ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-06

    مەدداھلىق ۋە داستانچىلىق سەنئىتى - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40592889.html

    خەلقىمىز ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئېستېتىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش مەقسىتىدە بىر يۈرۈش ئاغزاكى ۋە غەيرىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئەنە شۇ مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىدا مەدداھلىق ۋە داستانچىلىق خاس  ئورۇنغا ئىگە. مەدداھلىق- ھېكايە- چۆچەك، ئەپسانە، رىۋايەت، قىسسە ۋە جەڭنامىلەرنى سۆزلەش ئاساس قىلىنغان ئورۇنداش سەنئىتى. ئۇ كۆپ ھاللاردا نەغمىسىز جارى قىلدۇرىلىدۇ. داستانچىلىق- خەلق داستانلىرى مۇزىكا ۋە ھەرىكەتنىڭ بىرىكىشىدە يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئىجرا قىلىنىدىغان ئۇنىۋېرساللىققا ئىگە سەنئەت شەكلى. خەلق داستانلىرىنىڭ كۆپ قىسمى نەسرىي ھەم نەزمىي شەكىلدە تۈزۈلگەچكە، ئۇنى ئورۇنداشتا ھېكايە  شەكلىدە  سۆزلەش  بىلەن  ناخشا  بىرلەشتۈرۈلىدۇ.

      ئىلگىرى، يەنى دىرامما- تىياتىرچىلىق مەيدانغا كەلمىگەن، رادىئو، كىنو، تېلېۋىزور، تور دېگەندەك زامانىۋى تارقىتىش ۋاستىلىرى پەيدا بولمىغان زامانلاردا بازار- رەستىلەرنى، سەيلە- تاۋاپ مەيدانلىرىنى، بەزمە - مەشرەپ سورۇنلىرىنى ئاساسلىق كۆرەك سەھنىسى قىلغان ئەلنەغمە، جۈملىدىن مەدداھلىق،   داستانچىلىق خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان. بولۇپمۇ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرىنى، خەلق ناخشا -مۇزىكىلىرىنى ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد يەتكۈزۈش، بېيىتىشتا مەدداھلىق، داستانچىلىقنىڭ رولى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولغان. شۇڭا   مۇقاملىرىمىزنىڭ  شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى مەدداھلىق  ۋە   داستانچىلىقىمىزدىن   ئايرىپ  قارىغىلى بولمايدۇ.

      مەدداھلىق، داستانچىلىق سەنئىتىمىز ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. شىنجاڭدا بۇددىزىم گۈللەنگەن دەۋرلەردىلا ئەلنەغمە- مەدداھلىق سەنئىتى تەرەققىي قىلىپ مۇئەييەن كۆلەم ۋە سەۋىيىگە يەتكەنلىكى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم. بۇدددىزىم مەزمونىدىكى ئەسەر "مايتىرى سىمىت" بۇنىڭ دەۋرىمىزگىچە يەتكەن ئۈلگىسى ھېساپلىنىدۇ. تەتقىقاتچىلار ئۇنى ئەينى دەۋردىكى مەدداھلىق ئەدەبىياتىغا تەۋە ئەسەر، دەپ قارىماقتا. ئۇنىڭدىن   باشقا، خەلقىمىز ئارىسىدا كىتابىي ھەم ئاغزاكىي شەكىلدە ساقلىنىپ كەلگەن" ئىسكەندەرنامە"،" جەمشىدنامە"،" قەھرىمان قاتىل"، "رۇستەم داستان"،" قاتارلىق قىسسە ۋە جەڭنامىلەر، " يۈسۈپ- ئەھمەد"،  "يۈسۈپ- زۇلەيخا"، "غېرىپ- سەنەم"، "تاھىر -زۆھرا"، "ھۆرلىقا ھەمراجان"، "قەمەرشاھ-شەمسىجانان"، "شاھ سەنۇبەر"، "بوز  يىگىت"، "ھەۋزىخان"، "زىۋىدىخان"، "يىلپىزخان" قاتارلىق تالاي خەلق داستانلىرى ۋە داستان تەرىزىدە ئېيتىلغان قىسمەن سيۇژىتلىق شېئىرىي ئەسەرلەر مەدداھلىق، داستانچىلىقىمىز  ئارقىلىق زامانلارنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈپ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن نەمۇنىلەردۇر.

