ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-03

    روھىمىزنى قۇتۇلدۇرايلى - [ماقالا ۋە ئوبزور]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40422311.html

    روھىمىزنى قۇتۇلدۇرايلى

    تەكلىماكاننى ئۆزىنىڭ مادىۋى، مەنىۋى بۆشۈكى قىلىپ ياشاپ كىلىۋاتقان بىر توپ خەلىق يىڭى ئەسىر ئىراسىدا يەنە مۇشۇ يۇرىتىنى ئۆز ىنىڭ بۆشۈكى قىلىپ ياشاپ كىلىۋاتىدۇ.
    ئەزەلدىن ئەمىليەت دىگەن بىر ئۇقۇم ھەقىقى ئىسپاتلىق سالاھىيتىنى يۇقاتمىغان بۈگۈنكى كۈندە بىز نىڭ ئەمىليىتىمىز نىمە توغىرسىدا ئىنكاس قايتۇرۋاتىدۇ؟
    تارىختىن بۇيان  ئۆزىنى مەن ئادەم دەپ ياشاپ كلىۋاتقان ھەر قانداق بىركىشى نىمە ئىش بىلەن ئۆز ھاياتىنى بىزىدى؟.
    ھازىرقى كۆندە قانداق بىر كۆچ ۋە قانداق كىشىلەرنى ئۆزىنى كۆرەڭ تۇتىدىغان ئۇرنغا ئىگە قىلىپ قانداق كىشىلەرنى مەغلۇبىيەت چىگىرىسىغا قىستاپ قۇيۇۋاتىدۇ؟
    كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى ھەر خىل ئىزىملار نىمە بىلەن نۇر چىچىپ كىشىلەر ئادىمىيىلىكىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ مەلۇم مەۋجۇدلۇق يۇلىنى شەكىللەندۈرۋاتىدۇ؟
    ھە دىسىلا مەدىنيەت تۇقۇنىشى يۆز بىرىۋاتقان بۆگۈنكى كۈندە شۇ خىل مەدىنيەت ئىچىدىكى ئادەملەر ئۆز مەدىنيىتىنى قانداق يۇسۇندا داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ؟
    ھاياتلىق قانداق ئۇقۇم؟ئۇنىڭ بىرەر ئەقەللى چۈشەنچىسى بارمۇ؟
    غايەت زور ئۆزگىرىشلەر ۋە تەرەققىياتلارمۇساپىسىدە نىمە ئەڭ چوڭ كۆچىنى كۆرسەتتى؟
    مۇشۇ سۇئاللار ئىچىدە ئۆزىمىز گە نەزەر سالساق بىزنىڭ رىئاللىقىمىز نىمە راس نىمە يالغان دەپ ئۇچۇر بەردى؟....
    دىگەن سۇئاللار بىز ئويلىنىشقا تىگىشلىك سۇئاللارمۇ؟ ياكى بەزى تار مەنىدىكى ياشاش قانۇنيىتىدىن چىقىپ كىتەلمىگەن ئادەملىرىمىز نەزىرىدىكى بىكار ئاۋارىچىلىقمۇ؟
    ئۆزلۈك نوقتىسى قانداق بىر تۇنۇش ئاساسىدا شەكىللنىپ بىزنىڭ مۇشۇنداق ھاياتىمىزدا ئەڭ مۇھىم بىر چۈشەنچىگە ئايلاندى؟
    دىگەندەك تۇنۇش سەۋەبى مەن ئۆز قارىشىمنىڭ مۇئەييەن تەرەپلىرىنى نۇرغۇن قىتىم تەكرار ئويلىنىپ ئىزدەنگەن . ئەلۋەتتە مەلۇم كىشىنىڭ تۇنۇشى ئورتاق كىشىلەر تۇنىشىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ لىكىن بۇ يەردە شۇنداق بىر ئەمىليەت باركى شۇ مەلۇم كىشى ئورتاق كىشىلەر ئارىسىدا ياشىغان ۋە شۇ كىشىلەرنى كۆزەتكەن قانداقتۇر شۇ كىشىلەر گە قەتئى ئالاقىسى بولمىغان باشقا ئىجتىمائىلىقتىن كەلگەن ئەمەس.
