جەمئىيىتى قۇلدارلىق تۈزۈم خاراكتېرىدە ئىدى. تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسەردە ھۇنلارنىڭ ئۇرۇق ئاقسۆڭەكلىرى ۋە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى پەيدىنپەي مەيدانغا كېلىپ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 209- يىلى باتۇر تۈمەننى ئۆلتۈرۈپ، ئۆزى تەڭرىقۇت بولغان ۋاقىتتا ئۇ بىر خىل تۈزۈم بولۇپ، شەكىللەندى. باتۇر تەڭرىقۇت دەرۋىدە ھۇنلار ئەتىراپىدىكى نۇرغۇنلىغان قەبلىلەرنى بويسۇندۇرۇپ، شەرقتە ھازىرقى لىياۋ دەرياسىغىچە، غەربتە پامىرغىچە، شىمالدا بايقال كۆلىگىچە، جەنۇپتا سەددىچىن سپىلىغىچە بولغان رايۇنلارنى بويسۇندۇردى. خۇسۇسىي مۈلۈك ۋە بايلىقلارنى قوغداش، قوللارنى ۋە بويسۇندۇرۇلغان رايۇنلار، مىللەتلەر، قەبىلىلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ مەمىلكىتىمىزنىڭ شىمالىي قىسىمىدا ئالدى بىلەن چۆللۈكنىڭ جەنۇبى، كېيىن شىمالنى مەركەز قىلىپ غايەت زور قۇلدارلىق تۈزۈمىدىكى ھاكىمىيەت قۇردى.
          ھۇنلار بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئەڭ بۇرۇنقى بولغاندا مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3- ، 4- ئەسىرگە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنقى ۋاقىتقا سۈرۈشكە بولىدۇ. چىن شىخۇاڭ ئالتە بەگلىكنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 221- يىلى) كېيىن، ھۇنلار بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ ئالاقىسى بۇرۇنقىغا قارىغاندا قۇيۇقلاشتى. غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ كۈچى مىسلىسىز زورىيىپ، باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 203 ~ 174- يىللار) رەھبەرلىگىدە ھازىرقى خېبىي، سەنشى، شەنشى ۋە خېتاۋ ئەتراپلىرىغا تاجاۋۇز قىلىپ، ئەمدىلا قۇرۇلغان غەربىي خەن سۇلالىسىگە بىر تەھدىت سېلىپلا قالماستىن، يەنە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ فېئوداللىق ئىجتىمائىي ئىگىلىكىگە بۇزغۇنچىلىق سېلىپ، تارىخنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلدى. خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدە، ھاكىمىيەت ئەمدىلا قۇرۇلغانلىقى، كۈچى ئاجىز بولغانلىقى، ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىرىغا تاقابىل تۇرۇپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن، پاسسىپ بولغان قۇدىلىشىش سىياسىتىنى قوللىنىپ، مەلىكىلىرىنى ھۇن تەڭرىقۇتلىرىغا ياتلىق قىلىشقا ھەم ھەر يىلى كىمخاپ- دۇردۇن، مەشۇت- سەرناق، ھاراق، گۈرۈچ، يېمەكلىكلەرنى بېرىشكە مەجبۇر بولدى. تاكى خەن ۋۇدى تەختكە چىققاندىن (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 140- يىلى) كېيىن، ئاندىن ئۇرۇش قىلغۇچىلارنىڭ تەشەببۇسىنى قۇبۇل قىلىلپ، ھەققانىي خاراكتېردىكى مۇداپىئەلىنىش ئۇرۇشۇنى قوزغاپ، ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ تاجاۋۇزچى كۈچلىرىگە زەربە بېرىپ چېكىندۈردى.
         مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 51- يىلدىكى، ھۇن ھۆكۈمرانلار گوروھىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا بۆلۈنۈش ۋە نىزا يۈز بېرىپ، «بەش تەڭرىقۇت ھاكىمىيەت تالىشىپ»، ھۇنلانرىڭ ئىچىكى قىسىمى قالايمىقانلىشىپ، مىللەت ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالدى. كېيىن مەشھۇر يولاشچى قوغۇشار تەڭرىقۇت جىخۇشان (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 58 ~ 31- يىللار تەختتە ئولتۇرغان) غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىكى ئاستىدا ھالاكەت گىردابىدىن قۇتۇلۇپ چىقتى.
         شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھۇن قولدارلىرىنىڭ تاجاۋۇزچى كۈچلىرى قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقتى. ئۇلار بىر تەرەپتىن يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان سىيانپى مىللىتى بىلەن بىرلىشىپ ئەسكەر چىقىرىپ تاجاۋۇزچىلىق قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ۋە ئۇلارنى قوللاپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە بىۋاستە ئارىلىشىپ، جۇڭگونىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە بىۋاستە ئارىلىشىپ، جۇڭگونىڭ بىرلىككە كېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، فېدئوللىق تۈزۈمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، بۆلگۈنچىلەرنى كۈچەيتىشكە ئورۇندى.
         مىلادىيە 48- يىلى ھۇنلارنىڭ جەنۇبىدىكى سەككىز قەبىلىگە باشچىلىق قىلىدىغان ئەك ئۇكەن باتىسخان بى (قۇغۇشار تەڭرىقۇنىڭ نەرۋرىسى) خەن خۇلالىسىگە ئەل بولۇپ، ئۆزىنى قوغۇشار تەڭرىقۇت (بەش شىلوشيوتى تەڭرىقۇت) دەپ ئاتاپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىنى قۇبۇل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ھۇنلار پەيدىنپەي جەنۇپ- شىمالدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتتى.
         شىمالىي ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ تاجاۋۇزچى كۈچلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە داۋاملىق پاراكەندە قىلىشى خەنزۇلار ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك فېئوداللىق جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا باشتىن- ئاخىر زور تەھدىت بولدى. مىلادىيە 73- يىلدىن باشلاپ شەرقىي خەن سۇلالىسى ھۆكۈمىتى زور قوشۇن چىقىرىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى. مىلادىيە 89- يىلى شىمالىي ھۇنلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدا سىنىپىي زىددىيەت تۈپەيلىدىن قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىپ، ئىجتىمائىي كىرىزىس ئىنتايىن چوڭقۇرلاشتى. شۇنىڭ بىلەن، خەن سۇلالىسى سەركەردىلىرى ۋە جەنۇبىي ھۇن تەڭرىقۇتى بىرلەشمە قوشۇنىنىڭ ھۇجۇمى ئاستىدا شىمالىي ھۇنلار چوڭ چۆللۈكنىڭ جەنۇپ- شىمالى ۋە ھازىرقى شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسىمىدا ئارقىمۇ- ئارقا اقتتىق مەغلۇپ بولۇپ، شىمالىي ھۇن تەڭرىقۇتى مىلادىيە 91- يىلى بىر قىسىم ئادەملىرىنى باشلاپ غەربكە كېچىپ كەتتى. ھۇن قۇلدارلىق ھاكىمىيىتى شىمالنىڭ تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىپ چىقتى. چۆللۈكنىڭ شىمالىدا قېلىپ قالغان ھۇنلاردىن 100 نەچچە مىڭ تۈتۈن ئاھالە سىيانپىلارغا قوشۇلۇپ كەتتى.
