ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-10-22

    ھۇنلارنىڭ ئومۇمى تارىخىنىڭ داۋامى - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/80309819.html

        ھۇنلاردىكى بارلىق قۇللارنىڭ سانىنى توغرا كۆرسىتىپ بەرگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ سانىنى نەچە يۈزمىڭدىن كەم ئەمەس، دەپ مۆلچەرلەشكە بولىدۇ. ئۇنداقتا بۇ سان ھۇنلارنىڭ ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ قانچىلىك نىسبىتىنى ئىگەللەيدۇ؟
        ھۇنلارنىڭ ئاھالىسى توغرىسىدا تارىخىي ئەسەرلەردە ئېنىق مەلۇمقات يوق. لېكىن پارچە- پۇرات ماتېرىياللاردىن يەنىلا تەخمىنەن مۆلچەرلەپ چىققىلى بولىدۇ.
        «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە، باتۇر تەڭرىقۇت دەۋرىدە ھۇن چەۋەندازلىرىنىڭ سانى 300 مىڭدن ئارتۇق ئىدى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 200- يىلىدىكى پىڭچېڭ قورشاۋىدا خەن گاۋدى ليۇباڭنى 400- مىڭ كىشلىق ئاتلىق قوشۇن بىلەن مۇھاسىرىگە ئالغان. ھۇنلارنىڭ «بالىلىرى ئوقيا ئاتقۇدەك بولغان چاغدىلا ئاتلىق ئەسكەر بولاتتى» دەپ خاتىرلەنگەن. ۋېندى دەۋرىدە ئۆتكەن جيايىنىڭ ھۇنلاردىن «ھەر بەش ئادەمنىڭ بىرى ئەسكەر بولاتتى»⑿ دېگەنگە ئاساسالانغاندا، ھۇنلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى نوپۇسى تەخمىنەن ئىككى مىليۇن بولغان بولسا كېرەك. كېيىن ۋۇدى دەۋرىدە ئۇدا نەچچە ئون يىل خەن سۇلالىسىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچراپ ئەسكەر ۋە خەلقلەر كۆپلەپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى (تەبىي كۆپەيگەن نوپۇس ئۆلگەنلەر سانىنى تولۇقلىيالمىغان بولۇشى مۇمكىن) ، يەنە نۇرغۇنلىغان كىشلەرنىڭ جەنۇپقا كېلىپ ئەل بولغانلىقى⒀ تۈپەيلىدىن، بۇ مەزگىلدىكى نوپۇس باتۇر تەڭرىقۇت دەۋرىدىكىگە قارىغاندا خېلىلا ئازلىغان بولۇشن مۇمكىن.
        «كېيىنكى خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 71- يىلى (شۈەندىنىڭ بېنشى 3- يىلى) ھۇنلار خەن سۇلالىسى بىلەن ئۇيسۇنلارنىڭ بىرلەشمە قوشۇنىنىڭ ھۇجۇىغا ئۇچراپ 39 مىڭدن ئارتۇق ئادىمى ئەسىرگە چۈشكەن؛ شۇ يىلى قىشتا تەڭرىقۇت ئۇيسۇنلارغا جازا يۈرۈشى قىلىپ قايتىپ كېلىش سەپىرىدە قار ئاپىتىگە ئۇچراپ نەچچە تۈمەن ئادىمى توڭلاپ ئۆلگەن. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي دىڭلىڭ، ئوغان ۋە ئۇيسۇنلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ھۇجۇم قىلىپ نەچچە تۈمەن ئادەمنى ئۆلتۈرۋەتكەن؛ يەنە تەبئىي ئاپەت تۈپەيلىدىن خەلقنىڭ ئوندىن ئۈچ قىسىمى ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن؛ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 68- يىلى قەھەتچىلىك يۈز بېرىپ، خەلقنىڭ ئوندىن ئاتە- يەتتە قىىسمى ئۆلۈپ كەتكەن. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 58- ، 57- يىلى بەش تەڭرىقۇتنىڭ ھوقۇق تالىشىش كۆرىشى يۈر بەرگەنگە قەدەر ھۇنلارنىڭ نوپۇسى بۇرۇنقىدىن زور دەرىجىدە ئازلاپ، تەخمىنەن 1 مىليۇن 750 مىڭ ئەتىراپىغا چۈشۈپ قالغان. بۇ بەش تەڭرىقۇت ئۇرۇشتا غەلبە قىلىپ ئوردىسىغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ تەۋەلىكىدە ئاران نەچچە تۈمەن ئاھالە قالغان؛ قۇتىئۇش تەڭرىقۇت قوۋمىنى باشلاپ كانگىيەگە يېتىپ كەلگەندە قول ئاستىدا ئارانلا ئۈچ مىڭ ئادىمى قالغان⒁. شۇڭا، بۇ بىر قاتار قالايمىقان ئۇرۇشلاردىن كېيىن ھۇنلارنىڭ نوپۇسى 1 مىليۇن 500 مىڭ ئەتىراپىغا چۈشۈپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. مىلادىيە48- يىلى ھۇنلار جەنۇپ، شىمال ئىككىگە پارچىلىنىپ كەتتى. «كېيىنكى خەننامە» دىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي ھۇنلارنىڭ ئاھالىسى ئەڭ كۆپەيگەن چاغدا (مىلادىيە 90- يىلى) 34 مىڭ تۈتۈن، 237 مىڭ 300 نوپۇس بولۇپ، 50 مىڭ 170 چەۋەنداز بولغان («جەنۇبىي ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» ). شىمالىي ھۇنلاردىن مىلادىيە 83- يىلى سەنمۇلو قەبىلىسىدىكى جىلۇس قاتارلىقلار 38 مىڭ ئادەمنى باشلاپ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغان.
        مىلادىيە 87- يىلى قۇلان، شۈبى، قۇتقۇ قاتارلىقلار 200 مىڭ ئادەم، سەككىز مىڭ چەۋەدازنى باشلاپ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغان («جەنۇبىي ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»). مىلادىيە 89- يىلى ئونغۇش، باتىس، ئونۋۇ، خوجۇررۇت قاتارلىقلار 200 مىڭدن ئارتۇق ئادەمنى باشلاپ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغان («دۇشىيەننىڭ تەرجىمھالىدىن»). بۇلار تەخمىنەن 400 مىڭ. مىلادىيە 91- يىلى شىمالىي ھۇن تەڭرىقۇتى جەڭدە مەغلۇپ بولۇپ غەربكە كۆچكەن چاغدا نۇرغۇن خەلق ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەتكەن (جۇاجانلار تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان شىمالىي ھىنلارنىڭ سانىمۇ ئېنىق ئەمەس، يەنە مىلادىيە 91- يىلى يۇرتجان باشلاپ ماڭغان 20 مىڭ ئادەمنىڭ ھەممىسى يوقىتىلغان). چۆللۈكنىڭ شىمالىدا ئېشىپ قالغان بەش- ئالتە تۈمەن ئاھالە سىيانپىلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن. بۇنىڭغا يۇقىرىدىكى 400 مىڭنى قوشقاندا شۇ چاغدىكى شىمالىي ھۇنلارنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن بىر مىليون ئەتىراپىدا بولغان بولىدۇ. بۇنىڭغا جەنۇبىي ھۇنلارنىڭ 237 مىڭ نوپۇسىنى قوشقاندا مىلادىيە 90- ، 91- يىللارنىڭ ئالدى- كەينىدە، ھۇنلانرىڭ نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 1 مىليون 300 مىڭدىن ئاشمىغان.
        ئومۇمەن، خەن سۇلالسىنىڭ دەسلىپىدە ھۇنلار قۇدرەت تاپقان مەزگىلىدە نوپۇسى تەخمىنەن ئىككى مىليون ئەتىراپىدا ئىدى. شۈەندى دەۋرىدە ئازلاپ بىر مىليون 750 مىڭغا چۈشۈپ قالدى. بەش تەڭرىقۇت ھاكىمىيەت تالاشقان چاغدا تېخىمۇ ئازلاپ بىر مىليون 500 مىڭغا چۈشۈپ قالدى. ھۇنلار تېخىمۇ ئاجىزىشىپ ئىككىگە پارچىلانغان چاغدا ئاران بىر مىليون 300 مىڭ ئەتىراپىدا بولۇپ قالدى. ھۇنلارنىڭ قۇللىىرنىڭ سانىنى تەخمىنەن 300 مىڭ ئەتىراپىدا دەپ پەرەز قىلساق، ئۇ ھالدا ئۇلارنىڭ سانى ھۇنلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ يەتتىدىن بىر ياكى بەشتىن بىر قىسىمىنى تەشكىل قىلىدۇ.
