ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-06

    تۆمۈرىلەر ئىمپېرىيىسى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مەدىنىيىتى - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40593136.html

     


    1. بۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنىڭ كېلىپ چىقىشى

       تۆمۈرىلەر دۆلىتى تەۋەسەدىكى ئۇيغۇرلار ئىككى مەنبەدىن كەلگەن . بىرى ، يۇقۇرىقى ماۋزۇدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئۇزاق تارىخىي جەريانلاردا ئەزەلدىن ئاشۇ زېمىنىدا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ؛ يەنە بىرى ، تۆمۈرىلەر ئىمپىرىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن ياكى قۇرۇلۇش ھارپىسىدا ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭ دەپ ئاتالغان مۇشۇ زېمىندىن تۆمۈرىلەر دۆلىتى تەۋەسىگە بارغان ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت . ئەمدى بىر تۆمۈرىلەر دۆلىتىنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۆتكىلىشى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتمىز .

      غەربىي چاغاتاي خانلىقى ۋە ئېلىخانلار خانلىقىنىڭ قۇيرۇقىنى تۆمۈرلەڭ يىغىشتۇرۇپ ، دەسلەپتە ماۋەرائۈننەھىر رايونى ، كېيىنچە خۇراسان رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆمۈرىلەر ئىمپېرىيىسى ۋۇجۇدقا كېلىپ ، شىنجاڭغا قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ تارىخىدا يېڭى ئىجتىمائىي تەرتىپ ئورنىتىلدى .

      تۆمۈرىلەر ئىمپېرىيىسىمۇ مۇڭغۇل ئىمپېرىيىسىگە ئوخشاش ھەر خىل خەلقلەردىن تەركىب تاپقانلىقى ئۈچۈن ، باشقا خەلقلەرگە ئوخشاشلا ، بۇ دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىدا شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولى داۋاملىق جارى بولۇپ تۇردى .

      لېكىن ، تۆمۈرىلەر دەۋرىدىكى بەزى ۋەقەلەر ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردىكى ۋەقەلەرگە ئوخشىماي قالدى . تۆمۈرىلەر دەۋرىدە تۆمۈر ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئىلگىرىكى دەۋرلەردە ئۆز دۆلىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچ - قۇدرىتىدىن داۋاملىق پايدىلانغاندىن باشقا ، غەربىي چاغاتاي ، مۇڭغۇلىستان ( ھازىرقى شىنجاڭ ، يەتتەسۇ رايونى ۋە ئىسسىقكۆلنىڭ شەرقىدىكى رايونلار) بىلەن ھەر خىل مۇناسىۋەتتە بولۇپ ، بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئاممىسىنى داۋاملىق تۈردە ماۋەرائۈننەھر ۋە خۇراسان رايونىغا يۆتكەپ ، ئۇلاردىنمۇ پايدىلانغان .
    بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بەزى مەسىلىلەرنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتەيلى . شەرقشۇناسلاردىن دوكتور بېللىۋ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ : " ھازىرقى كاشىغەرىيە دېگەن نام بىلەن ھەممىگە تونۇلغان بۇ ئۇلۇس تۆمۈرىلەر دەۋرىدە 'يەتتە ئۇلۇس' دەپ ئاتىلاتتى ، ھازىر پەنجاپتا ياشاۋاتقان يەتتە ئۇلۇسلار ياكى جاتلار قەبىلىسى ئەسلىدە كاشىغەرىيەدىن چىقىرىلغانلارنىڭ پۇشتىدۇر ، بۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى كاشىغەرىيە 'يەتتە ئۇلۇس' دەپ ئاتىلىدىغان چاغلاردا بۇ ئۇستىن كېتىپ قالغانلار " دۇر .
    -1365 يىلى تۆمۈر سىر دەريانىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى چىناز بىلەن تاشكەنت ئوتتۇرىسىدا شەرقىي چاغاتاي قوشۇنلىرىنى مەغلۇب قىلغان 1370 - يىلى ئۇ سەمەرقەنتنى ئىگىلەپ ، ماۋەرائۇننەھردىكى توپىلاڭلارنىمۇ بىرنەچچە يىل ئىچىدە بېسىقتۇردى . شۇنىڭ بىلەن ماۋەرائۈننەھردىكى توپىلاڭلارنىمۇ بىرنەچچە يىل ئىچىدە بېسىقتۇردى . شۇنىڭ بىلەن ماۋەرائۈننەھر شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ تەۋەلىكىدىن ئايرىلىپ چىقىدۇ . تۆمۈر بۇ جايلاردا خانلىقىنىڭ تەۋەلىكىدىن ئايرىلىپ چىقىدۇ . تۆمۈر بۇ جايلاردا ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرىدۇ . تۆمۈرلەڭ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بۇنىڭ بىلەنلا قالماي ، شەرقىي چاغاتاي ئۇلۇسى بىلەنمۇ داۋاملىق ھەپىلىشىپ ئۆتكەن .

