ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-03

    ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻳﯘﺭﺕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40420627.html

    قەشقەر ئۇيغۇرلىرى
    قەشقەر ئۇيغۇرلىرى يۇمىلاق باش ،ئوتتۇرا بوي ،بۇغداي ئۆڭلۈك ،يۈزى سۇقىچاقراق ،بۇرنى ئىگىز ،چاچلىرى قارا قۇڭۇررەڭ ،قوي كۆزلۈك ،ساقال بۇرۇتلىرى قۇيۇق ،ئەگىم قاشلىق ،تېرىسى سۈزۈك ۋە سىلىق بۇلۇپ ،ئۇمۇمەن چىرايلىق كىلىدۇ .ئۇلار چىرايلىق كىيىنىپ سالاپەتلىك يۈرۈشنى ياخشى كۈرىدۇ ،تازلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدۇ ،ئۆلىما ۋە كەسىپچانلارغا ئامىراق كىلىدۇ .ئىلىم -پەننى قەدىرلەيدۇ ،ھەمسۆھبەتنى ياخشى كۆرىدۇ .....قەشقەر ئۇيغۇرلىرى خەيرى -ساخاۋەتلىك ،مىھماندوست ،دانا ھەم مۇلايىم سۆزلۈك بۇلۇپ ،خۇشناۋاز ،سەنئەتخۇمار كىلىدۇ .تۇرمۇشتا تىرىشچان ھەم ئەمگەكچان بۇلۇپ ،سودا -سېتىق ھەم تىجارەتكە ماھىر ،ساياھەت ۋە سەپەرگە ھەۋەس قىلىدۇ .ئەھلى كەسىپ ۋە ھۈنەرۋەنلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ،قول ھۈنەر ماھارىتى جەھەتتە باشقا شەھەرنىڭ ئادەملىرىگە قارىغاندا ئۈستۈن ۋە زىيادە تۇرىدۇ .شۇڭا قەشقەر قەدىمدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدىنىيەت ۋە سودا مەركىزى بۇلۇپ كەلگەن .

    خوتەن ئۇيغۇرلىرى
    خوتەن ئۇيغۇرلىرى بەستىلىك ،ئاقپىشماق ،ھال تەنلىك بۇلۇپ ،يۇمىلاق باش ،ئوتتۇرا بوي ،بۇرنى ئىنىچكە ،لىكىن ئىگىز، يۈزى سوقىچاقراق ،چاچلىرى قارا ياكى قارامتۇل دولقۇنسىمان ،ساقال -بۇرۇتلىرى قۇيۇق ،قارا كۆز ،قاش -كىرپىكلىرى تۇلۇق ،تەببەسۇم چىراي كىلىدۇ .خوتەن ئۇيغۇرلىرى بىر سۆزلۈك ،بىر قوللۇق ،بىر نىيەتلىك ۋە ئىتىتپاق بۇلۇپ ،مۇلايىم ۋە كەمتەر ،ئىشچان كىلىدۇ .خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئۆز ئىشىغا ناھايىتى پۇختا ،دوستلۇق ئەقىدىسى كۈچلۈك ،ئاغزى مەھكەم بۇلۇپ ،سىر ساقلىيالايدۇ .خوتەن ئۇيغۇرلىرى كەسىپ-ھۈنەرۋەن،تەبىئەت ئىدىرىكى پاكىز ،زىھنى ئۆتكۈر بۇلۇپ ،ئكتكەن ئىشلاردىن خاتىرە قالدۇرۇشقا ئادەتلەنگەن ....خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئاددى-ساددا ياشايدۇ ،ھەشەمەتچىلىكنى ياختۇرمايدۇ ،ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە تىبابەتچىلىككە ئالاھىدە ئىتىبار بىلەن قارايدۇ ،ئۆلىما ۋە ئالىملارنى قەدىرلەيدۇ ....خوتەن ئۇيغۇرلىرى ھەر قانداق ھۈنەرنى ئۆز كامالىغا يەتكۈزۈپ ،خېرىدارلارنى رازى قىلىدۇ .شۇڭا بۇجاي ئەزەلدىن يىپەك يۇلى تۇقۇمچىلىقى ۋە قاشتېشى ئويمىكارلىقى بىلەن مەشھۇر ........

