-
2010-10-25
ھۇنلارنىڭ ئومۇمى تارىخىنىڭ داۋامى - [ئۇيغۇرتارىخى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/80702189.html
شىمالىي ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ تاجاۋۇزچى كۈچلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تاجاۋۇزچىلىقىنى توختاتماسلىقى، خەن سۇلالىسى ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك فېئوداللىق جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا باشتىن- ئاخىر تەھدىت سېلىپ كەلدى ۋە توسالغۇلىق قىلدى. بۇ خۇددى مىڭدى دەۋرىدە بىڭنىڭ «خەن سۇلالىسى كۆپ خىراج سەرپ قىلغان بولسىمۇ، چېگرا ئەمىن تاپمايۋاتىدۇ، بۇ ئاپەتنىڭ يىلتىزى ھۇنلاردۇر» دېگەندەك ئىدى [19]. شۇڭا، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ ئەمىن تېپىشى، ئىجتىمائىي ئىگىلىكىنى ئەسلىگە كېلىشى، خەن سۇلالىسى دۆلەت كۈچىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، شەرقىي خەن سۇلالىسى جەنۇبىي ھۇنلارنىڭ ئاكتىپ قوللىشى بىلەن، ھەقىقىي ئىستىراتىگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. پۈتۈن مەمىلكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى نىيەت قىلغان شىمالىي ھۇنلارغا جازا يۈرۈش قىلىش ھەربىي ھەرىكىتىنى باشلىدى.
خەن سۇلالىسى مىڭدىنىڭ يۇڭپىڭ 5- يىلىلا دۇگۇ بىلەن گېڭ بىڭنىڭ لياڭجۇغا (ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى جاڭجياچۈەن ناھىيىسى) ئەۋەتىپ، شىمالغا يۈرش قىلىش تەييارلىقىنى قىلغان ئىدى [20]. كېينكى يىلى (يۇڭ پىڭ 16- يىلى، 73- يىلى) ئەتىيازنىڭ 2- ئېيىدا چېگرىدىن زور قوشۇن ئايلاندۇرۇپ، ھەر قايسى سەركەردىلەرگە جەنۇبىي ھۇنلار ۋە ئوغان، سيانپىلارنىڭ ئاتلىق قوشۇنلىرىدىن نەچچە تۈمەن ئادەمنى باشلاپ، تۆت يول بىلەن قورۇلدىن چىقىپ شىمالغا ئايلىنىشقا بۇيرۇق قىلدى. بۇ قېتىمقى يۈرۈشتە دۇگۇ غەرپتىكى جيۇچۈەن قورۇلدىن چىقىپ، تەڭرىتاغدا قۇيان خان قوۋمىنى مەغلۇپ قىلىپ، بارىكۆل بويىغىچە قوغلاپ بېرىپ، ئىۋىرغول شەھىرىنى ئىشغال قىلغاندىن باشقا، قالغان ئۈچ يول قوشۇن، يەنى گېڭ بىڭ باشچىلىقىدىكى جاڭيېدىكى جۇيەن قورۇلدىدىن ئاتلانغان قوشۇن جەي رۇڭ ۋە جەنۇبىي ھۇنلارنىڭ سول قول بىلىك خانى شىن باشچىلىقىدىكى سۇفاڭدىن گاۋچۆ قورۇلىدىن ئاتلانغان قوشۇن، ھۇنلار شەپىنى سىزىپ قېلىپ چۆللۈكنىڭ شىمالىغا قېچىپ كەتكەچكە، ھىچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەي قايتىپ كەلدى.
شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدە جەنۇبىي ھۇنلار ۋە ئوغانلار، سىيانپىلار خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغاندىن كېيىن، شىمالىي ھۇنلار غەربى يۇرتتىكى ھەر قايسى «بەگلىك» لەرنى كونتىرول قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى بەگلىكلەرنىڭ ئادەم كۈچى ۋە ماددى كۈچىدىن باشقا مىللەتلەرگە تاجاۋۇز قىلىشتىكى تولۇقلىما كۈچ قىلغانىدى. ئەينى چاغدا غەربىي يۇرتتىكى جەنۇبىي يولنى ئىگەللىۋالغان ئۇدۇن خانى شىمالىي يولنى كونتىرۇل قىلغان كۈسەن خانى شىمالىي ھۇن قۇلدارلىرى يۆلەپ تۇرغۇزغان قورچاقلار ئىدى. شىمالىي ھۇنلار ئۇدۇندا دائىمىي تۇرۇشلۇق ئەلچى تۇرغۇزۇپ، ئۇدۇننى نازارەت قىلدى ھەم ئۇدۇن خەلقىدىن ھەر يىلى يىپەك قاتارلىق نەرسىلەرنى باج قىلىپ ئالدى. كۈسەن خانىمۇ شىمالىي ھۇنلارنى يۆلەنچۈك قىلىپ، شىمالىي يولدىكى ئاجىز بەگلىكلەرگە ھۇجۇم قىلدى. غەربىي يۇرت ئەمىلىيەتتە شىمالىي ھۇن قۇلدار ئاقسۆكەڭلىرىنىڭ تاشقى غەزنىسى بولۇپ قالغانىدى. شىمالىي ھۇنلار يەنە غەربىي يۇرتنىڭ شەرىقىدىكى قوش قاتارلىق بەگلىكلەرنىڭ ئوت، سۈيى مول رايونلىرىغا كۆز تىكىپ، قۇيان خاننى قوۋمى بىلەن تەڭرىتاغ ۋە بارىكۆل بويلىرىغا ئەۋەتىپ چارۋىچىلىق قىلدۇردى. بۇ يالغۇز خەن سۇلالىسى غەربىي يۇرتنىڭ ئالاقىسىگە توسقۇنلۇق قىلىپلا قالماي، يەنە خېشى كارىدورىغا بىۋاستە تەھدىت سالدى. شۇڭا، شەرقىي خەن سۇلالسى يۇڭپىڭ 16- يىلى شىمالغا يۈرۈش قىلغاندا، دوگۇ باشچىلىقىدىكى بىر يول قوشۇننى تەڭرىتاغدىكى قۇيۇن خانغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتىش بىلەن بىللە بەن چاۋنىمۇ غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە ئەۋەتتى.
بەن چاۋ ئالدى بلەن پىشامشانغا (ھازىرقى شىنجاڭدىكى مىرەن ئەتراپى) يېتىپ باردى. پىشامشان خانى گۇاڭ دەسلەپتە ئۇنى ناھايتى قائىدە- يوسۇنلۇق كۈتىۋالدى. ئەمما شىمالىي ھۇنلارنىڭ ئەلچىسى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا سوغۇق مۇئامىلە قىلدى. بەن چاۋ بىللە كەلگەن 36 نەپەر ھەمراھى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، كېچە قاراڭغۇلىقىدىن پايدىلىنى ھۇنلارنىڭ ئەلچىسىگە ئوت بىلەن تېگىش قىلماقچى بولدى. ئۇ ئاۋال ئون ئادەمى داقا- دۇمباقلارنى ئېلىپ ھۇنلار قارارگاھىنىڭ ئارقىسىغا مۆكۈنۈشكە، قالغانلارنى قولىغا قورال- ياراق ئېلىپ قارارگاھ ئىشكىنىڭ ئىككى يېنىغا مۆكۈنۈشكە بۇيرىدى. كېچە شامال يۆنىلىشى بويىچە ئوت يېقىلغان ھامان قارارگاھنىڭ ئالدى- كەينىدىكىلەر قىقاس- چۇقان كۆتۈرۈپ، داقا- دۇمباق چېلىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى. ھۇن ئەلچىسى قالايمىقانچىلىقتا ئۆلتۈرۈلدى. قالغان يۈز نەچچە ھۇن ئوتتا كۆيۈپ ئۆلدى. بۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن «ئەل» چۆچۈپ ۋەھمىگە چۈشۈپ، «خەن سۇلالىسىگە تەۋە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى، ئالا كۆڭۈللۈك قىلمايدىغانلىقىنى» بىلدۈردى.
