ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-09-22

    ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچىشىگە ئائىت بىر قانچە مەسىلىگە تۈزىتىشنىڭ ......داۋامى - [ماقالا ۋە ئوبزور]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/75411395.html

    غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنچىلىك زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى تارىخىي تەرەققىياتىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسىتەلىشىدە پەقەت پانتىكىننىڭ 15 قەبىلىنى باشلاپ غەربكە كۆچكەنلىكىنىلا ئەمەس، بەلكى ئەينى ۋاقىتتىكى شۇ يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ رولىنىمۇ كۆرىشىمىز كېرەك. ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەندە تاڭ سۇلالىسى ۋە تىبەتلەر ئۇمۇمىيۈزلۈك ئاجىزلاشقان، خېشى كارىدورىنى ساقلاپ ياتقان جاڭيىچاۋنىڭ قىسىملىرىمۇ ئۇزاق بەرداشلىق بىرەلمىگەن، ئىسلام ئىستىلاچىلىرىنىڭ كۈچى شەرققە سىلجىغان بولسمۇ تېخى شىنجاڭ ۋە گەنسۇ رايۇنىغا يىتىپ بارالمىغان ئىدى. مانا مۇشۇنداق ئالاھىدە بىر تارىخىي مۇھىتتا، ئىدىقۇت ۋە كەڭسۇ رايۇنلىرى تەبىئىي ھالدا سىياسىي بوش رايۇنغا ئايلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ بۇ رايۇنغا ھۆكۈمىرانلىق قىلىشىنى ۋە تەرەققىي قىلدۇرىشىنى كۈتتى. بۇ غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىياتىنى پايدىلىق ئامىللار بىلەن تەمىن ئەتتى. سوبيېكتىپ جەھەتتىن قارىغاندا، غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلار يېتىپ بارغان جايلاردا ئەسلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي كۈچلۈك بولۇپ، بۇ كۆچمەن ئۇيغۇرلار ئۇرخۇن خانلىقىنىڭ يىمىرىلىشى سەۋەپلىك ھۇجۇمغا ئۇچىرىمىدى. شۇڭا تەرەپ- تەرەپلەرگە پىتىراپ كەتمىدى،ھەيۋىسى تەسىرگە ئۇچرىمىدى. ھالبۇكى غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلار ئىچىدە تېكىن، ۋەزىر قاتارلىق ئۇرخۇن خانلىقىنىڭ ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكىلەرمۇ خېلى كۆپ ئىدى. ئۇلار ئۇيغۇرلار ئىچىدە خېلى يۈكسەك ئابرويغا ۋە تەشكىللەش قابىلىيىتىگە ئىگە ئىدى. شۇڭا كۆچمەن ئۇيغۇرلار ۋە يەرلىك ئۇيغۇرلار بىرىككەندىن كېيىن، تىنچ يول ياكى قورال كۈچى بىلەن بولمىسۇن، ئاخىر يېڭى بىر بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇر گوروھىنى قۇرۇپ چىقىپ، بۇ گوروھنىڭ ئىجتىمائى ۋە سىياسىي كۈچىنى ئالغا سىلجىتتى. فېڭ جىياشىڭ ئەپەندى قاتارلىقلار كۆچمەن ئۇيغۇرلار بىلەن يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋېتى ھەققىدە سۆزلىگەندە «ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئەسلىدە ئۇرخۇن ۋە سېلىگا دەريا بويلىرىدا ياشايتتى. ئايرىم بىر قىسمى بولسا تەڭرىتاغ، كەڭسۇ ۋە لىياڭجۇ ئەتىراپلىرىدا ماكانلاشقاندى. ئۇرخۇن ۋە سېلىنگا دەريا ۋادىلىرىدىكىلىرى بولسا ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى، تەڭرىتاغ ئەتىراپىدىكىلىرى بولسا كېيىنكى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاساسلىق گەۋدىسى ئىدى. كەڭسۇ، لىياڭجۇ قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلار گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلىشىغا يول ئاچتى.» دەيدۇ. مانا بۇ دەل جايىدا ئېيتىلغان گەپ،ئۇنداقتا «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈچكە بۆلۈنۈپ غەربكە كۆچۈشى»دېگەن قاراش يەنە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالامدۇ؟ بۇ قاراش «كونا تاڭنامە. ئۇيغۇرلار قىسسىسى»دىكى «غەربتىكى قارلۇقلارنىڭ قېشىغا قاچتى، بىر قىسىمى خېشىغا، بىر قىسمى ئەنشىگە (بىشبالىق) ماكانلاشتى» دېگەن باياندىن كەلگەن بولۇپ، تارىخىي پاكىتقا ئۇيغۇن ئەمەس. چۈنكى يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك ئۇرخۇن ۋە سېلىنگا دەريا ۋادىلىرىدىنى مەركەز قىلىپ ياشىغان ۋە كېيىن غەربكە كۆچكەن 15 قەبىلە پەقەت ھەر تەرەپكە چېچىلىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمىلا بولۇپ، ئۇمۇمىي گەۋدىسى ئەمەس. «ئۈچ تارماققا بۆلۈنگەن»مۇ ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا، غەربكە كۆچكەن 15 قەبىلە ئىچىدە، باشلىنىش بىلەنلا ئۈچكە بۆلىنىش يۈز بەرمىگەن. پەقەت كۆچۈش جەريانىدا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ قارلۇق(چۇ دەرياسى)، تىبەت (خېشى)، ئەنشى (تەڭرىتاغ) قاتارلىق ئۈچ جايغا بېرىپ، شۇ جايدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلەشكەن. ئاندىن نەچچە ئون يىللىق قايتا بىرىكىش ئارقىلىق يۇقۇرىقى ئۈچ جايدا بىر قەدەر مەركەزلىشىپ، ئۈچ چوڭ ئۇيغۇر گوروھىنى شەكىللەندۈرگەن، «كونا تاڭنامە»دىكى خاتىرىلەردە مانا مۇشۇ نەچچە ئون يىللىق سەرگەردانلىق ۋە قايتا بېرىكىش جەريانى چۈشۈرۈپ قۇيۇلغان. ئەكسىچە كېيىن شەكىللەنگەن ئۈچ چوڭ ئۇيغۇر گوروھى باشتىلا شەكىللگەنگەن قىلىپ قويۇلغان. بۇ خاتالىقلار چوقۇم تۈزىتىلىشى كېرەك 

