ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-01

    كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيىتى - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40252319.html


    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن
    مۇقەددىمە
    ئىنسان _ ئۇچۇر سۇبيېكتى ئىقتىدارىغا ئىگە ئىجتىمائىي ھايۋان . ئۇ ، ئوزۇقلىنىش ۋە بىخەتەرلىك ئۇچۇرىغىلا ئەمەس،  يەنە زامان ، ماكان خاراكتېرلىك تامغىلىق ئۇچۇر ئىقتىدارىغا ئىگە .
    كىتاب _ يۈكسەك ئۇچۇر ۋە مۇقەددەس تامغىدىن ئىبارەت . ئىنسانىيەت يازما تارىخ ۋە كىتاب سەھىپىلىرىگە بىلىش ۋە ئىپادىلەش جەۋھەرلىرىنى يېزىق ئارقىلىق قالدۇرۇشتىن ئىلگىرى ئۆز تۇرمۇشى ، ئالەم قاراشلىرى ۋە روھىيەت ئۆركەشلىرىنى قىيا تاشلارغا ، قورچاق ياكى تاش - سۆڭەك ، برونزا بۇيۇملىرىغا ، كاھىش قاچىلارغا ھەر خىل قىياپەتلىك ياكى سىمۋوللۇق رەسىم ، تامغا - بەلگىلەر بىلەن چېكىشكەن ، ماقال - تەمسىل ، ئەپسانە - رىۋايەت ، مەسەل - چۆچەك ، ناخشا - قوشاق شەكلىدە ئەقىل دەستۇرلىرى ئۈزۈشكەن . مانا بۇلار كىتاب شەكلىگە كىرمىگەن " كىتاب " تىن ئىبارەت .
    ھازىرغىچە يېزىق شەكلىدىكى ئەڭ قەدىمكى كىتاب _ ئىككى دەريا _ دەجلە ۋە فرات ئارىلىقىغا كۆچۈپ كەلگەن خەلقلەرنىڭ مىلادىدىن ئۈچ مىڭ يىللار ئىلگىرىكى لايدىن بىنا ۋە قەسىرلەر ياسىغاندا لاي تاختىلارغا يېزىلغان " پايتەخت قۇرغۇچى گىلگامىش " داستانىدىن ئىبارەت . بۇ تۇنجى ئۇچلۇق تاياقچە _ قەلەم بىلەن لاي تاختىلارغا يېزىلغان " كىتاب " تىن باشقا ، يەنە مىلادىدىن 18 ئەسىر ئىلگىرى مىخ يېزىق بىلەن يېزىلغان " كىتاب " بابىل شاھى ھاممۇرابىنىڭ 282 ماددىلىق قانۇن دەستۇرى ھېسابلىنىدۇ .
    قەغەزنىڭ ئىختىرا قىلىنىشىغىچە تېرە ۋە مەخسۇس تەييارلانغان تاختا - تارىشىلار كىتابچىلىقنىڭ ئاساسىي ۋاسىتىسى بولغان . قەغەزنىڭ ئىختىرا قىلىنىشى كىتابچىلىق تارىخىدا ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى . شۇندىن باشلاپ خانلىق سارايلاردا مەخسۇس مىرزاخانىلار قۇرۇلۇپ ، ئەسەرلەر قەلەم بىلەن كۆچۈرۈلىدىغان بولدى . كېيىنچە ، ياغاچقا خەت ئويۇش ئارقىلىق كىتاب - رىسالىلەرنىڭ نۇسخىسىنى كۆپەيتىش ، ئارقىدىنلا تاش مەتبەئە كەشىپ قىلىندى . مىخ مەتبەئە ھازىرقى زامان كىتابچىلىقىنى رەسمىي نەشرىيات كىتابچىلىقىغا ئايلاندۇردى . كېيىنچە مىخ مەتبەئەچىلىك قوغۇشۇن تاياقچىلىرىغا ئاساسلىنىدىغان بولدى . بۈگۈنكى كۈندە ئېلېكترونلۇق مەتبەئە تېخنىكىسى مەيدانغا كېلىپ كەڭ ئومۇملاشماقتا . مەتبەئەچىلىك تېخنىكىسىنىڭ داۋاملىق راۋاجلىنىشى خۇددى كىنو ۋە تېلېۋىزوردەك جەمئىيەت نەشرىياتچىلىقى بىلەن ئائىلە نەشرىياتچىلىقى بىللە ساقلانغان يېڭى تۈزۈلمىنىڭ يېقىندىلا رېئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە . بۇ ، ئىنساننىڭ ئۇلۇغ ئۇچۇر ئىقتىدارىنىڭ دولقۇنسىمان تەسىر دائىرىسىنى زامان ۋە ماكان جەھەتتە يېڭى پەللىگە كۆتۈرگۈسى .