بەن چاۋ ئارقىدىن ئۇدۇنغا باردى. ئۇدۇن خانى گۇاڭدې شىمالىي ھۇنلار ئەلچىسىنىڭ ئۆز «ئېلى» دە تۇرۋاتقانلىقى سەۋەپلىك بەن چاۋغا ناھايتى سوغۇق مۇئامىلە قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ داخان- باخشىلارغا ئىشىنەتتى. شۇڭا ۋەزىر سىلەيبىنى ئەۋەتىپ بەنچاۋنىڭ قارا تۇمشۇقلۇق قۇلا ئېتىنى سورىدى. بەن چاۋ بۇ ئىشلارنى ئاستىرىتتىن بىلىپ بولغاچقا، ئاتنى داخاننىڭ ئۆزى كېلىپ ئېلىپ كېتىشنى ئېيتتى ھەم كەلگەندە ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، سىلەيبىنى تۇتۇپ باغلاپ، داخاننىڭ كاللىسى بلەن قوشۇپ گۇداڭدېغا ئەۋەتىپ بەردى. گۇداڭدې بەن چاۋنىڭ پىشامشادىكى ئىشلىرىنى ئاڭلىغان بولغاچقا، قاتتىق قورقۇپ ھۇن ئەلچىسىنى ئۆلتۈرۈپ، بەن چاۋغا ئەل بولدى. غەربىي يۇرتتىكى باشقا «بەگلىك» لەرمۇ ئوغۇللىرىنى بارىمتايلىققا ئەۋەتتى. جەنۇبىي يولدىكى ھەر قايسى بەگلىكلەر تىنجىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ غەربىي يۇرت بىلەن خەن سۇلالىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغىنىغا 50 -60 يىل بولغان ئالاقىسى قايتىدىن ئەسلىگە كەلدى (ۋاڭ ماڭ ھاكىمىيەت قۇرغاندىن باشلاپلا خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرت بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان بولۇپ، يۇڭپىڭ 16- يىلى قايتا ئەسلىگە كەلدى [21].
يۇڭپىڭ 17- يىلى ئەتىيازغا، بەن چاۋ يەنە كۈسەننىڭ ھىمايىسىدە تۇرىۋاتقان سۇلېنى (ھازىرقى شىنجاڭدىكى قەشقەر) بويسۇندۇردى. كۈسەن خانى جىيەن شىمالىي ھۇنلارنىڭ كۈچى بىلەن تەختكە چىققان بولۇپ، ئۇ ھۇنلارنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، سۇلې خانىنى ئۆلتۈرۈپ، ۋەزىرى دۇتېنى سۇلې خانى قىلىپ تىكلىگەن ئىدى. بەن چاۋ يېقىن يول بىلەن سۇلېغا كېلىپ،دۇتى تۇرىۋاتقان پەنتۇ شەھىرىگە 90 چاقىرىم كېلىدىغان جايدا توختىدى ۋە تىيەن لۇنى ئەل بولۇشقا ئۈندەش ئۈچۈن ئەۋەتتى. دۇتى تىيەن لۇنىڭ ئادىمىنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئەل بولۇشقا ئۇنمىدى. تىيەن لۇ ئۇنىڭ تەييارلقسىز تۇرغانلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۇنى دەرھال تۇتۇپ باغلىۋالدى. دۇتىنىڭ ئەتىراپىدىكىلەر بۇنداق بولۇشىنى ئويلاپ باقمىغاچقا، قورقۇپ پاتپاراق بولۇپ كەتتى. بەن چاۋ ئارقىدىن يېتىپ كېلىپ، دۇتىنى تەختتىن چۈشۈرۈپ، سۇلې خانىنىڭ ئاكىسىنىڭ ئوغلى جۇڭنى خان قىلىپ تىكلىدى. سۇلېلىقلار بۇنىڭدىن خوشاللىققا چۆمدى.
شۇ يىلى قىشتا، دۇگۇ قوشۇن تارتىپ قايتىدىن بارىكۆل بويىدا قۇيان خاننىڭ قوۋمىنى مەغلۇپ قىلپ قوشنى ئىگەللىدى. شەرقىي خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتى غەربىي يۇرت قورۇقچى بېگى ۋە ۋۇجى چېرىكچى بېگى تەسىس قىلىپ، (بۇ شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ تۇنجى قېتىم تەسىس قىلىشى ئىدى)، قورۇقچى بەگە ۋە ۋۇ چېرىكچى بېگى ئارقا قوش بەگلىكنىڭ بەش بالىق (ھازىرقى شىنجاڭدىكى گۇچۇڭ ناھىيىسىنىڭ شەربىي شىمالىدا) شەھىرىگە ئورۇنلىشىپ، جى چېرىكچى بېگى ئالدى قوش بەگىلىكىدىكى لۈكچۈن (ھازىرقى تۇرپان ناھىيىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا) شەھىرىگە ئورۇنلىشىپ، غەربىي يۇرتنى باشقۇرۇپ ھۇنلاردىن مۇداپىئە كۆردى. ئەلۋەتتە، شىمالىي ھۇنلارمۇ غەربىي يۇرتتىن ئاسانلىقچە ۋاز كېچىشنى خالىمايتى. شۇڭا، ئۇلارمۇ خەن سۇلالىسىگە قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىدى. شۇنىڭ بىلەن خەن سۇلالىسى بىلەن ھۇنلار ئارىسىدا مىلادىيە 75 ~76 يىللىرى (يۇڭپىڭ 18- يىلى ۋە جيەنچۇ 1- يىلى) غەربى يۇرتنى تالىشىش يۈزىسىدىن ئۇرۇش پارتلىدى. ئەتىيازنىڭ 2- ئېيىدا، شىمالىي تەڭرىقۇت سول قول خاننى 20 مىڭ چەۋەندازنى باشلاپ قوشقا ھۇجم قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئارقا قوش خاننى ئانتورنى ئۆلتۈرۈپ، بەشبالىق شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتتىكى ۋۇ چېرىكچى بېگى گېڭ گۇڭ زەھەرلىك ئوق بىلەن ھۇنلارغا زەربە بەردى. ھۇن لەزكەرلىرىدىن ئوق تەككەنلەر جاراھەت ئېغىزىنىڭ قىزىرىپ ئىششىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن قورقۇشتى. دەل شۇ كۈنى بوران چىقىپ يامغۇر ياغدى. خەن قوشۇنلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھۇنلارغا زەربە بېرىپ، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئادەملىرىنى ئۆلتۈردى ۋە يارىلاندۇردى. ھۇنلار قورقۇپ قوشۇنىرىنى چېكىندۈرۈپ كەتتى. گېڭ گۇڭ سۇلې شەھىرىنى (قوش بەگلىكىدىكى سۇلې شەھىرى بولۇپ، سۇلې بەگلىكىدىكى سۇلې شەھىرى ئەمەس) يېنىدىكى جىلغىدا سۇ بار. شۇ يەردە مۇداپىئە كۆرگىلى بولمايدۇ دەپ قاراپ، قوشۇنلىرىنى شۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇردى. 7- ئايدا، ھۇنلار بەشبالىق شەھىرىگە يەنە ھۇجۇم قىلدى ۋە جىلغا سۈيىنى ئۈزىۋەتتى. گېڭ گۇڭ شەھەر ئىچىدە قۇدۇق قېزىپ سۇنى ھەل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ھۇنلار تەڭرى ئۇلارغا يار بولدى دەپ قاراپ، پۈتۈنلەي چېكىنىپ كەتتى. 11- ئايدا، ئاگنى، كۈسەن بەگلىكلىرى غەربى يۇرت قورۇقچى بېگى چېن مۇغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئۆلتۈردى. شىمالىي ھۇنلارمۇ جى چېرىكچى بېگى گۈەن چۇڭنى لۈكچۈندە قامال قىلدى. دەل شۇ مەزگىلدە خەن مىڭدى ئاغىرىپ ئۆلدى. ياردەمگە قوشۇن كەلمىگەچكە، قوش يەنە ئاسىيلىق قىلىپ ھۇنلار بىلەن بىرلىكتە گېڭ گۇڭغا ھۇجۇم قىلدى. گېڭ گۇڭنىڭ ئاشلىقى تۈگەپ، ئەسكەرلىرىدىن پەقەت نەچچە ئونلا ئادىمى قالدى. تەڭرىقۇت ئۇنىڭغا تەسلىم بولۇشقا قىزىقتۇرۇپ ئەلچى ئەۋەتكەندە، ئۇ ئەلچىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى. تەڭرىقۇت بۇنىڭدىن ناھايتى غەزەپلىنىپ قوشۇننى كۆپەيتىپ ھۇجۇم قىلدى. لېكىن شەھەرنى ئالالمىدى. گۈەن چۇڭ ئوردىغا مەكتۇپ سۇنۇپ ياردەم تەلەپ قىلدى. خەن سۇلالىسى غەربپكە يۈرۈش قىلغۇچى سانغۇن گېڭ بىڭنى جيۇچۈەنگە ئەۋەتىپ، جيۇچۈەن ۋالىيسى دۈەن پېڭنى جاڭيې، جيۇچۈەن، دۇنخۇاڭدىكى قوشۇنلار ۋە پىشامشان قوشۇنلىرىنى باشلاپ قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتتى [22]. جاڭدىنىڭ جىيەنچۇ 1- يىلى 1- ئايدا، دۈەن پېڭ قوشقا ھۇجۇم قىلىپ، يارغول شەھىرىدە (ھازىرقى شىنجاڭدىكى تۇرپاننىڭ غەربىي شىمالىدا) ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. شىمالىي ھۇنلار قورقۇپ قېچىپ كەتكەچكە، قوش يەنە قايتىدىن تەسلىم بولدى. شۇ چاغدا گۈەن چۇڭ ئاغىرىپ ئۆلدى. گېڭ چۇڭنىڭ سەركەردىسى فەن چياڭ تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدىكى يول بىلەن بېرىپ گېڭ گۇڭنى ئېلىپ قايتىپ كەلدى. بۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە قۇرغاقچىلىق بولۇپ، خەن قىيىنچىلىققا قالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە شىمالىي ھۇنلارغا جازا يۈرۈش قىلىش، غەربىي يۇرتنى ئىدارە قىلىش سەۋەبىدىن ھەربىي خىراجەت ناھايتى كۆپىيىپ كەتكەنىدى [23]. شۇنىڭ بىلەن خەن سۇلالىسى بەرداشلىق بېرىشكە ئامالسىز قېلىپ، قورۇقچى بەگ ۋە ۋۇجى چېرىكچى بەگلەرنى قايتۇرۇپ كېلىشكە مەجبۇر بولدى. كېيىنكى يىلى (جاڭدىنىڭ جيەنچۇ 2- يىلى) 3- ئايدا ئىۋىرىولدىكى تېرىقچى لەشكەرلەرنىمۇ قايتۇرۇپ كەلدى. شىمالىي ھۇنلار بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بۇ يەرنى قايتىۋاشتىن ئىگەللىۋالدى. بۇنىڭ بىلەن خەن سۇلالىسنىڭ شىمالىي ھۇنلارغا جازا يۈرۈش قىلىش ھەربىي ھەرىكىتىمۇ بىر مەھەل توختاپ قالدى. لېكىن، بۇ قېتىمقى شىمالغا يۈرۈش خەن سۇلالىسىگە پايدىلىق، ھۇنلارغا پايدىسىز ئاقىۋەتنى ئېلىپ كەلدى.
