ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-06

    يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىمىزنىڭ تارىخىي تەسۋىرى - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40593185.html

    ئۇزاق تارىخ ۋە شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە مىللەتلەرنىڭ بىرى بولغان خەلقىمىزنىڭ يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى ئېلىمىز يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىدۇر.
       بۈگۈنكى يېمەك - ئىچمەكلىرىمىزگە نەزەر سالساق، ئۇنىڭدىن ھەم يايلاق ھاياتىدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ گۆش تۈرلىرىنى ئاساسىي خام ئەشيا قىلىپ تەييارلايدىغان تائاملىرىنى، ھەم دېھقانچىلىق ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۇن ۋە ھەر خىل يەرلىك مېۋە - چېۋە، كۆكتاتلارنى خۇرۇچ قىلىپ تەييارلانغان يېمەك - ئىچمەكلىرىنى، شۇنداقلا يەنە بۇ ئىككى ئىگىلىك ئۇزاق مۇددەت بىرلىكتە مەۋجۇد بولۇش ۋە تەرەققىي قىلىش جەريانىدا ئۇن تىپىدىكى خۇرۇچلار بىلەن گۆش تىپىدىكى خۇرۇچلارنى تەڭ مىقداردا ياكى ئېھتىياجغا قاراپ بىرلەشتۈرۈپ ئىجاد قىلغان يېمەكلىكلەرنى ئۇچرىتالايمىز. مانا مۇشۇ مول ۋە رەڭگارەڭ تائام مەدەنىيىتىمىزنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ھازىرقىدەك تەرەققىي قىلىش غەربىي يۇرت تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ساھەلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ئالىملارنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە مۇھىم تەتقىقات نىشانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن. بۇ ھەقتىكى تېپىلمىلارنىڭ مول ۋە خىلمۇ - خىللىقى، يېمەك - ئىچمەك تۈرلىرىنىڭ. كۆپلۈكى، قەدىمىيلىكى ۋە مۇرەككەپلىكى غەربىي يۇرت يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىنى يورۇتۇپ بېرىشنىڭ ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەسلىكىنى بەلگىلىگەن. شۇڭا بۇ تېما ئۇزاق يىللاردىن بېرى تەتقىقاتچىلارنىڭ مۇھىم تەتقىقات نىشانى بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەتراپلىق يورۇتۇلمىغان، بۇ ساھەدە بىرەر نوپۇزلۇق مەخسۇس ئەسەر مەيدانغا كەلمىگەنىدى.
      تونۇلغان تەتقىقاتچى ۋە ئارخېئولوگ ئىسراپىل يۈسۈپ بىلەن ياش تەتقىقاتچى ئەنۋەر قاسىم ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن >> غەربىي يۇرت يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى تارىخى << ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئىلمىي ئەسەر 2006 - يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، بۇ ساھەدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى. بۇ كىتاب ئاپتورلىرىنىڭ ئارخېئولوگىيىلىك ماددىي پاكىتلارغا ئاساسلانغانلىقى، ھەر بىر ماددىي پاكىتنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلغانلىقى ۋە قايىل قىلارلىق ئىلمىي يەكۈن چىقارغانلىقى كىتابنىڭ ئىلمىي قىممىتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغان، دېيىشكە بولىدۇ.
       << غەربىي يۇرت يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى تارىخ >> نى يېزىشتا ئاپتورلار ئاساسەن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەر ئارخېئولوگىيىسىدە مەيدانغا كەلگەن نۇرغۇن يېڭى، مۇھىم ماتېرىيال، بولۇپمۇ غەربىي يۇرتنىڭ يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىدە بارلىققا كەلگەن يادىكارلىقلارنى پاكىت قىلىپ تۇرۇپ، ئانالىز قىلىش ئارقىلىق بۇ تېمىنى ئومۇميۈزلۈك يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشقان.
       شىنجاڭنىڭ تارىخىي دەۋرلەر ئارخېئولوگىيىسىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى شۇڭى، مول ۋە رەڭگارەڭ يىپەك يولى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، شۇنداقلا ئەينى دەۋرلەردە ياشىغان ئاھالىلەرنى يېمەك ئىچمەك مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قېزىۋېلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ رايوندا ياشىغان قەدىمكى مىللەتلەر تەرىپىدىن يارىتىلغان نۇرغۇن قەدىمكى تىل - يېزىقتىكى قوليازمىلارمۇ تېپىلغان. بۇ ھۆججەتلەرمۇ غەربىي يۇرتتا ياشىغان قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىدىن مول ئۇچۇر بېرىپ تۇرىدۇ. ئاپتورلار ئۆزلىرىنىڭ كۆپ خىل تىل بىلىش ۋە مول ئارخېئولوگىيىلىك بىلىمگە ئىگە بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن، بۇ ئۆتكەلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى تارىخىمىزنى يورۇتۇپ بېرىشتە قىينالمىغانلىقتىن، بۇ ئەسەر مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغان.