    ئۇلۇغ روھىيەت خەزىنىسى
    كىتاب _ كەڭ مەنىدە ئىنسانىيەتنىڭ بىلىش تارىخى ۋە ئىنساننىڭ تەسەۋۋۇر بوشلۇقىنىڭ سەھىپىلەشكەن شەكلىدىن ئىبارەت . كىتاب ئالدى بىلەن ئىنسان قەلبىدىكى كائىنات . ياخشى كۇتۇپخانا ھەقىقىي مەنىسى بىلەن كائىناتنىڭ جاھاننامە ئەينىكى بولۇپ ، بۇ ئەينەكتە ئۆز سەرگۈزەشتىلىرىمىزدىن ھالقىغان دۇنياۋىي ماھىيەتلەر جىلۋىلىنىدۇ . ئىنسان كىتاب ئارقىلىقلا پۈتكۈل تارىخنى قىياسىي ھالەتتە باشتىن كەچۈرىدۇ . ئەنگلىيىلىك مۇتەپەككۇر بېكون ئېيتقاندەك " كىتاب قىممەت باھا يۈكنى ئەجدادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزىدىغان كېمە " . كىتاب بىزنى مۇنەۋۋەر مەدەنىيەتنىڭ ئىزاھلىغۇچىسى ، ۋارىسى قىلىدۇ . پۈتۈن ماددىي روزىغارلار ، بىنالار ، بانكىلار ، شەھەر ۋە مەملىكەتلەر ، ھەتتا پۈتۈن سۈرۈك مىللەتلەرمۇ يوقىلىپ كېتىدۇ ، پەقەت كىتاب يوقالمايدۇ . بىز كىتاب شاراپىتىدىن قەدىمكى ئەپسانە - رىۋايەتلەرنى ، خانىدانلىقلار قىسسىلىرىنى ، پەلسەپە جەۋھەرلىرىنى ، ئەدەبىيات - سەنئەت دۇردانىلىرىنى بىلەلەيمىز . ئىنسان ياراتقان مۆجىزىلەر ئىچىدە مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە مۆجىزە پەقەت كىتابتۇر . كىتاب ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئۆلمەس روھى ، ئۇلۇغ تارىخىي سىمالارنىڭ ھەقىقەت يالقۇنلىرىنى تىرىكلىك دەرگاھىدا مەڭگۈ يېلىنجىتىپ تۇرىدىغان مۇقەددەس ئوچاق . ئەگەر كىتاب بولمىغان بولسا ، دۇنيانى مىڭلىغان قۇياشمۇ جاھالەت ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇشى مۇمكىن بولمىغان بولاتتى ! مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ، پۈتكۈل ئىلىم - پەن ، مەدەنىيەت ۋە تارىخ بىرلا خەزىنىگە ئىگە ، ئۇ بولسىمۇ ئۇلۇغ روھىيەت قەسىرى بولغان كىتابتىن ئىبارەت .
    كىتاب _ ھەر بىر شەخسنىڭ مەنىۋى فوندى ۋە ئۇنىڭ كامالەت گۇۋاھنامىسى . قەدىمكى رىم ناتىقى تىستىرون "كىتابسىز ئۆي _ جانسىز تەن " دەپ توغرا ئېيتقان . كىتابسىز شەخس مەيلى ئۇ باي ، مىراسخور ياكى ئالتۇن خەزىنە ئىگىسى بولسۇن ، ئۇ بەختسىز ۋە بەختسىزلىكىدىن خەۋەرسىز ناداندۇر ، ئۇ يۈز يىل ياشىسىمۇ ، مەدەنىيەت تارىخىدىن ساۋاتسىز ئۆمرى كۆتە بەندە ھېسابلىنىدۇ .
