ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-01

    ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن زادى قەيەردە تۇغۇلغان؟ - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40258679.html

    ئالىمنىڭ تۇغۇلغان جايىنى ئۆزگەرتىشتىن پەيدا بولغان تەسىراتلار
    يازغۇچىسى : غەيرەتجان ئوسمان
    (  <<
    شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى >> ژۇرنىلى 2005-يىللىق 2-ساندىن ئېلىندى )
    دۇنيا سىر بىلەن تولغان ، ئىنسانلار ئۇنىڭ سىرىنى يېشىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ كەلگەن . بەزى سىرلار يېشىلىشكە تەشنا بولغان بولسا ، بەزى سىرلار بەكمۇ مۇرەكەپ بولۇپ ، ئىنسان ئەقلىنى لال قىلىپ كەلگەن . سىرلارنى يېشىش ئادەم بالىسىنىڭ مۇھىم بىر ئەمگىكى ھېسابلىنىپ كەلگەن . سىرنى يېشىش ئۈچۈن بەزىلەر ئاڭلىق ھەرىكەت قىلسا ، بەزىلەر ئىستېخىيىلىك يوسۇندا ئۇرۇنۇپ كۆرگەن . بەزى سىرلار يېشىلگەندىن كېيىن كىشىلەرنى ئاجايىپ سۆيۈندۈرگەن بولسا ، بەزى سىرلار يېشىلمىسىمۇ ، ئۆزىنىڭ جەلپكارلىقىنى سۇسلاشتۇرماي كەلگەن . ئومۇمەن ، سىر ئىنتىلىش ، ئىجادىيەت ، مۆجىزە دېمەكتۇر . سىر ئەقىللىق ئىنسان ھاياتىنىڭ ئۈمىد چىرىغى ، تەلپۈنۈش مەنزىلى . مۇبادا شۇنداق بىر چىراغ ئۆچۈپ قالىدىكەن ياكى تۇيۇق مەنزىل بولىدىكەن ، ئىنتىلىش ، مېھنەت ، ئىجادىيەت ۋە كەشپىيات توختاپ قالغان بولاتتى .
    ئالىمنىڭ ئېڭىكىنى تېڭىش جەريانىدىكى ئىزتىراپلار
    1995-
    يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى نامازدىگەر ۋاقتى ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەركىزىي رايونى ئائىلىلىكلەر قورۇسى 17-بىنادىكى ئۆيۈمدىن سۈت سېتىۋېلىش ئۈچۈن چىقىپ كېتىۋاتسام ، مەكتىپىمىز سۈت فېرمىسىنىڭ سۈت ساتقۇچىسى پالتاخۇن ئاكىنىڭ ئايالى خەيرىنساخان ( ئۇستازىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىننىڭ ئۇدۇل ئىشىك قوشنىسى ) ناھايىتى قاتتىق ساراسىمىگە چۈشكەن ھالدا 18-بىنانىڭ 1-ئىشىكىدىن شىمال تەرەپكە يۈگۈرگەندەك مېڭىپ كەلدى . ئۇ مېنى كۆردى بولغاي ، _ ئۇكام غەيرەتجان ، تېز بولۇڭ ، ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىم بولالماي قالدى ، رەنا خانىممۇ ، بالىلارمۇ يېنىدا يوق ، تاكسى توسۇپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارايلى ، _ دېدى . مەنمۇ قولۇمدىكى سۈت قاچىسىنى قەيەرگە قويغىنىمنىمۇ ئاڭقىرماي ، يۈگۈرگەن پېتىم ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمنىڭ ئۆيى تەرەپكە باردىم . بىناغا كىرىشىمگە پەرھاد ، ئەركىن قاتارلىق ئىككى ياش قوشنىلار كۆرپىگە ياتقۇزۇلغان مۇئەللىمنى ئىككى تەرىپىدىن تۇتۇپ ، 3-قەۋەتتىكى ئۆيدىن 2-قەۋەتكىچە ئېلىپ چۈشۈۋاتقان ئىكەن . تاسادىپىيلىق ھەم جىددىيچىلىك ئىچىدە كۆرپىنىڭ يېنىنى تۇتۇشۇپ سىرتقا قاراپ ماڭدۇق ھەم ئىشىك ئالدىغا چۈشتۇق . مەن مۇئەللىمنىڭ باش قىسمىنى قۇچىقىمغا قويۇپ ، قوشنىلار بىلەن تاكسىغا چىقىپ ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە يېتىپ كېلىپ ، كېسەل كارىۋىتىغا ئۇلاشتۇق . دوختۇرلار ناھايىتى تېزلا سايمانلارنى تەييارلاپ ، جىددىي قۇتقۇزۇشقا كىرىشىپ كەتتى . ئالاھەزەل يېرىم سائەت ھەپىلىشىلدى . مەسئۇل دوختۇر ماڭا قاراپ ، _ بۇ كىشىنىڭ تۇغقانلىرى ياكى ئىگىسى بارمۇ ، _ دەپ سورىدى . مەن : _ مانا مەن ئىگىسى بولىمەن ، _ دېدىم ۋە ، _ ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلمەيدىغاندۇ ، بۇ مەشھۇر ئادەم ، قۇتقۇزۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتسەڭلار ، _ دېدىم . مەسئۇل دوختۇر : _ بۇ ئادەم نەپەستىن قاپتۇ ، _ دېدى . مەن : _ نەپەستىن مۇشۇ دەقىقىدە قالدىمۇ ياكى ئىلگىرى قالغانمىكەن ، _ دېسەم ، دوختۇر : _ بۇنىسى نامەلۇم ، خېلى بۇرۇنلا نەپەستىن قالغاندەك تۇرىدۇ ، _ دېدى . مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاۋېتىپ ، قۇلىقىمغا قەتئىي ئىشەنمىدىم . ئۇستاز ، پروفېسسور ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم مۇشۇنداق ئۆلۈپ كېتەمدۇ ، ئۆلۈش دېگەن مۇشۇنداق ئوڭايمۇ ، بۇ مەشھۇر زاتنىڭ قەدرىنى بىلىدىغان مەن ۋە ئۇنىڭ بىر ئاشپەز قوشنىسى بار يەردىلا ئۆلۈپ كەتسە قانداق بولغىنى ، ئۇنىڭ قەدىناس ئايالى ، سۆيۈملۈك بالىلىرى ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى