ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-10-22

    ھۇنلارنىڭ ئومۇمى تارىخىنىڭ داۋامى - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/80308882.html

     شۇنىڭغا ئەگىشىپلا ئوڭ قول بىلىك خان يەنە جيۇچۈەن، جاڭيېغا بېسىپ كىرىپ نەچچە مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن (لېكىن نەچچە مىڭ ئادەمنى خەن سۇلالىسىنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش سەركەردىسى رېن ۋېننىڭ قوشۇندىكىلەر قۇتقۇزۋالغان).
         مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 91- يىلى (جېڭخې 2- يىلى) شاڭگۇ ۋە ۋۇيۈەنگە بېسىپ كىرىپ ئەمەلدار ۋە پۇقرالارنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن.
         مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 87- يىلى (خۇيۈەن 2- يىلى) ھۇنلار سۇفاڭغا بېسىپ كىرىپ ئەمەلدار ۋە پۇقرالارنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن.
         مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 78- يىلى (جاۋدېنىڭ 3- يىلى)ھۇنلار ۋۇيۈەنگە بېسىپ كىرىپ نەچچە مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن. ئارقىدىنلا يەنە چېگىردىكى قەلئەلەرگە ئەمەلدار ۋە پۇقرالارنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن.⑦
         يۇقىرىقىلار جاۋدى دەۋرىگىچە بۇلاپ كېتىلگەنلەر بولۇپ، سانى يۈزمىڭدىن ئاشىدۇ.
        ھۇنلار خەنزۇلاردىن سىرت يەنە باشقا ئۇلۇس ۋە قەبىلىلەردىنمۇ ناھايتى نۇرغۇن كىشىنى تۇتۇپ كەتكەن. مەسلەن: باتۇر تەڭرىقۇت توڭگۇسلارنى تارمار قىلغاندا خەلقنى ئەسىر ئېلىپ قايتىپ كەلگەن⑧. شىراۋىلارنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن نەچچە مىڭ ئادىمىنى زورلۇق بىلەن ھۇنلارنىڭ سول تەرىپىگە كۆچۈرۈپ چارۋىچىلىق قىلدۇرغان⑨. ئۇنىڭ غەربتە ياۋچىلارغا زەربە بەرگەندە، جەنۇبتا ئالوبان خاننى، بايان خاننى قوشۇۋالغاندا، شىمالدا ھۇنگىرلار، دىڭلىڭلار، قىرغىزلار ۋە شىنلىلارنى بويسۇندۇرغاندا، غەربىي شىمالدا كىرورەن، ئۇيسۇن، ئوغۇزلارنى ۋە ئەتىراپتىكى ھەر قايسى خەلقلەرنى تىنچىتقاندا قانچىلىك ئادەمنى ئەسىرگە ئالغانلىقىنى بىلمىسەكمۇ، تۆۋەندىكى ماتېرياللاردىن ئۇلارنىڭ سانىنىڭمۇ ئاز ئەمەسلىگىنى بىلىۋالالايمىز.
    «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى. ۋېي پادىشاھلىق تەزكىرىسى» 30- جىلد «ئوغۇنلار. سىيانچىلار ۋە شەرقتىكى يات قوشملار ھەققىدە قىسسە» دە «ۋېي پادىشاھلىق ھەققىدە» دېگەن ئەسەردىن نەقىل ئېلىنىپ، شەرقىي خەن سۇلالسىىنىڭ جيەنۋۇ يىللىرىدا (تەخمىنەن مىلادىيە 48-يىلى) نەچچە تۈمەن تۈتۈنلۈك ئەسىر قۇللار ھۇنلارنىڭ جەنۇپ، شىمال ئىككى قىسىمىغا بۆلۈنۈپ، ئاجىزلاشقان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ھازىرقى خېشى كارىدورى ئەتراپىغا قېچىپ كېلىپ، ئاۋالقىدەك «ئوت- سۇ قوغلىشىپ» كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن. قېچىپ كەلگەن قۇللارنىڭ ئىرقى ھەر خىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە غەربىي يۇرتلۇقلار، دىڭلىڭلار ۋە يەنە چياڭلارمۇ بار ئىدى ، دەپ خاتىرلەنگەن. يۇقىرىقى خاتىرىدىن ھۇنلار ئەسىرگە ئالغان يات مىللەت قۇللىرى ئىچىدە خەنزۇلار، توڭگۇسلار ۋە شىرۋىلاردىن سىرت، يەنە غەربىي يۇرتتىكى ھەر قايسى مىللەتلەر، دىڭلىڭلار ۋە چياڭلارنىڭمۇ بارلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ قېچىپ كەلگەن قۇللارنىڭ ئومۇمىي سانى نەچچە ئون مىڭ تۈتۈندىن (لو) ئارتۇق بولۇپ، ھەر بىر تۈتۈننى بەش جان ھىسابلىغاندىمۇ، ئۇلارنىڭ سانى نەچچە يۈز مىڭغا يېتىدۇ⑩.
        ھۇنلارنىڭ قۇللىىرنىڭ ئىككىنىچ كېلىش مەنبەسى قوشنا مىللەتلەردىن سېتىۋېلىنغانلار ئىدى. مەسلەن، شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربتىكى چياڭلار بۇلاپ كەلگەن زور تۈركۈمدىكى خەنزۇ قۇللارنى جەنۇبىي ھۇنلارغا سېتىپ بەرگەن. كېيىن جەنۇبىي ھۇن تەڭرىقۇتى خەن سۇلالىسىغا ئاسىيلىق قىلىپ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، بۇ بىر تۈركۈم قۇللارنى ۋە بۇرۇن بۇلاپ كېلىپ قۇل قىلىۋالغان ئون مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى بىراقلا خەن سۇلالىسىگە قاتۇرۇپ بەرگەن⑾.