شىمالىي ھۇن قۇلدار ھۆكۈمرانلار گورۇھىنىڭ يات مىللەتلەرگە قىلغان تاجاۋۇزى خەلقنىڭ كۆڭلىگە ياقمىغان بولۇپ، جەنۇبىي ھۇنلارنىڭ ئەل بولۇشىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا، نۇرغۇنلىغان ھۇنلار جەنۇپقا بېرىپ خەن سۇلالسىگە ئەل بولۇشنى ئويلىغان بولىسمۇ، ۋاقتىنچە پۇرسەت بولماسلىقى ياكى ئىككىلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، بۇنىڭغا دەرھال تەمشىلەلمىگەنىدى. بۇ خۇددى جەنۇبىي تەڭرىقۇتنىڭ خېدىغا يازغان خېتىدە: «يېقىندا ئوڭ قول باتىس خان شانتان يېنىق جابدۇنۇپ يىراق شىمالىي ھۇن ئوردىسىدىن كېلىپ پېقىر بىلەن كۆرۈشتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، شىمالىي ھۇن قوۋمىلىرىنىڭ كۆپچىلىكى بېقىنىشنى خالىسىمۇ، ئۆزلىكىدىن ھەرىكەت قىلىشقا نومۇس قىلىدىكەن، شۇڭا كېلەلمەپتۇ. ئەگەر لەشكەر تارتىپ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلساق ئۇلار چۇقۇم ئاۋاز قوشىدۇ» دېگىنىدەك ئىدى [24] دەرۋەقە، خەن سۇلالىسى مىلادىيە 73 ~74- يىللىرى شىمالغا يۈرۈش قىلغاندىن كېيىن، مىلادىيە 83- يىلىدىن (جىيەنچۇ 8- يىلى) باشلاپ شىمالىي ھۇنلاردىن جەنۇپقا كېلىپ ئەل بولىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. شۇ يىلى يازدا سەنمۇلۇ قەبىلىسىدىن 38 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئاقساقىلى جلۇسىنىڭ باشچىلىقىدا ۋۇيۈەن قورولىغا كېلىپ، خەن سۇلالسىگە ئەل بولدى. ئارقىدىلا مىلادىيە 85- يىلى (يۈەنخې 2- يىلى) يەنە ئاقساقال چېلىجۇبىنىڭ باشچىلىقىدا 73 تۈركۈم كىشى ئىلگىرى- ئاخىر بولۇپ قورۇلدىن كىرىپ ئەل بولدى. بۇ شىمالىي ھۇن تاجاۋۇزچى گورۇھىنىڭ كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۋەتتى. يەنە كېلىپ جەنۇبىي ھۇنلارنىڭ ھۇجۇمى ئارقىسىدا، شىمالىي ھۇنلارنىڭ كونتىروللىقى ۋە قۇللۇقىدا تۇرىۋاتقان قوۋم ۋە قەبىلىلەرمۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قارىشلىق كۆرسەتتى. سيانپىلار سول تەرەپتىن، ھۇنلار ئالدىدىن، دىڭلىڭلار ئارقىسىدىن ھۇجۇم قىلدى [25]». شىمالىي ھۇن تاجاۋۇزچى گۇرۇھى چۆللۈكنىڭ شىمالىدا پۇت تىرەپ تۇرۇشقا ئامالسىز قېلىپ، ئورخۇن دەرياسىنىڭ (ھازىرقى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ئورخۇن دەرياسى) غەرىبىدىكى جايلارغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. مىلادىيە 87- يىلى (جاڭخې 1- يىلى) سىيانپىلار يەنە سول تەرەپتىن شىمالىي ھۇنلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلۇغ تەڭرىقۇتنى ئۆلتۈردى. بۇ ھۇنلاردا زور قالايمىقانچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شىمالىي ھۇنلارغا بېقىنغان چۇلان، چۇپى، قۇتۇش قاتارلىق 58 قەبىلىدىن 200 مىڭ ئادەم، 8000 لەشكەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئارقا- ئارقىدىن جەنۇپقا بېرىپ سۇفاڭ، ۋۇيۈەن، يۈنجۇڭ، بېيدى قاتارلىق جايلارغا كېلىپ، خەن سۇلالىسىگە ئەل بولدى. دەل مۇشۇ چاغدا چۆللۈكنىڭ شىمالىدا چېكەتكە ئاپىتى يۈز بېرىپ، خەلق ئاچارچىلىققا قېلىپ، ھۇن مىللىتى ئ ىچىدىكى سىنىپى زىدديەت تېخىمۇ كەنسكىنلىشىپ كەتتى. شىمالىي ھۇن ھۆكۈمرۈنلار گۇرۇھى ئىچىدىمۇ ئۇلۇغ تەڭرىقۇت ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئانا باشقا ئاكىسى ئوڭ قول بىلىك خان (تارىخىي ئەسەرلەردە ئىسىمى خاتىرلەنمىگەن) قېرىنداشلىرىدىن ھوقۇق تالاشقانلىقتىن كۈچ بۆلۈنۈپ كەتتى. بۇ خىل ۋەزىيەت، يەنى سىنىپى زىددىيەت مىللى ۋەزىيەت ۋە ھۆكۈمرانلار سىنىپىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى زىددىيەت پەيدا قىلغان ۋەزىيەت شىمالىي ھۇنلاردىكى ئىجتىمائىي كىرزىسنى تولۇق ئاشكارلىدى. بۇ خەن سۇلالسىنىڭ شىمالىغا يۈرۈش قىلىشىنى پايدىلىق شەرت- شارائىت بىلەن تەمىنلىدى. شۇڭا، جيەنچۇ 2- يىلىدىن (مىلادىيە 77- يىلى) باشلاپ توختاپ قالغان ھەبىي يۈرۈش ئەمدىلىكتە يەنە كۈنتەرتىپكە قويۇلدى. ھالبۇكى، شىمالىي ھۇنلارنىڭ بۇ قېتىم بىر زەرىبىگە بەرداشلىق بېرلەمەسلىكى يەنىلا ئۇلاردىكى ئىجتىمائىي كىرىزىسنىڭ ناھايتى چوڭقۇرلۇشىپ كەتكەنلىكىدىن بولدى.