    مىلادىيە 188- يىلى جەنۇبىي ھۇنلارنىڭ ئىچكى قىىسمىدا قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ، چانچۇ تەڭرىقۇت ئۆلتۈرۈلدى. چانچۇنىڭ ئوغلى يۈفۇلۇ ئۇنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلدى. چانچۇنى ئۆلتۈرگۈچلەر مۇشۇبۇ تۇقىقۇت تەڭرىقۇت قىلدى. يۈفۇلۇ بۇنىڭا قايىل بولماي، شەخسەن ئۆزى خەن سۇلالىسىنىڭ پايتەختى لوياڭغا بېرىپ مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلدى، بۇ دەل خەن لىڭدى ئۆلگەن (مىلادىيە 1-يىلى) ھەم سېرىق ياغلىقلار قوزغىلىڭى پارتلاپ ھەر قايسى جايلاردىكى فېئودال بۆلۈنمىچى كۈچلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باش كۆتىرىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋەزىيتى قالايمىقانلىشىپ خەن سۇلالىسى مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ پارچىلىنىشى تىزلەشكەن ۋاقىت ئىدى. بۇ ئىلگىرلەش ۋە چېكىنىشتىن ئىبارەت ئىككى يول ئالدىدا يۈفۇلۇ قوۋمىنى باشلاپ ۋاقىتلىق ھالدا خېدوڭ ئايمىقىنىڭ پىڭياڭ ناھىيىسىدە (ھازىرقى شەنشىنىڭ لىنفېن شەھىرى) بوز يەر ئېچىشقا مەجبۇر بولدى.
        يۈفۇلۇ مىلادىيە 195-يىلى ئۆلدى. ئۇنىڭ ئىنىسى خۇچۇچان ئۇنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ تەڭرىقۇت بولۇپ، ئاۋالقىدەكلا پىڭياڭ ناھىيىسىدە ئولتۇراقلىشىپ، مىلادىيە 202-يىلى ساۋساۋغا ئەل بولدى.
        ھۇن مىللىتى مىلادىيدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردە (يېغىلىق دەۋرى) چوڭ چۆللۈكنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا باش كۆتۈرگەن ۋاقىتتا، ماددى مەدەنيەت جەھەتتە تۆمۈر قوراللار دەۋرىگە قەدەم قويۇشقا باشلىغان. ئىقتىسادىي تۇرمۇشى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئوۋچىلىق بىلەن دېھقانچىلىقمۇ بەلگىلىك ئورۇننى ئىگىلىگەن. تۆمۈر قوراللار مەدەنىيتى تەمىنلىگەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى قول سانائەتنىمۇ راۋاجلاندۇرغان، قول سانائەتنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى تۆمۈرچىلىك، ئاندىن قالسا مىسكەرلىك، يەنە زەرگەرلىك، ساپالچىلىق قاتارلىقلار بولغان. ھۇنلار خەنزۇلار بىلەن بولغان چىگىرا سودىسىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن، خەنزۇلاردىن باشقا يەنە چياڭلار، ئوغانلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى باشقا مىللەتلەر بىلەنمۇ سودا قىلغان.
        ھۇنلارنىڭ ئىرقى توغرىسىدا دۆلەت ئىچى سىرتىدا تالاش-تارتىش بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۈرك ئىرقى ياكى مۇڭغۇل ئىرقىغا مەنسۇپلۇقى تېخىغىچە بېكىتىلمىدى. نۆۋەتتە بۇ ئىككى خىل كۆز قاراش تېخىغىچە تىركىشىپ تۇرىۋاتىدۇ، لېكىن نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئارخېئولوگىيلىك ماتېرىيالنىڭ ئىسپاتلىشىغا قارىغاندا، تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپ بولۇش ئېھتىمالىقى بىر قەدەر چوڭ.
        ھۇنلارنىڭ تىلى ئومۇمەن ئالتاي تىلى سېستىمىسىغا مەنسۇپ دەپ قارىلىدۇ. لېكىن مۇڭغۇل تىلى ئائىلىسى ياكى تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە تەۋە ئىكەنلىكى تېخىغىچە بېكىتىلمىدى. لېكىن تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە مەنسۇپ دېگۈچىلەر كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
         ھۇنلارنىڭ يېزىقى بولمىغان. ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى بويىچە ئاتىسى ئۆلسە ئۆگەي ئانىسى ئوغلىنى، ئاكىسى ئۆلسە ئۇنىڭ خوتۇنىنى ئىنىسى، ئىنىسى ئۆلسە ئۇنىڭ خوتۇنىنى ئاكىسى خوتۇن قىلغان، شۇڭا ھۇنلاردا بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش ھادىسىسى بىر قەدەر ئومۇملاشقان.
         خەن دەۋرىدە ئىچكىرگە كۆچكەن ھۇنلاردا ۋېي، جىن، جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىش يۈز بەردى. بۇ ۋاقىتتا ئۇلاردىن«توغا» ۋە لوشۈي غۇزلىرى، توبا ھۇنلىرى دەپ ئاتالغان تارماقلار بۆلۈنۈپ چىقىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھازىرقى سەنشى، شەنشى، ئىچكى مۇڭغۇل، گەنسۇ ۋە چىڭخەي قاتارلىق جايلاردا پائالىيەت قىلدى. لېكىن ۋېي، جىن، جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە ھۇنلار يېغىلىق دەۋرى، چىن، خەن دەۋرلىرىدىكىگە ئوخشاش بىر پۈتۈن ھالەتنى بارلىققا كەلتۈرەلمىدى. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەر قايسى تارماقلار (جەنۇبىي ھۇنلار، توغا، لوشۈي غۇزلىرى، توبالار) بىر- بىرىگە تەۋە ئەمەس ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇرۇقداشلىق جامائەسىمى ئاساسەن پارچىلاندى، ياكى يوقالدى. ھۇنلارنىڭ نامى جەنۇبىي- شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىن كېيىن تەدرىجىي يوقىلىشقا باشلىدى. ھۇنلارنىڭ نامىنىڭ تارىخ كىتابلىرىدىن يوقىلىشى دەل ھۇن مىللىتىنىڭ تارىخ سەھنىسىدىن يوقالغانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر.