         ھۇنلارنىڭ قۇللىرىنىڭ ئۈچىنچى كېلىش مەنبەسى بېقىندى ئۇلۇس ۋە قەبىلىلەردىكى ئولپاننى تۆلىيەلمەي قالغان قەرزدارلار ئىدى. مەسلەن، « كېيىنكى خەننامە» 90- جىلد «ئوغانلار ھەققىدە قىسسە» دە، ئوغانلار باتۇر تەڭرىقات تەرىپىدىن تارمار قىلىنغاندىن كېيىن، زاۋاللىققا يۈزلۈنۈپ، ھۇنلارغا قارام بولۇپ قالغاچقا، ھەر يىلى ھۇنلارغا كالا، ئات، قوي تېرىسى تاپشۇرغان. ئەگەر ۋاقتىدا تاپشۇرالمىسا خوتۇنلىرى قەرزىگە ھىسابلىنىپ قۇل قىلىنغان، دەپ خاتىرلەنگەن.
        ھۇنلارنىڭ قۇللىرىنىڭ تۆتىنچى كېلىش مەنبەسى ھۇنلاردىكى جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قويغانلار ئىدى. مەسلەن، ھۇنلارنىڭ قانۇندا، مال- مۈلۈك ئوغرلىغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى ۋە مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇنىڭ بىلەن باشقا مىللەت ئەسىرلىرىنىڭ قۇل قىلىنىشىغا ئەگىشىپ ھۇنلارنىڭمۇ قۇل بولۇش ھادىسىسى پەيدا بولغان.

     2-باپ ھۇنلارنىڭ ئۇرۇقداشلىق جامائەسى ۋە ئۇنىڭ قۇللۇق
    جەمئىيىتىگە   قاراپ تەرەققىي قىلىشى
    、      ھۇنلار ناھايتى بۇرۇنلار ئۇرۇقداش قەبىلە ۋە قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلغان. لېكىن شۇ چاغدا قەبىلىلەر ئىتتىپاقىغا قاتناشقان ھەر قايسى قەبىلىلەر يەنىلا ناھايتى تارقاق بولۇپ، ئىنتايىن تۇراقسىز ئىدى. «تارىخىي خاتىرلەر» 110- جىلد «ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە ھۇنلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى تارىخىنى بايان قىلىپ، «چۈنۋېيدىن (رىۋايەتلەردىكى ھۇنلارنىڭ ئەجدادى) تارتىپ تاكى تۈمەنگىچە بولغان مىڭ نەچچە يىل جەريانىدا، ئۇلار بەزىدە كۆپىيىپ، بەزىدە ئازىيىپ ناھايتى تارقاق جايلاشقان» دەپ خاتىرلەنگەن. بۇ دەل ئۇرۇقداش قەبىلە ۋە قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئىنتايىن تۇراقسىز ئىكەنلىكىنىڭ ئالامىتى بولسىمۇ، ئەمما ھۇنلارنىڭ تۇنجىسى تەڭرىقۇت ـــ تۈمەن تەڭرىقۇت قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئورتاق تىكلىگەن رەھبەر ئىدى. ئۇرۇقداشلىق تەشكىلى پارچىلىنىشتىن ئىلگىرى ھۇنلار ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغغۇلىنىدىغان، مەھسۇلاتلارنى تەڭ تەقسىم قىلىدىغان، سىنىپ ۋە زۇلۇم ئېكىپىلاتاتىسىيە مەۋجۇت بولمىغان ئىپتىدائىي جامائە ھالىتىدە ياشايتى. بۇ خىل تۇرمۇش شەكلىدە مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىرگە كەلگەندە ئۆزگىرىش بولۇشقا باشلىدى.
          ھۇنلار مىلادىيىدىن ئىلگىركى 3- ئەسىرنىڭ ئالدى- كەينىدە تۆمۈر قوراللار مەدەنىيىتى دەۋرىگە قەدەم قويدى. تۆمۈر قوراللار مەدەنىيىتىگە قەدەم قويۇش ھۇن جەمئىيىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيىسىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى. بۇنىڭ بىلەن، ئېشىنچە مەھسۇلات كېلىپ چىقىپ، ھۇنلارنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق ئىگىلىكىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىكتىن يەككە ئىگىلىككە ئۆزگىرىشنى تېزلەتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنىڭ خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىككە ئۆزگىرىش مۇمكىنچىلىگى تۇغۇلدى.
          ئالدى بىلەن، چارۋىچىلىقتا، بولۇپمۇ يەم- خەشەك قىس بولغان قىش پەسلىدە چارۋىچىلىق قىلغاندا كىچىكرەك كۆلەمدىكى چارۋىنى بېقىش چوڭ كۆلەمدىكى چارۋىنى باققانغا قارىغاندا ئاسان توختايتى. چارۋىلارنى كۆپەيتىش ۋە قوغداش ئۈچۈن ئۇلارنى ئايرىپ بېقىشقا توغرا كىلەتتى. بۇ جامائەتنىڭ كوللىكتىپ چارۋىچلىق قىلىشىنى پەيدىنپەي يەككە ئائىلىلەرنىڭ تارقاق چارۋىچىلىق قىلىشىغا ئۆزگەرتتى. ئۇنىڭدىن قالسا، چارۋىچىلارنى ئەسلىدىنلا ئاسان ئىگىلىۋالغىلى، ئايرىغىلى ۋە ئالماشتۇرۋالغىلى بولاتتى. ئوت، سۇ قوغلىشىپ كۆچۈپ يۈرىدىغان كۆچمەن چارۋىچىلىق ئىگىلىكىدە چارۋىچىلار بىر تەرەپتىن ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانسا، بىر تەرەپتىن باشقا قەبىلىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ چارۋىلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلاتتى. بۇمۇ چارۋىلارغا بولغان خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا پايدىلىق ئىدى. خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكتە چارۋىسى بار . چارۋىدار ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلەتتى. بۇ چارۋا توپىنى كۆپەيتىش ۋە باشقا بايلىقلارنى توپلاش ئىمكانيىتىنى كېڭەيتەتتى. ئۈچىنچىدىن، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ يەنىمۇ يۈكسىلىشى جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى ئىگىلىك تارماقلىرىنىمۇ يۈكسەلدۈردى. بولۇپمۇ ئاساسلىق ئىگىلىك بولغان چارۋىچىىق ئەسلىدەدىكى ئاساستا مىسلىسىز راۋاجىلاندى. بۇ ۋاقىتتا ھۇنلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ئۆزىنى تەمىنلەپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئېشىنچا مەھسۇلاتلارنىمۇ بارلىققا كەلتۈردى. بۇ ئېكىسپىلاتاتىسىيە قىلىش ۋە ئېكىسپىلاتاتىسىيە قىلىنىش مۇناسىۋىتىنىڭ ئىقتىسادىي ئالدىنقى شەرتىنى مەيدانغا كەلتۈردى. بۇنىڭ بىلەن ھۇنلارنىڭ ئىپتىدائىي جامائەتىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ سىنىپقا بۆلۈنۈشىمۇ باشلاندى.
          تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 3- ئەسىرنىڭ ئالدى- كەينىدە، ھۇنلارنىڭ ئۇرۇقداشلىق جامائەسىدە شەخسىي چارۋىسى بار يەككە ئائىلىلەرنى ئاساس قىلغان مۇستەقىل كىچىك ئىگىلىك مەيدانغا كەلدى. بۇ خىل كىچىك ئىگىلىكنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۇرۇقداشلىق جامائەسىنى پارچىلاش رولىنى ئويناشقا باشلىدى. چۆللۈكنىڭ شىمالىدىدن قېزىلغان، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 2- ، 3- ئەسىرلەرگە تەئەللۇق بولغان ھۇن قەبرىلىرىنىڭ ئىچىدىكى ھەمدە چىنە بۇيۇملار كۆپ. چوڭ قەبرىلەر ھەم ئۇلارنىڭ يېنىدىكى ھەمدەنپە بۇيۇملار ناھايتى ئاز قەبرىلەردىن بۇ چاغدا ئۇرۇقداشلىق تەشكىلىنىڭ پارچىىنىپ، باي، كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ تولۇق ئاشكارلانغانلىقىنى روشەن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ①. بۇ چاغدا چارۋىچىلىق مەيدانى ۋە چارۋىچىلىق قىلىدىغان يەرلەر ئۇرۇقداشلىق چارۋىچىلىق مەيدانى ۋە چارۋىچىلىق قىلىدىغان يەرلەر ئۇرۇقداشلىق جامائەسىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولغان. چارۋىلار بولسا يەككە ئائىلىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولغان. شۇڭا، چارۋىچىلىق مەيدانى ۋە چارۋىچىلىق قىلىدىغان يەرلەرگە بولغان ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك بىلەن چارۋىلارغا بولغان خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشىنى بۇ دەۋرىدىكى ھۇن ئۇرۇقداشلىق جامائەسىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى دېيىشكە بولىدۇ.
          ھۇنلارنىڭ ئۇرۇقداشلىق جامائەسى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3- ئەسىرنىڭ ئالدى- كەينىدە يەككە ئائىلىلەرنىڭ خۇسۇسىي ئىگىلىكىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ پارچىلىنىشقا باشلىغان بولسىۇ، لېكىن ھەر قايسى ئائىلىلەر ۋە ئۇرۇق ئەزالىرى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى بولغان چارۋىچلىق مەيدانى ۋە چارۋىچىلىق قىلىدىغان يەرلەرنى يەنىلا ئورتاق ئىگىلەش سەۋەبىدىن ئۆز- ئارا زىچ باغلىنىپ تۇراتتى. «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە ھۇنلار «ئوت- سۇ قوغلىشىپ كۆچۈپ يۈرسىمۇ، ھەر قايسىسىنىڭ يەرلىرى ئايرىم ئىدى» دەپ خاتىرلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭدا دەل چارۋىچىلىق مەيدانى ۋە چارۋىچىلىق قىلىدىغان يەرلەرگە بولغان ئۇرۇقنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكى بايان قىلىنغان.
          بۇ خىل باغلىنىش ئۇرۇقنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، چارۋىچىلىق ھۇجۇمىدىن قوغداش سەۋەبلىك ساقلىنىپ قالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىپتىدائىي ئۇرۇقداشلىق جامائەسى تۈزۈمىنىڭ پارچىلىنىشى ۋە سىنىپنىڭ شەكىللىنىشى جەريانىدا، بۇلاڭچىلىق ئۇرۇشى قىلىشى خۇددى «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە «ئۇرۇش قىلىش ھۇنلار ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىش ئىدى» دەپ ئېيتىلغىنىدەك، ھۇنلارنىڭ دائىملىق كەسپىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. شۇڭا ئۇلار زىچ بىرلىشىپ قالماي، بەلكى يەنە قۇشۇن بولۇپ تەشكىللەنگەن ئىدى، بۇ ئۇلارنىڭ خالىغان چاغدا ئۇرۇشقا مېڭىشى ۋە قاتنىشىشغا قولايلىق ئىدى. شۇڭا، ھۇنلارنىڭ ئۇرۇقداشلىق جامائەسىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ئۇ ھەم ئىشلەپچىقىرىش تەشكىلاتى، ھەم ھەربىي تەشكىلات ئىدى. «تارىخى خاتىرىلەر، ھۇنلار ھەققىدە قىسە»دە: «ھۇنلار قۇرامىغا يېتىپ ئوقيا تارتقىدەك بولغاندىلا ئاتلىق ئەسكەر بولاتتى، ئۇرۇش ۋاقتىدا جەڭگە چىقىپ بۇلاڭ-تالاڭغا قاتنىشاتتى، بۇ ئۇلارنىڭ ئادىتى ئىدى» دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇ ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى چاغلاردا چارۋىچىلىق ۋە ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرسە، ئۇرۇش ۋاقتىلىرىدا جەڭگە قاتنىشىدىغانلىقىنى، ئىشلەپچىقىرىش تەشكىلى بىلەن ھەربىي تەشكىلىنىڭ بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. بۇ ھەقتە ماركىس «بۇنداق تەشكىل جامائەنىڭ ئىگىدارلىق قىلغۇچى سالاھيىتى بىلەن مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشىدىكى بىر شەرت»② دېگەن.