      شېرىپىدىن ئەلى يەزىدى "زەپەرنامە" ۋە نىزامىدىن شەمىئىمۇ "زەپەرنامە" دېگەن كىتابلاردا تۆمۈر ۋە ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئۆمەر شەيخنىڭ شەرقىي چاغاتاي ئۇلۇسىدىكى شەھەرلەرنى تالاپەتكە ئۇچراتقانلىقى توغرىلىق خاتىرە قالدۇرۇلغان . شېرىپىدىن ئەلى يەزدىنىڭ يېزىشىچە 1375 - يىلىدىن 1379 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا بۇ يەرگە بەش قېتىم ھۇجۇم قىلغان ، بىر قېتىم تۆمۈرلەڭ قوشۇنلىرى ئىسسىقكۆل ئەتراپىدا قاتتىق ئۇرۇشۇپ ، چاغاتاي قوشۇنلىرىنىڭ يېڭىلىشى بىلەن بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ئاخىرلاشقان ، تۆمۈرلەڭ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ ، ئۆز قوشۇنلىرىنى ئىككىگە بۆلۈپ ، ئالمىلىق ۋە كاشىغەرغىچە ماڭغۇزغان ۋە بۇ شەھەرلەرنى تالاپەتكە ئۇچرىتىپ ، مال - مۈلۈكتىن باشقا ، بىر قىسىم ئاھالىلەرمۇ ئىختىيارىي ۋە مەجبۇرىي يوسۇندا تۆمۈرلەڭ دۆلىتىگە ئېلىپ كېتىلگەن . ئابدىرازاق سەمەرقەنتى "مەتلە ئۇسسەدايىن ۋە مەجمۇئۇل - بەھرەيىن' ( ئۈنلەرنىڭ مەنبەسى ۋە ئىككى دەريانىڭ بىرلىشىشى) ناملىق كىتابىدا ئۆمەر شەيخنىڭ 1370 - يىللىرى كاشىغەر ئاھالىسىنى ئەنجانغا كۆچۈرگەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە قالدۇرغان .

      موڭغۇلىستان خانلىرىدىن ئىسسەن بوقا دەۋرلىرى يىللىرىدا دوغلات قەبىلىسىدىن سەئىد ئەھمەد كاشىغەرنى نازارەت ، مۇھاپىزەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان . ئەمما ، ئۇ ئادەم ئىقتىدارسىزراق بولغاچقا خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن دېگەندەك چىقالماي قالغان ، مۇشۇنداق بولغاچقا يەرلىك خوجىلار سەمەرقەنتتىكى تۆمۈرلەڭنىڭ نەۋرىسى ئۇلۇغ بەگ بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ، ئۇنى كاشىغەرىدىن قوغلىۋەتكەن . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كاشىغەر ئۇلۇغ بەگنىڭ كونتروللىقىدا بولغان ، ئۈ يىللىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىسىدا سەئىد ئەھمەد كاشىغەرنى قايتۇرۇۋالغان . قايتۇرۇۋېلىشنىڭ ئالدى - كەينىدە سەمەرقەنت تەرەپكە ھېسداشلىق قىلغۇچى ۋە قايمۇققان بىر قىسىم كاشىغەر ئاھالىسى ماۋەئۇننەھر تەرەپكە كېتىپ قالغان .

      يۇقۇرىقىدەك ئۇرۇش سەۋەبىدىنلا ئەمەس ، بەلكى خېلى بىر مەزگىل تۆمۈرىلەر ھاكىمىيىتىدە خاتىرجەملىك ، ئىلىم - پەنگە بېرىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىنمۇ ، كۆڭۈل مايىللىقى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى بولۇشى تۇرغانلا گەپ .

      تۆمۈرىلەر دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ماۋەننۈنەھرگە كىرىشى تارىختىكى كىرىشنىڭ داۋامى ئىدى . بۇ قېتىم كىشىلەر ، ئىلگىرىدىن باشلاپلا ، مەزكۇر رايوننىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقانلار بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ ئىشلەپ ، بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ۋە تارىختا ئالاھىدە خاتىرىلىنىشكە نائىل بولغان . بۇ كىشىلەرنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ نامى - نىشانى تارىختا قالمىغان بولسىمۇ ، لېكىن بەزىلىرىنىڭ تۆھپىلىرى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولغاچقا تارىخىي دېرەكلەر ئارقىلىق زامانىمىز كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ كەلمەكتە .