      ئاپتورلار << غەربىي يۇرت يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى تارىخى >> نى بايان قىلىشتا، ئاساسلىقى، ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلارغا، تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسلانغان. تەبىئىيكى، كونا تاش قورال دەۋرىدىن دەسلەپكى تۆمۈر قورال دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگىچە بولغان زامانلاردىكى يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىنى يورۇتۇپ بېرىشتە، پۈتۈنلەي ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلارغا؛ غەربىي خەن دەۋرىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىن تاكى سۇڭ، يۈەن  دەۋرلىرىگىچە بولغان زامانلاردىكى يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىنى بايان قىلىشتا ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلاردىن باشقا، خەنزۇچە تارىخنامىلەردىكى ئالاقىدار بايانلارغىمۇ ئاساسلانغان. دېمەك، ئاپتورلار بۇ تېمىنى ئىشلەشتە شىنجاڭدا ئىشلەنگەن ئارخېئولوگىيىلىك خىزمەتلەر، كونا تاش قوراللار دەۋرىدىن سۇڭ، يۈەن دەۋرلىرىگىچە بولغان زامانلار ئارخېئولوگىيىسىنى ئاساس قىلغاچقا، << غەربىي يۇرت يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى تارىخى >> بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن دەۋرلەرنىڭ يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى تارىخى ھېسابلىنىدۇ.
      ھەممىمىزگە مەلۇمكى، يېمەك - ئىچمەك ئىنسانلارنىڭ بىرىنچى ئېھتىياجى، شۇنداقلا مىللىي مەدەنىيەتنىڭ تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. مۇقەررەركى، ئۇ ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا خېلى سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ھەر بىر مىللەت ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جۇغراپىيىلىك مۇھىت، ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى، تۇرمۇش مۇھىتى، ئەنئەنىۋى ئادىتى ۋە كۆز قارىشى، دىنىي ئېتىقادى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە، يېمەك - ئىچمەك جەھەتتە ئۆزگىچە مىللىي ئاھىدىلىكلەرنى ياكى يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. قەدىمدىن كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان غەربىي يۇرتتا ياشاپ كەلگەن مىللەتلەر غەربىي يۇرتنى بىرلىكتە ئېچىش ۋە گۈللەندۈرۈش يولىدا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا بىر - بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆگىنىش، ياخشى ئەنئەنىلىرىنى ئۆزئارا قوبۇل قىلىش ياكى ئۆزلەشتۈرۈش جەريانىدا، يېمەك - ئىچمەك جەھەتتە، ئۆز خاسلىقىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىش بىلەن بىللە، يەنە نۇرغۇن ئورتاقلىققا ئىگە بولۇپ، غەربىي يۇرت يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىنى مول مەزمۇنغا ۋە رەڭدارلىققا ئىگە قىلغان.
      كىتابنىڭ ئاخىرىدا قەدىمكى زامان يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىمىز توغرىسىدا مۇپەسسەل بايان بېرىلىپ، قېزىۋېلىنغان ماددىي يادىكارلىقلار بىلەن خەنزۇچە تارىخنامىلەر، ساياھەتنامىلەر، <<  تۈركىي تىللار دىۋانى >> ، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ھۆججەتلەر، << ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى >>، << بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت >>  قاتارلىق نوپۇزلۇق ئەسەرلەرنى ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىنىپ، شۇ دەۋردىكى تائام مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەسۋىرلەپ بېرىلگەن. بولۇپمۇ مەھمۇد قەشقىرى << تۈركىي تىللار دىۋانى >> دا تىلغا ئالغان ئۇن تائاملىرى، نانلار، گۆش تائاملىرى ، مېۋە - چېۋىلەر، كۆكتاتلار، ئىچىملىكلەر ۋە قوشۇمچە يېمەكلىكلەر ھەققىدە مەخسۇس توختىلىپ، خەلقىمىزنىڭ 11 - ئەسىردىكى يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، بوستانلىق ۋە يايلاق مەدەنىيىتى مۇھىتىدىكى يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىمىز ئەتراپلىق ۋە جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. مەھمۇد قەشقىرى ياشىغان دەۋر ئۇيغۇر يېمەك - ئىچمەكلىرى، دىن، تەبىئىي شارائىت ۋە ياشاش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ئۆزگىرىۋاتقان دەۋر بولۇپ، كىتاب ئاپتورلىرى بۇ دەۋرنى ئۇيغۇر يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى تارىخىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى، دەپ تونۇپ، ئۇنى جانلىق، ئىلمىي ۋە پاكىتلىق ھالدا ئوقۇرمەنلەرگە سۇنغان. ئۇنىڭدىن كېيىنكى چاغاتاي خانلىقى، مىڭ سۇلالىسى دەۋرى نوپۇزلۇق يازمىلاردا تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇر تائاملىرى ھەققىدىمۇ مۇۋاپىق توختىلىپ، مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، تائام مەدەنىيىتىمىزنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە تەرەققىيات ئەھۋالىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلغان.
      ئوملاشتۇرغاندا، << غەربىي يۇرت يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى تارىخى >> ناملىق بۇ كىتاب بىز يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن بىر قاتار ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن، يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي تەسۋىرىنى ئوقۇرمەنلەرگە ئاشكارىلاپ، ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتى تەتقىقاتىدىكى ئۇزاق يىللاردىن بېرى تولدۇرۇلماي كەلگەن بوشلۇقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تولدۇرغانلىقى بىلەن ھەممىمىزنى سۆيۈندۈرىدۇ.
    مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.