    ئاتۇش ئۇيغۇرلىرى
    تارىخى مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە ،ئاتۇش ئۇيغۇرلىرى قەدىمىقى ئاساسلىق قەبىلىلەرنىڭ بىرى بولغان ياغمىلارنىڭ ئۇرۇق -ئەۋلاتلىرى دەپ قارىلدۇ ..بۈگۈنكى ئاتۇش ئۇيغۇرلىرنىڭ قىياپەت تەسۋىرى قەشقەر ئۇيغۇرلىرنىڭ قىياپەت تەسۋىرى بىلەن ئاساسەن ئۇخشاپ كىتىدۇ .يەنى بۇغداي ئۆڭلۈك ،قاڭشارلىق ،قوي كۆزلۈك ،ئوتتۇرا بوي ،كۆز قارچۇقى ئۆتكۈر ،ئەگمە قاش ،قاپىقىنىڭ قېتى كەڭرەك كىلىدۇ ...ئاتۇش ئۇيغۇرلىرى ئىشچان ھەم پەم -پاراسەتلىك بۇلۇپ ،ئىلىم -مەرىپەتنى قەدىرلەيدۇ ۋە ھۆرمەتلەيدۇ ،يېڭىلىققا ئىنتىلىدۇ ،جاپا -مۇشاققەتىن زارلانمايدۇ ،بەلكى ئۆز ئەقىل -پاراسىتى ۋە كۈچىگە تايىنىپ بەخىتلىك تۇرمۇش يارىتىش روھى ئۈستۈن ..ئاتۇش ئۇيغۇرلىرى ئۆز-ئارا ئىناق ۋە ئىتىپاق ياشايدۇ .قەيەردە ئولتۇراقلىشىشىدىن قەتئىنەزەر ئۆز-ئارا ئىزدىشىپ بىر -بىرىگە ياردەم بىرىدۇ ۋە ئەقىل كۆرسىتىدۇ .يوخسۇللىرىغا خەيرى -خاھلىق قىلىدۇ .تىجارەت ۋە سودا سېتىققا كامىلىلىقى ،سۆزدە مۇلايىم ۋە چىۋەرلىكى ،ئۆز ئىشىغا پۇختىلىقى ،كەمتەرلىك ۋە سىڭىشچانلىقى ،ئالدىن كۆرەرلىكى قاتارلىق ئالامەتلەر ئاتۇش ئۇيغۇرلىرىنى خارەكتىرلەيدىغان تۈپ ئالامەتلەردۇر .

    ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرى
    ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرى ئاقپىشماق ،ئەمما سەل -پەل بۇغداي ئۆڭلۈك كىلىدۇ ھەمدە بېشى يۇمىلاق يۈزى كەڭ، چاشلىرى قارامتۇق ،قوي كۆزلۈك ،يۇقىرى قاپىقىنىڭ قېتى چوڭ ،ساقال -بۇرۇتلىرى ئوتۇرھال پىشانىسى كەڭ بۇلىدۇ .ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرى خارەكتىر جەھەتىتىن توغرا ،تۈز ،ئاددى -ساددا ،يۇۋاش مۇلايىم ،كەمتەر ،شۈكىرچان خەلىقتۇر .دىھقانلىرى كۆپ ،ھۈنەرۋەن -كاسىپلىرى ئاز ،سودا -تىجارەتكە ئانچە قىزىقمايدۇ .ھۈنەر -كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ كۆپچىلىكى باشقا شەھەرلەردىن كەلگەنلەردىن تەشكىل تاپىدۇ .دىھقانلىرى ئاقكۆڭۈل ۋە مىھماندوست بۇلۇپ ،پۇلغا ئانچە ھېرىسمەن ئەمەس .ئۇلار سەنئەتخۇمار بۇلۇپ ،ئەر -ئايال توپلۇشۇپ مەشىرەپ ئويناشقا ئادەتلەنگەن ..ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرى باغۋەنچىلىككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدۇ .شۇڭا ئاقسۇ مۇھىتى گۈزەل ،بۈكباراقسان شەھەر بۇلۇپ ،ئېلىمىز بۇيىنچە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى مانا شۇ ئاقسۇ تەۋەسىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردۇر ....

    تۇرپان ئۇيغۇرلىرى
    تۇرپان قەدىمى شەھەر بۇلۇپ ،قەدىمى <<ئىدىقۇت >>ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەركىزى ھىسابلىنىدۇ .تۇرپان ئۇيغۇرلىرى قىياپەت جەھەتىتىن سارغۇچ ئۆڭلۈك ،باش سۆڭىكى يۇمىللاققا مايىل ،ئىگىز بوي ،گەۋدىلىك ،بۇرنى ياپىلاقراق ،كۆزلىرى قارامتۇل چېقىر كۆز ،ئەمما كىچىكرەك ،قاپىقى گۆشلۈك ،چاچلىرى تۈز ۋە قارا ،ساقال بۇرۇتلىرى شالاڭ بۇلىشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن خارەكتىرلىنىدۇ ..تۇرپان ئۇيغۇرلىرى راست قوللۇق ،راسىت سۆزلۈك ،تۈز كۆڭۈل ،ھىلە -مىكىرى ۋە خىيانىتى يوق ،ئەقىدە -ئىخلاسلىرى ساپ ،سۆزلىرى قوپالراق بولسىمۇ ،كۆكسى -قارنى كەڭ ،ئۆز-ئارا ئاداۋەت ساقلىمايدىغان ،ئارتۇقچە تەكەلۇپنى خالىمايدىغان ،خۇشپېئىل خەلىقتۇر ..تۇرپانىڭ ھاۋاسى ئىسسىق ،كىلىماتى قۇرغاق ،سۈيى كەم بولغاچقا تۇرپان ئۇيغۇرلىرى كارىز سۈيىگە تايىنىپ دىھقانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك بىلەن ھايات كەچۈرىدۇ ..تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ئەمگەكچان ۋە باتۇر خەلىق بۇلۇپ ،قىيىنچىلىقتىن قورقمايدۇ ..ئەمما دىھقانچىلىقتىن باشقا ھۈنەر-كەسىپكە ئانچە كامىل ئەمەس ،سودا -تىجارەتكىمۇ ئانچە قىزىققمايدۇ ..