    2 . تۆمۈرىلەر دۆلىتى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر مەمۇرىي ئەمەلدارلار

      بۇ دەۋردە بىرمۇنچە ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرى تۆمۈرىلەرنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىغا ئىشتىراك قىلغان .
    دۆلەت شاھ باخشى ئۇيغۇر --- تۆمۈرىلەرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەل تۇتقان بولسىمۇ مەنساپدار ئىدى .

      غىياسىدىن باخشى --- بۇ ئادەم مەنبەلەردە غىياسىدىن كىچىك ياكى كىچىككىنە باخشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ئۇلۇغ شائىر نەۋائىينىڭ دادىسىنىڭ بەزى ماتىرىياللاردا شىنجاڭلىق ئىكەنلىكى سۆزلەنگەن . ئەينى چاغدىكى ئەھۋاللارغا قارىغاندا ، ئۇنىڭ ئائىلىسى كاشىغارىيىدىن مۇساپىر بولۇپ چىقىپ كەتكەن بولۇشى مۈمكىن . غىياسىدىن باخشى سەبىزۋار ( ھازىرقى تاجىكىستاندا ) شەھىرىگە ھاكىم بولغان . خۇراسان ھۆكۈمدارى ئۇبۇلقاسىم بابۇرنىڭ چاغاتاي ( ئۇيغۇر) تىلى ۋە ئەرەب تىلى بويىچە باخشى -- كاتىبى بولغان . ئۇ شېئىرىيەتكە قىزىققان . ئۆز دەۋرىدە "تارىخى خانى " ناملىق بىر كىتاب يېزىلغان . ئون ئالتىنچى ئەسىر ئاپتورلىرىدىن ئابدۇللا بىن ئەلى نەسرۇللا "زۇبدۇت - ئول - ئەسەر ' دېگەن تۈركىي تىلىدىكى كىتابىدا "تارىخىي خانىيە' تۈركىي ئۇيغۇر باخشىلىرى ئۇنى ئۇيغۇر خېتى ۋە تەلەپپۇزى بىلەن بىتبىدۇرلەر " دەپ يازغان . تۆمۈرنىڭ تارىخىنى يازغان شېرىپىدىن ئەلى يەزدى "زەپەرنامە" دېگەن كىتابىنى يېزىشتا بۇ كىتابتىن پايدىلانغان . بەزى ئاپتورلار "تارىخىي خانى " نى غىياسىدىن باخشى يازغان بولسا كېرەك دەپ قارايدۇ . ئەپسۇسكى بۇ كىتاب ھازىرغىچە ئىلىم ئەھلىگە مەلۇم ئەمەس .

      دەرۋىش ئەلى -- ئۆز زامانىسىدا ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى بەلخ شەھىرىگە ھاكىم بولغان . ئۇ نەۋائىينىڭ ئىنىسى ئىدى .

      ئەھمەد ھاجىبەگ . ئەلىشىر نەۋائىي "مەجالىسۇن نەفائىس" تا ئەھمەد ھاجىبەگ توغرىسىدا مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ " : سۇلتان مالىك كاشىغەرى كى زاماننىڭ تەڭدىشى يوق كىشىسى ئىدى . شۇنىڭ ئوغلىدۇر 'ۋە فائىي' دەپ تەخەللۇس قىلاتتى . ئەخلاقى گۈزەل ، كۆڭۈللۈك ، ھەممىگە پىسەنت (قادىر) يىگىتتۇر . ئۇ ، خۇراسەندە تەربىيە تاپىدى . خۇراسان مەركىزى ھىيراتتا 10 يىلغا يىقىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى .

      سەمەرقەنتتە بىر مەزگىل ھاكىم بولدى . ۋە بىر قەرنە 30 يىلدىن بۇيان مۇستەقىل ئەمىرلىك ئورنى بىلەن پادىشاھ (سۇلتان ھۈسەيىن) گە نايىب (ۋەكىللىك) لىق قىلماقتا . ھېچقانداق كىشى ئۇنىڭدىن نارازى بولۇپ ، ئېتىراز قىلمايدۇ . ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئەھمەد ھاجىبەگنىڭ ھەيۋەت - باھادىرلىقىنى ھەممە كىشى تونۇيدۇ ۋە تەسلىم قىلىدۇ . تەبىئىي غايەت گۈزەل نەزمىلەرگە كۆپ ساز چالىدۇ . "  دېمەك ، ئەھمەد ھاجىبەگ ئۆز دەۋرىنىڭ داڭلىق دۆلەت ئەربابىلا ئەمەس ، بەلكىي شېئىرىي دىۋانى بار ، مەشھۇر شائىر ئىكەن .ئۇيغۇر "12مۇقام تېكىستلىرى" دە "ۋاپائىي" تەخەللۇسلۇق شائىرنىڭ بىرقانچە كۇبلېت غەزەللىرى ئورۇن ئېلىپ ، دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن . بۇ غەزەللەرنى ئەھمەد ھاجىبەگنىڭ غەزەللىرى بولۇشى مۈمكىن ، دەپ پەرەز قىلىمىز .

     ئەھمەد ھاجىبەگ سەمەرقەنتتە ھاكىم بولۇپ تۇرغان چاغدا سەمەرقەنتتە ئوقۇۋاتقان ئەلىشىر نەۋائىيغا ئاتىدارچىلىق قىلغانلىقىدىن ئۇنىڭ ئىلىم سۆيەرلەرنىڭ ھامىيسى ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ .
    جانىبەگ دولداي . سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا ئۇنىڭغا سەمەرقەنتنىڭ ھاكىملىقىنى تاپشۇرغان . سۇلتان ئەھمەد بولسا (ئوردىنىڭ) ئىشىك ئىختىيارلىقىنى تاپشۇرغان . "بابۇرنامە" دە ئەمىرلەر تەبىقىسى سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلغان ۋە "ئىنتايىن ئەدەب - ئەخلاقلىق ".... ، "مەرد كىشى ئىدى" ، "سۇلتان مالىك كاشىغەرىنىڭ ئىنىسى ئىدى" دەپ تەرىپلىگەن . ئۇ يەنە ناھايىتى باتۇر ئادەم ئىكەن .
    نەۋائىي ئۇلۇغ شائىر ۋە مۇتەپپەككۈر ، ئۇ 1472 -1476 - يىللىرى ھۈسەيىن بايقارا ئوردىسىدا باش ۋەزىر بولۇپ ، نۇرغۇن پايدىلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن .

       يەنە ھاپىز مۇھەممەد بەگ دولداي ، ئابۇلكەرىم ئەشرىت قاتارلىق ئۇيغۇر ئەمىرلەرمۇ خۇراساندا ئەينى زاماندا مەنسەپ تۇتقان . دېمەك ، بۇ دەۋردە بىرمۇنچە ئەمەلدارلار ئۆتكەن .

    3 . تۆمۈرىلەر ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىنىڭ ئورنى

    تارىخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا ، تۆمۈرىلەر دەۋرىدە بىر قانچە خىل تىل - يېزىق ئىشلىتىلگەن . بۇلارنىڭ ئىچىدە تۈركى تىل - يېزىقىنىڭ ئورنى ناھايىتى يۇقۇرى ، ئىشلىتىلىش دائىرىسى كەڭ بولغان .

     بىرىنچى ، تىل . ئەينى چاغدىكى تۈركى تىل يەنە "چاغاتاي تىلى" ، "ئۇيغۇر ئىبارىتى" ، "ئۇيغۇر تەلەپپۇزى" دېگەنگە ئوخشاش ناملار بىلەن ئاتالغان ، كېيىنكى چاغلاردا "چاغاتاي تىلى" دېگەن نام بىلەن دۇنياغا تونۇلغان .

      تۆمۈرىلەر دەۋرىدە ئۇيغۇر تىلى ئەرەب ، پارس تىللىرى بىلەن بىرلىكتە دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسىدا رولىنى جارى قىلدۇرغان . بۇ دەۋردە ئىسلام دىنىنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى نوپۇزى تۈپەيلىدىن ئەرەب تىلى ۋە پارس تىللىرى ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئورنى بىلەن ھەمىشە كىشىلەرنى ئۆزىگە قىزىقتۇرغان . بىرمۇنچە ئىلمىي خادىملار ئىلمىي ئىجادىيەتتە ئۇ تىللارنى قورال قىلىشنى شەرەپ ۋە ئىستېداتىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم قىلىۋېلىشقان . ئەمما ، تۈركىي تىل ئائىلىسىگە مەنسۇپ خەلقلەردىن چىققان بەزى ئالىملار ، جۈملىدىن تۆمۈرىلەرنىڭ ھۆكۈمران جەمەتى "تۈركىي تىلى" نامى ئاستىدىكى ئۇيغۇر تىلىنى جان تىكىپ قوغدىغان ۋە ئۇ مىللىي تىل سۈپىتىدە ئىشلىتىلىپ ، ئەرەب ھەم پارس تىللىرىغا مۇتاناسىپ ھالدا مۇئامىلە قىلىنغان .