         ھۇن تارىخى بىر «دۇنياۋى خاراكتېرلىك» ئىلىم بولۇپ، دۇنيادىكى ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىىدە ئۇنى تەتقىق قىلىدىغانلار بار.
         ھۇن تارىخى تەتقىقاتى چەت ئەلدە ئىككى يۈز نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە. بىر قە دەر بالدۇر يېزىلغان مەخسۇس ئەسەر 18- ئەسرىدە فرانسىيىلىك دېگۇيگېنىس ( J . Degiogmes ) يازغان «ھۇنلار، تۈركلەر، مۇڭغۇللار ۋە غەربتىكى تاتارلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى» (ياكى «ھۇنلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دۇر. ① 1917- يىلىدىكى روسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىمى بېرنىشتام يازغان ھۇنلار تارىخىدىن ئومۇمىي مەلۇمات» ② ناملىق ئەسەر ماركىسىزىم – لېنىنىزىملىق كۆز قاراش بويىچە بىر قەدەدر بالدۇر يېزىلغان ئەسەر ھېسابلانسىمۇ، لېكىن بۇ كىتاپقا سوۋېت ئىتتىپاقىدا بېرىلگەن باھا ئانچە يۇقىرى ئەمەس. ھەتتا بەزىلەر «بۇ ئەسەر ئېغىر خاتالىق ۋە ئىلىمگە قارىشى نوقتىئىنەزەرلەر بىلەن تولغان» ③ دەيدۇ. بۇنىڭغا ئاساسلىقى ئاپتورنىڭ ھۇنلارنىڭ ئىككى خەن سۇلالىسىنى پاراكەندە قىلىشى ۋە ياۋروپاغا بېسىپ كىرىشى ئىلغار رول ئوينىغان دېگەنلىكى سەۋەپ بولغان.
         60 –ۋە 70- يىللاردا، سوۋېت ئىتتىپاقىلىق يەنە بىر ئالىم گۇمىلېيۋ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئىككى ئەسىرىنى نەشىر قىلدۇردى. بۇنىڭ بىرى «ھۇنلار – قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيا» ، يەنە بىرى «ھۇنلار – جۇڭگودا – 3- ئەسىردىن 6- ئەسىرگىچە بولغان جۇڭگو ۋە يايلاق مىللەتلىرى ئۇرۇشىنىڭ ئۈچ ئەسىرى» ④ دۇر. ئالدىنقىسىغا يېغىلىق دەرۋرى، چىن، خەن دەۋرىلىرىدىكى ھۇنلار سۆزلەنگەن بولسا، كېيىنكىسىدە ۋېي، جىن، جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىكى ھۇنلار بايان قىلىنغان. بۇ ئىككى ئەسەردە بىرىنچى قول ماتېرىياللار سۈپىتىدىكى خەنزۇچە ماتېرىياللاردىن تولۇق پايدىلانغانلىقتىن، مەزمۇنىنى مەيلى كەڭلىك جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى چوڭقۇرلۇق جەھەتتىن بولسۇن يېتەرلىك دېيىشكە بولىدۇ.
          سوۋېت ئىتتىپاقى ئاخېئولوگى كوزلوۋ باشچىلىق قىلغان تەتقىقات گۇرۇپپىسى موڭغۇلىيەنىڭ بويان تېغىدىكى (ئولانباتۇرنىڭ 70 مىڭ شىمالىدا) ھۇن قەبرىلىرىنى ئاخېئولوگىيىلىك قېزىشقا زور تۆھپە قوشتى. كوزلوۋ يازغان «تاشقى موڭغۇلىيەنى تەكشۈرۈش دوكلاتى» ( نويان تېغىدىكى ھۇن قەبرىلىرىنى قېزىش دوكلاتىنى كۆرسىتىدۇ)⑤ ئىلىم ساھەسىدە بىر مەھەل زىلزىلە قوزغىدى. لېكىن كوزلوۋ دوكلاتىدا قېزىش جەريانىنىڭ پۈتۈن نەتىجىسىنى، بولۇپمۇ قەبرىدىن چىققان قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارلىمىغان. ئۇنىڭدىن كېيىن (1932- يىلى) ئۇنىڭ بىلەن بىللە نويان تېغىدىكى ھۇن قەبرىلىرىنى قېزىشقا قاتناشقان تىرېۋېر لېنىنگىرادتا ئىنگىلىزچە «1924-1925- يىلىدىكى تاشقى موغۇلىيەدىكى قېزىش» دىگەن كىتابىنى نەشىر قىلدۇرۇپ، پەقەت بىر قىسىم قىممەتلىك ھەمدەپنە بۇيۇملارنىڭ قويۇلغان ئورنىنى ئېلان قىلدى. ھەم قەبىلىلەرنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى. بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق مەزمۇننى ئاشكالىمىدى. ياپونىيە ئالىمى مېييۈەن موجى گەرچە نويان تېغىدىكى قېزىشقا قاتناشىغان بولسىمۇ، لېكىن نويان تېغىدىكى ھۇن قەبىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى توپلاپ سۈرەتكە تارتىپ، «موڭغۇلىيەنىڭ بويان تېغىدىن بايقالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» دىگەن كىتابنى تۈزۈپ، 1960- يىلى توكيودا ياپۇنچە نەشر قىلدۇردى.
          موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئارخېئولوگلىرىمۇ ھۇن ئارخېئولوگيىسى جەھەتتە كۆرىنەرلىك نەتىجە ياراتتى. 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن دۆلىتىمىز ئىچى- سىرتىدىكى ئالىملار ھۇنلارنى تەنقىت قىلىشقا پەقەت يازما ماتېرىياللارغىلا تايىناتتى. لېكىن 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جەنۇبىي سىبىرىيە رايۇندىكى ھۇن قەبىلىرى بەزى ئالىملارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. 1924- يىلى كوزلوۋ قاتارلى كىشلەر نويان تېغىدىكى ھۇن قەبرىلىرىنى قازغاندىن كېيىن، موڭغۇلىيە ئالىملىرىدىن س . دورجى سورۇڭ ۋە خ . پەرلە قاتارلىق نويان تېغى ۋە موڭغۇلىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھۇن قەبرىلىرى، ھۇن خارابىلىرىنى كۆپ قېتىم قازدى ۋە قېزىشنى داۋاملاشتۇردى. س. دورجى سورۇڭ 1961- يىلى ئۇلانباتۇردا نەزىر قىلدرۇغان «شىمالىي ھۇنلار» (يېڭى مۇڭغۇل يېزىقىدا) دېگەن كىتابتا سوۋېت ئىتتىپاقى، موڭغۇلىيە ئىككى دۆلەتنىڭ مۇشۇ ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىنىڭ باشلىرىدا 50- يىللىرىنىڭ ئاخىرىغىچە جەنۇبىي سىبىرىيە ۋە موڭغۇلىيە تېرروتورىيىسىدىكى يۈزدىن ئارتۇق ھۇن قەبرىسىنى قېزىش ئەھۋالىنى ۋە چىققان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى. خ . پەرلە 1957- يىلى ئۇلانباتۇردا نەشىر قىلدرۇغان «ھۇنلارنىڭ ئۈچ شەھىرىنىڭ خارابىسىنىڭ» ۋە «ھۇنلارنىڭ ئىبادەتخانىسى» دېگەن ئىككى كىتابىدا بولسا ھۇنلارنىڭ شەھەر- قەلئەلىرى ۋە ئىبادەتخانىلىرىنىڭ خارابىلىرىنى تونۇشتۇردى.