    بۇنداق زور قۇللار شۈبھىسىزكى مەجبۇرىي ھالدا ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىگە سېلىنغان. چارۋىچى قەبىلىلەردىن كەلگەنلەر چارۋىچى قۇل، دېھقانچىلىق رايۇنلىرىدىن كەلگەنلەر تېرىقچى قۇل، ھۈنەرۋەنچىلىكنى بىلىدىغانلار ھۈنەرۋەن قۇل بولغان. بۇنى تۆۋەندىكى تەرەپلەردىن تېخىمۇ بەك دەللىلىگىلى بولىدۇ. بىرىنچى، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھېلىقى قېچىپ كەلگەن ئەسىر قۇللار قېچىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ يەنىلا «ئوت- سۇ قوغلىشىپ» كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزگەن: بۇنىڭدىن بىز ئۇلارنىڭ ھۇنلارنىڭ چارۋىچى قۇلى بولغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئىككىنچى، ھۇنلار قۇدۇق قېزىپ يەر سۇغىرىش، شەھەر قۇرۇپ ئۆي- ئىمارەت سېلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە خەنزۇلاردىن پايدىلانغان. چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ھۇن قەبىلىلىرىدىن خەنزۇلار ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەن تۆمۈر ئورغاق، سوقا (ساپان) قاتارلىقلار بايقالغان. بۇلار خەنزۇلارنىڭ ھۇنلارنىڭ تېرىقچى قۇللىرى بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۈچىنچى، بويان تاغلىرىدىن بايقالغان ھۇنلارنىڭ مىس، تۆمۈر قوراللىرى ئىچىدە خەنزۇلارنىڭكىگە تەقلىد قىلىپ ياسانلغانلىرى ناھايتى كۆپ. بۇلارنىڭ خەنزۇ ئۇستىلارنىڭ قولىدىن چىققانلىقى ئېنىق. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى سودا- سېتىققا ئۇستا غەربىي يۇرتلۇقلار تاۋار يۆتكەپ ساتىدىغان تىجارەتچى قۇل بولغان قۇللارنىڭ ئىچىدە يەنە ئائىلە ئەمگىكى بىلە شۇغۇللىنىدىغانلىرىمۇ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ياش ھەم چىرايلىق دېدەكلەر خوجايىنى تەرىپىدىن توقال قىلىۋېلىنغان. مەسلەن، شەرقىىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى «غۇز چەۋەندازلىرى» تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ كېيىن سول قول بىلىك خاننىڭ قولىغا چۈشكەن سەي ۋېنجى⒂ بۇنىڭ بىر مىسالى.
        يۇقىرقى بايانلاردىن، ئەسىرگە چۈشۈپ قۇل بولغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئەمگەكلىرىگە قاتناشقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئەمما ھۇنلارنىڭ قۇللۇق تۈزۈمى بىلەن قەدىمكى رىمنىڭ قۇللۇق تۈزۈمى ئارىسىدا ئازراق ئوخشاشماسلىق ۋە پەرق بار.
        بىرىنچىدىن، ئومۇمەن قۇلى بار ھۇنلار قۇللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىگە سالغاندىن سىرت، ئۆزىمى ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىدىن ئايرىلمىغان. چۈنكى، ھۇنلار كىچىكىدىن باشلاپلا ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىگە قاتنىشاتتى. چوڭ بولۇپ قورامىغا يەتكەندە، ھەممىسى بىردەك «ئاتلىق ئەسكەر» بولىسىمۇ، لېكىن ئۇرۇش بولمىغان ۋاقىتلاردا يەنىلا ئوۋچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇلىناتتى. ئۇلار ھەم ئاتلىق ئەسكەر، ھەم چارۋىچى ئىدى. «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە، «ئادەتتىكى چاغلاردا ئوۋچىلىق چارۋىچىلىق قىلسا، ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدا جەڭگە قاتنىشىپ، باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىش ئۇلارنىڭ ئادىتى» دېيىلگەن. بۇ ھۇنلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەشكىلى بىلەن ھەربىي ھەربىي تەشكىلىنىڭ بىرلەشتۈرۈلگەنلىكى، «ئاتلىق ئەسكەر» لەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇرۇشقا تەڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا چارۋىلارغا ئەگىشىپ ئوت، سۇ قوغلىشىپ چارۋىچىلىق قىلسا، ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدا ئاتقا مىنىپ ئوقيا ئېسىپ جەڭگە كىرەتتى. چارۋىچىلىق قىلىش ياكى ئوۋ ئوۋلاش جەريانىدا ھەر ۋاقىت ئۇرۇش يۈز بېرىپ قېلىش ئېھتىمالى بار ئىدى (بۇلاڭچىلىق قىلىش ياكى بۇلاڭچىلىققا ئۇچراش سەۋەبىدىن). كېيىنكى قىتانلارنىڭ «ئۇرۇش بولغاندا ئۇرۇشقا قاتنىشىش، بىكار چاغلاردا بېلىق تۇتۇپ تۇرمۇشىنى قامدىشى⒃ ۋە موڭغۇللارنىڭ «ئاتقا مىنگەندە جەڭ قىلىش، ئاتتىن چۈشكەندە تېرىقچىلىق ياكى چارۋىچىلىق قىلىشى»⒄ مۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال.
        ھۇن ئاتلىق ئەسكەرلىرى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ قالماستىن، بەلكى يەنە دېھقانچىلىق ئىشلەپچىرقىشىغىمۇ قاتنىشاتتى. «خەننامە» 96- جىلد «غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» دە، «جاۋدى دەۋردە ‹ئۇيسۇن› مەلىكىسى خانغا مەكتۇپ سۇنۇپ، ھۇنلارنىڭ ئاتلىق قىسىملىرىنىڭ قوشقا كېلىپ بوز يەر ئاچقانلىقىنى مەلۇم قىلدى» ، «جاۋى خانلىق دەۋرىدە ھۇنلار قوشتا تۆت مىڭ ئاتلىق ئەسكەر ئەۋەتىپ يەنە بوز يەر ئۆزلەشتۈردى. شۈەندى بەش سەركەردىنى قوشۇن باشلاپ ھۇنلارغا زەربە بېرىشكە ئەۋەتكەندە، قوشتا بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچىلەر قورقۇپ قېچىپ كەتتى» دەپ خاتىرلەنگەن. بۇنىڭدىن «ھۇنلارنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرىنىڭ قوشنا بىر تەرەپتىن مۇداپىئە تۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
        ھۇنلارنىڭ بەزى قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنى، بولۇپمۇ مېتالچىلىقنى كۆپ ھاللاردا خەنزۇلار ئۈستىگە ئالغان. لېكىن بۇ بارلىق قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنى خەنزۇلار ئۈستىگە ئالغان، دېگەنلىك ئەمەس. ساپلا بويۇملارنى ياساش ۋە ئوقيا، چېدىر، كىگىز- پالاز ياساس، قېتىق- قايماق ئۇيۇتۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ كۆپ قىسىمىنى ھۇنلار ئۆزى قىلغان ۋە ياكى باشقا مىللەت قۇللىرىنى ياردەمچى قىلغان بولۇشى مۈمكىن.