    شۇ ۋەجىدىن پىكىر قىلىشنىڭ ئاسارىتى يەنە ھەممەيلەننى ئورتاق بىر يەرگە جەم قىلىۋاتىدۇ.
    ئۆزىمىزگە نەزەر سالىدىغان بولساق بىزنىڭ يىقىنقى يىللاردىكى ئەمىليىتىمىز بىز ئىرىشكەن نەرسىلەر نىڭ نۇپۇزىنى كۆپرەك تىكلىمەستىن بەلكى بىز يۇقاتقان نەرسىلەرنىڭ ئىزناسىنى كۆپرەك  قىلىۋاتىدۇ.
    بىزنىڭ يۈكسەكىلىك ئەنئەنىمىز  شۇنچىلىك پارلاق ئىدىكى ئارىمىزدىكى ھەقىقى تالانىت ، ھىكمەت، ئىزدىنىش، يىڭىلىق ، گۈزەل پەزىلەت ، ئۆزگىچە كەشپىيات، ئۇلۇغلۇق، ئۆزلۈكسىز تىرىشىش روھى، ھەقىقى مەنىدىكى دۇنيا قاراش ئەزەلدىن يۇقۇرى ئۇرۇنغا قۇيۇلۇپ ئۇلارنىڭ ئەتىۋارىنى كۆپلەپ قىلىپ كەلدى.
    ئارىمىزدا ياخشى بولمىغان ناچار ، ئەخلەت نەرسىلەر ۋاقتىدا شاللىنىپ كىشىلەرنىڭ لەنەت تۆگىرىكىگە مىخلاندى .
    مەسىلەن ئارىمىزدىكى، تىرىشمايدىغان تەييار تاپ ،  گۈزەل ئەخلاق قاراشقا ئىگە بولمىغان ئەخلاقىسىز، تېتىقسىز، ئۆزلۈكنى ئىتراپ قىلمايدىغان مەسئۇلىيەتسىز، ئىنسان قىلىپىدىن چىققان رەزىل، پەسكەش، مەنپەئەت ئۈچۈن روھىنى سۇلاپ بەرگەن بىمەنە، ئۆز ھاياتىنىڭ قەدىر قىممىتىگە يەتمىگەن چۈشكۈن ، ئازراق ئىمتىيازدىن كۆرەڭلەيدىغان مەنمەنچى، ئۆز ئادەملىرىنىڭ نەتىجىسىگە چىدىمايدىغان ھەسەتخۇر ، گۈزەل ئەنئەنىگە ئاسىيلىق قىلغان ئاتالمىش مودىكەشلەرنى شۇ ۋاقىتتا مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن يىرگىنىش تۇنۇشىنى ئىپادىلەپ كەلدى.مۇشۇ مەنىدىن بىزنىڭ خەلىقىمىز قانداقتۇر ھەممە نەرسىگە پەرۋاسىز قارايدىغان كىشىلەر تۇپى بولماستىن بەلكى ھامان ئۆزىنىڭ پارلاق ھاياتىنى يارىتىشنى تۇلىمۇ ئارزۇ قىلىدىغان بىر گەۋدە ئىكەنلىكىنى بىلىۋىلىش ناھايتى ئاسان .
    ئەمما دەپ كىلىۋاتقىنىمىزدەك دۇنيادىكى نۇرغۇن ھەممەيلەننى تاڭ قالدۇرىدىغان نۇرغۇنلىغان يىڭىلىقلارنىڭ مەيدانغا كىلىشى ، نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنىڭ خەلىقىمىزنىڭ ئىدىيە سېستىمىسىغا تەسىر قىلىشى ، پەن تېخنىكا مۆجىزاتلىرىنىڭ تۇرمۇشىمىزدا يەنى ئەمىليىتىمىزدە ھەقىقى ئورنىنى تېپىشى ئۇزاق مەزگىل مەنىۋى بىكىنمىچىلىكتە ياشاپ كىلىۋاتقان خەلىقىمىزنىڭ روھىنى مەلۇم دەرىجىدە غىدىقلىغان بولسا دۇنيا جامائەتچىلىك ئارىسىدا بىزنىڭ ئەمىلى ئىشىمىزنىڭ دىگەندەك بۇلۇپ كىتەلمەسلىكى ئۆزىمىزنى نامايەن قىلىش ئىستىكىمىزنى غۇۋالاشتۇرىۋاتىدۇ.خۇددى ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق دىگەندەك بىر خىل ھىكمەتنى بىزگە ئاتا قىلىپ سەپتىن چۈشۈپ قالغان سەركىدەك يىگەنە قالدۇرۋاتىدۇ.