    كىتاب ئۆز ئاشىقىغا چىنلىق ، ياخشىلىق ، گۈزەللىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر بەخش ئېتىدۇ . ناداننىڭ بىر ئەسىرلىك ئۆمرى بىلىملىك كىشىنىڭ يېرىم ئەسىرلىك ئۆمرىدىن كۆپ قىسقا ھېسابلىنىدۇ . كىتاب قەلبنى پاكلايدۇ ، ئۇنىڭ ئىنسانغا بېغىشلىغان نۇر - نۇسرىتىنى ھەر قانداق زىننەت بۇيۇملىرىمۇ پەيدا قىلالمايدۇ . ئۇ قەلبنى نۇرلاندۇرۇپ ، كۆزى ۋە سۆزىگە مۇقەددەسلىك نۇرى ئاتا قىلىدۇ . كىتاب ئاشنالىرى خۇددى ئالماستەك يارقىن بولسا ، نادانلىق ئىجىللىرى بەئەينى گۆشىيىپ تۇرغان قارا تاشقا ئوخشايدۇ .
    كىتاب _ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت دەرياسى ۋە مەنىۋى قىياپەت مەكتىپى . لابولبى توغرا ئېيتىدۇ : " تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى ھەر بىر مىللەت ئاھالىسىنىڭ ئوقۇۋاتقان كىتابلىرىنىڭ سانى بىلەن ئۆلچىنىدۇ " . نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى پۇل تېجەش ئەمەس ، بەلكى نادانلىقتىن قۇتۇلۇش ۋە بۇ يولدا كىتاب بىلەن ھەپىلىشىشتۇر . تارىخ ئىسپاتلىدىكى ، مىللەتلەرنىڭ قەلب بايلىقى بىلەن قول ئىلكىدىكى بايلىق توغرا تاناسىپتۇر . " ئاۋۋال تائام ، ئاندىن كالام " دېگەن ئەقىدىگە چاپلىشىۋالغان مىللەت گادايلىققا ۋە ئۇنىڭ باش جىنايەتچىسى بولغان نادانلىققا چىن ئەقىدە باغلىغان مىللەتتۇر . نادانلىققا قارشى ئاتلىنىشقا جۈرئەت قىلغاندىلا بەخت يولى ئېچىلىدۇ ، بۇ ، ئەپسانە ئەمەس ، پولاتتەك ھەقىقەتتۇر . پۇل تاپقاندا ئۆيىنى كۆزنى چاقنىتىدىغان گىلەم ۋە زىننەت بۇيۇملىرى بىلەن بېزىگەن ئائىلە بىلەن ئۆيىنى كىتاب ئىشكاپلىرى بىلەن بېزىگەن ئائىلىنىڭ قىممىتى پەرقلىقتۇر . تەرەققىي قىلغان ئەللەردىكى ئائىلىلەر ئۆز قىرائەتخانىسىغا ئىگە بولۇپ ، ئۇلار روناق تاپقانسېرى كىتاب سېتىۋالىدۇ ، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى كىتاب مۇھىتىدا ئۆسىدۇ ، ئۆرلەيدۇ . قالاق ئەللەردىكى ئائىلىلەر بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ . ئۆيىنى ئەينەك تام ، رەڭدار گىلەم ۋە ئىشرەت جاھازىلىرى بىلەن بېزىگەن ئائىلە كىشىلىرىنىڭ مەنىۋى دۇنياسى خۇنۈك بولىدۇ ، ئۇلار مەغرۇر ، تەنتەك ، پۇلپەرەس ، سۆلەتۋاز بولۇپ ، ئۆزلىرى ۋە پەرزەنتلىرى تېزدىن چۈشكۈنلىشىدۇ . بۇ جەھەتتىكى مىساللار كۆز ئالدىمىزدا تولۇپ يېتىپتۇ !
    كىتاب _ لوقمان ھېكىم ، كىتاب _ رۇستەم پالۋان ، كىتاب _ بەخت قۇشى ئەنقا . بۇ ئاددىي تەسۋىر ئەمەس ، بەلكى مەڭگۈلۈك ھەقىقەت !