        ئومۇمەن، ھۇن جەمئىيىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە قۇللىرى بار ھۇنلاردىن يۇقىرى تەبىقىدىكى ئاقسۆڭەكلەردىن سىرت، كۆپىنچە ئاھالىلەر ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىگە قاتنىشاتتى. بۇ قەدىمكى يۇنان، رىمدىكى قۇلدارلارنىڭ (ئەركىن پۇقرالار ) ئەمگەككە پۈتۈنلەي قاتناشماسلىقى، ھەتتا ئەمگەكنى كەمسىتىشى بىلەن ئوخشايدۇ. ھۇنلاردىكى قۇللارنىڭ نوپۇسى قەدىمكى يۇنان، رىمدىكىدەك مەمىلكەت ئومۇمىي نوپۇسنىڭ سانىدا ئانچە كۆپ سالمانى ئىگىلىمىسىمۇ (قەدىمكى يۇنان، رىمدا ھەر بىر ئەركىن پۇقراغا بىرنەچچىدىن قۇل توغرا كېلەتتى). ھۇن جەمئىيىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەشكىلى بىلەن ھەربىي تەشكىلىنىڭ بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىدەك بۇ ئالاھىدىلىكى ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىگە ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. قۇللارنىڭ نوپۇسىنىڭ ئاز، پۈتۈن مەمىلكەت نوپۇسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ كىچىك بولۇشى قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ تىكلىنىشىگە توسالغۇلۇق قىلالمىغان. ھالبۇكى، جەمئىيەتنىڭ تەمىنلىشىدە پۈتۈنلەي قۇللارغا يۆلىنىۋالماسلىقتەك بۇ خىل ھادىسە ھۇنلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسىنىڭ بىر قەدەر تۆۋەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ خىل بىر قەدەر تۆۋەن ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسى ئاساسىغا قۇرۇلغان قۇللۇق تۈزۈمىنى تەبىئىيكى قەدىمكى يۇنان، رىمدىكى ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسى بىر قەدەر يۇقىرى، سودا- سانائىتى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان قۇللۇق تۈزۈم بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ھۇنلارنىڭ قۇللۇق تۈزۈمى قەدىمكى يۇنان ۋە رىمنىڭكىدەك پىشىپ يېتىلمىگەن. تەرەققىي قىلمىغان قۇللۇق تۈزۈمىدە قۇللار ئەڭ ئاساسلىق، ئەڭ كۆپ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىنى ئۈستىگە ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەركىن چارۋىچىلارمۇ قىسمەن ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىگە قاتناشقان. بۇمۇ ھۇنلارنىڭ قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ قەدىمكى يۇنان، رىمنىڭ قۇللۇق تۈزۈمىدىن پەرقلىنىدىغان ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى.
    ئىككىنچىدىن، ھۇنلارنىڭ قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ قەدىمكى يۇنان ۋە رىمنىڭ قۇللۇق تۈزۈمىگە ئوخشاشمايدىغان يەنە بىر يېرى شۇكى، ھۇنلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىدىكى ھەرىكەتچانلىق ۋە تارقاقلىق. ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىنىڭ زىيادە مەركەزلەشمەسلىكنى ۋە كۆلىمىنىڭ چوڭ بولماسلىقىنى بەلگىلىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە «تۇتىۋېلىنغانلار قۇل قىلىنغاچقا»، ھەر بىر جەڭچى تۇتىۋالغان ئەسىرنى ئۆزىگە مەنسۇپ قىلىپ، قۇللار ئىنتايىن ئاز ئەھۋالىدا توپلىشىپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان (مەسلەن، چوغاي تېغى ۋە جاڭتېدىكى قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئۇرۇقلىرى)، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ھەر قايسى ئائىلىلەرگە تارقىلىپ، ئائىلە باشلىقىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئاساسلىق ئەمگەك كۈچى بولغان. ئاز ساندىكى قۇللار «ئاسرانى» ياكى «توقال» لىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ، خۇجايىنى بىلەن تۇرغان (مەسلەن، سەي ۋېنجى). بۇنداق ئەھۋال كىشلەرنى ئاسانلا «توپلىشىپ قىلىنمايدىغان ۋە كەڭ كۆلەملىك بولمىغان ئىشلەپچىقىرىش زور مىقداردىكى قۇللارغا مۇھتاج ئەمەس» دېگەن خاتا قاراشقا كەلتۈرۈپ قويىدۇ.
        ھۇنلارنىڭ قۇللىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئائىلىلەرگە تارقالغانلىقتىن، نۇرغۇنلىغان قۇللار يۈزەكى قارىغاندا پەقەت ئائىلە ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغاندەك قىلىدۇ. لېكىن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ئائىلە ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىنى ئايرىش ناھايتى تەس. چۈنكى، چارۋا ھەم تۇرمۇش ۋاستىسى، ھەم ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىسى، شۇڭا چارۋا بېقىش، قوتان ياساش، تۆل ئېلىش، يۇڭ قىرقىش، سۈت سېغىش ۋە ئائىلە قول ھۈنەرۋەنچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىش قاتارلىقلار ۋە ئائىلە ئەمگىكى ھەم ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى. بۇ خىل ئەمگەك قىلىش بىلەن ئوت، سۇ قوغلىشىپ كۆچۈپ يۈرۈپ، چارۋىچىلىق قىلىش پەقەت چارۋىچلىق ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى بىر ئىش تەرتىپلا خالاس. شۇڭلاشقا، بۇ خىل ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغان قۇللارمۇ يەنىلا ئىشلەپچىقىرىش قۇللىرىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بەزى ئالىملار بۇ خىل ئەھۋالنىلا ئاساس قىلىپ، ھۇنلارنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمىنى خاتا ھالدا قۇللۇق تۈزۈمى دەپ ئاتايدۇ. ئەمىلىيەتتە بۇمۇ بىر خىل قۇللۇق تۈزۈمىدۇر. ئەمما بۇ خىل كۆچمەن چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئاساسىدا شەكىللەنگەن قۇللۇق تۈزۈم قەدىمكى يۇنان ۋە رىمنىڭ قۇللۇق تۈزۈمىگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە.
        ئۈچىنچىدىن، ھۇنلارنىڭ قۇللىرىنىڭ ئەھۋالى قەدىمكى يۇنان ۋە رىمنىڭ قۇللىرىنىڭ ئەھۋالى بىلەن سەل ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا بىر خىل (سۆزلىيەلەيدىغان قورال) لىق ئورنىدا تۇرغان. چۈنكى، ئۇلار خوجايىننىڭ ئائىلىسىدە باشقا ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىرگە ئەمگەك قىلىسمۇ، لېكىن ئىشنىڭ ئەڭ ئېغىرىنى قىلاتتى ھەم قاتتىق ئېكىسپىلاتاتىسىيىگە ئۇچرايتى. ئادەم قۇربانلىق قىلىپ نەزىر- چىراق ئۆتكۈزۈشكە توغرا كەلگەندىمۇ داۋامىق قۇربانلىق مال قىلىناتتى (مەسلەن، زور تۈركۈمدىكى قۇللارنىڭ ھۇن ئاقسۆڭەكلىرى تەرىپىدىن قۇربانلىق قىلىنىشى) بۇنىڭدىن باشقا ھۇنلارنىڭ قۇللۇق تۈزۈمىدىمۇ قەدىمكى يۇنان ۋە رىمنىڭ قۇللۇق تۈزۈمىگە ئوخشاش قۇل سودىسى ئېلىپ بېرىلاتتى.
         تۆتىنچىدىن، بەزى ئالىملار قۇللارنىڭ پەيدا بولۇشى چۇقۇم ئىچكى ئامىلدىن بولىدۇ. چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ يېرى (چارۋىچىلىق مەيدانى ۋە چارۋىچىلىق قىلىدىغان يەرلەر) كوللىكتىپ ئىگىدارچىلىقىدا بولغاچقا ھەم ئۇرۇقنىڭ بارلىق ئەزالىرى ئورتاق پايدىلانغاچقا، ئاسانلىقچە خۇسۇسىي يەرگە ئىگە بولۇش ھادىسىسى ۋە ئۇرۇقنىڭ ئىچكى قىسىمىدا قۇل بولۇپ قېلىش ھادىسىسى يۈز بەرمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇرۇقداشلىق جامائەسىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى پاترىئارخاللىق مۇناسىۋەت (ئورتاق ئۇرۇقنىڭ ئوخشاش قانداشلىق مۇناسىۋىتى) مۇ ناھايتى كۈچلۈك بولغاچقا، ئاسانلىقچە قۇل بولۇش ھادىسىسى يۈز بەرمەيدۇ. شۇڭا، ھۇنلارنىڭ باشقا مىللەتلەرنى تۇتۇپ كېلىپ قۇل قىلىشنى (تاشقى ئامىل) قۇللۇق تۈزۈم دېيىشكە بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ⒅.