      مەدداھلىق، داستانچىلىق سەنئىتىمىزدە جارى بولۇپ كەلگەن خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرىنىڭ تېماتىك مەزمۇن دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ. ئۇلاردا يۇرتىمىز تارىخىدىكى زور ۋەقەلەر، مۇھىم شەخسلەر تەسۋرىلەنگەندىن باشقا، ھەرقايسى    دەۋىرلەردىكى ۋەقە- ھادىسىلەرمۇ ئىنكاس قىلىنىدۇ. ئۇلاردا يەنە شەرق خەلقلىرى ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ئاشق- مەشۇقلار ھەققىدە قىسسە، رىۋايەتلەرمۇ خېلى زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بۇ ئەسەرلەر ئۆزىگە تەڭكەش قىلىنغان ناخشا- مۇزىكا بىلەن بىللە ، مىللىتىمىزنىڭ تارىخ، مەدەنىيىتى، فولوكلورى، ئېتنوگرافىيىسى، تىلى، سەنئىتى، دىنىي ئېتىقادى، پەلسەپىسى، ئىجتىمائىي ئىدىيىسى، ئەخلاقىي تەشەببۇسلىرى، ئەدەبىياتى، تەبىئىي پەن ساھەسىدىكى بىلىم- چۈشەنچىلىرىردىن ئۇچۇر  بېرىدىغان، بىزنى بۇ جەھەتتە قىممەتلىك ماتىرىياللار  بىلەن تەمىنلەيدىغان قامۇس ھېساپلىنىدۇ.

       مەدداھلىق، داستانچىلىق سەنئىتىدە   ئېيتىلىدىغان ئېغىز ئەدەبىياتى مىسرالىرىنىڭ ۋەقەلىكى جىددىي، دەبدەبىلىك، ھەيۋەتلىك، يومۇرلۇق، دىراماتىك تۈستە  تۈزۈلگەن بولۇپ، تىڭشىغۇچىلارنى قىزىقتۇرۇش، تەسىرلەندۈرۈش كۈچى زور. ئۇلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى كلاسسىك شائىرلار قەلىمىدە ھەمدە مەدداھ، داستانچىلارنىڭ ئىجابىي بېيىتىشى نەتىجىسىدە مۇرەككەپ قۇرۇلمىلىق، چوڭ ھەجىملىك، كوللىكتىپ ۋە شەخسىي ئىجادىيەت  ئامىللىرى بىرلەشكەن نادىر سەنئەت ئەسەرلرىگە ئايلانغان. مەدداھلىق، داستانچىلىقىمىز  كۆپ خىل سەنئەت شەكىللىرىنى بىر گەۋدە قىلغان بولۇپ، ئۇنىۋېرسال خاراكتېر ۋە تىياتىرلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە. ئۇنىڭدىكى ئىجراچى مەدداھ، داستانچىلار سۆزلەش ، بايان قىلىش سەنئىتىدىن باشقا، خەلق ئاھاڭلىرىنى پۇختا ئىگىلىگەن، ئورۇنداش سەنئىتىگە ماھىر  كىشىلەر بولغان. ئۇلار ئەسەرنىڭ نەسرىي بۆلىكىنى ھېكايە شەكلىدە بايان قىلسا، نەزمىي قىسمىنى راۋاپ، تەمبۈر ياكى دۇتارنىڭ تەڭكەشلىكىدە ناخشا شەكىلدە بايان قىلغان. ئەسەردىكى ۋەقە- ھادىسىلەرگە ماسلاشقان كەيپىيات ۋە ئەسەر قەھرىمانلىرىنىڭ خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان جانلىق ھەرىكەتلەر بىلەن ئاڭلىغۇچىلارنى ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكىگە بىئىختىيار باشلاپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ قەلب تارىنى تىترەتكەن، ۋۇجۇدىنى لەرزىگە سالالىغان. 

      يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، مەدداھلىق، داستانچىلىق سەنئىتى چوڭ ھەجىملىك، كۆپ تەرەپلىك سەنئەت. ئۇ تۇغما تالانتقا ئىگە، تەربىيىلەنگەن، ئەتراپلىق ئىقتىدار ھازىرلىغان ماھارەت ئىگىلىرىنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، شۇلارنىڭ جاپالىق مەشق قىلىشى، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىشى نەتىجىسىدە بۇ سەنئەت ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ قالالايدۇ. ئەگەر بۇنداق سەئەتكارلارنىڭ يېتىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرىسا، مەدداھلىق، داستانچىلىق سەنئىتى يوقىلىشقا يۈزلىنىدۇ. ئەپسۇسكى، 20- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن كېيىن سەنئىتىمىزنىڭ بۇ نادىر تۈرلىرى ئۈزۈلۈپ قېلىش، ھەتتا  تەدرىجىي  يوقىلىشقا يۈزلەنگەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، يوقىلىشقا يۈزلەنگەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى دۇنيا مىقياسىدا قۇتقۇزۇش تەشەببۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ماددىي ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت  مىراسلىرىنى قېزىش، قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى جانلاندى. مۇشۇنداق ياخشى شارائىتتا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى بويىچە ئىش كۆرۈپ، بۇ ساھادە قېزىش، قۇتقۇزۇش، قوغداش، ۋارىسلارنى تەربىيىلەش، تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەمدە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئەدەبىيات- سەنئىتىمىزنى يەنىمۇ گۈللەندۈرۈش دەۋرنىڭ تەقەززاسى، مەدەنىيەت - سەنئەت  خادىملىرى ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ مۇقەرەر مەجبۇرىيىتىگە ئايلانماقتا. ئىشىنىمىزكى، كۆپچىلىكنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە بۇ ساھادىكى ئىزدىنىشلەر يەنىمۇ چېچەكلەپ مېۋە  بەرگۈسى.


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.