      نەچچە ئونلىغان تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرگە مەنسۇپ ۋە باشقا خەلق شائىرلىرى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دېيىلىدىغان ئۇيغۇر تىلىدا ئەسەرلەر يېزىشقان . ئۆز زامانىسىدا مەشھۇر مەۋلانا لۇتفى ، مەۋلانا سەككاكى ، ئاتائىي ، ھەزرەتى نەۋائىيلاردىن باشقا يەنە ھەرەمى ، قەلەندەر ، يەقىنى ، مۇقىمى ، كەمالى ، لەتىفى ، پالۋان ھۈسەيىن ، مەۋلانە ھىلال ، مىرسېيد ، مۇھەممەد ئېلى ، مىرزا بەگ ، سەئىد ھۈسەيىن ئەردەشىر ، مەۋلانە ئاشقى ، شەۋقى ، گەدائىي ، يەنە مەجلىسى ، يۈسۈپ ئەمىرى ، ئەھمىدى قاتارلىقلارنىڭ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا شېئىر يازغانلىقى توغرىسىدا نەۋائىي "مەجالىسۇن نەفائىس" تا تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتكەن .

      بۇ چاغدىكى ئۇيغۇر ئەدىبىي تىلىنىڭ تۆمۈرىلەر دەۋرىدىكى تۈركىي تىل ئائىلىسىدىكى خەلقلەر ئەدەبىياتىغا ناھايىتى زور تەسىرىنى شۇنىڭدىن كۆرگىلى بولىدۇكى ، تۆمۈرىلەر خاندانلىقىنىڭ دۆلەت ئەربابلىرى ئابابەكرى مىرزا ، سۇلتان خېلىل مىرزا ، ئەھمەد مىرزا ، بايقارا مىرزا ، شاھ غېرىپ مىرزا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تۈركىي تىلىدا شېئىر يېزىشنىڭ تەرەپدارلىرى بولۇپ ، ئۆزلىرىمۇ تۈركىي تىلدا شېئىر يازاتتى . ئەلىشىر نەۋائىي ئەنە شۇ يۇقۇرقى ئىسىملار زىكرى قىلىنغان ۋە ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىدىن مىساللار ئالغان "ماجالىسۇن نەفائىس" دا ھۈسەيىن بايقارا شېئىرلىرىغا مەخسۇس باب ئېچىپ ، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن مىسال كەلتۈرۈپ ، كەڭ تونۇشتۇرىدۇ . ھەتتا ھۈسەيىن بايقارانىڭ تۈركى تىلىدا يېزىلغان "ھۈسەينى" تەخەللۇسلۇق شېئىرىي دىۋانى بولغان . نەۋائىي "مەجالىسۇن نەفائىس" نىڭ يەتتىنچى مەجلىسىدە ھۈسەيىن بايقارا توغرىسىدا توختىلىدۇ .

      تۆمۈرىلەرنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ھىرات ۋە سەمەرقەنتنى مەركەز قىلغان تۈركىي تىللىق خەلقلەر مەدەنىيىتى ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ نەمۇنىسى بولۇپ قالغانىدى . چۈنكى ، بۇ شەھەرلەر ھەشەمەتلىك ، ئىلىم ئەھلىلىرى توپلانغان ، ئاجايىپ گۈللىنىش مەزگىلىدە تۇرغان . ئەينى چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆلىما - زىيالىلار ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرى بىلەن چوڭ نوپۇزغا ئىگە بولغان ئەرەب تىلىنى بىردىنبىر ئەدەبىي تىل دەپ ھېسابلىمايدىغان ھەندە پارسچە بىلەنمۇ چەكلىنىپ قالماي ، بەلكى ئۇيغۇر تىلىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەدەبىي تىلى قىلىپ قوللىنىدىغان گۈللىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن .

      ھىرات ۋە سەمەرقەنتتىكى كۆپچىلىك تۈركىي تىللىق خەلقلەر ، موڭغۇل ئەۋلادلىرى (باشقا خەلقلەرمۇ بار) سىياسىي جەھەتتىكى سادىقلىقىدىن ، ھەتتا دىنىي جەھەتتىكى سادىقلىقىدىن ، ۋاز كېچىشكە رازى بولغانكى ، ئۆز خەلقىنىڭ تىلى ، ئەدىبىياتىدىن ۋاز كەچمىگەن .