          ھۇنلارنىڭ ئۇرۇقداشلىق تەشكىلاتى ئەسىلدىنلا بىر خىل قانداشلىق ئاساسىدا قۇرۇلغان تەشكىلات بولۇپ، ئۇرۇقداشلىق جامائەنىڭ پارچىلىنىشى، سىنىپنىڭ پەيدا بۇلۇشى ۋە ئۇرۇشنىڭ كۆپىيىشىدىن كېلىپ چىققان ئۇرۇق تەركىبىنىڭ مۇرەككەپ بولۇشى ۋە تۇراقسىزلىقىدىن ئۇرۇقتىكىلەرنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئالدى بىلەن ئۇرۇق تەشكىلىنىڭ ئىچىگە باشقا ئۇرۇقنىڭ ئادەملىرىمۇ زور تۈركۈمدە قۇشۇلاتتى. مەسلەن: تۇڭگۇسلار، ياۋچىلار، ئالۇبانلار، ھۇنگىرلار، چۈشۈرلەر، دڭلىڭلار، قىرغىزلار، شىنلىلار، ئۇيسۇنلار، غەربىي يۇرتلۇقلار، چىياڭلار ۋە خەنزۇلار دېگەندەك. بۇلار ئاساسەن ھەر قايسى ئۇرۇق ۋە ئائىلىلەرگە تارقالغان بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسىمى قۇللۇقتا تۇرغان بولسا، ئاز ساندىكىلىرى ئۇرۇق ئەزالىقغا قۇبۇل قىلىناتتى ئۇنىڭدىن قالسا ھەر قېتىملىق ئۇرۇش، بولۇپمۇ مەغلۇبىيەتلىك ئۇرۇشلار ئۇرۇق ئەزاللىرىنىڭ كۆپلەپ ئۆلۈشىنى، يارلىنىشىنى ۋە تارقىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا، ئۇرۇقداشلىق جامائەسى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايتتى. مەسىلەن: مىلادىيدىن بۇرۇنقى 124-يىلى ئوڭ قول بىلىكخاننىڭ قوۋمى خەن سۇلالىسى سەركەردىسى ۋېي چىڭنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا، ئوڭ قول بىلىكخان ئۆزى يالغۇز قېچىپ كېتىپ، ئاتلىق قۇشۇنى تارقىلىپ كېتىپ، كىچىك خان ۋەزىپىسىدىكى ئون نەچچە ئۇرۇق ئاقساقىلى ۋە 15 مىڭدىن كۆپ ئەر-ئايال ئۇرۇق ئەزاللىرى ئەسىرگە چۈشۈپ ئۇرۇق پۈتۈنلەي تارقىلىپ كەتكەن. يەنە مىلادىيدىن بۇرۇنقى 119-يىلى ئېچىغسە تەڭرىقۇت ۋېي چىڭ بىلەن بولغان ئۇرۇشتا مەغلۇب بولغاندا نەچچە يۈز ئەسكەر بىلەن مۇھاسىرىنى بۇزۇپ قېچىپ كەتكەن، قاچالماي قالغانلىرى خەن سۇلالىسى قۇشۇنلىرى بىلەن ئارلىشىپ تۇرىۋەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سول قول بىلىك خاننىڭ قوۋمىدىنمۇ يەتتە تۈمەندىن ئارتۇق ئادەم خۇ چۈبىك تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ۋە ئەسىرگە ئېلىنغان، قالغانلىرى قېچىپ كېتىپ ئۇرۇق پۈتۈنلەي قالايمىقانلىشىپ كەتكەن. تېخىمۇ ئېغىرى شۇكى، مىلادىيدىن بۇرۇنقى 71-يىلى خەن سۇلالىسى بىلەن ئۇيسۇنلارنىڭ 200 مىڭ كىشىلىك بىرلەشمە قوشۇنى ھۇنلارغا ھۇجۇم قىلغاندا، ھۇنلار خەن سۇلالىسىنىڭ قۇشۇنلىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ قېرى-چۈرىلىرىنى يېتىلەپ، مال-چارۋىلىرىنى ھەيدىگىنىچە يىراققا قېچىپ كەتكەن. بۇ خىل ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىدا ئۇرۇق تەشكىلىنىڭ قالايمىقانلىشىپ كېتىشى مۇقەرەر ئىدى. ئوڭ قول خاننىڭ قوۋمىدىكىلەر چىرىكچى بەگ چاڭ خۇي ۋە ئۇيسۇنلارنىڭ بىرلەشمە قوشۇنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا تەڭرىقۇتنىڭ يەڭگىسى، مەلىكىسى، ئاتاقلىق خانلىرى، كاھبەگ، مىڭ بېشى، سەركەردىلىرى قاتارلىق 39 مىڭ ئادەم ئەسىرگە چۈشۈپ، 700 مىڭدىن ئارتۇق ئات، كالا، قوي، قېچىر ۋە تۆگە ئولجا ئېلىنغان، ئۆلگەن-يارلانغانلار ۋە تارقىلىپ كەتكەن چارۋا-ماللار ھېسابسىز بولغان، ئۇرۇقداشلىق جامائەسى چاك-چېكىدىن بۆسۈلۈپ كەتكەن③. يۇقىرىدىكىلەر بىر نەچچە مىساللار خالاس، ئۇرۇش ۋاقتىدا بۇنداق ئەھۋاللار دائىم كۆرۈلۈپ تۇراتتى. لېكىن، ئۇرۇقنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى مۇستەھكەم بولغانلىقتىن، قالايمىقانچىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىقتىن كېيىن يەنە ناھايىتى تىزلا توپلىشالايتتى ۋە ئەسلىگە كېلەلەيتتى (مەسلەن، ئېچىغسە تەڭرىقۇت قېچىپ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا «ئادەملىرىنى قايتا توپلىغان»)، ئەمما ئەسىلدىكى ئۇرۇق ئەزاللىرى تارقىلىپ، قالايمىقانلىشىپ كەتكەچكە، ئۇرۇقنىڭ تەركىبى كۆپ ھاللاردا قالايمىقانلىشىپ كېتەتتى. كېيىن