         ئەمەلىيەتتە، ئاتالمىش ئىچكى ئامىل بىر جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىپ، بەلگىلىك سەۋىيىگە يېتىپ، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنىڭ تىكلىنىپ راۋاجىلانغانلىقىغا، جۈملىدىن چارۋىچىلىقنىڭمۇ ناھايتى تەرەققىي قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشتا ئادەم كۈچى يېتىشمەي، جەمئىيەتنىڭ ئىچكى قىسىمىدا قۇللارنى ئەمگەك سۈپىتىدە قۇبۇل قىلىش ۋە سىغدۇرۇش ھەم ئۇلارنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىغا قاتناشتۇرۇش ئېھتىماللىقى ۋە شارائىتىنىڭ ھازىرلانغان بولۇشىغا قارىتىلىشى كېرەك. بۇ خىل ئېھتىماللىق ۋە شارائىت ھازىرلانسا مۈلۈكدار باشقا مىللەت ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى ئۆلتۈرمەي ساقلاپ قالىدۇ ياكى مەقسەتلىك ھالدا باشقا مىللەت ئادەملىرىنى بۇلاپ ئەسىر قىلىۋېلىپ، ئەمگەك كۈچى قىلىپ پايدىلىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، تاشقى ئامىلمۇ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ⒆.
         بۇنىڭدىن باشقا چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىسى يەر ئەمەس، بەلكى چارۋا⒇. شۇڭا، يەرنىڭ خۇسۇسلار ئىگىدارچىلىقىدا بولۇش- بولماسلىقىنىڭ قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن ئانچە چوڭ مۇناسىۋىتى يوق. ئەگەر بۇ نوقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۋالمىساق چارۋىچى مىللەتلەر بىلەن دېھقانچىلىق مىللەتلىرىنىڭ پەرقىنى ئايرىۋالالايمىز. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن بەزى ئالىملار «دېھقانچىلىق جەمئىيىتىنىڭ ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىسى يەر» دېگەننى چارۋىچى مىللەتلەرگە تەدبىقلاپ خاتا ھالدا يەكۈننى چىقارغان. پاكىتلاردىن مەلۇمكى، قەدىمكى يۇنان ۋە رىمنىڭ قۇللىرىمۇ ئاساسەن ئالدى بلەن يۇنانلىقلار ياكى رىملىقلاردىن كېلىپ چىققانلار بولماستىن، بەلكى دېڭىز قاراقچىلىقىدا ۋە ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشكەن ياكى قۇل بازىرىدىن سېتىۋېلىنغان باشقا مىللەتتىكىلەر بولغان (بۇ ئادەتتىكى ساۋات بولۇپ، دۇنيا ئومۇمىي تارىخىي دەرسىلىكىنىڭ ھەممىسىدە بايان قىلىنغان). باشقا مىللەت ئەسىرلىرىنى قۇبۇل قىلىۋېلىشنى قۇللۇق تۈزۈمنىڭ ئاساسىي قىلىشمۇ مەمىلكىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى قەدىمكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن بىرى، بۇ پەقەت ھۇنلاردىن بولۇپ قالماستىن، كېيىن ئۇلارنىڭ ئورنىغا دەسسىگەن سىيانپى، جۇرجان، تۈرك، ئۇيغۇر، قىتان، موڭغۇل قاتارلىقلارنىڭ قۇللۇق تۈزۈمىنى تەتقىق قىلغاندا، بۇ ئالاھىدىلىككە سەل قاراشقا بولمايدۇ.
    ئىزاھلار:
       ① موڭغۇلىيە ئارخېئولوگى س. دورجى سورۇڭ «شىمالىي ھۇنلارنىڭ قەبرىسى» دېگەن ماقالىسىدا ھۇنلارنىڭ دەپنە ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغان. بۇ ماقالە 1956- يىلى ئۇلانباتۇر پەنلەر كومىتېتى نەشىر قىلغان «ئاكادىمىيە ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى» نىڭ 1- سانىغا بېسىلغان.
       ② ماركىس: «كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىلگىرىكى فۇرماتىسىيىلەر» ، خەلق نەشىرياتى 1956- يىلى خەنزۇچە نەشرى، 8- بەت.
       ③ «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» ، «خەننامە» 95- جىلد «ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
       ④ «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»
       ⑤ «جىننامە» 101- جىلد «لىيۇيۈەنخەي ھەققىدە خاتىرە» 102- جىلد «لىيۇزۇڭ ھەققىدە خاتىرە».
       ⑥ سوۋېت ئارخېئولوگى كوزلوۋ : «تاشقى موڭغۇلنى تەكشۈرۈش دوكلاتى» (1925- يىلى لېنىنگراد نەشرى)؛ ياپونيە ئالىمى مېييۈەن موجى: «موڭغۇلىيە ئويان تاغلىرىدىن بايقالغان يادىكارلىقلار» (1960- يىلى توكيو نەشرى) 83- سۈرەت.
       ⑦ «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» ، «خەننامە» ۋە «ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» ، 6- جىلد (ۋۇدى ھەققىدە خاتىرە) ۋە 7- جىلد (جاۋدى ھەققىدە خاتىرە».
       ⑧«تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
       ⑨ «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
       ⑩«ھۇنلارنىڭ بىر تۈتۈن» (لو) زادى قانچىلىك ئادەم بار؟ ماچاڭشۇ «ھۇن قەبىلىلەر دۆلىتىنىڭ قۇللۇق تۈزۈمى» («تارىخ تەتقىقاتى» 1954- يىلى 5- سان) دېگەن ماقالىدە «ھەر تۈتۈن بەش ئائىلە، ھەر ئائىلىدە بەش جان، نەچچە تۈمەن تۈتۈندىكى ئاھالىنىڭ يىغىندىسى ئۈچ- تۆت يۈزمىڭ بولىدۇ» دەپ قىياس قىلغان. مېنىڭ قارىشىمچە بۇ قىياس بەكلا ئاشۇرۋېتىلگەن بولۇپ، «تۈتۈن» گە بولغان چۈشەنچە ئانچە مۇۋاپىق بولمىغان. بۇنى بىر مىسال ئارقىلىق ئىسپاتلاي: «كېيىنكى خەننامە» 90- جىلد « سىيانپىلار ھەققىدە قىسسە» دە، ھۇنلار يېمىرىلگەندە «ئېشىپ قالغان ئون تۈمەن تۈتۈندىن كۆپرەك كىشى ئۆزىنى سىيانپى دەپ ئاتىغان» دەپ خاتىرلەنگەن. ئەگەر «ھەر تۈتۈندە بەش ئائىلە، ھەر ئائىلىدە بەش جان بار» دېگەندە ئاساسەن ھىسابلىساق، بۇ سىيانپىلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن ھۇنلارنىڭ سانى ئەك ئاز دېگەندە ئىككى مىليون 300 مىڭدىن ئىككى مىليون 500 مىڭغىچە بولغان بولىدۇ. ماچاڭشۇ ئەپەندى ھۇنلارنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن مەزگىلىدىكى نوپۇسنى پەقەت بىر مىليون 500 مىڭ ئۆپچۆرىسىدە، دەپ مۆلچەرلىگەن. شۇنداق ئىكەن، زاۋاللىققا يۈزلەنگەن چاغدا ئېشىپ قالغان ئاھالىنىڭ ئەكسىچە ئەڭ گۈللەنگەن مەزگىلىدىكى ئاھالىدىن بىر يېرىم ھەسسە، ھەتتا بىر ھەسسە كۆپىيىپ كېتىشىنى تەسەۋۋرۇغا سىغدۇرغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، «تۈتۈن» دېگەن گەپ ئائىلە دېگەن مەنىدە. ھەر بىر تۈتۈن بەش جان ، دەپ قارايمەن. ھازىرقى موڭغۇل تىلىدا ئائىلىنىڭ يەنىلا «ئىلو» دەپ ئاتىلىشىدىن «لو» نىڭ مەنىسىنىڭ تۈتۈن ئىكەنلىكى شەك- شۈبھىسىز.
       ⑾«كېيىنكى خەننامە. جەنۇبىي ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
       ⑿ جىيايى «شىننامە» 4- جىلد «ھۇنلار».
