-
2009-06-06
ئۇيغۇرلارنىڭ دورىلىق چاي مەدەنىيتى - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/40592809.html
ئۇيغۇرلار ئاجايىپ مېھماندوست ھەم چايخۇمار خەلق . ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندوست ، چايخۇمارلىقى ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات ، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش مۇناسىۋەتلىرى جەريانىدا تەدرىجىي شەكىللەنگەن . شۇنىڭدەك ئەجدادلاردىن ئەۋلادلارغا ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ كېلىۋاتقان ئۆرپ – ئادەت خاراكتېرىنى ئالغان ئېسىل مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرىدۇر .
ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە دورىلىق چاي يەنە چاي دورىسى ۋە چايلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ئۇ ساقلىقنى ساقلاش ، مىجەزنى تەڭشەپ سالامەتلىكنى ئاسراش ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە دەپ قارىلىدۇ .
ئۇيغۇر خەلقى دورىلىق چاينى ئىستېمال قىلىشتا پەسىلگە قاراپ تەڭشەشكە ، ھەر قايسى پەسىللەردە شۇ پەسىلگە قاراپ ماس دورىلىق چايلارنى ئىچىشكە ئادەتلەنگەن . ياز پەسلىدە بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ قاننى سوۋۇتقۇچى ، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتكۈچى دورىلىق چايلارنى ، كۈز پەسلىدە ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدىغان ، تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق بولغان دورىلىق چايلارنى ، قىش پەسلىدە بەدەننى قىزىتىپ قاننىڭ ئايلىنىش سۈرىتىنى تېزلىتىدىغان ، تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق دورىلىق چايلارنى ، ئەتىياز پەسلىدە بولسا بەدەننى كۈچەيتىدىغان ، تەبىئىتى قۇرۇق سوغۇق بولغان چايلارنى تەڭشەپ ئىچىشكە ئادەتلەنگەن .قىسقىسى ھەر بىر كىشى چاي دورىسىنى پەسىلگە ، ئۆزىنىڭ تەبىئىتى ، مىجەزىگە قاراپ تەڭشەپ ئىچىشكە ئەھمىيەت بەرگەن . دورىلىق چايلار مېڭە ، يۈرەك ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدىغان چايلار ، ئورۇقلاشقا ، تاماكا تاشلاشقا ياردەم بەرگۈچى دورىلىق چايلار ، باش ئاغرىقى ، نېرۋا كېسەللىكلىرى ، نەپەس يولى كېسەللىكلىرى ، يۈرەك ، مېڭە قان تومۇر توسۇلۇش كېسەللىكلىرى ، ئۈچەي كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدىغان دورىلىق چايلار، جىگەر، ئۆت كېسەللىكلىرى ، بۆرەك ، سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرى ، تېرە ، بوغۇم كېسەللىكلىرى ، بەش ئەزا كېسەللىكلىرى ، بالىلار كېسەللىكلىرى ، شۇنىڭدەك ئاياللار كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدىغان دورىلىق چايلار ، ئۇنىڭدىن باشقا ، بىر قىسىم مېۋە ھەمدە مېۋە قېقى دەملەنمىسى قاتارلىق دورىلىق چاي تۈرلىرىمۇ بار . پەن – تېخنىكىنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدىكى تېببىي خادىملار دورىلىق چاي مەدەنىيىتى ئۈستىدە ئەتراپلىق ئىزدىنىپ ، چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ، ئىلغار تېخنىكا ئارقىلىق ، ئۇيغۇر دورىلىق چاي مەدەنيىتىنىڭ گۈللىنىشىگە زور ھەسسىلەرنى قوشماقتا .
收藏到:Del.icio.us