    ئەڭ ئاخىرىدا پان تېكىن مەسىلىسىنى سۆزلەپ ئۆتەيلى. يۇقۇرىقى بايانلاردا پانتېكىننىڭ قاراشەھەرنى ماكان تۇتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتۇق. ئەمما ئىككى تاڭنامىنىڭ «ئۇيغۇرلار قىسسىلىرى» دە ئۇنى قارلۇقلارغا قاچقان»، «گەنجۇدا ماكانلاشقان» دەپمۇ ئاتايدۇ. ئۇنداقتا بىز زادى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ بۇندىن باشقا پانتېكىن زادى قايسى قەبىلىدىن ئىدى؟ تارىخىي مەنبەلەردە «قارلۇق ئىدى»، «ئەنشىلىك ئىدى» ،« گەنجۇلۇق ئىدى» دېگەندەك ئوخشاش بولمىغان ئۈچ خىل قاراش بولغاچقا، ھەركىمنىڭ دېگەنلىرىدە ھەرخىل ئوخشىماسلىقلار ساقلانماقتا. ئەمما پاكىتنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ سۆزلىگەندە، پانتېكىن «سەرگەردانلىق دەۋرى»دىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانى ئىدى ياكى غەربكە كۆچكەن بارلىق كۆچمەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانى ئېدى دېيىش كېرەك. پانتېكىننىڭ غەربكە كۆچكەن 15قەبىلىنى باشلاپ ھەريەرلەرگە چېچىلىپ كەتكەن ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىشىپ،ئۇيغۇرلارنىڭ كېينكى ئۈچ چوڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئورنىتىشىغا ئاساس سالغان ، شۇنداقلا پانتىكىننىڭ ئۇيغۇرلار بىر قەدەر مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان تەڭرىتاغ ئەتىراپىدىكى ئۇيغۇرلارغا خاقان بولۇپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئىنئامىغا ئېرىشكەن. بۇ باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇرلارغا زور ئىلھام بولغان. شۇنداقلا ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قايتىدىن بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ يەردىكى«قايتىدىن بىرلىككە كېلىش جەريانى» دەل ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈچ چوڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئورنىتىلىش جەريانىدۇر. دەل مۇشۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىن قۇرۇلغان ئۈچ چوڭ ھاكىميىتىنىڭ ھەممىسى پانتېكىننى ئۆزىنىڭ ئەجدادى دەپ قارىدى. يۈەن سۇلالىسىدە ئۆتكەن خۇسەنشىڭ ئىلگىرى بەش دەۋر مەزگىلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ «ئۇيغۇرلار بەش دەۋردە تۆھپە كۆرسەتتى. پانتىكىن شۇلاردىن ئىدى» دەيدۇ. بۇ يەردىكى «پانتېكىن شۇلاردىن ئېدى» دېگىنى ھەرگىزمۇ ئۇلار پانتىكىن بىلەن قانداش ئۇرۇغ- تۇغقانلار ئىدى دېگەننىلا كۆرسەتمەستىن بەلكى پانكىتىن رەھبەرلىكىدە غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆرستىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە گەرچە غەربكە كۆچمىسىمۇ ئەمما پانتىكىننى خاقانىمىز دەپ قارايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىمۇ بار. بۇ «ئۇيغۇر ئىتتىپاقى» قارىشى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە. شۇڭا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈچ چوڭ ھاكىمىيىتىنىڭ خاقانلار نەسەبىگە پانتىكىننى قۇشۇپ قۇيىشى تامامەن توغرا

