-
2009-06-01
ئۆزلۈك ئەينىكى - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/40258534.html
ئابدىشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
ئىنسان تۇپراقتىن ئۈنگەن گىياھ ، گىياھتىن قەد كۈتۈرگەن ھايۋاننىڭ ئاخىرىغا قۇشۇلغان كارامەت مۆجىزە سۈپىتىدە يارالغان پۈتكۈل كائىناتنىڭ ئۇلۇغ ئەۋرىشكىسىدىن ئىبارەت .
ئۇ -ئەينەككە موھتاج . ئۇ- ئاشۇ ئەينەك ئۆزلۈكتە ئۆزىنى كۆرگەندىن كىيىن ، ئۆزگىلەرنى كۈرۈش ئىشقىغا ، ئىنساننى ئىنسانىي كامالەتكە كۈتۈرۈش ۋە ئىنساننى بىر-بىرى بىلەن قۇشۇش مۇھەببىتىگە مۇيەسسەر بۇلىدۇ . ئۆزىنى كۆرمەسلىك-ئۆزلۈكنى بىلمەسلىك ئىنساننىڭ ھايۋانلىق زىندانىدىكى ئەڭ قورقۇنىچلۇق غاپىللىق ئۇيقۇسىدىن ئىبارەت .
بۇنداق غاپىل ، مەغرۇر ، تەنتەك ، ئاخماق ۋە جاھىللىقنى « سەگەكلىك » ۋە بەخت ھالاۋىتى دەپ قاراشقا ئىجىلراقتۇر . بۇ ئاخىرقى ھېسابتا ئىنسانلىق ماھىيەتلىرىگە تولمىغان پۈچەك ئىنسانلىق سۈرىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس .
ئۇ-ئىنسان ئىقتىدارىنى ، ئۇنىڭ كامالەت مۇمكىنلىكىنى ھالاك قىلغۇچى -يەڭگىلتەك غاپىللىق .
ئىنسان ئۆزىنى چەكلەش ۋە ئۆزىنى كونتىرول قىلىش ئارقىلىق ، رەقىب ۋە كۈشەندىلىرىنىڭ تەھدىتى ، مۈشكۈل ۋە يېڭىلىشلارنىڭ روھىيەتتە تاۋلىشى ، ئۆلۈم تەھدىتى ۋە كىشلىك ئۈمىدى ئارقىلىق ئكزىدە ئىرادە ۋاراقلىرىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ ، نۇرانىلىق ھاسىل قىلىدۇ . بۇ نۇرلار ئۆز-ئارا قۇشۇلۇپ ، ھېكمەت ئىلھامى ئاستىدا ئۆزلۈك ئەينىكى ھاسىل قىلىشى مۇمكىن !
ئۆزلۈك ئەينىكى ئىنسانى كامالەتنىڭ قەلبتىكى ماھىيەتلىك قۇياشى . ئۇنىڭدا ئىلگىرىكى مەقسەتلەرنىڭ پەقەت ۋاستە ئىكەنلىكى ، مەيلى مەئىشەت ، مەيلى مەدەنىيەت ، مەيلىئىلىم ۋە ئىمان ، سەنەت ۋە شېئىرىيەتنىڭ ۋاستە ئىكەنلىكىنى ، ھەقىقى مەقسەتبولسا خۇددى قۇدۇققا تاشلاپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە ئەسىرلەپ كىشلىك تەسەۋۋۇردىن يۇقالغان شەمسىدىن ئەتتاردەك بىرلا نەرسە-ئىنسان ۋە ئۇنىڭ كامالەتلىك ئىجتىمائى -مەنىۋى بەخت-سائادىتى ئىكەنلىكىنى كۆرىسەن. ئۇچاغدا ئۇلۇغ قۇلدارلارنىڭلاي قورچاق ۋە خار كۆرگەن قۇللارنىڭ نۇرانە مالائىكە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشىڭ ، كىشلىك يولدا مەسلەك يۆتكىشىڭ ھېچقانداق سىربولماي قالىدۇ .