يېنىدا بولۇشى كېرەك ئىدىغۇ ، دېگەنلەرنى ئويلاپ ، كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى . لېكىن ئۇستازنىڭ ۋاپاتى رېئاللىق ئىدى . ئۇنى قوبۇل قىلماي بولمايتتى . ۋاقىت ئۆتمەكتە . مەرھۇمنىڭ ئېڭىكىنى ۋاقتىدا تېڭىش لازىم ئىدى . دوختۇر - سېستىرالار ئېڭىكىنى تېڭىڭلار دەپ ئالدىراتتى . مەن مەرھۇمنىڭ يېقىن تۇغقىنىدىن بىرەرسى بولمىسا ، ئېڭىكىنى تېڭىپ قويساق ، ئۇنىڭ گېلىنى بوغۇپ قويغاندەك بولمامدۇ ، ئايالى ، بالىلىرى كېلىپ قالسا نېمە دەپ جاۋاب بەرگۈلۈك ، ئەڭ مۇۋاپىق ئىش يەنىلا ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرى ئېڭىكىنى تاڭسا ، دەپ ، دوختۇر - سېستىرالارنىڭ دالالىتىگە سۈكۈت قىلىپ تۇردۇم . كۆڭلۈمنىڭ بىر يېرىدە ئۇستازىم كۆزىنى ئېچىپ ، ئورنىدىن تۇرىدىغاندەكلا تۇيۇلاتتى . لېكىن مۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى . ۋاقىت ئۆتۈۋاتاتتى . سېستىرالار مەرھۇمنىڭ ئېڭىكىنى تېڭىۋېتىشىمنى جېكىلىدى . ئامالسىز ئەھۋالدا بەلگىلىمە بويىچە رەسمىيەت ئۆتەپ ، 2.80 پۇڭلۇق داكا سېتىۋېلىپ ، كىچىك چاغلىرىمدا دادام رەھمەتلىك ئۆگىتىپ قويغان سۈرە - ئايەتلەرنى ئوقۇپ ، ئۆزۈم بىلگەن ئۆرپ - ئادىتىمىز بويىچە مەرھۇم ئۇستازىمنىڭ ئېڭىكىنى تېڭىپ قويدۇم . ئۆزۈم بۇنداق ئىشلاردا تەمكىن بولساممۇ ، لېكىن بۇ قېتىم خۇدۈكسىرىگەندەك بولدۇم . يەنىلا مەرھۇمنىڭ ئۆز تۇغقانلىرى بۇ مۇقەددەس ئېڭەكنى تېڭىشى كېرەك ئىدى . ئۇيان ئويلاپ ، بۇيان ئويلاپ ، ئاخىر ئۆز - ئۆزۈمگە تەسەللىي بەردىم . شۇنداق دەپ قارىدىمكى ، مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىننىڭ بېشىنى قۇچاققا ئېلىپ ئولتۇرۇش ، ئېڭىكىنى تېڭىپ كۆزىنى يۇمدۇرۇش ماڭا نېسىپ بولغانىكەن ، ئۇنى تەقدىر ماڭا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى توغرا بولغان ئىكەن . نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەيمەن ؟ ئۇنىڭ مۇنداق سەۋەبى بار :
    مەن 1978-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات كەسپىگە ئوقۇشقا كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ، بۇ ئورۇندا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن دېگەن بىر مۇئەللىمنىڭ بارلىقىنى بىلىشكە مۇۋەپپەق بولدۇم . شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنى پات - پات ئىزدىدىم . 1980-يىللىرى ئۇ بىزگە << ئېستېتىكا >>  دەرسىنى سۆزلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى . دەسلەپ ، مۇئەللىمنىڭ ئاددىي - ساددا قىياپىتىگە ، لەرزان تەلەپپۇزىغا قاراپ ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا مەنسىتمەسلىكتەك نادانلىق كەيپىياتى بولۇپ قالدى . كېيىنچە مۇئەللىمنىڭ ئۆتكۈر پىكىرلىك ، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق لېكسىيىلىرى ھەممىمىزنى تەبىئىي يوسۇندا ئۆزىگە رام قىلىۋالدى . شۇنىڭدىن باشلاپ بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدىكى ئىستېداتلىق بىر ئوقۇتقۇچى سۈپىتىدە يېڭىباشتىن نامايان بولىدىغان بولدى . بولۇپمۇ مەن 1983-يىلى 3-ئايدا ئۇنىۋېرسىتېتنى تۈگىتىپ ، ئۆز مەكتىپىمدە ھەم ئۆز كەسپىمدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالدىم . شۇنىڭدىن باشلاپ تاكى مەرھۇم ۋاپات بولغۇچە بولغان ئارىلىقتا ئۇستاز بىلەن مۇناسىۋەتنى ئىزچىل ياخشى ساقلاپ كەلدىم . لېكىن خېلى كۆپ كىشىلەر ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم بىلەن ئالاقە قىلىشتىن ، ئوغلىنىڭ تويىغا بېرىشتىن ئېھتىيات قىلىپ ، تىمىسقىلاپ يۈرگەن چاغلىرىدا مەن ئېغىر مەمۇرىي بېسىم ۋە سۈنئىي چەتكە قېقىلىشلارغا پەرۋا قىلماي ، مۇئەللىم بىلەن بولغان ئالاقىنى باشتىن - ئاخىر ئۈزۈپ قويمىدىم . ئاسپىرانتلارغا ئۆتىدىغان دەرسلىرىنى سىرتتىن ئاڭلاپ تۇردۇم ، دوختۇرخانىغا بېرىپ ، ساناقلىقلا خىزمەتداشلىرى قاتارىدا يوقلاپ تۇردۇم . ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا كۆپچىلىك خىزمەتداشلىرى قايمۇقۇش ئىچىدە ئۇنىڭدىن يىراقلاپ تۇرغان چاغلاردا مەن ئەڭ يېقىن تۇردۇم . مانا مۇشۇلارنىڭ شاراپىتىدىنمۇ مەرھۇم ئۇستاز ۋاپات بولغاندا ، مەن ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى سۈپىتىدە ئېڭىكىنى ئۆز قولۇم بىلەن تاڭدىم . مەن بۇ ئىشنى تولىمۇ لايىقىدا قىپتىمەن دەپ ئويلايمەن .