خەن سۇلالىسىنىڭ شىمالىي ھۇنلارغا زەربە بېرىپ، شىمالنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇرۇشى مىلادىيە 89- يىلى (خېدىنىڭ يۇڭيۈەن 1- يىلى) باشلاندى. 6- ئدايدا، ھاۋا- ئاتلىقلار سانغۇنى غۇ شىيەن ۋە گېڭ بىڭ سۇفاڭدىكى جىلۇ قورۇلىدىن، جەنۇبىي تەڭرىقۇت مەنيى جىلغىسىدىن (ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلدىكى جۇڭغار خوشىدا)، لىياشۈيدىن جەمئىي 38 مىڭ كىشلىك قوشۇن بەگ يەن پەن قاتارلىقلار جەنۇبىي ھۇنلارنىڭ يانداش چېرىكچى بەگ يەن پەن قاتارلىقلار جەنۇبىي ھۇنلارنىڭ بىر تۈمەندىن ئارتۇق خىل قوشۇنغا باشچىلىق قىلىپ، شىمالىي ھۇن تەڭرىقۇتى قېچپ كەتتى. خەن قوشۇنلىرى سىچۈبىدى كۆلىگىچە (ھازىرقى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى ئۇسۇبۇ كۆلى) قوغلاپ زەربە بېرىپ، داڭلىق خانلارنىڭ تۆۋىنىدىكىلەردىن 13 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈردى ۋە نۇرشۇن كىشىنى ئەسىر ئالدى. ھۇنلارنىڭ ھەر قايسى كىچىك خانلىرىنىڭ قوۋمىدىن 81 قەبىلە، 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم كېلىپ ئەل بولدى. دۇ شىيەن، گېڭ بىڭ قاتارلىقلار قورۇلدىن 3000 نەچچە چاقىرىم كېلىدىغان يەنرەن تېغىغا (ھازىرقى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى خانگات تېغى) چىقىپ، بۇ قېتىمقى غەلبىگە ئابىدە تىكلەپ قايتىپ كەلدى [26]. كېيىنكى يىلى (يۇڭيۈەن 2- يىلى) 5- ئايدا، خەن سۇلالىسى يەنە قوشۇن ئەۋەتىپ ئىسىرغولنى قوغداۋاتقان ھۇن لەشكەرلىرىنى قوغلىۋېتىپ، بۇ يەرنى قايتۇرۋالدى. 10- ئايدا، يەنە جەنۇبىي ھۇنلار بىلەن بىللە جىلۇ قورۇلىدىن قوشۇن تارتىپ شىمالىي ھۇنلارغا زەربە بەردى. خەن قوشۇنلىرى كېچىدە ھۇجۇم قىلغانلىقتىن، تەڭرىقۇت يارلىنىپ قېتىپ كېتىپ، جېنىنى ئاران ساقلاپ قالدى. مىلادىيە 91- يىلى (يۇڭ يۈەن 3- يىلى) 2- ئايدا، خەن سۇلالىسى يەنە زور قوشۇن تارتتى. گېڭ كۇي جۈيەن قورۇلىدىن يولغا چىقىپ، جىنۋېي تېغىدا شىمالىي ھۇنلارغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى يەڭدى. شىمالىي تەڭرىقۇت بىر بۆلۈك ئادەملىرىنى باشلاپ ئۇيسۇن ۋە كانگىيىگە قېچىپ كەتتى [27]. شۇنىڭ بىلەن ھۇن قۇلدارلىق ھاكىمىيىتى پۈتۈنلەي يىمىرىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ شىمالىي ھۇنلار چۆللۈكنىڭ شىمالىدىن چېكىنىپ چىقتى. ھۇنلار مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 209- يىلى باتۇر تەڭرىقۇت ھاكىمىيەت قۇرغاندىن باشلاپ مۇشۇ ۋاقىتقىچە چۆللۈكنىڭ جەنۇپ- شىمالىدا توپتوغرا 300 يىل دەۋر سۈردى.
مىلادىيە 91- يىلى شىمالىي تەڭرىقۇت قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، چۆللۈكنىڭ شىمالىدا زور قالايمىقانچىلىق ۋەزىيىتى شەكىللەندى. شىمالىي ھۇنلار سىياسىي ھۆكۈمرانلىق مەركىزىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان كىشلەر باشپاناھسىز قېلىپ، ھەر تەرەپكە تاراپ تۆت قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتتى.
بىر قىسمى شىمالىي تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى يۇرتاجانغا ئەگىشىپ ماڭدى.
شىمالىي تەڭرىقۇت قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىنىسى سول قول خان يۇرتجان قالدۇق قەۋملەردىن نەچچە مىڭ ئادەمنى باشلاپ [28]، ئۆزىنى تەڭرىقۇت دەپ ئاتاپ، بارىكۆلگە چېكىنىپ، ئەلچى ئەۋەتىپ ئەل بولۇشنى تەلەپ قىلدى. خەن سۇلالىسى ئۇنىڭ تەلىپىنى قۇبۇل قىلىپ، مىلادىيە 92- يىلى (يۇڭيۈەن 4- يىلى) گېڭ كۈينى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىپ، مۆھۈر ۋە مۆھۈر بېغى تەقدىم قىلدى ھەم ئەمىر نۆكەر رېن شاڭنى ئىۋىرغولدا تۇرۇپ، ئۇنى خۇددى جەنۇبىي تەڭرىقۇتنى قوغدىغاندەك قوغداشقا (ھەم نازارەت قىلىشقا) ئەۋەتتى. خەن سۇلالىسى ئەسلىدە ئۇنىڭ شىمالىي تەڭرىقۇت ئوردىسىغا قايتىشىغا ياردەم بەرمەكچى ئىدى. لېكىن پىلان تېخى ئىشقا ئاشماي تۇرۇپلا، كېيىنكى يىلى (يۇڭيۈەن 5- يىلى) ئۇ خەن سۇلالىسىگە ئاسىيلىق قىلىپ ئۆز ئالدىغا چۆللۈكنىڭ شىمالىغا قايتىپ كەتتى.
بىر قىسمى شىمالىي تەڭرىقۇتقا ئەگىشىپ ماڭدى.
شىمالىي تەڭرىقۇت مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاۋال قالدۇق قوۋمنى باشلاپ ئۇيسۇنلارنىڭ يېرىگە، ئاندىن كانگىيىگە باردى. ئەينى چاغدا زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ غەرپكە قاچقانلىقى ئېنىق ئەمەس. بۇ ھۇنلار مىلادىيە 4- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئالانلار (ھازىرقى جەنۇبىي روسىيە يايلاقلىرىدىكى دون دەرياسىنىڭ شەرقىي ئەتىراپلىرىدا ئولتۇراقلاشقان) بىلەن ئۇرۇش قىلدى ھەم مىلادىيە 374- يىلى ئالان دۆلىتىنى يوقاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۈچ باسقچۇ ياۋروپاغا بېسىپ كىردى. بۇنىڭ 1- باسقۇچى مىلادىيە 400 ~415- يىللارغىچە بولغان مەزگىل. 2- باسقۇچى 5- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى ئاتتىلا باشچىلىق قىلغان مەزگىل ئىدى [29].