    ئەجىبا ئۇيغۇر يىقىنقى زامان ئالىمى ، مۇتەپپەككۇرى ئابشۈكۈر مۇھەتمەتئىمىن ئېيىتقان (ھەقىقى مەنىدىكى ئۆزىمىزنى تېپىش ، تەكلىماكان روھى ) مەلۇم مەنىۋى ئىستىلاغا تىز پۈكەمدىغاندۇ،دىگەندەك غۇۋۋا بىر خىل تۇنۇش كاللىمىزدىن ئەگىگەندەك بىزنى بىئارامچىلىققا   مۇپتىلا قىلماقتا.
    دەۋىرنىڭ شۇنداق بىر خىل كىشىلەر ئىددىيسىگە بويسۇنمايدىغان قانۇنيىتى باركى ئۇ ھەرگىزمۇ بايلىق، مەنپەئەت ، ھوقۇق، پارلاقلىق، باياشاتلىق ، دىگەن ئاتالغۇلارنى خاسلىققا كۆتۈرمىگەن.
    بەلكى ئۇ مەلۇم دەرجىدىكى ئېيتىمنىڭ ئارقىسىغا يۇشۇرۇنغان.
    شەخىس ئۆزلىكىدە كىشىلەر بايقىمىغان مۇنداق بىر قارالما بار ئو بولسىمۇ شۇ شەخىس ھامان ئۆزىنى ھېچقانداق نەرسىگە تەڭ قىلمايدۇ.
    بىراق بۇنىڭ ئىتراپ قىلىنىشى شۇ شەخىسنىڭ مەنىۋىيتى بىلەن تەتۈر تاناسىپ تۈزگەن بۇلىدۇ.ئۇ ھەر ۋاقىت ھىچ ئىش قىلماي 9 تەل بۇلۇپ ياشاشنى ، ھەممىسىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن پايپىتەك بۇلۇشىنى ئارزۇ قىلىشى ئەڭ كۆپ بۇلىدۇ.
    بۇ يەردە سىز ۋە مەن ئويلاپ باقايلى شۇنداق بۇلۇشى مۇمكىنمۇ؟
    بىر ئادەمنىڭ غايەت زور بىر خىل ئىمتىيازنى ئۆزىنىڭ قىلىۋىلىشنى ئارزۇ قىلپ غەلبە قىلىشى ئەقىلگە سىغامدۇ؟.
    لىكىن بۇخىل روھىدا ئەكىس ئەتكەن ئىمتىياز ئۈچۈن تىرىشىش ھوقۇقى ھەممە ئادەمنىڭ ئوپئوخشاش بۇلۇپ بۇ قانداقتۇر مەلۇم كۈچلەرنىڭ يەنى باشقىلارنىڭ ،سىياسىينىڭ ، قانۇنننىڭ تارىتىۋالدىغان ئۇبىكتى ئەمەس.ئەلۋەتتە سىز بىلەن مەنمۇ بۇنىڭ ئىچىدە..
    بۇ يەردە دوسلار بەلكى مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنىڭ ھۇقۇقى ئوخشاش دەپ قاراش بەلكى  ئاز تۇلا زىددىيەتلىك تۇنۇشمىدۇ . دەپ چۈشىنىپ قىلىشى مۇمكىن .