    مەڭگۈلۈك سىر بولۇشقا يۈزلەنگەن ئالىمنىڭ تۇغۇلغان جايى
    مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم 2-ئاينىڭ 28-كۈنى يەرلىكىدە ياتتى . شۇ كۈنى مەرھۇمنىڭ خىزمەتداشلىرى دوستلىرى ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن بولۇپ ئون ئەچچە ئادەم ئۇنىڭ ئۆيىگە جەم بولۇپ ئۆلۈم ، نەزىر ئىشى ۋە  << مۇسىبەتنامە >> ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلماقچى بولدۇق . مۇزاكىرىگە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ھاكىم جاپپار ، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل نىياز ، تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى ئازاد سۇلتان ، ئابباس بۇرھان ، ساۋۇت موللاخۇن ، سېلىم توخسۇن ، ئىسمائىل ئوسمان ، رەنا خانىم ۋە مەن قاتارلىقلار بار ئىدۇق . مۇزاكىرىدىن ئىلگىرى ئىسمائىي نىياز ، ئازاد سۇلتان قاتارلىقلار مەكتەپ ئارخىپخانىسىغا بېرىپ ، مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمنىڭ تەرجىمىھالىغا دائىر ماتېرىياللارنى خاتىرىلەپ كەلدى ( بۇ ئەسلىي ماتېرىيال بۈگۈنكى كۈنگىچە مېنىڭ قولۇمدا ) . مۇشۇ ماتېرىيال ئاساسىدا ئالدى بىلەن مەرھۇمنىڭ  << مۇسىبەتنامە >>سىنى تەييارلاش ئىشى قولغا ئېلىندى . دەسلەپ گەپ مەرھۇمنىڭ تۇغۇلغان جايىنى بېكىتىشتىن باشلاندى . مەرھۇمنى قەيەردە تۇغۇلغان دەيمىز ، دەپ سۆز باشلىدى ئارىدىن بىرەيلەن ، _ ئاتۇشتا تۇغۇلغان دەيمىز ، _ دېدى ئابباس بۇرھان ئەپەندى . ساۋۇت موللاخۇن ئەپەندىمۇ دەرھال سۆز ئېلىپ ؛ _ شۇنداق ، ئاتۇشتا تۇغۇلغان دەيمىز ، دەپ تەكىتلىدى . ئارىدىن مويدىن بەگ ئەپەندىم ( بۇ ئادەم كېيىن مەرھۇم بىلەن قۇدا بولغان ) سۆز باشلاپ : _ دۇرۇس گەپ قىلايلى ، نېمىلا دېگەن بىلەن خۇدانى ئالدىساق بولماس ، قەيەردە تۇغۇلغان بولسا شۇ يەردە تۇغۇلغان دېسەك بولمىدىمۇ . نېمە قىلىمىز كىشىلەرنى ئالدايدىغان گەپنى قىلىپ ، _ دېدى . مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا مويدىن بەگ ئەپەندىم ، سول يېنىمدا ساۋۇت موللاخۇن ئەپەندىم ئولتۇرغان ئىدى . ساۋۇت موللاخۇن ئەپەندىم بىز ئولتۇرغان كىرىسلودا دۈمبەم تەرەپتىن ئوڭ قولىنى چىقىرىپ ، مويدىن بەگ ئەپەندىمنىڭ سول بېقىنىغا بىر قانچە قېتىم نوقۇغان ئىدى . كۆزۈم سولغا بۇرۇلغانىدى ، مويدىن بەگ ئەپەندىمنىڭ سول تەرىپىدە ئولتۇرغان ئابباس بۇرھان ئەپەندىمۇ مويدىن بەگ ئەپەندىمنىڭ ئوڭ بېقىنىغا ھەدەپ نوقۇۋېتىپتۇ . نوپۇزلۇق ئىككى ئادەمنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدىن مەنىلىك ۋە قاتتىق نوقۇشلىرى ، سورۇندا ئولتۇرغان يەنە بىر قانچە ئاتۇشلۇق مۇئەللىملەرنىڭ خۇددى كېلىشىۋالغاندەك ( ئۇلار كېلىشىۋالغان ، ئەلۋەتتە ) ئارقا - ئارقىدىن تەكىتلەشلىرى ئارقىسىدا ،  << مۇسىبەتنامە >>گە مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم ئاتۇشتا تۇغۇلغان ، دېگەن مەزمۇن كىرگۈزۈلىدىغان بولدى ھەم شۇنداق تەييارلاندى .
    مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئابرويى خۇددى يانار تاغدەك بىردىنلا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنىڭ قىممىت شۇنداق ئېشىپ كەتتى . بۇنىڭ بۇنداق بولۇشىدا بىر تەرەپتىن ، ئالىمنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئۇزۇن يىل بىخ ھالىتىدە تۇرۇپ ، چېچەكلەپ ، دەل ئۇنىڭ ۋاپاتىغا ئۈلگۈرۈپ مېۋە بېرىشكە ، بۇ مېۋىگە قىزىققانلارنىڭ ئاغزىنى تاتلىق قىلىشقا ، ئېھتىياجىنى قامداشقا توغرا كېلىپ قالدى . يەنە بىر تەرەپتىن ، مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ، خىزمەتداشلىرى ، شاگىرتلىرى ھەم ئاتا - ئانىسىنىڭ يۇرتىدىكىلەر ئالدى بىلەن ئالىمنىڭ شان - شەرىپىنىڭ ئىززەت - ئابرويىنى قىلدى ، كەڭ دائىرىدە تەشۋىقات - تەرغىبات ھەرىكىتى شەكىللەندى . كېيىنچە ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مەرھۇمنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ يۇرتىدىكىلەرنىڭ مەدەت بېرىشى ۋە شاگىرتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ھەم دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن ئارقا - ئارقىدىن نەشر قىلىنىپ جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتى ، كەڭ جامائەتنى ھەيرانۇ - ھەس قالدۇردى ، ئىلىم تەلەپكارلىرىنى مول مەنىۋىي ئوزۇق بىلەن تەمىنلەپ ، تارىخىي بۇرچنى ۋە ۋەزىپىنى شەرەپ بىلەن ئورۇندىدى .
    مەرھۇم ئۇستازنىڭ تۇغۇلغان يۇرتىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىدىن كېيىن ، مەن مۇشۇ ھەقتە مەخسۇس ئويلىنىدىغان بولۇپ قالدىم . ئارىدىن يېرىم يىللار ئۆتكەندىن كېيىن مويدىن بەگ ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ ، ئۇ كىشىدىن : _ مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم قەيەردە تۇغۇلغان بولغىيتتى ، ئۆتكەندە مۇسبەت كۈنى ئەجەب تالاش - تارتىش بولۇپ قالدى ، _ دەپ ئەتەي سورىدىم . مويدىن بەگ ئەپەندى بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن ، _ مەن بۇ ھەقتە ئويلىنىپ كۆرەي ، مەسىلىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن سىزگە ئۇچۇر قىلاي ، _ دېدى . ئارىدىن بىر قانچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن مويدىن بەگ ئەپەندىگە ۋاقىتنى خېلى ئۆتكۈزۈپ ، ئارقا - ئارقىدىن ئىككى قېتىم تېلېفۇن ئۇردۇم . بۇ مۆھتەرەم زات : _ ئىزدىنىۋاتىمەن ، ۋاقتى كەلگەندە سىزگە تېلېفۇن ئۇرىمەن ، _ دەپ سوئالىمنى جاۋابسىز قويدى . كېيىنچە بىر قانچە قېتىملىق سورۇن - مەرىكىلەردە ئۇ كىشىنى ئۇچراتقان بولساممۇ ، لېكىن جاۋاب سىر پېتى قېلىۋەردى . ئويلىدىمكى ، مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىننىڭ مۇسبەت كۈنى ئوڭدىن ۋە سولدىن قىلىنغان زەردىلىك نوقۇشلار سەمىمىي ، راستچىل ، سالاپەتلىك ، پەزىلەتلىك ، ئابرۇيلۇق پېشقەدەم بۇ جامائەت ئەربابىنى قاتتىق چۆچۈتىۋېتىپ ، ئېھتىياتچان قىلىپ قويغان بولسا كېرەك .
    مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمنىڭ تۇغۇلغان جايىنى توغرىلاشقا نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئەستايىدىل ئۇزۇن باش قاتۇرۇشۇمدا ، بىرىنچىدىن ، مويدىن بەگ ئەپەندىنىڭ : _ نېمە ئۈچۈن راست سۆزلىمەيمىز ، خۇدايىمنى ئالدىساق قانداق بولىدۇ ، _ دېگەن سۆزى كۈچلۈك تەسىر قىلغانلىقى ، راستچىل - سەمىمىي خاراكتېرىمنىڭ كۈچلۈكلۈكى ، ئارخىپ ماتېرىيال ۋە باشقا بىر قاتار ئەھۋاللار سەۋەب بولدى .
    مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىننىڭ تۇغۇلغان جايىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىنىڭ سەۋەبى زادى نېمە ؟ بۇنى تارىخىي ، ئىجتىمائىي ۋە رېئال سەۋەبتىن سۈرۈشتە قىلىشقا توغرا كېلىدىغاندەك قىلىدۇ .
    بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىزنىڭ ئالدىمىزغا مەرھۇم ئۇستاز ھايات چېغىدا ئۆزىدە تۇغۇلغان يۇرت مەسىلىسىدە ئىككىلىنىش بولغانمۇ ، دېگەن سوئالنى قويۇشقا توغرا كېلىدۇ . بۇنى مەن مۇھاكىمە قىلىشقا قىزىقمايمەن . مېنىڭ پىكىر يۈرگۈزۈدىغىنىم ئىككىلىنىشتىن كېيىن كېلىپ چىققان نەتىجە .
    مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىننىڭ تۇغۇلغان ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرلىرى شىنجاڭنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ ، داۋالغۇشلۇق چاغلىرىغا توغرا كەلگەن . شۇنداق بولسىمۇ ئاتا - ئانىسى ئۇنى ئوقۇشتىن نېسى قويمىغان . ئۇ 1950-يىلى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىندىكى تۆت يىللىق ئوقۇشىنى تاماملاپ ، ئۈرۈمچىگە كېلىپ ، شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن . شۇنىڭدىن باشلاپ تاكى 1995-يىلى ۋاپات بولغۇچە ئۈرۈمچىدە _ شىنجاڭ ئىنىستىتۇتى ۋە كېيىنكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۇرۇپ كەلدى . مەرھۇمنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزگەن 40 نەچچە يىللىق ھاياتى ئىنتايىن مەنىلىك ئۆتكەن ، شان - شەرەپ قۇچقان ، تىنىم تاپماي مېھنەت قىلغان ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ھايات ، شان - شەرەپ قۇچقان خاسىيەتلىك ھايات بولدى . ئۈرۈمچى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن كەڭ شىنجاڭ خەلقىنىڭ قاتارىدا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن مۇئەللىمنى ئۆز قۇچىقىدا تەربىيىلەپ ، يېتىشتۈرۈپ ، دۇنياۋىي سەۋىيىگە يەتكەن ئالىم قىلىپ چىقتى . شىنجاڭ ئىنىستىتۇتى ھەم شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەرھۇمنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئۆسۈپ - يېتىلىشىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى . ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ، خىزمەتداشلىرى ، مەكتەپداشلىرى ، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار ، ئوقۇغۇچىلىرى ، شاگىرتلىرىنىڭ كۆپى دېگۈدەك ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا ، خىزمىتىگە ۋە ئىجادىيىتىگە ھەمدەمدە بولدى . ئۇستاز ئابدۇشۈكۈرنىڭ ئىلمىي ئىجادىيەتتە زور نەتىجە يارىتىشتا ئۆزىنىڭ شەخسىي تىرىشچانلىقىدىن باشقا كەڭ جەمئىيەتنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلىشىنىڭ بولغانلىقىمۇ مۇھىم سەۋەبنىڭ بىرى ، دېيىشكە بولىدۇ . ئۈرۈمچى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆزنىكى . بولۇپمۇ زىيالىيلارنى سەرخىللىرى توپلانغان ، مەدەنىيەتنىڭ جەۋھىرى يىغىلغان ، ئەقىل - پاراسەتلىك كىشىلەر جەم بولغان جاي . ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جاي - جايلىرىدىكى كۆپچىلىك كىشىلەر بۇ يەرگە ھەۋەس قىلىدۇ ، ئىنتىلىدۇ ، تەلپۈنىدۇ . بۇ يەردە يەنە ئۆتكۈر رىقابەت مەۋجۇت . ئۈرۈمچىدىكى كىشىلەر ئارىسىدا رىقابەت شىنجاڭنىڭ ھەر قانداق يېرىدىكىگە قارىغاندا كۈچلۈك . چۈنكى رىقابەتچىلەرنىڭ سەرخىللىرى مۇشۇ يەرگە يىغىلغان . رىقابەت بىر خىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ . توغرا ، رىقابەت ئىجتىمائىيلىققا ئىگە بولغان ، تارىخىي قىممەت ياراتقان بولىدۇ . كۆپلىگەن كىشىلەر ئاڭلىق ھالدا ئۈزلۈكسىز رىقابەتلىشىدۇ ھەم رىقابەتنى ئىلمىي چۈشىنىدۇ . لېكىن << ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق ، سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق >> دېگەندەك ، بەزى كىشىلەر ئىنتايىن ھەسەتخور كېلىدۇ ، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى جۈملىدىن ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر پۈتۈن ئۆمرىنى ئىلگىرى كەتكەنلەردىن قۇسۇر تېپىشقا ، ئەيىب - نۇقسانلىرىنى ئىزدەشكە ، ھەتتا سۇيىقەست پىلانلاپ ، زىيانكەشلىك قىلىشقا بېغىشلىغان . بولۇپمۇ ، ئالىي مەكتەپلەردە بىر قىسىم ئوقۇغۇچى - شاگىرتلار ئۇستازلىرىغا ھۆرمەت قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن ، ئەكسىچە ئۇستازلىرىنىڭ ئۇلىنى كولاپ ، يېغىرىنى ئېچىپ ، تۇزكورلۇق قىلىدىغانلار بار .
