ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-03

    تەئەججۈپ ۋە ھەيرانلىقتا قالغان كىشىلەر - [ماقالا ۋە ئوبزور]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40422882.html

    مەنبە:(ئەسەت سۇلايمان ئەسەرلىرى 1)تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە

                                           
    دۇنيادىن ئايرىلىپ قىلىش ،سىرىتقى ئەللەر ربىلەن ئالاقە قىلماسلىق،تەنھاۋەبېكىنمە موھىتتا ياشاش كۆپ ھاللاردا كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرسىنى بوغۇپ قويىدۇ.پۈتكۈل مىللەتنى غەپلەتتە قالدۇردۇ.ئافرىقا قىتئەسىدىكى نىگىرلار ،ئاۋېستىرالىيە ۋەتىنىچ ئوكيان ئاراللىردىكى يەرلىك مىللەتلر ھەمدە ئامېرىكا قۇرۇقلىقدىكى  ئىندىئانلار دەسلەپ ئاق تەنلىكلەرنى كۆرگەن ۋاقىتتادا ،قاتتىق ھەيران قالغان ،ھەتتا ئاق تەنلىكەرنى قانداقتۇر بىر يامانروھنىڭ تەسىردە ئاق كىسەلگە گىرىپتار بولغان ئادەملەر بولسا كىرەك دەپ ئويلىغان . ئاق تەنلىكلىر بىلەن بىرىش كىلىش قىلشتىن قاچقان،ئۆزلىرىگىمۇ بۇنداق خەتەرلىك كىسەلنىڭ يۇقۇپ قىلشىدىن قورىققان.
    ياپونىيلىكلەر ،ھىندىچىنلىقلار ۋە جۇڭگۇنىڭ دىڭىزبويلىردىكى ئاھەللەرمۇ  دەسلەپ ياۋرۇپالىقلارنى كۆرگەن چىغىدا،كۆك كۆز،سېرىق چاچ ،تۈكلۈك كەلگەن بۇ «غەلىتە تەلەتلىك»كىشلەرنى ئوكياننىڭ ئۇقېتىدىن كەلگەن ياۋايى،بەدەېى قوۋىم بولسا كىرەك، دەپ ئويلىغان.
    مانابۇ ئۇزۇن مەزگىل شەرىقچە  ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچىرغان،غەرىب ھەققىدە ئەڭ ئاددى ساۋاتقىمۇ ئىگەبولمىغان شەرىق مىللەتلىرىنىڭ ياۋرۇپالىقلار ھەققىدىكى تۇنجى كۈلكىلىك چۈشىنچىسى ئىدى!
    19-
    ئەسىرنىڭ كېيىنكى يىرىمىدىن ئېتىبارەن،دەسلەپكى قەدەمدە ئەجنەبلەربىلەن ئۇچىرشىشقا باشلىغان ئۇيغۇر جەمئيتىدىمۇ ئۆزىنىڭ ياۋرۇپالىق ئاشۇ «يات ،يوچۇن ۋە غەلىتە »كىشلەرگەبولغان ھەيرانلىقىنى ،كۈچلۈك تەئەججۇپىنى ئپادىلدى .شۇچاغدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ئورۇس ياكى پەرەڭلەرنى ئۇچراتقىندا ،ئەتراپىغا ئولىشۋالغان،قىزقىپ قارىغان،ھەتتا ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ نەگەبارسا شۇيەرگەتەڭ بارغان.ماكاتىنى خانىم 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى قەشقەر خەلقىنىڭ ئەجنەبىلەرگەبولغان ئىنكاسنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن ئىدى:«مەن كونا شەھەر كوچىللرىنى بىرنجى قىتىم پىيادە ئارلىغان چاغدا كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىمنى زادى ئۇنمايمەن...ئەتراپىمىزغا توپ -توپ ئادەملەر ئولاشتى؛ئايالللار ۋەباللىلار مىنىڭ كىيمىمنى تۇتۇپ بىقىشتىۋەماڭا قىزىقسنىش نەزرى بىلەن قاراشتى،بىردەمدىن كىيىن،نۇرغۇن كىشلەر بىزنى شۇنداق زىچ ئورۇۋالدىكى،بىر قەدەممۇ ماڭالماي قالدۇق.ئۇلار بىزگە دۈشمەنلىك قىلمايتى ،پەقەت قىزقاتتى.