       ⒀ مەسلەن، قۇنشارخان بىلەن شۇتۇقخاننىڭ قوۋمىدىن نەچچە تۈمەن ئادەم بىر قېتىملىق جەڭدە خەن قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. كېيىن قۇنشارخان شۇتۇقخاننى ئۆلتۈرۈپ، تۆت تۈمەندىن ئارتۇق ئادەمنى باشلاپ خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغان. «تارىخىي خاتىرىلەر» 110- جىلىد «ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»، 111- جىلد «قىران چەۋانداز سانغۇننىڭ تەرجىمھالى».
       ⒁ «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە».
      ⒂ «كېيىنكى خەننامە» 84- جىلىد «ئىپپەتلىك ئاياللارنىڭ تەرجىمھالى».
      ⒃ «لىياۋ سۇلالىسى تارىخى» 31- جىلىد «بارىگاھ- ياساۋۇللانلار  تەزكىرىسى».
      ⒄ «يۈەن سۇلالىسى تارىخى» 98- جىلد «لەشكەرلەر تەزكىرىسى».
      ⒅ «شەرقىي جۇڭگو پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى» 1985- يىللىق 4- سانىدىكى ئوۋياڭشىنىڭ «ھۇن جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى» دېگەن ماقالىسىگە قاراڭ.
      ⒆ لىيۇچاڭلىن: «تاشقى ئامىلنىڭ ماددا تەرەققىياتىدىكى مۇھىم رولى توغرىسىدا» ، «ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش» ژورنىلى 1980- يىلىق 5- سان.
      ⒇ ماركس «كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىلگىرىكى فورماتىسىيىلەر» ناملىق كىتابىدا: «كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەرنىڭ جامائەسى ئەمەلىيەتتە داۋاملىق توپلىشىپ يۈرىدىغان سەپەرچىلەر (ReisegeseIIschaft)، كارۋانلار ۋە چارۋا توپىدۇر... بۇ يەردە ئىگەللىۋېلىنغىنى ۋە قايتا ئىشلەپچىقىرىلغىنى ئەمەلىيەتتە چارۋا توپى بولۇپ، يەر ئەمەس. . . . » (خەنزۇچە نەشرى 27- بەت) دېگەن: «كونا تاڭنامە» 62- جىلد «جېڭ يۈەنشونىڭ تەرجىمھالى» دا تۈركلەرنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاك بولۇشى ئات، قويلارغا مۇناسىۋەتلىك» دېگەن. «لىياۋ سۇلالىسى تارىخى» 59- جىلد «ئۈزۇق- تۈلۈك تەزكىرىسى» دىمۇ «قىتانلارنىڭ ئادىتىدە بايلىق ئات بىلەن، كۈچلۈكلۈك قوشۇن بىلەن ئۆلچىنەتتى. ئۇلار ئوت، سۇ مول يەرلەردە ئات باقاتتى. ئادەملىرى قېتىق- قايماقنى ئۇزۇق قىلاتتى. ئوۋ ئوۋلاشقا ماھىر بولۇپ، كۈندىلىك ھاجىتىدىن چىقاتتى. ئاشلىق يېتىشمىگەن چاغلاردا مۇشۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش كەچۈرەتتى» دەپ خاتىرلەنگەن. ھۇنلارغا ئائىت تارىخىي ماتېرىياللاردا «تاڭنامە» ۋە «لىياۋ سۇلالىسى تارىخى» دىكىگە ئوخشاش ئېنىق مەلۇماتلار يوق. شۇڭا، شىمالدىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەت بولغان تۈركلەر ۋە قىتانلارغا ئائىت ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ.

      3. باپ ھۇن قۇلدارلىق ھاكىمىيىتىنىڭ تىكلىنىشى
         ئۇرۇقداشلىق جامائەسىنىڭ پارچىلىنىپ، خۇسۇسىي مۈلۈك ۋە قۇللارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ھۇنلاردا ئۇرۇق ئاقسۆڭەكلىرى ۋە ھوقۇققا ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمىمۇ مەيدانغا كەلدى. بۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى سىنىپقا بۆلۈنۈشىمۇ كۈنسېرى كەسكىنلەشتى ۋە چوڭقۇرلاشتى. كۆپلىگەن بۇلاڭچىلىق ئۇرۇشلىرى نەتىجىسىدە، ئۇرۇق ئاقساقىلى ۋە ھەربىي باشلىقلار زور مىقداردىكى بايلىق ۋە قۇل توپلىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھوقۇقى زورىيىپ، ئورنى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. دەسلەپتە ئۇلار سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كېلەتتى. ھوقۇقى ئۇرۇق ياكى قەبىلە كېڭەشمىسى تەرىپىدىن بېرىلىدىغان بولۇپ، ئورنى ئۇرۇق ئەزالىرى بىلەن باراۋەر ئىدى. ئەمدىلىكتە ئۇلار پەيدىنپەي ھوقۇقنى ئىگەللىۋېلىپ، ئورنىنى مىراس قالدۇردىغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇرۇق بىلەن قارىشلىشىدىغان ۋە ئۇرۇق ئەزالىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان سىياسىي كۈچ ئۇرۇقداشلىق قەبىلىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا مەۋجۇت بولدى. ئېنگىلىس : «بۇلاڭچىلىق ئۇرۇشى ئەڭ ئالىي ھەربىي باشلىق ۋە تۆۋەن ھەربىي باشلىقلارنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتتى. ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىن ۋارىسىنى تاللاشتەك ئۇسۇل، ئاتىلىق ھوقۇقچىلىق تۈزۈم تىكلىگەندىن كېيىن، پەيدىنپەي ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمىگە ئۆزگەردى. كىشلەر دەسلەپتە تاقەت قىلىپ تۇردى. كېيىن تەلەپ قىلىشتى. ئەڭ ئاخىرىدا بۇ خىل ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى قۇبۇل قىلىنىپ، خانلىق ھوقۇقىغا ۋە ئاقسۆڭەڭلىك ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىشنىڭ ئاساسى تىكلەندى»① دەپ كۆرسەتكە.
          تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىردە، ھۇنلارنىڭ بۇ خىل ھوقۇققا ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى پەيدىنپەي شەكىللىنىشكە باشلىدى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 209- يىلى باتۇر ئاتىسى تۈمەن تەڭرىقۇتنى ئۆلتۈرۈپ ئۆزى تەڭرىقۇت بولغاندىن باشلاپ بۇ خىل تۈزۈم ئاخىر تىكلەندى. «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە خاتىرلىنىشىچە، باتۇر ئەسلى تۈمەن تەڭرىقۇتنىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ، تۈمەن كېيىن ئالغان ئالچىسىدىن (خانىشىدىن) تۇغۇلغان كىچىك ئوغلىنى ياخشى كۆرگەچكە، باتۇرنى غەربتىكى ياۋچىلارغا (ھازىرقى خېشى كارىدورى ئەتىراپىدا چارۋىچىلىق قىلغان بىر مىللەت) بارىمتايلىققا ئەۋەتكەن ھەم ياۋچىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ياۋچىلارنىڭ قولى ئارقىلىق باتۇرنى ئۆلتۈرۋەتمەكچى بولغان. لېكىن، باتۇر ياۋچىلارنىڭ بىر تۇلپارىنى ئوغرلاپ قېچىپ كەلگەن. تۈمەن ئۇنىڭ باتۇرلىقىنى ماختاپ ئۇنى بىر تۈمەن ئاتلىق ئەسكەرگە باشلىق قىلغان. باتۇر بىر خىل «ئاۋازلىق ئوقيا» ياساپ ئەسكەرلىرىنى مەشىق قىلدۇرغان. ئۇ قول ئاستىدىكىلەرگە ئاۋازلىق ئوقيا ئېتىلغان نىشانغا قارىتىپ ئاتمىغۇچىلارنىڭ بىردەك كاللىسى ئېلىندىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئۇ ئاتلىق ئەسكەرلىنى باشلاپ ئوۋغا چىققاندا، بۇيرۇق بويىچە ئوق ئاتمىغانلارنىڭ كاللىسىنى ئالغان. ئۇزۇن ئۆتمەي«ئاۋازلىق ئوقيا» نى ئۆزىنىڭ تۇلپارىغا ئاتقاندا، بەزى جەڭچىلەر ئېتىشقا جۈرئەت قىلالمىغان. ئۇ دەرھال ئېتىشقا جۈرئەت قىلالمىغانلارنىڭ كاللىسىنى ئالغان. يەنە ئۇزۇن ئۆتمەي «ئاۋازلىق ئوقيا» نى ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئايالىغا قارىتىپ ئاتقاندا، بەزى جەڭچىلەر قورقۇپ ئېتىشقا جۈرئەت قىلالمىغان. شۇنىڭ بىلەن بۇلارمۇ كاللىسىدىن ئايرىلغان. كېيىن ئۇ ئوۋغا چىققاندا «ئاۋازلىق ئوقيا» نى تۈمەن تەڭرىقۇتنىڭ تۇلپارىغا قارىتىپ ئاتقان. بۇ قېتىم جەڭچىلەرنىڭ ھەممىسى قىلچە ئىككىلەنمەستىن «ئاۋازلىق ئوقيا» ئېتىلغان نىشانغا قارىتىپ ئاتقان. باتۇر شۇندىلا ئاتلىق ئەسكەرلەرنىڭ مەشىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى، ئۇلارنى ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى بىلگەن. بىر كۈنى باتۇر ئاتىسىغا ئەگىشىپ ئوۋغا چىققاندا تۇيۇقسىز «ئاۋازلىق ئوقيا» سىنى تۈمەن تەڭرىقۇتقا قارىتىپ ئاتقان. ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى دەرھال ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئېتىپ تۈمەن تەڭرىقۇتنى ئۆلتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن باتۇر ئۆگەي ئانىسى ئۆگەي ئىنىسى ۋە ئۆزىگە بويسۇنمىغان ۋەزىرلەرنى (ھەر قايسى قەبىلىلەرنىڭ ئاقساقاللىرى) ئۆلتۈرۈپ، ئۆزى تەڭرىقۇت بولغان. بۇ باياندا يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن كۈچلەرنىڭ زورلۇق ۋاستىسى ئارقىلىق كونا مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنى يوقىتىشتىكى جىددىي كۆرىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ بىر مەيدان سىياسني كۈرەش بولۇپ، بۇ خىل كۈرەش ھۇنلارنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى ۋە جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدىن قۇلدارلىق جەمئىيەتكە قاراپ تەرەققىي قىلغانلىقنىڭ نەتىجىسى. ھۇن تارىخىنىڭ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىدى. شۇڭا، ئەمدىلا ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن سىنپىي جەمئىيەتكە ئۆتۈۋاتقان ھۇنلاردىكى باتۇرنىڭ ئاتىسىنى ئۆلتۈرگەنلىك ۋەقەسىگە فېئوداللىق كونا قېلىپ ۋە ئەخلاق قارىشى بىلەن قارىساق بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، جەمئىيەتنىڭ تارىخىي مەنبەسى ۋە سىنپىي مەنبەسى نوقتىسىدىن ھۇنلار جەمئىيتىىدە يۈز بەرگەن ھەر خىل «غەلىتە» ھادىسىلەرنى، مەسلەن، كېيىن تىلغا ئېلىندىغان «ئاتىسى ئۆلسە ئوغلى ئۆگەي ئانىسىنى، ئاكسى ئۆلسە ئۇنىڭ خوتۇنىنى ئىنىسى، ئىنىسى ئۆلسە ئۇنىڭ خوتۇنىنى ئاكىسى ئالىدىغان» غا ئوخشاش ئەھۋاللارنى توغرا بايان قىلغىلى بولمايدۇ.
          باتۇر تەختكە چىققاندىن كېيىن، تەڭرىقۇتنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇق لاندى ئۇرۇقىغا مەركەزلىشىپ مىراس قالىدىغان، يەنى ئاتىسى ئۆلسە ئوغلىغا، ئاكىسى ئۆلسە ئىنىسىغا مىراس قالىدىغان بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا خان، بەگ، بۈيۈك سەركەردە، بۈيۈك كاھىبەگ، بۈيۈك ياساقبەگ قاتارلىق چوڭ مەنسەپلەرگە بىر قىسىم ئېسىلزادە ئۇرۇق ۋە جەمئىيەتتىكىلەر ۋارىسلىق قىلىدىغان بولدى. «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە، چوڭ مەنسەپدارلارنىڭ ھەممىسىگە ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىناتتى. قۇيان، لان، شۈبۈ، ئۈچ ئېسىلزادە ئۇرۇق ئىدى، دېيىلگەن. «كېيىنكى خەننامە. جەنۇبىي ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دىمۇ ئەمەلدارلارنىڭ ئىچىدىكى ئالىي مەنسەپ بولغان ئوڭ ، سول قول بىلىك خان، ئوڭ ، سول قول خان، ئوڭ قول، سول قول باتىس خان، ئوڭ قول، سول قول ئونىئوت خان، ئوڭ قول، سول قول نازىر خان قاتارلىق مەنسەپلەرنىڭ ھەممىسىگە تەڭرىقۇتنىڭ ئوغۇللىرى، ئاكا- ئۇكىلىرى ۋە تەخت ۋارىسلىرى تەيىنلىنەتتى. تەڭرىقۇت شۈلەندى («خەننامە» دىكى لاندىنىڭ تەرجىمىسى) ئۇرۇقىدىن بولۇپ، يات ئۇرۇقلاردىن قۇيان، شۈبۈ، چيۇلىن، لان قاتارلىق تۆت ئۇرۇق ھۇنلارنىڭ ئىچىدىكى مەشھۇر ئۇرۇقلاردىن ئىدى، دەپ خاتىرلەنگەن.
          ھوقۇققا ۋارىسلىق قىلىش، بولۇپمۇ تەڭرىقۇتلۇققا ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشى ئۇرۇقداش قەبىلە ياكى قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئورگىنىنىڭ رولىنى يوقاتتى. قەبىلە ۋە قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئورگىنى يەنىلا ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىىڭ دېمۇكراتىك پرىنسىپلىرى پۈتۈنلەي تاشلىۋېتىلدى. مەسلەن، باتۇر تەڭرىقۇت بولغاندىن كېيىن، ھەربىي، سىياسىي چوڭ ئىشلاردا گەرچە ھەر قايسى قەبىلە ئاقساقاللىرىنىڭ پىكىرىنى ئالسىمۇ، لېكىن دائىم شۇ بويىچە ئىش قىلماستىن، بەلكى ئۆزى خالىغانچە ئىش قىلاتتى. ھەتتا بەزى چاغلاردا ئۆزىنىڭ پىكىرىگە قارىشى چىققان قەبىلە باشلىقلىرىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەڭرىقۇت ھەر قايسى قەبىلە باشلىقلىرىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ يۈرۈشلىرىگە ئۆز ۋاقتىدا ئاتلىنىشىنى، «كېچىكىپ قالغۇچىلارنىڭ كاللىسى ئېلىنىدۇ» غانلىقىنى ئۇقتۇراتتى. «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە خاتىرلىنىشىچە، شۇ چاغدا شەرقتىكى توڭگوسلار (لياۋخې دەرياسى بويىدا چارۋىچىلىق قىلىدىغان مىللەت) قۇدرەت تاپقان بولۇپ، ئۇلار باتۇرنىڭ ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈپ، تەڭرىقۇت بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئىلگىرى- ئاخىر بولۇپ باتۇردىن تۈمەن تەڭرىقۇتنىڭ تۇلپارىنى بېرىشنى سورىغان. ئارقىدىنلا يەنە باتۇرنىڭ ئالچىسىنى سورىغان. باتۇر ھەر قايسى قەبىلە ئاقساقاللىرىدىن مەسلىھەت سورىغاندا بەزلەر بېرىشكە بولمايدۇ، دەپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىككى قېتىمغا توڭگۇسلارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرغان. شۇنىڭ بىلەن توڭگۇسلار مەغرۇرلىنىپ، پەيدىنپەي غەربكە تاجاۋۇز قىلىشقا باشلىغان ۋە باتۇرغا ئەلچى ئەۋەتىپ، توڭگۇسلارنىڭ ھۇنلارنىڭ ئارلىقىدىكى «ئوتتۇرا» دىكى تاشلاندۇق قاقاس يەرنى بېرىشنى تەلەپ قىلغان (ئىككى مىللەت ئوتتۇرسىدىكى ئارلىق رايون). باتۇر بۇ قېتىممۇ ھەر قايسى قەبىلە ئاقساقاللىرىدىن پىكىر ئالغان. بۇ قېتىم بەزىلەر «بۇ تاشلىۋېتىلگەن بىكار يەر، بېرىۋەتسەك بىزگە ھىچقانداق تەسىرى بولمايدۇ» دېيىشكەن. لېكىن باتۇر قاتتىق غەزەپلىنىپ «يەر دۆلەتنىڭ ئاساسى، بېرىشكە بولمايدۇ» دەپ، بۇ يەرنى توڭگۇسلارغا بېرىۋېتىشنى تەشەببۇس قىلغانلارنى ئۆلتۈرۈپ، دەرھال توڭگۇسلارغا قوشۇن تارتقان ۋە «بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىشنى سۆزلىگۈچىلەر ئۆلتۈرۈلىدۇ» دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگەن. باتۇر تەڭرىقۇتنىڭكىدەك بۇ خىل ھوقۇق شۈنھىسىزكى ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقلىرىدا يوق ئىدى. بۇ چاغدا ئۇ بىر سىنىپىي ھاكىمىيەتنىڭ ھەقىقىي ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانى بولۇپ قالغانىدى.