    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدا مانا مۇشۇنداق ھەسەت ۋە ئەدەبسىزلىككە ، غەلىتە ئىشلارغا يولۇققان . بۇ خىل غەلىتىلىكلەر ، رەزىللىكلەر ئۆزىنىڭ بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلىرىدىن ، خىزمەتداشلىرىدىن ، ئاتالمىش ئۈرۈمچىدىكى زىيالىيلاردىن كەلگەن . بۇ ھەقتە ئۆزۈم بىۋاسىتە ئۇچراتقان ، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ ، ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىغان بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرەي : ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا << قۇتادغۇبىلىك خەزىنىسى >> ناملىق كىتابىنى نەشرگە تەييارلاپ ، قۇتادغۇبىلىك داستانىنىڭ ئاپتورىنىڭ يۇرتى قەشقەردىكى << قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى >>غا مەقسەتلىك ھالدا نەشر قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتكەن . نەشرىيات تەھرىر بۆلۈمى شائىر xx كىتابنىڭ قىممىتىنى چۈشىنىپ ئۇنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەھرىرلەپ بېرەلەيدۇ دەپ قاراپ ، ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپتۇ . ئەمما xx شائىر بىرەر قۇر ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن ، تەھرىرلەپ بېرىشتىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپتۇ ( كېيىن بىلىندىكى ، xx شائىر كىتابنى ئوقۇپ چۈشىنەلمىگەن ) ، كىتاب ئارگىنالى تەھرىر بۆلۈمىدە تۇرۇۋاتقان چاغلاردا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدىن xx ئوقۇتقۇچى قەشقەرگە بېرىپ قېلىپ ، ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمنىڭ كىتابىدىن خەۋەر تېپىپ ، ئۇنى مۇئەللىپكە قايتۇرۇۋېتىشكە ھەرىكەت قىلغان ھەم ئۆزى كىتاب ئارگىنالىنى ئېلىپ كېلىپ ، ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ ، ئۆز قولىغا قايتۇرۇپ ، كىتابىڭىزنى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدىكىلەر نەشر قىلمايدىغان بولۇپتۇ ، دەپ كۆڭلىنى تەسكىن تاپقۇزغان . كېيىنچە بۇ ئوقۇتقۇچى ماڭا ئۆزىنىڭ بەزى ماھارىتىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى . ئۇ مۇنداق دېدى : << مەن قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ مەسئۇللىرى ئۈرۈمچىگە كەلگەندە مەخسۇس داستىخان سېلىپ ، ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمنىڭ كىتابىنى نەشر قىلدۇرماسلىق ھەققىدە خىزمەت ئىشلىدىم ، ئاخىر كۆپ ھەرىكەت قىلىپ يۈرۈپ ، كىتاب ئارگىنالىنى قايتۇرغۇزۇۋەتتىم . ئەسلى بەلگىلىمىدە نەشرىيات ئورۇنلىرى قايتۇرىدىغان ئارگىنالنى پوچتا ئارقىلىق ئاپتورنىڭ قولىغا بىۋاسىتە قايتۇراتتى . كىمنىڭ قايتۇرغۇزۇۋەتكەنلىكىنى ئۇقۇپ قالسۇن ئۈچۈن ، ئۆزۈم بىۋاسىتە ئېلىپ كېلىپ ، يەنە ئۆز قولۇم بىلەن ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ بەردىم . باشقا نەشرىيات ئورۇنلىرىدا كىتابلىرى بولسا ئالاقىلىشىپ يۈرۈپ ، يەنە قايتۇرغۇزۇۋېتىمەن ھەم ئارگىنالنى ئۆزۈم ئېلىپ كېلىپ بېرىۋېتىمەن >> . ئۇ ئاخىرىدا يەنە : << سىز بىراۋغا ياخشىلىق قىلىشنى بىلىش بىلەن بىرگە زىيانكەشلىك قىلىشنىمۇ ئۆگىنىپ قويمىسىڭىز باشقىلار سىزدىن ئەيمەنمەيدۇ >> دېگەن تەربىيىنى بېرىشنى ئۇنتۇمىدى .

    مەن ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم بىلەن ئون بەش يىل ئاكا - ئۇكىدەك ھال - مۇڭلىشىپ ئۆتۈش جەريانىدا ئۇ ماڭا دوستلىرىنىڭ ، خەيرىخاھلىق قىلغۇچىلارنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكىنى ، ئەمما نېمە ئۈچۈندۇر ، رەقىبلىرى ، كۈشەندىلىرىنىڭمۇ خېلى بارلىقىنى سۆزلەپ بېرەتتى . ئۇستازنىڭ رەقىبلىرى ئاساسەن ئۈرۈمچىدە ئىدى ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئىدى ، ئۇنىڭ بىلەن كەسپداش بولغانلار ئىدى ، ساۋاقداشلىرى ، خىزمەتداشلىرى ئىچىدە ئىدى . رەقىبلىرى ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمگە بوھتان چاپلاشتا ، سۇيىقەست پىلانلاشتا ھاردىم - تالدىم دېمەيتتى ، ۋاسىتە تاللىمايتتى ، كۈچ ئۇلاپ ، كەڭ دەبدەبە پەيدا قىلىپ ، ھەييارلىق قىلاتتى ، قىلچە رەھىم - شەپقەت قىلمايتتى . مۇشۇنداق قىلىشنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ خىل ئىدى . چۈنكى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن مۇئەللىم ساۋاقداشلىرى ، زامانداشلىرى ، ئۈلپەتداشلىرىدىن ئىلىم ساھەسىدە كۆپ ئوزاپ كەتكەن . ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى تۆھپىسىنى ئاڭقىرالىغانلىرى ئۇنىڭ خەيرىخاھلىرى بولۇپ قالغان ، ھەسەت قىلىدىغانلىرى رەقىبىگە ئايلانغان . ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم ماڭا بىر قانچە قېتىم : ئادەم رىقابەت ئىچىدە ياشايدۇ ، لېكىن رىقابەت توغرا يۆنىلىشلىك بولغاندىلا ، ئەھمىيىتى بولىدۇ ، بىزنىڭ بەزى ئادەملىرىمىز رىقابەت دېگەننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ . رىقابەتلەشكۈچى ئىككى تەرەپ تەڭ قول سېلىپ ئىشلىگەندە ، ئاندىن رىقابەت ئۆزىنىڭ قىممىتىنى نامايان قىلىدۇ ، مۇبادا بىر تەرەپ رىقابەت دېڭىزىدا قاتتىق ئۈزۈپ ، يەنە بىر تەرەپ پارازىتتەك يېتىۋېلىپ ، ئۈزۈپ كېتىۋاتقۇچىغا توسقۇنلۇق قىلسا ، ئۇنداقتا بۇ ئەركىن رىقابەت بولمايدۇ . مېنىڭ ئەتراپىمدىكى بەزىلەر رىقابەتچى ئەمەس ، بەلكى ئىچى قوتۇر ھەسەتخورلاردىن بولۇپ قېلىۋاتىدۇ . بۇنداق بولسا مىللەتكە ئاپەت بولاتتى . مىللەتنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز دەيدىكەنمىز ، ئەركىن ، ئادىل رىقابەتنى يولغا قويۇشىمىز زۆرۈر ئىدى . بولۇپمۇ ماڭا ھەسەت قىلىدىغان ، زىيانكەشلىك قىلىدىغانلار ئىچىدە ئوقۇغۇچىلىرىم تولىمۇ ئاكتىپ بولۇۋاتىدۇ . تاشكەنتكە زىيارەتكە بارغىنىمدا شۇ يەردىكى بىر قانچە ئالىم بىلەن ئۇچراشقان ئىدىم . ئۇلارمۇ ماڭا ، ئىلمىي خادىملار شاگىرت تەربىيىلەش بىلەن بىرگە ، يەنە ئۆزىنىڭ بەزى ئوقۇغۇچىسىدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك . بىزنىڭ بېشىمىزغا پېشكەللىك كەلگەن چاغدا دەسلەپ قىلىپ كۆكەمىلىك قىلىدىغانلار دەل ھاماقەتلىكتە ئۇچىغا چىققان ماڭقۇرتقا ئوخشاش ئوقۇغۇچىلىرىمىز بولدى ، دېگەن ئىدى . مەن بۇ ئەھۋالنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىپ بولالمايۋاتىمەن ، دەپ سۆزلەپ بەرگەن ئىدى .
    ئۇ شۇنداق كۆپ كىتابلارنى يازدى . بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇ ھايات چېغىدا پەقەت تۆت - بەش پارچىسىلا نەشر قىلىندى . قالغانلىرى ئەتراپىدىكى ھەسەتخورلارنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى بىلەن ئۆز ۋاقتىدا نەشر قىلىنماي قالدى . ھەتتا ، ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئوغۇللىرىنىڭ توي مەرىكىسىنى قىلغاندا ئاز ساندىكى كۈشەندىلىرىنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن بەزىلەر تويغا بېرىشقا جۈرئەت قىلالمىدى ، مەرىكىدە خىزمەت قىلىدىغانلار ئاز بولدى ، ئاز بولغاندىمۇ ئۇلار خۇدۈكسىرەپ يۈردى .
    مانا بۇلار ئالىمنىڭ روھىي كەيپىياتىغا قاتتىق تەسىر قىلغان . ئالىم ئۈرۈمچىدىكى ئۆزلىرىنى ئاتالمىش زىيالىي سانىۋېلىپ ، بىرەر ئىلمىي ئەمگىكىنىڭ تايىنى يوق ھاكاۋۇر ، سۆلەتۋاز ، قىتىغۇر ،ھەسەتخور ، روھىي جەھەتتە ئىنتايىن چاكىنا بىلىمدانلاردىن قاتتىق سەسكەنگەن ، بۇرۇختۇملۇق قەلبىنى زەرداپ قىلغان ، ئىچ - ئىچىدىن ئۆرتەنگەن . ئۆز باغرىدا كۆز ئاچقان ئوقۇمۇشلۇق كىشىلىرىنىڭ تۈزۈكرەك قىممىتىنى قىلمايۋاتقان ئۈرۈمچى ھادىسە جەھەتتە ئالىمنىڭ قەلبىدە بىر خىل ئۈمىدسىزلىك مۇھىت تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ قويغان . ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئاتا - ئانىسىنىڭ يۇرتىغا بىر قانچە رەت بارغىنىدا ئاق كۆڭۈل ، مېھماندوست ، ساددا كىشىلەر پەقەت تۇغقانچىلىق ، يۇرتداشلىق ياكى ئادىمىيلىك جەھەتتىنلا ئالىمنى ئىززەتلەپ ، ئابرۇيىنى قىلىپ ، قىزىق چايلىرى ، مەزىلىك غىزالىرى بىلەن مېھمان قىلغان ؛ تۇرمۇشنىڭ ئەڭ ئاددىي تەرەپلىرىگە تويۇنغان سەمىمىي ، چىن ، ساددا تەلەپپۇزلىرى بىلەن قانغۇدەك ھۇزۇرلىنىپ پاراڭلىشىشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن ، سىقىلغان قەلبىنى راھەت ھېس قىلدۇرغان ، بۇرۇختۇم تەپەككۇرىنى تېخىمۇ ئەركىن قاناتلاندۇرغان ، پۇت - قوللىرىدىكى چۈشەكنى بوشىتىپ بەھۇزۇر سوزدۇرغان ؛ يەنە بىر