      شۇنداق بولغاچقا ، خۇراسان ۋە ماۋاننەھر رايونىدا ئەرەب تىلى ۋە پارس - تاجىك تىلى ئىلمىي تىل بولۇش سۈپىتى بىلەن تولۇق غەلىبىگە ئېرىشەلمىگەن . بولۇپمۇ ئەرەب تىلى يېقىن شەرقتىكى كەڭ رايونلار ۋە ياۋروپادىكى بەزى جايلارغا ئوخشاش جانلىق تىل بولۇشى ۋە غەلىبە قازىنىشى تېخىمۇ مۈمكىن بولمىغان . ھىرات ۋە سەمەرقەنتلەرنىڭ كۆپ مىللەتلىك ئەدىبىيات - سەنئىتى بالدۇرقىدەكلا ئۆزىنىڭ مىللىي ئەنئەنە بازىسىنى مۇستەھكەم ساقلاپ كەلگەن . بۇنداق ئەنئەنىنىڭ مۇقىملىقى توغرىسىدا يۇقۇرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن مەزمۇنلاردىن بەلگىلىك بىر ئەقلىي خۇلاسىنى چىقىرىۋالغىلى بولىدۇ .

      تارىخىي پاكىتلارغا قارىغاندا ، ئەينى چاغدا ھىرات ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىل ئائىلىسىدىكى خەلقلەر يۇرتلىرىدىكى قوۋم - ئايماقلارنىڭ ئەنئەنىسى دەسلەپتە ئەرەپچىلەشتۈرۈۋېتىلگەن ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا پارسچىلاشتۇرۇۋېتىلگەن . ئەمما ، يەرلىك كىشىلەرنىڭ بىر خىل مىللىي ھېسسىياتىنىڭ تۈرتكىسىدە ، ئۇنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋېتىش تەسكە چۈشكەن . ئون تۆتىنچى ئەسىردىن باشلاپ ، ھەر خىل مىللىي تەركىبتىكى ئاھالىلەردىن قايتا تەشكىل تاپقان ھىرات ، سەمەرقەنت قاتارلىق تۆمۈرىلەر چوڭ شەھەرلىرىنىڭ يېڭى شەھەر سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىشى ئۇيغۇر زىيالىلىرى ۋە ئەمگەكچىلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك رول ئوينىغانلىقىدىن ئايرىلمايدۇ .

      يۇقۇرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر تىلى تۆمۈرىلەر دەۋرىدىكى كۆپچىلىك زىيالىلارنىڭ ئىلمىي ئىجادىيەت ئېلىپ بارىدىغان ئاساسىي قورال رولىنى جارى قىلدۇرغانىدى .
    بۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر تىلى شۇنىڭدىن كېيىن بەزى تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئەدەبىي تىللىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن . بۇ توغرىسىدا ئۆزبېك تىلىنىڭ تارىخىنى ئۆگەنگەن ئاتاقلىق ئالىم ،ئا . شىرباك تۆۋەندىكى پىكىرنى ئېيتقان . "ئۆزبېك ئەدەبىي تىلىنىڭ تەرەققىياتىدا سىرتقى ئامىللار دائىرىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىلاسسىك مىراسىنىڭ تەسىرى بىرىنچى دەرىجىلىك ئورۇنغا ئىگىدۇر ....." .

      ئىككىنچى ، يېزىق . تۆمۈرىلەر دەۋرىدىكى تۈركىي -- ئۇيغۇر يېزىقى ئىككى خىل ئىدى . بىرى ، ئۇيغۇر يېزىقى . بۇ ئادەتتە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بولۇپ ، تۆمۈرىلەر دەۋرىدە داۋاملىق ئىشلىتىلىپ تۇرغان يېزىق . يەنە بىرى ، ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى . بۇ ئۆز زامانىسىدا تۈركىي يېزىق ياكى چاغاتاي يېزىقى دەپمۇ ئاتالغان .

    4 . ئۇيغۇر ئىجتىمائىي پەلسەپە ئىدىيىلىرىنىڭ تۆمۈرىلەر دۆلىتى تەۋەسىدىكى ئىدىئولوگىيىگە كۆرسەتكەن تەسىرى .