مىلادىيە 91- يىلىنىڭ ئالدى- كەينىدە، سىيانپى مىللىتى پەيدىنپەي كۈچىيىشكە باشلاپ، شىمالىي تەڭرىقۇتنىڭ مەغلۇپ بولۇپ غەرپكە كۆچۈپ، چۆللۈكنىڭ شىمالىنىڭ قالايمىقانچىلىقتا قالغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئەسلىدە شىمالىي ھۇنلارغا تەۋە بولغان رايونلارنى ئىگەللىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن چۆللۈكنىڭ شىمالىدا قېلىپ قالغان زور بىر تۈركۈم شىمالىي ھۇنلار سىيانپىلارغا قوشۇلۇپ كەتتى. «كېيىنكى خەننامە» 90- جىلد، «سىيانپىلار ھەققىدە قىسسە» دە: «خېدىنىڭ يۇڭيۈەن يىللىرىدا، ئۇلۇغ سانغۇن دۇ شىيەن ئوڭ قول چېرىكچى بەگ گېڭ كۈينى ئەۋەتىپ ھۇنلارغا ھۇجۇم قىلدى. شىمالىي تەڭرىقۇت مەغلۇپ بولۇپ قېچىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن سىيانپىلار ھۇنلارنىڭ يېرىنى ئىگەللىدى. ئۆز جايىدا قېلىپ قالغان يۈز نەچچە مىڭ تۈتۈن ھۇن ئۇلارغا قوشۇلۇپ ئۆزلىرىنى ‹سىيانپى› دەپ ئاتىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ سىيانپىلار كۈچىيىپ كەتتى» دېيىلگەن. «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى. ۋېي پادىشاھلىقى تەزكىرىسى» 30- جىلد، «سىيانپىلار ھەققىدە قىسسە» دىمۇ پېي جۇ «ۋېينامە» دىن نەقىل ئېلىپ، «شىمالىي تەڭرىقۇت قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، قېلىپ قالغان ھۇنلاردىن يۈز نەچچە مىڭ ئائىلە لىياۋدۇڭغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ، ئۆزلىرىنى ‹سىيانپى لەشكەرلىرى› دەپ ئاتاشتى» دېگەن. ھەر ئائىلىدە بەش جاندىن ئادەم بار دەپ ھېسابلىغاندا، ئەينى چاغدا سىيانپىلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن ھۇنلار 500 -600 مىڭدىن كەم بولمىغان [30]. سىيانپىلار كېيىن مىلادىيە 3- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە نۇرغۇن تارماقلارغا بۆلۈنۈپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئۈچ تارماق يۈۋېن قەبىلىسى، توغبات قەبىلىسى ۋە مۇرۇن قەبىلىسى ئىدى. ھالبۇكى، يۈۋېن قەبىلىسى سىيانپىلارغا قوشۇلغان ھۇنلارنىڭ ئىچىدىكى يۈۋېن قەبىلىسىدىن ئۆزگىرىپ كەتكەنىدى. يۈۋېن قەبىلىسى بۇرۇن چوغاي تاغلىرىدا چارۋىچىلىق قىلغان بولۇپ، مىلادىيە 2- ئەسىردە ئاقساقالىنىڭ باشچىلىقىدا شەرققە كۆچۈپ، لىياۋشىنىڭ سىرتىدىكى شىرامۈرەن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى سىيانپىلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، تانشىخۇي پەيدىنپەي سىيانپىلىشىپ كېتىپ، يۈۋېن سيانپىلارغا ئايلانغانىدى [31]. يۈۋېن سىيانپىلىرى كېيىن گۈەنجۇڭدا (ھازىرقى شەنشىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسىمى) شىمالىي چۆللۈكنىڭ جۇ ھاكىمىيىتىنى قۇردى (مىلادىيە 557- ~ 581 – يىللار). شىمالىدىكى ھەر قايسى جايلاردا قېلىپ قالغان يەنە بىر قىسىم شىمالىي ھۇنلار، توغبات سىيانپىلىرىنىڭ ئەجداتلىرىنىڭ جەنۇپقا كۆچۈش جەريانىدا، ئۇلار بىلەن ئارلىشىپ ياشاپ ۋە نىكاھلىنىپ، ئاتىسى ھۇن، ئانىسى سىيانپى بولغان توبالار (ياكى «توا ھۇنلىرى») بولۇپ شەكىللەندى [32]. ئاتىسى سىيانپى، ئانسى ھۇن بولغانلارنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ نىمە دەپ ئاتالغانلىقى توغرىسىدا تارخىي ماتېرياللاردا خاتىرە كەمچىل. لېكىن بەزى كىشلەر ئۇلارنى ئېھتىماللىقتىمۇ چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ. «بەش غۇز، ئون ئالتە پادىشاھلىق» دەۋرىدە، توبالار قوقان ئۇرۇقى دەپ ئاتىلىپ، تۇڭۋەن شەھىرىدە (ھازىرقى شەنشى ئۆلكىسى يۈلىن ناھىيىسىنىڭ غەرىبىدە) بۈيۈك شىيا ھاكىمىيىتىنى (مىلادىيە 407 ~ 431- يىللار) قۇردى. توغبات سىيانپىلىرى بولسا جەنۇپقا كېلىپ شىمالىي ۋېي ھاكىمىيىتىنى (386 ~ 534 –يىللار) قۇردى.
شىمالىي ھۇن قۇلدار ھۆكۈمرانلار گورۇھىنىڭ يات مىللەتلەرگە قىلغان تاجاۋۇزى خەلقنىڭ كۆڭلىگە ياقمىغان بولۇپ، جەنۇبىي ھۇنلارنىڭ ئەل بولۇشىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا، نۇرغۇنلىغان ھۇنلار جەنۇپقا بېرىپ خەن سۇلالسىگە ئەل بولۇشنى ئويلىغان بولىسمۇ، ۋاقتىنچە پۇرسەت بولماسلىقى ياكى ئىككىلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، بۇنىڭغا دەرھال تەمشىلەلمىگەنىدى. بۇ خۇددى جەنۇبىي تەڭرىقۇتنىڭ خېدىغا يازغان خېتىدە: «يېقىندا ئوڭ قول باتىس خان شانتان يېنىق جابدۇنۇپ يىراق شىمالىي ھۇن ئوردىسىدىن كېلىپ پېقىر بىلەن كۆرۈشتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، شىمالىي ھۇن قوۋمىلىرىنىڭ كۆپچىلىكى بېقىنىشنى خالىسىمۇ، ئۆزلىكىدىن ھەرىكەت قىلىشقا نومۇس قىلىدىكەن، شۇڭا كېلەلمەپتۇ. ئەگەر لەشكەر تارتىپ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلساق ئۇلار چۇقۇم ئاۋاز قوشىدۇ» دېگىنىدەك ئىدى [24] دەرۋەقە، خەن سۇلالىسى مىلادىيە 73 ~74- يىللىرى شىمالغا يۈرۈش قىلغاندىن كېيىن، مىلادىيە 83- يىلىدىن (جىيەنچۇ 8- يىلى) باشلاپ شىمالىي ھۇنلاردىن جەنۇپقا كېلىپ ئەل بولىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. شۇ يىلى يازدا سەنمۇلۇ قەبىلىسىدىن 38 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئاقساقىلى جلۇسىنىڭ باشچىلىقىدا ۋۇيۈەن قورولىغا كېلىپ، خەن سۇلالسىگە ئەل بولدى. ئارقىدىلا مىلادىيە 85- يىلى (يۈەنخې 2- يىلى) يەنە ئاقساقال چېلىجۇبىنىڭ باشچىلىقىدا 73 تۈركۈم كىشى ئىلگىرى- ئاخىر بولۇپ قورۇلدىن كىرىپ ئەل بولدى. بۇ شىمالىي ھۇن تاجاۋۇزچى گورۇھىنىڭ كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۋەتتى. يەنە كېلىپ جەنۇبىي ھۇنلارنىڭ ھۇجۇمى ئارقىسىدا، شىمالىي ھۇنلارنىڭ كونتىروللىقى ۋە قۇللۇقىدا تۇرىۋاتقان قوۋم ۋە قەبىلىلەرمۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قارىشلىق كۆرسەتتى. سيانپىلار سول تەرەپتىن، ھۇنلار ئالدىدىن، دىڭلىڭلار ئارقىسىدىن ھۇجۇم قىلدى [25]». شىمالىي ھۇن تاجاۋۇزچى گۇرۇھى چۆللۈكنىڭ شىمالىدا پۇت تىرەپ تۇرۇشقا ئامالسىز قېلىپ، ئورخۇن دەرياسىنىڭ (ھازىرقى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ئورخۇن دەرياسى) غەرىبىدىكى جايلارغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. مىلادىيە 87- يىلى (جاڭخې 1- يىلى) سىيانپىلار يەنە سول تەرەپتىن شىمالىي ھۇنلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلۇغ تەڭرىقۇتنى ئۆلتۈردى. بۇ ھۇنلاردا زور قالايمىقانچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شىمالىي ھۇنلارغا بېقىنغان چۇلان، چۇپى، قۇتۇش