-
2009-06-02
ئەي ،ئۇيغۇرۇم، ئۇنتـۇما ئۇيغۇرلىقىڭنى - [ئەدەبى ئەسەرلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/40337051.html
دۇنياغا كۆز ئاچقۇزدى سېنى تاڭ پەسلى،
سەن ئىدىڭسەن ئوت يۈرەك ئۇيغۇرنىڭ نەسلى،
تومۇردىكى شۇ قانلار ئۇيغۇرنىڭ ئەسلى،
ئەي ،ئۇيغۇرۇم، ئۇنـتۇما ئۇيغۇرلىقىڭنى!
ئۇزۇن چاچلار خەيرى-خوش،كېسىۋەتتۇققۇ،
مودا ئەمەس قارا چاچ ، بويىۋەتتۇققۇ،
دوپپىلارنى يىراققا چۆرىۋەتتۇققۇ،
ئەي ،ئۇيغۇرۇم، ئۇنتـۇما ئۇيغۇرلىقىڭنى!
<ئەسسالام>نى تامامەن ئۇنتۇپلا كەتتۇق،
ئەنئەنىدىن ئوبدانلا چەتنىدۇق ،كەچتۇق،
ئازاد بولۇپ <كونا>دىن مۇرادقا يەتتۇق،
ئەي ،ئۇيغۇرۇم، ئۇنـتۇما ئۇيغۇرلىقىڭنى!
خوشياقمايدۇ مۇقاملار <كونا نەرسە> دەپ،
باشقىلارنىڭ يېقىملىق تۇيۇلىدۇ زەپ،
<چولپان>كەلسە يىراقتىن يۈگۈرىمىز بەك،
ئەي ،ئۇيغۇرۇم، ئۇنيـۇما ئۇيغۇرلىقىڭنى!
ئانا تىلغى تىل تەگدى دەيمەن ئېھتىمال،
ئەبجەشلەشكەن سۆزىمىز بولغۇسى مىسال،
باشقا تىلغا ئاشىق بوپ تاپساقمۇ ۋىسال،
ئەي ،ئۇيغۇرۇم، ئۇنتـۇما ، ئۇيغۇرلىقىڭنى!
قانات ياساپ يىراققا ئۇچۇپ كەتسەڭمۇ،
سەن بىزلەردىن ئەبەدىي تېنىپ كەتسەڭمۇ،
ماكان تۇتۇپ چەتلەردە ئۆلۈپ كەتسەڭمۇ،
ئەي ،ئۇيغۇرۇم، ئۇنتـۇما ئۇيغۇرلىقىڭنى!
收藏到:Del.icio.us
<< ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن زادى قەيەردە تۇغۇلغان؟ | باش بەت | قةدىمىي بۇددىزم ماكانى- كۇچانىڭ ئىسلامىلىشى توغرىسىدا >>