       تۆمۈرىلەر دەۋرىدە ئۆلىما - زىيالىلارغا تەسىر قىلغان ئىدېئولوگىيە خىلمۇ - خىل مەنبەلەرگە تۇتىشاتتى . بۇلارنىڭ ئىچىدە قەدىمكى دەۋر ئۆز زامانىسىدىكى ئۇيغۇر ئىجتىمائىي پەلسەپە ئىدىيىلىرىنىڭ تەسىرى بەلگىلىك ئورۇننى ئىگىلەيتتى . ئۆز زامانىسىدا بىۋاستە ۋە ۋاستىلىك ماتېرىياللارغا قارىغاندا ، فارابى ، مەھمۇد كاشىغەرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، ئەھمەد يۈگنەكىلەرنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئىجتىمائىي ئىدىيىلەر شۇ چاغ ئالىملىرىنىڭ ئىدىيىلىرىدە ھەر خىل رەۋىشتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان . قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدىبىياتى ، جۈملىدىن پەلسەپە ئىدىيىلىرىنىڭ ئەڭ مۇجەسسەم قامۇسى "قۇتادغۇ بىلىك" نىڭ كېيىنكىلەر تەرىپىدىن "ۋېينا" نۇسخىسى ، -1439 يىلى ھىرات شەھىرىدە ھەسەن قارا سائىل شەمسى دېگەن كاتىپ تەرىپىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن . بۇ ھال ، بۇ داستاننىڭ ئۆز زامانىسىدا ھىراتتىكى ئىلىم ئەھلى ئارىسىدا ئوقۇلۇپ تۇرغانلىقى مەلۇم . يەنە بىرى نەۋائىنىڭ ئەسەرلىرىدە "ئەتەبەلھەقايىف" نى كۆرگەنلىكى توغرىلىق ئۇچۇرلار بار .

      تۆمۈرىلەر دەۋرىدە ئۇيغۇر مۇتەپەككۈرلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە تەسىرى مەسىلىسىدە دەسلەپ قىلىپ ، سەئىددىدىن كاشىغەرى توغرىسىدا توختىلىمىز .

      سەئىددىن كاشىغەرى . كاشىغەردە ئۇلۇغلار ئائىلىسىگە مەنسۇپ ، ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلىدە تۇغۇلغان . سەئىددىن كاشىغەرىنىڭ يىللىرى كاشىغەر ئاھالىسىنىڭ ئىنتايىن ئازاب - ئوقۇبەتلىك يىللىرى ئىدى . چۈنكى ، مىلادىيە 1369 - يىللىرى ئەمىر قەمەرىدىن كاشىغەردە توپىلاڭ كۆتۈرۈپ ، تۇغلۇق تۆمۈر ئەۋلادى ۋە ئۇنى ياقىلايدىغان ھەر قايسى تەبىقىدىكى ئادەملەرنى قىرغىن قىلغان ئۇنىڭ كەينىدىنلا ، يەنى -1375 يىلى تۆمۈر قەمەرىدىنگە قارشى قىلغان ئۇرۇشتا كاشىغەر شەھىرىنى تامامەن خاراپ قىلغانىدى . نەتىجىدە كاشىغەر خەلقى ، جۈملىدىن سەئىددىن كاشىغەرىنىڭ ئائىلىسى ئۆزىنىڭ سەرگەردانلىق تۇرمۇشىنى باشلىغان . سەئىددىن كاشىغەرى ئىلىم خۇمار ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن ، سەپەر مەنزىلىنى ئۆز دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىلىم - پەن مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان سەمەرقەنتكە نىشانلىغان .ئۇ سەمەرقەنتكە بارغاندىن كېيىن بىر مەزگىل تولىمۇ قيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن . ئۇ يەردە كاشىغەردىن بارغان ئۆلىما مەۋلانە مۇھەممەد بىلەن بىرلىكتە ئىلىم تەھسىل قىلىشقا كىرىشكەن . بىر مەزگىل ئۆتۈپ ئوغلى مىرسەئىد ئىلىنى شەيخ ھەبىب دېگەن ئۆلىمانىڭ خىزمىتىنى قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن تەلىم ئېلىشقا قالدۇرۇلۇپ ، ئۆزى بۇخارادىكى خوجا مۇھەممەد باھائىدىن نەقىبەندى ( 1318 - 1389 ) يىللىرى مۇدەررىسلىك قىلغان بۇخارا مەدرىسىگە ئوقۇشقا كىرگەن . ئۇ يەنە جالالىدىن ئەبۇ يەزىد بۇرابى قاتارلىق تەسەۋۋۇپ پىرلىرىدىن تەسەۋۋۇپچىلىقنى ئۆگەنگەن . شۇنداق قىلىپ ، تەسەۋۋۇپ ئۆلىمالىرىنىڭ ئىچىدە ناھايىتى زور شۆھرەت قازانغان . ئۇ شۇ دەۋرنىڭ ئاتاقلىق ئالىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ شۆھرەت قازانغاندىن كېيىن خۇراساندا ھۈسەيىن بايقارا سالدۇرغان "مەلىكان مەدرىسى" دە مۇدەررس بولۇپ ، نۇرغۇن تالىپ - ئۆلىمالارنى تەربىيلىگەن .
    سەئىددىن كاشىغەرى ھاياتىدا بىرقانچە ئەسەرلەرنى يېزىپ چىققان . ئۇلار "مۇنيەتۇل مۇسەللى ۋە غەينەتۇل مۇفتەدا" ، "تۆھفەتۇل مۇسەللى ، مۇنيەتۇل مۇسەللى" ، "كەلىمات خوجا باھائىدىن " ، "رىسالەئىي لەتائىف" ، "ۋۇجۇدنامە" قاتارلىقلاردىن ئىبارەت . سەئىددىن كاشىغەرى ۋاپات بولغاندا ، ھىراتنىڭ ھىيابان دېگەن يېرىگە دەپنە قىلىنغان .