    ئاڭ ، قاراش ، ئىستىل ، پوزىتسىيە ، مۇھاكىمە ، ئەدەب - ئەخلاق ، ئېتىقاد ۋە چارە - تەدبىر جەھەتلەردە بىر قاتار نورمالسىزلىق ، ھەتتا بۇزۇلۇش ، چىرىش ھادىسىلىرى يۈز بېرىدۇ . بەزىدە ماددىي مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتتىكى تەكشىسىزلىك ، مەسىلەن ، نوقۇل ماددىي تاپاۋەتنى ياكى نوقۇل قانۇنىي جازالاشنى مىقدارى جەھەتتە ئۇتۇق - نەتىجە دەپ قاراش ۋە ئەكس ھالدا بۇ جەھەتتە ئۈمىدسىزلىككە بېرىلىدىغان ئەھۋاللار خېلى كەڭتاشا ھاۋاغا ئايلىنىدۇ . رېئال تۇرمۇشىمىزدا ، كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرىمىزدە كۆرۈلۈۋاتقان بەزى بىنورمال ئاھۋاللار بىزنى پاكىتقا ئىگە قىلىدۇ ، مەسىلەن ، ياشلاردىكى يۇقىرى ئىستېمال قىزغىنلىقى ، ھۆرمەتسىزلىك ، ئوقۇغۇچىلاردىكى ياسانچۇقلۇق ، ئويۇن - تاماشىغا بېرىلىپ كېتىپ كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇماسلىق ، ئوقۇتقۇچىلارغا ئوقۇتۇش ، ئىلمىي تەتقىقات سىرتىدىكى كىرىم بېسىمى ، ئۇلار دۇچار بولۇۋاتقان ھۆرمەتسىزلىك ۋە كەمسىتىشلەر ، نەشرىياتچىلىق قىيىنچىلىقى ، نەشر ئەپكارلىرىدىكى ئىقتىسادىي ئۈنۈم قوغلىشىپ سەلبىي خاھىشتىكى باسما بۇيۇملىرىنىڭ يامراپ كېتىشى ، دوست تارتىشىشلار ، داۋالىنىش قىيىنچىلىقى ، " ئېتى ئۇلۇغ ، سۇپرىسى قۇرۇق " دورىلارنىڭ كۆپلۈكى ، سەھىيە ئەخلاقىدىكى نورمالسىزلىق ، ئائىلىلەردىكى ماددىي پاراۋانلىقنى ئۆلچەم قىلىپ قايتا تەشكىللىنىش خاھىشى ، كۆپ قىرلىق سىرتقا بېرىلىش ھادىسىلىرى ، كىرىم - چىقىم ئالدىدا تەمتىرەپ قېلىش روھىيىتى ، ۋەھاكازالار بۇ خىل ئىجتىمائىي ۋە مەنىۋى بۇزۇلۇشنىڭ بىر قىسمى .
    قارىغاندا ، ماددىي پاراۋانلىق قوغلىشىش ، مەنىۋى تۇرمۇشنى تولۇقلاشقا سەل قاراش ، ماددىي مەدەنىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ ئۆز - ئۆزىنى نەزەردە تۇتالماسلىق ، ماددىي مەدەنىيەت رىقابىتىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش ، ئۇنىڭ نېگىزى بولغان مائارىپ رىقابىتىگە ئاخىرقى ساھە قاتارىدا مۇئامىلە قىلىش ، رېئاللىقنى كۆرۈپ ، تەجرىبە - ساۋاقلارنى ۋە يىراقنى كۆرەلمەسلىك ھادىسىلىرىنى بىر ۋارقىراپلا ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغاندەك قىلىدۇ . بۇ ، ۋاقىتلىقلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ھادىسە بولۇپ بىر مەزگىل ئەۋجىرەپ كەتسىمۇ ، لېكىن بەرىبىر تۈزۈلۈشكە يۈزلىنىدىغان ھادىسە . تارىخ _ ئىككى خىل مەدەنىيەتنى ئارقاق ۋە ئۆرۈش قىلىپ توقۇلىدىغان ئۇزۇن ھېكايە . ئۇنىڭدا يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇ مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان ئەبەدىيلىك ئابىدىلىرى بولۇشى ناتايىن .