          كاپىتالىستىك دۆلەتلەر ئالىملىرىدىن ئەنگىلىيىلىك پاركېر ( E. H. ParKer) 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلغان «ھۇن تارىخى» ⑥ دېگەن ئەسەر ئېلىمىزنىڭ يۈەن سۇلالىسىنىڭ دەۋرىدىكى ما دۇەنلىن يازغان «يازما ھۆججەتلەر ھەققىدە ئومۇمىي تەھسىل. تۆت ئەۋلات ھەققىدە قىسسە» گە ئاساسن تۈزۈلگەن بولۇپ، چالا يەرلىرى ئىنتايىن كۆپ. شۇڭا، بۇ ئەسەرنىڭ مەيلى تارىخشۇناسلىق جەھەتتە بولسۇن ياكى تارىخىي ماتېرىللار جەھەتتىن بولسۇن ئانچە قىممىتى يوق
           ئامېركا ئالىمى مېكگوۋرىن (W.M. M. cGowern) 1939- يىلى ئېلان قىلىنغان «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمقى دۆلەتلەر تارىخى» ⑦ دېگەن ئەسەر دۆلىتىمىز ئوقۇرمەنلىرىگە نىسبەتەن زور ئەمىيەتكە ئىگە . چۈنكى، كىتابنىڭ كۆپ قىسىم مەزمۇنىدا ھۇنلارنىڭ ياۋروپاغا كۆچۈش جەريانى ۋە ياۋورپادىكى كېيىنكى پائالىيەتلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇلار جۇڭگو تارىخ كىتاپلىرىدا خاتىرلەنمىگەن. ھۇنلارنىڭ مىلادىيە 91- يىلى چۆللۈكنىڭ شىمالىنىڭ تارىخ سەھنىسىدىن چېكىپ چىققاندىن تارتىپ تاكى مىلادىيە 371- يىلى دون دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى ئالان دۆلىتىنى يۇقىتىپ، تۇنجى قېتىم دون دەرياسى قىرغاقلىرىدا پەيدا بولۇشىغا بولغان تەخمىنەن ئىككى يۈز يىللىق ئىش- ئىزلىرى دۇنيادىكى تارىخىي ئەسەرلەرنىڭ ھىچقايسىسىغا خاتىرلەنمىگەن. شۇڭا، مېكگوۋرىننىڭمۇ ھۇنلارنىڭ بۇ مەزگىلدىكى تارىخنى ئېنىق بايان قىلىپ بېرەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئەمما مىلادىيە 374- يلىدىن باشلاپ ھۇنلارنىڭ داۋاملىق غەربكە ئىلگىرلەپ، گوتلارنى تېخىمۇ غەربكە قېچىشقا مەجبۇر قىلدى. بۇ ياۋروپادىكى مىللەتلەرنىڭ چوڭ كۆچۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، 5- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ياۋروپا ھۇن ئىمپېريىسى قۇرۇلۇشى «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەتلەر تارىخى» دا ناھايتى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. ھۇنلارنىڭ غەربكە كۆچۈشتىن ئىلگىرى ئېلىمىزنىڭ چوڭ چۆللۈكنىڭ جەنۇپ- شىمالىدىكى پائالىيەتلىرىگە كەلگەندە، كىتابتا كۆپىنچە ئېلىمىزنىڭ «رەسمىي تارىخ» لىرىدىن پايدىلىنىدىغان، بۇ بۆلەك چەت ئەل ئوقۇرمەنلىرىگە نىسبەتەن بەلگىلىك ئىگە. لېكىن ئېلىمىز ئوقۇرمەنلىرىگە نىسبەتەن ئانچە ئەھمىيىتى يوق. شۇڭا، جڭ جۈن ئەپەندىنىڭ كىتابىنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا مۇشۇ قىسىمنى قىسقارتىۋېشنى مەقسەت قىلغان.
    ياپونىيە ئالىمى نېيتىيەن جىنفېڭ 1975- يىلى توكيودا نەشىر قىلدۇرغان «شىمالىي ئاسىيا تەتقىقاتى. ھۇنلار» بىر ماقالىلەر توپلىمى بولۇپ، كىتابتا ھۇنلارنىڭ ئېتىنىڭ مەنبەسى، تۈزۈمى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، غەربكە كۆچۈشى ۋە ئىرقىي تىپى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بايان قىلنغان. جەنۇبىي ھۇنلارغىمۇ مەخسۇس باپ ئاجىرتىلغان.
        ئاۋسترىيىلىك ئالىم مائېنچېن خېلفېن (Qtto.J. Maenchen HeLJen) يازغان «ھۇنلار دۇنياسى»⑧ ۋە گېرمانيىلىك ئالىم فىرانىز ئالچېئىم (Franz Altheim)نىڭ باش مۇھەرىرلىكىدە ئون نەچچە ئالىم بىرلىكتە تۈزگەن بەش توملۇق «ھۇن تارىخى»⑨ 70-يىللاردىكى (ھەم يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيانقى) ھۇن تارىخىغا ئائىت زور ھەجىمدىكى بۈيۈك ئەسەرلەردۇر. ئالدىنقىسى 600 نەچچە بەت، كېيىنكىسى 2000 بەتكە يېقىن، ئىككىلا كىتابنىڭ مەزمۇنى ناھايىتى كەڭ دائىرلىك. ئالدىنقىسىدا ھۇنلارنىڭ ئىرقى، ئىگلىكى، جەمئىيىتى، تارىخى، تىلى، مەدەنىيىتى، دىنى ئېتىقادى، ئۇرۇشلىرى، سودىسى ۋە بايلقلىرى سۆزلەنگەن بولسا، كېيىنكىسىنىڭ 1-تومىدا ھۇنلارنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە ياۋروپاغا بېسىپ كىرىشى، 2-تومىدا ئىراندىكى ئېفتالتلار(ئاق ھۇنلار)، 3-تومىدا ھۇنلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئۇرۇشلىرى، 4-تومىدا ياۋروپادىكى ھۇنلار، 5-تومىدا ھۇنلارنىڭ يىمىرىلىشى ۋە قوغلاپ چىقىرىلىشى بايان قىلىنغان. بۇ ئىككى كىتابتا ئاساسلىقى غەربكە كۆچكەن ھۇنلار سۆزلەنگەن بولۇپ، غەربكە كۆچكەن ھۇنلار تارىخىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.