    بۇ ئۇنداق ئەمەس بۇ يەردە پەقەت: خىيال بىلەن نەتىجىنىڭ ھەممىسىنىڭ پارالىل ئەمەسلىكىنى بەلكى بەزى خىياللارنىڭ نەتىجە بىلەن كىسىشىدىغانلىقىنى  چۈشىنىش ئۈچۈن ئويلىنىش لازىملىقىنى ئوتتۇرغا قۇيۇش ئاساسى ئۇرۇندا تۇرىدۇ.ئەسلى سۆزىمىزگە كەلسەك :
    خەلىقىمىز ئارىسىدىكى يىقىنقى 20يىللىق تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق 90يىللىرىدىكى پۈتۈن مەملىكەتتە ئىسلاھات ئىچىۋىتىش يۇلىدىكى دەسلەپكى نەتىجىلەرنىڭ  مۇئەييەنلەشتۈرۈش ھارپىسى بولدى. مەلىكىتىمىز شەرىق قىسمىدا ئىسلاھات ئېچىۋىتىش دەسلەپكى نەتىجىلەردىن سۈيۈنگەن بولسا بىزنىڭ خەلىقىمىز ئەمدىلەتتىن ئۇنىڭ نەزىرىيىسىگە قىزىقىدىغان بولدى.
    بۇ يەردە قانداقتۇر ئالاھىدە بىر نەزىرىيە بولماستىن بەلكى بۇنىڭ ئەڭ چوڭ يىلتىزى:
    يولداش دىڭ شىياۋپىڭ ئىيىتقان (نامراتلىقنىڭ ئۆزى سوتسىيالىزىممۇ؟
    رەڭگى مۇھىممۇ نەتىجىسىمۇ؟)
    دىگەن ئىككى سۇئالغا جاۋاپ تېپىشتىن ئىبارەت ئىدى .
    بىزنىڭ خەلىقىمىز سىياسەت تېشتىمۇ ؟
    ھەر گىز ئۇنداق ئەمەس
    بىز  بۇ يەردە ناھايتى زور قۇلايلىققا ئىگە .
    ئاز بىر قىسىم كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان رىئالنى مەسىلىلەر  قانداقتۇر ھازىرقى دەۋىردىكى كىشىلەرنىڭ قىلمىشى بولماستىن بەلكى ئىلگىرىكى ھەر تەرەپلىمە سەۋەبلەردىن بىز گە مىراس قالغان ،
    ئەمدى بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز تار دائىرىدىكى مەسئۇلىيەت چۈشەنچىسىگە ئەسىر بۇلۇپ قالسا بىز كىيىنكىلەرگە ھازىرقىدىن بەكرەك ئېچىنىشلىق ئەمىليەتنى مىراس  قالدۇرۇپ قۇيىمىز.
    بۇ يەردىكى يۈكسەك ئىنتىلىش، تىرشىپ پارلاق   رىئاللىق يارىتىش روھى ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىنىڭ ۋىجدانى بۇرىچىدۇر.
    پۈتكۆل خەلىقئارا ئەمەس بەلكى مەلىكىتىمىزمۇ بىزنى ناھايتى چوڭ رىقابەت سورۇنى بىلەن تەمىن ئەتكەن.
    ئەجىبا ئادەمنى پەقەت غايەت زور ماددىۋى كۈچ بىلەنلا يەنى قۇرال بىلەنلا بويسۇندۇرغىلى بۇلامدۇ؟ بۇ قەتئى مۇمكىن بولمايدىغان ئىش .
    ئەمما مەنىۋى يۈكسەكلىك بىلەن ھەممە ئادەمنىڭ قەلبىنى مايىل قىلىپ بويسۇندۇرغىلى بۇلىدۇ.
    بۇ تارىختىن بۇيانقى ئەمىليەت .
    شۇنداق بولغاچقا بىز مەنىۋىيتىمىزنى يۈكسەلدۈرۈشتە نىمىگە تاينىمىز ئەلۋەتتە مەنىۋىيەتنىڭ ئاساسى بولغان ساپ روھقىلا تاينىش كىرەك.
    مەملىكتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئىستىراتىگىيسىنى لاھىيلەپ بەرگەن يولداش دىڭ شىياۋپىڭ نەچچە يۈز مىليۇن خەلىقنى قۇرسىقى تويغۇدەك تاماق بىلەن تەمىنلىدى. كىيىم بىلەن تەمىنلىدى.