    ئىككى مەدەنىيەت مۇۋازىنىتى ۋە ئىجتىمائىي بەخت
    تارىختا مۇئەييەن ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي گۈللىنىش باشلىنىشى بىلەن ئەخلاقىي بۇزۇلۇش يۈز بەرگەن تىپىك مىساللار كۆپ بولغان ، مەسىلەن ، گۈللەنگەن چۈنچيۇ ( ئەمىنىيە ) دەۋرىدىكى ئەدەب - ئەخلاق چۈشكۈنلىكى كوڭ فۇزىنىڭ ئەخلاق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قاراشلىرىنى ، چۈ يۈەننىڭ نەزمىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . قەدىمكى گرېتسىيىدىكى ئەخلاقىي كۆڭۈلسىزلىكلەر سوقرات ۋە پلاتوننىڭ ئېتىكا ۋە مائارىپ قاراشلىرىنى شەكىللەندۈرگەن . ئوتتۇرا ئەسىر ئەرەب ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىكى مەنىۋى بۇزۇلۇش " مىڭ بىر كېچە " ھېكايىلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان . قاراخانىلار خانلىقى دەۋرىدە يېزىلغان داستان "قۇتادغۇبىلىك" تە زاماننىڭ بۇزۇلغانلىقى ھەسرەتلىك مىسرالار بىلەن بايان قىلىنغان . ياۋروپا مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتى دەۋرىدىكى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرلارنىڭ بىرى بولغان مونتېسكيۇ ئۆزى غايىۋى جەمئىيەت سۈپىتىدە تەشەببۇس قىلغان بۇرژۇئا جەمئىيىتىدە يۈز بەرگەن مەنىۋى چۈشكۈنلىكتىن پەرياد چەككەن . بۇ نۇقتىنى ماۋ زېدۇڭ " مانا بۇ شۇنداق جاھان " دېگەن مىسراغا يىغىنچاقلىغان .
    كىتاب دېڭىزى ۋە غەۋۋاسلىق ماھارىتى

    دەۋرىمىزدىكى كىتاب شۇ قەدەر كۆپەيدىكى ، ئۇنى رەقەم بىلەن ئىپادىلەشمۇ مۈشكۈل بولدى . ئەمما ھېلىمۇ كىتاب يۈزىگە چىقمىغان بوشلۇقلار ناھايىتى نۇرغۇن . دەرۋەقە ، " كىتابنى ئاچسىلا مەنپەئەت بېرىدۇ"  ئەمما كىتاب دېڭىزىدا قانداق جاۋاھىرات يىغىدىغان غەۋۋاس بولۇش ، بۇ مۇھىم ماھارەت .
    كىتابلارنى دېڭىز قىلىۋەتكەن نەرسە ئەسلى مەنبە ، ئاساسىي نەزەرىيە ، مۇتەپەككۇرانە مۇھاكىمە قىلغۇچى كىتابلارنىڭ كۆپلۈكى بولماستىن ، بەلكى تارماقلاتما ، يەشمە ، ۋەقە بايان ، ئىچ پۇشۇقى ، قۇراشتۇرما كىتابلارنىڭ كىتاب بازىرىغا كەلكۈندەك كىرىپ كېلىشىدىن بولدى . بۇ ھال ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىدىن كىتاب پەرق ئېتىش ۋە كىتاب تاللاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ . ئېيتىش كېرەككى ، ھەقىقىي دانىشمەنلەر كىتابنى ھەممىدىن كۆپ كۆرگەن كىشىلەر بولۇشى ناتايىن ، ھەقىقىي ئالىملارمۇ ئەڭ نۇرغۇن كىتاب يازغان كىشىلەر بولۇشىمۇ شەرت ئەمەس . بۇ بىزگە خۇددى سۇغا تاشلانغان نەرسىلەرنىڭ چۆكۈشى ياكى لەيلىشى ماكان ۋە زامان جەھەتتە بىردەك بولمايدىغانلىقىغا ئوخشاش بىر ھەقىقەتنى ، يەنى كىتابلار بىر قانچە سىزىق ۋە قاتلام ، تۈر ۋە قىممەتكە بۆلۈنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ .
    كىتاب ئوقۇغۇچى كىشى ئۈچۈن ، ئومۇمەن ۋەزىيەت ۋە سىياسەتكە ئائىت كىتاب - ماتېرىياللاردىن تاشقىرى ، ئۈچ خىل كىتاب ئوقۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ :
    بىرىنچى ، ئاساسىي بىلىم كىتابلىرى . بۇ خىل كىتابلار ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ ، يەنى چوقۇم ئالىي مەلۇماتلىق سەۋىيىگە ئېرىشىش ئۈچۈن شەرت - بالداق بولغان كىتابلار بىلەن مەلۇم ساھە بويىچە ئىزدىنىش ، تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن لازىم بولغان كىتاب - ماتېرىياللاردىن ئىبارەت .