ئۇرۇقداشلىق تەشكىلى شەكىل جەھەتتىن ساقلىنىپ قېلىپ، ئۇرۇق قەبرىستانلىقى ۋە ئۇرۇق نامى بۇرۇنقىدەكلا مەۋجۇت بولۇپ، ئۇرۇقنىڭ سىرتتىن نىكاھلىنىش تۈزۈمىگە يەنىلا رىئايە قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ھەقىقىي ساپ قان سېستىمىسىدىكى ئۇرۇق مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتتى. شۇڭا، ھۇنلارنىڭ ئۇرۇقداشلىق تەشكىلى شەكىل جەھەتتىن تاكى مىلادىيە 3-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە، يەنى ۋېي، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىگىچە ساقلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىكى قانداشلىق مۇناسىۋەت ئۇرۇقنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئىگىلىك خاراكتىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ پەيدىنپەي ئۆزگەردى، بۇ خىل ئۆزگىرىشتىن كېيىنكى ئۇرۇقداشلىق جامائەسى ئەمەليەتتە قانداشلىق ئاساسىغا قۇرۇلغان ئۇرۇقداشلىق بىرلىكى بولماي، بەلكى تېرىتورىيە ئاساسىغا قۇرۇلغان ھەربىي مەمۇرىي بىرلىك بولۇپ قالدى. بۇ ھۇنلارنىڭ ئۇرۇقداشلىق جامائەسىنىڭ يەنە بىر خىل ئالاھىدىلىكىدۇر.
          ھۇنلارنىڭ ئۇرۇقداشلىق جامائەسىنىڭ شەكىل جەھەتتىن تاكى مىلادىيە 3-ئەسىرگىچە ساقلىنىپ قالغانلىقىنى يازما ھۆججەتلەردە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئۇرۇق قەبرىستانلىقى، ئۇرۇق نامى، ئۇرۇقنىڭ سىرتتىن نىكاھلىنىش تۈزۈمى ھەققىدىكى بايانلاردىن كۆرىۋېلىشقا بۇلىدۇ. تارىخى ئەسەرلەردە ھۇنلارنىڭ ئۇرۇق قەبرىستانلىقى ھەققىدىكى خاترىلەر ئۇچرايدۇ. مەسلەن، «كېيىنكى خەننامە» 90-جىلىد «ئوغانلار ھەققىدە قىسسە» دە جاۋدى دەۋرىدە (مىلادىيدىن بۇرۇنقى 78-يىلى) ئوغانلارنىڭ ھۇن تەڭرىقۇتىنىڭ قەبرسىنى قازغانلىقى خاترىلەنگەن. بۇ خىل قەبرە ئۇرۇق قەبرىستانلىقىغا تەۋە ئىدى. ئۇرۇق قەبرىستانلىقىنىڭ بولۇشى ئۇرۇقداشلىق جامائەسىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى. ئۇرۇق قەبرىستانلىقىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى ئۇرۇقداشلىق جامائەسىنىڭ شەكىل جەھەتتىن ساقلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
          «تارىخى خاتىرلەر، ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» ۋە «كېيىنكى خەننامە» 89-جىلىد «جەنۇبىي ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»دە ھۇنلارنىڭ تەڭرىقۇت ئۇرۇقى بىلەن ئوخشىمايدىغان قۇيان، لان، شۈبۇ ۋە چىيۇلىندىن ئىبارەت تۆت ئىسىلزادە ئۇرۇقنىڭ بارلىقى تىلغا ئېلىنغان. «جەنۇبىي ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە جەنۇبىي ھۇن تەڭرىقۇتى شىخې ئايمىقىغا كېلىپ (مىلادىيە 50-يىلى) ئولتۇراقلاشقاندىن كېينكى خانلار ئىچىدە يەنىلا خەن، داڭيۈ، قۇيان، لان، سۇجى ئۇرۇقىدىن كېلىپ چىققان خانلارنىڭ بارلىقى خاتىرلەنگەن. «جىننامە» 97-جىلىد «شىمالىي دىلار-ھۇنلار ھەققىدە قىسسە»دىمۇ ھۇنلارنىڭ قۇيان، شۈ، بو، لان، جىئو قاتارلىق ئۇرۇقلىرىدىن كېلىپ چىققانلارنىڭ يۇقىرى ئەمەل تۇتىدىغانلىقى خاتىرىلەنگەن، يەنە «جاسارەتلىك، لېكىن ئاسى» چىمو ۋە لى ئۇرۇقىمۇ بولغان. ئۇرۇقنىڭ نامى ئۇرۇقداشلىق تەشكىلىنىڭ بىر بەلگىسى، ئۇرۇق نامىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى ئۇرۇقداشلىق تەشكىلىنىڭ شەكىل جەھەتتىن يەنىلا ساقلىنىپ قالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