    باتۇر تەڭرىقۇت دەۋرىدە ھۇنلار ئەتىراپتىكى نۇرغۇن مىللەتلەرنى بويسۇندۇردى. ئۇلار ئىلگىرى- ئاخىر بولۇپ شەرقتە توڭگۇسلارنى تارمار قىلىپ غەربتە ياۋچىلارغا زەربە بېرىپ، جەنۇپتا ئالۇبان ۋە بايان خانلىغىنى يۇتىۋېلىپ، شىمالدا ھۇنگىر، چۈشۈر، دىڭلىڭ، قىرغىز، شىنلى قاتارلىق مىللەتلەرنى بويسۇندۇردى. بۇ بىر قاتار ھەربىي غەلبىلەر ئالدىدا ھۇنلارنىڭ ھەر قايسى قەبىلىلىرىنىڭ ئاقساقاللىرى قورقۇشۇپ «باتۇر تەڭرىقۇتنى غالىب» دېيىشىپ، قايتا قارىشلىق كۆرسىتىشكە جۈرئەت قىلالمىدى. باتۇر شۇنىڭغا ئەگىشىپلا ياۋچىلارنى يوقىتىپ، كرورەن، ئۇيسۇن، ئوغۇز ۋە ئۇلارنىڭ ئەتىراپىدىكى باشقا مىللەتلەرنى تىنجىتىپ، شەرقتە ھازىرقى لياۋخې دەرياسىغىچە، غەربتە پامىر تاغلىرىغىچە، شىمالدا بايقال كۆلىگىچە، جەنۇپتا سەددىچىن سېپىلىغىچە بولغان رايۇنلارنى كونتىرول قىلدى. بويسۇندۇرۇلغان رايۇنلارنىڭ كۆپىيىشى، زور تۈركۈمدىكى قۇللار ۋە ئولپاننىڭ ئېقىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، شەخسلەرنىڭ مال- مۈلكى ناھايتى تېز كۆپەيدى. بۇ بايلىقلارنى قوغداش، قۇللار ۋە بويسۇندۇرۇلغان ئۇلۇس- قەبىلىلەرنىڭ قارىشلىقىنى باستۇرۇش ئۈچۈن، مەمىلكىتىمىزنىڭ شىمالىدا، ئالدى بىلەن چۆللۈكنىڭ جەنۇبىنى، كېيىن چۆللۈكنىڭ شىمالىنى مەركەز قىلىپ، بىر ناھايتى زور قۇلدارلىق دۆلەت ھاكىمىيىتى تىكلەندى. شۇنىڭدىن باشلاپ ھۇنلار ياۋايلىقتىن مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويدى (دۆلەت ھاكىمىيىتى سىنپىي ئېزىش قورالى بولسىمۇ، لېكىن مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ بىر بەلگىسىدۇر)
        ھۇن ھاكمىيەت ئورگانلىرى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەنىدى.
        بىرىنچىسى، تەڭرىقۇت ئوردىسى (مەركىزىي قىسىم) . ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدىكى رايونلار ھۇنلارنىڭ ئوتتۇرا قىسىمى بولۇپ، جەنۇبىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەيجۈن (ھازىرقى خېبىينىڭ ۋېيشىيەن ناھيىسى ئەتىراپى) ۋە يۈنجۇڭ (ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلنىڭ توقتۇ ناھىيىسى ئەتىراپىدا) ئايماقلىرىغا ئۇدۇل كېلەتتى.
        ئىككىنچىسى، سول قول بىلىك خان ئوردىسى (شەرقىي قىسىم). ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدىكى رايونلار ھۇنلارنىڭ شەرقىي قىسىمى بولۇپ، جەنۇبىي شاڭگۇ (ھازىرقى خېبىينىڭ خۇەيلەي ناھىيىسى ئەتىراپى) ئايمىقىغا، غەربىي خۇيمولارغا ئۇدۇل كېلەتتى.
        ئۈچىنچىسى، ئوڭ قول بىلىك خان ئوردىسى (غەربىي قىسىم) . ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدىكى رايونلار ھۇنلارنىڭ غەربىي قىسىمى بولۇپ، جەنۇبى شاڭجۈن (ھازىرقى شەنشىنىڭ يۈلىن ناھىيىسى ئەتىراپى) ئايمىقىغا غەربىي ياۋچى، دى، چياڭلارغا ئۇدۇل كېلەتتى.
        تەڭرىقۇت ھۇنلارنىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانى ھەم ھاكىمىيەتنىڭ ئەڭ ئالىي باشلىقى بولۇپ، ھۇنلار تەڭرىنى «تەڭرى»، ئوغۇلنى «قۇت» دەيتى. تەڭرىقۇت دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «تەڭرىنىڭ ئوغلىغا ئوخشاش بۈيۈك باشلىق» دېگەنلىك بولاتتى②. بۇ خىل ئاتاش تەڭرىقۇتنىڭ ئادەتتىكى رەھبەر مەنىسىدىن تەڭداشسىز رەھبەر مەنىسىگە ئۆزگەرگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
        تەڭرىقۇت ھەربىي، سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە قاتارلىق بارلىق چوڭ ھوقۇقلارنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان بولۇپ، سىياسىي ئىشلارغا ئوڭ، سول قول قۇتقۇ ياردەملىشەتتى. قۇتقۇلۇقنى قۇيان، لان ۋە شۈبۈ ئۇرۇقىدىن بولغان ئاقسۆڭەكلەر ئۈستىگە ئالاتتى. قۇيان ئۇرۇقى سول، لان ۋە شۈبۈ ئۇرۇقلىرى ئوڭ مەرتىۋىلەرنى ئىگەللەپ، ئاساسەن سوراقلارغا ھۆكۈم چىقىرىش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولاتتى. ئەھۋاللارنى تەڭرىقۇتقا ئاغىزاكى مەلۇم قىلىدىغان بولۇپ، يازىدىغان ۋە خاتىرلەيدىغان ئىشلار يوق ئىدى③.