         ئېلىمىزدە ھۇن تارىخى تەتقىقاتى بىر قەدەر كېيىن باشلانغان مىنگونىڭ تۇنجى يىلىدىن 1983-يىلى كۈزگىچە خەنزۇچە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ھۇن تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەر تەخمىنەن 160 پارچە، بۇنىڭ ئىچىدە 1949-يىلى پۈتۈن مەملىكەت ئازاد بولغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنغانلىرى يۈز پارچىگە يېقىن. تەتقىق قىلىنغان مەسىللەر ئازاتلىقتىن ئىلگىرى ئاساسەن: (1)ھۇنلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ۋە مىللەت تەركىبى؛ (2)خەنزۇلار بىلەن ھۇنلارنىڭ مۇناسىۋىتى؛ (3)ھۇنلارنىڭ ياۋروپاغا كۆچۈشى ۋە ئۇلانىڭ ۋېنگىرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئازاتلىقتىن كېيىن ئاساسلىقى؛ (4)ھۇنلار جەمئىيىتىنىڭ خاراكتىرى ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈمى؛ (5)خەنزۇلار بىلەن ھۇنلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە دائىر يېڭى مۇھاكىمىلەر؛ (6)ھۇنلار جۇغراپىيىسى ۋە ھۇنلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى؛ (7)چەتئەل ئالىملىرىنىڭ ھۇن تەتقىقاتىدىكى نەتىجىلىرىنى تەرجىمە قىلىش ۋە تونۇشتۇرۇش؛ (8)ھۇنلارنىڭ ئارخېئولوگىيسى قاتارلىقلار بولغان.
         ھۇن تارىخى توغرىسىدىكى مەخسۇس ئەسەرلەر ئازادلىقتىن ئىلگىرى كۆرۈلمىگەن ئىدى. ئازادلىقتىن كېيىنمۇ ئانچە كۆپ بولمىدى. ماچاڭشۇ ئەپەندى يازغان «شىمالىي دىلار ۋە ھۇنلار» ⑩ دېگەن كىتابنىڭ چېتىلىش دارئىرىسى گەرچە كەڭ بولمىسىمۇ، لېكىن ھەجىمى ئىنتايىن تار. مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش دەرىجىسىمۇ ئانچە چوڭقۇر بولمىغان. پۈتۈن كىتابنىڭ ھۇنلارغا ئائىت قىسىمىنى تەخمىنەن يۈز مىڭ خەت ئەتىراپىدا بولسىمۇ، ھۇنلارنىڭ ئىرقى، تىلى، مەدەنىيىتى ۋە ئىجتىمائىي ئىلگىركى توغرىسىدىكى بايانلار 30 مىڭ خەتكىمۇ يەتمىگەن. ھۇنلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ 15 مىڭ خەت ئۆپچۆرىسىدە بولغان. ئەكسىچە ھۇنلار بىلەن ئىرقى مۇناسىۋىتى بولمىغان جى غۇزلىرىغا 30 مىڭ خەتلىك سەھپە ئاجىرىتىلغان. نەقىل كەلتۈرۈلگەن ھۇن ئارخېئولوگىيىسىگە ئائىت ماتېرىياللارمۇ كونا ماتېرىياللار بولغانلىتقىن، كىتابتىكى نۇرغۇن نوقسانلارغا نىسبەتەن پايدىسىز تەسىر پەيدا قىلغان. شۇنداق بولسىمۇ، بۇ كىتابنىڭ ئەھمىيىتىنى تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ. چۈنكى ئاپتور ئازادلىقتىن كېيىن تۇنجى بولۇپ ماركىسىزىملىق، لېنىنزىملىق نۇقتىئىنەزەر بويىچە ھۇن تارىخىنى تەتقىق قىلغان ئالىم (ماچاڭشۇ ئەپەندى 1954- يىلدىن باشلاپلا ماركىسىزىملىق ئىدىيە بويىچە ھۇن تارىخنى تەتقىق قىلىپ ماقالىلەرنى ئېلان قىلىشقا باشلىغان). شۇنداقلا «شىمالىي دىلار ۋە ھۇنلار» دېگەن ئەسەر ئازادلىقتىن كېيىن كونكىرىت ۋە مەخسۇس يېزىلغان ئەسەر. شۇڭا، بۇ كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىشى ئېلىمىز تارىخشۇناسلىق ساھەسىدىكى خادىملارنىڭ ماركىسىزىمدىن پايدىلىنىپ ھۇن تارىخىنى تەتقىق قىلىشى ۋە ئەسەر يېزىشىنى ئۈلگە بىلەن تەمىنلىگەن.
        ھۇن تارىخى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش مەيلى ئىلمىي جەھەتتىن بولسۇن، ۋە ياكى سىياسىي جەھەتتىن بولسۇن زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
        بىرىنچىدىن، ھۇنلار ئېلىمىز ئىگىلىكىنىڭ قەدىمكى كۆپ مىللەتلىك دۆلىتىنىڭ بىر ئەزاسى. ئۇلارنىڭ تارىخى ۋەتىنىمىز تارىخىنىڭ بىر قىسىمى. ئۇلار ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەنزۇلار بىلەن كۆپ ئالاقە قىلغان ھەم خەنزۇلارنىڭ ئىلغار فېئوداللىق ئىقتىساد، مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. شۇنداقلا، ئۇلارنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيىتىمۇ خەنزۇلارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىي پائالىيىتى ۋەتىنىمىزنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقان. بولۇپمۇ چوڭ چۆللۈكنىڭ جەنۇپ- شىمالىنى ئېچىش، چوڭ چۆللۈكتىكى تارقاق، قالاق ئۇرۇق ۋە قەبىلىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، كېيىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ چوڭ چۆللۈكنىڭ جەنۇپ- شىمالىينى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئۈچۈن ئاساس سېلىش جەھەتتە تۆھپىسى زور بولغان مىلادىيە 1- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا قوغۇشار تەڭرىقۇت جىنخۇشاننىڭ تارىخ سەھنىسىگە قەدەم قويۇپ، خەنزۇلار بىلەن دوستلىشىش، ھەمكارلىشىش سىياسىتىنى قوللىنىشى چوڭ چۆللۈكنىڭ جەنۇپ- شىمالى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكنى قۇبۇل قىلىشنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، بۇ كېيىنكى تۈرك مىللىتىنىڭ چوڭ چۆللۈكنىڭ جەنۇپ- شىمالىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەم شىمالى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ بىرلىككە كېلىشىنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىشىگە، كېيىن موڭغۇل مىللىتىنىڭ پۈتۈن جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرۈشىگە بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا يول ئاچقان ۋە ئۈلگە بولغان. بۇنىڭدىن باشقا، ھۇن تارىخىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش جۇڭگۇا مىللەتلىرى ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىق روھى ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق. مىلادىيە 1- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى ۋاڭ جاۋجۈننىڭ ھۇنلارغا ياتلىق قىلىنىشى خەنزۇلار ۋە ھۇنلار ئىككى مىللەتنىڭ ئىتتپاقلىقى ۋە دوستلىقىنىڭ ئۈلگىلىك مىسالى.
