ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-01

    تۇپراقنىڭ مونولوگى - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40258611.html

    تۇپراقنىڭ مونولوگى

    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن


    تۇپراق....
    تۇغۇلغىنىمدىن بېرى تۇپراقنى كۆرۈپ ، تۇپراق بىلەن ھەپىلىشىپ كىلىۋاتىمەن . دەرسلىرىممۇ تۇپراق ، شېئىرلىرىممۇ تۇپراق ... خىياللىرىم تۇپراق ئىلتىجاسى ! تۇپراققا دەسسەپ تۇرغان تۇپراقنىڭ تۇپراق توغرىسىدىكى شېرىن خىيالى !
    تۇپراقنى كۈرۈپ ، تۇپراق بىلەن ھەپىلىشىپ يېشىم ئەللىكتىن ھالقىغاندىن كىيىن ، تۇپراقنى ئويلىنىدىغان قالدىم . ئۇ تۇپراقشۇناسنىڭ ياكى ئالخىمىكنىڭ تۇپراق تەركىبى ، تۇپراق ئۈنۈمدارلىقى توغرىسىدىكى قىزىقىشلىرىدىن ، ئەھمەت يەسسەۋىينىڭ، ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ، خوجا نەزەر ھۇۋەيدانىڭ « تۇپراق بول » دىگەن نەزم -ھېكمەتلىرىدىن پەرقلىق بولغان تۇپراق تەسەۋۋۇرىغا غەرق بۇلۇشقا باشلىدىم . كىم بىلسۇن ، بۇمېنىڭ تۇپراق توغرىسىدىكى مۇھاكىمىلىرىم بولماي ، بەلكى تۇپراقنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تەپەككۇر قىلىشى بۇلۇپ چىقتى .
    مەن -بىر سىقىم تۇپراق ! مېنى كۆپتۈرۈپ تۇرغان نەرسە -سۇ ، ھاۋا بىلەن مەئىشەت .
    مەن -بىر سىقىم تۇپراق ! مېنى يالتىرىتىپ تۇرغان نەرسە -ئەتراپىمدىكى تۇپراقلاردىن چۈشكەن نۇر قايتىلىمىسى بىلەن تۇپراقنىڭ ھېكمەتلىك يارالمىش تارىخى . بۇ تۇپراق جانسىزنىڭ جانغا ئايلىنىشى ۋە جاننىڭ جانسىزغا ئۆزگىرىشىنىڭ تۈمەن يىللىق ئاجايىپ ھېكايەتلىرى ۋە « خېمىرى » نى تاۋلىغان .
    مەن- بىر سىقىم تۇپراق ! تەڭرى ئادەم ئاتىنى يارىتىشتىن ئىلگىرى ئەقىل- ئىدراك ، قايغۇ- ھەسرەت ، ئىپتىخار- نۇمۇستىن بىخەۋەر ئاشۇ تۇپراقنىڭ  ، ئۆتمۈشتىكىمۇ ئەمەس ، كەلگۈسىدىمۇ ئەمەس دەل ھازىرقى ئەۋلادى ! مەن ئۆز زاتىدا ئەجداتلىرىمىدىن قالغان خاك قالدۇقلىرى ۋە ئەۋلاتلىرىمغا قالىدىغان توپا « خېمىر تۇرۇچى » بارلىقىنى ناگان-ناگاندا چۈشەكەيمەن .
    مەن - بىر سىقىم تۇپراق ! گاھىدا ھەسرەت كۆز ياشلىرىمدىن لايغا ئايلىنىمەن ؛ بەزىدە جاسارەت ئۇچقۇنلىرىمدىن گاڭدەك قاتىمەن . بۇ كۆز ياشلار ۋە بۇ ئۇچقۇنلار مېنىڭ تارىخىم . مەن بىر قانىتى نەۋقىران ، بىر قانىتى سۇنغان بۈركۈتنىڭ پەرزەنتى !
    مەن -  بىر سىقىم تۇپراق ! نادان نەزەرىدە ئات تۇۋىقى چەيلەپ ئۆتكەن بىر خەستىدەك كۆرۈنىمەن ؛ دانىشمەنلەر مېنىڭ زېمىندىن يۇلتۇزلار دۇنياسىغا يۇلۇپ تاشلىنىشىمنى يەر شارىدىكى تەڭپۇڭلۇقۇمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نازۇك قانىتى دەپ قارىشىدۇ . مەن ئالەم تارازىسىنىڭ گىرى ، قىيامەت ئىشىكىنىڭ ئەپسۇنى !
    مەن - بىر سىقىم تۇپراق ! مەن ساناشقا سان يەتمەيدىغان ئالەم توزانلىرىنىڭ ئەرزىمەس بىر ئوچۇمى ، شۇنىڭدەك جاھان دەۋرانىنىڭ تەپەككۇر قىلىدىغان روشەن ئەينىكى . بىلگەنلىرىم بىلىم ، بىلمىگەنلىرىم تىلسىم ...
    مەن - بىر سىقىم تۇپراق ! گاھىدا قىلىچ پارچىسى ، گاھىدا دەپتەر سەھىپىسى ، گاھىدا شاھ تاجىسى ۋە گاھىدا دەرۋىش ھاسىسىنىڭ ، مەيخور كاساسىنىڭ ئۇچىغا بىنا بۇلۇپ ، ھايات تاناسىپلىرى بىلەن مامات نىسبەتلىرىدىن ئالجەبرى تۈزۈپ يۈرگەن توزانمەن .
