ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-06

    ئۇيغۇرلارنصڭ قول يۇيۇش مةدةنصيتص - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40592837.html

     ئۇيغۇرلار-- كۆپ مەنبەلىك، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تەرەپلىمە مەدەنىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ھەتتا دۇنيا مەدەنىيىتىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى. قول يۇيۇش مەدەنىيىتى- ئۇيغۇر مىللىتى ئارىسىدا ئۇزاق زامانلاردىن بېرى داۋاملىشىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ كېلىۋاتقان بىر خىل ئېسىل مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنە ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردە تىلغا ئېلنىۋاتقان تېما گەرچە ئاڭلىماققا كىشىگە ئانچە چوڭ ئىشتەك تۇيۇلمىسىمۇ، ئەستايىدىل كۆزىتىدىغان بولساق، بۇلارغا بىر مۇنچە ئىلمىيلىكنىڭ، ئىلغارلىقنىڭ، ئىجادىيلىقنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.
          قول يۇيۇش-- ئۇزاق تارىخقا ئىگە بىر خىل ئېسىل ئەنئەنە بولۇپ، ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تازىلىققا- پاكىزلىققا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنىڭ روشەن گەۋدىلىنىشى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كونكرېت ئىپادىلىنىشىدۇر.
          ئۇيغۇرلار: تازىلىق- ساغلاملىقنىڭ ئانىسى، بارلىق گۈزەللىكنىڭ ئاساسى، ئىنسان تەبىئىتى ۋە ئەخلاقنىڭ زىننىتى، دەپ قارايدۇ. شۇنداقلا، كېسەللىكنىڭ قول ئارقىلىق ئېغىزدىن كىرىدىغانلىقىنى؛ قول پاكىز بولسا، پۈتۈن بەدەن ساغلام، ئۆمرى ئۇزۇن بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، تازىلىققا رىئايە قىلىشنى شەرەپ، رىئايە قىلماسلىقنى نومۇس دەپ بىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، تازىلىقنى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى بارلىق ئىش ھەرىكەتنىڭ ئالدىغا قويۇپ، ئومۇمىي بەدەن تازىلىقى، يېمەك- ئىچمەك تازىلىقى، كىيىم- كېچەك تازىلىقى، ئۆي- ئىمارەت تازىلىقى، مۇھىت تازىلىقى، قاتارلىقلارغا تۈجۈپىلەپ ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە؛ شۇنداقلا قول يۇيۇشنى ئائىلە مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قاتارىدا مەركەزلىك ئورۇنغا قويۇپ كەلمەكتە؛ ئۇيغۇرلار ھەر قېتىم ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ ئورۇنلىرىدىن تۇرغاندا، ئالدى بىلەن قولىنى، ئاندىن باشقا ئەزالىرىنى يۇيىدۇ. ئاش- تاماق ئېتىش، كۆكتات ئادالاش، يېمەك- ئېچمەك تەييارلاش، ھەر خىل ئاش- تاماق ۋە باشقا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ئاۋۋال ۋە كېيىن قولىنى پاكىز يۇيىدۇ. بولۇپمۇ توي- تۆكۈن، نەزىر- چىراغ، مېھماندارچىلىق قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا قول يۇيۇش ئالاھىدە چوڭ ئىش قاتارىدا ھۆرمەت- ئىكرام بىلەن قائىدە- يوسۇنلۇق ھالدا تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىدۇ. مېھمانلارنىڭ قولىغا سۇ ئېلىشتا نەپس ئىشلەنگەن ئاپتوۋا- چىلاپچىلار ھازىرلىنىدۇ. ساھىبخانا تەرەپتىن قولغا سۇ قويۇشقا مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، قولغا سۇ قويغۇچىلار مېھمانلارغا بولغان ھۆرمەت ھېسسىياتى بىلەن سۇنىڭ ئىسسىق- سوغۇقلۇقنى ئوبدان تەڭشەپ، ئوڭ قولىدا ئاپتوۋىنىڭ بېغىنى تۇتۇپ، سول قولىنىڭ ئالىقىنىنى ئاپتوۋىنىڭ قورسىقىغا يەڭگىل تەگكۈزۈپ، ياشتا ۋە ھۆرمەتتە چوڭ بولغانلاردىن باشلاپ، مېھمانلارنىڭ ئالدىغا ئېگىلىپ تۇرۇپ، نۆۋەت بىلەن ئالدىرىماي ئۈزۈپ- ئۈزۈپ قولىغا سۇ قويىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئائىلە ئەزالىرى ئارا قول يۇيدۇرىدىغان ئىشلارمۇ دائىم بولۇپ تۇرىدۇ. قولغا سۇ بېرىشنىڭمۇ مۇناسىپ قائىدىسى بولۇپ بار بولۇپ، ئادەتتە 3 قېتىمدىن 5 قېتىمغىچە سۇ قويۇش بويىچە داۋاملىشىدۇ. يەنى بىرىنچى قېتىمدا ئازراق، ئىككىنچى قېتىمدا ئوتتۇراھال، ئۈچىنچى قېتىمدا يەڭگىل، ئۈزۈلدۈرمەي سۇ قويۇش كېرەك.
          مەيلى قانداق جايدا بولسۇن كىچىكلەر چوڭلارنىڭ، پەرزەنتلەر ئاتا- ئانىلارنىڭ قولىغا سۇ قويىدۇ ۋە بۇمۇ ئوخشاشلا يۇقىرىقى قائىدە- تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھەر قېتىملىق قول يۇيۇشلاردىن كېيىن، پاكىز لۆڭگە بىلەن قول سۈرتۈلىدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇرلار قويۇق تاماق ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى پاكىزە قول بىلەن يېيىشنى كىچىكىدىن باشلاپ ئادەت قىلغان بولۇپ، بۇنداق يېيىلگەن تاماقنىڭ تەمى قوشۇق ۋە چوكا بىلەن يېيىلگەن تاماققا قارىغاندا تاتلىق ۋە يېيىشلىك بولۇپ، كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ قول يۇيۇش مەدەنىيىتى ئەنئەنىۋىلىككە ئىگە. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇيغۇرلار ئادەتتە ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە ئوڭايلىقچە گىرىپتار بولمايدۇ ھەمدە بۇنىڭ خاسىيىتى تەن قۇرۇلۇشى، چىراي گۈزەللىكى، روھىي كەيپىياتى جەھەتلەردىنمۇ گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىمىز ھەتتا دۇنيا بويىچىمۇ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدىغان مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىمۇ قول يۇيۇش ئاساس قىلىنغان تازىلىق مەدەنىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، دەپ قاراشقا بولىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.