    ئىككىنچى ، بىلىم قۇرۇلمىسىنى بېيىتقۇچى كىتابلار . بۇ خۇددى ئاۋىئاماتكىغا يانداش يۈرگەن پاراخوت - كېمىلەرگە ئوخشاش ئالاقىدار ئوبيېكتلاردىن بىلىم ۋە ئۇچۇر بېغىشلىغۇچى كىتابلار بولۇپ ، ئاساسىي بىلىم كىتابلىرىنىڭ تاشقى پوستىنى تەشكىل قىلىدۇ .
    ئۈچىنچى ، بەدىئىي لەززەت بېغىشلىغۇچى كىتابلار . بۇ خىل كىتابلارغا ئەدەبىيات - سەنئەتكە ئائىت ئەسەر ياكى ئويۇن - كۆرگەزمىلەر ، كىشىلىك تۇرمۇشقا ئائىت ئۆرنەك ، قوللانما ، مەسلىھەت بەرگۈچى كىتابلار كىرىدۇ .
    مېنىڭچە ، كىتابلارنى تاللاپ كۆرۈش بىلەن ئۇدۇل كەلگىنىچە كۆرۈش ، قاتلام ، نۇقتا ، چەمبەر تۈزۈلمىسىگە ئايرىپ كۆرۈش بىلەن خالىغانچە كۆرۈشنىڭ كىتاب كۆرگۈچىگە بېرىدىغان تەسىرى ، بولۇپمۇ نەچچە ئون يىلدا مۇنتىزم ئوقۇتۇپ ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەپ چىقىشقا سېلىشتۇرغاندا ھاسىل قىلىدىغان ئۈنۈمى ئوخشاش بولمايدۇ .
    كىتاب كۆرۈش ئېغىر زېھنىي ئەمگەك ، شۇنىڭدەك يەنە كۆڭۈللۈك ساياھەت . ھەر خىل كىتابلارغا بولغان كىتاب كۆرۈش تەلىپى ۋە ئۇسۇلى بىردەك بولمايدۇ . بىر قۇر كۆرۈپ قويىدىغان ، مەلۇم باب ۋە سەھىپىلىرىنى تاللاپ كۆرىدىغان ، تەپسىلىي كۆرىدىغان ، تەكرار كۆرىدىغان كىتابلار بولىدۇ . بەزى كىتابلارنىڭ پەقەت مۇندەرىجىلىرىنى ۋاراقلاپلا ، ئۇنىڭ ئاپتورىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى نەزەردە تۇتۇپ قويۇپ قويۇلىدۇ . ئومۇمەن تەپسىلىي ۋە تەكرار كۆرۈلىدىغان كىتابلار ئۈچۈن مەخسۇس ۋاقىت ، قەلەم - خاتىرە ھازىرلىنىدۇ . ئۇنداق كىتابلارنىڭ بىر قانچىسىنى بىر يۈرۈش قىلىپ ، سىستېمىلىق كۆرگەن ياخشى . شەخسەن مەن بۇنداق كىتابلارنى رەڭدار قەلەم بىلەن خەت ، بەلگە ، سىزىق قويۇپ بويىۋېتىشنى ياخشى كۆرىمەن ، ئۇنىڭدىن بىلىم ، ئىلھام ۋە كۆچمە تەسەۋۋۇرغا ئىگە بولىمەن ، بۇ خۇددى يالقۇندىن ئوت تۇتاشتۇرغاندەك بىر ئىش بۇ خىل كىتابلاردا چۈشىنىشلىك بولمىغان ئاتالغۇ ، مۇھاكىمە ۋە تەبىرلەرنىڭ ئۇچرىشى ناھايىتى ياخشى ئەھۋال . بۇ ، كىتاب كۆرگۈچىنىڭ ئۆزىدە يوق يېڭى بىلىمگە دۇچ كېلىشى بولۇپ ، بۇنداق ئەھۋالدا لۇغەت - قوللانمىلارنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ بىلىمنى ئۆزلەشتۈرۈۋېلىش لازىم . سەن ھەمىشە ئاممىباب ، گېزىت سەۋىيىسىدىكى چۈشىنىشلىك ماتېرىياللارنى ياخشى كۆرسەڭ مەڭگۈ ئۆز ئىزىڭغا سەكرەپ قېلىۋېرىسەن . مېنىڭچە ، تۈگمەنگەن ئوخشاش خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ قېلىش ياخشى ئەھۋال ئەمەس ، لۇغەت ئاختۇرۇشقا مەجبۇر بولغىنىڭدا ھورۇنلۇق بىلەن كايىماي يېڭى بىر بالداق كۆتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغاندەك روھلان !