          «كېيىنكى خەننامە. جەنۇبىي ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان قۇيان، لان شۈبۇ ۋە چىيۇلىن ئۇرۇقىدىكىلەرنىڭ دائىم ھۇن تەڭرىقۇت ئۇرۇقىدىكىلەر بىلەن نىكاھلىنىدىغانلىقى جاتىرلەنگەن. «خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دىكى خاتىرلەنگە ئاساسلانغاندا، تەڭرىقۇت لاندى ئۇرۇقدىن بولۇپ، قۇيان قاتارلىق ئۇرۇقلار بىلەن بىر ئۇرۇقدىن ئەمەس ئىدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يۇقىرىقى ئۇرۇقلارنىڭ ھەممىسى سىرتتىن نىقاھلانغان تۈزۈمنى يولغا قويغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1- ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە ھۇنلارغا ياتلىق قىلىنغان خەن مەلىكىسى ۋاڭ جاۋجۈننىڭ فۇجۇرۇت تەڭرىقۇتتىن تۇغقان ئىككى قىزى ئەسلىدە قوغۇشار تەڭرىقۇت جىخۇاشاننىڭ ئۇرۇقىغا مەنسۇپ ئىدى. كېيىن چوڭ قىزى يۈەن شۇبۇ ئۇرۇقىغا ياتلىق قىلىنىپ، شۇبۇ قۇنچۇيى (شۇبۇ مەلىكىسى) دەپ ئاتالغان بولسا، كىچىك قىزى داڭيۈ ئۇرۇقىغا ياتلىق قىلىنىپ داڭيۈيى (داڭيۈ مەلىكىسى) دەپ ئاتالغان④. بۇنىڭدىن قوغۇشار تەڭرىقۇتنىڭ شۈيۇ ، داڭيۈ ئۇرۇقى بىلەن سىرتتا نىكاھلىنىش تۈزۈمىنى يولغا قويغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. مىلادىيە 3- ، 4- ئەسىرگە كەلگەندىمۇ ھۇنلار يەنىلا سىرتتىن نىكاھلىنىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. مەسلەن: «بەش ۈيز، ئون ئەلتە پادىشاھلىق» دەۋرىدىكى «خەن ھاكىمىيىتىنى قۇرغۇچى ھۇن ئاقسۆكەڭ ليۈيۈەن ۋە ئوغلى ليۇزۇڭ ئەسلىدە توغا ھۇنلىرىدىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى قۇيان ئۇرۇقىدىن ئىدى⑤. ئۇرۇقنىڭ سىرتتىن نىكاھلىنىش تۈزۈمى ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىنىڭ ئالاھىدە نىكاھ تۈزۈمى. ئۇرۇقنىڭ سىرتتىن نىكاھلىنىش تۈزۈمىگە رىئايە قىلىش ئۇرۇقداشلىق تەشكىلىنىڭ مەزمۇنى ۋە خاراكتېرىدە ئاللىقاچان ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، لېكىن شەكىل جەھەتتىن يەنىلا مەۋجۇتلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
         چارۋىچىلىقنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى بلەن چارۋىلارنى بېقىش تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ئېھتىياجلىق بولدى. شۇڭا، ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي ئىگىلىكىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان چارۋىدارلارنى ئۇرۇشتا تۇتۇۋالغان ئەسىرلەردىن تېخىمۇ كۆپ پايدىلاندى. بۇنىڭ بىلەن قۇللار سىنپى بارلىققا كەلدى.
          «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە: «ھۇنلار جەڭ قىلغاندا دۈشمەندىن بىرنى ئۆلتۈرسە بىر جام شاراپ مۇكاپات بېرىلەتتى. لېكىىن ئەسىر تۇتۇپ كەلسە مۇكاپات تەرىقىسىدە ئۆزىگە ئىنئام قىلىپ بېرىلەتتى. تۇتۇپ كېلىنگەن بۇ كىشلەر قۇل قىلىناتتى. جەڭدە ئۆلگۈچىنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ كەلگۈچى ئۆلگىچىنىڭ ئائىلە مۈلكىگە ئىگە بولاتتى. نەرسە ئوغرلىغۇچىلارنىڭ پۈتۈن مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىناتتى» دەپ خاتىرلەنگەن. بۇ دەل ھۇنلاردا خۇسۇسىي مۈلۈك ۋە ئەسىرلەرنى قۇل قىلىش ئەھۋالىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
          ھۇنلار ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشكەنلەرنى قۇل قىلغانلىقتىن، ھەر بىر ھۇن جەڭچىسى كۆپرەك ئەسىر ئېلىپ بۇ ئەسىرلەرنى ئۆزلىرىنىڭ قۇلى قىلىۋالاتتى. شۇڭا ھۇنلارنىڭ ئادەتتىكى پۇقرالىرىنىڭمۇ قۇلغا ئىگە بولۇشى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال ئىدى. ئەلۋەتتە ھۇن ئاقسۆڭەكلىرى ئىگىلىگەن قۇللار ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئىدى. «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە خاتىرلىنىشىچە. ھۇن ئاقسۆڭەكلىرى ئۆلسە ئۇنىڭ « ياخشى كۆرىدىغان قۇل دىدەكلىرى» دىن قۇربالىق قىلىندىغانلىرى نەچچە يۈزدىن ئاشقان. بويان تاغلىرىدىن تېپىلغان بىر ھۇن ئاقسۆڭەكنىڭ قەبرىسىدىن 17 تال ئۆرۈمە چاچ چىققان⑥. بۇ دەل ھۇن ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ناھايتى نۇرغۇن قۇلغا ئىگە ئىكەنلىكى ۋە نۇرغۇن قۇللارنى قۇربانلىق قىلىدىغانلىقىنىڭ ماددىي ئىسپاتىدۇر.