تەرەپتىن ، ئاتا - ئانىسىنىڭ يۇرتىنىڭ ئۇزاق تارىخىي مەدەنىيەت نەمۇنىلىكى ، جەزبىدار سىماسى ئالىمنىڭ قەلبىدە ئۆزگىچە مېھىر - مۇھەببەتنى يېڭى باشتىن ئويغاتقان . شۇنىڭ بىلەن ھۆرمەتلىك ئۇستاز تۇغۇلغان جايىغا نىسبەتەن قايتىدىن ئويلىنىش ئىستىكىنى پەيدا قىلغان بولسا كېرەك ، بۇ پەقەت مېنىڭ ئالىم بىلەن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىكى ئۇزۇن يىللىق ھال - مۇڭدىشىشتىن چىقارغان يۈزەكى ، قىسقىچە خۇلاسەم ، لېكىن شۇ نەرسە ئېنىقكى ، ئالىم ھاياتىنىڭ قىيامىغا يەتكەن چاغلىرىدا تۇغۇلغان جايى ھەققىدە سۈكۈتكە پاتقان ئىدى . چۈنكى ئۇنىڭ قەلب دۇنياسىدا كىچىك بىر يۇرت ئەمەس ، بەلكى ئۆز خەلقىنىڭ كەڭ دائىرىلىك يۇرتى بار ئىدى . ئومۇمىي جەمئىيەت مۇھىتى ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلگەن تۇپرىقى ئىدى . بۇ تۇپراق ھەم تەبىئىي ، يەنى ماددىي تۇپراق ھەم مەنىۋىي ، يەنى مەدەنىي تۇپراق ئىدى . بۇ خىل كەڭلىك ھەم ئومۇمىيەتچىل ئۇقۇم ، يەنى چۈشەنچە مۇنداق ئىككى جەھەتتىن كەلگەن دېيىشكە بولىدۇ :
    بىرىنچىدىن ، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىننىڭ بالىلىق ، ئۆسمۈرلىك ۋە ياشلىق چاغلىرى بىر قانچە خىل يۇرت بىلەن ئالاقىسى بار بولغان بولۇپ ، نوقۇل بىرەر يۇرتتىلا بىرەر قەرنەنى ئۆتكۈزگەن ئەمەس ، بۇنىڭغا ئەينى زاماندىكى تۇرمۇش ، ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەھۋالى سەۋەب بولغان . مەسىلەن ، ئاتا - ئانىسىنى ئاتۇشتا تۇغۇلغان دېيىشىمىزدە ، ئۇ 1933-يىلىدىن 1950-يىللىرىغىچە خونجىراپ ، ئاتۇش ، ئۈرۈمچى ، غۇلجا ، چۆچەك ، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا تۇرغان ، مۇشۇ يۇرتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تەسىرى ئۇنىڭ قەلبىگە مۇئەييەن دەرىجىدە ئىز قالدۇرغان .
    ئىككىنچىدىن ، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن ئىلىم ساھەسىدە ئىزدىنىشكە كىرىشىپ نەتىجىلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغاندىن كېيىن ، تار دائىرىدىكى مەزھەپچىلەر ياكى بەزى ھەسەتخورلارنىڭ ئاتۇشلۇق ياكى قەشقەرلىك دەپ تىنىم تاپماي يەكلەپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا قارىماي ، ئومۇمىي مىللەت ياكى ئومۇمىي يۇرت چۈشەنچىسىنى يېتەكچى مەۋقە قىلىپ كەلگەن . چۈنكى ، ئۇ ھاياتىنىڭ ئەڭ ئېسىل چاغلىرىنى پۈتكۈل مىللەتنىڭ ، پۈتكۈل يۇرتنىڭ تارىخ مەدەنىيىتىنىڭ يارقىن دۇردانىلىرىنى قېزىش ۋە نۇرلاندۇرۇشقا ، جەزبىدارلىقىنى كۆرسىتىشكە سەرپ قىلغان ، بۇ ساھەدە ھاردىم - تالدىم دېمەي ئىشلىگەن . مانا بۇلار ئالىمنىڭ كەڭ مەنىدىكى يۇرت چۈشەنچىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبى بولغان .
    ئومۇمەن ، ئۇستاز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن 20-ئەسىردە ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر ئىجتىمائىي پەن ئالىمى . ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ئىلمىي ئەمگەكلىرى سان جەھەتتە ئالاھىدە كۆپ بولۇش بىلەن بىرگە سۈپەت جەھەتتىمۇ تەڭداشسىز قىممەتكە ئىگە . ئۇنى كەڭ ئىلمىي خادىملار قەدىرلەپ ، ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىنى بېيىتىشقا خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن دائىم ئۆزىگە ھەمراھ قىلىدۇ . ئالىمنىڭ سىماسى ۋە مەنىۋىي ئەمگەكلىرى ئۇزاق ئەسىر ئىچىدە كۆزلەرنى ئالاھىدە قاماشتۇرۇپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل .
    ئالىمنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى بىپايان ئۇيغۇر يۇرتى ، ئۇنىڭ كونكرېت ئورنى بار . ئەمما بۇ ئورۇن ھازىرچە سىر پېتى قېلىپ تۇرسا مۇۋاپىق بولغۇدەك ، دەپ قارايمەن . مەن ئالىمنىڭ شاگىرتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ سىرلىق ئەسلىمىنى يېزىپ ، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇش بىلەن بىرگە ، يەنە يېشىلمىگەن سىرلارنى يېشىش ئۈچۈن توختىماي ئىنتىلىشكە دالالەت قىلىمەن .

    (
    ئاپتور : شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى )


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.