ئۆزىنى چۈشەنگەن كامىل ، ئۆزۈمچىلىكنى ئۇتۇغان ئالىمدۇر ، ئۇ ئۆزىنى ئۆزى ئۇنتۇيدۇ ۋە بارلىق ئىنسانىيەت ئالىمى بىلەن قۇشۇلىدۇ . بۇ ئارىدا ھەقىقەتنى يۇشۇرغان پەردىلەر ، چېگرالار ، سېپىللار ، ھېلىقى لاي قورچاقلارنىڭ كىشىلەرنى ئۆزىگە سەجدە قىلدۇرۇش كويىدا ياراتقان ئەپسۇنكەش رىسالە ۋە سېھرىگەر نىزاملار بۇلۇپ چىقىدۇ . سەن تەڭرىلىك مۇقامىدا تۇرۇپ ئىنسانغا چۇقۇنىسەن ، بۇ ئۇلۇغ ياتلىشىشتىن ئۆزلۈك ۋە ۋەھدەت دۇنياسىغا قايتا كۆز ئېچىشدىمەكتۇر .
سەنشۇچاغدا ئىستىغپار ئۇقۇيسەن ؛ ئاددى كىشىلەرنىڭ ئۇلۇغلىقىنى بىلمىگەن ، ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ ھايۋانى تەرىپىنىلا تەن ئېلىپ ، كامالەت تەرىپىگە ئەقلىڭ يەتمىگەن ياكى ئۇنى تەن ئېلىشنى خالىمىغان ، ھەتتا چەتتىن ئۇلۇغۋار ئەللامە ئىزلەپ ، ئۇڭا مۇرت بۇلۇپ ، ئۆز ئۇلۇغلىرىڭنى ئېغۋا كۇيىقاپىنىڭ تاش بورانلىرىدا يىقىتىپ ، ئەيسادەك دارغا مىخلاپ ، ئۆزگىلەر قولى بىلەن قەتلى قىلىپ ، كونا جۇۋىغا پۈركۈنۈپ يۈرگەن كۈنلىرىڭگە توۋا قىلىسەن .
دەرھەقىقەت ، دانىشمەنلىكنىڭ دەردى نۇرغۇن ، ئۇ ھاياتنىڭ ساختا لەززىتىدىن كېچىپ ، ھەقىقى ئازاپلىرىدا ياشايدۇ .ياشاشنىڭ قىسقىلىغىنى بىلىپ ، كېچە-كۈندۈز ئەجىر-ئەمگەك قىلىدۇ .ئۇ ئالدىن دىل يۇرۇتقاچقا قەلبى ھەقىقەت ، لەۋزى ئادالەت ئوتىدا كۈيۈپ ، كىشىلەر بىلگەن ئامەتلەرنىڭ ئىللەتلىكىنى ئېغىزىدىن چىقىرىشتىن ئەيمىنىپ ، ئېغىر -دىلكەشسىز -تەنھالىق ئىچىدەدەرت يۇتىدۇ ؛
ئۇ ئۆمۈربويى رەشىك ۋە جاھالەت ئىللىتىدىن نەپرەت ۋە مەيۈسلۈك چېكىدۇ .
ئۇ ئۆز ھاياتىدا قايتا ئويغىنىش ، ئۇلۇغ بۇرۇلۇش بىلەن ئىككىنچى قېتىم قايتا تۇغۇلغان تەپەككۇر بايراقدارىنىڭ دەل ئۆزى !ئۇ قۇياش ! تەنھا ، بىراق مىليون-مىليون يورۇق يۇلتۇزلارنى ياراتقۇچى قەلب كامالىتىنىڭ ئىنژىنىرى ، ئۇلار دوزاخ ئوتىدا كۈيۈپ تۇرسىمۇ جەننەت دەرۋازىسىنى ئاچقۇچىلارنىڭ سىماھى بەستى ۋە زاھىرى ئەسلىدۇر .
ئۆزلۈك ئەينىكى -مىراجى ئەلاكى ، ئۇنىڭسىز تەڭرىنى ، ئۆزۈڭنى ، ئاشىقىڭنى ، مەشۇقىڭنى ، مەھبۇبىڭنى ، مەقسىتىڭنى كۈرەلمەيسەن . ئۆزلۈك ئەينىكى كامىل ئىنساننىڭ قەلبىدىكى ۋەھىدەتتۇر .
ۋەھىدەت - مۇھەببەتنىڭ ۋىسال تويى .
« ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى » دىن历史上的今天:
تۇپراقنىڭ مونولوگى 2009-06-01تەپەككۇر ئىقتىدارى ۋە تەپەككۇر قىممىتى 2009-06-01يىپەك يۇلىدىكى بىر چوڭ ئىللەت 2009-06-01ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘﻡ 2009-06-01
收藏到:Del.icio.us