    مۇئەييەن مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە بىر زىيالىي ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش ئالدىدا » ئېھتىمال مېنىڭ خاتا بولۇشى مۇمكىن  «دېگەن قاراشتا بولۇشنىڭ پايدىسى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ . ئەكسى ھالدا ئوقۇغاندا ئۇ كىتابتىن ھېچنەرسە يۇقماسلىقى ، ھەتتا » بۇ ئەرزىمەس ئەسەر ئىكەن « دېگەن قاراش تۇغۇلۇشى مۇمكىن .
    كىتاب مەدەنىيىتى ۋە  مىللەتنىڭ مەنىۋى قىياپىتى
    كىتاب ئوقۇش مەقسەت ئەمەس ، ۋاسىتە . بارلىق تەلىم - تەربىيىنىڭ تۈپ مەقسىتىگە ئوخشاشلا ، كىتاب ئوقۇشتىكى مەقسەتمۇ مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى يۈكسەلدۈرۈشتىن ئىبارەت . تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ ئومۇمىيۈزلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى مىللەتنىڭ مەنىۋى قىياپىتىنى تۈزەش ۋە يۈكسەلدۈرۈشنىڭ ئاساسلىق بىر ھالقىسى .
    شۇنى ئېنىق ئېيتىش كېرەككى ، كىتاب ئوقۇشتىن مەقسەت نوقۇل ئالىم بولۇش ئەمەس . مۇھىمى ھەقىقىي ئادەم بولۇش بولۇپ ، بۇنى ئومۇمىي خەلققە كۆتۈرۈپ ئېيتقاندا ، پۈتۈن مىللەتنىڭ بىلىملىك ، روھىي دۇنياسى باي يېڭى ئەۋلادلىرىنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت . بۇ ، شەخسنىڭ كىتاب ئوقۇشى ، ئائىلىلەرنىڭ كىتاب زاپىسىغا ئىگە بولۇشى ، مەكتەپلەرنىڭ كىتاب تەربىيىسى ۋە نەشرىياتلارنىڭ كىتاب چىقىرىشى قاتارلىق بىر قانچە تەرەپنىڭ ئورتاق مەقسەت ۋە غايىدە پائال ماسلىشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ .
    بىز " يېڭى يىپەك يولى " ئېچىلىش ئالامەتلىرى بىلەن تولغان دەۋردە ياشاۋاتىمىز . ئۆسمۈرلەر ، ياشلار ، ياشانغانلار ، ئەرلەر ، ئاياللار كىتاب ئوقۇشى ، كىتاب ئۈستىدە پاراڭلىشىشى ، ھەممە ئائىلىلەردە كىتاب ئىشكاپلىرى ، كىتاب ئۆيلىرى بەرپا قىلىنىشى ، پەرزەنتلەر ئۈچۈن ياخشى كىتاب مۇھىتى يارىتىلىشى ۋە بۇ خىل زۆرۈرىيەت چوڭقۇر ھېس قىلىنىشى لازىم . ئۆيگە كىتابنىڭ كىرىشى زىبۇ - زىننەت ۋە پەرداز بۇيۇملىرىنىڭ كىرىشىدىن ئاۋۋال ۋە ئەۋزەل ئورۇنغا قويۇلىدىكەن ، ئىجتىمائىي ۋە ئائىلىۋى بەخت بىزگە تەبەسسۇم قىلىشقا باشلايدۇ . بىزدە نادان ھالەتتىكى باياشادلىق بىلەن ئەمەس ، مەدەنىي ھالەتتىكى باياشادلىق بىلەن ئىپتىخارلىنىدىغان كەيپىيات تۇرغۇزۇلغىنى ياخشى . بىلىش كېرەككى ، مەدەنىيەتسىز ئائىلىلەرگە چۈشكەن ئەنقا ( بەخت قۇشى )نىڭ سايىسى بىردەملىكلا !