    زور تۈركۈمدىكى ئەسىرلەرنىڭ قۇل قىلىنىشى قۇللۇق جەمئىيەتنىڭ شەكىللىنىشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. ھۇنلارنىڭ قۇللىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى تۆت خىل بولۇپ، ئەسىرلەر ئاساسلىق قۇل مەنبەسى ئىدى. ئەسىرلەر ئىچىدە خەنزۇلارمۇ، باشقا مىللەت كىشلىرىمۇ بار ئىدى.
         تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاسالانغاندا، ھۇنلار خەن سۇلالىسى چېگرىسىدىن ئىلگىرى- ئاخىر بولۇپ ناھايتى نۇرغۇن خەنزۇلارنى بۇلاپ كەتكەن. مەسلەن:
        مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 177- يىلى (ۋېندىنىڭ 3- يىلى) ئوڭ قول بىلىك خان شاڭجۈن ئايمىقىغا بېسىپ كىرىپ خەلقلەرنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن.
         مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 166- يىلى (ۋېندىنىڭ 14- يىلى) 14 تۈمەن كىشلىك ھۇن ئاتلىق قوشۇنى چاۋنا، سۈگۇەن، بېيدى قاتارلىق جايلارغا بېسىپ كىرىپ ناھايتى كۆپ كىشلەرنى ئەسىرگە ئېلىپ بۇلاپ كەتكەن.
         شۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى ئۆلتۈرۈلگەن ۋە بۇلانغان خەلق ناھايتى كۆپ بولغان. بولۇپمۇ يۈنجوڭ، لياۋدۇڭ قاتارلىق جايلاردا ئەھۋال ناھايتى ئېغىر بولۇپ، ھەر بىر ئايماقتىن بۇلانغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن كىشلەرنىڭ سانى ئون مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.
        مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 158- يىلى شاڭجۈن، يۈنجوڭ قاتارلىق ئىككى ئايماققا ئۈچ تۈمەندىن ئارتۇق ھۇن ئاتلىق ئەسكىرى بېسىپ كىرىپ، ناھايتى نۇرغۇن كىشىنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن.
        مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 129- يىلى (ۋۇدىنىڭ يۈەنگۇاڭ 6- يىلى) ھۇنلار شاڭگۇغا بېسىپ كىرىپ ئەمەلدار ۋە پۇقرالارنى بۇلاپ كەتكەن ۋە ئۆلتۈرگەن.
         مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 128- يىلى (يۈەنسۇ 1- يىلى) ھۇنلار لياوشىغا بېسىپ كىرىپ ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى بۇلاپ كەتكەن. يەنە يۈياڭ ۋە يەنمېندا ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن.
         مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 127- يىلى (يۈەنسۇ 2- يىلى) شڭگۇ ۋە يۈياڭغا بېسىپ كىرىپ مىڭدىن ئارتۇق ئەمەلدار ۋە پۇقرانى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن.
         مىلايىدىن بۇرۇنقى 126- يىلى (يۈەنسۇ 3- يىلى) دەيجۇن ئايمىقىغا بېرىپ كىرىپ مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى بۇلاپ كەتكەن. يەنە شۇ يىلى كۈزدە يەنمېنغا بېسىپ كىرىپ مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن.
         مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 125- يىلى (يۈەنسۇ 4- يىلى) دەيجۈن، دىڭراڭ، شاڭجۈن ئايمىقىغا بېسىپ كىرىپ مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن.
         مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 124- يىلى (يۈەنسۇ 5- يىلى) دەيجۈن ئايمىقىغا بېسىپ كىرىپ مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن.
          مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 121- يىلى (يۈەنسۇ 2- يىلى) دەيجۈن، يەنمېن ئايمىقىغا بېسىپ كىرىپ نەچچە يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن.
         مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 120- يىلى (يۈەنسۇ 3- يىلى) يۈبېيپىڭ، دىڭراڭغا بېسىپ كىرىپ مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن.
          مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 102- يىلى (يۈەنسۇ 3- يىلى) كۈزدە ھۇنلار دىڭراڭ، يۈنجۇغا بېسىپ كىرىپ نەچچە مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن. شۇنىڭغا ئەگىشىپلا ئوڭ قول بىلىك خان يەنە جيۇچۈەن، جاڭيېغا بېسىپ كىرىپ نەچچە مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن (لېكىن نەچچە مىڭ ئادەمنى خەن سۇلالىسىنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش سەركەردىسى رېن ۋېننىڭ قوشۇندىكىلەر قۇتقۇزۋالغان).
         مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 91- يىلى (جېڭخې 2- يىلى) شاڭگۇ ۋە ۋۇيۈەنگە بېسىپ كىرىپ ئەمەلدار ۋە پۇقرالارنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن.
         مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 87- يىلى (خۇيۈەن 2- يىلى) ھۇنلار سۇفاڭغا بېسىپ كىرىپ ئەمەلدار ۋە پۇقرالارنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن.
         مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 78- يىلى (جاۋدېنىڭ 3- يىلى)ھۇنلار ۋۇيۈەنگە بېسىپ كىرىپ نەچچە مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن. ئارقىدىنلا يەنە چېگىردىكى قەلئەلەرگە ئەمەلدار ۋە پۇقرالارنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلاپ كەتكەن.⑦
         يۇقىرىقىلار جاۋدى دەۋرىگىچە بۇلاپ كېتىلگەنلەر بولۇپ، سانى يۈزمىڭدىن ئاشىدۇ.