    بەزىلەر سورىشى مۇمكىن بەلكى ئۇ ئادەملەرنى تاماق بىلەن تەمىنلىگىنى يولداش دىڭ شىياۋپىڭ ئۆزىلا بولماستىن بەلكى ئۇلار ھەممىسى ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلىدى .
    دىيىشى مۇمكىن .
    بىراق بۇ  يەردە ئاددى قىلىپ ئېيىتقاندا پۈتكۆل ئادەملەرنىڭ پائالىيتى قانداقتۇر ئۆزىنىڭ باشباشتاق چاچما پىلانى بىلەن بولماستىن بەلكى ئەڭ ئاخىرىدا مەلۇم بىر يادىروغا يىغىلىپ شۇ يەردىكى چىققان ئۆلچەم بۇيىنچە قانات يايىدۇ.
    شۇڭلاشقا بىز مۇشۇ دۆلەت تۇپىدا ئەنگە ئىلىنغان.
    بىزنىڭ خەلىقىمىزمۇ شۇ ۋاقىتلاردىلا ئاز تۇلا ماددىۋى كاپالەتكە ئىگە بولدى.
    90
    يىللاردىكى مەملىكەت بۇ يىنچە قانات يايدۇرۇلغان ئىسلاھات ئېچىۋىتىش قەدىمىگە مەلۇم جەھەتتىن ئېيىتقاندا بىزنىڭ خەلىقىمىز ئاز تۇلا قەدەم باستى.
    شۇ ۋاقىتتىكى روھىدا  تۇرمۇش غېمىنى ھەسسىلەپ قىلىدىغان قىلىدىغان خەلىقمىز زىممىسىدىن ئاز تۇلا  بولسىمۇ بۇ يۈكنى
    يىنىكلەشتۈردى.
    لىكىن بۇنىڭلىق بىلەنلا ئادەم ئۆز ھاياتىنى مەنا بىلەن بىزىگەن بۇلامدۇ.
    ئەمدى ئادەم بولغاندىن كىيىن چۇقۇم ماددىۋى كاپالەت ئەڭ مۇھىم .
    لىكىن ماددىۋى كاپالەت بىر ماشىنىغا ئوخشىسا مەنىۋىلىك بولسا خۇددى ماشىنىڭ قۇماندانلىق شىتابىدەك مۇھىم ئۇرۇننى تۇتىدۇ.
    ماددىۋى بىرلىككە ئىنكاس قايتۇرىدۇ . شۇنداق بولغانئىكەن پەقەت ماشىنىڭىزلا ياخشىلانسا ئۇنى باشقۇرۇپ پايدىنىدىغان ئۇرۇن يىڭىلانمىسا ئۇ ۋاقىتتا بۇ ماشىنا قانداق ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالىسۇن .
    دەل مۇشۇنداق كونكىرىت سەۋەبلەر بىزنىڭ ھاياتلىقىمىزنى قانداق ئېلىپ مىڭىشقا ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرمىغان بولغاچقا بىزنىڭ خەلىقىمىز بىر يەردە توختاپ قالغان ماشىنىغا ئوخشىاش ماڭماي قالدى.
    نەتىجىدەقاتنىشى بولمىغان ئۇلاغ ھارىۋىستا مىڭىۋاتقان كىشىلەر تۇپى بىزدىن خىلى بەك ئېشىپ كەتتى.
    تېخىمۇ كۆلكىلىكى پىيادە ماڭغان  كىشىلەر تۇپىمۇ بىزدىن  ئۇزاپ كەتتى .
    نىمە ئۆچۈن بىز ھەمىشە ئۇ بۇزۇلۇپ كەتتى ، بۇ بۇزۇلۇپ كەتتى، جەمىئەتتە بىزنىڭ ئەتىۋارىمىز بولمىدى دەپ قاقشاپ يۈرۈيمىز.
    سەۋەبنى كونكىرىت ئۆزىمىزدىن ئىزدەشنى  باشلىماي ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەردىن ئىزدەيمىز.