قاتارلىق 58 قەبىلىدىن 200 مىڭ ئادەم، 8000 لەشكەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئارقا- ئارقىدىن جەنۇپقا بېرىپ سۇفاڭ، ۋۇيۈەن، يۈنجۇڭ، بېيدى قاتارلىق جايلارغا كېلىپ، خەن سۇلالىسىگە ئەل بولدى. دەل مۇشۇ چاغدا چۆللۈكنىڭ شىمالىدا چېكەتكە ئاپىتى يۈز بېرىپ، خەلق ئاچارچىلىققا قېلىپ، ھۇن مىللىتى ئىچىدىكى سىنىپى زىدديەت تېخىمۇ كەنسكىنلىشىپ كەتتى. شىمالىي ھۇن ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى ئىچىدىمۇ ئۇلۇغ تەڭرىقۇت ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئانا باشقا ئاكىسى ئوڭ قول بىلىك خان (تارىخىي ئەسەرلەردە ئىسىمى خاتىرلەنمىگەن) قېرىنداشلىرىدىن ھوقۇق تالاشقانلىقتىن كۈچ بۆلۈنۈپ كەتتى. بۇ خىل ۋەزىيەت، يەنى سىنىپى زىددىيەت مىللى ۋەزىيەت ۋە ھۆكۈمرانلار سىنىپىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى زىددىيەت پەيدا قىلغان ۋەزىيەت شىمالىي ھۇنلاردىكى ئىجتىمائىي كىرزىسنى تولۇق ئاشكارلىدى. بۇ خەن سۇلالسىنىڭ شىمالىغا يۈرۈش قىلىشىنى پايدىلىق شەرت- شارائىت بىلەن تەمىنلىدى. شۇڭا، جيەنچۇ 2- يىلىدىن (مىلادىيە 77- يىلى) باشلاپ توختاپ قالغان ھەبىي يۈرۈش ئەمدىلىكتە يەنە كۈنتەرتىپكە قويۇلدى. ھالبۇكى، شىمالىي ھۇنلارنىڭ بۇ قېتىم بىر زەرىبىگە بەرداشلىق بېرلەمەسلىكى يەنىلا ئۇلاردىكى ئىجتىمائىي كىرىزىسنىڭ ناھايتى چوڭقۇرلۇشىپ كەتكەنلىكىدىن بولدى.خەن سۇلالىسىنىڭ شىمالىي ھۇنلارغا زەربە بېرىپ، شىمالنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇرۇشى مىلادىيە 89- يىلى (خېدىنىڭ يۇڭيۈەن 1- يىلى) باشلاندى. 6- ئدايدا، ھاۋا- ئاتلىقلار سانغۇنى غۇ شىيەن ۋە گېڭ بىڭ سۇفاڭدىكى جىلۇ قورۇلىدىن، جەنۇبىي تەڭرىقۇت مەنيى جىلغىسىدىن (ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلدىكى جۇڭغار خوشىدا)، لىياشۈيدىن جەمئىي 38 مىڭ كىشلىك قوشۇن بەگ يەن پەن قاتارلىقلار جەنۇبىي ھۇنلارنىڭ يانداش چېرىكچى بەگ يەن پەن قاتارلىقلار جەنۇبىي ھۇنلارنىڭ بىر تۈمەندىن ئارتۇق خىل قوشۇنغا باشچىلىق قىلىپ، شىمالىي ھۇن تەڭرىقۇتى قېچپ كەتتى. خەن قوشۇنلىرى سىچۈبىدى كۆلىگىچە (ھازىرقى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى ئۇسۇبۇ كۆلى) قوغلاپ زەربە بېرىپ، داڭلىق خانلارنىڭ تۆۋىنىدىكىلەردىن 13 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈردى ۋە نۇرشۇن كىشىنى ئەسىر ئالدى. ھۇنلارنىڭ ھەر قايسى كىچىك خانلىرىنىڭ قوۋمىدىن 81 قەبىلە، 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم كېلىپ ئەل بولدى. دۇ شىيەن، گېڭ بىڭ قاتارلىقلار قورۇلدىن 3000 نەچچە چاقىرىم كېلىدىغان يەنرەن تېغىغا (ھازىرقى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى خانگات تېغى) چىقىپ، بۇ قېتىمقى غەلبىگە ئابىدە تىكلەپ قايتىپ كەلدى [26]. كېيىنكى يىلى (يۇڭيۈەن 2- يىلى) 5- ئايدا، خەن سۇلالىسى يەنە قوشۇن ئەۋەتىپ ئىسىرغولنى قوغداۋاتقان ھۇن لەشكەرلىرىنى قوغلىۋېتىپ، بۇ يەرنى قايتۇرۋالدى. 10- ئايدا، يەنە جەنۇبىي ھۇنلار بىلەن بىللە جىلۇ قورۇلىدىن قوشۇن تارتىپ شىمالىي ھۇنلارغا زەربە بەردى. خەن قوشۇنلىرى كېچىدە ھۇجۇم قىلغانلىقتىن، تەڭرىقۇت يارلىنىپ قېتىپ كېتىپ، جېنىنى ئاران ساقلاپ قالدى. مىلادىيە 91- يىلى (يۇڭ يۈەن 3- يىلى) 2- ئايدا، خەن سۇلالىسى يەنە زور قوشۇن تارتتى. گېڭ كۇي جۈيەن قورۇلىدىن يولغا چىقىپ، جىنۋېي تېغىدا شىمالىي ھۇنلارغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى يەڭدى. شىمالىي تەڭرىقۇت بىر بۆلۈك ئادەملىرىنى باشلاپ ئۇيسۇن ۋە كانگىيىگە قېچىپ كەتتى [27]. شۇنىڭ بىلەن ھۇن قۇلدارلىق ھاكىمىيىتى پۈتۈنلەي يىمىرىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ شىمالىي ھۇنلار چۆللۈكنىڭ شىمالىدىن چېكىنىپ چىقتى. ھۇنلار مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 209- يىلى باتۇر تەڭرىقۇت ھاكىمىيەت قۇرغاندىن باشلاپ مۇشۇ ۋاقىتقىچە چۆللۈكنىڭ جەنۇپ- شىمالىدا توپتوغرا 300 يىل دەۋر سۈردى.ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.
مىلادىيە 91- يىلى شىمالىي تەڭرىقۇت قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، چۆللۈكنىڭ شىمالىدا زور قالايمىقانچىلىق ۋەزىيىتى شەكىللەندى. شىمالىي ھۇنلار سىياسىي ھۆكۈمرانلىق مەركىزىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان كىشلەر باشپاناھسىز قېلىپ، ھەر تەرەپكە تاراپ تۆت قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتتى.
بىر قىسمى شىمالىي تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى يۇرتاجانغا ئەگىشىپ ماڭدى.
شىمالىي تەڭرىقۇت قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىنىسى سول قول خان يۇرتجان قالدۇق قەۋملەردىن نەچچە مىڭ ئادەمنى باشلاپ [28]، ئۆزىنى تەڭرىقۇت دەپ ئاتاپ، بارىكۆلگە چېكىنىپ، ئەلچى ئەۋەتىپ ئەل بولۇشنى تەلەپ قىلدى. خەن سۇلالىسى ئۇنىڭ تەلىپىنى قۇبۇل قىلىپ، مىلادىيە 92- يىلى (يۇڭيۈەن 4- يىلى) گېڭ كۈينى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىپ، مۆھۈر ۋە مۆھۈر بېغى تەقدىم قىلدى ھەم ئەمىر نۆكەر رېن شاڭنى ئىۋىرغولدا تۇرۇپ، ئۇنى خۇددى جەنۇبىي تەڭرىقۇتنى قوغدىغاندەك قوغداشقا (ھەم نازارەت قىلىشقا) ئەۋەتتى. خەن سۇلالىسى ئەسلىدە ئۇنىڭ شىمالىي تەڭرىقۇت ئوردىسىغا قايتىشىغا ياردەم بەرمەكچى ئىدى. لېكىن پىلان تېخى ئىشقا ئاشماي تۇرۇپلا، كېيىنكى يىلى (يۇڭيۈەن 5- يىلى) ئۇ خەن سۇلالىسىگە ئاسىيلىق قىلىپ ئۆز ئالدىغا چۆللۈكنىڭ شىمالىغا قايتىپ كەتتى.
بىر قىسمى شىمالىي تەڭرىقۇتقا ئەگىشىپ ماڭدى.
شىمالىي تەڭرىقۇت مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاۋال قالدۇق قوۋمنى باشلاپ ئۇيسۇنلارنىڭ يېرىگە، ئاندىن كانگىيىگە باردى. ئەينى چاغدا زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ غەرپكە قاچقانلىقى ئېنىق ئەمەس. بۇ ھۇنلار مىلادىيە 4- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئالانلار (ھازىرقى جەنۇبىي روسىيە يايلاقلىرىدىكى دون دەرياسىنىڭ شەرقىي ئەتىراپلىرىدا ئولتۇراقلاشقان) بىلەن ئۇرۇش قىلدى ھەم مىلادىيە 374- يىلى ئالان دۆلىتىنى يوقاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۈچ باسقچۇ ياۋروپاغا بېسىپ كىردى. بۇنىڭ 1- باسقۇچى مىلادىيە 400 ~415- يىللارغىچە بولغان مەزگىل. 2- باسقۇچى 5- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى ئاتتىلا باشچىلىق قىلغان مەزگىل ئىدى [29].