         ئىككىنچىدىن، ھۇنلار ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ داڭق چىقىرىپ تارىخ سەھپىسىدىن ئورۇن ئالغان مىللەت. ئۇلار ئۇزۇن ۋاقىتقىچە پائالىيەت ئېلىپ بارالىشى ھەم جۇڭگو تارىخىدا، مۇھىم رول ئوينىيالىشى، ھەتتا دۇنيا تارىخىنىڭ بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتەلىشى، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىكىنىڭ راۋاجىلانغانلىقى، باش كۆتۈرگەن ھالدا ئاللىقاچان تۆمۈر قوراللار مەدەنىيىتى دەۋرىگە كىرىپ بولغانلىقى، ئۆزگىچە مىللىي ئالاھىدىلىكى ۋە ئىجتىمائىي ئالاھىدىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەسلەن جەمئىيەت تۈزۈلمىسىدە ئىشلەپچىقىرىش تەشكىلىي بىلەن ھەربىي تەشكىل بىرلەشتۈرۈلگەن. ئۇلارنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى ئۇلارنىڭ ئىچكى قسىمىنى ئىنتايىن زىچ بىرلەشتۈرگەن. باشقا ئامىللار قوشۇلۇپ، ئۇلارنىڭ جەڭگىۋارلىق كۈچى ئىنتايىن كۈچەيگەن ۋە «ئات ئۈستىدە ئولتۇرۇپ دۆلەت قۇرالىغان». گەرچە ئۇلارنىڭ قۇللۇق تۈزۈمى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان بولسىمۇ (قەدىمكى يۇنان، رىمنىڭ قۇللۇق تۈزۈمىدەك ئۇنداق بەك تەرەققىي قىلمىغان بولسىمۇ) ۋە كۆچمەن چارۋىچىلىق ئىگىلىكىنىڭ تارقاقلىقى ۋە ئاجىزلىقى سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ تۇيۇقسىز گۈللىنىپ، تۇيۇقسىز گۇمران بولۇشىغا سەۋەپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ نەچچە يۈز يىل ساقلىنىپ قېلىشى، يەنە كېلىپ شەرق، غەرپ، جەنۇپ، شىمالدا نەچچە مىڭ چاقىرىمدىن، نەچچە مىڭ چاقىرىمغىچە يەرلەرنى كونتىرول قىلالىشى، ئۇلارنىڭ مۇستەقىل قۇدرەت تېپىش يولىدا ماڭغانلىقىدىن بولۇپ، ھەرگىزمۇ تاساددىپىيلىق ئەمەس. ھۇن مىللىتىنىڭ بۇ خىل ئىچكى تۈزۈلۈشى – مىللەتنىڭ ئىچكى تۈزۈلىشى ئىگە بولغان ئالاھىدىلىك ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىچكى تۈزۈلىشى ۋە سىنىپىي مۇناسىۋەتنىڭ بۇ خىل ئىچكى تۈزۈملىدىكى رولىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش پەقەت ھۇن مىللىتىنىڭ مىللىي قىياپىتى ۋە جەمئىيەت ھالىتى ھەم سىياسىي جەھەتتىكى گۈللىنىش، گۇمران بولۇشنىڭ سەۋەبىنى ئېچىپ بېرىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كېيىن باش كۆتۈرۈپ چىققان شىمالدىكى مىللەتلەر، مەسلەن، ئوغان، سىيانپى، جورجان، تۈرك، ئۇيغۇر، قىتان، موڭغۇل قاتارلىق چۈشىنىش ۋە تەتقىق قىلىشقىمۇ پايدىلىق. شىمالدا باغ كۆتۈرۈپ چىققان بۇ مىللەتلەرنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق ئىگىلىك ، ئىشلەپچىقىرىش تەشكىلى ھەربىي تەشكىلىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى ۋە بش كۆتۈرگەن ۋاقىتتا ئاساسەن ئىپتىدائىي ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىدىن قۇللۇق جەمئىيەتكە ئۆتۈش ئارلىقىدا تۇرۇشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھۇنلار بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ھۇنلارنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرى شىمالىدا كېيىن باش كۆتەرگەن. ھەر قايسى تەركىبىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە كېيىنكى مىللەتنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى كەسكىن پارچىلىنىش دېگەندەك ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەنزۇلارنىڭ ئىلغار فېئوداللىق ئىگىلىك مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچراش ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى، ئىقتىسادىي تۇرمۇشى، مەدەنىيەت ساپاسى، راۋاجىلىنىشى ۋە بۆلۈنۈشى، خەنزۇلار ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەركىزىي ھاكىمىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئازدۇر- كۆپتۇر ئۆزگىرىش ياسىغان. گەرچە شىمالدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر تۇرىۋاتقان تارىخىي مۇھىتى ۋە شەرت- شارائىتى ئوخشاشمايدىغان بولسىمۇ، رۋاجالىنىش جەريانىدا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرنى شىكىللەندۈرۈپ، كۆپ خىل تارىخىي ھالەتنى ئىپادىلىگەن بولىسمۇ، لېكىن ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيقاندا ھۇنلارنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا بارلىققا كەلگەن ھەر خىل تارىخىي ھادىسىلەر نۇرغۇن تەرەپلەردىن كېيىن، شىمالدا باش كۆتەرگەن ھەر قايسى مىللەتلەرنى چۈشىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا غايەت زور پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە. شۇڭا، ھۇن تارىخىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشنىڭ شىمالدىكى بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر تارىخىدىكى زور مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئەينەك ياكى ئاچقۇچ بولالىشى شۆھبىسىزدۇر.