    باشقىلارغا دۆڭگەپ قۇيىمىز. لىكىن دۆڭگىىگىنىمىز بىلەن بۇ ئىش ئۆزىمىزدىن يىراقلىشىش ئورنىغا تېخىمۇ كانىدەك چاپلىشىپ بىزنى ئىسكەنجىگە ئالدى.
    ھەدىسىلا پالانچىنىڭ مۇنداق پۇلى بار يەي . ئۇنداق يۈزى بارەي، مۇنداق باشلىقەي دەپ گۇپپاڭچىلىق بىلەن باشقىلارنى پۈيدەيمىز يۇ لىكىن مەنمۇ شۇ ئادەم ئورتاق ھۇقۇققا ئىگە .
    مەندىمۇ تۈگىمەس پۈتمەس تەپەككۇر بار دىگەننى ئويلىمايمىز.
    نەتىجىدە گۇپپاڭچىلىق ئايرۇپىلانىدا ئۇچىۋاتقان شۇ كىشىلەر تېخمۇ نۇمۇسسىزلىقنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ ئۆزىنىڭ ئاددى بولغان گۈزەللىكى مەنىۋى پارلاقلىقىنى ئۇنتۇپ كەتتى . لالما ئىشىتتەك ھۆرپىيىش ، مۇغەمبەرلىك كىسىلىگە ئاسانلا تەسلىم بولدى.
    جەمىئەت ئۆزىمىزنىڭ گۈزەل ئەنئەنە يىڭىلىقلرى. ئۆزگىچە ئۇسلۇبى بىلەن بىزەلمەي ئەكسىنچە ئۇنىڭ ئورنىغا  شەرمەندىچىلىك پۇرىقى كۆچلۈك بولغان ئەخلەتلەر بىسىپ كەتتى.
    ھىلىمۇ ئىنىق ئىسىمدە تۇرۇپتۇ بۇۋام باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3-يىللقىدائۇقۇۋاتقان ۋاقتىمدا قوشنا كەنىتتە ئۆتكۈزۈلگەن دەم ئىلىش ۋاقتىدىكى چىلىشىش مۇسابىقىسىگە مىنى ئېلىپ بىرىپ بۇ ھاياتنىڭ  قائىدىسى خۇددى مۇشۇ چىلىشقا ئوخشايدىغانلىقى بۇنىڭدىن مۇشۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ ھېچ قايسىنىڭ باش تارىتمايدىغانلىقىنى چۇقۇم چىلىشىش كىرەكلىكىنى دەپ بەرگەنئىدى.
    شۇ ۋاقىتتا بۇۋاممۇ چىلىشقان ئىدى.
    ئاددىيسى شۇ يەرگە بارغان چوڭ كىچىك ياشلارنىڭ ،قىرىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز -ئارا چىلىشىپ چىقىپ دەم ئالغانلىقىنى ئويلىسام دەل ھازىرقى دەۋىرىدىكى رىقابەتنىڭ شۇنىڭغا ئوخشايدىغانلىقىنى بۇ خىل ئاڭنى ئىلگىرى چوڭلىرىمىزنىڭ ئالىقاچان ھىس قىلىپ بولغانلىقى ھەم بۇخىىل روھنى ئەمىلىيەتكە سىڭدۈرۈش ئۆچۈن كۆپلەپ شۇنداق تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە پائالىيەتلەرنى  ئەمىلى قىلىدىغانلىقىنى ھازىرلاردا چۈشىنۋاتىمەن.
    ھازىرلاردا بولسا مەنىۋىيەت ئۆتىڭىنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشىمىزدىكى كۇرىسى بەكمۇ بىلىنمەيدىغان يۇشۇرۇن ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.
    شۇنداق بولغاچقا بىزنىڭ زىممىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە يەنىلا بىزنىڭ پاكىز روھىمىزدۇر.
    ماقالە ئاپتۇرى: قارىقاش ناھىيە كاۋاك يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇتۇقۇچىسى

    历史上的今天:

    ئائىلە 2010-06-03

    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.