    پانتىكىن گەرچە ئۈچ چوڭ ئۇيغۇر ھاكىمىيىتىنىڭ ئورتاق ئەجدادى بولسىمۇ، ئەمما ئۈچ چوڭ ھاكىمىيەتنىڭ بىۋاستە قۇرغۇچىسى ۋە ھۈكۈمرانى ئەمەس. شۇڭا نۇرغۇن ئالىملارنىڭ «چۇ دەريا ۋادىسى، تەڭرىتاغ ئىتەكلىرى ۋە خېشى كادىرورى بىر بىرىدىن كۆپ يىراقتا تۇرسا، پانتىكىن قانداقمۇ بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ ھاكىمىيەتكە خاقان بولالايدۇ» دېگەن گۇمانىمۇ تەبئىيلا يوقالدى.

    «كونا تاڭنامە. ئۇيغۇرلار قىسسىسى»دە غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈچكە بۆلۈنگەن دەپ خاتا چۈشەنگەنلىكىگە كەلسەك، بۇنىڭدىكى بىر بۆلۈك خاتىرىلەر تارىخىي پاكىتقا ھەقىقەتەن ئۇيغۇن. بولۇپمۇ «پانتىكىن ئۆزىنى خاقان دەپ ئاتىدى. قۇملۇقنىڭ غەربىدە شەھەرلەرنى ئىستىلا قىلدى. كېيىن ۋەزىرى كۈچىيىپ، كەڭسۇنى ئالدى، ۋاقتىنچە گۈللەندى» دېگەن بايانلار. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، «كونا تاڭنامە»نىڭ ئاپتۇرىمۇ گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پانتىكىننىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلىدىكەن.

     


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.