    نەشرىياتچىلىق مىللەتنىڭ مەنىۋى قىياپىتى ۋە كامالىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە غايەت مۇھىم " مەنىۋى رىزىق دەرگاھى " ! گېزىت - ژۇرنال ، نەشرىيات مۇھەررىرلىرى مىللىي مەدەنىيەت بىناكارلىقىنىڭ مۇقەددەس بۇرچ ئۆتەيدىغان ئىنژېنېرلىرى . ئۇلار خۇددى دىن قىسسىلىرىدە سۆزلەنگەن مالائىكىلەردەك يىراقنى كۆرەرلىككە ، تەخىرسىز ۋاقىت قارىشىغا ۋە مۇقەددەس پاكلىققا ، دانىشمەنلەردەك خەلققە ، ئەقىلگە ، بىلىمگە ، ھەقىقەتكە بولغان ئوتلۇق مۇھەببەتكە ، بىناكارلاردەك قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى تاللاش ، ئورۇنلاشتۇرۇش ، نۇرلاندۇرۇش ئىقتىدارىغا ، گېئولوگلاردەك جاپا چېكىپ بايلىق ئىزدەپ تېپىش روھىغا ئىگە بولىدىكەن ، خەلقىمىزنىڭ " مەنىۋى رىزىق دەرگاھى " پىداكار تۆھپىكارلار سارىيىغا ئايلىنىدۇ .
    نەشرىياتچىلىق خەلق تارىخىدا مىڭ يىللار مەدھىيىلىنىدىغان ياكى ھەسرەتلىنىدىغان ھالقىلىق ئورۇندا تۇرىدۇ . ئۇ ئادەتتىكى فېرما ياكى سودا شىركىتى ئەمەس ، خەلقىمىز تارىخىدا خەتتاتلار بىر قانچە ئابىدە ۋە تۇرپان تېكىستلىرىنى يېزىپ قالدۇرمىغان بولسا ، يۈزلىگەن دىۋانلارنى كۆچۈرۈپ قالدۇرمىغان بولسا بىز قايسى يۇلتۇزلار بىلەن مەدەنىيەت ئاسمىنىمىزنى يورۇتقان بولاتتۇق ! ؟
    نەشر ئەپكار _ ئىستراتېگىيىلىك بىناكارلىق . ئۇ ئۇل ئاساس ، نۇقتا ، دائىرە ، ئىچكى - سىرتقى چەمبەرنى پەرقلىق ھەم ئەتراپلىق پىلانلاشنى تەلەپ قىلىدۇ . نەشر ئەپكار _ مىللىي مەدەنىيەتكە تارىخىي خاراكتېرلىك قان ئىشلەپچىقارغۇچى ئورگان .
    خاتىمە

    بازار ئىگىلىكىگە يۈزلىنىش مەدەنىيەت ، مائارىپ ، كىتاب ئوقۇش ۋە ئىلىم - پەننىڭ ئەرزىمەسلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ ، ئەھۋال دەل ئۇنىڭ ئەكسىچىدۇر ، بىزنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتتە ، ئىقتىسادىي ۋە كىتابىي بايلىقتا زامانىۋىي سەۋىيىگە كۆتۈرۈلۈشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ . باھار ئۆزى شامال ئەمەس ، ئەمما باھار شامال بىلەن كېلىدۇ . يېڭى شەيئىلەر تولا ھاللاردا ئۆزىنىڭ دەبدەبىسى ۋە چاڭ - توزانلىرى تەرىپىدىن روشەن كۆرۈنمەيدۇ . ھازىرقى بىر مەزگىللىك ھودۇقۇشمۇ شۇنداق .
    كىتاب _ ئىنسانىيەت ئۆز قولى بىلەن بىنا قىلغان ھەقىقىي ۋە بىردىنبىر ئەلئېھرام . ئۇ ھەممىنى ، پۈتكۈل ماھىيەت ۋە ھادىسىلەرنى ئۆزىگە جۇغلىغان . كىتابقا تەڭ كېلىدىغان ئىنسانىيەت جۇغلىغان ئىككىنچى بىر خەزىنە مەۋجۇت ئەمەس ! بۇنىڭدىن خەۋەرسىزلىك كىشىلىك دۇنياسىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس !

    ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ - 2 (ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ) ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ

    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.