        سول قول، ئوڭ قول بىلىك خانلار ئەڭ ئالىي يەرلىك ھۆكۈمران ئىدى. ھۇنلار سول قول تەرەپنى ئەزىزلىگەچكە، تەڭرىقۇتتىن قالسىلا سول قول بىلىك خان ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى. شۇڭا، ھوقۇقى ۋە ئورنى ئوڭ بىلىك خانغا قارىغاندا بىر قەدەر چوڭ ئىدى. سول قول بىلىك خانلىققا تەڭرىقۇتنىڭ ۋارىسى قويۇلدىغان بولغاچقا، بۇ ۋەزىپىگە كۆپ ھاللاردا شاھزادىلەر قويۇلاتتى. ئوڭ قول بىلىك خان خاندىن قالسىلا سول قول، ئوڭ قول خانلار تۇراتتى. سول، ئوڭ قول خانلارمۇ ئۆز ئالدىغا ئايرىم ئوردا قۇرۇپ ، ئۆز يەرلىرىنى باشقۇراتتى. ھۇنلار ھاكىمىيىتىدىكى ئەمەللەر ئىچىدە سول قول، ئوڭ قول بىلىك خانلىق ۋە سول قول، ئوڭ قول خانلىق ئەڭ چوڭ ئەمەل ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭدىن قالسا سول قول، ئوڭ قول بۇيۈك سەركەردە، سول قول، ئوڭ قول بۈيۈك كاھبەگ، سول قول، ئوڭ قول بۈيۈك ياساقبەگ قاتارلىقلارمۇ چوڭ ئەمەل ھېسابلىناتتى. ئۇلارنىڭ يۇقىرى- تۆۋەنلىك پەرقى تۆۋەندىكىچە بولاتتى.
         بىرىنچىسى، سول قول بىلىك خان، ئىككىنچىسى ئوڭ قول بىلىك خان، ئۈچىنچىسى، سول قول خان④. تۆتىنچىسى، ئوڭ قول خان، بەشىنچىسى سول قول ئۇلۇغ سەركەردە، ئالتىنچىسى، ئوڭ قول ئۇلۇغ سەركەردە، يەتتىنچىسى، سول قول بۈيۈك كاھبەگ، سەككىزىنچىسى، ئوڭ قول بۈيۈك كاھبەگ، توققۇچىنچىسى، سول قول ئۇلۇد ياساقبەگ، ئونىنچىسى، ئوڭ قۇل ئۇلۇغ ياساقبەگ.
         «ئۇرۇش ۋە ئۇرۇش قىلغۇچى تەشكىل بۇ ۋاقىتتا ئاللىقاچان مىللىي تۇرمۇشنىڭ نورمال فۇنكىسىيىسى بولۇپ قالغان» لىقتىن ⑤، ھۇن ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قۇلدارلىق ھاكىمىيىتى، ئەمەلىيەتتە بىر كۆچمەن ھەربىي ھاكىمىيەت ئىدى. بۇ ھاكىمىيەت ئەسلىدىنمۇ قوشنا مىللەتلەرنى بۇلاش ۋە ئېزىش جەريانىدا قۇرۇلغان بولغاچقا، ئۇنىڭ مەقسىدىنىڭ بىرى يەنىلا تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا قوشنا مىللەتلەرنى بۇلاش ۋە ئېزىش ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭدا بىر تەرەپتىن قورامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاتلىق ئەسكەر بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بارلىق ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى چوڭ- كىچىك ھەربىي باشلىق ئىدى. تەڭرىقۇت ئۆزى قوشۇن باشلاپ ئۇرۇشقا قاتناشقاندىن سىرت يەنە سول قول، ئوڭ قول بىلىك خانلاردىن تاكى سول قول، ئوڭ قول ئۇلۇغ ياساقبەگكىچە ھەممىسى ئايرىم- ئايرىم ھالدا قوشۇن باشلاپ ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلاتتى. چوڭراقلىرى بىرەر تۈمەن ئاتلىق ئەسكەرگە قوماندانلىق قىلسا، كىچىكرەكلىرى بىرەر نەچچە ئاتلىق ئەسكەرگە باشچىلىق قىلاتتى. ھۇنلاردا بىر تۈمەن ئەسكەرگە باشچىلىق قىلىدىغان ھەربىي باشلىقتىن 24 ى بولۇپ ، ئۇلار «تۈمەن بېشى» دەپ ئاتىلاتتى. بۇ 24 تۈمەن بېشىنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ قول ئاستىدا يەنە مىڭ بېشى، يۈز بېشى، ئون بېشى قاتارلىق ئەمەلدارلار بار ئىدى. بۇ كاھبەگ، ياساقبېگى، جورجى قاتارلىقلارمۇ ئوتتۇرا- تۆۋەن دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئاز- كۆپلۈكى، ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنىڭ چوڭ- كىچىك ياكى ئورنىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەن بولۇشىنىڭ ئۆلچىمى ئىدى⑥.
         تەڭرىقۇت ئوردىسى بىلەن سول قول، ئوڭ قول بىلىك خانلار ھەر قايسىسىنىڭ «ھەر قايسىسىنىڭ ئايرىم يەرلىرى بار ئىدى» (يەنى ھەر قايسىسىنىڭ بۆلۈشىۋالغان يەرلىرى بار ئىدى) . ھەر قايسىسى ئۆزى باشقۇرۋاتقان رايونلاردىن قوشۇن تەشكىللەپ، ئۇلارغا باشچىلىق قىلاتتى. بارلىق قورامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئاتلىق ئەسكەر بولاتتى. ئۇرۇق باشلىقلىرى يۈز بېشى ياكى مىڭ بېشىلىققا تەينلىنىدىغان، ئېسىلزادە ئۇرۇق ياكى جەمەتتىكىلەر تۈمەن بېشى، ياكى خان تۆرە قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك مەنسەپلەرنى مونوپۇل قىلىۋالغان ھەم ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىدىغان بولۇپ، بۇ خىل تەشكىلىي مۇناسىۋەت (ھۆكۈمرانلىق مۇناسىۋىتى) ئارقىلىق «ساۋۇتلۇق چەۋەنداز» لارنى ئۆزلىرىگە ئەگىشىپ تۈگىمەيدىغان بۇلاڭچىلىق ئۇرۇشلىرىغا قاتنىشىشقا مەجۇرلايتى. ئۇرۇق ئاقسۆڭەكلىك پەقەت تەشكىلىي جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى ئىدىيە جەھەتتىنمۇ ئۇرۇق ئەزالىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. ماركس: «ھۆكۈمران سىنىپىنىڭ ئىدىيىسى ھەر قانداق بىر دەۋردە ھۆكۈمران ئورۇننى ئىگەللەپ كەلگەن ئىدىيىدۇر. بۇ ئاشۇ سىنىپ ھەم جەمئىيەتتە ھۆكۈمرانلىق ئورۇننى ئىگەللىگەن ماددىي كۈچ ھەم جەمئىيەتتە ھۆكۈمرانلىق ئورۇننى ئىگەللىگەن مەنىۋى كۈچ دېگەنلكتۇر. ماددىي ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىگە يېتەكچىلىك قىلغان سىنىپ ئوخشاشلا مەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىسىگە يېتەكچىلىك قىلالايدۇ. شۇڭا، مەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىسى بولمىغان كىشلەرنىڭ ئىدىيىسىگە ئادەتتە ھۆكۈمران سىنىپ يېتەكچىلىك قىلىدۇ»⑦ دېگەن. ھۇنلارنىڭ ئۇرۇق ئاقسۆڭەكلىرىمۇ دەل ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇشخۇمارلىق ئىدىيىسى ۋە بۇلاڭچىلىق ئىدىيىسى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئاستىدىكى ئۇرۇق ئەزالىرىنىڭ ئىدىيىسىگە يېتەكچىلىك قىلاتتى.
        ھۇنلار جەمئىيىتىنىڭ ئادىتىگە ئاساسەن، ئۇرۇشتا دۈشمەندىن بىرنى ئۆلتۈرگەنلەرگە بىر جام شاراپ مۇكاپات بېرىلەتتى. ئەسىر تۇتۇپ كەلگەنلەرگە ئەسىرلەر ئىنئام قىلىپ بېرىلەتتى. بۇ ئەسىرلەر قۇل قىلىناتتى. شۇڭا، ھۇنلار ئۇرۇش قىلغاندا ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلاتتى. ھۇن ئۇرۇق ئاقسۆڭەكلىرى بۇ خىل ئادەتتىن پايدىلىنىپ قول ئاستىدىكى ئۇرۇق ئەزالىرىنى ئۆزلىرىنىڭ تەشكىلىي ۋە ئىدىيە جەھەتتىكى يېتەكچىلىكىنى قۇبۇل قىلىشقا قىزىقتۇراتتى. ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ ھەربىي مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇراتتى.
         تەڭرىقۇت ۋە ھەر دەرىجىلىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قوشۇن باشلاپ ئۇرۇش قىلىشى ھەم قورامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەسكە


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.