    ئۈچىنچىدىن، ئىچكى مۇڭغۇل رايۇنىدا ھۇن تارىخىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش تېخىمۇ زور رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى، ھۇنلار ئىلگىرى پائالىيەت ئېلىپ بارغان رايۇنلاردىن چوڭ چۆللۈكنىڭ جەنۇبى ھازىرقى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايۇنىغا، جۈملىدىن ئېلىمىزگە تەۋە بولۇپلا قالماي، چوڭ چۆللۈكنىڭ شىمالىدىمۇ 1921- يىلى 7- ئايدا موڭغۇلىيە مۇستەقىللىق جاكارلاشتىن ئىلگىرى ئېلىمىزگە تەۋە ئىدى. ئىلگىرى تاشقى موڭغۇلىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان مىللەتلەرنىڭ تارىخىمۇ ۋەتىنىمىز تارىخىنىڭ بىر قىسىمى ئىدى. ⑾. شۇڭا،ئىچكى موڭغۇل رايۇنىنىڭ تارىخىنى ۋە مىللەتلەرنىڭ تارىخخنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش، بەلكى يەنە ئىچكى موڭغۇل ۋە 1921- يىلى 7- ئايدىن ئىلگىرىكى تاشقى موڭغۇلنىڭ چېگرا رايۇن تارىخ- جۇغراپىيىسىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتىمۇ ھۇنلارنىڭ ئىزىنى ئىزدىمەي بولمايدۇ. مەسلەن، يېغىلىق دەۋرى ۋە چىن- خەن سۇلالىسىنىڭ دەۋرىدە ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى مىللەتلەر ئەڭ شىمالدا قايسى يەرگىچە پائالىيەت ئېلىپ بارغان؟ بۇنى بىلىش ئۈچۈن ھۇنلارنىڭ شىمالىدىكى چېگرىسىنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاشقا توغرا كېلىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاققى ۋە موڭغۇلىيە ئارخېئولوگلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بۇريات ئىتتىپاقداش ئاپتونون رايۇن جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى ئۇلانئودونىڭ ئىۋولگا بازىرىدىكى خارابىنى ھۇنلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ شىمالدىكى قەلئەسى دەپ بېكىتىلگەنلىكىگە ئاساسەن، بىز ئەينى ۋاقىتتىكى ھۇنلارنىڭ پائالىيەت دائىرىسىنىڭ ئەڭ شىمالىدا مۇشۇ يەرگىچە يەتكەنلىكىنى پەرەز قىلالايمىز (بۇ يەر ھازىر بايقال كۆلىنىڭ شەرق تەرىپىنىڭ سەل جەنۇبىدا). ئەگەر ھۇنلارنىڭ شىمالىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلغان دىڭلىڭلارنىڭ ئىزىنى سۈرۈشتۈرسەك، ئۇ ھالدا ئەينى ۋاقىتتىكى ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى مىللەتلەرنىڭ پائالىيەت دائىرىسى ئەڭ شىمالدا ھازىرقى بايقال مىللەتلەرنىڭ پائالىيەت دائىرىسى ئەك شىمالدا ھازىرقى بايقال كۆلىنىڭمۇ شىمالىدا بولىدۇ ⑿. يەنە موڭغۇل تارىخىدىكى بىر قىسىم تېخى ھەل قىلىنمىغان مۇھىم مەسىلىلەرمۇ ھۇن تارىخىدىكى مەسىلىلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مەسلەن، موڭغۇللارنىڭ ئېتىنىڭ مەنبەسى مەسىلىسىدە نۆۋەتتە دۆلىتىمىز ئىچى- سىرتىدىكى ئالىملار ئىچىدە ئومۇمەن ھۇن، تۈرك ۋە توڭگۇس دەيدىغان ئۈچ خىل قاراش مەۋجۇت. شۇڭا، ھۇنلار موڭغۇللارنىڭ ئېتىنىك مەنبەسى بولۇش- بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر ھۇن تارىخنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا پايدىسى بار. يەنە مەسلەن، موڭغۇل تىلىدىكى ھۇن تىلىنىڭ تەركىبىلىرى ۋە تۈرك تىلىنىڭ تەركىبلىرى مەسىلىسىمۇ ھۇن تىلىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشنىڭ تەقەزا قىلىدۇ. شۇڭا، ھۇن تارىخىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش مۇڭغۇل تارىخىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش بىلەن ئۆز- ئارا مۇناسىۋەتلىك.
          تۆتىنچىدىن، ھۇن تارىخى (تۈرك تارىخى، موڭغۇل تارىخى قاتارلىق شىمالدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى) بىر «دۇنياۋى خاراكتېرلىك) ئىلىم بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ دۆلىتىمىزدە فېئوداللىق نۇقتىئىنەزەرلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندىن سىرت، يەنە چەت ئەل بۇرژۇئازىيە، جاھانگىرلىك ۋە زومىگەرلىكنىڭ خىلمۇ- خىل ئەكسىيەتچى نۇقتىئىنەزەرلىرىنىڭ تۆھمەت قىلىشىغا ئاغدۇرمىچىلىق قىلىشىغا ۋە بۇرمىلىشىغا ئۇچرىغان. بولۇپمۇ ھۇنلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇرمىلاندى. شۇڭا، ھازىر ماركىسىزىم- لېنىنزىم ۋە ماۋزېدوڭ ئىدىيىسىنى قورال قىلىپ، تارىخشۇناسلىق ساھەسىدىكى بۇ نوقسانلارنى تۈزەش، ھۇنلارنىڭ تارىخىنى ئەسلى قىياپىتى بويىچە يۇرۇتۇپ بېرىش دۆلىتىمىز تارىخچىلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى. ھۇن تارىخىدىن ئىبارەت بۇ ئىلمىي ساھە ماركىسىزىم بىلەن باشقا ئىدىيىلەرنىڭ كۈرىشىدىكى بىر جەڭ مەيدانىدۇر.
        ھۇن تارىخىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ!