مىلادىيە 91- يىلىنىڭ ئالدى- كەينىدە، سىيانپى مىللىتى پەيدىنپەي كۈچىيىشكە باشلاپ، شىمالىي تەڭرىقۇتنىڭ مەغلۇپ بولۇپ غەرپكە كۆچۈپ، چۆللۈكنىڭ شىمالىنىڭ قالايمىقانچىلىقتا قالغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئەسلىدە شىمالىي ھۇنلارغا تەۋە بولغان رايونلارنى ئىگەللىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن چۆللۈكنىڭ شىمالىدا قېلىپ قالغان زور بىر تۈركۈم شىمالىي ھۇنلار سىيانپىلارغا قوشۇلۇپ كەتتى. «كېيىنكى خەننامە» 90- جىلد، «سىيانپىلار ھەققىدە قىسسە» دە: «خېدىنىڭ يۇڭيۈەن يىللىرىدا، ئۇلۇغ سانغۇن دۇ شىيەن ئوڭ قول چېرىكچى بەگ گېڭ كۈينى ئەۋەتىپ ھۇنلارغا ھۇجۇم قىلدى. شىمالىي تەڭرىقۇت مەغلۇپ بولۇپ قېچىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن سىيانپىلار ھۇنلارنىڭ يېرىنى ئىگەللىدى. ئۆز جايىدا قېلىپ قالغان يۈز نەچچە مىڭ تۈتۈن ھۇن ئۇلارغا قوشۇلۇپ ئۆزلىرىنى ‹سىيانپى› دەپ ئاتىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ سىيانپىلار كۈچىيىپ كەتتى» دېيىلگەن. «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى. ۋېي پادىشاھلىقى تەزكىرىسى» 30- جىلد، «سىيانپىلار ھەققىدە قىسسە» دىمۇ پېي جۇ «ۋېينامە» دىن نەقىل ئېلىپ، «شىمالىي تەڭرىقۇت قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، قېلىپ قالغان ھۇنلاردىن يۈز نەچچە مىڭ ئائىلە لىياۋدۇڭغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ، ئۆزلىرىنى ‹سىيانپى لەشكەرلىرى› دەپ ئاتاشتى» دېگەن. ھەر ئائىلىدە بەش جاندىن ئادەم بار دەپ ھېسابلىغاندا، ئەينى چاغدا سىيانپىلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن ھۇنلار 500 -600 مىڭدىن كەم بولمىغان [30]. سىيانپىلار كېيىن مىلادىيە 3- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە نۇرغۇن تارماقلارغا بۆلۈنۈپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئۈچ تارماق يۈۋېن قەبىلىسى، توغبات قەبىلىسى ۋە مۇرۇن قەبىلىسى ئىدى. ھالبۇكى، يۈۋېن قەبىلىسى سىيانپىلارغا قوشۇلغان ھۇنلارنىڭ ئىچىدىكى يۈۋېن قەبىلىسىدىن ئۆزگىرىپ كەتكەنىدى. يۈۋېن قەبىلىسى بۇرۇن چوغاي تاغلىرىدا چارۋىچىلىق قىلغان بولۇپ، مىلادىيە 2- ئەسىردە ئاقساقالىنىڭ باشچىلىقىدا شەرققە كۆچۈپ، لىياۋشىنىڭ سىرتىدىكى شىرامۈرەن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى سىيانپىلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، تانشىخۇي پەيدىنپەي سىيانپىلىشىپ كېتىپ، يۈۋېن سيانپىلارغا ئايلانغانىدى [31]. يۈۋېن سىيانپىلىرى كېيىن گۈەنجۇڭدا (ھازىرقى شەنشىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسىمى) شىمالىي چۆللۈكنىڭ جۇ ھاكىمىيىتىنى قۇردى (مىلادىيە 557- ~ 581 – يىللار). شىمالىدىكى ھەر قايسى جايلاردا قېلىپ قالغان يەنە بىر قىسىم شىمالىي ھۇنلار، توغبات سىيانپىلىرىنىڭ ئەجداتلىرىنىڭ جەنۇپقا كۆچۈش جەريانىدا، ئۇلار بىلەن ئارلىشىپ ياشاپ ۋە نىكاھلىنىپ، ئاتىسى ھۇن، ئانىسى سىيانپى بولغان توبالار (ياكى «توا ھۇنلىرى») بولۇپ شەكىللەندى [32]. ئاتىسى سىيانپى، ئانسى ھۇن بولغانلارنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ نىمە دەپ ئاتالغانلىقى توغرىسىدا تارخىي ماتېرياللاردا خاتىرە كەمچىل. لېكىن بەزى كىشلەر ئۇلارنى ئېھتىماللىقتىمۇ چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ. «بەش غۇز، ئون ئالتە پادىشاھلىق» دەۋرىدە، توبالار قوقان ئۇرۇقى دەپ ئاتىلىپ، تۇڭۋەن شەھىرىدە (ھازىرقى شەنشى ئۆلكىسى يۈلىن ناھىيىسىنىڭ غەرىبىدە) بۈيۈك شىيا ھاكىمىيىتىنى (مىلادىيە 407 ~ 431- يىللار) قۇردى. توغبات سىيانپىلىرى بولسا جەنۇپقا كېلىپ شىمالىي ۋېي ھاكىمىيىتىنى (386 ~ 534 –يىللار) قۇردى.
بىر قىسىم باشتىن – ئاخىر چۆللۈكنىڭ غەربىي شىمالىدا قېلىپ قالدى.
چۆللۈكنىڭ شىمالىي قالايمىقانلىشىپ كەتكەندە، بىر قىسىم ھۇنلار باشتىن- ئاخىر چۆللۈكنىڭ شىمالىدا قېلىپ يۆتكەلمىدى. بۇلارنىڭ سانىنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن، ئۇلار مىلادىيە 4- ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 5- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئىزچىل شۇ يەردە ياشىغان ھەم كۈچى خېلى كۈچلۈك بولغان. كېيىن جۇرجانلار باش كۆتۈرگەندە ئۇلار تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغان. «ۋېينامە» 102- جىلد، «جۇرجانلار ھەققىدە قىسسە» دە بۇ ئىش خاتىرلىنىپ، «غەربىي شىمالدا قالدۇق ھۇنلار بار بولۇپ، يەنىلا كۈچلۈك ئىدى. كېيىن ئۇلارنىڭ ئاقساقىلى بايېرقۇ قوشۇن تارتىپ سەللانغان ھۇجۇم قىلغاندا، سەللان قارىشى قوشۇن تارىپ ئورخۇن دەرياسى بويىدا ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، كېيىن ھەممىسىنى قورشىۋالدى» دېيىلگەن. يۇقىرىدىكى تۆت قىسىم ھۇنلار ھەر تەرەپكە تاراپ كەتكەندىن كېيىن، چۆللۈكنىڭ شىمالىدا شىمالىي ھۇنلار قالمىدى. ئەمما، مىلادىيە 94- يىلى (يۇڭيۈەن 6- يىلى( خەن سۇلالىسىگە يېڭىدىن ئەل بولغان شىمالىي ھۇنلار، جۈملىدىن مىلادىيە 89- يىلى چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، ئەل بولغان 200 مىڭدن ئارتۇق ھۇن يېڭىدىن تەختكە چىققان تەڭرىقۇت شىرغا قارىشى بولغاچقا، (يېڭىدىن ئەل بولغان بۇ ھۇنلار ئەسلىدە قورۇلنىڭ سىرتىدىكى ۋاقتىدا شىرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقتىن ئۇنىڭاغا ئۆچ بولۇپ قالغان ئىدى). فېڭخۇنى تەڭرىقۇت قىلىپ تىكلەپ توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئەمەلدار ۋە پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆتەڭلەرنى كۆيدۈرۈپ، سۇفاڭدىن چىقىپ چۆللۈكنىڭ شىمالىغا قايتىپ كەتتى. گەرچە خەن سۇلالىسى قوشۇن چىقىرىپ، قوغلىغان بولسىمۇ يېتىشەلمىدى. بۇلار «شىمالىي ھۇنلار» نامىدا خەن سۇلالىسى بىلەن مۇناسىۋەت قىلغان ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم ھۇنلار بولۇپ قالدى.
شىمالىي تەڭرىقۇت فېڭخۇ قورۇلدىن چىققاندىن كېيىن، قەمىنى ئوڭ، سول ئىككىگە بۆلدى. ئۆزى ئوڭ تەرەپ قەۋمىگە باشچىلىق قىلىپ جۇشيې تېغىدا چارۋىچىلىق قىلدى. سول تەرەپ قەۋم سۇفاڭنىڭ شىمالىدا چارۋىچىلىق قىلدى. مىلادىيە 96- يىلى (يۇڭيۈەن 8- يلى) سول تەرەپ قەۋمىدىكى نۇرغۇنلىغان ئادەم يەنە سۇفاڭ قورۇلىغا قايتىپ كەلدى. خەن سۇلالىسىمۇ ئۆتكەن ئىشلارنى سۈرۈشتۈرمەي، ئۇلارنى قۇبۇل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سول تەرەپ قوۋمىدىن 4000 دىن ئارتۇق لەشكەر ۋە ئون مىڭدىن ئارتۇق ئاجىز- ئۇششاق ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ خەن سۇلالىسىگە قايتا ئەل بولدى. ئوڭ تەرەپ قەۋمىدىكىلەر جۇشيې تېغىدىمۇ ناھايتى قىيىن ئەھۋالدا قالدى. «كېيىنكى خەننامە. جەنۇبىي ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دە، ئەينى چاغدا فېڭخۇنىڭ قەۋمىدىكىلەر ئاچارچىلىقتا قېلىپ،ئۇنىڭ ئۈستىگە سىيانپىلارنىڭ ھۇجۇمى تۈپەيلىدىن ھىچقانداق يەردە پۇت تىرەپ تۇرالماي، بەس- بەستە ئۆتەڭ- قورۇللارغا ئەل بولغىلى كەلدى. يەنە كېلىپ جەنۇبىي ھۇن تەڭرىقۇتىمۇ ھەر نۇرغۇن ئادەمنى ئەسىر ئېلىپ، نەچچە مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى قايتۇرۇپ كەلگەنلىكتىن، فېڭخۇ تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالدا قالدى.ھىچقانداق چىقىش يولى قالمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇ مىلادىيە 104- يىلى ۋە 105- يىلى ئىككى قېتىم ئەلچى ئەۋەتىپ يارىشىپ قېلىشنى تەلەپ قىلدى. خەن سۇلالىسى ئۇنىڭغا مول سوغا- سالام ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئەل بولۇش تەلىپىگە جاۋاپ بەرمىدى، دېيىلگەن. شۇڭا، ئۇ غەربىي يۇرتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى قاقتى- سوقتى قىلىشنى كۈچەيتىپ، قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلماقچى بولدى.