    مەن - بىر سىقىم تۇپراق ! گۈزەلنىڭ يۈزىگە لاك بۇلۇپ سۈركەلگىنىمدە ، ساھىبجامالنىڭ سۇمبۇل چاچلىرىغا تارق بۇلۇپ تېرەنلەپ كىرگىنىمدە ، ئاشىقنىڭ بىتاقەت تەلىپى ۋە مەشۇقنىڭ ئىنتىزار كالپۇكى قىياپىتىگە كىرىپ ، ئۆزۈمنى ئۆزۈم سۆيگىنىمدە خۇددى بىر-بىرىنى يوقىتىپ ، تۇنجى ھىجران ھېكايىسىنى ياڭراتقان ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىدەك ئۆز ئۆزۈمنى تېپىۋالغاندەك روھلىنىمەن . ھەيكەلتاراشلار تۇرقى-ھالىتىمىنى ، رەسساملار قەددى-قامىتىمىنى يەنىلا مېنىڭ ئۆز خاكىمدىن تەقلىد قىلىشىدۇ .
    مەن - بىر سىقىم تۇپراق ! ئاددىيغىنە سەزگلىرىمدىن كۆرە ئۆز -ئۆزۈمنى سېزىپ تۇرغان ۋە ئاللىقانداقتۇر ئىسىم-فامىلە ، ئۈنۋان-شۆھرەت ، لەقەم -تەخەللۇس بىلەن تامغىلانغان « ھازىر-مەۋجۇت » تۇپراق قاتۇرمىسى بولساممۇ ، ھەققى تەپەككۇرلىرىمدىن كۆرە مەن يۇقالغان شەيئىمەن ! « جان » بىلەن « تەن » قوشۇلمىسى تەڭلىمىدە « ھايات » تىن باشقا نەرسە ئەمەس . بۇ مەن ئۈچۈن ۋە ئۆزىنى « مەن » دەيدىغان ھەممە تۇپراقداشلىرىم ئۈچۈن « ئىنسان » ماقامىدىكى « ھايات » تىن ئىبارەت . ماھىيەت « ھايات » بىلەن « ئىنساننىڭ » ، « ئىنسانى » ھاياتنىڭ ھەقىقى پەرقى !
    مەن ، دەل مۇشۇ « ماھىيەت » ۋە ئۇنىڭ ھەقىقى قىممىتىنى يۇقاتقان خاك توزىنى . جاننىڭ نالىسى تەنگە قايتا قوشۇلماق بولغاندەك ، مېنىڭ مۇناجاتىم يۇقاتقان ئىنسانىي ماھىيەتلىرىمگە مۇيەسسەر بولماق .
    مەن - بىر سىقىم تۇپراق ! مېنىڭ ئالقانغا سىغدىلىدىغان ھەجىمىمدە دېڭىزلارنىڭ ئۆڭتۈرۈلۈپ ، تاغلارنىڭ كۆتۈرۈلۈش تارىخى ، مىڭلىغان يىللار داۋامىدا تىرنالغان بوقۇسا ئىزلىرى بىلەن جەڭگى-جىدەل ، غەلىبە -زەپەر شەجەرىلرىنىڭ يالدامىسى ، قەسرە ۋە ئېھراملارنىڭ كېسەك -تالقانلىرى ، مەي كوزىسى ۋە ھاپىز ھاسىسىنىڭ سۇنۇقلىرى ، ھېكمەتلەرنىڭ مەلھەملىرىبىلەن ئۆلىمالارنىڭ ئاياغ ئىزلىرى مۇجەسسەم . ئۇ مېنىڭ قەددى قامىتىم ، تۇرقى-ھالىتىم ، رەڭگى -روھىم ، خىيال -تەسسەۋۋۇرلىرىم ، سۆيگۈ-ئىنتىلىشلىرىمنىڭ خېمىرىنى پىشۇرغان .
    مەن - بىر سىقىم تۇپراق ! مەن مېنى زېمىندىن ، تۆت ئەتراپىدىكى تۇپراقلار تۈركۈمىدىن ، بۇ تۇپراقلارنىڭ تارىخى ھېكايەتلىرى ، چۈشەكەش روھىيەتلىرى ، ئۈمىدۋار شېئىرىيەتلىرى ۋە ئاجايىپ ھېكمەتلىرىدىن يۇلۇپ ئېلىپ ، شاھانە يۇپۇقلار بىلەن بېزەپ ، ئاخرۇمازدا ئىلھى ياكى مېترا قۇياش مۇئەككىلىدەك « نۇر » ، « نۇر ئەفشان » ، « نۇر ئوغلى » دىگۈچىلەرگە قوشۇما قېشىمنى كۆمۈردەك قارايتىپ ، مۇشتۇملىرىمنى تاغدەك تۈگۈپ ھومىيىدىغان تۇپراقمەن .
    مالائىكىلەر تۇپراققا ، قۇياش زېمىنگە ، تاغ چوققىلىرى تېرەن جىلغىلارغا تەزىم قىلىدىغان زامانلاردىلا ئىنسانىيەت ئۆز ماھىيەتلىرىگە مۇيەسسەر بۇلۇشى مۇمكىن .
    مانا بۇ - تۇپراقنىڭ مونولوگى !!!!!!

    1991- يىل 9- ئاينىڭ 7- كۈنى
    قەشقەر- سەمەن        
    «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى» دىن.

    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.