        مەن «ھۇنلارنىڭ ئومۇمىي تارىخ» دېگەن بۇ ئەسىرىمدە ماركىسىزىم- لېىنىنزىم ۋە ماۋزېدوڭ ئىدىيىسىنىڭ ئىلمىي نۇقتىئىنەزەرلىرى ۋە ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو تارىخ سەھنىسىدە تەخمىنەن 500 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ھۇن مىللىتىنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشى، جەمئىيەت تۈزۈلمىسى، سىياسىي تەشكىلى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ- ئادىتى، گۈللىنىشى ۋە خارابىلىشىشى، سىياسىي ئۆزگىرىشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھەر قايسى مىللەتلەر، بولۇپمۇ خەنزۇ مىللىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىر قەدەر ئەتىراپلىق ھەم سىستېمىلىق بايان قىلىپ، ھۇن مىللىتىنىڭ تارىخىي قىياپىتىنىڭ بىر ئومۇمىي كۆرۈنۈشىنى سۈرەتلەپ باقتىم. بۇ ئومۇمىي تارىخ «ھۇنلار تارىخى» دېگەن قاملاشمىغان ئەسىرىم ⒀ ئاساسىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە تولۇقلاش ئارقىلىق پۈتۈن چىقتى. مەسىلىلەرنى تېخىمۇ كەڭ ۋە ئەتىراپلىق بايان قىلىش ئۈچۈن بۇ قېتىم ئەسەرنىڭ ھەجىمىنى تەخمىنەن بىر ھەسسە كۆپەيتتىم.
         ھۇن تارىخى مەخسۇس تارىخ بولغانلىقتىن، كەسپ ئەھلى بولمىغان كىتابخانلارنىڭ ئوقۇشىغا قۇلايلىق بولۇشى ئۈچۈن، مەزمۇن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، ئاممىباپلاشتۇرۇلۇپ، ھۇن تارىخىغا ئائىت بىلىملەر ئۇدۇل تونۇشتۇرۇلۇپ، چۇۋالچاق دەلىللەشتىن ساقلىنىلدى. دۆلەت ئىچى- سىرىتىدىكى تېخى تالاش- تارتىشتا تۇرغان مەسىلىلەردە مۇھاكىمە قىلىپ ئېنىقلاشقا تېگىشلىكلىرىنىدىن باشقىلىرى ئارىلاشتۇرۇلمىدى. نەقىل كەلتۈرۈلگەن قەدىمكى ھۆججەتلەر ئورتاق تىل بويىچە تەرجىمە قىلىندى ۋە چۈشەندۈرۈلدى. نەزىرىيىۋى ئاساسلارغىمۇ بىر- بىرلەپ ئىزاھ بېرىلدى. قەدىمكى يەر ناملىرىغا ھازىرقى يەر نامى چۈشۈپ ئىزاھلاندى. ھۇنلارنىڭ مەخسۇس ئاتالغۇلىرىنىڭ قەدىمكى ئاھاڭى ۋە مەنسىمۇ بىرمۇ بىر ئىزاھلىنىپ، كىتابخانلارنىڭ چۈشىنىشىگە ئاسانلىق يارىتىلدى.
         ھۇن تارىخىنىڭ مەزمۇنى مۇرەككەپ، شۇنداقلا، نۆۋەتتە دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ئىلىم ساھەسىدە ماركىسىزىم- لېنىنزىمدىن پايدىلىنىپ يېزىلغان ۋە نەشىر قىلىنغان مەخسۇس ئەسەرلەرمۇ كۆپ ئەمەس. ھۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن مەسىلىلەر بىر تەرەپ قىلىنمايلا قالماستىن، ھەتتا تەتقىق قىلىنمىدى ياكى ئىزدىندىش ئۈستىدە تۇرىۋاتىدۇ. شۇڭا، بۇنداق مەخسۇس تارىخ يېزىش بىر قەدەر قىيىن. يەنە كېلىپ سىياسىي سەۋىيەم ۋە كەسپى سەۋىيەمنىڭ چەكلىكى تۈپەيلىدىن خاتالىقتىن ساقلىنىشىم تەس. شۇڭا كېيىنكى تۈزىتىشىم ئۈچۈن كىتابخانلارنىڭ تەنقىد پىكىرلىرىنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    بۇ كىتابتا يولداش ليۇ چاۋۋېي بېغىشلىما يېزىپ بەردى. بۇ يەردە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.
    لىن گەن
    1983- يىلى ئىچكى موڭغۇل داشوسىدە يېزىلدى
       ئىزاھلار:
    ① 1756 ~ 1758- يىللاردا پارىژدا نەشىر قىلىنغان. جەمئىي بەش قىسىم بولۇپ، ئەسلى ئەسەر فرانسۇزچە.
    ②1961- يىلى لېنىنگرادتا نەشىر قىلىنغان. ئەسلى ئەسەر رۇسچە.
    ③ئا. خ . رافىكوۋ: «ھۇن تارىخىدىن ئومۇمىي مەلۇماتقا باھا»، 1952- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «تارىخ مەسىلىلىرى» ژورنىلىنىڭ 5- سانىغا بېسىلغان.
    ④بىرىنچىسى 1960- يىلى موسكۋادا، ئىككىنچىسى 1974- يىلى موسكۋادا نەشىر قىلىنغان. ئىككىلىسى رۇسچە.
    ⑤1925- يىلى لېنىنگرادتا نەشىر قىلىنغان، رۇسچە.
    ⑥ئىنگىلىزچە. بۇ كىتابنىڭ شىياڭدا تەرجىمە قىلغان خەنزۇچە نۇسخىسى 1934- يىلى شاڭخەي شڭۋۇ كىتابخانىسى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.
    ⑦ئىنگىلىزچە. بۇ كىتابنىڭ جاڭ جۈەن تەرجىمە قىلغان خەنزۇچە نۇسخىسى 1958- يىلى جۇڭخۇا كىتاب ئىدارىسى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان.
    ⑧ئىنگىلىزچە. 1973- يىلى لوندۇندا نەشىر قىلىنغان.
    ⑨نېمىسچە. 1962- ~ 1975- يىللاردا بېلىندا نەشىر قىلىنغان.
    ⑩1960- يىلى سەنليەن كىتابخانىسىدا نەشىر قىلىنغان.
    ⑾دۇنيا بىلىملىرى نەشىرياتى 1979- يىلى نەشىر قىلغان «ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى» دېگەن كىتابنىڭ موڭغۇلىيە قىسىمىدا «جۇڭگونىڭ تەركىبىي قىسىمى بولغان تاشقى موڭغۇلىيە 1911- يىلى چارروسىيەنىڭ پىلانلىشى ئارقىسىدا ‹مۇختارىيات› جاكارلاپ، 1921- يىلى 7- ئاينىڭ 11- كۈنى مۇستەقىل بولغانلىقىنى ۋە پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق ھۆكۈمەت قۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. 1924- يىلى 5- ئايدا جۇڭگو- سوۋېت ‹جۇڭگو- روسىيە قېلىپ قالغان چوڭ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش كېلىشىمى› دە ‹سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ جۇڭخۇا مىنگونىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە بۇ زېمىنغا جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىنى ھۆرمەت قىلىدۇ› دەپ بەلگىلەندى. 1924- يىلى 11- ئاينىڭ 26- كۈنى پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم بىكار قىلىنىپ، موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.