خەن سۇلالىسى مىلادىيە 76- يىلىدىن باشلاپ غەربىي يۇرت قورۇقچى بېگى ۋە ۋۇجى چېرىكچى بېگىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانىدى. كېيىن مىلادىيە 91- يىلى شىمالىي ھۇنلارنى زەربە بېرىپ چېكىندۈرگەندىن كېيىن، ئۇلارنى يەنە قايتىدىن تەسىس قىلدى. غەربىي يۇرتتىكى 50 نەچچە «بەگلىك» خەن سۇلالىسىگە يېڭىۋاشتىن تەۋەلىك بىلدۈردى. مىلادىيە 106- يىلى (يەنپىڭ – يىلى) غەربى يۇرتتىكى ھەر قايسى بەگلىكلەر خەن سۇلالىسىگە قارىشى ئىسيان كۆتۈردى. خەن سۇلالىسى غەربى يۇرت يىراق ھەم توختىماي توپىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ، سەركەردە- لەشكەرلەرنى ئەۋەتىپ تۇرغۇزۇشقا ھېسابسىز چىقى كېتىدۇ [33] دەپ قارىغانلىقتىن، كېيىنكى يىلى قورۇقچى بەگ قاتارلىق قاتارلىق ئەمەلدارلارنى يەنە ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشنى توختىتىپ، غەربىي يۇرت بىلەن كارى بولمىدى. فېڭخۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىپ،ھەر قايسى بەگلىكلەرنى بويسۇندۇۋالدى. ئەسلىدە غەربىي يۇرت يۇڭيۈەن يىللىرىدىن باشلاپ خەن سۇلالىسىگە تەۋە بولغاندىن كېيىن، شىمالىي ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ قۇللۇقتىن قۇتۇلۇپ، ئۇلارغا ئات- ئولاق ۋە كىگىز- پالاز قاتارلىق نەرسىلەرنى تاپشۇرمايدىغان بولغان ئىدى. ئەمدىلىكتە فېڭخۇ ئەلچى ئەۋەتىپ، ھەر قايسى بەگلىكلەردىن ھۇنلاردىن ئايرىلىپ كەتكەندىن بۇيانقى تاپشۇرمىغان باجلارنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ھەمدە قەرز قالغان باجنى خالىغانچە ئۆستۈرۈپ، بەلگىلىك مۇددەت ئىچىدە تاپشۇرۇشنى بۇيرىدى. غەرىي يۇرتتىى بەگلىكلەر شۇندىلا خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھاكىمىيىتىگە ئاسىيلىق قىلىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. ئۇلار شىمالىي ھۇن قۇلدارلىرىنىڭ شەپقەتسىزلەرچە ئېزىشى ۋە ئېكىسپالاتاتىسىدىن ناھايتى غەزەپلەنسىمۇ، قورۇقچى بەگ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھاكىمىيىتى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغاچقا، خەن سۇلالىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلىدىغان يولى توسۇلۇپ قېلىپ، كۆپ پۇشايماندا قالدى [34].
فېڭخۇ باشچىلىقىدىى شىمالىي ھۇن قۇلدارلىرى غەربىي يۇرتتىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنى قۇل قىلىپلا قالماستىن، ئۇلارنى يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئەسكىرى بولۇشقا ۋە خەن سۇلالىسىنىڭ چېگىردىكى ئايماقلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا مەجبۇرلىدى. مىلادىيە 107- يىلىدىن باشلاپ، فېڭخۇ باشلامچىلىقىدا شىمالىي ھۇنلار بىلەن غەربىي يۇرتتىكى ھەر قايسى ئەللەر چېگىردىكى ئايماقلارغا ئون نەچچە يىل پاراكەندىچىلىك سالدى. خەن سۇلالىسى قوشۇنلىرىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن قايتۇرما زەربە بەردى. بۇنىڭ بىلەن غەربىي يۇرتتا ئۇرۇش ئوتلىرى پەسەيمىدى [35]. مىلادىيە 117- يىلى (يۈەنچۇ 4- يىلى) سىيانپىلاردىن مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، قوۋمى چېچىلىپ كېتىپ، كۆپىنچەيلەن سىيانپىلارغا ئەل بولدى. فېڭخۇ يۈلەنچۈكسىز قالغاچقا، مىلادىيە 118- يىلى ئەتىيازدا يۈزدىن ئارتۇق لەشكىرىنى باشلاپ جەنۇپقا بېرىپ سۇفاڭ قورۇلىغا كېلىپ، ئەل بولۇشنى تەلەپ قىلدى. خەن سۇلالىسى ئۇنىڭ يەنە ھۇنلارنى ئالداپ توپىلاڭ كۆتۈرۈشىدىن قورقۇپ، ئۇنى ئىچكىردىكى بىچۈەن ئايمىقىغا (ھازىرقى خېنەن ئۆلكىسىدىكى يۈشيەن ناھىيىسى) كۆچۈردى [36]. شۇنىڭدىن باشلاپ «شىمالىي تەڭرىقۇت» دېگەن نام تارىخ بېتىدىن يوقالدى ھەم شىمالىي تەڭرىقۇتنىڭ نەسەبىمۇ ئۈزۈلۈپ قالدى.
خەن سۇلالىسى خېڭخۇنىڭ كۈچىنىڭ يوقالغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، مىلادىيە 119- يىلى دورغاپ سۇ بەننى مىڭدىن ئارتۇق لەشكىرى بىلەن ئىۋىرغولدا تۇرۇشقا ئەۋەتىپ، غەربىي يۇرتنى ئەل بولۇشقا ئۈندىدى. شۇنىڭ بىلەن ئالدى قوش ۋە ئاگنى خانلىرى كېلىپ ئەل بولدى. لېكىن شىمالىي ھۇنلارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان بارىكۆل بويىدا چارۋىچىلىق قىلغان قۇيان خان قوۋمى ئالھەزەل خەن سۇلالىسى ئىككىنچى قېتىم غەربىي يۇرتنى تاشلىۋېتىپ (مىلادىيە 107- يىلى) ئۇزۇن ئۆتمەيلا، يېڭىدىن تەيىنلەنگەن يەنە بىر قۇيان خاننىڭ باشلامچىلىقىدا يېڭىۋاشتىن بارىكۆل بويىغا ئورۇنلاشقانىدى. بۇ چاغدا (مىلادىيە 120- يىلى، يۇڭنىڭ 1- يىلى) ئۇلار ئارقا قوش خان بىلەن بىرلىكتە ھۇجۇم قىلىپ سۇ بەننى ئۆلتۈرۈپ، ئالدى قوش خانى بىلەن بىرلىشىپ خېشىغا تاجاۋۇز قىلدى. خەن سۇلالىسى توسۇشقا ئامالسىز قېلىپ، پەقەت بەن يۇڭنى غەربىي يۇرت دورغابى قىلىپ لۈكچۈندە تۇرغۇزدى. مىلادىيە 124- يىلى بەن يۇڭ كۈسەن قاتارلىق ئەللەرنىڭ لەشكەرلىرىنى باشلاپ ئالدى بىلەن قوش ئوردىسىغا ھۇجم قىلىپ، ھۇنلارنىڭ ئىل خانىنى يىخې جىلغىسىغىچە (ھازىرقى شىنجاڭدىكى تەڭرى تېخى) قوغلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئالدى قوش بەگلىكىمۇ خەن سۇلالىسىگە تەۋە بولدى. مىلادىيە 125- يىلى بەن يۇڭ يەنە ئارقا قوش بەگلىكىگە ھۇجۇم قىلدى ۋە شىمالىي ھۇنلارنىڭ بۇ يەردىكى ئەلچىسىنى ئۆلتۈردى. مىلادىيە 126- يىلى (يۇڭجىيەن 1- يىلى) بەن يۇڭ ھەر قايسى ئەل قوشۇنلىرى بىلەن قۇيان خان قەۋمغا ھۇجۇم قىلغاندا، قۇيان خان قېچىپ گۇۋۇ دەرياسى (ھازىرقى ئورنى ئېنىق ئەمەس) بويىغا كەتتى. ئۇنىڭ قەۋمىدىن 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى خەن سۇلالىسىگە历史上的今天:
ھۇنلارنىڭ ئومۇمى تارىخىنىڭ داۋامى 2010-10-25ھۇنلارنىڭ ئومۇمى تارىخىنىڭ داۋامى 2010-10-25ھۇنلارنىڭ ئومۇمى تارىخىنىڭ داۋامى 2010-10-25ھۇنلارنىڭ ئومۇمى تارىخىنىڭ داۋامى 2010-10-25ھۇنلارنىڭ ئومۇمى تارىخىنىڭ داۋامى 2010-10-25
收藏到:Del.icio.us