    كورلا ئۇيغۇرلىرى
    كورلا ئۇيغۇرلىرنىڭ ئىچىدە لوپنۇر ئۇيغۇرلىرنىڭ يەرلىك ئىرىق ئالاھىدىلىكى بىر قەدەر ۋەكىللىك خارەكتىرگە ئىگە .ئۇلار سارغۇچ ئۆڭلۈك ،بېشى يۇمىلاقراق ،بۇيى ئوتۇرھال ،يۈزىنىڭ داس سۆڭىكى چوڭراق ،بۇرنى تۈز ،قېلىنراق ،چاچلىرى تۈز ۋە قۇيۇق ،قاپىقى تار ئەمما قېلىنراق ،ساقال -بۇرۇتلىرى ئوتۇرھال بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن خارەكتىرلىنىدۇ .كورلا شەھىرى ۋە ئۇنىڭغا يېقىن رايۇنلاردىكى ئۇيغۇرلار قىياپەت جەھەتتىن ئاقسۇ ،كۇچار ئۇيغۇرلىرغا ئاساسەن ئوخشايدۇ .كورلا ئۇيغۇرلىرى ئاقكۆڭۈل ،راست سۆزلۈك ،كۆكسى -قارنى كەڭ ،ئىززەت -ئىكراملىق بۇلۇپ ،دىھقانچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ .لوپنۇر ئەتىراپىدىكىلەر چارۋىچىلىق ،ئوۋىچىلىق ،بېلىقچىلىقنى ئاساس قىلىپ كەلگەن بۇلۇپ ،ئاددى -ساددا ياشاشقا ئادەتلەنگەن .

    قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى
    قۇمۇل تارىخىتىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئانا يۇرتلىرىدىن بىرى .......قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى ئەمگەكچان ،باتۇر ،ئەقىل -پاراسەتلىك ،شوخ، كەمتەر ،خۇشپېئىل ،سىلىق -سىپايە ،بۇلۇش قاتارلىق خارەكتىرلەرگە ئىگە ..شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ رايۇن <<بىرى بۇلىقى ،بىرى خۇلىقى ياخشى >>دەپ تەرىپلىنىدۇ .قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى قىياپەت جەھەتتىن ئاق ،ئوتتۇرا بويلۇقتىن تۆۋەنرەك ،چاچلىرى سەل تۈز قۇڭۇر ،ئانچە قۇيۇق ئەمەس ،پىشانىسى سەل تاراق ،ساقال -بۇرىتى شالاڭ، بۇلىشتەك ئالاھىدىلىكلەر بىلەن خارەكتىرلىنىدۇ .

    ئىلى ئۇيغۇرلىرى
    ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئاساسەن تېرىقچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ .بۇ رايۇن شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئامبارلىرىدىن بىرى سانىلىدۇ ..ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئەمگەكچان ،ئەقىل -پاراسەتلىك ،روھلۇق ،تىتىك ،خۇش -چاقچاقچى ،سۆزمەن ،يۇمۇرغا باي ،ئېلىم -بېرىمغا ماھىر ،مىھماندوست ،سالام سائەتلىك ،مەدىنىيەت سۆيەر بۇلىشتەك ئالاھىدىلىكلەر بىلەن خارەكتىرلىنىدۇ ..تارىختا ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ قوشنا ئەللەر بىلەن باردى -كەلدى مۇناسىۋىتى قۇيۇق بولغان ..شۇ سەۋەپتىن ئىلى ئۇيغۇرلىرى مەدىنىيەت جەھەتتە باشقا رايۇنلارغا قارىغاندا بۇرۇنراق ئويغانغان .بۇ رايۇن بەلگىلىك ئىختىزادى ئەۋزەلىككە ئىگە بولغاچقا تۈرلۈك خەلىقلەر ئۇچىرشىپ تۇرىدىغان تىپىك بىر رايۇنغا ئايلانغان .تارىختا دىيىلىشىچە جۇڭغار خانلىقى دەۋىرىدە جەنۇبى شىنجاڭدىن ئىلى رايۇنىغا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار كۈچۈپ بارغان بۇلۇپ ،ئۇلار تەبىئىكى قەشقەر ،خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ قىياپەت خارەكتىرىگە ئىگە ........


    <<
    ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرۈپ -ئادەتلىرى >>دىگەن كىتاپتىن ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.