    شۇقىتىمقى بازار ئايلىنىشتىن خىلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن،مەن يەنە بىر قىتىم بازار ئايلاندىم.ئەلۋەتتە، مەن قەشقەردىن پۈتۈنلەي ئايرىلدىغان ۋاقىتقىچە،بازارنى ئۆزۈم يالغۇز ئايلىنىدىغان ،كىشلەر ئارقامغا ئانچە كىرۋالمايدىغان بولدى.سەۋەبى ئۇلار ئۇنىڭغىچە چەت ئەللىكلەرنى خېلى كۆرۈپ كۆنۈپ قالغان ئىدى ۋەئانچەدىققەت قىلمايدىغانبولۇپ قالغانىدى.
    بىر كۈنى بىز ئىتىز ئارىلاپ سەيلە قىلىۋاتقاندا ،ئىككى ئەر كىشى ئارقىمىزغا كىرۋالدىۋەمىنىڭ كىملىكىمنى پەرەز قىلىشتى؛بىرى ،ئۇبېلىنى باغلىۋاپتۇ، ئايال ئەمەس،دىسە؛يەنەبىرى بەلكىم ئەربولۇشى مومكىن،ئۇنىڭ شىمى كۆرۈنمەيدۇ،لىكىن چىچىمۇ يوق تۇرىدۇ،دىدى.ئاخىردا ھەرئىككىسى ئۇنىڭ ساقىلى يوق ئىكەن،ئايال كىشدەك قىلىدۇ دىگەن يەرگەكىلىشتى.دىمەك،ئۇلار مىنىڭ كىينىشىمدىن قايمۇقۇپ قالغانىدى.
    بىر كۈنى بىر كەپسىز بالا يۈگۈرگەن پىتى ئالدىمغا ئۆتۈپ ماڭا خىلى ئۇزۇن تىكىلىپ قاراپ تۇدى ،ئاندىن:<مايمۇنغا  ئوخشايدىكەن!>دەپلا قىچىپ كەتتى
    گۇننار يارىڭمۇ ئۆزنىڭ «قەشقەرگە قايتا سەپەر»ناملىق ئەسىردە،1930-يىلى ئاتۇشقا بارغان چاغدىكى ئەھۋاللرىنى مۇنداق دەپ يازىدۇ:«مەن ئاتۇشلۇقلاردەك بىر نەرسىگە بەك قىزقىدىغان كىشلەرنى زادىلا ئۇچراتمىغان .ئۇلار مەن چۈشكەن ھوجىرنىڭ ئشكىدىكى يوچۇقتىن مىنى ماراشتى  ،بەزىلىرى تىخى ئۆگزىگەيامىشىپ چىقىپ ،مىنىڭ زادى قانداق بىرئادەملىكىمنى  تۈڭلۈكتىن كۆرمەكچى بولۇشتى.كىشلەرنىڭ دىققىتىنى ئاشۇنداق قوزغاش ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەچكە ،مەن خىزمەتكارىم روزى ئاخۇننىڭ ياردەم قىلىشنى ئۆتۈندۈم.ئەمما ئۇنىڭ قولىدىن كەلمەيتى.ئۇ ھوجرىدىكى ئوچاققا ئوت يىقىپ ،مىس چۆگۈندە چاي قاينىتىۋاتاتتى.بۇئىشتىن ئەتراپتىكىلەر تىخمۇ ھەيران بولۇشتى . يىڭدىن كەلگەن بۇئورۇس رامىزان تۇتۇشتىن ئبارەت بۇقائىدنى ئەيمەنمەستىن بۇزۇپ تاشلىغاندى.بۇساراينىڭ بېقىنىدا ئېگىز بىر ئىمارەت بار بولۇپ ،ئۇنىڭ ئىچىدىكى لىڭشىپ تۇردىغان پەلەمپەينىڭ يۇقىرسىدا ئۆينىڭ سىرتىدا ھاجەتخانا بار ئىدى.مەن شۇكۈنى خىلى كەچ كىرگەندە ئۇيەرگە چىقتىم.قارىسام ئىككى تەرەپتە ۋە پەستە مىنى كۈزتىپ تۇرغانلار بار ئىكەن.ئاتۇشلۇقلارنىڭ بىر نەرسىدىن ھەيران بولۇشى قەشقەردە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردا ئۇچراتقان مۇشۇنۇڭغا ئوخشاش ھەيران بولۇشلاردىن ئئېشىپ چۈشكەندى.مەن 1978-يىلى 9-ئايدا ئۈرۈمچىدىكى بىر تۈرلۈك ماللار ماگازىننى ئىكىسكۇرسىيە قىلغان چىغىمدا ئۇيەردىكلەرنىڭ چەتئەللىكلەرگەبولغان قىزقىشى يەنىلا ناھايتى كۈچلۈك ئىكەن.شۇ قىتىم قەشقەردىكى بىر كىتىبخانىدىمۇ  ئەھۋال ئاشۇنىڭغا ئوخشاش بولدى.ئۇلارنىڭ نىمىشقا شۇنداق قىلدىغانلىقى ماڭا نامەلۇم.بۇنىڭ ئەڭ ئاددى جاۋابى بۇرايۇننىڭ سىرىتقى دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسۋىتىنىڭ شۇنچىۋلائۈزۈۋېتىلگەنلىكى ئىدى.بىراق مىشۇ جاۋاپلا كۇپايە قىلارمۇ؟...»
    مۇشۇ مەنىدىن ئىيتقاندا ،ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت بىكىنمىچىلىكتىن شەكىللەنگەن غەيرى نورمال پىسخىكسىشۇنىڭدەك كىچىككنە ئشلاردىن ھەيران بولدىغان ،تەئەججۇپلىنىدىغان روھى ھالىتى ئەجنەبىلەرگە  ناھايتى قىززىق تۇيۇلغان بولسا كىرەك.


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.