        ھۇنلار خەنزۇلاردىن سىرت يەنە باشقا ئۇلۇس ۋە قەبىلىلەردىنمۇ ناھايتى نۇرغۇن كىشىنى تۇتۇپ كەتكەن. مەسلەن: باتۇر تەڭرىقۇت توڭگۇسلارنى تارمار قىلغاندا خەلقنى ئەسىر ئېلىپ قايتىپ كەلگەن⑧. شىراۋىلارنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن نەچچە مىڭ ئادىمىنى زورلۇق بىلەن ھۇنلارنىڭ سول تەرىپىگە كۆچۈرۈپ چارۋىچىلىق قىلدۇرغان⑨. ئۇنىڭ غەربتە ياۋچىلارغا زەربە بەرگەندە، جەنۇبتا ئالوبان خاننى، بايان خاننى قوشۇۋالغاندا، شىمالدا ھۇنگىرلار، دىڭلىڭلار، قىرغىزلار ۋە شىنلىلارنى بويسۇندۇرغاندا، غەربىي شىمالدا كىرورەن، ئۇيسۇن، ئوغۇزلارنى ۋە ئەتىراپتىكى ھەر قايسى خەلقلەرنى تىنچىتقاندا قانچىلىك ئادەمنى ئەسىرگە ئالغانلىقىنى بىلمىسەكمۇ، تۆۋەندىكى ماتېرياللاردىن ئۇلارنىڭ سانىنىڭمۇ ئاز ئەمەسلىگىنى بىلىۋالالايمىز.
    «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى. ۋېي پادىشاھلىق تەزكىرىسى» 30- جىلد «ئوغۇنلار. سىيانچىلار ۋە شەرقتىكى يات قوشملار ھەققىدە قىسسە» دە «ۋېي پادىشاھلىق ھەققىدە» دېگەن ئەسەردىن نەقىل ئېلىنىپ، شەرقىي خەن سۇلالسىىنىڭ جيەنۋۇ يىللىرىدا (تەخمىنەن مىلادىيە 48-يىلى) نەچچە تۈمەن تۈتۈنلۈك ئەسىر قۇللار ھۇنلارنىڭ جەنۇپ، شىمال ئىككى قىسىمىغا بۆلۈنۈپ، ئاجىزلاشقان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ھازىرقى خېشى كارىدورى ئەتراپىغا قېچىپ كېلىپ، ئاۋالقىدەك «ئوت- سۇ قوغلىشىپ» كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن. قېچىپ كەلگەن قۇللارنىڭ ئىرقى ھەر خىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە غەربىي يۇرتلۇقلار، دىڭلىڭلار ۋە يەنە چياڭلارمۇ بار ئىدى ، دەپ خاتىرلەنگەن. يۇقىرىقى خاتىرىدىن ھۇنلار ئەسىرگە ئالغان يات مىللەت قۇللىرى ئىچىدە خەنزۇلار، توڭگۇسلار ۋە شىرۋىلاردىن سىرت، يەنە غەربىي يۇرتتىكى ھەر قايسى مىللەتلەر، دىڭلىڭلار ۋە چياڭلارنىڭمۇ بارلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ قېچىپ كەلگەن قۇللارنىڭ ئومۇمىي سانى نەچچە ئون مىڭ تۈتۈندىن (لو) ئارتۇق بولۇپ، ھەر بىر تۈتۈننى بەش جان ھىسابلىغاندىمۇ، ئۇلارنىڭ سانى نەچچە يۈز مىڭغا يېتىدۇ⑩.
        ھۇنلارنىڭ قۇللىىرنىڭ ئىككىنىچ كېلىش مەنبەسى قوشنا مىللەتلەردىن سېتىۋېلىنغانلار ئىدى. مەسلەن، شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربتىكى چياڭلار بۇلاپ كەلگەن زور تۈركۈمدىكى خەنزۇ قۇللارنى جەنۇبىي ھۇنلارغا سېتىپ بەرگەن. كېيىن جەنۇبىي ھۇن تەڭرىقۇتى خەن سۇلالىسىغا ئاسىيلىق قىلىپ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، بۇ بىر تۈركۈم قۇللارنى ۋە بۇرۇن بۇلاپ كېلىپ قۇل قىلىۋالغان ئون مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى بىراقلا خەن سۇلالىسىگە قاتۇرۇپ بەرگەن⑾.
         ھۇنلارنىڭ قۇللىرىنىڭ ئۈچىنچى كېلىش مەنبەسى بېقىندى ئۇلۇس ۋە قەبىلىلەردىكى ئولپاننى تۆلىيەلمەي قالغان قەرزدارلار ئىدى. مەسلەن، « كېيىنكى خەننامە» 90- جىلد «ئوغانلار ھەققىدە قىسسە» دە، ئوغانلار باتۇر تەڭرىقات تەرىپىدىن تارمار قىلىنغاندىن كېيىن، زاۋاللىققا يۈزلۈنۈپ، ھۇنلارغا قارام بولۇپ قالغاچقا، ھەر يىلى ھۇنلارغا كالا، ئات، قوي تېرىسى تاپشۇرغان. ئەگەر ۋاقتىدا تاپشۇرالمىسا خوتۇنلىرى قەرزىگە ھىسابلىنىپ قۇل قىلىنغان، دەپ خاتىرلەنگەن.
        ھۇنلارنىڭ قۇللىرىنىڭ تۆتىنچى كېلىش مەنبەسى ھۇنلاردىكى جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قويغانلار ئىدى. مەسلەن، ھۇنلارنىڭ قانۇندا، مال- مۈلۈك ئوغرلىغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى ۋە مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇنىڭ بىلەن باشقا مىللەت ئەسىرلىرىنىڭ قۇل قىلىنىشىغا ئەگىشىپ ھۇنلارنىڭمۇ قۇل بولۇش ھادىسىسى پەيدا بولغان.


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.