      سۇلتان مالىك كاشىغەرى . بۇ كىشى توغرىلىق ئەلىشىر نەۋائىي "مەجالىسۇننەفائىس" تا ....." زاماننىڭ تەڭدىشى يوق كىشى ئىدى " دېگەن مەلۇماتنى بېرىپ ئۆتىدۇ . بۇنىڭدىن ئۇ كىشىنىڭ كاتتا ئالىم ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ . ئەمما ، باشقا ئۇچۇرلار يوق .

      مەۋلانە فەسھۇددىن مۇھەممەد نىزامى ، يەنى "فەسھۇددىن ئاخۇنۇم" . ئۇ ئەلىشىر نەۋائىنىڭ ئۇستازلىرىدىن ئىدى . بۇ زات ھەققىدە خاندەمىر "خۇلاسەتۇل ئەخبار" دا مەلۇمات بېرىلگەن .
    تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئىچىدە "ئاخۇن" سۆزى كۆپ قوللىنىدۇ . مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللارغا ئاساسەن فەسھۇددىن ئاخۇنۇم ئۇيغۇر زاتىغا مەنسۇپ بولسا كېرەك ، دەپ قارالماقتا.
    مۇھەممەد بىن رەشىد ئەلى كاشىغەرلىك داڭلىق ئالىم . ئون بەشىنچى ئەسىردە ئاسىياغا سەپەر قىلغان ھەم سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆزىنىڭ كەڭ بىلىمى ئاساسىدا ئۆز دەۋرىنىڭ ئاتاقلىق ئالىملىرى ، مەسىلەن ، ھېدىق نەسىرنىڭ "سۈبھى" دېگەن كىتابىغا ۋە خېلىل بەگ ئىمىن نىيازنىڭ ئىككى پارچە كىتابىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ، پۈتۈن ئەرەب دۇنياسىنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن بۇ زات 1466 - يىلى مەككىدە ۋاپات بولغان .

    5 . تۆمۈرىلەر ئوردىسىدىكى ئۇيغۇر مۇقاملىرى

      ئۇيغۇر مۇقاملىرى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ قالماستىن ، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مۇزىكا تارىخىدا ئۈلگىلىك ، نەمۇنىلىك ئورۇنغا ئىگە . ئۇنىڭ مەزمۇنىدا كۈي ئاھاڭلىرى ۋە مۇزىكا رىتىملىرى بولغاندىن باشقا ، لىرىك غەزەل يەنى ئەدەبىي ئەسەر جەۋھەرلىرى ساقلانغان . بۇلار شائىرلارنىڭ ئوتلۇق ئىلھامى ، ۋەزىنلىك ئىجادىغا كۈچلۈك تەسىر قىلغانلىقىدا شۈبھە يوق . مۇقامنىڭ زامان - زامانلاردىن مەۋجۇد بولۇپ كېلىشىدە بەدىئىي ئەدەبىيات بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەنلىكىنى ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ . كىشىنى تولىمۇ قىزىقتۇرىدىغىنى شۇكى ئالەمشۇمۇل ئىپېراتۇر تۆمۈرىلەر ئوردىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ 12" مۇقامى" نىڭ ئورۇندىلىپ تۇرغانلىقى .
    بۇ دەۋردە ئۆتكەن بىر قىسىم ئەدىبلەر تۆمۈرىلەر دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي تىل ئائىلىسىدىكى خەلقلەر ئىچىدىن نۇرغۇن ئەدىبلەر يېتىشىپ چىقىپ ، ئۆز دەۋر ئەدىبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭ ھەسسىلەرنى قوشقان .


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.